• ئەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 20 خىل ئايال

    2009-05-08

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39098362.html

    ئەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 20 خىل ئايال

    ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىسىز بولغان 10 خىل ئايال .

    1. ئەرلەرگە بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغان ئايال
    ئەرلەر چىرايلىق ئايالغا ئۆيلىنىۋالغاندىن كېيىن ، كۆڭلىدە : < ئاساسلىق مەقسىتىمگە يېتىپ بولدۇم ، ھاياتتا ئەمدى ئىنتىلىدىغان ھېچقانداق نەرسەم يوق > دەپ ئويلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن خىيالى چىرايلىق خوتۇنىنىڭ خىلمۇ خىل ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇش بىلەنلا بولىدۇ ، بۇنداق قانائەتچان ئەرلەر ھېچقانداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ .
    2. كۆز يېشىنى قورال قىلىدىغان ئايال
    ئەرلەر خوتۇنىنىڭ ياكى سۆيگۈنىنىڭ يىغلىغانلىقىنى ، كۆڭلى بۇزۇلغانلىقىنى كۆرسە كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ تەمتىرەپ قالىدۇ ، پىلانلىرىدىن ۋاز كېچىپ قارشى تەرەپكە يول قويىدۇ . مانا مۇشۇنداق كۆز يېشى ئارقىلىق ئېرىنى بويسۇندۇرىدىغان ئايال ھامان ئېرىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
    3. ئېرىنىڭ ئىشىغا چات كېرىۋالىدىغان ئايال
    بىر قىسىنم ئاياللار بار ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەرلىرىنىڭ ئىشلىرىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ . بۇنداق ئاياللار ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چوقۇم ئېرىنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ .
    4. غەيۋەتخور ئايال
    ئەرلەرنىڭ ئالدىدا باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغان ئاياللار بىلەن بىللە ياشىماق تولىمۇ تەس . مۇشۇنداق ئاياللار سەۋەبىدىن ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋېتى ، خىزمەت ۋە كەسىپتىكى ئىلگىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ .
    5. ئېرىگە ئەگىشىپ بوشاپ كېتىدىغان ئايال
    ئەرلەر ئۈمىد سىزلىنىپ بوشىشىپ كەتكەندە خوتۇنىنىڭ سەمىمىي ئىلھامىغا مۇھتاج . ئەگەر ئۇنداق چاغدا خوتۇنلىرىمۇ ئۇلارغا ئەگەىشىپ بوشاپ كەتسە ئەرلەر تېخىمۇ بوشىشىپ ھەتتا چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ .
    6. ئېرىنى تىزگىنلەيدىغان ئايال
    بەزى ئاياللار ئائىلىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇشنى ئويلاپ ھەر ۋاقىت ، ھەر جايدا ئېرىنى تىزگىنلەپ < قۇلى > قىلىۋالىدۇ . بۇنداق ئاياللار ئەرلىرىنىڭ باشقىلار ئالدىدا باش كۆتۈرۈپ يۈرەلمەسلىكىگە ، روىي جەھەتتىن توسالغۇ8غا ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ . تېخىمۇ مۇھىمى ، ھامان بىر كۈنى ئېرىدىن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئايرىلىپ قالىدۇ .
    7. ئېرىگە زىيادە ئامراق ئايال
    ھەممە يەردە ئەرلىرىنى تىزگىنلەيدىغان ئاياللارنىڭ ئەكسىچە ، بەزى ئاياللار ئەرلىرىنى بولىشىغا قويۇۋېتىدۇ . بۇنداق ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئالدىدا قەدىر - قىممىتى بولمايدۇ ، ئېرى نېمە دېسە شۇنى ئاڭلايدۇ . مۇشۇنداق قىلىۋەرسە ئېرىنىلا ئەمەس ، ئۆزىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ .
    8. ئەتىدىن - كەچكىچە قايغۇرۇپلا يۈرىدىغان ئايال
    غەمدىن قۇتۇلالماي ئۆزىگە ئېچىنىپ يۈرىدىغان ئايال ئېرىگە بەخت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ . مەيلى سىز ئۇنىڭغا قانچىكى كۆيۈنۈڭ ، نەسىھەت قىلىڭ ، ئۇ ھەمىشە دۇنيانى زۇلمەتلىك ، مەنىسىز ، ئادەملەرنى قورقۇنۇچلۇق ، ئۆزىنى بەختىسىز دەپ قارايدۇ . ئۇنىڭ بۇ خىل كەيپىياتى ئېرىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ قويىدۇ .
    9. كۈنلۈكى يامان ئايال
    مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياكى يېڭىدىن توي قىلغان ئاياللاردىكى كۈنلەش ئېرىگە لەززەت ، غەمخورلۇق ، مۇھەببىتى قايناپ تاشقانلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ ، بىراق ئېرىنى زىيادە كۈنلەيدىغان ئايال ناايىتى بىچارە بولۇپ ، ئېرىنىڭ كەسپىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئېرى ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ .
    10. ئويۇنپەرەس، ئەقىللىكرەك ئايال
    بەزى ئاياللار ئۆزىنى قالتىس ئەقىللىق چاغلاپ ئېرىگە قاملاشمىغان مەسلىەتلەرنى بېرىدۇ ياكى ئېرىگە ياردەم قىلدىم دەپ ئىش تېرىپ بېرىدۇ . بۇنداق ئاياللار ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولالمايدۇ .

    ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىلىق 10 خىل ئايال

    1. ئادەمنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشىكە ماھىر ئايال
    بۇنداق ئاياللار ئىنتايىن ئېھتىياتچان ، تۈزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇششاق - چۈششەك ئىشلىرىڭىزدىن ئويلىغانلىرىڭىزنى سېزىۋالالايدۇ . خۇشال بولغىنىڭىزدا سىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ ، كەيپىياتىڭىزنى ھەرىكەتلىرىڭىزدىن سېزىۋېلىپ تەسەللىي بېرەلەيدۇ .
    2. ئاق كۆڭۈل ئايال
    بۇنداق ئايال سىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلالايدۇ ، سىزنى ھاياتىدىكى ئەڭ قەدىردان ئادىمى دەپ قارايدۇ . ئۇ سىزگىلا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ قالماستىن ، يەنە قوشنا - قولۇملىرىڭىزغا ، خىزمەتداشلىرىڭىزغىمۇ ياخىشى مۇئامىلىدە بولىدۇ . ئۇلارنىڭ خوتۇنىڭىزنى ماختىغانلىقىدىن سىزنىمۇ ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
    3. تەبىئىي گۈزەل ئايال
    ئۇ گۈلدەك ياسىنىپ ، كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرىدىغان ئاياللاردىن ئەمەس ، كەيپى ساپالىق تۇرمۇشقا ئىنتىلمەيدۇ ، قۇرۇق ئابروي ۋە بايلىق قوغلاشمايدۇ ، بىراق ئۆزىنى ياساپ كۆزىڭىزگە يېقىشلىق كۆرۈنۈشنى بىلىدۇ ، چاكىنا ئەمەس . ئۇ سىزنى تەبىئىي مىجەز - خۇلقى ، ساددىلىقى بىلەن خۇشال قىلسا ، ئورۇنلۇق گەپ - سۆزلىرى بىلەن ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىدۇ .
    4. زېرەك ئايال
    ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ ، قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققىنىڭىزدا ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ . بۇنداق ئايال پىكرىڭىزنى ئاچقۇچى ، ئىزچىل تىرىشىپ ؛ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە ياردەم بەرگۈچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ .
    5. ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئۈمىدۋار ئايال
    بۇنداق ئايال ئۈمىدۋار ، كەڭ قورساق ،كېلىدۇ . سىزنى سۆيگەنلىكىگە يۈرىكىدىن رازى بولىدۇ . مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا ، جاسارەتلىك ۋە پاراسەتلىكىڭىزگە ئىشىنىدۇ ، ئوڭۇشسىزلىقلىرىڭىز بىلەن ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋەتمەيدۇ ، مۇۋەپپەقىيىتىڭىزدىن شادلىنىدۇ . قىيىنچىلىقنى تەڭ كۆتۈرۈشۈپ ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە تۈرتكە بولىدۇ.
    6. قەدىر - قىممىتىنى ساقلىيالايدىغان ئايال
    بۇنداق ئايال ئۆز ئوبرازىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ . بىراق ، سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ .
    7. ئىقتىسادنى باشقۇرالايدىغان ئايال
    بۇنداق ئايال كىرىمىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ . سىزنى تۇرمۇشقا غەمدىن خالاس قىلىدۇ . قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئىزچىل مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالايدۇ .
    8. سۆزگە ئېتىبار بېرىدىغان ئايال
    ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مۇڭدىشى ئولتۇرالايدۇ ، سىز ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇھىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ ، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويمايدۇ . كىشىلەر ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ .
    9. مۇستەقىللىق ئېڭى كۈچلۈك ئايال
    ئۇلار بىرەر ئىشنى قىلىش - قىلماسلىققا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ ، كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ قاراق قىلىپ بېرىشىڭىزنى كۈتمەيدۇ ، سىزگە تايىنىۋالمايدۇ . ئائىلە ئىشلىرىنى مۇستەقىل ئورۇنلاشتۇرالايدۇ ، ئىدارىڭىزدىكى ئىشلارنى ئويلىشىڭىزغا ۋاقىت ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ .
    10. زامانىۋى ئاڭغا ئىگە ئايال
    بۇنداق ئايالنىڭ ماسلىشىشىچانلىقى كۈچلۈك ، ئۆتكۈر كۆزىتىش ۋە پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە . يېڭى بىلىملەرنى ناھايىتى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ ، تۇرمۇشىڭىزنى يېڭىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ھازىرقى زامان پۇرىقىنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن ، تەپەككۇر ئۇسۇلى ، ئادەم بولۇشنىڭ ئېپى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ھازىرقى زامانغا لايىق بولۇپ ، سىزدە قاتاردىن قېلىۋاتقانلىقى تەسىراتى قالدۇرمايدۇ.

    分享到: