-
باشلىق كىلىدۇ
2009-05-07
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39033765.html
باشلىق كىلىدۇ
ھەممە پۇقرا يۇيۇپ - تارانسۇن باشلىق كېلىدۇ ،
ئۇزۇن كىيىپ ، ئۇز ياسانسۇن باشلىق كېلىـــدۇ .
ھويلا - ئارام تازىلانسۇن باشــلــىق كـېلىـــدۇ ،
يول - يوللارغا سۇ سېپىلسۇن باشلىق كېلــىدۇ ،
لوزۇنكىلار چوڭ ئېسـىلــسۇن باشلـىق كېلــىدۇ .
تام - تاملارغا شۇئار ئېسىپ يەملەپ قويۇڭـلار ،
قائىــدە ۋە تـۈزۈمـلـەرنــى پـەملـەپ قويۇڭلار .
سېلىقلارنى سـىياسـەتكە چـەملــەپ قـويۇڭـلار ،
ناۋات سىلىپ چاينـى تاتلـىق دەملەپ قويۇڭـلار ،
بوغالتىرمۇ شاش كۆرۈنسۈن باشلـىق كېـلـىدۇ .
باشلىق كېلىپ ئايلىنـىدۇ يېـقـىن - يېــراقـنى ،
ئېلىۋېتىڭلار يول - يوللاردىن تاقاق ، توساقنى ،
جېمى يولدا ساقچى تۇرسۇن ئېلىپ چوماقـــنى .
جېمى ئاۋام چىقسۇن يولغا چالسۇن چاۋاكــنى ،
مومايلارمۇ ئوسما قويسـۇن باشـلـىق كېلــىدۇ .
باشلىق كېلىپ كەتكۈچىلـىـك تەزمەي تۇرۇڭلار ،
پاختىلارنـى كۆرىۋالـسـۇن تـەرمـەي تـۇرۇڭــلار .
ئەتكەن پولو - شـورپىلارنـى يىـمـەي تۇرۇڭـلار ،
سەكراتقىمۇ چۈشكەنلەر ھەم ئۆلمەي تۇرۇڭلار ،
توپاقلار ھـەم مۆرىمىسۇن يەنە باشلـىق كېلىدۇ .
ئەسكى - تۈسكى لازىملىقلار جايلاپ قويۇلسۇن ،
قوتور ئۆچكە ، ئىشەكلەر ھەم مايلاپ قويۇلسۇن .
ئاش تاغىرى تۇمشـىقىـغا لىقـلاپ قويـۇلـســۇن ،
ئۆتنە قىلىپ مال - چارۋىلار جىقلاپ قويۇلسۇن ،
تازلارمۇ چاچ مايـلاپ يۈرسـۇن باشلـىق كېلىدۇ .
باشلىق كېلىپ كۆرەر ئىمىش كىۋەز - قوناقنى ،
ئېتىزلاردىن يوقىتىڭلار ھەم ئوت - بوغىناقـنى .
قوناقلارغا سانجـىق باغلاپ ئاۋۇتۇپ باشـاقـنى ،
باراڭـلارغا لـىـق ئېـسـىـڭـلار كـاۋا - قاپاقـنى ،
زىـرائەتمـۇ ئوخشاپ تۇرسـۇن باشلـىق كېلـىدۇ .