بالىلاردىن پىكىر ئالغاندا «شەكىلۋازلىق قىلماي، ھەقىقىي سوراش» كېرەك
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەرجىمە ئىشخانىسى
بالىلارنى ھۆرمەت قىلىش ، ئاسراشتەك ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ ، بالىلارنىڭ مۇھىم ئىشلارنى بەلگىلەشكە قاتنىشىش ۋە ئۆز پىكىرىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ، خېبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يېقىندا ھۆججەت تارقىتىپ ، بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارغا قارىتا ، ئۆزىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ، بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىرىشتا ، بالىلار ۋەكىللىرىنى قاتناشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى . (15-فېۋرېال «يېڭى بېيجىڭ گېزىتى»).
مېنىڭچە، بالىلارغا چېتىلىدىغان ئىشلاردا بالىلاردىن «سوراش» جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي تەرققىياتىنى ئىپادىلەيدۇ
«بالىلارنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ » دېگەن مۇراجىئەت يېڭىلىق ئەمەس ، مۇتەخەسىسلەرمۇ ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلار بىلەن چوقۇم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ سۆزلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىشىنى ، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن بالىلارنى چۈشەنگىلى ، بالىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتىپ كەلدى ، لېكىن مۇتەخەسىسلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلارنىڭ بالىلارغا چېتىلىدىغان مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا تەدبىر بەلگىلىگەندە ، بالىلار ۋەكىللىرىنى قاتناشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىشى ناھايىتى ئاز بولدى . مەسىلەن : يېقىنقى مەكتەپ ئاپتوموبىلى ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى قاتارلىق مەسىلىلەردە بەلكىم بالىلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالمىغاندۇ ؟ بەزى بالىلار پروگراممىلىرى، ئەدەبىيات ، تېلېۋىزىيە تىياتېرى ، كارتون فىلىم قاتارلىقلارنى باھالاپ مۇكاپاتلاشقا كەلسەك ، ئېھتىمال كۆپ يېرىمى چوڭلارنىڭ دېگىنى بويىچە بولغان بولۇشى مۇمكىن ، بۇ شۈبھىسىزكى ، ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .
1989-يىلى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» نى ماقۇللاپ ، «بالىلارنىڭ قاتنىشىش ھوقۇقى» ئۇقۇمىنى ھەمدە ھاياتلىق ھوقۇقى ، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى ، قوغدىنىش ھوقۇقى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان بالىلارنىڭ تۆت چوڭ ھوقۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . «مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بالىلار ئۆزلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بارلىق ئىشلاردا ئۆز پىكىرىنى ئەركىن بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ، بالىلارنىڭ پىكىرىگە ئۇلارنىڭ يېشى ۋە پىشىپ ېيېتىلىش دەرىجىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك » دېگەنگە ئوخشاش ماددىلاردا ، بالىلارنىڭ ئائىلە، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئىشلارغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسەد قىلىنغان . خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ئورتاق تونۇشقا ئىگە ، بىز بۇ تەرەپنى تېزلىكتە تولۇقلاپ ، بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى خەلقئارا بىلەن تۇتاشتۇرىشىمىز كېرەك. بالىلارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، مۇھىم ئىشلارغا قاتنىشىش ھوقۇقى ئۇلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ھوقۇقى . بەزىلەر مۇنداق كۆرسەتكەن : گەرچە بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار يەنىلا مۇستەقىل گەۋدە ، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى ۋە شەيئىلەرگە قارىتا چۈشەنچىسى بار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىپادىلىگەن چاغدا، ئەڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بالىلار ئىنتايىن قىممەتلىك سەمىمىيلىك ۋە مول تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ ، ھەقىقىي ھۆكۈم چىقىرالايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار گەرچە كىچىك بولسىمۇ ، لېكىن سۆزىنىڭ ۋەزنىنىڭ يېنىك بولۇشى ناتايىن ، ئۇلار تېخى ئەڭ مۇۋاپىق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، بالىلارغا چېتىلىدىغان مۇھىم ئىشلاردا تەدبىر بەلگىلەشنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن .
ئۇزاق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، بالىلار ئوي-پىكىرىنى ئەركىن ئىپادىلەش ئارقىلىق ، بالىلارغا چېتىلىدىغان مۇھىم ئىشلارغا قاتنىشىپ ، باشقىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇشتىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتەك ئەخلاق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ . بۇ ئادىللىققا ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشقا ئىنتىلىۋاتقان جەمئىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم . چۈنكى بالىلار بىر مىللەت ، بىر دۆلەت تەرەاققىياتىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى .
شۇنىڭ ئۈچۈن ، بالىلارغا چېتىلىدىغان مۇھىم ئىشلاردا «بالىلاردىن پىكىر ئېلىش» تەقلىد قىلىشقا ئەرزىيدۇ . تېخىمۇ كۆپ جايلارنىڭ «بالىلارنى قاتناشتۇرۇش» نى بالىلار ئىشلىرى ۋە بالىلار مۇلازىمىتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش جەريانىغا كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز . لېكىن ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا شەكىلۋازلىق قىلماي ، ھەقىقىي سوراش كېرەك . بالىلار ۋەكىللىرىنى زىننەت بويۇمى قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم . ئۆزىنى يۇقىرىدا قويۇۋېلىشقا ، «چوڭلار زوراۋانلىقى» نى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ.
بالىلارنىڭ ئوي-پىكىرىنى سورىغاندا ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە قىلىش كېرەك . تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئەگەر بالىلاردىن ئىبارەت بۇ جانلىق تەتقىقات ئوبيېكتىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئوي-پىكىرىگە قۇلاق سالمىسا، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكىنى ھەقىقىي بىلمىسە، پەقەت باش چۆكۈرۈپ «ھەقىقىي بوشلۇق» ئىچىدە نوقۇل ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ۋە ئوپىراتسيە قىلسا، مۇنداق تەتقىق قىلىپ چىققان نەرسە ، پەقەت قۇرۇق گەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. توغرا سىياسەت ۋە تەدبىر ئوخشاش بولمىغان ئاساستىكى سۆزلىشىش ۋە پىلانلاش ئىچىدە بارلىققا كېلىدۇ.