كۆرۈش: 11798|ئىنكاس: 12

خوتۇننىڭ باھاسى يەنە ئۆسىدىكەن-بوران114 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
128
تۆھپە
77
UID
592

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 15:23:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خوتۇننىڭ باھاسى يەنە ئۆسىدىكەن (فىليەتۇن)


كوچا خەۋىرى،1-كۆرۈنۈش

    ۋاپا –ئېتىقادنىڭ كەملىكىدىن ئىنساپ ئازلاپ نەپسانىيەتچىلىك كۆپىيىپ بۇيىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ خوتۇننىمۇ جىڭلاپ ئېلىشنى يولغا قويىمىز، ھەم بۇ شىركەتكە ئەقلىدىن ئازغان، ئەسلىنى ئۇنتۇغان ،ئىماندىن چىققان مەئىشەتكە پاتقان، دەججال ئاللىرىنىڭ ساداقەتمەن مۇرتلىرىدىن كۆپلەپ قوبۇل قىلىمىز،چۈنكى بىز قىيامەتنى ئۇنتۇپ گۇناھقا پاتقان بولغاندىكىن ھەممىنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان زاماندا ياشىغاندىكىن شۇنداق قىلىمىز،
تۆۋەندە خوتۇننىڭ بۇ يىللىق باھاسىنى ئىلان قىلىمىز.
    تولۇقسىز مەدەنيەت سەۋىيەسىگە ئىگە دىھقان قىزنىڭ كىلوسى 199 كوي، تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ 152 كوي ،ئوتتۇرا تېخنىكوم 186كوي،ئالىي تېخنىكوم 163كوي، ئاسپىرانىت 200كوي، چەتئەلدە ئوقۇپ قايتىقانلارنىڭ 91كوي ،چۈنكى چەتئەلدە ئوقۇغانلارنى ھېچكىم ساق دەپ ئويلىمايدۇ. بىز غەيۋەتكە كۆنۈپ كەتكەن،تىنىقىمىزمۇ ساپ ئەمەس،قوناق ئىشىغا ياغ قۇيمىسىمۇ تاتلىق،ھەممىنى تاللا بازىرىدىن ئالىمىزغۇ،قىزلىرىمىزنىڭ ئىنساپىنى تىلەيلى،ئەرلىرىمىز خوتۇن ئاياللرىمىزنى تەربىيلەيلى، بىرۋاخ نامازنىمۇ ئوقۇمىسڭىز نىمە دېگىلى بولار،قېرىپ قالسىمۇ كۆزى تويماي قىزىدەك كىچىك خوتۇن ئىلىپ ھۆددىسىدىن چىقالماي تاپقان پۇلىغا دورا ئېلىپ ئۈلگۈرمەيۋاتقان ئىنساپسىز ئەرلىرىمىز بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشتىنى نېمىشقا ساقلانمايسىز ؟

2-كۆرۈنۈش،مەھەللە خەۋىرى

    خوتەندە خوتۇن ئەرزانمۇ؟ تۇيۇقسىز بۇ تېمىدا گەپ بولۇندى ،ھەركىم نېمىلەرنى دىيشتى،ئاخىرى مەن مۇنداق دىدىم،---ئەي ئەقلىدىن ئازغان مەلئۇنلار ،ئىسراپخورلار،ھاراملىقلار،ئىشەك ياخشى سەنلەردىن، كۆزىنى يۇمغان پوقىنى يە  دەپ ئېغىزغا كەلگەننى دەۋەرمە،ئەزەلدىن ئاددىي-ساددىلىقنى،ئىمان-ئىسلامنى بۇزماي ھەشەمەت بىلەن ياشىماي ئاللانىڭ نېسىۋېىسگە شۈكرىلەر قىلىپ ،توي-تۆكۈننى ئۆز قائىدىسى بىلەن چىرايلىق قىلىپ بۇزۇپ-چاچماي ئاللانىڭ بۇيرۇغان ئىشلىرىغا ئەمەل قىلغان شۇ قېرىنداشلىرىمىزنى ھاقارەتلەۋاتىسلەر،سېنىڭ بۇ يېرىڭدىچۇ ؟ تاپقىنىڭغا يەنە قەرز ئېلىپ قوشۇپ خوتۇن ئالىسەن، 3كۈن پوچىلىق قىلىسەن، بىر ئايدىن كېيىن يەيدىغىنىڭ يوق،قەرزنى سۈيلەپ كېلىدۇ،خوتۇن يامانلايدۇ،مانا سېنىڭ ھەشەمىتىڭ،دەپ باقە گاچا ئەبلەخ،يەنە خوتەندە خوتۇن ئەرزان دەمسەن،ئاچچىقمدا بىر ئىككىسىنى ئۇرۇپ قالدىم.
    3-كۆرۈنۈش،بالىدا گۇناھ بارمۇ؟
     كىمنى ئالاي دېسەم 2بالىسى باركەن،بالىسى بولمىسا تېگەتتىم دەپتۇ،مانا شۇ بالىسى بار دەپ تۇل ئۆتكىلىمۇ ئىككى يىل بولاي دەپ قالدى،نېمىشقىمۇ بالىسى بار بولسا خوتۇن تەگمەيدۇ؟بالا تاپقان گۇناھمۇ؟ئاجراشقان گۇناھمۇ؟بالىسى بار خوتۇننى ئەر ئالمىسا ،بالىسى با ئەر كىشىگە خوتۇن تەگمىسە يا بۇ تۇرمۇشتا چىقىشىپ بولالمىسا،دەرتنى ئاخىرى يەنە بىچارە مەسۇم بالىلار تارتسا توۋا،بىز نېمىشقىمۇ ئاجرىشىپ كېتىمىز،گۇناھنى ئۆزىمىزگە قويمايمىز،مانا بۇ بۇزۇلغانلقىنىڭ ھۆرمەت ئىززەتنىڭ سۇسلاشقانلىقى،ئەقىلنىڭ گەجگىگىچە ئۆتكەنلىكى،نامراتلىق ئەسلىمۇ روھىيىتىمىزدە،بالىدا گۇناھ يوق.
    4-كۆرۈنۈش.
    داۋاملىق ئىچىمىز،بىز ئىچىشكە كۆنۈپ كەتكەن،ھەرەمدىن ھاجىلار ئەكەلگەن ئابىي زەمزەم سۈيىنى ئىچىپ خورمىنى يەپ 4كۈندىن كېيىن يەنە ئىچىمىز، ھاراق ئىچىپ قاتناش ھادىسسى ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ نامىزىغا كىرىپ قايتاشىمىزدا يەنە بىر قوساق ئىچىمىز، بىز ئاسسىلماتسىيە بولۇپ قالدۇقمۇ،جۈمە نامىزىدا ئىمام تە بلىغ قىلىدۇ تىڭشاپ توۋۋا قىلىمىز، مەسىچىتتىن چىقىپ بىرەر سائەتتىن كېيىن يەنە ئىچكىلى ماڭىمىز، ئۇ دۇنيانى ئىغىزدا دەيمىز،ھەي نېمە دىگەن بىچارە بىز، ئىچىدىغان سورۇندىكلەرنىڭ جىقلىقى،ئىسىت،،،ئۇلارغا پەقەت قويۇلغان ئىسىملارنىڭ ھەيۋەتلىكى ،نەلەردە سېسىپ قالغان پاسكىنا قانجۇقلارنىڭ لاۋبەن ئاتالغان خۇنۇسلارنىڭ يانجۇقىنى پۇلغا توشقۇزۇش خالاس،ئۆزىمىزنى گۇناھدىن تارتايلى،قۇرئان ساۋادىڭىز بولمىسا ھېچ بولمىسا تەرجىمىسنىمۇ بولسا ئوقۇڭ،توردىن ئاڭلاڭ،ئەڭ مۇھىمى گۇناھتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ.
5-كۆرۈنۈش.
    باشلىقى يوق خىزمەت بارمىدۇ؟مېنى ساق 13ئادەم باشقۇرىدىكەن،ئىشقىلىپ مەن بىر كۈننى شۇنداق ئۆتكۈزىمەنكى ھەممىسنىڭ ئىشىنى قىلىمەن،توۋا كۈنىگە بىر سائەت يىغىن ئاڭلىسام، تۆۋەنگە چۈشسەم چۈشتىن كېيىن دوكلات قىلسام، ئاندىن كۈندىلىك خاتىرەمنى يازسام، تېلېفۇندا جاۋاپ بەرسەم،مېنىڭكى ئورۇنلاشتۇرۇشۇمنى باشتا قىلمىدىڭ دەپ خاپا بولغانغا كۆڭۈل قويسام ۋاي بولدىلا ،ئىشقىلىپ بەكلا يۇۋاش بىچارىكەنمەن،40 مو يېرىم بولغان بولسا خىزمەت قىلماي يەر تېراتتىم،ئاللا بۇ زاماندا باشلىقنى رازى قىلىپ بولالماي ئۆتۈپ كېتىدىكەنمەن،سىزمۇ شۇنداق بىزار بولامسىز؟ بەك تولا گەپ قىلمايتتىم،ئەمما ھازىر ۋات-ۋات بولۇپ قالدىم،بولسا مېنى كۆرمەڭلار،ئاللاغا ئامانەت،بېشىڭلارنى ئاغرىتىپ قويدۇم.
مەنبە:تاز كاللام،يەكەن،بوران

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
515
تۆھپە
256
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 13:30:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆش،كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ئۆسىۋاتىدۇ، خوتۇنلارنىڭمۇ باھاسى ئۆسكىنى ياخشى،(چاقچاق)


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
372
تۆھپە
220
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 14:07:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز خوتۇن ئالمىغان بولسىڭىز ھەرگىز بۇ گەپنى قىلمىغان بولاتتىڭ.    ھەي شەخسىيەتچىلىك....


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2072
تۆھپە
1542
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 14:13:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    10 20 يىلنىڭ ئالدىدا ئىككى ئۈچ مىڭ يۇەنگە خوتون ئالغىلى بولىتى، ھازىر 30- 40 مىڭ يۇەنگە چىقىپتۇ


Rank: 1

تىللا
38
تۆھپە
11
UID
5282
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 14:51:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر  ئوغۇل قىز ئالماستىن قىز ئوغۇل ئالىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ ......................جاھان بەكلا ئۆزگىرەپ كەتتى


Rank: 6Rank: 6

تىللا
648
تۆھپە
387
UID
270

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 17:13:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوڭشىلىپ كېتەر  ،  قارىغاندا تازئاكام خۇتۇن ئالالمايۋاتقان بولسا كېرەك ھە !


مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1776
تۆھپە
975
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 18:58:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە نىمە ئۇسۇپ  تۇرغاندىكىن  خۇتۇنمۇ ئۆسسە نىمە بوللاتى
بالىنىڭ دادىسىغا قايتا تىگىدىغان گەپمىكىن يا


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1317
تۆھپە
796
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 19:22:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق جىق سېسىق گەپلەر بۇ .


Rank: 4

ئىسىمى
ھاجىئەكبەر
تىللا
174
تۆھپە
138
UID
4013
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 19:35:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2 يېل ئەرزان بوپتۇرۇپ مەن تويقېلۋالغاندېن كېيېن ئۆسسۇمۇ مەيلېتې


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 15:15:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مال باھاسى داۋاملىق تۇراقلىق بۇلمايدۇ جۇمۇ.


سەكرا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 07:00, Processed in 0.079448 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991