كۆرۈش: 12376|ئىنكاس: 6

ئەخلاق ۋە جىنايەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
488
تۆھپە
324
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 18:59:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەخلاق ۋە جىنايەت



ئەخلاق يوقالغان ئەلدە، جىنايەت كۆپىيىدۇ .
                                           «خەلق ماقال تەمسىلى»
    تارىخ كىتاپلىرىنى ۋاراقلاپ باقسام، ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئىنسانلار يەرشارىغا كۆپىيىپ، كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلاپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە، نۇرغۇن پەيغەمبەر، ئالىم، پادىشاھ، ئىجادكار، پەيلاسوپ، سىياسىيون، ئىستىلاچى، ئىسلاھاتچى، ئەدىپ – شائىرلار  ئۆتۈپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىسىم – شەرپى، نام – ئەمىلى، ئىش – ئىزلىرى، ئۆز خەلىقىغە قوشقان تۆھپىسى ياكى ئېلىپ كەلگەن ئازاپ – ئوقۇبەتلىرى تەپسىلىي، ئىدىتلىق، تەرتىپى بىلەن بىر-بىرلەپ تۇنۇشتۇرۇلۇپتۇ .
    ھەربىر دەۋىرگە تەۋە بولغان پەيغەمبەرلەر ئۆز قەۋمى، شۇ جەمىيەتنىڭ ئەخلاق كاتېگورىيىسىدىن چەتنەپ ياكى ھالقىپ كەتكەن چاغلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان بۇزۇقچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان تەرەپلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئازغۇنلارنى زىلالەت يولىدىن ھىدايەت يولىغا چاقىرىق قىلغانلىغى؛ شۇ دەۋىرنىڭ ئالىملىرى ئۆزىنىڭ مول بىلىمى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا چىقىش يولى ھازىرلاپ بەرگەنلىكى؛ ئىجادكارلار ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىجادىيىتى بىلەن؛   پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ ئادىل – ياكى زالىملىقى بىلەن؛ سىياسىيونلار بىر جۈملە سۆز بىلەن دۇنيانىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگۈلىگەن، يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن؛ ئىستىلاچىلار دەريا – دەريا قانلارنى ئاققۇزۇپ، ئادەم كاللىسىدا مۇنار تىكلەپ، ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە دەسسەپ ئات مىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ غالىپلىغىنى نامايەن قىلغانلىغى بىلەن؛ ئىسلاھاتچى ئەدىپ شائىرلار، ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى بىلەن تەر ئاققۇزۇپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن، ئورتاق تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن؛ شەخسىي مەنپەتى ئۈچۈن، غالجىرلىق، ساتقىنلىق، مۇناپىقلىق قىلغانلارمۇ؛ زالىملارغا يان تاياق بولۇپ ئۇلارنى مەدھىيلىگەنلەرمۇ تارىخ بېتىدىن ئەينەن ئورۇن ئېلىپتۇ.
    تارىخ ھەممىگە ئادىل باھا بەرگۈچى. ئۇنى بىر قەۋىم ياكى بىر شەخىس ئۆز ئالدىغا بۇرمىلارپ كۆز بۇيامچىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ نۇرغۇن خەلقنىڭ قان تەرى ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن يېزىلغان. شۇڭا بۇ ھەقىقەتكە ھېچكىم كۆز يۇمالمايدۇ. تارىخنى بۇرمىلىغۇچىلارنىڭ مىسالى خۇددى قۇياشنى ئالقىنى بىلەن توسقۇچىلارنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ_خالاس.   تارىخنى نامى ئۆلمەسلەر ياراتقان ئىكەن.
    ھازىر ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ھەر ساھە كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەرقايسى قاتلاملاردا ئاجايىپ ئىقتىدارلىق بىلىملىك شەخىسلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرى يېتىشىپ چىقىپ ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇتۇۋاتىدۇ. قولغا كەلتۈرگەن ھازىرقى نەتىجلىرىمىزنى، مەن تارىختىكى ھەرقانداق بىر چاغدىكىدىن يۇقۇرى بولدى دەپ قارايمەن. شۇنداقلا ئۆيغۇر جەمىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى نىشانلارغا قاراپ ئىلگىرلەپ، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىش ئۈچۈن، تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلار، ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىمىز يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىنتايىن كۆپ سانلىققا ئىگە. بۇنىسى پاكىت.
خوش_ ئەمدى مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم، ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ئىلگىركى يىللارغا قارىغاندا كۆپۈيۈپ كېتىۋاتقان يولسىزلىق، ئۆكتەملىك، بۇزۇقچىلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق قاتارلىق ئىشلار ۋە بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە شۇ مۇناسۋەتلەر بىلەن ئۆز ئارا جىدەللىشىۋاتقانلىغىنى، ئوغىرلىق، بۇلاڭچىلىق، قويمىچىلىق، باسقۇنچىلىق، قاتىللىق جىنايەتلەرنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىۋاتقانلىغى، بولۇپمۇ بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ ئوغىرلىق، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈشىگە ھەرگىزمۇ ھايات كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىغى سەۋەپ بولماستىن بەلكى بىر قىسىملار ھاراق – شاراپقا،  ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كەتكەنلىگى، ھەتتا بەزىسى ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئومومىيۈزلۈك قارشى تۇرۇۋاتقان، ئاق ئالۋاستى دەپ تەربىر بېرىلۋاتقان خىروئىندىن ئىبارەت زەھەرلىك چىكىملىكلەرگە بېرىلىپ ئىنسانىي ئەقلىنى بۇلغاپ كېتىۋاتقانلىغى سەۋەپ بولغان بولسا، يەنە بىر قىسىملارنىڭ كىچىگىدىن تارتىپ تاكى شۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنگە قەدەر يېتىلدۈرگەن ئىقتىدار ۋە ئادىتىدە: كۈنىگە10 يۈئەن پۇل تاپالمايدىغان، 20 يۈئەن پۇل بىلەن شۇ كۈنىنى كەچ قىلالمايدىغانلىغى؛ ئۈنۈم يارىتىش ئىقتىدارى ئاجىز، روھى ئۈلۈك ھالدا ياشاپ، ئۆزىنى، جەمىيەتنى ۋە تەرەقىياتنى چۈشۈنۈشى ئاجىز بولغانلىغى؛ يېشىنىڭ قانۇندا بەلگۈلەنگەن بالاغەتكە يېتىش يېشىغا يەتكەن ياكى ئاللا بۇرۇن بۇ ياشتىن ھالقىپ ئۆتكەن  ئادەم بولغان بولسىمۇ، ئەقلىي ئىقتىدارىنى ۋە ئىشەنچ روھىنى ئىشلىتىپ جەمىيەتتە ئۆز ئورنىنى تېپىپ، قەدىر قىممىتىنى يارىتىش جەھەتتە ئۇنۋىرسال بىلىم ساپاسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىغى سەۋەپلىك، خامۇشلۇق يىتەكلىگەن  ئىستىمالغا ئەگىشىپ كېتىش خاراكتىردىكى ئادەم بولۇپ قېلىپ زامانىۋى گۆدەكلىك، ئەقلى كورلارنىڭ كۆپۈيۈپ قالغانلىغى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، كۆپ جەھەتلەردە ئويلىنىپ قالدىم.
    ھازىر ئارىمىزدا  خېلى ئاڭلىق، مەدىنيەت سەۋيەسى يۇقۇرى، دۇنيا قارىشى ئېنىق، جەمىيەتكە بولغان چۈشەنچىسى ئايدىڭ دەپ قارىلىدىغان بىر قىسىم زىيالىي كىشىلەرنىڭ: «ھازىر يۈز بېرىۋاتقان يولسىزلىق، ئۆكتەملىك، بۇزۇقچىلىق، ئەخلاقسىزلىقنى بىر – ئىككى ئادەم سۆزلەپ تۈزەپ بولغىلى بولمايدۇ، ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي ھاياتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك» دەيدىغان، جەمىيەتتىكى بىلىملىك كىشىلىك مەسئۇليىتىنى ئادا قىلمايدىغان، شەخسىيەتچى، ئېتى ئۇلۇق سۇپۇرۇسى قۇرۇق ساقتا  زىيالىيلىرىمىزنىڭ كۆپ بولۇشى؛ شۇنداقلا ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى دېھقانلار بولغان ھالەتتىكى ۋە بۇ دېھقانلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئوموملۇق جەھەتتىن دېھقانلارنىڭ نەزىرىدە كۆپ ئوقۇغان، بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، جەمىيەتنى چۈشىنىدىغان دەپ تەرىپلىنىدىغان دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ بىر قىسمى، بوش ۋاقىتلىرىدا يۇقۇرى ئىستىمال، مودا  قوغلۇشۇش، ۋاقتىنى تۈرلۈك چاي ئولتۇرش، زىياپەتلەردە ئىچىش – چىكىش، ۋە تورخانىلاردا قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ ياكى يۇقۇرى تېخنىكىدا ئىشلەنگەن، كومپىيوتىر ساۋاتلىقلىرى ئوينىيالايدىغان ئېلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقلارغا ھېرىسمەن بولۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، روھى ۋە مەنىۋىيىتىدىكى قۇپ – قۇرۇقلۇقنى تاشقى پار – پۇر سالاپەتلىرى بىلەن  پەدازلاپ، ئۆزىلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا بۇ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ ئاخىرسى چىقماس ھەشەمەتچىلىكلەرگە قىزىقتۇرۇشى ئارقىسىدا، بۇ دۆلەت مەمۇرلىرىغا ھەۋەس قىلىدىغان، شۇنداقلا بىلىپ بىلمەيلا بۇلارنى دوراپ ئىش كۆرۈپ ئۆزلىرىنى، ۋەزىيەت تەرەقىياتنى چۈشىنىدىغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان قاتاردا تۇرۇۋاتقاندەك، يۇقۇرى تەبىقە كىشىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغاندەك، ساقتا قىياپەتلەر بىلەن پەدازلايدىغانلارمۇ يېتىشىپ چىقىپ، ئەسلىدىنلا ئىقتىسادى ئاساسى ئاجىز ئۇيغۇر جەمىيتىدە، تاپقىنىنى بۇ ھەشەمەتچىلىككە يېتىشتۈرەلمەي يا بۇ ھەشەمەتچىلىكتىن مىھرىنى ئۈزەلمەي يۈرۈيدىغانلارمۇ كۆپۈيۈپ قالغىلى تۇردى.  
    يەنە بىر تەرەپتىن، ئائىلىدىن ئىبارەت جەمىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىر ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلە ۋە جەمەت يوسۇنى ئارقىلىق، قانۇننىڭ قاتتىق نازارىتى ۋە جازاسى بولمىسىمۇ ئەزەلدىن قاتتىق ئىجرا بولۇپ كېلىۋاتقان ئەخلاق – پەزىلەتنىڭ، ھازىرقى يۇقۇرى كۈتۈرۈلىۋاتقان يۇقۇرى ئىستىمال، تېز تەرەقىيات جەريانىدا سۇزلاپ كېتىۋاتقانلىغى؛ ئەنئەنىۋى ھۈنەر كەسىپلەرنىڭ زامانىۋى جەمىيەتتە ئۆز ئورنىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتقانلىغى ياكى زامانىۋىلىشىش، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا، جاپا – مۇشاقەتلەردىن قېچىپ ھوزور ھالاۋەت قوغلۇشۇش ئېڭىنىڭ كۈچۈيىشى، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆزىنى تەربىيەلەش، زامانغا ماسلىشىپ ئىلىم مەرىپەت ئىگەللەپ ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇش قارىشىنىڭ تۆۋەنلىگى، ئۆزىدە بار بولغان ھۈنەر كەسىپلەرنى، ھازىرقى تېخنىكا بىلىملىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەۋلات يېتىشتۈرۈپ داۋاملاشتۇرۇپ، ماركا يارىتىش ئېڭىنىڭ بولماسلىغى؛ بالا تەربىيەلەشتە، ئەنئەنىۋى بىر تەرەپلىمىلىك تەربىيەلەش قارىشى، زامانىۋى گۆدەكلىك قىلىشى، ئىقتىسادى نەزەر دائىرىسى تار بولۇشى، ئىش ئورنى، ئىش ئىزدەش دائىرىسىنىڭ تار بولۇپ، كۆپ ھالدا ئۆز يۇرتىنىلا ئاساس قىلىشى ۋە ئۈنۈم يارىتىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، بۇ جەھەتتىكى نەزەر دائىرىسى تار بولۇشى قاتارلىق سەۋەپلەردىن، بىر ئوبدان بېجىرىم ساق ساغلام چوڭ بولىۋاتقان ئوغۇل قىزلىرىنىڭ، ئىستىقبالىغا مۇناسۋەتلىك بەزى ئورۇنلۇق تەلەپلىرىنى قاندۇرالمايۋاتقانلىغى؛ بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل – قىزلىرىمىزنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن بىلىپ بىلمەي ئۆزلىشىپ قالغان ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە ئىزدىنىشى يېتەرلىك بولمايدىغان، ئىزدەنگەن ھالەتتىمۇ پۇرسەت، ئورۇن، ۋاقىتنى چىڭ تۇتالماي، ئۇنداق قىلايمىكىن، مۇنداق قىلايمىكىن دىگەن خىيال بىلەن ئىككىلىنىپ، بىر قارارغا كېلەلمەي،  بۆسۈش ئېغىزىنى تاپالماي، جەمىيەتتە ئۆزى قىلالايدىغان كىچىك ئىشلارنى ياراتمايدىغان، چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدىغان، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى ئاجىز ئەھۋاللار ئارىمىزدا ماڭدامدا بىر ئۇچرىماقتا؛ يەنە تەلىيى ئوڭ كېلىپ، مىڭ بىر مۇشەقەتتە بىرەر ياخشى خىزمەتكە ئېرىشكەنلەرنىڭ بىر قىسمى، ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ياكى ئەپلەپ – سەپلەپ ئارانلا نەتىجىلەپ، ئالاھىدىلىك يارىتالماي ئۆزىنى ۋە باشلىغىنى قانائەتلەندۈرەلمەي، خىزمەت ئورنىدا لەيلەپ قالىدىغان؛ قانۇنلۇق كەلگەن، خەلققە مەسئۇل بولىدىغان، تۆگىدەك ھوقوقلارغا ئېرىشسىمۇ ئاران تېرىقچىلىقلا قىسمىنى ئىشلىتەلەيدىغان، ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ھوقۇق تۇتۇشنى قالماشتۇرالمايدۇ دىگۈچىللەرنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، ئۇلارنىڭ تۈگمىنىگە سۇ باشلاپ بەرگۈچىلەردىن بولۇپ قالماقتا. نەتىجىدە كۆز ئالدىمىزدىكى ئېھتىياجلىق نەرسىنى ئالالمايدىغان، قۇلۇمىزدىكى ھوقوق، پۇرسەت ۋە بايلىقتىن قانۇنلۇق، ئەھمىيەتلىك، ۋە ئۆزىگە ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان ئاساستا پايدىلنالمايدىغان، ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتالمايدىغان، ئىقتىسادى ئىلگىرىلەرنى تاشقى رەڭ جەھەتتە دوراپ سۆلەتۋازلىق قىلىدىغان، يۇقۇرى ئىستىمالغا پۇل يېتىشتۈرەلمەي، يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك ناشۈكۈرلەر كۆپۈيۈپ كېتىۋاتىدۇ.
    بىر ئادەم ئۈچۈن كىچىگىدىن باشلاپ ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانى چۈشۈنۈش، ئۆپ – چۆرىسىدە بولىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇش، پۇرسەت، ئورۇن، ۋاقىت قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ مەسىللەرگە قارار ۋە خۇلاسسە چىقىرىش ھەم ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم – دەپ قارايمەن. خۇددى تاماققا تۇز زۆرۈر بولغاندەك.
    بىز ئۆزىمىزنى، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چۈشۈنۈش ئۈچۈن باشقا تەرەققىي تاپقان مىللەتلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇلار يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىغىغا، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ئۇلار بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىپ سىردىشالمىساقمۇ، مەتبۇئات ساھەسىگە بېسىلغان بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قىسمىدىن كۆرۈپ باقايلى، ئويلىنىپ باقايلى، ئاندىن كېيىن ئۆزىمىزنى تۇنۇپ باقايلى.
    مەن غەرىپ دۆلەتلىرنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن ھەم ئۇ يەرلەرگە بېرىپ سەيلە – ساياھەت قىلىپ كېلىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپە ئادىتى بىلەن تۇنۇشۇش، تۇرمۇش قايدىلىرىنى كۆرۈش، چۈشۈنۈش، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىش ماڭا تېخى نېسىپ بولمىدى.  ئەمما مەن  مەتبۇئاتلىرىمىزدىن چىقىۋاتقان كىتاب– ژورنال، تەشۋىقات مەنبەلىرىدىن غەرىپ مەدەنيىتى شۇنداقلا يەھۇدىيلار بىلەن ياپۇنلارنىڭ مەدىنيەت – مائارىپ،  تەلىم – تەربىيە، جەمىيەت قارىشى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆپ كۆردۈم ۋە داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرۇۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ۋە تۇرمۇشىغا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن مەسلىگى كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئەۋلاتلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا ھەرقانداق ئادەم قايىل بولماي تۇرالمايدۇ.
    يەھۇدىيلار بالىسى تۇغۇلۇشى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئىلاھىي كىتابى بولغان تەۋراتقا ھەسەل تېمىتىپ ئۇنى يالىتىش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز دىنىغا بولغان ئېتىقادىنى چىڭىتىش، ئىلىم مەرىپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ بىلىم غەزىنىسى دەپ تەرىپلىنىدىغان كىتاپنى ئاسراش، سۈيۈپ ئوقۇش ئىديىسىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسا؛ پەرزەتلىرى تۇغۇلۇپ ئادەت، خاراكتىرى يېتىلىش باسقۇچلىرىدىن تارتىپ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، يېڭى ماڭغان باللىرىنىڭ مېڭىشنى ئۈگۈنۈش باسقۇچلىرىدا، مېڭىپ كېتىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشسە، يۈگۈرەپ بېرىپ يۆلىمەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قايتا ئورنىدىن تۇرۇشقا يېتەكلىشى، ئۇلارنىڭ باغرى قاتتىقلىغى بولماستىن بەلكى ئۇلارنى يىقىلغان يېرىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزىگە – ئۆزى خوجا بولۇپ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش روھىنى ئۈگۈتۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇلار مۇستەقىل قارىشى بولمىغان ئادەمنىڭ مۇستەھكەم مەيدانىمۇ بولمايدۇ_دېگەن پەلسەپىنىڭ تېگىگە يەتكەن. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنلىرى پەرزەنتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ باغچىلارغا تاغ – دالىلارغا، سەيلە – ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ تۈرلىرىنى، ئىسمىنى، ئۆسۈملۈك گۈل – گىياھلارنىڭ نامىنى، شەكلىنى، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە رولىنى تەپسىلى چۈشەندۇرۇپ، پەرزەنتلەرنىڭ تەبىئەتكە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشقا بولغان تۇنۇشۇنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۈتۈرگەن بولسا؛ ھەر تۈرلۈك موزىيخانىلارنى ئېكۈسكۈرسىيە قىلدۇرۇپ ئەجداتلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى، مەدىنىي مىراسلىرىنى تۇنۇشتۇرۇش ئارقىلىق: «مىلادىدىن بۇرۇنقى 64- يىلى رىم ئىمپىريىسى تەرىپىدىن ئەڭ ئاخىرقى يەھۇدى دۆلىتىمىز يوقۇتۇلۇپ مىلادى 135- يىلى يەھۇدىيلار رىم ئىمپىريىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئاخىرقى قوزغۇلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېگىن، رىم ئىمپىريىسى تەرىپىدىن ئېرىسالىمدىكى يەھۇدى مەدىنى ئىزلىرى، تۇرمۇش، ھايات كەچۈرگەن ئىزلىرى تۈزلىۋېتىلىپ تېرىلغۇ مەيدانى قىلىۋېتىش، يەھۇدىلارنى ئېرىسالىمغا ئىككىنىچى ئاياق باستۇرماسلىق توغرىسدا بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن(يەھۇدىيلارنىڭ قەد كۈتۈرۈش تارىخى 12- بەت) بېرسىغا ئۇز دۆلىتىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىپ دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدا  سەرسان – سەرگەردانلىق  ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئۆز دۆلىتىمىز بولمىغانلىغىدىن، باشقىلار بايلىق توپلاش ئۈچۈن تۈرلىك باھانە سەۋەپلىرى بىلەن قەرەللىك ھالدا بايلىقىمىزنى تالان تاراج قىلىپ كەلدى. شۇڭا بىز ئەقلىي ئىقتىدارغا، شۇنداقلا باشقىلار ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق يەردە بىزدىن تارتىۋالالمايدىغان بايلىقلارغا مەبلەق سېلىشىمىز، ئۆز بايلىقلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئىقتادارىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز ھەم بۇ جەھەتتىكى سەۋيەيىمىزنى يۇقۇرى كۈتۈرۈپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش پۇرسىتىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز، ئاخىردا بىر ئامال قىلىپ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ئۆز دۆلىتىمىزنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك»  دەپ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋلاتلىرىنىڭ قان قېنىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن. شۇڭا يەھۇدىيلار بىر تەرەپتىن ئۆزلۈك ئېڭىنى داۋاملىق كۈچەيتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۆزلىگىدىن بىرلىككە كېلىپ، ھەرقايسى دەۋىرلەردە ئۆز تەغدىرىگە مۇناسۋەتلىك ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزەپ، بۇ پىلاننى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ ۋە مايىللاشتۇرۇپ، ئاخىردا يەنىلا ئەجداتلىرى دۆلەت قۇرغان ئېرىسالىمنى مەركەز قىلغان دۆلەت قۇرۇش پىلانىدا بىرلىككە كېلىپ، ئىشنى دەسلىۋىدە ھەقلىق يەر سېتىۋېلىش، نورمال كۈچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ  كۆپۈيۈش، پۇرسەت كەلسە كۆپلەپ نوپوس كۆچۈرۈپ يەھۇدى دۆلىتىنىڭ نوپوس ئاساسىنى يارىتىش ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلاننى تۈزۈش ۋە شۇ ئاساستا ئىش كۆرۈشى نەتىجىسىدە، ئىككىنىچى دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىلا ئۇزۇن بولغاندا يەنە 50 يىل ئىچىدە بىر يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇلىدۇ دەپ بىر يەھۇدى ئاقساقىلى ئۆز ئىچىدە ئۇچۇر بەرگەن. مانا بۇ ئالدىن تەييارلىقى بار بولۇپ قالغان، پەقەت پۇرسەتلا يار بەرمەيۋاتقان يەھۇدىيلارغا فاشىست گېتلىرنىڭ،  ناتسىس قىرغىنچىلىرى 6 مىليون يەھۇدىينى ھەر خىل ئۇسۇلدا ئۆلتۈرگەنلىگى سەۋەپلىك، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا يەھۇدىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش شۇئارى كۆتۈرۈلگەن پۇرسەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارار چىقىرىپ، پەلەستىننىڭ بىر قىسمىدا يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇش قارارىنى چىقىرىشى بىلەنلا، ئەسلىدىنلا دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەتتەك تەييارلىغى پۇختا يەھۇدىيلار، ئىنتايىن تېزلىكتە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى. بۇ يېڭى قۇرۇلغان ئىسرائىلىيە دۆلىتى دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدا سەرگاردان بولۇپ يۈرگەن يەھۇدىيلارنى، بۇ يېڭى قۇرۇلغان دۆلىتىگە يىغىپ دۆلەتنىڭ نوپۇس ئاساسىنى پۇختىلىغان بولسا؛ مائارىپقا مەبلەق سېلىپ مىللەتنىڭ سۈپۈتىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈپ ئۇنتۇلۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئانا تىلى، ئىبراي تىلىنى قايتا تىرىلدۈرۈپ، دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتىپ، ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزدى. ئۆزلىرىنىڭ مۇققەددەس دىنى بولغان يەھۇدى دىنىنى، دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتتى. ھازىر ئىسرائىلىيە، مەتبۇئات نەشىرياتچىلىقتا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇدۇ. بەش مىليون نوپوسقا ئىگە كىچىككىنە بىر دۆلەتتە مىڭ خىلدىن ئارتۇق گېزىت – ژورنال چىقىدۇ. (يەھۇدىيلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش تارىخدىن) شۇڭا ئاران مۇشۇ بەش مىليون ئادىمى بىلەن ئوتتۇرا شەرىق پارىس قولتۇقى رايونلاردىكى يىگىرمە ئىككى دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان، 360 مىليون نوپوسقا ئىگە ئەرەپ دۆلەتلىرىگە ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇغىنى تەشۋىق قىلماقتا. شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادا يەھۇدىي دىگەن ئاتالغۇنى پۇل، بايلىق، ئەقىل – پاراسەت، ۋە پۇرسەت دىگەن سۆزلەرگە مەنىداش ھالەتكە يەتكۈزدى. يۇقارقى نەتىجىلەرنى يەھۇدىيلارنىڭ ئائىلە، مائارىپ، جەمىيەت تەربىيىسىدىن شەكىللەنگەن ئەخلاقى ئۆلچەم، بۇزۇلماس روھى قورغاندىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
    ئەمدى ياپۇنلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ياپۇنلار يەھۇدىلارغا ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ.  
    ياپۇن مىللىتىنى تىلغا ئالساق، ياپۇنىيە بۇندىن ئىككى يۈز يىلدىن ئىلگىرىكى مىڭجىژ يېڭىلىققا كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى تەرەقىياتىنى زور دىگىلى بولمايدۇ. ئۇلار مىڭجىژ يېڭىلىققا كۈچۈش ھەركىتىدىن كېيىن، ھەرقايسى جەھەتلەردە كۆپ ئىزدىنىپ، ھەتتا تەرەقىياتى ئىلگىرى مىللەتلەرنىڭ تەرەقىياتىغا ئۇلار قوللانغان پامىلەلەرنىڭمۇ تۈرتكىسى ناھايىتى زور بولغانلىقى قاتارلىق جايلارغىچە تەھلىل ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ۋە بۇلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ، ياپۇنىيە پۇخرالىرى چوقۇم پامىلە قوللىنىش كېرەك، دىگەندەك خان يارلىغى چۈشۈرۈش بىلەن نەتىجىلەنگەن ۋە بۇ ئىككى يۈز يىل جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە ئىسلاھات ۋە تەرەقىياتى ئىنتايىن تېز بولۇپ پەن تېخنىكا، سانائەت، ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى نەتىجىسى ئاجايىپ يۈكسەلگەن. ياپۇنىيە بۇ نەتىجىلىرى بىلەن كۆرەڭلەپ جاھانگىرلىك قەدىمىنى بېسىپ ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشتى.ئاخىرىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ياپۇنىيە زىمىنىغا ئاتوم بومبا تاشلاپ نەچچە يۈز مىڭ ياپۇنىيىلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بۇ قاتتىق زەربىنىڭ تەسىرىدە ياپۇنىيە ساماۋى پادىشاسى شەرتسىز تەسلىم بولغانلىغىنى ئېلان قىلدى. بۇ قارار ئاسىيادا شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولۇمەن دەپ يۈرگەن بىر دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن زور يوقۇتۇش بولدى. ياپۇنيە خەلقىگە چىدىغۇسىز ئازاپ ئېلىپ كەلدى. ياپۇنيە دۆلىتىدەك خام ئەشيا كەمچىللىكىدىن 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق خام ئەشيانى سىرتتىن ئىمپورت قىلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ قۇرغان ئىمپىريەسى ۋەيران بولۇپ، ئۇرۇش ئېلان قىلىپ باشقىلارنىڭ زىمىنىنى بېسىۋېلىپ ۋە مۇنقەرز قىلىش ئارقىلىق، ئەرزان خام ئەشياسىغا ئېرىشىش پۇرسىتىدىن مەڭگۈلۈككە ۋاز كېچىپ شەرتسىز تەسلىم بولۇشنىڭ ئۆزى، ئۆزىنى – ئۆزى  ئاچ قويۇپ ئۈلۈمىنى كۈتۈپ ياتقانغا باراۋەر ئىدى. ئەمما ئۇلار بۇنىڭ بىلەن روھى چۈشكۈنلۈككە ئۇچراپ ئۆزىنى يوقۇتىپ قويمىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ۋە بەخىت–سائادىتىنى، قازغانغا تۈگۈمەيدىغان، ئىشلەتكەنگە ئۇپرىمايدىغان، ساتقانغا يوقالمايدىغان، ئەقىلنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئاممىۋى ئاساسقا يۆتكىگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى قەدەمنى يەنىلا مائارىپتىن ئىزدەشكە باشلىغان. بولۇپمۇ بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ياپۇن ئاياللىرى پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئۇلار ئائىلىدە پەرزەنلىرىگە بولغان تەلەپنى قانچە يۇقۇرى قويغان بولسا، مەكتەپتە ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق تۇتقان. جەمىيەتتە بىر پۈتۈن مائارىپقا يۈزلىنىش سادالىرى ئەۋجىگە چىققان. يۇقۇرى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن باشلاپ تۆۋىنى ئاددى پۇقرالارغىچە ئەمىلى ھەركىتى بىلەن ئومومىيۈزلۈك ئىلىم – پەنگە يۈزلەنگەن. مەيلى ئائىلىدە بولسۇن، مەيلى مەكتەپتە بولسۇن پەرزەنلەرگە بولغان ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى، ئاددى ساددا ياشاشنى، ئىسراپچىلىق قىلماسلىقنى، ئىشلەپ چىقارغان تاۋارنىڭ سۈپۈتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، باشقا ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلغان تاۋارلىرىمىزنىڭ سۈپەتلىك ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمدارلىغىنىڭ يۇقۇرىلىغى، تۇرمۇشقا يېقىنلىغى بىلەن ياپۇنيىنىڭ ئوبرازىنى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇتۇش توغرۇلۇق تەربىيەلەرنى  قەتئىي بوشاشتۇرمىغان. جەمىيەتتە، ئائىلىلەردە، مۇناسۋەتلىك ۋاستىچى قاتلاملاردا، شۇنداقلا ئۇچۇرنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش جەھەتتە  ئالاھىدە چارە تەدبىر ۋە مەسئۇليەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆگەنگەننى  ئەمىليەتتە ئىشلىتىش، بايقىغاننى ۋاقتىدا مۇناسۋەتلىك، ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ تاۋارغا، شۇنداقلا ئىقتىسادى قىممەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن كەڭ سورۇن ھازىرلاپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچان ئىجادىي قىزغىنىلىقىغا تېخىمۇ مەدەت بەرگەن.  نەتىجىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش تۈگەپ ئۇرۇشتىن قەپقالغان جاراھەتلىرىنى ساقايتىش جەھەتتە دەسلەپكى يىللاردا ياپۇنيە پۇخرالىرى ئومومىيۈزلۈك قىينالغان بولسىمۇ، بۇ جاپالىق دەۋىر ئاخىرلىشىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ياپۇن مىللىتى ئاسىيادا باش كۆتۈرۈپ ئىقتىسادى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. مانا ئەمدى پۈتۈن دۇنيادا سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، پەن تېخنىكا كۈچىنى كۆز – كۆز قىلىپ، ئاسىيا، ياۋرۇپادا يېتەكچىلىك ئورۇننى تالىشىۋاتىدۇ. بۇرۇن ياپۇنىيە قۇدرەتلىك ھەربى قوشون، جەڭگىۋار ئارمىيەسى بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە غوجاكا بولۇش خام خىيالىدا بولغان بولسا، ئەمدى يۇقۇرى پەن – تېخنىكىس، ئىقتىسادى چوڭ دۆللەتلىك ئورنى بىلەن پۇلغا ۋە تېخنىكىسىغا تايىنىپ غوجاكىلىق قىلىش خىيالىدا بولماقتا. ھازىر دۇنيانىڭ قايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا بارسىڭىز ياپۇنىيىدە ئىشلەنگەن ئەڭ ئىلغار ماشىنا – ئۈسكۈنە، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تاپماق ئانچە تەس ئەمەس. شۇ ماشىنا – ئۈسكىنىلەرنى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن خەلىققە، دۇنيادا ياپۇن مىللىتىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامىركا ئارمىيىسى تەرىپىدىن تاشلانغان ئاتوم بومبىسىنىڭ پاجىئەلىك زەربىسىگە ئۇچراپ شەرتسىز تەسلىم بولغان، ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئۇرۇش چىقىمى تۆلەشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەقلى ئىقتىدارغا، پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ مەزمۇت تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقىنى، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويۇۋاتىدۇ. ئامېركادەك دەرىجىدىن تاشقىرى زومىگەر دۆلەتلەرمۇ، ياپۇنىيىنىڭ تېخنىكىسىز ئىش قىلمىقى ئاسانغا چۈشمەيۋاتىدۇ. يۇقۇرقىدەك زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە نىمە سەۋەپ بولدى دىگەندە؟_ ئەلۋەتتە ئۇلار بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى ئىلىم – پەن بىلەن قوراللاندۇرۇپ، دۆلەت، ۋەتەن، ئەخلاق، شەرەپ – نۇمۇس، غۇرۇر، ۋىجدان توغرۇلۇق چۈشەنچىلەرنى ئەڭ توغرا بولغان ئىزاھاتلار، ئەمىلى چۈشەنچىلەر بىلەن شەرھىلەپ، پەرزەنلەرنىڭ قان – قېنىغا  سىڭدۈرۈپ، «تارىخ ئاجىزلارنىڭ كۆز يېشىغا ئىچ ئاغرىتمايدۇ» _ دىگەن پەلسەپىنى پەرزەنلىرىنىڭ ئىسىگە قوغۇشۇن قۇيغاندەك قۇيۇپ، ياپۇن مىللىتىنىڭ خەلىقارادىكى ئورنىنى قايتا تىكلىگەنلىكىدە. ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىلەرنى ئائىلە، مەكتەپ، جەمىيەتنى بىر گەۋدە قىلغان مۇنتىزىم، سېستىمىلىق تەلىم تەربىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ _ دەپ جاۋاپ بېرىشكە ھەقلىقمىز.
    ئادەمنىڭ قىممىتىنى بۇ دۇنيادا نىمىلەگە ئېرىشكەنلىكى بىلەن ئەمەس، خەلقىغە نىمىلەرنى قالدۇرغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ھاياتىنى خەلقىگە بېغىشلىغاندىلا ئاندىن ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسى بولۇدۇ.
    خوش؛ ئەمدى بىز نىمە ئىش قىلىۋاتىمىز؟ بۇنىڭدىن كېيىن نىمە قىلىشىمىز كېرەك؟ پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز؟ ئۇيغۇر جەمئىيەتدىكى ئەخلاقسىزلىق ۋە جىنايى قىلمىشلارنىڭ يامراپ كېتىۋاتقانلىغىنى توسىغىلى بولامدۇ – يوق؟ بۇ يۇقىرىسى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى ئەلەمدار ۋە قەلەمدارلاردىن باشلاپ، تۆۋىنى يۇرت ئاقساقاللىرى، ئائىلە باشلىقلىرىغىچە دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا ئېلىپ قويۇپ، ئۆز–ئۆزىمىزدىن سوراپ بېقىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.
     ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە قېنى قايسى بىر ئاتا–ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلمايدۇ؟ ئوغۇل چوڭ بولسا ئۇنىڭ دەردى، قىز چوڭ بولسا ئۇنىڭ غېمى. بۇ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ۋابا كېسىلىگە ئوخشاش ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە يامراپ كېتىۋاتماقتا. مۇقىم خىزمەت ئورنى بار بىر قىسىم كىشىلەر، بالىلىرىمىز چوڭ بولسا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇمىز دەپ، تېجەشلىك بىلەن ئاز – ئازدىن پۇل يىغىپ، يىققان پۇللىرىدا بالىلىرنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، ئوقۇش پەتتۈرگەندىن كېيىن يەنە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوغۇل بولسا ئۆيلەپ، قىز بولسا ياتلىق قىلىپ، باللىرىم دەپ يىمەي – يىگۈزۈپ، كىيمەي – كىيگۈزۈپ 25 _ 30 ياشقا كىرگۈچە جاپاسىنى تارتسا، يەنە ئاشۇ مېھرىبان كۆيۈمچان ئاتا – ئانىلاردىن رازى بولماي، ئۇلاردىن ياخشى خىزمەت، ئېسىل داچىلارنى ئېلىپ بەرمىگەنلىگىدىن ئاغرىنىپ يۈرۈدىغان ئىنساپسىز، نائەھلىلەرمۇ ئاز ئەمەس، ئۇلار ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالماي ھەر–خىل قانۇنسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋاتقان، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىۋاتقان، ئاخىرى بېرىپ تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلار يىلسايىن كۆپەيمەكتە. بۇ يەردە دېھقانلىرىمىزنىڭ بىر بالىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەيدىغانلىغىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ ئوقۇرمەنلەرگە بەش قولدەك چۈشۈنىشلىك.
    ھازىر چوڭ سورۇنلاردا، يىغىلىش ئولتۇرۇشلاردا، چايلاردا ئاساسلىق تېما يەنىلا بالا دەردى. ئەمدى بىزنىڭ مۇنچىۋالا بالا دەردىگە ھامىلدار بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى زادى نىمە؟
     يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەردى. جەمىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،  خەلقنىڭ ئىستىمال سەۋيەسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستى. رەھىمسىز بازار رىقابىتى تاللاش ۋە شاللاشنى ئۆزىنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، تىنىمسىز ئۆز رېتىمىدا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆز ۋاقتىدا پىلانلىق ئىگىلىك ۋە ئەنئەنىۋى ناتۇرال ئىگىلىكنى ئاساس قىلىپ، ياكى تار دائىرىدە قالاق ھالەتتىكى ھۈنەر كەسىپكە تايىنىپ كەلگەن، بازار ئىگىلىكىگە ئوموملۇقتىن ئېيتقاندا ھېچقانداق چۈشەنچىسى ۋە تەييارلىغى بولمىغان ئىقتىسادى ئاساسى ئاجىز ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەملەرنى گاڭگىرىتىپ قويماقتا. شۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلە كىرزىسىغا پېتىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇرۇن بىر – بىرىگە ۋاپادار،  شۇنداق ئىناق ئەر – خوتۇنلارمۇ ھازىرقى بازار ئىگىلىكىدىكى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىپ كېتىشى، ئىقتىسادى تاپاۋەتنىڭ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان كىنو تېلىۋىزىيە فىلىملىرىدىكى كۆرۈنۈشلەردىكىدەك خانزادە، بەگزادە، ئايىم خېنىملارچە ياشىشىغا يەتمىگەچكە، بىر بىرسىنىڭ كۆزىگە  سىغىشالماي، ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئاجرىشىپ كېتىش، بالىلارنى يېتىم قىلىش ياكى سىرتتىن ئاشنا تۇتۇش – دىگەندەك ئىشلار ئادەتتىكى ئىشلار بولۇپ قالدى. ھازىر جەمىيەتتە ئائىلە سورۇقچىلىقى بىلەن تىرىك يېتىم بولغان ئۆسمۈرلەر شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە. ئۇلار  ئىككى ئارىدا قاقتى – سوقتى بولۇپ چوڭ بولغاچقا، ياكى ئائىلە تەربىيەسىگە تويۇنماي ياكى مەكتەپ تەربىيەسىنى تۇلۇق ئالالماي بالدۇرلا جەمىيەتتىكى ئەخلاقسىز كىشىلەرنىڭ يامان تەسىرىگە ئۇچراپ تۇيۇق يولغا كىرىپ كېتىدۇ دە، ئۇغۇللار ئوغرى، بۇلاڭچى، باسقۇنچى، بەڭگى – قىمارۋاز بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. قىزلار ئاخشاملىرى دىبا، جۇبا، ئۇۋلاقخانا، ساتراچخانا، ياتاق، مونچا، ھەتتا ھاجەتخانىلاردا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نازۇك ئەزالىرىنى تاۋار ئورنىدا سېتىپ پۇل تاپماقتا. ئۇنى ئاز دەپ تېخى مەكتەپ يېشىدىكى قىز – ئوغۇللار نەشە، ھەتتا خىروئىندىن ئىبارەت ئاق ئالۋاستىغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ۋاستە تاللىماي پۇل تېپىش ئۈچۈن ھەر – خىل بۇزۇقچىلىق، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ھەتتا قاتىللىق قىلىپ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىماقتا. تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى تۈرمىلەردىكى ياش ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ – ئەلۋەتتە.
     بىز ھەممىمىز بالىلىرىمىزنى باشقۇرالمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كەپسىزلىگىدىن، ئۇلارنىڭ ئىچەرمەن، چىكەرمەنلىكىدىن، ئاخشىمى بولسا ياتمىغان، ئەتىسى بولسا ۋاقتىدا قوپمىغان، يا بىرەر قانۇنلۇق ئىش ئوقەت ئۈچۈن ئىزدەنمىگەنلىگىدىن قاقشايمىز يۇ – ئەمما ئۆزىمىز نىمە قىلىۋاتىمىز، باللىرىمىز ئالدىدا قانچىلىك ياخشى تەسىر قالدۇردۇق دىگەنلەرنى ئويلاپ باقمىدۇق. بەزى ئاتا – ئانىلار چوپ – چوڭ بولۇپ قالغان باللىرىنىڭ ئالدىدا ھەر ياڭزا شەھۋانىي كۆرۈنۈشلەرنى بىللە ئولتۇرۇپ كۆرۈۋېرىدىغان، ئاتىسى بالىسىنى ھاراق تاماكا ئەكىرىپ بېرىشكە بۇيرۇيدىغان، بالىلارنىڭ ئالدىدا ئوڭ – تەتۈر دەسسەپ مەس بولۇپ يۈرۈيدىغان ئىشلار ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان بولدى. ھەتتا بەزى ئىپلاسلار ئىنسانلىق دائىرىسىدىن ھالقىغان بولۇپ، ھايۋاندىن ھېچقانچە پەرىقلەنمەيدۇ. مەن 7 ياشلىق بىر نارسىيدە قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئاتا–بالا مەلئۇنلارنى؛ ئائىلە بويىچە زەھەرلىك چېكىملىك سېتىپ ياش ئەۋلاتلارنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇپ ۋەيران بولۇشىغا شارائىت ھازىرلىغانلارنى؛ ئۆز قىزىغا؛ ھەتتا قۇچاقتىكى نارسىيدە قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان؛ شۇنداقلا باشقا ئوغىرلىق بۇلاڭچىلىق جىنايەتلىرى بىلەن بىر ئائىلىدىكى ئادەملەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرى تۈرمىگە يول ئېلىپ، بەزىدە بالىسى ئاتىسىنى ئەگىشىپ يولغا چىقسا، بەزىدە ئاتىسى بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ تۈرمىدىكى بالسى ماڭغان يولدا مېڭىپ ئاخىرى تۈرمىلەردە توختىغانلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. مۇشۇنداق ئىشلارنى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر ۋىجدان ئىگىسى غەزەپلەنمەي قالمايدۇ. شۇنداقلا سۆزلىسە ئېغىز كۈيىدىغان، سۆزلىمىسە دىل ئېچىشىدىغان مۇشۇنداق قاباھەتلىك ئىشلارنىڭ كۈندىن كۈنگە ئەۋج ئېلىپ كېتىشىگە جەمىيەت ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ھېچقانداق مەسئۇليىتى يوق دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ ئاتا – ئانىلار باللىرىمىزغا  ئوغىرلۇق قىل، بۇلاڭچىلىق قىل، نارسىيدە قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىل، زەھەر چەك، تېنىڭنى سېتىپ جېنىڭنى باق دەپ ئۈگۈتۈپ قويمىغان بولسىمۇ، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى تېخى كىچىكقۇ، ھىچنىمە بولماس – دەپ سەل قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاتا – ئانىلىق سالاھىتىنى ئۇنتۇپ، پەردىشەپ، ھاياغا ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىغانلىغىدىن بولغان. ھازىر كۆپۈنچە ئاتا – ئانىلار دەم ئېلىش كۈنلىرىنى، بوش ۋاقىتلىرىنى قاتار چاي، ئولتۇرۇشلاردا بىھۇدە ئۆتكۈزگەچكە ئائىلە پەرزەنتلەرگە ئەجداتلىرىمىزنىڭ شانلىق مەدەنيىتىنى، مىللىتىمىزنىڭ ئەن–ئەنىۋى ئېسىل، گۈزەل ئۆرۈپ ئادىتىنى، ئەخلاق قارىشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىدىن ئەتراپلىق تەربىيە بېرىدىغانغا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىدۇ.
شۇڭا ھازىر يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك ئەۋلات تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىغان ئائىلىلەردە چوڭ بولغان قىزلىرىمىز ئوخشىتىپ بىر قازان تاماق ئېتەلمەيدۇ، كىيىم – كېچىگى يىرتىلىپ كەتسە  ياماپ كىيەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى شۇنداق قىلدۇرۇپ ئۆگەتمىگەن، ئەمما ئۇلارنى گىرىم قىلىڭ، ياسىنىڭ دەيدىغان بولسا، ياۋرۇپالىقتىن ئاشۇرۋېتىدۇ. ئوغۇللىرىمىز ئۇنىڭدىن ئۈتە، ئەگەر ئاتا – ئانىنىڭ كۈچى بىلەن ئېرىشكەن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالسا، جېنىنىمۇ باقالمايدۇ، بازاردا سودا قىلىشتىن نۇمۇس قىلىدۇ ياكى قاملاشتۇرۇپ قىلالمايدۇ. ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش روھى يوق، ئۇلاردا ئاتا – ئانىلاردىن ئايرىلىپ قالسام قانداق جېنىمنى باقارمەن – دەيدىغان ئوي تېخىمۇ يوق، چۈنكى ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپ تەييارغا ئۈگۈنۈپ قالغان ئائىلە ئەركىلىرى. ئىلگىرى ئوغۇل ئۆيلىمەكچى بولسا، لايىقىنى ئوغۇلنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئالدىدا گىلەم ئۈستىدىكى داستا قاچا – قۇچا يۇغۇزۇپ سىناپ بېقىپ، گىلەم ئۈستىگە بىر تېمىم سۇنىمۇ چاچراتماي، چىنا قاچىلارنى پاكىز يۇيالىغان بولسا ئاندىن ئانا تەربىيەسى كۆرۈپتۇ، لاياقەتلىك دەپ قارىلىدىغان، ئوغۇللارنى جىگدە كۈتۈكىنى يارغۇزۇش ئارقىلىق ئاتا تەربىيەسى كۆرگەن كۆرگەن كۆرمىگەنلىگىنى سىنايتتىكەن. ئەگەردە كۈتەكنى يارالمىسا، ياكى پالتىنىڭ سېپىنى سۇندۇرۇپ قويسا بۇنداق ئوغۇللارنى يارىماس قاتارىغا چىقىرىۋېتىپ قىزىنى بەرمەيتتىكەن.
     ھازىرقى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى، جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملاردىكى تەلەپنىڭ كۈندىن كۈنگە يۇقۇرى ۋە قاتتىق بولۇۋاتقانلىغىدىن، ھازىرقى تەلەپلەرگە يېتىش ئۈچۈن يۇقۇرىدا دىيىلگەن سىناقلار ئاللا بۇرۇن ئادەم تالايدىغان سىناقلار تىزىملىگىدىن چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، بۇ ئىشلار ھايات مۇساپىسىدىكى ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغانلىغى ئېنىق تۇرۇپ ھازىرقى قىزلىرىمىز قاچا – قۇچىلارنى سۇندۇرۋاتماي يۇيالىسىلا چوڭ ئىش، ئوغۇللىرىمىزغا پالتىنى تۇتقۇزۇپ قويسا كۆتەككە ئەمەس، ئۆزىنىڭ پۇتىغا سالىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقىلارغا تەقلىد قىلىپ ياسىنىپ تاشقى قىياپىتىنى ئوخشاتقان بىلەن، ئىچكى دۇنياسى قۇپ – قۇرۇق. غەرىپلىكلەرگە ئوخشاش ئەركىن پىكىر قىلىش، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش روھى كەمچىل. ئۇلار ياكى باشقىلارغا  ئوخشىماي ۋە ياكى ئۆزىگە ئوخشىماي ئوتتۇردا قالغان ماڭقۇرۇتلار – خالاس. ئۆزىگە خاس ئالاھىدلىگى ۋە تۇنۇشلۇق بەلگۈسىنى يوقاتقان بەندىنىڭ بۇ دۇنيادا ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ ئادىتى، ئانا تىلى، يېزىقى بىلەن يەر شارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەدىنيىتى شۇ مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، لېكىن شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. پاكىت شۇكى نۇرغۇن شانلىق مەدىنيەتلەرنى ياراتقان مىللەتلەرنىڭ سەھنىلەردە كىيىدىغان كىيىم – كېچەكلىرىلا قالدى، ئۇلارنىڭ دۆلىتى، ۋەتىنى، تىل – يېزىقى ئاستا – ئاستا ئاسمىلاتسىيەلىشىپ يوقالدى. ئىلغار پەن – تېخنىكا، سۇنماس ئىرادە، جەڭگىۋار غايە بولمايدىكەن باشقىلارغا يەمچۈك بولۇپ كېتىدۇ. شانلىق مەدەنيەتلىرىنى قوغداش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنىمۇ قوغداپ قالالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن ھازىرقى ھالىتىدىن ئېچىنىغان، ئەقلى ئويغاق، ئىمانى كامىل ۋىجدانلىق بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىزدىن (ئابدۇرېھىم دۆلەت) ئەپەندىم: كالفورنىيە سانائەت ئىنىستىتوتىدا ئاران 2 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن، (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا 30 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى) ئۇقۇيدۇ – دەپ ھەسرەت چەكتى. ( مەدەنيەت ۋە مەۋجۇديىتىمىزدىن) سەۋەبى ئاشۇ 30 مىڭ ئوقۇغۇچىدىن قانچىلىك ئادەم ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىيەلىدى، قانچىلىك ئادەم ئوقۇغان كەسپىدە مۇۋاپىقىيەت قازىنالىدى. شىنجاڭدا (شىنىجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى)دەك ئالى مەكتەپللەردىن قانچىسى بار؟ ھەممە ئوقۇغۇچىنى يىغىنچاقلىغاندا قانچىلىك بولىدۇ، بىزدىكى مائارىپ تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمى، رولى قانچىلىك بولىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەر – بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ئاددىي سېلىشتۇرما.
     شۇڭا پەرزەنت تەربىيەلەشتە ئاۋال ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ، بۇرۇن ئۆگەنمىگەن بولساق ئەمدى بولسىمۇ باللىرىمىزنى يېتەكلىگەن ھالدا تەڭ ئۆگۈنۈپ، خۇدا ئاتا ئانىلارغا ئاتا قىلغان تۇنجى ئۇستازلىق ئورنىمىزنى تېپىپ، بالا تەربىيەلەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن باللىرىمىزغا نەسىھەت قىلساق ئۇلار بىزنىڭ چاقىرىقىمىزغا قۇلاق سالىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئەيىپ – نۇقسانلىرىنى تۈزىمەي تۇرۇپ، ئۇلارنى ئادەم بول دىسەك، ئاخىرغا بېرىپ (ئالا ئىنىەكنىڭ بالىسى ئالا چىقىدۇ) سېنىڭچە بولغۇچە ئادەم بولۇدۇ دەيدىغان گەپ چىقىدۇ. پەرزەنتلەر ئائىلە تەربىيەسىگە تويۇنۇشى ناھايىتىمۇ زۆرۈز. بولۇپمۇ ئەخلاق تەربىيەسىگە. ئەڭ ئاددىسى_ مەسىلەن: چوڭلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك، ( بولسا قەتئىي چەكمەسلىك)؛ كىچىكلەر چوڭلارغا ئالدىن سالام بېرىش؛ تاماقنىڭ ئالدى – كەينىدە قول – يۇيۇش؛ گەپ سۆزدە مەدەنىي بولۇش؛ ئۆيگە كىرگەندە كالىدەك ئۈسۈپلا كىرمەي، ئالدى بىلەن ئىشىكنى چېكىپ، ئۆي ئىگىسى رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن كىرىش؛ پىشقەدەملەرنىڭ ئالدىدا، ئاتا – ئانا، قېرىداشلارنىڭ ئالدىدا ھايا قىلىش؛ چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسراش؛ راسچىل بولۇش؛ مال ئىگىسىگە ئەجىر مېھنەت يەتكۈزمەي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ يىڭنە چاغلىق نەرسىسىنى ئېلىۋالماسلىق؛ ھارامخورلىق، ھەسەتخورلۇق قىلماسلىق؛ تىرىشچان، ئەمگەكچان بولۇش،... دىگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن ئۈگۈنۈشكە تېگىشلىك ئەخلاقى بىلىملەرنى پەرزەتلىرىمىزگە ئۈگۈتۈش، يەنىلا ئائىلەردە ئاتا – ئانىلارنىڭ زىممىسىدىكى مەجبۇريەت. ئانىلارمۇ قىزلىرىغا مەخسۇس ئاياللارغا مۇناسۋەتلىك بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بىز ھازىر باشقىلار ئېيتقاندەك ھېچ ئىش قولىمىزدىن كەلمەيدىغان مىللەت بولۇپ قالدۇقمۇ؟ بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى نىمە؟ _ ئەسلى ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئىلگىرى باشقا ئەللەرنى، نۇرغۇن مىللەتلەرنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغىدەك ئاجايىپ، مۆجىزە خاراكتىرلىك مەدەنيەتلەرنى ياراتقان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتى، غەيرەت – جاسارىتى، سۇنماس – ئىرادىسىگە، تايىنىپ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. مانا كۆز ئالدىمىزدا نەچچە ئەسىردىن بېرى ئۆز مەزمۇتلىغى ۋە ئۇيغۇر بىناكارلىق مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ تۇرغان، تۇرپان شەھىرىدىكى دۇنىياغا داڭلىق سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى؛ ھازىر دۆلىتىمىز دۇنيا مەدەنيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى  ئىلتىماس قىلىۋاتقان، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيا سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا قوشقان تۆھپىسى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان كارىز مەدەنيىتى؛ قەشقەردىكى ئاپپاق غۇجا مازارىدىكى گۈمبەز؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەخمۇت قەشقىرى يېزىپ قالدۇرغان قۇتاتقۇبىلىك بىلەن تۈركى تىللار دىۋانى( تۈركى تىللار دىۋانىدا يېزىپ قالدۇرغان قەشقەرنى مەركەز قىلىپ قارا خانىيلار دۆلىتى تەسىر دائىرىسى ۋە شۇ زامانىسىدىكى خوشنا ئەللەر، شۇنداقلا شۇ چاغدىلا دېڭىزدىكى ئارال دۆلىتى ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەۋەلىك  دائىرىسى چۈشۈرۈلگەن خەرىتىنى ئەڭ دەسلەپتىكى دۇنيا خەرىتىسى دىيىشكە بولۇدۇ. شۇنداقلا قۇتاتقۇ بىلىك، باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل يېزىقلىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ۋە كۆچۈرۈلۈپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ھاكىميەت ۋە سەلتەنەت باشقۇرۇپ دەۋىر سۈرگەندە، بۇ كىتاپتىكى بىلىملەرنى ئۆرنەك قىلىپ پايدىلانغان )؛ چەتئەلدىكى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى موزىيخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق، دىيارىمىزدىكى داڭلىق سايلىگاھلاردىكى مەدەنيەت يادىكارلىقلار يۇقارقى كۆرسەتمىمىزگە مىسال بولالايدۇ – ئەلۋەتتە. ئەمدى بىزدە ئاشۇنداق ئادەم يوقمۇ – دىگەندە؟ - ئادەم بار. ئەمما ئاشۇلارغا ئوخشاش ئىرادە، غايە، ئىجاتكارلىق روھى كامچىل. سىز ئاتا – بوۋىسىدىن تارتىپ يەر تېرىپ كەلگەن، سەھرادا چوڭ بولغان كەسپى دېھقانلارنىڭ ھازىر چوڭ بولغان بالىلىرىدىن دېھقانچىلىقنىڭ ماھىيەتلىك قايدىلىرىنى، ئۆز يۇرتىدىكى ئۇچار – قۇش، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈك، دەل دەرەخلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە قىممىتى، دارىلىق ئالاھىدلىگى، قاتارلىقلارنى  سورۇسىڭىز، ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ قانائەت ھاسىل قىلغىدەك جاۋاپ بېرەلمەيدۇ، ياكى بىلمەيمەن – دەپ جاۋاپ بېرىشى ئېنىق. چۈنكى بۇ دېھقان ئۆزىمۇ تۇلۇق بىلمەيدۇ ياكى ئاۋارچىلىقتىن قېچىپ بۇ جەھەتتە تىرىشىپ كۆرمەي، باللىرى دەسلەپتە كەڭ تەبىئەتكە قىزىقىپ، ھەرخىل سۇئاللارنى ئاتا – ئانىسىدىن سوراپ، نۇرغۇنلىغان نىمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاپ ئىزدىمەكچى بولغاندا، ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىغىنى ئېتىراپ قىلىپ، بىلىدىغانلاردىن سوراپ ئۇقۇپ، بالىسىنىڭ تەلىۋىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىشنىڭ ئورنىغا: «كىچىك بالا جىق گەپ قىلمايدىغان، چوڭ بولغاندا بىلىۋالىسەن» دەپ زېھنى ئېچىلىشقا باشلىغان گۆدەك بالىلىرىنى، كىچىگىدىنلا ئەقلى تەرەققىي قىلىش يوللىرىنى بۇغۇپ قويىدىغان؛ قىز پەرزەنتلىرىنى بۇ ھامىنى باشقىلارنىڭ ئادىمى دەپ قاراپ، ئۆزى بىلگەن ھۈنەر كەسىپلەرنىمۇ ياخشى ئۈگەتمەيدىغان؛ مەكتەپتە ئوقۇتقان بىلەنمۇ ئاران تۇرلۇقسىزغىچە ئوقۇتۇپ توي قىلىش يېشىغا يەتكەن ھامان، قىزبالىنى ساقلىماق تەس دەپ، ناھايىتى تېزلىكتە ياتلىق قىلىۋېتىدىغان؛ ئوغۇل پەرزەنتلىرىگە مەلۇم جەھەتتىن خېلى ئەھمىيەت بېرىپ تەربىيەلىگەن بولسىمۇ دېھقان بولماقنىڭ تەسلىكىنى پەش قىلىپ، بالام! يەر تېرىش، دېھقانچىلىق قىلىپ جان بېقىش مەن بىلەن كەتسۇن، سەن ھەرگىزمۇ يەرگە باغلىنىپ قالما، بىرەر ھۈنەر كەسىپ ئۈگۈنۈپ، باي بولۇپ ياشاپ كەت – دەپ، بىرەر ھۈنەرگە بېرىدۇ. بۇ بالىلارمۇ، ئاتا ئانىسىنىڭ جاپادىن، مەسئۇليەتتىن قېچىش جەھەتتىكى يېتەكچىلىك ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۋالغان خاراكتىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدە، ئازراق ئۇ ھۈنەرنى ئۆگۈنۈپ قويۇپ يېرىم يولدا تاشلاپ قويىدۇ، نەتىجىدە ياكى ئۇگەنگەن ھۈنىرىدىن نەتىجە قازىنالمايدۇ، ياكى دېھقانچىلىقنىڭ قانۇنيەتلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆزلەشتۈپ ئېلىپ كېتەلمەي، ئىقتىسادىنى ئىلگىرى باستۇرالمايۋاتىدۇ. بىر قىسىملىرىنىڭ ئۆزىنىڭ قۇرسىغى ئۆزىگە ئېغىر كېلىپ قېلىپ، ئاخىرى بېرىپ ئوغرى – قاراقچىلارغا قېتىلىپ، ئىشلىمەي پۇل تاپىدىغان ھارام پۇل تېپىش يولنى تاللاۋاتىدۇ.
    ھۈنەرۋەن كاسىپلارمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن بىلەن كەتسۇن، ساڭا قالمىسۇن – دىگەنچە، تامچى تۇرۇپ ئۆينى باشقىلارغا سالدۇرۇدىغان، تىككۈچى تۇرۇپ كىيىمىنى باشقىلارغا تىكتۈرۈپ ياكى سېتىۋالىدىغان..... ئېتى ئۇلۇق، سۇپۇرۇسى قۇرۇق ئەخمەقلەرگە ئايلىنىپ قالدۇق.
     ھازىر بىزنىڭ شىنجاڭ رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز شۇ ھالەتتە ئىكەنكى ئىچىكىرى ئورۇنلاردىكى ساۋاتسىز، تېخنىكا ئىقتىدارى يوق ئۆز يۇرتىدا بازار ئىگىلىكىنىڭ رەھىمسىزلىگىدىن شاللانغان بىر تۈركۈم خەنزۇ، خۇيزۇ يولداشلار ھەر يىلى دىيارىمىزغا كېلىپ، ھەر خىل ھۈنەر كەسىپ، ۋە جىسمانىي ئەمگەكلەرگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن پۇل تېپىپ كېتىۋاتىدۇ(كۆز ئىچىدىكى كۆز سۆز ئىچىدىكى سۆز دىن). ئىگىلىك تىكلەش، ئۈنۈم يارىتىش، پۇل تېپىش جەھەتتە ھازىرقى ئەھۋالىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىمىزنى  شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇ.
     ئەگەر بىز باللىرىمىزنى تەربىيەلەشتە يېڭىلىق بىلەن كونىلىقنى، خۇراپىيلىق بىلەن مەدەنيەتنى، دىن بىلەن پەننى، ياخشى بىلەن ياماننى، ھەق بىلەن ناھەقنى، شەرەپ بىلەن نۇمۇسنى، ھايا بىلەن ئىپلاسلىقنى ئەتراپلىق، سېستىمىلىق چۈشەندۈرۈپ، يامان بولۇدۇغان ئىشلارغا قارىتا ئېنىق چۈشەنچە بېرىپ، ئۇلارنى ئاڭلىق، قابىليەتلىك، ئىقتىدارلىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە ھەر ساھە كىشىلىرى، ئاتا – ئانىلار، تەلىم – تەربىيە ئورۇنلىرى، شۇنداقلا جەمىيەت ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان بولساق، ئاتا – ئانىلار ئوغۇللارنى يوخلاپ تۈرمىنىڭ ئالدىغا ئازراق بارغان، قىزلىرىنى ئىزدەپ دىبا، جۇبا، ساتراچخانا، مونچىخانىلاردا يۈرمىگەن بولاتتى. بىز ھەممە نەرسىگە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، خۇراپىي – دەپ قارىغاچقا جەمىيەت شىددەت بىلەن بۇزۇلۇپ مېڭىۋاتىدۇ.
     ئىلگىرى پاھىشەخانىلار بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا مەخپى ئېچىلغان بولسا، ئەمدى تۈرلۈك نىقاپلار ئاستىدا، ئەڭ ئاۋات رەستىلەردە ئاشكارا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولدى. قىز – چوكانلار ئەرلەر بىلەن بەسلىشىپ ئىچىشىدىغان، چىكىشىدىغان، بولدى. ئاتا – ئانىسىنىڭ ئالدىدا يېرىم يالىڭاچ يۈرۈۋېرىدىغان بولدى. ئۇياتلىق يەرلىرىنىمۇ سورتلۇق كالىنىڭ يىلىنىدەك يېرىم چىقىرىپ قويۇپ، بۇ دىگەن مەدەنيەت، يېڭىلىق دەپ نۇمۇس قىلمايدىغان بولدى. ئەسلى يېڭىلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى چۈشەنسە كاشكى.
     ئاڭلىشىمچە، بەزى شەكلى ئۆزگەرگەن پاھىشىخانىلار ھەر ساھە كەسىپتىكى بايۋەتچە غوجاملار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىدىغان مەخسۇس قىزلارنى تۇرغۇزغان بولۇپ، بۇ قىزلار ئاشۇ نائىنساپ، مۇناپىقلارنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ بىللە ھەمراھ بولۇپ، بىللە ئولتۇرۇپ، ئۈچتە ھەمراھ بولىدىغان، بۇ يەرگە كىرگەن بايۋەتچى غوجاملارنىڭ شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇردىغان ئۇيۇنچۇق ئورنىدا بولىۋاتقانلىقى، بۇ خىل بۇزۇقچىلىقنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغانلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ قۇلىدا ئىشلەيدىغان قىزلارنىڭ يېشى ئاران 18_ 19 ياشلار ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ قىزلار كىچىكلىگىگە قارىماي ھارامخورلار بىلەن بەسلىشىپ ئىچىپ، چىكىپ، بۇ يەرگە كىرگەن بايۋەتچە غوجاملارنى  مەس قىلىپ يىقىتىپ قويۇپ يانچۇقىنى قۇرۇقداپ قويۇپ يولغا سالىدىكەن، ئۇلاردىن ئاشقىنىنى ئوغرى – يانچۇقچى، بەڭگى – قىمارۋازلار ئوۋلايدىكەن. مۇشۇ يولدىن پۇل تېپىپ بېيىغان سولامچى، دەللاللار جالاپلىقتىن كەلگەن ماشىنىنى ھەيدەپ، نۇمۇس قىلماي يۈرەرمىش. بۇنداق چوشقا مىجەز خۇمسىلاردىن دىيارىمىزدا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن ئاللا ساقلىسۇن! تېخى بەزى ئاتا – بالىلار، ئاكا - سىڭىللار ئاشۇنداق سورۇنلاردا دوقۇرۇشۇپ قالىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىدىكەن.
     مۇشۇنداق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى كۆرۈپ، ياكى ئاڭلاپ تۇرۇپ، يەنە ئەخلاقسىزلىقلارنى، جىنايى قىلمىشلارنى تۈزەش بىر ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ دەپ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرساق، ئۇنداقتا باللىرىمىزنى باشقا بىرسى تەربىيەلەپ بېرەمدۇ؟ بۇ بۇزۇقچىلىقلارنى باشقا پىلانىتتىن ئادەم كېلىپ تۈزەپ بېرەمدۇ؟ مانا ھازىر ئادەملەر ئوتتۇرسىدا ئەخلاق ۋە ئىشەنچنىڭ يوقاپ كەتكەنلىگىدىن، ئىشى ۋە خىزمىتى ئالدىراش، ئىقتىسادى جوغلانمىسى بارلار، مەبلەق سېلىپ يەنە بىر ئىش ئوقەت يۈرۈشتۈرۈش ئويىدا بولسىمۇ، ئىشەنچلىك، تىرىشچان، راسچىل، باشقىلارنىڭ مال مۈلكىگە ئەجىر مېھنەتسىز كۆز قىرىنى سالمايدىغان ئادەملەرنى تاپالمىغانلغىدىن ئاغرىنىپ، يېڭىدىن ئىش تەۋرىتىش، مەبلەق سېلىش قارىشىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن، بۇ پۇلدارنىڭ جاپا مۇشەقەتتە توپلىغان پۇلىنىڭ كۈچ قۇدرىتى ئىسراپ بولۇپ كەتكەن، يېڭىدىن پەيدا بولۇشقا تېگىشلىك قولىمىزدىكى ئىش ئورنىنى يارىتالمايدىغان؛ پۇلى يوق تېخنىكىسى بارلار، تېخنىكىسىنى ئىقتىسادى قىممەتكە ئايلاندۇرالماي، نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۇيقىسىز ئۆتكۈزۈپ، سىناق قىلىمەن دەپ نۇرغۇن مال دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قېلىش بەدىلىگە، مىڭ بىر مۇشەقەتتە ئېرىشكەن پاتنىت ھوقوقى، تېخنىكا ھوقوقلىرى يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن يا ئۆزلىگىدىن قانۇنى قوغدىلىش يىل سانى توشۇپ قالغان، ياكى تېخىمۇ ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىختىرا بولۇشى سەۋەپلىك، ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدىغان ئەقىل ئىسراپچىلىغى بولۇدىغان؛ بەك يۇقۇرى تېخنىكا كەتمەيدىغان، پەقەت ئىخلاس قىلىپ ئىشلەپ تىرىشچانلىق بىلدۈرسىلا باشقۇرۇپ كەتكىلى بولىدىغان، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ تاۋار ئىشلەپ چىقارغىلى، ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىغان كەسىپلەرگە لايىق خام ئەشيالار، ئۆزىمىزنىڭ قولىدا، تەسىر دائىرىمىزدە بار تۇرۇپ، ئۇنى سانائەت تاۋارى ياكى بازارغا ماسلاشتۇرۇپ پىشىقلاپ چىقىرالمايدىغان ياكى بۇ بايقاشلارنى بىز بالدۇر بايقىغان تۇرۇپ ئۆز ئارا ئىشەنچنىڭ سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىغىدىن، گۇمانخورلۇق، ساقتىپەزلىكنىڭ تۇلىلىغىدىن، بىرقانچە ئائىلىدىكىلەر ئىقتىسادىنى يىققاندىلا مەبلەق مەسىلىسى ھەل بولۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرگىلى بولىدىغان تۈرلەنىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرەلمەي، پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇپ، باشقىلارغا بۇ بايقاشنى تارتتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار؛ تەن ساپاسى ياخشى، كۈچ قۇدرىتى، ياشلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرۇدىغان ياشلىرىمىز ئىش ئىزدەپ سەرسان سەرگەردان بولۇدىغان؛ ئاللا ئىنسانلارغا بەرگەن كۈچ قۇدرەت، ئەقىل پاراسەت، ئىسراپ بولۇدىغان ئەھۋال ھازىر بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ناھايىتى ئېغىر بولماقتا. شۇنداقلا ئىشەنچىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىگىدىن بىر مەھەلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، بىر مەكتەپتە تەلىم ئېلىپ نۇرغۇن چاي ئولتۇرۇش، زىياپەتلەردە بىرگە: «بەختىمىز ئۈچۈن، دوسلىغىمىز ئۈچۈن، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن» دەپ قەدەھ كۆتۈرگەن نوچىلاردىن قانچىلىك ئادەم بىر مەسلىھەتكە كېلىپ، ئىقتىسادى ياخشىلار پۇل، ئەقلى بارلار ئۇسۇل چارە، ئەمگەك كۈچى بارلار ئادەم چىقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى، قەدىر قىممىتىنى يارىتالىدى؛ ياكى ئوخشاش نىسبەتتە پۇل چىقىرىپ بىرەر كەسىپ تىجارەت قىلىۋاتقانلاردىن ئارىمىزدا قانچىلىك ئادەم بار(شىركەت ئېچىشلارنى دىمەي تۇرايلى). بىراق بىرقانچە ئاەم بىرلىشىپ باشقىلارنى بوزەك قىلغان، ئەخلاقسىزلىق قىلغانلار بارمۇ دىسە، بىر پوتولكا ھاراق ئىچىلىپ بولمايلا مەسلىھەتلەر پىشىپ، چاقماق تېزلىگىدە ئىشقا كىرىشىپ، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا نەتىجىسىنى چىقىرىدىغانلارنى، مىنىڭچە ھەممىز ھەر بىر ئولتۇرۇشلىرىمىزدىكى غەيۋەت شىكايەتلەردە نۇرغۇنلىرىنى دەپ بېرەلەيمىز. بۇنىڭغا تۇرمىلەردە يېتىۋاتقان ئوغىرلىق شايكىسى، بۇلاڭچىلىق شايكىسى، ئالدامچىلىق شايكىسى،... دىگەندەك جىنايەتلەر بىلەن سوتلىنىپ  تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلار ئىسپات بولالايدۇ.
    بۇندىن باشقا،  ھېلىقىدەك چىركىن پاھىشىۋاز بايۋەتچە، غوجاملار، ئىچەرمەن، چىكەرمەن ئاتا – ئانىلار، ئادىمىيلىك سالاھىيتىنى يوقاتقان دەللاللار، دەرىستىن قەپقالمىسا، ئىمتىھاندىن كۆچۈرۈپ بولسىمۇ ئۆتسە، پىرسەنت چۈشۈپ كەتمىسە، بىر ئايلىق ئىش ھەققىمنى ساق ئالسام، باشقا ئىشلار بىلەن نىمە چاتىقىم – دەپ سۈنئىي ئادەم تەربىيەلەپ چىقىدىغان ئوقۇتقۇچى قاتارلىقلارنىڭ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ كۆپىيىپ جىنايەتنىڭ ئەۋج ئېلىشى، مەكتەپلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشى بىلەن ھېچقاندەك مۇناسۋىتى يوق دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ ئەگەردە ئەرلەر ئائىلىدە ئەرلىك ئوبرازىغا داغ تىگىدىغان ئىشلارنى قىلماي، جامائەت ئىچىدە ئائىلىگە بولغان مەسئۇليەتلىك بۇرچىنى تۇلۇق ئادا قىلىپ، بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ، ئائىلىدە ئىقتىدارلىق باشلامچى، ئىقتىساتتا يول ئاچقۇچى، ئائىلە ئەزالىرىنى تەربىيەلەشتە ياخشى بىر تىپ بولۇشقا تىرىشىپسا؛ ئائىلىدە ئاتىلىق ھۆرمىتىنى ساقلىغان ئىشەنچلىك ئەر، كۆيۈمچان ئاتا بولسا؛ ئەرلەر ئېزىز ئاياللار خارلىق ئىدىيەسىدە بولماي ئايالىنى قەدىرلەپ، بۇ مىنىڭ ئۈمۈرلۈك ھەمرىيىم، سىردىشىم، باللىرىمنىڭ ئاپىسى، مىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىم ئۈچۈن ئائىلىدىكى تۈگۈمەس ئۆي ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مىنى ئائىلىنىڭ ئەندىشە ۋە غەملىرىمدىن خالاس قىلغۇچى دەپ چۈشۈنۈپ، ئايالىنىڭ بىۋاستە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان لېكىن قىلمىسا بولمايدىغان، ئىشلىگەنگىمۇ ئۇنداق ئاسان تۈگەپ قا, لمايدىغان ئەمگەكلىرىنى چۈشۈنۈشى، ھۆرمەت قىلىشى؛ ھەرگىزمۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىق بەدىلىگە يالغۇز ھوزور سۈرۈش پۇرسىتى ئىزدەيدىغان،  مىھرىۋان ئايالىغا خىيانەت قىلىدىغان، بالىلىرىنى جامائەت ئالدىدا يەرگە قارىتىپ قويىدىغان ئىشلارنى قىلمايدىغان ئادەم بولسا؛ ئاياللارمۇ ئۆز ئەرلىرىنى قەدىرلەپ، ئائىلىدە ئەرلىرىنى چىن كۆڭنىدىن ھۆرمەت قىلسا؛ بۇ مىنىڭ ئۆمۈرلۈك يۈلەنچۈگۈم دەپ قەدىرلىسە، ئاسرىسا؛ ئېرى سىرتلارغا ئىش ئوقەت بىلەن چىقىپ كەتكەندە  ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ئېغىر يۈكى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىغىنى، سىرتلاردا ھېرىپ چارچايدىغانلىغىنى، ئۆز ئۆيىنى، ئائىلىسىنى سېغىنىدىغانلىقتىن ئىبارەت ئاددى چىنلىقنى چۈشەنسە؛ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئېرىنىڭ روھى ھاردۇقلىرىنى چىقىرىپ ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ماكاننى ئىللىق پېتى ساقلاپ، ئاياللىق نازاكىتى بىلەن بىر ئەر ئېھتىياجلىق تەسەللىي ۋە ئائىلە ھوزورىدىن بەھرىمان قىلسا؛ ھەرگىزمۇ ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، تۇمۇرۇمنى تۇتقازمايمەن دەپ كۈندە ۋاتىلدىماي، ئەرلەرنىڭ ئۆيدىن قانمىغان ئۇسسۇزلۇغىمنى سۇ بار يەردە قاندۇرىمەن دەيدىغان ئوي پىكىرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپكار بولمىسا؛ بالا تەربىيەلەشتە ئىلمىي ۋە ئىجابىي نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ، ئائىلىدە ئەر خوجايىن، ئايال خوجايىنلىق ئەمەس بەلكى ھەقىقىي بالىلار سىردىشىشقا مۇڭدىشىشقا ئىنتىلىدىغان ئاتا - ئانا بولۇشقا تىرىشسا؛ پۇلى بارلار بىلەن تېخنىكا ئاساسى بارلار بىرلىشىپ بازار ئىگىلىگىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ساھەلەرگە مەبلەق سېلىپ، چىقىش يولى تاپالماي گاڭگىراپ قالغانلارنى ئەمگەك مۇھىتى بىلەن تەمىنلىنىلسە؛ ئىش ئورنىغا چىققانلارمۇ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ قىممەت ۋە ئۈنۈم يارىتىپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەك شارائىتى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلا بولسا، ئۆز تىرىشچانلىغى بىلەن ئۈنۈم يارىتىپ خىزمەت ئورنى، ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە ئەمىلى ئىش ھەركىتى بىلەن ئىشلەپ تەلەپ ۋە نىشانغا يېتىشتە ئىشەنچ تۇيغۇسى بىلەن جاۋاپ قايتۇرسا؛  ئىچەرمەن چىكەرمەن ئاتا – ئانىلار تېتىقسىز چاي، ئولتۇرۇشلاردىن ئۆزىنى يىغىپ، بوش ۋاقىتلىرىنى پەرزەنلىرىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ساغلام، دۇرۇس، دۇنيا قارىشى ئېنىق، قىممەت قارىشى مۇۋاپىق، مۇستەقىل ياشاش روھىغا باي ئەۋلاتلاردىن بولۇپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا كۈچىنىڭ بارىچە ئەجىر قىلسا؛ نۇقۇل مەكتەپكە يۈلىنىۋالمىسا؛ مەكتەپمۇ تۇرلۈك تەدبىر – تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، ئۇلارغا بولغان تەلىم – تەربىيە باشقۇرۇشنى كۈچىيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مەجبۇريەتلىرىنى تۇلۇق ئادا قىلسا؛ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارمۇ بالىلارنى تەربىيەلەشنى ۋەزىپەم دەپ قارىماي، ھەقىقى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچۇم دەپ تۇنۇسا؛ جەمىيەتمۇ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارمۇ  بىر ياققىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ بىرلىكتە جەمىيەتتىكى چىركىن، ئەخلەت – چاۋار، مەينەتچىلىكنى كۆرگەن يەردە  قاتتىق زەربە بېرىپ، باش كۆتۈرگىلى قويمىسا؛ بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى چىرىتىدىغان، شەھۋانىي مەزمۇندىكى بۇيۇملارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن زەربە بېرىپ، تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتسا، ئەخلاقسىزلىق، يوقۇلۇپ، جىنايەت ئازايغان بولاتتى.
    ئەگەردە ئەخلاقسىزلىق ۋە جىنايەتلەر مۇشۇ ھالەتتە يامىراپ كېتىۋەرسە كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئۇلار بىزنى نىمە دەپ قاغار؟ بىزدىن قانداق نەپرەتلىنەر؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن: ئۆزىمىزنى تۇنۇش ۋە تۈزەش، ئاندىن ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش بىلەن پەرزەنلىرىمىزنى تەربىيەلشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئائىلىدە بار بولغان ئەنئەنىۋى ھۈنەر كەسىپلەردىن بازارغا ماس كەلگەندىن تارتىپ دەۋىر تەرەقىياتىدا يوقۇلۇش، ئۇنتۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھۈنەر كەسىپ بولغان تەقدىردىمۇ، ھەممىسىنى باللىرىمىزغا تۇلۇق ئۆگۈتىپ بولۇپ، ئاندىن باشقا ھۈنەر كەسىپ ئۈگۈنىشكە بېرىش؛ پۇرسىتى كەلگەندە بۇ ھۈنەر كەسىپلەرنىڭ ئىقتىسدى ئۈنۈم يارىتىشىغا ئاساس سېلىپ، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ پۇل تاپالايدىغان؛ ئىشلىگەن ئىش ھەققىنى ئۆزىنى زىيان زەخمەتكە ئۇچراتماي ئالالايدىغان؛ تاپقان پۇلنى ئەھمىيەتلىك ھەم ئۆز ئورنىغا خەجلىيەلەيدىغان؛ مەبلەق سالالايدىغان؛ پۇلغا باغلىنىپ قالىدىغان، پۇلغا خىزمەت قىلىدىغان بولماستىن، پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان، زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇندىن ئىبارەت قۇدرەتلىك قورالدىن پايدىلنالايدىغان؛ زامانىۋى ئاڭغا ئىگە بىر ئەۋلات كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقساق، ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ تارىخنى، ئۆزى بىلگەن ئەجداتلىرىنىڭ ياخشى ئىش ئىزلىرىنى، ئۆزى ياشاپ ئۆتكەن مەھەللە يېزا قىشلاقلارنىڭ ئالاھىدىلىگىنى، تەبىئىي ۋە تارىخىي مەسىلىلەرنى سۆزلەپ، مەنىۋىيتىنى خۇراپاتلىقتىن ئەمەس بەلكى ئىلمىي، ئېنىق، چۈشىنىشلىك، ئىبرەتلىك چۈشەندۈرۈپ بەرسە؛ ھەم شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا. ئىككىنچىدىن: ھەر بىر ئائىلە ئۆز ئائىلىمىزگە مەسئول بولۇپ ئۆز قولۇمىزدا ئىجرا قىلالايدىغان ئىجابى بولغان ئائىلە ئەخلاقى، جەمەت يوسۇنى قاتارلىق ئىمتىيازلىرىمىزدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، ھەر كىم ئۆز ئائىلىسىنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى ئەخلاقلىق، قايدە – يوسۇنلۇق، ئىقتىدارلىق، راسچىل، قانۇن ۋە ئەخلاققا ئۇيغۇن  ئىقتىسادى ئىگىلىك تىكلىگەن ئائىلە قىلىپ تۈزەپ چىقساق؛ شۇنداقلا بالىلار خالىغان ۋاقتىدا ئۆز ئوي پىكىرلىرىنى ئاتا – ئانىسىغا دەپ سىردىشالايدىغان، پىكىرلىشەلەيدىغان، بالىلارنىڭ ئويلىغانلىرى گەرچە خاتا، كۈلكىلىك، گۆدەكلەرچە ئوي پىكىر بولغان تەقدىردىمۇ، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا توغرا تەرىپىنى چۈشەندۈرۈپ، ياكى بىلالمىغانلىرىنى ھەقىقەتەن بىلمەيمەن دەپ بىلمەيدىغانلىغىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئامال بار بىلىدىغان ئادەم بىلەن بالىسىنى ئۇچراشتۇرۇشى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىدە يوق بىلىمنى باشقىلاردىن سوراپ ئۈگۈنۈپ بىلىم توپلاش، باشقىلاردىن ئۈگۈنۈش، ئىدىيىسىنى يېتىلدۈرسەك؛ ھېچ بولمىغاندا ئائىلە ئەزالىرىنى باشقىلارغا ئىشەنچلىك تۇيغۇ بېرىدىغان قىلىپ تەربىيلىسەك؛ مانا مۇشۇنداق نۇرغۇنلىغان تۈزەلگەن ئائىلىلەردىن ئومومى كەيپىيات شەكىللەنسە؛ ھازىرقى مەنىۋى بۇلغۇنۇشلار يوقۇلۇپ، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىلىپ، خاتىرجەم كەيپىيات بارلىققا كەلگۈسى! ئۈچۈنچىدىن: جەمئىيەتتىمۇ مۇناسۋەتلىك ئەمىر پەرمانلار تېخىمۇ ئەمىلى ئىجرا قىلىنىپ، خەلىققە مەسئۇللۇق بۇرچى ئادا بولۇنسا بىزمۇ ياۋرۇپالىق، ياپۇنىيىلىك، ئامېرىكىلىقتىن ئېشىپ كېتەلمىسەكمۇ تەڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا باسىمىز، ھەم چوقۇم باسالايمىز.
    بىزدە ئائىلە، مەكتەپ، جەمىيەتنى بىر گەۋدە قىلغان ئەخلاق تەربىيىسى چىڭ تۇتۇلىدىكەن ئەخلاقسىزلىق يوقۇلۇپ جىنايى ھەركەتلەر ئازلايدۇ. جەمىيىتىمىز گۈزەللىككە تولۇدۇ!
_ئەخلاق ئادەم زىننىتى  !
ئەخلاق ئىنسان روھىيىتىدىكى ئەڭگۈشتەر  !
ئەخلاق ئادەمگە باھا بەرگۈچى ئادىل تارازا  !
ئەخلاق پۈتكۈل جەمئىيىتىنمىزگە مەنسۇپ  !                                          


تۇرپان شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىدىن: ئەخمەت غوجى

كىمنىڭ ھاياتىدا ئىلىم بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا،دىمەك ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
731
تۆھپە
424
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 20:31:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



      ياپون ئاياللىرى ھەققىدە سۆز بولسا ھەممە گۇناھنى ئاياللارغا قويغۇم كېلىدۇ.

لېكىن بىز ئەرلەرچۇ؟ بىز ئەرلەرنىڭ رولى زادى نېمە؟ بىز ئاياللارنى قانچىلىق ھاتىرجەم

قىلالىدۇق؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1302
تۆھپە
942
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 21:34:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيدۇ،ئەرلەر بىزنى قانچىلىك خاتىرجەم قىلالىدى.


Rank: 2

تىللا
61
تۆھپە
13
UID
3207
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 22:29:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالا شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ،مۇنداقچى قىلىپ ئېيىتقاندا ئاپتۇر جەمىيىتىمىزنى خېلى ئوبدان ئوپىراتسىيە قىپتۇ.بىزدە ماۋجۇت بۇلۇۋاتقان ئىللەتلەرنى جايىدا تېپىپ چىقىپ ئۇنى خېلى ئوبدان قامچىلاپتۇ.بۇ ئىللەتلەر بىر-ئىككى ئادەمنىڭ ماقالا يېزىپ ئەخلاقسىزلىقنى قامچىلاش بىلەن تۈزەلمەسلىگى مۇمكىن.بىراق،مېنىڭ تەكلىۋىم ئەڭ ئالدى بىلەن ئىشنى ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلىساق،ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى كۆرگەندە ئۇنى تۈزەشكە تىرىشساق،ئالۋەتتە بۇ جەرياندا بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن.قىيىنچىلىقتىن قورىقساق ھىچقانداق ئىش قىلالمايمىز.يېقىندا مۇشۇ توردا «ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش تەشۋىقات خىزمىتىدە مەسچىتلەرنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ» دىگەن ماقالىدا ئېيتىلغاندەك ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى تۈزەشتىمۇ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ كۈچىدىن ،جامائەت پىكرىدىن تۇلۇق پايدىلانساق بۇلۇدۇ.ساقچى تارماقلىرى ھېلىقانداق  يەرلەنى نوختىلىق نازارەت قىلىپ،قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بۇيىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلسا،يىگىتلەر ۋىجدانلىق ،ئىمانلىق،مەسئۇلىيەتچان، بولسا،قىزلار مۇ مىللەتنىڭ ئانىسىغا خاس بولغان ئەخلاق -لاتاپىتىنى يۇقاتمىسا،باللىرىمىزغا ئەخلاق ۋە ئادەم بۇلۇشنىڭ توغرا يوللىرى ھەققىدە تەربىيە بېرىلسە،چۈنكى بالىنىڭ ئانا بىلەن بىللە تۇرۇش ئۇزۇن بولغاچقا ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ كۆپنچىسى ئانىدىن كېلىدۇ.ھازىرچە مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
738
تۆھپە
273
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 22:55:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەزكۇر ماقالە  تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان يازمىلار ئىچىدە مەن ئۇچراتقان  خېلى سەۋىيەلىك ماقالە بوپتۇ. لېكىن مەزمۇنى چۇۋالچاق بوپ قاپتۇ.  نەزىرىيە كۆپ، ئادەمنى ھارغۇزۇپ قويىدىكەن.
ماقالىدا ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر سۆزلىنىپتۇ.بىزدىكى تۈرلۈك ئىللەتلەر نەزىريىۋى نۇقتىدىن  كۆرسىتىلىپتۇ.
ماقالە ئاپتۇرىنىڭ نەزىريىۋى تەپەككۇرى خېلى يۇقۇرىكەن .


ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 09:57:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ رىيال تۇرمۇشىمىزدىكى ئەمىلى ئىشلار سۇزلىنىپتۇ تېما ئىگىسىگە رەھمەت.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 11:14:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىلىپتۇ،رەخمەت.


سەكرا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 07:17, Processed in 0.105348 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991