كۆرۈش: 53431|ئىنكاس: 33

«بالىڭىزغا ئىسىم تاللىۋېلىڭ» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2149
تۆھپە
742
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 21:30:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇل ئىسىملىرى

ئادەم : بۇغداي ئۆڭلۈك، ئادەم ئاتا، ئادەم ئىبرانىيچە قىزىل، ئىنسان، ئىنسانىيەت دېگەن بولىدۇ.

ئىبراھىم : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى ئاممىنىڭ ئاتىسى دېگەن بولىدۇ.

ئەجۋەد : سېخى، ئېسىل، ئۇلۇغ.

ئېھسان : ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىق، ياخشى ئىش قىلىش.

ئەھمەد : مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك، قەدىرلەشكە لايىق.

ئىدرىس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.

ئەدھەم : قارا، ئىشكەل.

ئەدىب : يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئەدەپ- ئەخلاقلىق.

ئىرشاد : يېتەكلىمەك، توغرا يولغا باشلىماق.

ئۇسامە : يولۋاس.

ئىسھاق : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، كۈلىدۇ دېگەن بولىدۇ.

ئەسەد : قەھرىمان.

ئىسلام : بويسۇنماق، ئىتائەت قىلماق، باش ئەگمەك.

ئىسمائىل : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، ئاللەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ دېگەن بولىدۇ.

ئىقبال : كەلمەك، باشلىماق، يېقىنلاشماق، بەخت، راۋاج تاپماق.

ئەكرەم : مەرد، سېخى.

ئىلياس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.

ئىمام : مۇسۇلمانلارنىڭ رەئىسى (خەلىپە)، نامازنى باشلاپ ئوقۇيدىغان كىشى، چوڭ يول.

ئەمىر : شاھزادە، پادىشاھ، قوماندان، باشلىق، رەئىس.

ئەمىن : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر، تىنچ، راستچىل، سەمىمىي، دوست، ساقلىغۇچى.

ئەنەس : مۇلايىم بولماق، ئىناق ئۆتمەك، ئۈنسى- ئۈلپەت ئالماق، بىر ساھابەنىڭ ئىسمى.

ئەنۋەر : ناھايىتى نۇرلۇق، بەك چۈشىنىشلىك، چىرايلىق.

ئەييۇب : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، تەۋبە قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ؛ بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى

باسىت : مۇلايم.

باكىر : ئەتىگەن، دەسلەپكىسى، بالدۇر كەلگەن.

بىلال : نەملىك، سۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئىسمى.

سابىت : مۇستەھكەم،مۇقىم، قەھرىمان.

ھافىز : ساقلىغۇچى، قۇرئان كەرىمىنى يادلىغان كىشى.

ھامىد : ھەمد ئېيتقۇچى، ئاللەنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلغۇچى.

ھەسەن : چىرايلىق ۋە ئەخلاقلىق.

ھۇسەين : ھەسەننىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى.

ھەمزە : يولۋاس.

ھەيدەر : يولۋاس.

خالىد : باقىي، مەڭگۈ.

خېلىل : دوست، نەسىھەت قىلغۇچى، سادىق، سەمىمىي، ئورۇق(ئاۋاق)، پېقىر.

داۋۇد : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى قەدىردان (سۆيۈملۈك) دېگەن بولىدۇ.

زاكىر : ئاللەغا زىكىر- تەسبىيھ ئېيتقۇچى، ئېسىدە تۇتقۇچى، زېرەك.

زۇلفىقار : ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلىچىنىڭ نامى.

رەجەب : ھىجرىيىنىڭ 7- ئېيى.

رۇستەم : پارسچە جەسۇر، باتۇر، قەھرىمان دېگەن بولىدۇ.

رەشاد : توغرا، توغرا بولماق، ھىدايەت تاپماق، بىر خىل ئۆسۈملۈك.

زاھىر : نۇرلۇق، يۈزى يورۇق، رەڭگى چىرايلىق.

سالىم : قۇتۇلغۇچى، بېجىرىم.

سەئىد : تەلەيلىك، خۇشال.

سەلام : تەبرىك، تىنچلىق، ئامانلىق.

سۇلتان : پادىشاھ، قابىلىيەت، ھۆكۈمرانلىق قىلماق، ھۆججەت.

سۇلەيمان : قۇتۇلغۇچى، ساغلام.

سەييىد : باشلىق، داھىي، خوجايىن.

سىراج : پانۇس، كۈن، چىراغ.

شاكىر : شۈكۈر قىلغۇچى، تەشەككۈر بىلدۈرگۈچى، رەھمەت ئېيتقۇچى.

شەرەف : ئالىيجاناب بولماق، ئېسىل بولماق، شان- شەرەپ، پەخىر، ئېگىز جاي.

شەرىف : ئېسىل، ئالىيجاناب، مۇنەۋۋەر، ئاقسۆڭەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى.

شەبان : ھىجرىيىنىڭ 8- ئېيى.

شەۋكەت : كۈچ- قۇۋۋەت، شەۋكەت، جۈرئەت.

سابىر : چىداملىق، ئىرادىلىك.

سادىر : سۇدىن قايتقۇچى، نەتىجە.

سادىق : ئىخلاسمەن، راستچىل.

سالىھ : ياخشى، مۇۋاپىق، ئوبدان، لايىق، تۈز.

تارىق : كېچىسى كەلگەن مېھمان، چولپان يۇلتۇزى.

تالىپ : ئىزدەنگۈچى، تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى.

تاھا : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى.

تاھىر : پاك، پاكىز. تازا (كىر ئەمەس).

تەلئەت : مەنزىرە، سىرتقى كۆرۈنۈش، سىرتقى قىياپەت.

ئابىد : ئىبادەت قىلغۇچى، چوقۇنغۇچى، داۋاملىق ئىبادەت قىلغۇچى.

ئادىل : ئادىل، ھەققانىي، توغرا، ئىنساپلىق.

ئارىف : ئالىم، تونۇغۇچى، چىداملىق، مەرىپەتلىك، تونۇپ يەتكۈچى.

ئاسىم : ساقلىغۇچى، قوغدىغۇچى، توسقۇچى.

ئاكىف : ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگۈچى، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگۈچى، بىر يەردە تۇرغۇچى.

ئابباس : قوشۇمىسىنى كۆپ تۈرگۈچى، چىرايىنى بەك پۈرۈشتۈرگۈچى، قەھرىمان.

ئوسمان : ياۋا غاز، ئەجدىھا.

ئەرەفات : زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9- كۈنى ھاجىلارنىڭ تۇرۇشى پەرز بولغان جاينىڭ ئىسمى.

ئىرفان : ياخشىلىق، ئىلىم، بىلىم، مەرىپەت،

ئەززام : ئىرادىلىك، قەھرىمان.

ئىززەت : غۇرۇر، كۈچ- قۇۋۋەت، غەلىبە، شان- شەرەپ.

ئىسمەت : گۇناھسىزلىق، مۇكەممەل بولۇش، قانائەتلىنىش، خاتالىقتىن يىراق تۇرۇش.

ئەلىي : ئۈستۈن، ئالىي، يۇقىرى، ئۇلۇغ.

ئاممار : كۆپ ئىمارەت سالغۇچى، ئىمانى كۈچلۈك، ئېغىر- بېسىق، سالماق، ھاياتى بويىچە ئىش باشقۇرغۇچى

غازىي: غازات قىلغۇچى، جەڭ قىلغۇچى.

غالىب : غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك، زەپەرگە ئېرىشكۈچى.

فاتىھ : پەتىھ قىلغۇچى، ئاچقۇچى، باشلىغۇچى، جەڭدە غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك.

فارۇق : ھەق ناھەقنى ئايرىغۇچى، ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ لەقىمى.

فەرھات : خۇشال، شادلانغۇچى، سۆيۈنگۈچى.

فەيسەل : ئۆتكۈر قىلىچ، توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى، قازى، گۇۋاھچى.

قاسىم : تەقسىم قىلغۇچى.

كەرەم : سېخىيلىق، مەردلىك، مەرەھمەت، خەير- ئېھسان.

كەرىم : سېخى، مەرد، شەپقەتلىك، مېھماندوست، ھۆرمەتلىك، ئېسىل، پەزىلەتلىك.

كەمال : مۇكەممەل بولماق، تولۇق بولماق، كۆڭۈلدىكىدەك بولماق، كامالەت.

مۇھەممەد : مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان، نۇرغۇنلىغان يۈكسەك خىسلەتلەرگە ئىگە زات.

مەھمۇد : مەدھىيىلەنگۈچى.

مۇختار : تاللانغان.

مۇراد : مەقسەت، مۇددىئا، ئارزۇ.

مەسئۇد : بەختلىك، بەرىكەتلىك، تەلەيلىك، خۇشال.

مەسۇم : خاتالىق ۋە رەزىللىكتىن يىراق، ساقلانغۇچى.

مەنسۇر : غالىب، يەڭگۈچى، غەلىبە قىلغۇچى.

مۇمىن : ئىمانلىق، ئىشەنگۈچى، ئاللەغا ئېتىقاد قىلغۇچى.

ناسىر : ياردەم بەرگۈچى.

نايىف : ئېگىز.

نەزىر : ئوخشىغۇچى.

نىمەت : نازۇنېمەت، مەرھەمەت، ئىلتىپات.

نىيازىي : پارسچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى مەشۇق، مەھبۇب دېگەن بولىدۇ.

ھاشىم : شورپىغا نان چىلىغۇچى، بۇزغۇنچى، تارمار قىلغۇچى.

ياسىر : ئاسان، يۇمشاق، مۇلايىم، قاسساپ.

ياسىين : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىلىرىدىن بىرى.

يەقۇب : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.

يۈسۈف : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.

يۇنۇس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.

يەھيا : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.

جامال : گۈزەللىك.



قىز ئىسمىلىرى



ئەبرار : ساداقەتمەن، كۆيۈمچان،

ئەمان : ئامانلىق، تىنچلىق، بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك، ئاراملىق، قوغدىماق، ئەھدە، كاپالەت، قەرز.

ئامىنە : خاتىرجەم، كۆڭلى توق، ساغلام.

ئەمىينە : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر.

ئەنۋار : نۇرلار، يورۇقلۇقلار.

ئەنىيسە : كۆيۈمچان، خۇشخۇي، ئۈلپەت.

ئىمان : ئېتىقاد، تەستىق، ئىشەنچ.

بۇشرا : خۇش خەۋەر، گۈزەللىك، چىرايلىقلىق، ھۆسن- جامال.

بىلقىيس : سەبە’ دېيىلىدىغان بىر قەدىمى مەملىكەتنىڭ ئايال پادىشاھى بولۇپ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشىغان، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا تەسلىم بولغان ۋە ئىمان ئېيتقان.

گۈلنار : ئانار گۈلى.

جەمىيلە : چىرايلىق، ئۇز، گۈزەل، كېلىشكەن.

ھەبىيبە : سۆيۈملۈك.

ھەفىيزە : مۇھاپىزەت قىلىنغۇچى، ساقلانغۇچى.

ھەلىيمە : ئېغىر- بېسىق ۋە ئەقىللىك ئايال.

ھەمىيدە : شۈكۈر ئېيتقۇچى ئايال، ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئايال.

ھەنىيفە : ياخشىلىق تەرەپكە بۇرالغۇچى ئايال، مۇسۇلمان ئايال، توغرىنى چىڭ تۇتقۇچى ئايال.

ھەۋۋا : ھەۋۋا ئانا، ئىنسانلارنىڭ ئانىسى، يېشىلغا مايىل قارا ياكى قارىغا مايىل قىزىل.

ھۇرىيە : پەرى، ھۆر، رەڭگى ئاقپىشماق پەۋقۇلئاددە كېلىشكەن ئايال.

خالىدە : مەڭگۈ، دائىم.

خالىسە : ساپ، پاكىز، خالىس، بەك ئاق.

خەدىيجە : ۋاقتىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان قىز بالا.

زاكىرە : ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، خاتىرە، ئاڭ.

زاكىيە : پۇرىقى ئەتراپقا يېيىلىپ تۇرغۇچى.

زەكىيە : ھوشيار ئايال، چېچەن ئايال، زېرەك ئايال.

رەشىيدە : ھىدايەت تاپقۇچى ئايال، ئاڭلىق ئايال، ئەقىللىق ئايال.

رەنا : بەك گۈزەل بولغانلىقتىن كۆرگەن كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۇزۇنغىچە قاراپ قالىدىغان نەرسە.

زاكىيە : ياخشى ئۆسكۈچى.

زاھىدە : ئاخىرەتنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن دۇنياغا بېرىلمىگەن ئايال.

زاھىرە : گۈزەل ئايال، چىرايلىق ئايال، يۈزى يورۇق ئايال.

زۆھرە : چولپان يۇلتۇزى، ۋېنېرا، ئاپئاق، سۈزۈك رەڭ.

زەكىيە : پاك، گۇناھسىز، پەزىلەتلىك، ساپ، ئۆسكۈچى.

زەھرا : رەڭگى سۈزۈك ۋە نۇرلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ لەقىمى.

زەينەب : كۆرۈنۈشى چىرايلىق خۇش پۇراق بىر دەرەخ، رىۋايەتلەردە كاككۇكنىڭ مەشۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئەپسانىۋى قۇشنىڭ نامى.

زىينەت : گۈزەللىك ۋە ھۆسن بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم، بېزەك، ھۆسن.

ساجىدە : سەجدە قىلغۇچى ئايال، باش ئەگگۈچى ئايال.

سارا : ئەڭ ياخشى ، تاللانغان، سەرخىل.

سالىمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، بېجىرىم ئايال، ساغلام ئايال، ساق- سالامەت ئايال.

سەداد : توغرىلىق، راستچىللىق.

سېدە : بەختلىك، بەرىكەتلىك.

سەئىدە : بەختىيار ئايال، تەلەيلىك ئايال، سائادەتمەن ئايال.

سالامەت : بېجىرىم، ئەيىبسىز، ساق.

سالام : سالام بەرمەك، سالام، تىنچ- ئامانلىق سورىماق،

سەلما : ھېچ ئەيىبى يوق ئايال.

سەلىيمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، ئەيىبسىز ئايال.

سەمرا : بۇغداي ئۆڭلۈك ئايال.

سەمىيھە : مەرد ئايال، سېخى ئايال، قولى كەڭ ئايال.

سەمىيرە : كېچىدە مۇڭداشقۇچى ئايال، كېچىدە سۆھبەتلەسكۈچى ئايال.

سۇمەييە : ئىسلامنىڭ تۇنجى شەھىدى بولغان ساھابە ئايال(ئاللە تەئالا ئۇ ئايالدىن رازى بولسۇن).

سەييىدە : خانىم، خېنىم، خانزادە.

سىيما : ئالامەت، بەلگە، نىشان، ئەن، تامغا، تەقى- تۇرقى، سىرتقى كۆرۈنۈشى.

شادىيە : ناخشىچى ئايال.

شەرىيفە : شەرەپلىك ئايال، ئېسىل ئايال، ئالىيجاناب ئايال.

شەفىيقە : شەپقەتلىك ئايال.

شەمس : قۇياش، كۈن، بەك گۈزەل دېگەن مەنىدە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.

شەھىدە : ئاللە يولىدا شەھىد بولغان ئايال.

شېرىن : تاتلىق، لەززەتلىك، بەك چىرايلىق بەك گۈزەل دېگەن مەنىلەردە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.

سادىقە : راستچىل ئايال، ئىخلاسمەن ئايال.

سالىھە : ياخشى ئايال، توغرا يول ئۈستىدىكى ئايال.

سەبىيھە : گۈزەل ئايال، كېلىشكەن ئايال.

سەدىيقە : راستچىل ئايال سەمىمىي ئايال.

سەفىيە : ساپ،، پاك، سۈزۈك، روشەن، تاللانغان، سىرداش دوست، ھەقىقىي دوست.

تالىبە : ئېزدەنگۈچى ئايال، ئوقۇچى ئايال، تەلەپ قىلغۇچى ئايال.

تاھىرە : پاك ئايال، پاكىز ئايال.

تەييىبە : ھالال، پاكىز، ئوبدان، بەلەن.

زەرىيفە : ھوشيار ئايال، زېرەك ئايال، چېچەن ئايال.

ئائىشە : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئايالى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، كەيپىياتى ياخشى ئايال.

ئاتىكە : قىپقىزىل ۋە ئېسىل.

ئارىفە : ئىلىم- مەرىپەتلىك ئايال.

ئالىيە : ئېگىز، يۈكسەك، يۇقىرى، ئالىيجاناب.

ئىبادەت : تائەت، ناماز، قۇلچىلىق قىلماق، ئىبادەت قىلماق، دىنى ئەھكاملارنى ئورۇنلىماق.

ئەزىيزە : سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك، ئېسىل. كۈچلۈك.

ئەتىيە : سوۋغا- سالام، ھەدىيە.

ئەفىيفە : ئىپپەتلىك، پاك.

ئەلىيە : شەرەپلىك، ئېگىز، يۇقىرى، يۈكسەك.

ئىنايەت : كۆڭۈل بۆلمەك، غەمخورلۇق قىلماق، ساقلىماق، باشقۇرماق.

فائىزە : غەلىبە قىلغۇچى ئايال، مۇرادىغا يەتكۈچى ئايال.

فائىقە : ھۆسن- جامالى بەك كېلىشكەن.

فاتىمە : بالىسىنى (سۈتىدىن) ئايرىغان ئايال.

فىردەۋس : باغ، بوستان، گۈلباغ، جەننەت.

فەرىيدە : يالغۇز، مىسلىسىز، قىممەتلىك گۆھەر.

قەمەر : ئاي.

كۇلسۇم : ئىككى مەڭزى ۋە يۈزى گۆشلۈك ئايال.

كەۋسەر : تاتلىق سۇ، جەننەتتە بىر ئۆستەڭ.

لامىئە : نۇ چاچقۇچى، داڭلىق.

لەتىيفە : مۇلايىم، مەرھەمەتلىك، مەدەنىيەتلىك.

لەيلا : بەك قاراڭغۇ ۋە ئۇزۇن كېچە، مەستلىك، مەستلىكنىڭ باشلىنىشى، ھاراقنىڭ كەيپى.

مارىيە : ئاقپىشماق ئايال.

مەريەم : سۇرىيانىيچىدە ئېگىز دېگەن بولىدۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى.

مەلىيكە : مۈلۈكدار ئايال.

مۇنىيرە : نۇرلۇق، يۈزى يورۇق، گۈزەل، نۇر چېچىپ تۇرغۇچى.

نائىلە : ئېرىشكۈچى، سوۋغا- سالام.

ناجىيە : قۇتۇلغۇچى ئايال، تېز ماڭىدىغان تۆگە.

نادىرە : ھىكلەتلىك سۆز، لەتىپە، ئۆز زامانىدا تەڭدىشى يوق ئايال.

نادىيە : جەمئىيەت، يىغىن، كۇلۇب.

نارىمان : پارسچە ئانارغا ئوخشاش دېگەن بولىدۇ.

نەجات : قۇتۇلماق، خالاس تاپماق.

نەجىيبە : تېگى- تەكتى ئېسىل، پەزىلەتلىك، زېرەك، نەپىس، ئەقىللىق.

نەجىيە : سىر، سىرداش دوست.

نەرگىس : تەڭگىچە ئاق ياكى سېرىق گۈلى بولغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ گۈلىگە كۆزلەر ئوخشىتىلىدۇ.

نەزىيھە : ئىپپەتلىك، رەزىللىكلەردىن يىراق.

نەسرىن : ئەتىردەك پۇرايدىغان بىر خىل ئاق گۈل.

نەسىيمە : مەيىن شامال، ئىللىق ھاۋا.

نۇسرەت : غەلىبە، زەپەر، قۇتۇلۇش.

نەزىيرە : ئوخشىغۇچى.

نەئىيمە : تۇرمۇشى ياخشى ۋە كۆڭلى خاتىرجەم.

نۇر جاھان : جاھاننىڭ نۇرى.

ھاجەر : ئىبراھىم ئەلەھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى.

ھادىيە : يېتەكچى ئايال، توغرا يولغا باشلايدىغان ئايال.

ياسەمىن : خۇش پۇراقلىق بىر خىل ئۆسۈملۈك.

مەنبەسى كۆزنەك بىلوگىدىن ئېلىندى

ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1080
تۆھپە
781
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 16:54:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا اللە بىر پەرزەنىت  ئاتا قىلسا ئوغول بولسا ئۇنىڭ مۇبارەك ئىسمىنى  بىلال  قىز بوپ قالسا  ئۇنىڭ مۇبارەك ئىسمىنى ئەسما ياكى خەدىچە قويمەن اللە خالىسا .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
979
تۆھپە
428
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 17:02:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  مەنىسى بار بۇلدىغان ئىسىملاركەن بۇرۇنراق كۆرگەن بولسام تاللاپ قۇياركەنمەن.مەنمۇ قۇرئاندا بارئىسىمنى قۇيۇپتىمەن


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
170
تۆھپە
48
UID
4360
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 17:30:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى ئەرەبچە ئىسىملاركەن.
ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويسا ئەڭ ياخشى .


Rank: 2

تىللا
68
تۆھپە
23
UID
4748
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 18:44:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنت  دىگەنگە «ئىسىم » دەپلا  ئۇدۇل كەلگەن ئىسىمنى قويغۇلۇكمۇ؟!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1776
تۆھپە
975
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 12:18:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى تىما يوللاپسىز مېنىڭمۇ باللىرىمنىڭ ئىسمى قۇرئاندا باركەن


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
855
تۆھپە
585
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 13:02:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاممارنى تاللاپ قويدۇم.


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
711
تۆھپە
573
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 13:30:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرىمىزگە تاللىساقمۇ بۇلامدۇ يا؟


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
711
تۆھپە
573
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 13:31:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما ئۇ چاغدا ياشلار بىزنىڭ دىگىنىمىزگە كۆنمەي قالامۇ يا خۇددى بىزدەكلا


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1302
تۆھپە
942
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 22:23:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلپىرە ،گۇلنۇر،گۇلبانۇم ،دىگەن ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلسەك بۇلامۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 07:03, Processed in 0.082673 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991