كۆرۈش: 9299|ئىنكاس: 3

ئالمىنىڭ شىپالىق رولىنى تونۇشتۇرۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2692
تۆھپە
1475
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 00:03:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمىنىڭ شىپالىق رولىنى تونۇشتۇرۇش

بۇ ئازغان ئائىلىسىدىكى مېۋىلىك دەرەخ ئالمادەرىخى بولۇپ بۇنىڭ پىشقان مېۋىسى << ئالما >> نامىدا دورىغائىشلىتىلىدۇ.
تەبئىتى: تاتلىق پىشىدىغىنى ھۆل ئىسسىق، چۈچۈمەل ئالما قۇرۇق سوغۇق.
ئالىمىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، قەنت، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن A، B1، B2، PP، Cلار، لىمون كىسلاتاسى، تاننىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.
خۇسۇسىيتى: ئالما جىگەر، يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.
شىپالىق رولى: ئالما ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلىنسا، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلاردىكى قان تومۇر قېتىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان كۆز كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ. ئالمىنىڭ سۈيىنى نورمال ئىستېمال قىلىپ بېرىش يېڭى ئوپراتسىيە قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. بىر دانە ئالمىنى پارچىلاپ تۇز سۈيىگە يېرىم سائەت چىلاپ ئېلىپ نورمال ئىستېمال قىلىش چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ ھەمدە ئاشقازان، جىگەر، بۆرەك، تال، نېرۋا قاتارلىق ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ، نەپەسلىنىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئىشتىھانى ئېچىپ تاماق سىڭدۈرىدۇ.
ئالما چېچىكىدىن ياسالغان گۈلقەنت مېڭە، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ ۋە نېرۋا ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان خامۇشلۇقنى يوقىتىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: ئالمىنى كۆپ يېسە ئۇنتىغاق قىلىپ قويىدۇ. پەي ئاغرىقى پەيداقىلىدۇ. قورساقنى ئىسىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، گۈلقەنت، دارچىن
ئورۇنباسارى: بېھى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
979
تۆھپە
428
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 08:50:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ ھەممە مىۋە چىۋىلەرنىڭ سەي كۆكتاتلارنىڭ  ئۆز ئالدىغا پايدىلىق  رولى بۇلىدۇ


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
سانىيە
تىللا
132
تۆھپە
69
UID
15154
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 12:55:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالما  ماكانى   غۇلجىمىزغا  كىلىپ    ئالما  تەمىدىن  ھۇزۇرلانغاچ   ئويناپ  كىتىڭلار......


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:48, Processed in 0.070721 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991