لاپ ئۇرۇش
ئۇرۇشتىن قايتقان سەركەردىلەر پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ھەر كىم ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى ھەققىدە لاپ ئۇرۇشۇپتۇ ، بىر ماختانچاق سەركەردە :
- ئۇرۇش شۇنداق قاتتىق بولدىكى ، ئوق خۇددى يامغۇردەك يېغۋاتاتتى . مەن دۈشمەن بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ قېلىچ ئاستىدا قالدىم . كاللام ئۈزۈلۇپ بوينۇمنىڭ تېرىسىگە ئىلىنىپ قاپتۇ ...- دەپتۇ .
پاراڭدا ئەپەندىممۇ بار ئىكەن . ئەپەندىممۇ قاتاردىن قالغۇسى كەلمەي :
- راسىت ئېيتىسىز ، ئۇرۇشتا ئادەم قىزىپ كەتكەندىن كېيىن ھېچنىمىنى تۇيماس ، بىلمەس بولۇپ قالىدىكەن ، سىزنىڭ بېشىڭىز بوينىڭىزنىڭ تېرىسىگە ئىلىنىپ قاپتۇ ، مېنىڭ بېشىم يەلكەمدىن چۈشۈپ ئۈچ – تۆت قېتىم دومىلاپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي ئۇرۇشىۋەردىم ، - دەپتۇ .
كالاچنىڭ مىجەزى
ئەپەندىم بىر تويغا بارغاندا كالىچىنى يېشىپتۇ – دە ، قولتۇقىغا قىسىپ تۆرگە چىقىپتۇ ، مېھمانلاردىن بىرى :
- ئەپەندىم ، كالاچنى تالاغا قويسىڭىزمۇ بولاتتى ، - دەپتۇ .
- بۇرادەر ، كالىچىمنىڭ مىجەزى يامان ، كىم يۈر دېسە ، ئىگىسىنى تاشلاپ كېتىۋىرىدۇ ، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەپەندىم .
ئەمدى جىم ياتىمەن
ئەپەندىم كېچىسى قەبرىستانلىق يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسا ، ئالدىدىن بىر مۇنچە ئاتلىق كىشىلەر چىقىپ قاپتۇ ، ئەپەندىم بۇلارنى ئوغرىمىككىن دەپ ئويلاپ ، دەررۇ قەبىرستانلىقتىكى بىرئوچۇق گۆرگە يوشۇرنۇپتۇ . ئاتلىقلار ئەپەندىمنى كۆرۈپ قېلىپ ، گۆرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋاقىراپتۇ :
- كىمسەن ؟ بۇياققا چىق !
-ئۆلۈكمەن ، ئارامخۇدا ياتقىلى قويۇڭلار ، - دەپتۇ ئەپەندىم.
-ئۆلۈك بولساڭ ، تالادا نېمە قىلىپ يۈرۇيسەن ؟
- ساياھەت قىلىپ يۈرگەنىدىم ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم .
-ئۆلۈكمۇ ساياھەت قىلامدىكەن ؟
- كەچۈرگەيسىلەر، - دەپتۇ ئەپەندىم ، - ساياھەت قىلىپ خاتالىشىپتىمەن ، ئەمدى جىم ياتىمەن .
قوي يېمەيدىغان بۆرە
بىر قويچى ئەپەندىمدىن سوراپتۇ :
- ئەپەندىم ، ئۇزۇن يىلدىن بېرى قوي باقىمەن ، لېكىن دائىم قويلىرىمنى بۆرە يەپ كېتىدۇ ، بۆرىنىڭ دەستىدىن جاق تويدۇم ، دۇنيادا قوي يېمەيدىغان بۆرە بارمىدۇ ؟
- بار ، - دەپتۇ ئەپەندىم .
-قانداق بۆرە ؟ - دەپتۇ قويچى ئالدىراپ .
-ئۆلۈك بۆرە ، - دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئەپەندىم .
مەنبە:تارىم ئەسەرلەر سەھىپىسى