كۆرۈش: 10132|ئىنكاس: 26

بىرلىكتە ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۆگىنەيلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
247
تۆھپە
101
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 12:33:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىرلىكتە ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۆگىنەيلى!



    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى ئەزىز تورداشلار،بۈگۈن تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە كىرىپ تۇنجى كۆرگەن تېمام ئىملا ھەققىدىكى مۇنازىرە بوپتۇ.قىسمەن تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئىملا ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ كېلىپ،ئۆزلىرىنىڭ تېخى يېڭى ئىملا قائىدىسىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ياكى قائىدە ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.شۇڭلاشقا،مۇشۇ قاتارلىق تورداشلار ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى توغرا يېزىشنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن دوستلارنى،يېڭى ئىملا قائىدىسىدىكى مەزمۇنلاردىن خەۋەردار قىلىشنى لايىق كۆردۈم.خېلىدىن بۇيان مەنمۇ ئىملا ھەققىدىكى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم.ھەمدە مەسىلىنىڭ يالغۇز ئىملا خاتالىقىغا يول قويىۋاتقان كىشىلىرىمىزدە ئەمەس،بەلكى ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈپ قويۇپلا،ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرەلمىگەن ئورۇن ۋە شەخىسلەردە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.شۇڭىلاشقا،قانچىلىك ۋاقتىم كېتىشىدىن قەتئىينەزەر تەشۋىقات ئىشىنى بىر قىلىپ باقاي دېگەن مەقسەتتە،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان(2009-يىلى 9-ئايدا) ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى“گە كىرگۈزۈلگەن ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي  تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى“نى باسقۇچلارغا بۆلۈپ يوللاشنى لايىق تاپتىم(ھازىر بىر قىسىم تور بېكەتلەردە 1997-يىلى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىلىرى بار،تورداشلارنىڭ بۇ ئىككى قائىدىنى ئارلاشتۇرۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇ قېتىم يوللىغىنىم ئەڭ يېڭىسى). بۇ ئىككى قائىدە ئامال بار ھەممە قىسمى تولۇق يوللىنىدۇ،بىر قىسىم مەزمۇنلارنىڭ كەينىگە قېرىنداشلارنىڭ قائىدىلەرنى چۈشىنىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۋىلىشىغا قولايلىق بولسۇن ئۇچۇن،يەنە بىر قىسىم مەشىق سۇئاللىرىنىمۇ قېتىپ قويدۇم. قېنى،ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائدىلىرىنى ئۆگىنىشنى باشلايلى !قېنى ئۇنداق بولسا،يېڭى ئىملا قائىدىلىرىنى ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆگىنەيلى!
ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنى بىر-ئىككى ئاي بۇرۇن شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىغا يوللىغان ئىدىم.بۇ مۇنبەرگە كىرىدىغان تورداشلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىغاچقا،كۆرۈلىشىمۇ دېگەندەك يۇقىرى بولمىدى.ئەسلىدە بىر تېمىنى بىر قانچە مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىپ يۈرۈش ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس.لېكىن بۇ تېما ئۇيغۇر تىل-يىزىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا،ھەم نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجى بولغاچقا،تەڭرىتاغ مۇنبىرىدەك نوپۇزلۇق مۇنبەردە ئېلان قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.كۆپچىللىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسى قائىدىسى

ئىملا قائىدىسى - توغرا يېزىش قائىدىسى دېگەنلىك بولۇپ، مەلۇم بىر ئەدەبىي تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ توغرا يېزىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ۋە  ئۇلارنىڭ ئىملادا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سىستېمىسىدۇر.
ئىملا قائىدىسى - مەلۇم بىر يېزىقنى قوللىنىدىغان مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر قانداق بىر  مىللەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، ئاخبارات، نەشرىيات،ئۇچۇر ئىشلىرىدا شۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىي  تىلنىڭ توغرا قوللىنىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئۆز نۆۋىتىدە تىلنىڭ قېلىپلىشىپ ۋە تاكامۇللىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان موھىم قورالدۇر.
     ئىملا قائىدىسى تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزىلىدۇ. ئۇ يېزىق تىلى بىلەن جانلىق تىل ئوتتۇرىسىدا نازارەتچىلىك رولىنى ئويناپ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنى كىچىكلىتىدۇ. بىر مىللەت تىلىدا جامائەتچىلىك ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان ئىملا قائىدىسى بولمىغان ئەھۋالدا، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشتقان ئەدەبىي تىلنىڭ بولۇشىدىن ئېغىز ئېچىش مومكىن ئەمەس. بىر تىلدا ئىملا قائىدىسىنىڭ تۈزۈلۈشى شۇ تىلنىڭ دىيالېكت ۋە شېۋىلەرگە بولغان تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ۋە دىيالېكت شېۋىلەر بىلەن ئەدەبىي تىل ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى تەدىرىجىي ئازايتىشقا ئاساس بولىدۇ.

Ⅰھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلار

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا 32 تاۋۇش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 30ى فونېما ھېسابلىنىدۇ. «ژ» بىلەن «ف» تاۋۇشلىرى فونېما ھېسابلانمايدۇ. تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىبىگە كىرگەن سۆزلەر مۇشۇ 32 تاۋۇشنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بۇلاردىن:
     سوزۇق تاۋۇشلار سەككىز: ئا،  ئە،  ئې،  ئى،  ئو،  ئۇ،  ئۆ،  ئۈ
  سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى ۋە تىلىمىزدىكى رولىغا قاراپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ:
     تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار: ئە،  ئۆ،  ئۈ
     تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار: ئا،  ئو،  ئۇ
     ئارا سوزۇق تاۋۇشلار: ئې، ئى
     سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتىگە قاراپ، يەنە لەۋلەشكەن ۋە لەۋلەشمىگەن دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ:
     لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار: ئو،  ئۇ،  ئۆ،  ئۈ
     لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلار: ئا،  ئە،  ئې،  ئى
     ئۈزۈك تاۋۇشلار 24 بولۇپ، ئۇلار: ب،  پ،  ت،  ج،  چ،  خ،  د،  ر،  ز،  ژ،  س،  ش،  غ،  ف،  ق، ك، گ، ڭ، ل، م، ن، ھ، ۋ، ي
     ئۈزۈك تاۋۇشلار تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش-تىترىمەسلىكىگە قاراپ، جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ:
     جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار: ب،  ج،  د،  ر،  ز،  ژ،  غ،  گ،  ڭ،  ل،  م،  ن،  ھ ،  ي،  ۋ
     جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار: پ،  ت،  چ،  خ،  س،  ش،  ف،  ق،  ك

Ⅱسوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى
1.سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىملادا ئىپادىلىنىشى

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى يىلتىز ياكى ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئۇلارغا قوشۇلغان قوشۇمچىلاردىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىشىدۇر.
ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى ئاساسەن تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىققا قارىتىلغان.ئۇيغۇر تىلىغا خاس بولغان سۆزلەر بۇ قائىدىگە تامامەن بوي سۇنىدۇ.ئەمما چەت تىللاردىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر بۇ قائىدىگە ئانچە بوي سۇنۇپ كەتمەيدۇ.
         1)سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىقى
       تۇرغۇن سۆز (پېئىلدىن باشقا سۆزلەر) ۋە پېئىللارغا قوشۇمچە قوشۇلغاندا،ئۇلارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولىشىغا قاراپ قوشۇمچىلارنىڭ شۇنىڭغا ماس بولغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.
A.تۇرغۇن سۆزلەردە:
(1)تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلاردىن  تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە:
بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:
تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى،كۆپلۈك قوشۇمچىسى،تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى“ _ڭ،-ىڭ،-ۇڭ“ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭىز،ىڭىز،ۇڭىز“دىن كىيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا،سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆز ئارا ماسلىشىدۇ.مەسىلەن:
باغ_ باغدا،باغقا،باغلار،بېغىڭ،بېغىڭىز،بېغىڭلار،بېغىڭىزلار

قوي_ قويدا،قويغا،قويلار،قويۇڭ،قويۇڭلار،قويۇڭىز،قويۇڭىزلار

كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:
تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى،كۆپلۈك قوشۇمچىسى،تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى ”_ڭ،_ىڭ،_ۇڭ“ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى“ –ڭىز،_ىڭىز،_ۇڭىز“دىن كىيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا،ئالدىنقى بوغۇملىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،سۆز ئاخىردىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىدۇ.مەسىلەن:

دەزمال_ دەزمالدا،دەزمالغا،دەزماللار،دەزمىلىڭ،دەزمىلىڭلار،دەزمىلىڭىز،دەزمىلىڭىزلار

پەيتۇن_پەيتۇندا،پەيتۇنغا،پەيتۇنلار،پەيتۇنۇڭ،پەيتۇنۇڭلار پەيتۇنىڭىز،پەيتۇنىڭىزلار

(2)تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە:
بىر بوغۇملۇق سۆزلەردە:
تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى،كۆپلۈك قوشۇمچىسى،تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى“ _ڭ،-ىڭ،-ۇڭ“ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭىز،ىڭىز ”دىن كىيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا،ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆز ئارا ماسلىشىدۇ.
مەسىلەن:
بەت_ بەتتە،بەتكە،بەتلەر،بېتىڭ،بېتىڭلەر،بېتىڭىز،بېتىڭىزلەر

گۈل_ گۈلدە،گۈلگە،گۈللەر،گۈلۈڭ،گۈلۈڭلەر،گۈلۈڭىز،گۈلىڭىزلەر

يۈك_ يۈكتە،يۈككە،يۈكلەر،يۈكۈڭ،يۈكۈڭلەر،يۈكىڭىز،يۈكىڭىزلەر

سۈت_ سۈت،سۈتتە،سۈتكە،سۈتلەر،سۈتۈڭ،سۈتۈڭلەر،سۈتىڭىز،سۈتىڭىزلەر

كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:
تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى،كۆپلۈك قوشۇمچىسى،تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى ”_ڭ،_ىڭ،_ۇڭ“ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى“ –ڭىز،_ىڭىز ”دىن كىيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا،ئالدىنقى بوغۇملىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،سۆز ئاخىردىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىدۇ.مەسىلەن:

ئورەك_ ئورەكتە، ئورەككە، ئورەكلەر، ئورىكىڭ، ئورىكىڭلەر، ئورىكىڭىز، ئورىكىڭىزلەر

لۇغەت_ لۇغەتتە، لۇغەتكە، لۇغەتلەر، لۇغىتىڭ، لۇغىتىڭلەر، لۇغىتىڭىز، لۇغىتىڭىزلەر

پېچەت_ پېچەتتە، پېچەتكە، پېچەتلەر، پېچىتىڭ، پېچىتىڭلەر، پېچىتىڭىز، پېچىتىڭىزلەر

ئەتىرگۈل_ئەتىرگۈلدە،ئەتىرگۈلگە،ئەتىرگۈللەر،ئەتىرگۈلۈڭ،ئەتىرگۈلۈڭلەر، ئەتىرگۈلىڭىز، ئەتىرگۈلىڭىزلەر
مەشق
1.تۆۋەندىكى تۇرغۇن سۆزلەرگە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى بويىچە مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى قوشۇڭ.
(1)پۇل          (2)يۈز   (3)ئادەم  (4)مەيدان
2.تۆۋەندىكى جۈملىلەردىكى قوشۇمچىلار خاتا قوشۇلغان سۆزلەرنى تېپىڭلار.
(1) سىلەرنىڭ ئۆگىنىش يۈكۈڭلار بەك ئېغىر.
(2)بالىلار،پېچىتىڭلارنى بۇزماي ئولتۇرۇڭلە.
(3)ھوي،گۈلۈڭلار بەك چىرايلىق ئېچىلىپ كېتىپتىغۇ!
    B .پېئىللاردا:
(1)تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن پېئىللاردا:
تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى،خالاش رايى،ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى ۋە شەرت رايى قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،يىلتىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:

باق_ بېقىڭ،بېقىڭلار؛بېقىڭىز،بېقىڭىزلار؛باقتىڭ،باقتىڭلار؛باقتىڭىز ،باقتىڭىزلار؛باقسىلا؛باقاي،باققايلا؛باقساڭ،باقساڭلار؛باقسىڭىز، باقسىڭىزلار…

يات_يېتىڭ،يېتىڭلار،يېتىڭىز،يېتىڭىزلار؛ياتتىڭ،ياتتىڭلار؛ياتتىڭىز،ياتتىڭىزلار؛ياتسىلا؛ياتقايلا؛ ياتساڭ،ياتساڭلار؛ياتسىڭىز،ياتسىڭىزلار

ساقلا_ ساقلاڭ، ساقلاڭلار؛ ساقلىڭىز، ساقلىڭىزلار؛ ساقلىدىڭ، ساقلىدىڭلار؛ ساقلىدىڭىز, ساقلىدىڭىزلار؛ ساقلىسىلا؛ ساقلىغاي، ساقلىغايلا؛ ساقلىساڭ، ساقلىساڭلار؛ ساقلىسىڭىز، ساقلىسىڭىزلار….

ئوڭلا_ ئوڭلاڭ، ئوڭلاڭلار؛ ئوڭلىدىڭ، ئوڭلىدىڭلار؛ ئوڭلىدىڭىز، ئوڭلىدىڭىزلار؛ ئوڭلىسىلا، ئوڭلىغاي، ئوڭلىغايلا؛ ئوڭلىساڭ، ئوڭلىساڭلار، ئوڭلىسىڭىز، ئوڭلىسىڭىزلار…..

(2)تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق پېئىللار ۋە ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى،خالاش رايى،شەرت رايى،ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى بىرىنچى شەخس كۆپلۈك تۈرى(مەسىلەن:ئەت_ ئەتتۇق<ئەتتۈك ئەمەس>،كەل-كەلدۇق<كەلدۈك ئەمەس>،كۈزەت-كۈزەتتۇق<كۈزەتتۈك ئەمەس>…)بىلەن بۇيرۇق-تەلەپ رايى ئۈچىنچى شەخس  (مەسىلەن: ئەت-ئەتسۇن<ئەتسۈن ئەمەس>،كەل-كەلسۇن <كەلسۈن ئەمەس>، كۈزەت- كۈزەتسۇن<كۈزەتسۈن ئەمەس>…)تىن باشقىلىرىدا،سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىدۇ.مەسىلەن:

ئەت_ئېتىڭ،ئېتىڭلەر؛ئېتىڭىز،ئېتىڭىزلەر؛ئەتتىڭ،ئەتتىڭلەر؛ئەتتىڭىز،ئەتتىڭىزلەر؛ئەتتۇق؛ئەتسىلە؛ئەتكەيلە؛ئەتسۇن؛ئەتسەڭ،ئەتسەڭلەر،ئەتسىڭىزلەر…

كۈل_ كۈلۈڭ، كۈلۈڭلەر؛ كۈلىڭىز، كۈلىڭىزلەر؛ كۈلدۈڭ، كۈلدۈڭلەر؛ كۈلدىڭىز، كۈلدىڭىزلەر؛ كۈلدۇق؛ كۈلسىلە؛ كۈلگەيلە؛ كۈلسۇن، كۈلسەڭ، كۈلسەڭلەر؛ كۈلسىڭىز، كۈلسىڭىزلەر،….

ئىشلە_ئىشلەڭ،ئىشلەڭلەر،ئىشلىڭىز،ئىشلىڭىزلەر؛ئىشلىدىڭىز،ئىشلىدىڭلەر؛ ئىشلىدىڭىز،ئىشلىدىڭىزلەر؛ئىشلىدۇق؛ئىشلىسىلە؛ئىشلىگەي،ئىشلىگەيلە؛ئىشلىسۇن، ئىشلىسەڭ، ئىشلىسەڭلەر؛ئىشلىسىڭىز،ئىشلىسىڭىزلەر….

يۈكلە_ يۈكلەڭ، يۈكلەڭلەر؛ يۈكلىڭىز، يۈكلىڭىزلەر؛ يۈكلىدىڭ، يۈكلىدىڭلەر؛ يۈكلىدىڭىز، يۈكلىدىڭىزلەر؛ يۈكلىدۇق؛ يۈكلىسىلە؛ يۈكلىگەي، يۈكلىگەيلە؛ يۈكلىسۇن؛ يۈكلىسەڭ، يۈكلىسەڭلەر، يۈكلىسىڭىز، يۈكلىسىڭىزلەر….

ئەسكەرتىش:تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق پېئىللار ۋە ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى،خالاش رايى،شەرت رايى،ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،بۇيرۇق-تەلەپ رايى ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرىنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئۈچۈن ”-ڭلەر،-ىڭلەر،-ۈڭلەر“،سىپايە تۈرىنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئۈچۈن“-ڭىزلەر،-ىڭىزلەر“ ۋە خالاش رايى ھۆرمەت تۈرىنىڭ بىرلىك ۋە كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى  ئۈچۈن“-كەي/گەي+لە=كەيلە/گەيلە“قوللىنىلىپ،يىلتىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىدۇ.
مەشق
1.تۆۋەندىكى سۆزلەر ئىچىدىن قوشۇمچىلىرى توغرا ئۇلانغان سۆزلەرنى تېپىڭ.
(1) كەت
ئا:كېتىڭلار                      ب:كېتىڭلەر               س:كەتكەيلا
(2)ياق
ئا:ياقسىڭىزلار                  ب:ياقسىڭىزلەر         س:ياققايلە
(3)ئۈتلە
ئا:ئۈتلەڭلار                    ب:ئۈتلىگەيلا             س:ئۈتلەڭلەر

      2 )ئارا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى
ئارا سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا قوشۇمچىلار تۆۋەندىكى قائىدىلەر بويىچە ئۇلىنىدۇ:
(1)بۇ سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە“خ،غ،ق“تاۋۇشلىرى بولسا،ئۇلارنىڭ تەركىبدىكى ”ئې“ ، ”ئى“ تاۋۇشلىرى تىل ئارقىغا مايىل بولغانلىقتىن،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق شەكلى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

خىش_ خىشتا،خىشقا،خىشلار،خىشلىق…..

بىخ_ بىخقا،بىختا،بىخلار……

خىزىر_خىزىردا،خىزىرغا،خىزىرلىق……..

پىخسىق_پىخسىقتا،پىخسىققا،پىخسىقلىق….

خىل_ خىللا،خىلغا،خىلدا،خىللىق….

تىغ_ تىغدا،تىغقا،تىغلىق…..

قىغ_ قىغدا،قىغقا،قىغلار،قىغلىق…..

زىغىر_ زىغىردا،زىغىرغا،زىغىرلار،زىغىرلىق..

چىغرىق_ چىغرىقتا،چىغرىققا،چىغرىقلار،چىغرىقلىق….
.
غېرىچ_غېرىچلا،غېرىچقا،غېرىچتا،غېرىچلىق…
..
قىر_ قىردا،قىرغا،قىرلار،قىرلىق……..

قىش_ قىشتا،قىشقا،قىشلار،قىشلىق…….

قىلىچ_ قىلىچتا،قىلىچقا،قىلىچلار،قىلىچلىق…….

ئىسسىق_ ئىسسىقتا،ئىسسىققا،ئىسسىقلىق….

قىس_ قىستۇر،قىسقان،قىسسا،قىسسۇن،قىسىڭلار…..

قىل_ قىلدۇر،قىلغان،قىلسا،قىلسۇن،قىلىڭلار…..

(2)بۇ سۆزلەرنىڭ تەركىبدە ”ك،گ“تاۋۇشلىرى بولسا،ئۇلارنىڭ تەركىبدىكى ”ئې“ ، ”ئى“ تاۋۇشلىرى ئاساسەن تىل ئالدىغا مايىل بولغانلىقتىن،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

كىر_ كىرگە،كىرلەر،كىرلىك……

كىم_ كىمدە،كىملەر،كىمگە،كىملىك…..

كىيىم _ كىيىمدە،كىيىمگە،كىيىملەر،كىيىملىك

كىرپىك_كىرپىكتە،كىرپىككە،كىرپىكلەر،كىرپىكلىك…..

كىيى_ كىيدۈر،كىيگەن،كىيسە،كىيسۇن،كىيىڭلار….

كىچىكلە_ كىچىكلىگەن،كىچىكلىسە،كىچىكلىسۇن،كىچىكلەڭ….

ئېگىر_ ئېگىردە،ئېگىرگە،ئېگىرلەر،ئېگىرلىك…..

ئېگىز_ئېگىزگە،ئېگىزدە،ئېگىزلەر،ئېگىزلىك…..

ئېگىزلە_ ئېگىزلىگەن،ئېگىزلىسە،ئېگىزلەڭ،ئېگىزلەڭلەر…..

ئەسكەرتىش:تەركىبدە ”ك،گ“ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بولغان بىر قىسىم چەتتىن كىرگەن سۆزلەر يۇقىردىكى قائىدىلەرگە بويسۇنمايدۇ.ئۇلارغا قوشۇمچە قوشۇشقا توغرا كەلگەندە،تىل ئارقا ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلار قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

كېلۋىن_ كېلۋىنلىق،   كېدىر_ كېدىرلىق، گېپىس_گېپىسقا،گېپىستا، گېرتىس-گېرتىسلىق

(3) تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە“ك،گ“ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بولمىسىمۇ،بۇ سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،بۇلاردىكى ”ئې“،“ئى“ سوزۇق تاۋۇشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشقا مايىل بولغاچقا،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

   بىز_ بىزدە،بىزگە،بىزلەر…

سىز_ سىزگە،سىزدە،سىزلەر….

بىر –بىردە،بىرگە،بىرلەر…..

ھىم_ھىملىمەك

تېز_ تىزلەشمەك

بىل_ بىلدۈر،بىلگەن،بىلسە،بىلىڭلەر….

مىن_ مىندۈر،مىنگەن،مىنسە،مىنىڭلەر….

سىڭ_ سىڭدۈر،سىڭسە،سىڭگەن،

ئىچ_ئىچكۈز،ئىچكەن،ئىچسە،ئىچىڭلەر

ئىلىم_ ئىلىمدە،ئىلىمگە،ئىلىملەر،ئىلىملىك

بىلىم_ بىلىمدە،بىلىمگە،بىلىملەر،بىلىملىك…

جىددىي_ جىددىيلەشمەك،جىددىيلىك

نىسپىي_نىسپىيلەشتۈرۈش،نىسپىيلىك

ئىۋى_ ئىۋىدى، ئىۋىگەن، ئىۋىت، ئىۋىتكەن، ئىۋىتسە، ئىۋىتسۇن، ئىۋىتكىلى، ئىۋىتىڭلەر

يىمىر_ يىمىرگۈز،يىمىرگەن،يىمىرسە،يىمىرسۇن،يىمىرىڭلەر….

ئىنتىل_ ئىنتىلدۈر،ئىنتىلگەن،ئىنتىلسە،ئىنتىلسۇن،ئىنتىلىڭلەر…..

چىرى_ چىرىدى، چىرىگەن، چىرىسۇن، چىرىت، چىرىتكەن، چىرىتسە، چىرتسۇن،  چىرىتكىلى، چىرىتىڭلەر……

بىھى_ بىھىدە،بىھىگە،بىھىلەر،بىھىلىك…

سېھىر_ سېھىردە،سىھىرگە،سىھىرلىك

ئېڭىش_ ئېڭىشتۈر،ئېڭىشكەن،ئېڭىشسە،ئېڭىشسۇن،ئېڭىشىڭلەر……..

(4)سوزۇق تاۋۇش ”ئى“ بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق“چىش،ئىز،ئىش“سۆزلىرى ئەگەر ئىسىم ھالىتىدە گىرامماتىكىلىق تۈرلىنىشكە كىرسە،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتىنى تەلەپ قىلىدۇ.ئەگەر بۇ سۆزلەردىن پېئىل ياسىلىپ،پېئىل ھالىتىدە تۈرلەنسە،ئۇ ھالدا قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:
ئىسىم ھالىتىدە:

چىش_ چىشتا،چىشقا،چىشلار،چىشلىق….

پېئىل ھالىتىدە:

چىشلە_چىشلىگەن،چىشلىسە،چىشلىدۇق،چىشلەڭ،چىشلەڭلەر،چىشلىگەي،چىشلىگىلى..

ئىسىم ھالىتىدە:

ئىز:ئىزدا،ئىزغا،ئىزلار…….

پېئىل ھالىتىدە:

ئىزلە_ئىزلىگەن،ئىزلىسە،ئىزلىسۇن،ئىزلىدۇق،ئىزلەڭ،ئىزلەڭلەر،ئىزلىگەي،ئىزلىگىلى…
ئىسىم ھالىتىدە:

ئىش_ئىشتا،ئىشقا،ئىشلار…

پېئىل ھالىتىدە:

ئىشلە_ ئىشلىگەن، ئىشلىسە، ئىشلىسۇن، ئىشلىدۇق، ئىشلەڭ، ئىشلەڭلەر، ئىشلىگەي، ئىشلىگىلى…

(5)“ئى“بىلەن تۈزۈلگەن تۆۋەندىكى بىر بوغۇملۇق پېئىللار تۈرلەنگەندە ياكى ئۇلاردىن ئىسىم ياسالغاندا ئەھۋال باشقىچىرەك بولۇپ،بۇ پېئىللاردىن ياسالغان سۆزلەرنىڭ خاراكتىرىغا قاراپ،تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

   ئىل_ئىلمەك(ئىسىم)،ئىلماق(پېئىل)،ئىلغۇر،ئىلغان،ئىلسا….

تىز_ تىزىق(ئىسىم)،تىزىم،تىزىملىك(ئىسىم)،تىزماق(پېئىل)،تىزغان،تىزسا….

(6)ئاخىرقى بوغۇمىدا ئارا سوزۇق تاۋۇش ”ئې،ئى“بولغان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،مەزكۇر ئارا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدىكى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

ئانسامبىل_ئانسامبىلدا،ئانسامبىلغا،ئانسامبىللىق؛ئانسامبىلىڭ،ئانسامبىلىڭلار؛ ئانسامبىلىڭىز،ئانسامبىلىڭىزلار…..

سەلبىي_سەلبىيلەشمەك،سەلبىيلىك

تەقدىر_تەقدىردە،تەقدىرگە:تەقدىرلەر،تەقدىرىڭ،تەقدىرىڭلەر،تەقدىرىڭىز، تەقدىرىڭىزلەر…..

قەبىھ _ قەبىھلىك،قەبىھلەشمەك….

مۇئەللىم_مۇئەللىمدە،مۇئەللىمگە،مۇئەللىملەر،مۇئەللىملىك؛مۇئەللىمىڭ، مۇئەللىمىڭلەر، مۇئەللىمىڭىز،مۇئەللىمىڭىزلەر….

سۈلھى_ سۈلھىدە، سۈلھىگە، سۈلھىلەر، سۈلھىلىك: سۈلھىڭ، سۈلھىڭلەر، سۈلھىڭىز، سۈلھىڭىزلەر…

ئىسسى_ ئىسسىق، ئىسسىقلىق؛ ئىسسىڭ، ئىسسىڭلار؛ ئىسسىدىڭ، ئىسسىدىڭلار،  ئىسسىدىڭىز؛ ئىسسىدىڭىزلار؛ ئىسسىسۇن؛ ئىسسىدۇق، ئىسسىسىلا؛ ئىسسىغاي، ئىسسىغايلا؛ ئىسسىساڭ، ئىسسىساڭلار، ئىسسىسىڭىز، ئىسسىسىڭىزلار….

قىدىر_قىدىرىڭ،قىدىرىڭلار؛قىدىردىڭىز،قىدىردىڭىزلار؛قىدىردىڭ،قىدىردىڭلار؛ قىدىردىڭىز، قىدىردىڭىزلار؛ قىدىرسۇن؛ قىدىردۇق: قىدىرسىلا؛ قىدىرغاي، قىدىرغايلا؛ قىدىرساڭ، قىدىرساڭلار؛قىدىرسىڭىز،قىدىرسىڭىزلار…

سىلجىڭ_سىلجىڭ،سىلجىڭلار؛سىلجىڭىز،سىلجىڭىزلار؛سىلجىدىڭ،سىلجىدىڭلار؛ سىلجىدىڭىز، سىلجىدىڭىزلار؛ سىلجىسۇن؛ سىلجىدۇق؛ سىلجىسىلا؛ سىلجىغاي، سىلجىغايلا؛ سىلجىساڭ، سىلجىساڭلار؛ سىلجىسىڭىز، سىلجىسىڭىزلار…..

بېكى_بېكىڭ،بېكىڭلەر؛بېكىڭىز،بېكىڭىزلەر؛بېكىدىڭ،بېكىدىڭلەر؛بېكىدىڭىز، بېكىدىڭىزلەر؛ بېكىسۇن؛ بېكىدۇق؛ بېكىسىلە؛ بېكىگەي، بېكىگەيلە؛ بېكىسەڭ، بېكىسەڭلەر؛بېكىسىڭىز، بېكىسىڭىزلەر…..

ئىنتىل_ ئىنتىلمە؛ئىنتىلدىڭ،ئىنتىلىڭلەر،ئىنتىلىڭىز،ئىنتىلىڭىزلەر،ئىنتىلدىڭ، ئىنتىلدىڭلەر؛ئىنتىلدىڭىز،ئىنتىلدىڭىزلەر؛ئىنتىلسۇن؛ئىنتىلدۇق؛ئىنتىلسە؛ئىنتىلگەي، ئىنتىلگەيلە؛ ئىنتىلسەڭ، ئىنتىلسەڭلەر؛ ئىنتىلسىڭىز، ئىنتىلسىڭىزلەر…..

ئېڭىش_ ئېڭىشىڭ، ئېڭىشىڭلەر؛ ئىڭىشىڭىز، ئېڭىشىڭىزلەر؛ ئېڭىشىدىڭ، ئېڭىشىدىڭلەر؛ ئېڭىشىدىڭىز، ئېڭىشىدىڭىزلەر؛ ئېڭىشسۇن؛ ئېڭىشتۇق؛ ئېڭىشسىلە؛ ئېڭىشكەي؛ ئېڭىشكەيلە؛ ئېڭىشسەڭ، ئېڭىشسەڭلەر، ئېڭىشىڭىزلەر……..

(7)تەركىبىدە ئارا سوزۇق تاۋۇش بولغان تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدا“ق،غ“ تاۋۇشلىرى كەلسە، ”-لىق،-لىك“قوشۇمچىلىرىنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتى بولغان“لىق“ شەكلى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

ھەقىقىي+لىق=ھەقىقىيلىق،مۇستەقىل+لىق=مۇستەقىللىق

ئەقىل+لىق=ئەقىللىق، مەنتىق+لىق=مەنتىقلىق

تىغ+لىق=تىغلىق     
(8)تەركىبىدە ئارا سوزۇق تاۋۇش بولغان، ”غ،ق“بىلەن تۈزۈلگەن پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئىرغى_ ئىرغىغان، ئىرغىسا، ئىرغىسۇن، ئىرغىڭ، ئىرغىڭلار، ئىرغىڭىز، ئىرغىڭىزلار،ئىرغىغاي، ئىرغىغايلا،ئىرغىدىڭ،ئىرغىدىڭلار…..

سىرغى_ سىرغىغان، سىرغىسا، سىرغىسۇن، سىرغىڭ، سىرغىڭلار، سىرغىڭىز، سىرغىڭىزلار، سىرغىغاي، سىرغىغايلا،سىرغىدىڭ،سىرغىدىڭلار…..

يىقىل_ يىقىلغان، يىقىلسا، يىقىلسۇن، يىقىلدۇق، يىقىلىڭ، يىقىلىڭلار؛ يىقىلىڭىز،يىقىلىڭىزلار؛ يىقىلغاي،يىقىلغايلا،يىقىلدىڭ،يىقىلدىڭلار……

مىشقىر_ مىشقىرغان، مىشقىرسا، مىشقىرسۇن، مىشقىردۇق، مىشقىرىڭلار، مىشقىرىڭىز،  مىشقىرىڭىزلار، مىشقىرغاي، مىشقىرغايلا، مىشقىردىڭ، مىشقىردىڭلار……

(9)باش بوغۇمدىكى“ئا“ ياكى“ئە“تاۋۇشلىرى تىل تەرەققىياتى جەريانىدا فونتېكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ،“ئې“غا نۆۋەتلىشىش نەتىجىسىدە،تارىخىي جەھەتتىن تۇراقلىشىپ كەتكەن سۆزلەرنىڭ ئەسلىي ھالىتى ئاساس قىلىنىپ(ئەسلىي سۆزنىڭ باش بوغۇمى ”ئا“ ياكى ”ئە“بولغانلىقىغا قاراپ)تۇرۇپ،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ياكى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

سېسىق(سارسىق)_ سېسىقتا،سېسىققا،سېسىقلىق…

يېقىن (ياقىن)_ يېقىندا،يېقىنغا،يېقىنلىق…

قېلىن(قالىن)_ قېلىنغا،قېلندا،قېلىنلىق

ئېغىر(ئاغىر)_ ئېغىرلىق،ئېغىردا،ئېغىرغا

بېلىق(بالىق)_ بېلىقتا،بېلىققا،بېلىقلار….

قېنىق(قانىق)قېنىقلىق….

ئېنىق(ئانىق)-ئېنىقلىق

سېرىق(سارىغ)_سېرىقتا،سېرىققا،سېرىقلىق…

ئېتىز(ئاتىز)_ئېتىزدا،ئېتىزغا،ئېتىزلار….

سېغىز(ساغىز) سېغىزدا،سېغىزغا،سېغىزلار….

ھېكىم(ھەكىم) _ ھېكىمدە،ھېكىمگە،ھېكىملەر،ھېكىملىك..

كېپىش(كەپىش)_كېپىشتە،كېپىشكە،كېپىشلەر،كېپىشلىك….

شېھىت(شەھىت)_شىھىتلەر،شىھىتكە،شىھىتلىك…

يېمىش(يەمىش)_يېمىشتە،يېمىشكە،يېمىشلەر،يېمىشلىك…..

ئەمما،“پېقىر،تېۋىپ،دېڭىز،سېمىز،مېيىپ،ئېجىل،يېلىم“قاتارلىق سۆزلەرنىڭ باش بوغۇمىدىكى ”ئە“تاۋۇشى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ”ئې“غا ئايلانغان بولسىمۇ،ھازىرقى ئىستىمالىمىزدا بۇ سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

پېقىر_پېقىردا،پېقىرغا،پېقىرلىق

تېۋىپ_تېۋىپتا،تېۋىپقا،تېۋىپلار،تېۋىپلىق…
.
دېڭىز_ دېڭىزدا،دېڭىزغا،دېڭىزلار…

خېمىر_خېمىردا،خېمىرغا،خېمىرلار،خېمىرلىق….

زېمىن_زېمىندا،زېمىنغا،زېمىنلار،زېمىنلىق….

سېمىز_سېمىزغا،سېمىزدا،سېمىزلار،سېمىزلىق……

يېلىم_يېلىمدا،يېلىمغا،يېلىملار،يېلىملىق….

ئەسكەرتىش:يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتىگە زىت ئەھۋاللار كۆرۈلسە،ئادەتلەنگىنىمىز بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز.
(10) تەركىبىدە ”ئا“ ياكى“ئە“ بولغان بىر بوغۇملۇق پېئىللاردىن ياسالغان تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندا،ئەسلىي پېئىل ھالىتىنى ئاساس قىلىپ قوشۇلىدۇ.يەنى،تۈپ پېئىل تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن بولسا،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتى،تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش“ئە“بىلەن تۈزۈلگەن بولسا،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

ئېقىن(ئاق)_ئېقىندا،ئېقىنغا،ئېقىنلار،ئېقىنلىق…..

يېغىن(ياغ)_ يېغىندا،يېغىنغا،يېغىنلار،يېغىنلىق….

بېسىم(باس)_ بېسىمدا،بېسىمغا،بېسىملار،بېسىملىق……

كېسىم(كەس)_ كېسىمدە،كېسىمگە،كېسىملەر،كېسىملىك…..

تېپىن(تەپ)_تېپىندە،تېپىنگە…

كېچىك(كەچ)_ كېچىكتە،كېچىككە،كېچىكلەر،كېچىكلىك…

كېلىن(كەل)_كېلىندە،كېلىنگە،كېلىنلەر،كېلىنلىك….
مەشق
1.تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئىچىدىن قوشۇمچىلىرى توغرا ئۇلانمىغان سۆزلەرنى تېپىڭلار.
(1)تاپشۇرۇقنى ھازىرلا ئىشلەڭلار.
(2)قېنى،چاي ئىچىڭلار.
(3)مۇئەللىمىڭلار قەيەرگە كەتتى؟
(4)دائىم يۇقىرغا ئىنتىلسەڭلار ياخشى ئەمەسمۇ؟
(5)ئېسىڭلاردا بولسۇن،تەقدىرىڭلار مېنىڭ قولۇمدا.
2.تۆۋەندىكىلەر ئىچىدىن ئىملاسى خاتا سۆزلەرنى تېپىپ چىقىڭلار.
(1)سېمىز
ئا:سېمىزدە              ب:سېمىزدا                   س:سېمىزغا
(2)دېڭىز
ئا:دېڭىزلار              ب:دېڭىزغا              س:دېڭىزلەر
(3)شېھىت
ئا:شېھىتلەر                ب:شېھىتلار               س:شېھىتلىك
(4)يېمىش
ئا:يېمىشقا                       ب:يېمىشكە         س:يېمىشلىك
(5)ئىزلە
ئا:ئىزلەڭ                       ب:ئىزلىگەيلە        س:ئىزلىگەيلا

     3 ) ”-چە“ بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
”-چە“ بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ گىرامماتىكىلىق تۈرلىنىشكە كىرىدىغانلىرىنىڭ ئىملاسى تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە يېزىلىدۇ:
(1)“-چە“ بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە كېلىش،كۆپلۈك ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،“-چە“نىڭ ئالدىدىكى بوغۇم ئاساس قىلىنىدۇ.يەنى، ”-چە“نىڭ ئالدىدىكى بوغۇمدا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بولسا،قوشۇمچىنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى،تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولسا،تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

تۈرۈكچە_ تۈرۈكچىدە، تۈرۈكچىگە، تۈرۈكچىلەپ، تۈرۈكچەڭ، تۈرۈكچەڭلەر، تۈرۈكچىڭىز،  تۈرۈكچىڭىزلەر

تەكچە_تەكچىدە،تەكچىگە،تەكچىلەر،تەكچەڭ،تەكچەڭلەر،تەكچىڭىز،تەكچىڭىزلەر

ئۈنچە_ ئۈنچىدە،ئۈنچىگە،ئۈنچىلەر،ئۈنچەڭ،ئۈنچەڭلەر،ئۈنچىڭىز، ئۈنچىڭىزلەر

پارچە_ پارچىدا،پارچىغا،پارچىلار،پارچىڭىز،پارچىڭىزلار،پارچىلا….

تامچە_ تامچىدا،تامچىغا،تامچىلار،تامچىلاپ….

غۇنچە_ غۇنچىدا، غۇنچىغا، غۇنچىلار، غۇنچەڭ، غۇنچەڭلەر، غۇنچىڭىز، غۇنچىڭىزلەر، غۇنچىلا….

(2)“-چە“نىڭ ئالدىدىكى بوغۇمدا ئارا سوزۇق تاۋۇش“ئې،ئى“لار بولغان سۆزلەرگە كېلىش،كۆپلۈك ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئەگەر ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ”خ،غ،ق“تاۋۇشلىرى بولسا،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى،“خ،غ،ق“تاۋۇشلىرىدىن باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار بولسا،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق شەكلى ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

زىخچە_ زىخچىدا، زىخچىغا، زىخچىلار، زىخچەڭ، زىخچەڭلەر، زىخچىڭىز، زىخچىڭىزلار

قىزغىزچە_ قىزغىزچىدا،قىرغىزچىغا،قىرغىزچىلاپ،قىرغىزچەڭ،قىرغىزچەڭلار، قىرغىزچىڭىز، قىزغىزچىڭىزلار

تىزىقچە_ تىزىقچىدا، تىزىقچىغا، تىزىقچىلار، تىزىقچەڭ، تىزىقچەڭلار، تىزىقچىڭىز،  تىزىقچىڭىزلار

ئىنگىلىزچە_ ئىنگىلىزچىدە، ئىنگىلىزچىگە، ئىنگىلىزچىلەپ، ئىنگىلىزچەڭ، ئىنگىلىزچەڭلار،  ئىنگىلىزچىڭىز، ئىنگىلىزچىڭىزلار

نېمىسچە_ نېمىسچىدە، نېمىسچىگە، نېمىسچىلەپ، نېمىسچەڭ، نېمىسچەڭلەر، نېمىسچىڭىز، نېمىسچىڭىزلەر

مەشق
1.تۆۋەندىكى ”چە“بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى قوشۇڭ.
(1) باغاقچە     (2) ئۇيغۇرچە  (3)باغچە     (4)سۆيۈنچە  (5)يېزىقچە

داۋامى ئىنكاس شەكىلدە داۋاملىق يوللىنىدۇ.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
3
UID
4046
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 14:23:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يھىشڭ تىمىكھن ھە


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
3
UID
4046
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 14:24:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن ھە


Rank: 4

تىللا
247
تۆھپە
101
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 16:55:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4)     سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋ ھالىتى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىقى

(1) لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا،شۇنىڭدەك ئاخىرقى بوغۇملىرىدا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش كەلگەن كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق  ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

قول_ قولۇم،قولۇڭ،قوللۇق

تۇز_تۇزۇم،تۇزۇڭ،تۇزلۇق

سۆز_سۆزۈم،سۆزۈڭ،سۆزلۈك

يۈز_يۈزۈم،يۈزۈڭ،يۈزلۈك

قۇلۇپ_ قۇلۇپۇم،قۇلۇپۇڭ،قۇلۇپلۇق

تۇلۇق_ تۇلۇقۇم،تۇلۇقۇڭ،تۇلۇقلۇق

ئاچ_ ئاچقۇچ،ئاچقۇچۇم،ئاچقۇچۇڭ،ئاچقۇچلۇق

تەپ_تەپكۈچ،تەپكۈچۈڭ،تەپكۈچۈم

سۈز_ سۈزگۈچ، سۈزگۈچۈم، سۈزگۈچۈڭ، سۈزدۈم، سۈزسۇن، سۈزدۇق، سۈزۈك، سۈزۈش،سۈزۈل..

تۈز_تۈزۈم،تۈزدۈم،تۈزۈڭ،تۈزسۇن،تۈزدۇق،تۈزۈك،تۈزۈش،تۈزۈل،تۈزۈلۈش...

يولۇق_يولۇقتۇم،يولۇقتۇڭ،يولۇقسۇن،يولۇقتۇق،يۇلۇقۇش،يولۇقۇپ....

ئوقۇ_ ئوقۇدۇم،ئوقۇدۇڭ،ئوقۇسۇن،ئوقۇدۇق،ئوقۇش،ئوقۇشلۇق....

ئەسكەرتىش:
(1)لەۋلەشكەن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە"ئا"بىلەن تۈزۈلگەن قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئايىغىغا يەنە قوشۇمچە قوشۇشقا توغرا كەلگەندە،مەزكۇر "ئا"لىق بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا ياكى ئالدىنقى بوغۇمى لەۋلەشكەن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشتىن،كىيىنكى بوغۇمى"ئا"بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كىيىن مەزكۇر "ئا"لىق بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،بۇ سۆزلەردىكى "ئا"تاۋۇشى سۆزنىڭ تەركىبىدىكى لەۋلەشكەن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماي،سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش قانۇنى بويىچە"ئى"غا نۆۋەتلەشتۈرۈلىدۇ.مەسىلەن:

قول+لان-+ىش=قوللىنىش(قوللۇنۇش ئەمەس)

قول +لار+ىم=قوللىرىم(قوللۇرۇم ئەمەس)

قۇلۇپ+لار+ىم=قۇلۇپلىرىم(قۇلۇپلۇرۇم ئەمەس)

سورا_سورىماق،سورىسا(سورۇماق،سورۇسا ئەمەس)

دورا_دورىماق،دورىسا(دورۇماق،دورۇسا ئەمەس)

(2) لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە"ئە"بىلەن تۈزۈلگەن قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئايىغىغا يەنە قوشۇمچە قوشۇشقا توغرا كەلگەندە،مەزكۇر "ئە"لىك بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا ياكى ئالدىنقى بوغۇمى لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشتىن،كىيىنكى بوغۇمى"ئە"بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كىيىن مەزكۇر "ئە"لىك بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،بۇ سۆزلەردىكى "ئە"تاۋۇشى سۆزنىڭ تەركىبىدىكى لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماي،سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش قانۇنى بويىچە"ئى"غا نۆۋەتلەشتۈرۈلىدۇ.مەسىلەن:

يۈز+ لەن-+ىش=يۈزلىنىش (يۈزلۈنۈش ئەمەس)

ئۈزۈك+لەر+ىم=ئۈزۈكلىرىم(ئۈزۈكلۈرۈم ئەمەس)

يۆگە-يۆگىمەك،يۆگىسە(يۆگۈمەك،يۆگۈسە ئەمەس)

سۆرە_سۆرىمەك،سۆرىسە(سۆرۈمەك،سۆرۈسە ئەمەس)

(3)لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا،شۇنىڭدەك ئاخىرقى بوغۇمى لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەىن كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋرىيانتى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

باغ_ باغلىق،بېغىم،بېغىڭ....

تال_ تاللىق،تېلىڭ،تېلىم...

بەت_ بەتلىك،بېتىم،بېتىڭ...

ئەن_ ئەنلىك....

يات_ ياتتىم،ياتتىڭ،يېتىڭ،ياتتۇق،ياتلىق...

تولا_ تولىلىق....

تولغا_ تولغىدىم،تولغاڭ،تولغىسۇن،تولغىدۇق،تولغاق

مەشق

1.تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئىچىدىن ئىملاسى خاتا بولۇپ قالغان سۆزلەرنى تېپىڭ ھەمدە تۈزىتىڭ.
(1)ۋايجان،پۇتام بەك ئاغرىپ كەتتى.
(2)شۇ تاپتا كۆزلۈرۈم ئېچىشىپ كېتىۋاتىدۇ.
(3)بۇ سۆزنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ ئىكەن.
(4)بارلىق ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ بولدۇم.
(5)يولدا دۈشمەنلەرگە يولىقىپ قالدۇق.


Rank: 4

تىللا
247
تۆھپە
101
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 16:57:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ⅲسوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى ئاساسەن ئۇچۇق بوغۇملاردىكى "ئا"،"ئە"نىڭ سەل ئېگىز سوزۇق تاۋۇش"ئې"ۋە ئېگىز سوزۇق تاۋۇش "ئى"غا نۆۋەتلىشىشىگە قارىتىلغان.
بۇنداق نۆۋەتلىشىش ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدىن ئېتىبارەن كۆرىلىۋاتقان فونېتىكىلىق ھادىسە بولۇپ،بۇ ھادىسە ئۇ دەۋىردە سۆزلەردە كۆپرەك ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالغان "ئە"نىڭ نۆۋەتلىشىشى بىلەن باشلانغان.
   ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىدا"ئا"،"ئە" تاۋۇشى كەلگەن بوغۇمدىكى ئۇرغۇنىڭ سۆزنىڭ ئايىغىدىكى بوغۇملىرىغا يۆتكىلىشى بارا-بارا "ئا" تاۋۇشىنىڭمۇ نۆۋەتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ھازىرقى دەۋىردە بۇ فونېتىكىلىق ھادىسە ئۇيغۇر تىلىنى باشقا تۈركىي تىللاردىن پەرقلەندۈردىغان ئالاھىدىلىك بولۇپ قالدى.
  ئۇيغۇر تىلىغا باشقا تىللاردىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىلىرىگە بويسۇنۇپ كەتمىگەنلىرى،شۇنىڭدەك ئەسلىي ئۇيغۇر تىلىغان خاس سۆزلەر ئىچىدىكى "ئا"ياكى"ئە"بىلەن كەلگەن بوغۇملىرىدىكى ئۇرغۇ يۆتكەلمىگەن سۆزلەر سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي قائىدىگە بوي سۇنمايدۇ. شۇڭا بۇ قېتىم ئىملاغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر قايتا تەتقىق قىلىنىش ئارقىلىق سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە قائىدىلەر تۈزۈپ چىقىلدى:
   1 .ئاخىرقى بوغۇمى"ئە'بىلەن تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە مەزكۇر "ئە" تاۋۇشىنىڭ"ئې"غا ياكى"ئى"غا نۆەتلىشىش ۋە نۆۋەتلەشمەسلىك ئەھۋاللىرى
   1)ئۇچۇق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە
(1) نۆۋەتلىشىدىغانلىرى:
"ئە" تاۋۇشى بىلەن ئاياقلاشقان ئۇچۇق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،"ئە"لىك بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قېلىپ،"ئە"تاۋۇشىغا چۈشكەن ئۇرغۇنىڭ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا كۆچۈشى نەتىجىسىدە"ئە"تاۋۇشى"ئى"غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

پارە+سى=پارىسى

پەدە+سى=پەدىسى،پەدىدە،پەدىگە،پەدىلەر،پەدىلىك

پەللە+سى=پەللىسى،پەللىدە،پەللىگە،پەللىلىك

ئاغىنە+سى=ئاغىنىسى،ئاغىنىلەر،ئاغىنىلىك،ئاغىنىدارچىلىق

ئاھالە+سى=ئاھالىسى،ئاھالىدە،ئاھالىگە،ئاھالىلەر،ئاھالىلىك

ئالاقە+سى=ئالاقىسى،ئالاقىدە،ئالاقىگە،ئالاقىچى

مۇسابىقە+سى=مۇسابىقىسى،مۇسابىقىدە،مۇسابىقىگە،مۇسابىقىلەر

مۇندەرىجە+سى=مۇندەرىجىسى،مۇندەرىجىدە،مۇندەرىجىگە،مۇندەرىجىلىك

(2)نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى
① ئاخىرقى بوغۇمى"ئە"بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،گەرچە مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسىمۇ،"ئە"تاۋۇشىنىڭ ئۇرغۇسى ئاخىرقى بوغۇمغا يۆتكەلمىسە،ئۇرغۇسى يۆتكەلمىگەن بوغۇملاردىكى "ئە"تاۋۇشى نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ.كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئىملاسىمۇ مۇشۇ قائىدە بويىچە يېزىلىدۇ.مەسىلەن:

تەۋە+سى=تەۋەسى،تەۋەدە،تەۋەلىك

ساھە+سى=ساھەسى،ساھەدە،ساھەگە،ساھەلەر

قەھۋە+سى=قەھۋەسى،قەھۋەدە،قەھۋەگە،قەھۋەلىك

قۇرئە+سى=قۇرئەسى،قۇرئەگە،قۇرئەدە

شىرە+سى=شىرەسى،شىرەگە،شىرەدە،شىرەلەر،شىرەلىك

لەۋھە+سى=لەۋھەسى،لەۋھەدە،لەۋھەگە،لەۋھەلەر

قىتئە+سى=قىتئەسى،قىتئەگە،قىتئەلەر

كۈرە+سى=كۈرەسى،كۈرەگە،كۈرەدە

مەزە+سى=مەزەسى،مەزەدە،مەزەگە،مەزەلەر

مەۋقە+سى=مەۋقەسى،مەۋقەگە،مەۋقەدە

ۋەقە+سى=ۋەقەسى،ۋەقەگە،ۋەقەدە،ۋەقەلەر

جۈمە+سى=جۈمەسى،جۈمەدە،جۈمەگە

پاجىئە+سى=پاجىئەسى،پاجىئەدە،پاجىئەگە،پاجىئەلەر،پاجىئەلىك

ئەسلىھە+سى=ئەسلىھەسى،ئەسلىھەدە،ئەسلىھەگە،ئەسلىھەلەر،ئەسلىھەلىك

پاتىھە+سى=پاتىھەسى،پاتىھەدە،پاتىھەگە

جامائە+سى=جامائەسى،جامائەدە،جامائەگە،جامائەلىك

مەتبەئە+سى=مەتبەئەسى،مەبەئەدە،مەتبەئەگە،مەتنەئەلىك

مەدرىسە+سى=مەدرىسەسى،مەدرىسەدە،مەدرىسەگە،مەدرىسەلەر

گۈلقەقە+سى=گۈلقەقەسى،گۈلقەقەلىرى

ئېلىپبە+سى=ئېلىپبەسى،ئېلىپبەدە،ئېلىپبەگە،ئېلىپبەلىك

مەجمۇئە+سى=مەجمۇئەسى،مەجمۇئەگە،مەجمۇئەلەر،مەجمۇئەدە

مۇداپىئە+سى=مۇداپىئەسى،مۇداپىئەدە،مۇداپىئەگە،مۇداپىئەلەر

مۇئەسسەسە+سى=مۇئەسسەسەسى،مۇئەسسەسەدە،مۇئەسسەسەگە،مۇئەسسەسەلەر

خالىدە_ خالىدەگە_خالىدەدە_خالىدەلەر_خالىدەنى

جەمىلە_ جەمىلەدە_جەمىلەرگە_جەمىلەنى

راھىلە_راھىلەگە_راھىلەدە_ راھىلەلەر

زەھىدە_زاھىدەگە_زاھىدەدە_زاھىدەلەر

(2)ئاخىرقى بوغۇمى"-ىيە"شەكىلدە تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،بوغۇم ئاخىرىدىكى"ئە"تاۋۇشى "ئى"گە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ.مەسىلەن:

ئارمىيە_ئارمىيەسى_ئارمىيەگە_ئارمىيەدە

پارتىيە_پارتىيەسى_پارتىيەدە_پارتىيەگە

نەزەرىيە_نەزەرىيەسى_نەزەرىيەدە_نەزەرىيەگە_نەزەرىيەلەر

ياپۇنىيە_ياپۇنىيەدە_ياپۇنىيەگە_ياپۇنىيەلەر

ئالىيە_ئالىيەدە_ئالىيەگە،ئالىيەدە_ئالىيەلەر

رازىيە_رازىيەدە_رازىيەگە_رازىيەدىن_رازىيەلەر
مەشق
1.تۆۋەندىكى ئابزاس ئىچىدىن يۇقىردا سۆزلەنگەن قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغان سۆزلەرنى تېپىپ چىقىڭ.

ئالىم بىر كىتاب ئالغان ئىدى.كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى يىرتىق چىقىپ قالدى.بۇ كىتاپ ياپۇنيىلىك بىر جۇغراپىيە ئالىمىنىڭ كىتابى بولۇپ،بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق كىتاب ئىدى. كىتابتىكى نەزىريىلەر ئۇنى بەكلا قىزىقتۇردى.لىكىن كىتاپنىڭ مۇندەرىجەسى يىرتىق بولغاچقا،بەك تىت-تىت بولۇپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىتابنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن،يولنى يىراق كۆرمەي ناھىيەلىك كىتاپخانىغا بارماقچى بولدى.

  2 )يېپىق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە
(1)نۆۋەتلىشىدىغانلىرى
     ① "ئە"بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،"ئە"تاۋۇشى"ئې"غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

ئەپ+ى=ئېپى                       ئەت+ى=ئېتى           بەز+ى=بېزى

ئەس+ى=ئېسى                     تەگ+ى=تېگى           بەت+ى=بېتى

     ②ئاخىرقى بوغۇمى "ئە" بولغان،كۆپ بوغۇملۇق يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،"ئە"تاۋۇشى "ئى"غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

دەرەخ+ى=دەرىخى                  ئەخلەت+ى=ئەخلىتى         تەلەپ+ى=تەلىپى

سۆڭگەچ+ى=سۆڭگىچى           شىكايەت+ى=شىكايىتى

   ③ پۇل مەنىسىدىكى"چەن"سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلىشىش جەريانى ئۇزۇن بولغاچقا،بۇ سۆز ئۇيغۇرتىلىدا خەنزۇ تىلىدىكى قوشما سوزۇق تاۋۇشلۇق ھالىتىنى يوقىتىپ،يەككە سوزۇق تاۋۇشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن،بۇ سۆز بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدىسى بويىچە "ئە"تاۋۇشى "ئى"غا نۆۋەتلىشىدۇ.مەسىلەن:

پۇڭچەن+ى=پۇڭچىنى          موچەن+ى=موچىنى      كويچەن+ى=كويچىنى

(2) نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى
    ① "ئە"بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،سۆز يىلتىزىدىكى ئۇرغۇ ساقلانغانلىقتىن "ئە" تاۋۇشى 'ئى"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ.مەسىلەن:

ۋەز+ى=ۋەزى                                      بەش+ى=بەشى

كەش+ى=كەشى                                  خەج+ى=خەجى

    ②  "ئە"بىلەن تۈزۈلگەن،ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخرلاشقان بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،بوغۇم ئاخىرىدىكى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىنقىسى ئالدىنقى بوغۇمغا،كېيىنكىسى كېيىنكى بوغۇمغا تەۋە بولۇپ،"ئە" لىك بوغۇم يېپىق بوغۇم ھالىتىدە قالغانلىقتىن،"ئە"تاۋۇشى "ئى" تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشمەيدۇ.مەسىلەن:

كەنت+ى=كەنتى            دەرد+ى=دەردى                شەرت+ى=شەرتى

قەلب+ى=قەلبى              قەست+ى=قەستى                بەست+ى بەستى

     ③ئەرەپ_ پارس تىللىرىدىن كىرگەن ئاخىرقى بوغۇمى"ئە"بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بەزى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،"ئە"تاۋۇشى ئۆز ئۇرغۇسىنى يوقاتمىسا،"ئى"غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:

مىجەز+ى=مىجەزى            ئەرەب+ى=ئەرەبى             نەسەب+ى=نەسەبى

    ④ خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا قۇبۇل قىلىنغان "ia,ua"قوش سوزۇق تاۋۇشلۇق بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە،بۇ سوزۇق تاۋۇشلار خەنزۇ تىلىدىكى قوش سوزۇق تاۋۇشلۇق خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن"ئە"تاۋۇشى ئىملادا"ئى"غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ليەن+ى=ليەنى          لۇشيەن+ى=لۇشيەنى             يۈەن+ى=يۈەنى

    ⑤ ئاخىرقى بوغۇمى"ئە"بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر قىسىم كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، بەزىدە"ئە"تاۋۇشى "ئى"غا نۆۋەتلەشتۈرلۈپ،بەزىدە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدىغان ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۈت.بۇنداق ئىككى خىللىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن "ئە" تاۋۇشى ئىملادا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

مەسلىھەت+ى=مەسلىھەتى(مەسلىھىتى ئەمەس)   

  نەسىھەت+ى=نەسىھەتى(نەسىھىتى ئەمەس)

     2 .ئاخىرىقى بوغۇمى "ئە"بىلەن تۈزۈلگەن پېئىللاردا "مەزكۇر "ئە"تاۋۇشىنىڭ "ئې" ياكى "ئى"غا نۆۋەتلىشىش ۋە نۆۋەتلەشمەسلىك ئەھۋاللىرى
   1 )ئۇچۇق بوغۇملۇق پېئىللاردا
(1)"ئە"تاۋۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان بىر بوغۇملۇق پېئىللادىن پەقەت "دە" بىلەن "يە" پېئىلى بار بولۇپ،بۇ ئىككى پېئىلغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،"ئە" تاۋۇشى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، "ئې"غا  نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

دە_دېدى،دېسۇن،دېدۇق،دېگەن،دېگىلى،دېسە،دېمەك،دېگەي،دېگۈلۈك،.....

يە_ يېدى،يېسۇن،يېدۇق،يېگەن،يېگىلى،يېسە،يېمەك،يېگەي،يېگۈلۈك

ئەگەر بۇ "ئە تاۋۇشى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالمىسا،"ئې"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

دە-دەپ،دەڭ،دەڭلەر،دەيلى،دەيدىغان.....

يە_ يەپ،يەڭ،يەڭلەر،يەيلى،يەيدىغان....

(2) ئاخىرقى بوغۇمى "ئە" بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،بۇ "ئە"تاۋۇشى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،"ئى"غا نۆۋەتلىشىدۇ.مەسىلەن:

چەيلە_چەيلىدى،چەيلىسۇن،چەيلىدۇق،چەيلىگەن،چەيلىسە

يۈكلە_يۈكلىدۇق،يۈكلىسۇن،يۈكلىدى،يۈكلىگەن،يۈكلىسە....

بېزە_بېزىدى،بېزىسۇن،بېزىدۇق،بېزىگەن،بېزىسە.....

بىلە_بىلىدى،بىلىسۇن،بىلىدۇق،بىلىگەن،بىلىسە....

ئەگەر بۇ خىلدىكى پېئىللاردا "ئە"تاۋۇشى يېپىق بوغۇم ھالىتىدە بولسا"ئى"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ.مەسىلەن:

چەيلە_ چەيلەپ،چەيلەڭلەر،چەيلەيلى،چەيلەكلىك

يۈكلە_يۈكلەپ،يۈكلەڭلەر،يۈكلەيلى،يۈكلەكلىك

بېزە_ بېزەپ،بېزەڭلەر،بېزەيلى،بېزەكلىك...

بىلە_بىلەپ،بىلەڭلەر،بىلەيلى،بىلەكلىك....

   2 ) يېپىق بوغۇملۇق پېئىللاردا
(1)"ئە"بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، "ئە"تاۋۇشى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،"ئې" غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

كەل_ كېلىپ،كېلىڭ،كېلىڭلەر،كېلەيلى،كېلىدۇ،كېلىدىكەن...

يەش_ يېشىپ،يېشىڭ،يېشىڭلەر،يېشەيلى،يېشىدۇ،يېشىدىكەن....

ئەگەر "ئە"تاۋۇشى يېپىق بوغۇم ھالىتىدە بولسا، "ئې"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

كەل_ كەلسە،كەلسۇن،كەلدۇق،كەلگەن،كەلگەي،كەلتۈر،كەلگۈلۈك...

يەش_ يەشسە،يەشسۇن،يەشتۇق،يەشكەن،يەشكەي،يەشتۈر،يەشكۈلۈك...

(2)ئاخىرقى بوغۇمى "ئە"بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، "ئە"تاۋۇشى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،"ئى"غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

مىنگەش_مىنگىشىپ،مىنگىشىڭلەر....

مۈكچەي_مۈكچىيىپ،مۈكچىيىڭلەر....

ئەگەر"ئە"بىلەن تۈزۈلگەن بوغۇم يېپىق بوغۇم ھالىتىدە بولسا، "ئە"تاۋۇشى "ئى" غا نۆۋەتلەشمەيدۇ.مەسىلەن:

مىنگەش_ مىنگەشسە،مىنگەشكەن،مىنگەشسۇن،مىنگەشتۇق،مىنگەشكەي.....

مۈكچەي_ مۈكچەيسە،مۈكچەيگەن،مۈكچەيسۇن،مۈكچەيدۇق،مۈكچەيگەك

    3.ئاخىرقى بوغۇمى "ئا"بىلەن تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە مەزكۇر "ئا" تاۋۇشىنىڭ "ئې" ياكى "ئى"غا نۆۋەتلىشىش ۋە نۆۋەتلەشمەسلىك ئەھۋاللىرى
   1 )ئۇچۇق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە
(1)نۆۋەتلىشىدىغانلىرى
① "ئا" تاۋۇشى بىلەن ئاياقلاشقان ئۇچۇق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا"ئا"تاۋۇشىغا چۈشكەن ئۇرغۇنىڭ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا كۆچۈشى نەتىجىسىدە"ئا"تاۋۇشى"ئى"غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

ئاتا_ئاتىسى،ئاتىلىق،ئاتىدا،ئاتىغا،ئاتىلار...

ياقا_ياقىسى،ياقىدا،ياقىغا،ياقىلار،ياقىلىق

ئارغامچا- ئارغامچىسى،ئارغامچىلىق،ئارغامچىغا،ئارغامچىدا،ئارغامچىلار

تاپانچا_تاپانچىسى،تاپانچىلىق،تاپانچىدا،تاپانچىغا،تاپانچىلار........

شاقىراتما_ شاقىراتمىسى،شاقىراتمىلىق،شاقىراتمىلىق،شاقىراتمىغا،شاقىراتمىدا

   ② ئاخىرقى بوغۇمى"ئا"بىلەن تۈزۈلگەن ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدىكى بەزى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار  قوشۇلغاندا، بۇ"ئا"تاۋۇشى  بەزىدە"ئى"غا نۆۋەتلەشتۈرلسە،بەزىدە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدىغان ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۈت.بۇنداق ئىككى خىللىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن،مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى "ئا" تاۋۇشى ئىملادا "ئى"غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

مولىكۇلا_ مولىكۇلاسى(مولىكۇلىسى ئەمەس)

پىلانىتا_ پىلانىتاسى(پىلانىتىسى ئەمەس)

راكېتا_راكېتاسى(راكېتىسى ئەمەس)

فورمۇلا_فورمۇلاسى(فورمىلىسى ئەمەس)

چېگرا_چېگىراسى(چېگرىسى ئەمەس)

(2)نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى
① "ئا"بىلەن تۈزۈلگەن "يا،جا"قاتارلىق بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،"ئا"تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا يۆتكىلەلمىگەنلىكتىن، "ئې"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

يا_ياسى،ياغا،ياغا،يادىن،يالار...

جا_ جاسى ،جاغا،جادىن،جالىرى

     ②ئەرەب_پارس تىللىرى،رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋرۇپا تىللىرىدىن كىرگەن ئاخىرقى بوغۇمى "ئا"بىلەن تۈزۈلگەن ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدىكى كۆپ بوغۇملۇق بەزى تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،بۇ "ئا" تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ يۆتكەلمىگەچكە،"ئى"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

ساپا_ساپاسى،ساپالىق.....

سادا_ساداسى،ساداغا....

ھاۋا_ھاۋاسى،ھاۋاغا...

ئەۋلىيا_ئاۋلىياسى،ئەۋلىيالىق،ئەۋلىيادا...

ئوپېرا_ئوپېراسى،ئوپېرادا،ئوپېرالىق...

ئىلتىجا_ ئىلتىجاسى،ئىلتىجالىق...

ئاتموسفېرا_ئاتموسفېراسى،ئاتموسفېراغا،ئاتموسفېرادا....

خىروموسوما_خىروموسوماسى،خىروموسۇمادا،خىروموسۇمالىق.....

     ③ تۆۋەندىكىدەك شەكىلداش سۆزلەرنىڭ ئىملاسى مۇنداق يېزىلىدۇ:

پاپا(رىم پاپاسى)_پاپاسى،پاپادا،پاپاغا،پاپالىق....

پاپا(پاكار)_ پاپىسى،پاپىدا،پاپىغا،پاپىلىق،پاپىلار....

بالا(بالايى ئاپەت)_بالاسى،بالادا،بالاغا،بالالىق....

بالا(پەرزەنت)_ بالىسى،بالىدا،بالىغا،بالىلىق،بالىلار....
مەشق
1.تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئىچىدىن ئىملاسى خاتا بولۇپ قالغان سۆزلەرنى تېپىڭلار.
(1)ئاخىرقى تىنىقىڭلار قالغۇچە تىركىشىڭلار.
(2)رىم پاپىسىنىڭ ھوقۇقى بەك چوڭ.
(3)ئىككى دۆلەتنىڭ چىگرىسى قوغدىلىدىغان رايۇن ھېساپلىنىدۇ.
(4)ئارغامچىنى دەرھال يېشىڭلار.
(5)ئۇ دادىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمايدۇ.

   2 )يېپىق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە
(1)نۆۋەتلىشىدىغانلىرى
     ① "ئا"بىلەن تۈ زۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى،بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،"ئا"تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكتىن، "ئى"غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

داپ_ دېپى          ساپ_سېپى              قاپ_قېپى                 لاپ_لېپى

ئات_ئېتى           دات_دېتى                قات_قېتى                 يات_يېتى

شاخ_شېخى         ئاش_ئېشى                 باش_بېشى              تاش _ تېشى

تاغ_تېغى            ئاق _ ئېقى        ساق_سېقى                   قاق _ قېقى

ئاڭ_ئېڭى           ساڭ_ سېڭى         كاڭ _ كېڭى               ھاڭ_ھېڭى

     ② ئاخىرقى بوغۇمى  "ئا"بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،"ئا"تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكتىن، "ئى"غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

قانات_قانىتى               كاچات_كاچىتى               خالات_خالىتى      ئامبار_ئامبىرى

ئاياغ_ئايىغى             چىراغ_چىرىغى               ئاتاق_ئاتىقى         دىماغ_دىمىغى

بۇلاق_بۇلىقى               قاپاق_قاپىقى               ساقال_ساقىلى           شامال_شامىلى

قوزغىلاڭ_قوزغىلىڭى                  قارىغاي_قارىغىيى                    مالىخاي_مالىخىيى

ئالىقان_ئالىقىنى                  جاۋىغاي_جاۋىغىيى                  ساۋاقداش_ساۋاقدىشى

(2)نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى
①  "ئا"بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،"ئا"تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلمىگەچكە، "ئې"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ.("ر"بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەر ئايرىم كۆرسىتىلدى.) مەسىلەن:

نال_نالى                          جاي_جايى              راي_رايى           خال_خالى

زات_زاتى                       ھال_ھالى                  ياد_يادى         يال_يالى

تاج_تاجى                        نام_نامى                ساز_سازى           سان_سانى

     ② ئاخىرقى بوغۇمى"ئا"بىلەن تۈزۈلگەن،ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،بوغۇم ئاخىردىكى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىنقىسى ئالدىنقى بۇغۇمنى،كىيىنكىسى قوشۇمچە بىلەن قوشۇلۇپ كىيىنكى بوغۇمنى تەشكىل قىلغاچقا،ئاخىرقى "ئا"تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ يۆتكەلمەي،يېپىق بوغۇم ھالىتىدە قالغانلىقتىن "ئې"ياكى"ئى"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ.  مەسىلەن:

ئاست_ئاستى                         ئانت_ئانتى                          ئالد_ئالدى

ئاسپىرانت_ئاسپىرانتى                          مۇزىكانت_مۇزىكانتى

   ③ ئاخىرقى بوغۇمى  "ئا"بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىرقىسىم كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،گەرچە مەزكۇر "ئا"بىلەن تۈزۈلگەن بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسىمۇ،"ئا"تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ يۆتكەلمىگەچكە "ئى"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

ئەتىراپ_ئەتىراپى                 جاۋاب_جاۋابى               قۇياش_قۇياشى

قاياش_قاياشى                      قۇرام_قۇرامى                  ئامال_ئامالى

تەلىمات_تەلىماتى                ئىتتىپاق_ئىتتىپاقى             ئىشتىياق_ئىشتىياقى

خىيال_خىيالى                     مۇقام_مۇقامى                 قۇرال_قۇرالى

پىلان_پىلانى                       ئىستىھكام_ئىستىھكامى      پىراق_پىراقى

④ ئاخىرقى بۇغۇمى"ئا"بىلەن تۈزۈلۈپ،"ھ"بىلەن ئاخىرلاشقان بىر ياكى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋە "ر"بىلەن ئاخىرلاشقان بىر ياكى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئاخىرقى "ئا"تۈۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلمىگەنلىكتىن "ئې" ياكى"ئى"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

ئاھ _ ئاھى         گاھ _ گاھى                      شاھ _ شاھى

ئىلاھ _ ئىلاھى            گىياھ _ گىياھى            نىكاھ _نىكاھى      

ئارامگاھ _ئارامگاھى        قارارگاھ _ قارارگاھى           زىيارەتگاھ _ زىيارەتگاھى

قار_ قارى          بار_ بارى            شار _ شارى      تار_ تارى        كار_كارى

يار_ يارى           زار_ زارى                 نار_نارى               غار_غارى       گار_گارى

قارار_قارارى                   مادار_ مادارى

     ⑤ "_ دار ،_زار،_ كار،_شۇناس" قۇشۇمچىلىرى بىلەن ياسالغان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،مەزكۇر قوشۇمچىلاردىكى "ئا" تاۋۇشى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسىمۇ،"ئى"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

ئەمەلدار_ئەمەلدارى         ھوقۇقدار_ھوقۇقدارى         مەنسەبدار_مەنسەبدارى

گۈلزار_گۈلزارى               چىمەنزار_چىمەنزارى           ئۈزۈمزار_ئۈزۈمزارى

گۇناھكار_گۇناھكارى        مەدەتكار_مەدەتكارى        ھەۋەسكار_ ھەۋەسكارى

تىلشۇناس_تىلشۇناسى       تارىخشۇناس_ تارىخشۇناش

       ⑥ئاخىرقى بوغۇمى "ئا"بىلەن تۈزۈلۈپ "ر"بىلەن ئاخىرلاشقان "ئامبار،بىكار،چاكار، چاكار،خامار،قاڭشار،قوچقار"قاتارلىق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئاخىرقى "ئا"تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكتىن "ئى"غا نۆۋەتلىشىدۇ.  مەسىلەن:

ئامبار_ئامبىرى                        بىكار_بىكىرى                چاكار_چاكىرى

خامار_خامىرى                    قاڭشار_قاڭشىرى                قوچقار_قوچقىرى

     ⑦  ئاخىرقى بوغۇمى "ئا"بىلەن تۈزۈلۈپ، "_ ر ، _ س" بىلەن ئاخىرلاشقان"ئانار،بازار ،تاغار،خۇمار،سونار،قاتار" ۋە "ئابزاس،ئاتلاس،زاپچاس،كومپاس،ماتراس" قاتارلىق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،بۇ "ئا"تاۋۇشى بەزىدە "ئى"غا نۆۋەتلەشتۈرۈلسە،بەزىدە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي ئىككى خىل يېزىلىدىغان ئەھۋال تەڭلا مەۋجۈت.بۇ خىل ئەھۋالنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن،مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى "ئا"تاۋۇشى "ئى"غا نۆۋەتلەشتۈرلۈپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئانار_ئانىرى          بازار_بازىرى             تاۋار_تاۋىرى           پانار_پانىرى

تاغار_تاغىرى          خۇمار_خۇمىرى          ئابزاس_ئابزىسى    ئاتلاس_ئاتلىسى

زاپچاس_زاپچىسى                كومپاس_كومپىسى

     ⑧ خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن ئاخىرقى بوغۇمى "ang,iang" قاتارلىق سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن "بەنجاڭ، پەيجاڭ، جۈنجاڭ، دۈيجاڭ، دادۈيجاڭ،شىپاڭ،ماتاڭ، ليەنجاڭ، ماجاڭ،مەنجاڭ...."قاتارلىق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئىستىمالدا مەزكۇر"ئا"تاۋۇشى  بەزىدە"ئى"غا نۆۋەتلەشتۈرۈلسە،بەزىدە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدىغان ئىككى خىل ئەھۋال تەڭلا مەۋجۈت.بۇ خىل ئەھۋالنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى "ئا"تاۋۇشى ئىملادا"ئى"غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

بەنجاڭ_بەنجاڭى                  پەيجاڭ_پەيجاڭى          جۈنجاڭ_جۈنجاڭى

دۈيجاڭ _دۈيجاڭى             دادۈيجاڭ_دادۈيجاڭى       شىپاڭ_شىپاڭى

ماتاڭ_ماتاڭى                  ليەنجاڭ_ليەنجاڭى              ماجاڭ_ماجاڭى

   4 .ئاخىرقى بوغۇمى "ئا"بىلەن تۈزۈلگەن پېئىللاردا، مەزكۇر "ئا" تاۋۇشىنىڭ "ئې" ياكى "ئى"غا نۆۋەتلىشىش ۋە نۆۋەتلەشمەسلىك ئەھۋاللىرى
   1 )ئۇچۇق بوغۇملۇق پېئىللاردا
(1)نۆۋەتلىشىدىغانلىرى:
ئاخىرقى بوغۇمى "ئا" بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا مەزكۇر بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،ئاخىرقى "ئا"تاۋۇشى "ئى"غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

ئاتا_ئاتىدى،ئاتىغان،ئاتىسا،ئاتىسۇن،ئاتىدۇق.........

ئورۇنلا_ئورۇنلىدى،ئۇرۇنلىغان،ئۇرۇنلىسا،ئورۇنلىسۇن،ئورۇنلىدۇق،.......

(2) نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى
ئەگەر يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىن كىيىن مەزكۇر بوغۇم يېپىق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،ئاخىرقى "ئا"تاۋۇشى"ئى"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

ئاتا_ئاتالدى،ئاتالغان،ئاتالسا،ئاتالسۇن،ئاتالدۇق،ئاتاڭلار.........

ئورۇنلا_ئورۇنلاندى،ئورۇنلانغان،ئورۇنلانسا،ئورۇنلانسۇن،ئورۇنلاڭلار.......

   2 )يېپىق بوغۇملۇق پېئىللاردا
(1)نۆۋەتلىشىدىغانلىرى:
① "ئا"بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،مەزكۇر بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،"ئا"تاۋۇشى"ئې"غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

ئات_ئېتىپ،ئېتىلغان،ئېتىلسا،ئېتىڭلار........

چات_چېتىپ،چېتىلغان،چېتىلسا،چېتىڭلار......

② ئاخىرقى بوغۇمى"ئا"بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،مەزكۇر بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،"ئا"تاۋۇشى"ئى"غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

تاتار_تاتىرىپ،تاتىرىش،تاتىراڭغۇ.......

جانلان_جانلىنىش،جانلىنىپ.........

(2)نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى
   ① يۇقىرىدا مىسالغا ئېلىنغان پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىن كىيىن " ئا"بىلەن تۈزۈلگەن يىلتىز ياكى ئۆزەك يەنىلا يېپىق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،يىلتىز ياكى ئۆزەكتىكى"ئا" تاۋۇشى "ئې"ياكى "ئى"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ.مەسىلەن:

ئات_ئاتقان،ئاتسا،ئاتسۇن،ئاتتۇق،ئاتقۇر........

چات_چاتقان،چاتسا،چاتسۇن.چاتتۇق،چاتقۇ........

تاتار_تاتارغان،تاتارسا.........

جانلان_جانلانغان،جانلانسا،جانلانسۇن،جانلاندۇق...........

② "ئا"بىلەن تۈزۈلگەن ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىنقىسى ئالدىنقى بوغۇمنى،كېيىنكىسى كېيىنكى بوغۇمنى تەشكىل قىلغانلىقتىن "ئا"تاۋۇشى "ئې"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

تارت_تارتىپ،تارتىڭلار..............

قايت_قايتىپ،قايتىڭلار..........



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
372
تۆھپە
220
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 19:14:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەمدى ئىملانى ئۆگەنگىم يوق جۇمۇ، بۇ تىل-يېزىق كومىتىتىدىكى كىشىلەرنىڭ بېشى ئىششىپ قالغاندەك 10 يىلدا بىر ئىملا ئۆزگەرتىدىكەن، بۇزۇپ چېقىپ، يەنە بۇزۇپ چېقىپ قايتا سالىدىغان ئۆي بولمىسا بۇ يېزىق دېگەن!!! بېشىمنى ئېلەشتۈرۋەتتى.  راست گەپنى قىلسام مۇشۇ ش ئۇ ئا  ر  تىل-يېزىق كومىتىدىدىكى قىسمەن مەسئۇلىيەتسىز قاپاقۋاشلارغا بەك ئۆچ بوپ كەتتىم. پېنسىيەگە چىقىدىغان ۋاقتى كەلسە پېنسىيەگە چىقىپ ئارىمىنى ئالسا بولمامدىغاندۇ-دەيمەن؟! تۆۋە... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-7 19:17  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
1016
تۆھپە
659
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 19:44:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئاۋۋال»  توغرىمۇ ياكى «ئاۋال» مۇ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
779
تۆھپە
280
UID
75
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 20:21:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلنىڭ ئىجتىمايلىقى_تىلنىڭ تۈپ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى. تىل قائىدىلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ھېچكىمنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس، بەلكى ئۇ تىلنىڭ ئۆزىدە بار بولغان بىر مۇھىم ئامىل. بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ-بۇنىڭغا گۇناھ ئارتىپ يۈرگىچە يەنىلا ئۆگەنگىمىز تۈزۈك.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
690
تۆھپە
390
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 20:36:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادام لاتىن يېزىقى ئۈگەندى. مەن ئەرەب ئېلبەسى ئاساسېدىكى كونا يېزىق ئۈگەندېم... بالام فىنيىن ئۈگىنېۋاتىدۇ.......... شۇنىڭغا قارىغاندا بالام مېنىڭ يېشمغا كەلگەندە چۇقۇم دادامنې «دوراپ» ئۇنىڭ ئىز باسارى بۇلىدۇ . مەن بولسام شۇ دەۋېردە «ساۋاتسېز» بۇلىمەن ....بۇ چۇقۇم ... شۇنداق بۇلىدىغان ھەقىقەت


Rank: 4

تىللا
247
تۆھپە
101
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 21:15:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
harsan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-7 19:44
«ئاۋۋال»  توغرىمۇ ياكى «ئاۋال» مۇ؟

«ئاۋۋال»دېگىنى توغرا.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:49, Processed in 0.093235 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991