ئىگىسى: لوپنۇرى

بىرلىكتە ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۆگىنەيلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
247
تۆھپە
101
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 21:18:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ⅳسوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى

   1 .ئىككىنچى بوغۇمى ئېگىز سوزۇق تاۋۇش"ئى،ئۇ،ئۈ" بىلەن تۈزۈلگەن بىر قىسىم ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئىككىنچى بوغۇم ئۆز ئۇرغۇسىنى يوقاتقاتسا، "ئى،ئۇ،ئۈ"تاۋۇشلىرى چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئىملادا چۈشۈپ قالغىنى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

پەسىل+ى=پەسلى            جىسىم+ى=جىسمى                سىڭىل+ى=سىڭلى

قىسىم+ى=قىسمى               كۆڭۈل+ى =كۆڭلى                نەسىل+ى=نەسلى

ھۆكۈم+ى=ھۆكمى              ئورۇن+ى=ئورنى              ئوغۇل+ى=ئوغلى

ئۆمۈر+ى=ئۆمرى                 ۋاقىت+ى=ۋاقتى              ئىسىم+ى=ئىسمى

2.ئېنىقسىز كەلگۈسى زامان پېئىلىنىڭ ۋە پۈتكەن سۈپەتداشنىڭ سوراق شەكلى ئۈچۈن "مۇ"ئۇلانمىسى قوشۇلغاندىن كىيىن ياردەمچى پېئىل "ئىدى،ئىكەن،ئىمىش"لەر كەلسە،"مۇ"ئۇلانمىسىدىكى "ۇ"تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئىملادا چۈشۈپ قالغىنى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

كېلەر+مۇ+ئىدى=كېلەرمىدى                  بارار+مۇ+ئىدى=بارارمىدى

ساتار+مۇ+ئىدى=ساتارمىدى                  تونۇغان+مۇ+ئىدى=تونۇغانمىدى


سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى،داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.


Rank: 4

تىللا
247
تۆھپە
101
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 21:18:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ⅴئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى

1.ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشكە يول قويۇلمايدۇ.
1)ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياقلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئۆز پېتى يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئات+سا=ئاتسا(ئاسسا ئەمەس)
سات+سا=ساتسا(ساسسا ئەمەس)
ئاچ+قان=ئاچقان(ئاشقان ئەمەس)
قاچ+قۇن=قاچقۇن(قاشقۇن ئەمەس)
ئىچ+مەك=ئىچمەك(ئىشمەك ئەمەس)
چاچ+سا=چاچسا(چاشسا ئەمەس)
توش+سا=توشسا(توسسا ئەمەس)
قوش+سا=قوشسا(قوسسا  ئەمەس)
ساق+لا=ساقلا(ساخلا ئەمەس)
ۋاق+لىق=ۋاقلىق(ۋاخلىق ئەمەس)
كېرەك+لىك=كېرەكلىك(كېرەگلىك ئەمەس)
تۈۋرۈك+لۈك=تۈۋرۈكلۈك(تۈۋرۈگلۈك ئەمەس)
چىرايلىق+راق=چىرايلىقراق(چىرايلىغراق ئەمەس)
2) "ق،ك،پ"تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، "ق،ك،پ"تاۋۇشلىرى ئىملادا ئۆز پېتى يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ياتاق+ى=ياتىقى(ياتىغى ئەمەس)
ئاتاق+ى=ئاتىقى(ئاتىغى ئەمەس)
تىلەك+ى=تىلىكى(تىلىگى ئەمەس)
پىلەك+ى=پىلىكى(پىلىگى ئەمەس)
تەكلىپ+ى=تەكلىپى(تەكلىۋى ئەمەس)
ئارخىپ+ى=ئارخىپى(ئارخىۋى ئەمەس)
2.ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى
جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز  ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقانلىرى

باج_باجدا،باجغا،باجدىن
تار_تاردا،تارغا،تاردىن.....
ياز_يازدا،يازغا،يازدىن
تال_تالدا،تالدا،تالدىن....
نان_ناندا،ناندىن،نانغا،نانلار...
باي_بايدا،بايغا،بايدىن،بايلار.....
دۇتتار_دۇتتاردا،دۇتتارغا،دۇتتاردا،دۇتتارلار
تومۇز_تۇمۇزغا،تۇمۇزدا،تۇمۇزدىن...
قورغان_قورغاندا،قورغاندىن،قورغانغا،قورغانلار....
مۇقام_مۇقامدا،مۇقامغا،مۇقامدىن،مۇقاملار
تاڭلاي_ تاڭلايدا،تاڭلايغا،تاڭلايدىن...
قاراۋۇل_قاراۋۇلدا،قاراۋۇلغا،قاراۋۇلدىن.....

جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقانلىرى

داپ_داپقا،داپتا،داپتىن
بەت_بەتتە،بەتكە،بەتتىن
كەچ_كەچتە،كەچكە،كەچتىن
شاخ_شاختا،شاختىن،شاخقا...
داس_داستا،داسقا،داستىن...
تۆش_تۆشتە،تۆشكە،تۆشتىن.....
قاق_قاقتا،قاققا،قاقتىن....
تەك_تەككە،تەكتە،تەكتىن....
قۇرۇت_قۇرۇتقا،قۇرۇقتا،قۇرۇتتىن...
ئۇماچ_ئۇماچقا،ئۇماچتا،ئۇماچتىن...
نەققاش_نەققاشقا،نەققاشتا،نەققاشتىن...
كۇھىقاپ_كۇھىقاپقا،كۇھىقاپتا،كۇھىقاپتىن....
ئورۇندۇق_ئورۇندۇققا،ئۇرۇندۇقتا،ئورۇندۇقتىن...
ئەسكەرتىش:
① "ب،د،ھ "جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر جانلىق تىلدا جاراڭسىزلاشتۇرلۇپ تەلەپپۇز قىلىنغاچقا،مۇنداق سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
ھېساب_ھېسابتا،ھېسابقا،ھېسابتىن،ھېسابى
كىتاب_كىتابتا،كىتابقا،كىتابتىن،كىتابى
ئىقتىساد_ئىقتىسادتا،ئىقتىسادقا،ئىقتىسادتىن،ئىقتىسادى
مۇراد-مۇرادقا،مۇرادتا،مۇرادتىن
پادىشاھ _ پادىشاھقا،پادىشاھتا،پادىشاھتىن
ئارامگاھ _ ئارامگاھتا،ئارامگاھقا،ئارامگاھتىن
② "غ،گ"جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە مۇشۇ ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇلغاندا،ئىككى ئوخشاش جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشنى بىرلا ۋاقىتتا ئېيتىش تەلەپپۇزغا ئېغىرلىق كەلتۈرگەچكە،مۇنداق سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
باغ+قا=باغقا(باققا ئەمەس)
تاغ+قا=تاغقا(تاققا ئەمەس)
تۇغ+قان=تۇغقان(تۇققان ئەمەس)
ئەگ+كەن=ئەگكەن(ئەككەن ئەمەس)
تەگ+كەن=تەگكەن(تەككەن ئەمەس)
بەگ+كە=بەگكە(بەككە ئەمەس)
3."ي"ئۈزۈك تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى
1)ئاخىرقى بوغۇمى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدىكى بەزى سۆزلەرگە تەۋەلىك بىرىنچى، ئىككىنچى شەخس قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،قوشۇمچىنىڭ ئالدىدا"ي"تاۋۇشى كۆپىيىپ قالىدۇ ۋە ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلىدۇ.ئۈچىنچى شەخستە ھەممىسىگە ئوخشاشلا "سى" قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
پولۇ_پولۇيۇم،پولۇيۇڭ،پۇلۇسى
توخۇ_توخۇيۇم،توخۇيۇڭ،توخۇسى
چەيدۇ_ چەيدويۇم،چەيدويۇڭ،چەيدۇسى
ئىملا_ئىملايىم،ئىملايىڭ،ئىملاسى
2)"سۇ"سۆزى تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەندە، "ي"تاۋۇشى كۆپىيىپ قالىدۇ ھەمدە "ئۇ" تاۋۇشى "ئۈ"گە نۆۋەتلىشىدۇ.ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى ئۈچۈن "سى"ئەمەس "ى"قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
سۇ_سۈيۈم،سۈيۈڭ،سۈيى
3)رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋرۇپا تىللىرىدىن كىرگەن "_ ىئا،_ىئو" قۇرۇلمىسىدىكى سۆزلەر تىلىمىزنىڭ فونىتىكىلىق قانۇنىيىتىگە بويسۇندۇرلۇپ،مەزكۇر ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىغا ئۈزۈك تاۋۇش"ي"قوشۇلىدۇ ۋە ئىملادا شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
پىيانىنو،رادىيو،دىيامېتىر،تىياتىر،دىيالوگ،ماتېرىيالىزىم،سوتسىيالىزىم،فىرازىيولوگىيە،دىيافراگما،ئاككوردىيون،دىيالېكىت......

مەشق
1.تۆۋەندىكىلەر ئىچىدىن قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىن كېيىن ئىملاسى توغرا بولغان سۆزلەرنى تېپىڭ.
(1)بىلەك
ئا:بىلىكى                                          ب:بىلىگى
(2)چىگ
ئا:چىگگەن                                      ب:چىگكەن
(3)سۇ
ئا:سۇيۇم                                        ب:سۈيۈم
(4)جەڭگاھ
ئا:جەڭگاھتا                                ب:   جەڭگاھدا   
(5)ياغ
ئا:ياققا                                         ب:ياغقا
(6)ئۈمىد
ئا:ئۈمىدتىن                                  ب:ئۈمىددىن
(7)ئەزا
ئا:ئەزايىم                                     ب:ئەزاىم
(8)مەكتەپ
ئا:مەكتىۋى                                    ب:مەكتىپى
(9)كەچ
ئا:كەشسە                                        ب:كەچسە
(10)كىتاب
ئا:كىتابقا                                         ب:كىتاپقا
2.تۆۋەندىكى تېكىستىنى ئوقۇپ ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسىدا خاتالىق كۆرۈلگەن سۆزلەرنى ئېيتىپ بېرىڭلار.

ئالىيە يېڭى ئوقۇغۇچى.ئۇ بايىنغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىۋىدە ئوقۇيدۇ.ئۇنىڭ ياتىغى 2-قەۋەتتە. ئۇ قەشقەردىن كەلگەن بولۇپ،بۇ يەردە تۇغقىنى يوق.ئۇ كىتابقا بەك ئامراق.ئۇنىڭ كەسپى قوش تىللىق باغچە مائارىپى.شۇڭا ئۇ ھەركۈنى ئۇ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى باققا چىقىپ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىدۇ. بوش ۋاقىتلىرىدا خەنزۇچە رادىئو ئاڭلايدۇ.ئۇ يەنە مۇزىكا چېلىشقىمۇ قىزىقىدۇ.ھازىر ئاككوردىئون چېلىشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ.ئىككىنچى يىللىخقا چىققاندا پىئانىنۇ ئۆگىنىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.ئۇ تامىغىنى مەكتەپ ئاشخانىسىدىن يەيدۇ.ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن پۇل ئازراق ئاسسىلا ئۇنىڭغا كىتاب ئالىدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2149
تۆھپە
742
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 22:18:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ELTUGH يوللىغان ۋاقتى  2012-1-7 20:21
تىلنىڭ ئىجتىمايلىقى_تىلنىڭ تۈپ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى. ...

ئەلتۇغ ئەپەندىمنىڭ سۆزى ئورۇنلۇق !


ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.

Rank: 4

تىللا
247
تۆھپە
101
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 11:50:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Ⅵمۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ئىملاسى

   1 .تۈپ سۆز ۋە قوشۇمچە ئارقىلىق ياسالغان ياسالما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى

تۈپ سۆز ۋە قوشۇمچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ياسالغان ياسالما سۆزلەر جۈملىدە مۇستەقىل لېكسىكىلىق بىرلىك سۈپىتىدە بىر-بىرىدىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
باھار بىلەن تەڭ پۈتكۈل كائىنات جانلىنىشقا باشلىدى.
  2 .بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
  1 )بىرىككەن سۆزلەر بىر لېكسىكىلىق بىرلىك ھېسابلىنىپ،ئۇنى تەشكىل قىلغان ئىككى تەركىب قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

تۆگىتاپان،توشقانقۇلاق،قىرىققۇلاق،مۈشۈكياپىلاق،

سەكسەنپۇت،بۇغىئوت،ئىشقىلىپ،  جاھانكەزدى

ئەسكەرتىش:
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قانداق بىرىكمىلەرنى بىرىككەن سۆز دەپ تونۇش مەسىلىسى تېخى نەزەرىيە جەھەتتىن ھەل بولمىدى.شۇڭا بۇنىڭغا ئالاقىدار كونكىرىت مەسىللەردە ئۇيغۇر تىلچىلىرى ئارىسىدا ھېلىمۇ ئىختىلاپ داۋام قىلىۋاتىدۇ.
     ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىلىق بايلىقى نوقتىسىدىن ئالغاندا،بىرىككەن سۆزلەرنى شۇنىڭدەك بىرىككەن سۆزلۈك يۆلىنىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بىرىكمىلەرنى بىر گەۋدە سۈپىتىدە قوشۇپ يازغان پايدىلىق.تېخى تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرىۋاتقان بىرىكمىلەرنى ئۇلارنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىگە قاراپ كىيىنچە بىر تەرەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.بىز ھازىرچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئاساسەن قوشۇپ يېزىلىۋاتقان بىرىكمىلەرنى بىرىككەن سۆز قاتارىدا ئالدۇق.
   2 )بىرىككەن سۆزلەرنىڭ تەركىبى قىسىملىرى ئوتتۇرسىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشى ھازىرغىچە كېلىۋاتقان ئادەت بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئاشقازان،سەپرائوت،قاراماي،قارادۆڭ،قاراشەھەر....

بۇغىئوت،تۆگىتاپان،قارىمۇچ،قارىقات،بالىياتقۇ،سەللىگۈل....

3 )بىرىنچى تەركىبى ئىككىنچى تەركىبىگە "مۇ"باغلىغۇچىسى ياكى "ۋە"باغلىغۇچىسىنى ئۆزگەرگەن شەكلى"ئۇ"ئارقىلىق قوشۇلغان بىرىكمىلەر بىرىككەن سۆز ھېسابلىنىپ، قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

باغۇبوستان،               ئەيشۇئىشرەت،           دادۇپەرياد،         قولمۇقول

قارىمۇقارىشى،           خىلمۇخىل  ،              قاتمۇقات،             ئۈستىمۇئۈست

   4 )ئىككىنچى تەركىبى "ب"بىلەن باشلانغان بىرىككەن سۆزلەرنىڭ بوغۇم بېشىدىكى "ب" تاۋۇشى "ۋ" تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي،ئىملادا "ب" يېزىلىدۇ.مەسىلەن:

ئونبىشى،يۈزبېشى،مىڭبېگى،يۈزبېگى،موزايبېشى،شىللىباغ،بەلباغ،پاينەكباش،قاپاقباش،يۇمشاقباش،ئۈستىباش،يېڭىباشتىن،كۆكباش،كاتتىباش،ئىشتانباغ،گۈلباغ،ئازادباغ،دۆلەتباغ،چىنباغ،مارالبېشى،يۇلتۇزباغ،سايباغ،شامالباغ،ئەمەتباقى،توختىباقى، ئاخۇنباي،ئابلاباقى..............

   5 )تىلىمىزغا پارس تىلىدىن كىرگەن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلاردىن " _باز،_بان" بىلەن ياسالغان سۆزلەردىكى قوشۇمچىنىڭ بېشىدا كەلگەن "ب" تاۋۇشلىرى ئۇزۇن يىل داۋامىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ "ۋ" تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ "_ۋاز،_ۋەن،_ۋان "  بولۇپ كەتكەن.پەقەت "_باز"شەكلى ئايرىم سۆزلەردە ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان.بۇ خىل سۆزلەرنىڭ ئىملادا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىغانلىرى،فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش  ياسىغان ھالىتىدە ،فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىمىغانلىرى ئەسلىي ھالىتىدە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

دارۋاز(ئەسلى دارباز)                            قىمارۋاز(ئەسلى قىمارباز)

يۇرتۋاز (ئەسلى يۇرتباز)                      سىياسەتۋاز( ئەسلى سىياسەتباز)

باغۋەن(ئەسلى باغبان)                  سايىۋەن(ئەسلى سايىبان)

جانباز،خوتۇنباز،تەركىپباز،تەرەپباز..........

6 )ئىككىنچى تەركىبى لېكسىكىلىق مەنىسىنى يوقىتىپ مۇستەقىل قوللىنىشتىن قالغان ياكى لېكسىكىلىق مەنىسى سۇسلىشىپ،قوللىنىلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان بىرىككەن سۆزلەر قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

بالىۋاقا(ئەسلى بالا بارقا)              ئۆيۋاق(ئەسلى ئۆي- بارق)،تەڭتۈش،تەلتۆكۈس   

    3.جۈپ سۆزلەرنىڭ ئىملاسى   
   1 )جۈپ سۆزلەر ۋە جۈپلەنمە بىرىكمىلەرنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئاتا-ئانا                   توي_تۆكۈن                   ئات_ ئۇلاغ

خۇشال-خۇرام            ھارماي-تالماي            ئۇزۇن-قىسقا

قاتتىق-قۇرۇق             پات-پات                   قات-قات

قەۋەت-قەۋەت

2)ئىككىنچى تەركىبى كېلىشلەر بىلەن تۈرلەنگەن تەكرارلانغان جۈپ سۆزلەر ئوتتۇرغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئارقا-ئارقىدىن               زامان-زاماندىن              كەينى-كەينىدىن

جاي-جايىغا                  جاي-جايىدا                   تۆپە-تۆپىسىگە

ئۆز-ئۆزىنى                     بىر-بىرىنىڭ                    دوقمۇش-دوقمۇشتا

3)بىرىنچى تەركىبى چىقىش كېلىش بىلەن كېلىپ تەكرارلانغان سۆزلەردىن ھاسىل بولغان بىرىكمىلەر جۈپ سۆزلەر ھېسابلىنىپ،ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

كۈندىن-كۈنگە                        ھېلىدىن-ھېلىغا                شاختىن-شاخقا

ئۆيدىن-ئۆيگە                         ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا

   4 )تەكرار كەلگەن ھەر ئىككى سۆزنىڭ ھەر ئىككىسى ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەندىن سىرت يەنە كېيىنكى سۆزلەرگە باش كېلىش قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئۇلار جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ،ئىككى سۆز ئوتتۇرسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ.مەسىلەن:

جايى-جايىدا                       ئورنى-ئورنىدا                  ۋاقتى-ۋاقتىدا

جايى-جايىغا                        ئورنى-ئورنىغا                   ئىچى-ئىچىدىن

5)تەكرار كەلگەن ئىككى سۆزنىڭ كېيىنكىسىگە ياكى ھەر ئىككىسىگە "-لاپ،-لەپ"قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەر جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ،ئوتتۇرسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئاي-ئايلاپ                  كېچە-كېچىلەپ                      تۆپە-تۆپىلەپ

ئويلاپ-ئويلاپ              يۈزلەپ-يۈزلەپ                     ئارىلاپ-ئارىلاپ

6)ئىككى تەركىبلىك ياكى تەكرار كەلگەن تەقلىد سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

تاراق-تۇرۇق                پاژ-پۇژ                    لىغىر-لىغىر

ۋال-ۋۇل                       شىپ-شىپ              قىمىر-قىمىر

    7)ئىككىنچى تەركىبى بىرىنچى تەركىبىگە  قاپىيە نوقتىسىدىن ئۇلىنىپ كېلىپ، ئالدىنقى تەركىبىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى سۇسلاشتۇردىغان بىرىكمىلەر جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ ئوتتۇرسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

نان-پان                    ئاش-پاش             چاي-پاي                تۇز-پۇز   

سەل-پەل                  ئاز-پاز                    لاتا-پۇتا

      مايماق-سايماق     قارا-قۇرا                   ساراڭ-سۇرۇڭ

   4 . سانلارنىڭ ئىملاسى
سانلار تېكىست ئىچىدە تۆۋەندىكى قائىدىلەر بويىچە يېزىلىدۇ.
   1 )بىردىن ئونغىچە بولغان ساناق سانلار ئېھتىياجغا قاراپ رەقەم ياكى ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

بىر ئادەم                  بىر ساپاق ئۈزۈم              ئىككى تاۋۇز          بەش يۈەن

6 قەلەم                     8 كىشى                          9 خالتا........

  2 )دەرىجە سانلار رەقەم بىلەن يېزىلسا،كەينىدىن دەرىجە سان بەلگىسى "-" قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1-ئاي              12-قىسىم          " 9-دىكابېر" ۋەقەسى        مىلادىيە 480-يىلى

  3)بىر قانچە دەرىجە سان قاتار كەلگەندە،مەيلى ھەرپ بىلەن يېزىلسۇن ياكى رەقەم بىلەن يېزىلسۇن ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

بىرىنچى،ئىككىنچى،ئۈچىنچى كاماندا ئەزالىرى........

1-،2-،3- كاماندا ئەزالىرى...............

    4) سانلىق مەلۇماتلاردىكى كۆپ خانىلىق ساناق سانلار ئارىلاش يېزىلسا بولىدۇ. رەقەم بىلەن يېزىلغاندا ھەر ئۈچ خانىسىدىن كېيىن بىر تەتۈر پەش " , " قويۇلىدۇ.

مەسىلەن: 154 مىڭ 630 سەر كۈمۈش         1 مىليۇن 600 مىڭ يۇەن

630,154 سەر كۈمۈش                           600,000  , 1  يۇەن

5)ئاددىي كەسىر ۋە ئونلۇق كەسىرلىك سانلارنى ھەرپلىك ياكى رەقەملىك ئىپادە بىلەن يېزىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:

سەككىزدىن بەش ياكى         ئوندىن بىر ياكى  

نۆل پۈتۈن ئوندىن بىر ياكى 0.1         بىر پۈتۈن يۈزدىن ئالتە ياكى 1.06

   6)بىر ئىش ۋەقەنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بىلەن تاماملىنىش نوقتىسىنى بىلدۈرىدىغان يىل ناملىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنمىسا،ئوتتۇرغا سىزىق قويۇلۇپ،ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ.ئەگەر مۇنداق يىل ناملىرى مىلادىيە ھېسابىدا بولۇپ قالسا،كىچىك سان ئوڭغا،چوڭ سان سولغا يېزىلىدۇ.مىلادىدىن بۇرۇنقىلىرىدا چوڭ سان ئوڭغا،كىچىك سان سولغا يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

مەھمۇد كاشغەرى(  1008_1105 )     
  يۈسۈپ خاس ھاجىپ (  1019_1085 )

مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان (  1449_1551 )  
نەۋايى (  1441_1501 )

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (  1896_1932 )     
  تاڭ سۇلالىسى(  618_907 )

ئارىستوتىل  ( مىلادىدىن ئىلگىركى 384_324 )

پىلاتون   ( مىلادىدىن ئىلگىركى 427_347)

    7 )رىم رەقەملىرىنى ئېھتىياجغا قاراپ سۇلالىلەر،كىتاب بابلىرى ۋە توملىرى،شۇنىڭدەك خىمىيە فورمۇلالىرىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.مۇنداق ئەھۋالدا رىم رەقەملىرىدىن كېيىن ھېچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

Ⅰ باب              Ⅴ توم                كاربون Ⅳ ئوكسىدى

كۆپ ئىشلىتىلدىغان رىم رەقەملىرى
1        2        3        4        5        6        7        8        9        10        11        12        13        14        15        阿
Ⅰ        Ⅱ        Ⅲ        Ⅳ        Ⅴ        Ⅵ        Ⅶ        Ⅷ        Ⅸ        Ⅹ        Ⅺ        Ⅻ        XIII        XIV        XV        拉
16        17        18        19        20        30        40        50        60        70        80        90        100        500        1000        阿
XVI        XVII        XVIII        XIX        XX        XXX        XL        L        LX        LXX        LXXX        XC        C        D        M        拉


    8)قەرەللىك ئۆتكۈزلۈپ تۇرىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتىنى بىلدۈردىغان سانلار تولۇق يېزىلغاندىن كېيىن " _ يىللىق" دېگەن سۆز قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

2007-يىللىق ئۈرۈمچى چېگرا سودا يەرمەنكىسى

2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى

   9 )رەقەم ۋە پىرسەنت بەلگىسى بىلەن يېزىلغان سانلاردىن كېيىن ئەگەر شەخس قوشۇمچىسىنى قوشۇشقا توغرا كەلسە،شەخس قوشۇمچىسى سانلارغا بىۋاستە ئۇلاپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

بۇ دەپتەرنىڭ 14 ى مېنىڭ، 12 سى سېنىڭ

ۋەزىپىنىڭ% 90  ى ئورۇنلاندى

   10 )فورمۇلالار،ماتىماتىكىلىق ئىپادىلەر سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

F=am   (نىيوتۇننىڭ ئىككىنچى قانۇنى)

×M =  (ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىنى قانۇنى)

   11)ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇرچە يېزىلسىمۇ ياكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بويىچە يېزىلسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:

نۇرنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ياكى نۇرنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا     300,000 km     

300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان چېنىقىش زالى ياكى    300  كېلىدىغان چېنىقىش زالى

12)پاراگراف بەلگىسى ساندىن كېيىن يېزىلىدۇ. پاراگراف بەلگىسىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن :

§1 .             §2 .            §3 .            §4 .        §5.           §6 .      

مەشق
1.تۆۋەندىكى بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ.
(1)مىڭبېگى (2)موزايۋېشى(3)بەلۋاغ(4)پاينەكباش(5)قاپاقۋاش (6)يېڭىۋاشتىن(7)كاتىباش(8)مارالبېشى(9)سايۋاغ(10)ئەمەتباقى
(11)قارىمۇ_قارشى (12)خىلمۇخىل (13)قارامۇچ(14)سەكسەن پۇت
2.مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ئىملاسى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ.
1) بىردىن ئونغىچە بولغان ساناق سانلار ئېھتىياجغا قاراپ پەقەت ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.(       )
2) پاراگراف بەلگىسى ساندىن كېيىن يېزىلىدۇ. پاراگراف بەلگىسىدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ.(                )
3) ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇرچە يېزىلسىمۇ ياكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بويىچە يېزىلسىمۇ بولىدۇ.(               )
4) فورمۇلالار،ماتىماتىكىلىق ئىپادىلەر ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ.(        )
5) قەرەللىك ئۆتكۈزلۈپ تۇرىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتىنى بىلدۈردىغان سانلار تولۇق يېزىلغاندىن كېيىن " _ يىللىق" دېگەن سۆز قوشۇپ يېزىلىدۇ.(              )
6) يىل ناملىرى مىلادىيە ھېسابىدا بولۇپ قالسا،كىچىك سان سولغا،چوڭ سان ئوڭغا يېزىلىدۇ.(                 )
7) رىم رەقەملىرىدىن كېيىن ھېچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ.(            )
8)تۈپ ۋە ياسالما سۆزلەر ئۆز-ئارا قوشۇپ يېزىلىدۇ.(               )
9) بىرىككەن سۆزلەر بىر لېكسىكىلىق بىرلىك ھېسابلىنىپ،ئۇنى تەشكىل قىلغان ئىككى تەركىب قوشۇپ يېزىلىدۇ.(                  )
10) جۈپ سۆزلەر ۋە جۈپلەنمە بىرىكمىلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇپ يېزىلىدۇ.
3.تۆۋەندىكى جۈملىلەردىكى مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ئىملاسى جەھەتتىكى خاتالىقلارنى تېپىڭ.
1)مۈشۈك ياپىلاق كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.
2)ياخشىبالىلار تىرىشىپ ئوقۇيدۇ.
3) Ⅰ. بابنى ئوقۇپ بولدۇم.
4)ساۋاغداشلار§.1 نى كۆچۈرۈپ كېلىڭلار.
5)شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت يەر مەيدانىنىڭ ئالتىدەن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.
6) ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (  1932_1896 ) ۋەتەنپەرۋەر شائىردۇر.
7)12 مۇقام ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالىدۇ.
8)بۇ ئورمانلىقتا خىلمۇ-خىل قۇشلار ياشايدۇ.
9)ئۇلار ۋەزىپىنىڭ توقسان ٪ نى ئورۇنلاپ بولدى.
10)بالىلار كەينى.كەينىدىن يېتىپ كەلدى.


Rank: 4

تىللا
247
تۆھپە
101
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 11:51:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ⅶبەزى پېئىللارنىڭ ئىملاسى

1."ئال-، بول-،چال-،سال-،قال-،كەل-"پېئىللىرى ئۆتكەن زامان ۋاستىلىك بايان رايىنىڭ بولۇشلۇق شەكلىدە كەلسە، بۇ پېئىللارنىڭ رەۋىشداش  شەكلىدىكى "لى-" ۋە "لۇ-" بوغۇملىرى چۈشۈپ قالىدۇ.ئەسلىي پېئىلدىكى"ئا،ئە"تاۋۇشلىرى "ئې"غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

ئال- +ىپ+دۇر+مەن=ئاپتىمەن،ئاپتىمىز
ئال-+ىپ+دۇر+سەن=ئاپسەن،ئاپسىز،ئاپتىلا
ئال-+ىپ+دۇر+0=ئاپتۇ

بول-+ۇپ+دۇر+مەن=بوپتىمەن،بوپتىمىز
بول-+ۇپ+دۇر+سەن=بوپسەن،بوپسىز،بوپتىلا
بول-+ۇپ+دۇر+0=بوپتۇ

چال-+ىپ+دۇر+مەن=چاپتىمەن،چاپتىمىز
چال-+ىپ+دۇر+سەن=چاپسەن،چاپسىز،چاپتىلا
چال-+ىپ+دۇر+0=چاپتۇ

سال-+ىپ+دۇر+مەن=ساپتىمەن،ساپتىمىز
سال-+ىپ+دۇر+سەن=ساپسەن،ساپسىز،ساپتىلا
سال-+ىپ+دۇر+0=ساپتۇ

قال-+ىپ+دۇر+مەن=قاپتىمەن،قاپتىمىز
قال-+ىپ+دۇر+سەن=قاپسەن،قاپسىز،قاپتىلا
قال-+ىپ+دۇر+0=قاپتۇ

كەل-+ىپ+دۇر+مەن=كەپتىمەن،كەپتىمىز
كەل-+ىپ+دۇر+سەن=كەپسەن،كەپسىز،كەپتىلا
كەل-+ىپ+دۇر+0=كەپتۇ
2."ئال-،بول-،چال-،سال-،قال-،كەل-"پېئىللىرى ئۆز مەنىسىدە "پ"لىق رەۋىشداش شەكلىدە كېلىپ،ئۇنىڭ ئاخىرىغا يەنە مۇشۇ پېئىللار تۈسلۈك مەنە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكەن زامان ۋاستىلىك بايان رايى شەكىلدە ياردەمچى پېئىل ۋەزىپىسىدە كەلسە،بۇ ياردەمچى پېئىللار تەركىبىدىكى "لى-" ۋە "لۇ-" بۇغۇملىرى كۆرسىتىلگەندەك چۈشۈپ قالىدۇ.ئالدىنقى پېئىلدىكى "ئا،ئە"تاۋۇشلىرى 'ئې"غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

ئېلىپ ساپتىمەن
ئال-+ىپ=ئېلىپ              سال-+ىپ>ساپ+دۇر+مەن=ساپتىمەن

بولۇپ بوپتۇ
بول_+ۇپ=بولۇپ              بول-+ۇپ>بوپ+دۇر=بوپتۇ
چېلىپ ساپتىمەن
چال-+ىپ=چېلىپ          سال-+ىپ>ساپ+دۇر+مەن=ساپتىمەن

سېلىپ بوپتۇ
سال-+ىپ=سېلىپ          بول-+ۇپ>بوپ+دۇر=بوپتۇ
قېلىپ قاپتىمەن

قال-+ىپ=قېلىپ      قال-+ىپ>قاپ+دۇر+مەن=قاپتىمەن

كېلىپ قاپتىمەن
كەل-+ىپ=كېلىپ          قال-+ىپ>قاپ+دۇر+مەن=قاپتىمەن

مەشق

تۆۋەندىكى تېكىستنى ئوقۇپ پېئىللارنىڭ ئىملاسىدا مەسلە كۆرۈلگەن جايلارنى تېپىڭلار.

   بۈگۈن بىر دوستۇم بىلەن بازارغا چىقىپ،نۇرغۇن نەرسە ئېلىپتىمەن.كەچ بولغاندا،تاكسىغا چىقىپلا ماڭغاچقا،ئۆيگە بىر دەمدىلا كېپ قاپتىمەن. بەك ھېرىپ كەتكەچكە،ئۆزۈمنى سافاغا تاشلاپلا ئۇخلاپ قېلىپتىمەن. ئەتىسى ئالغان نەرسىلىرىمنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ باقاي دەپ قارىسام،يېڭى ئالغان ئىشتىنىمنىڭ سېيرىتمىسى بۇزۇق تۇرىدۇ.ئالماشتۇراي دەپ دۇكانغا بارسام،دۇكان خوجايىنى:" بۇنى ئالماشتۇرساق بولمايدۇ،ۋاقتىدا دېمەپسىز"،دەيدۇ.مەنمۇ بوش كەلمەي:"تۈنۈگۈن دېققەت قىلماي بۇ ئىشتاننى ئېلىپ ساپتىمەن.بىلسەم دېگەن بولاتتىم"،دېدىم. ئۇندا دېيشىپ،بۇندا دېيىشىپ ئاخىر ئىشتاننىڭ سېيرىتمىسىنى ئوڭشىتىپ بەردى.مەنمۇ شۇنىڭغا رازى بولۇپ،ئىشتاننى ئېپ قايتىپ كەلدىم.

3 .يۇقىردىكى ئالتە پېئىلنىڭ مۇستەقىل مەنىدە كەلگەن "پ"لىق رەۋىشداش شەكلىگە تۈس مەنىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلاردىن بەزىلىرى يەنە "پ"لىق رەۋىشداش شەكىلىدە ئۇلىنىپ كەلگەندە،ھەر ئىككى پېئىلنىڭ "پ"لىق رەۋىشداش شەكلىدە كۆرۈلگەن "لى-" ۋە "لۇ-"بوغۇملىرى چۈشۈرۈلمەي يېزىلىدۇ.ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى "ئا،ئە"تاۋۇشلىرى "ئې"غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

ئال-+ىپ=ئېلىپ               سال-+ىپ=سېلىپ_ _ _ ئېلىپ سېلىپ

بول-+ۇپ=بولۇپ             بول-+ۇپ=بولۇپ _ _ _ بولۇپ بولۇپ

چال-+ىپ=چېلىپ        سال-+ ىپ=سېلىپ_ _ _ چېلىپ سېلىپ

سال- + ئىپ=سېلىپ      بول-+ ۇپ=بولۇپ _ _ _ سېلىپ بولۇپ

كەل_ + ىپ=كېلىپ        قال- +ىپ=قېلىپ _ _ _ كېلىپ قېلىپ

ئەسكەرتىش:يۇقىرىدىكى 6 پېئىل مۇستەققىل مەنىدە "پ"لىق رەۋىشداش شەكىلىدە كەلگەندە،ئۇلارغا تۈسلۈك مەنە ئۈچۈن " ئال " پېئىلىنىڭ " پ " لىق رەۋىشداش شەكلى قوشۇلۇپ كەلسە،ھەر ئىككى تەركىبتىكى "لى-" ۋە "لۇ-"بوغۇملىرى چۈشۈرۈلمەي بىرىكتۈرۈپ يېزىلىدۇ.بۇ پېئىللاردىكى "ئا،ئە" تاۋۇشلىرى "ئې"غا نۆۋەتلەشكەندىن سىرت يەنە بىرىنچى تەركىب نىڭ ئايىغىدىكى"پ" تاۋۇشىمۇ "ۋ"غا نۆۋەتلەشتۈرىلىدۇ. مەسىلەن:

ئال- +ىپ+ئال-+ىپ=ئېلىۋېلىپ

بول-+ۇپ+ئال- +ىپ=بولۇۋېلىپ

چال- +ىپ+ئال- + ىپ=چېلىۋېلىپ

سال- + ىپ+ئال-+ىپ=سېلىۋېلىپ

قال- +ىپ+ئال- +ىپ=قېلىۋېلىپ

كەل- + ىپ+ئال- ىپ=كېلىۋېلىپ

4.ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ ئاخىرىغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى " ئا،ئە " قوشۇلغاندىن كىيىن، "ئا- "پېئىلنىڭ ياردىمى بىلەن ئىمكانىيەت تۈسىنىڭ بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز شەكلى ئىپادىلەنسە،پېئىللارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى " ئا" تاۋۇشى ئۆز پېتى قالىدۇ، "ئە"تاۋۇشى "ئې"غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

بولۇشلۇق شەكلى

ياز- + ا + ئال - + ا+دۇر + مەن=يازالايمەن
ياز- + ا + ئال - + ا+دۇر + سەن=يازالايسەن
ياز- + ا + ئال - + ا+دۇر +0=يازالايدۇ

كەل- + ە+ ئال- + ا+ دۇر+ مەن=كېلەلەيمەن
كەل- + ە+ ئال- + ا+ دۇر+سەن=كېلەلەيسەن
كەل- + ە+ ئال- + ا+ دۇر+0=كېلەلەيدۇ

بولۇشسىز شەكلى

ياز- +ا + ئال- +ما+ي+دۇر+ مەن=يازالمايمەن
ياز- +ا + ئال- +ما+ي+دۇر+ سەن=يازالمايسەن
ياز- +ا + ئال- +ما+ي+دۇر+0=يازالمايدۇ

كەل- +ە + ئال- + ما + ي + دۇر + مەن=كېلەلمەيمەن
كەل- +ە + ئال- + ما + ي + دۇر + سەن=كېلەلمەيسەن
كەل- +ە + ئال- + ما + ي + دۇر + 0=كېلەلمەيدۇ

     5 .سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى " ي " قوشۇلغاندىن كېيىن " ئال- " (بۇ پېئىل تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق يىلتىز ياكى ئۆزەكلەردە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى سەۋەبىدىن " ئەل" شەكىلىدە كۆرۈلىدۇ.)پېئىلنىڭ ياردىمى بىلەن ئىمكانىيەت تۈسىنىڭ بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز شەكلى ئىپادىلەنسە،سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى " ئا،ئە"تاۋۇشلىرى "ئى" غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

بولۇشلۇق شەكلى

ئىشلە- + ي+ئال- + ا + دۇر+ مەن=ئىشلىيەلەيمەن
ئىشلە- + ي+ئال- + ا + دۇر+ سەن=ئىلىيەلەيسەن
ئىشلە- + ي+ئال- + ا + دۇر+ 0=ئىشلىيەلەيدۇ

ياسا- +ي + ئال- + ا + دۇر + مەن= ياسىيالايمەن
ياسا- +ي + ئال- + ا + دۇر + سەن=ياسىيالايسەن
ياسا- +ي + ئال- + ا + دۇر + 0=ياسىيالايدۇ

بولۇشسىز شەكلى

ئىشلە_ + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + مەن= ئىشلىيەلمەيمەن
ئىشلە_ + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + سەن=ئىشلىيەلمەيسەن
ئىشلە_ + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + 0=ئىلىيەلمەيدۇ

ياسا _ + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + مەن = ياسىيالمايمەن
ياسا _ + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + سەن=ياسىيالمايمەن
ياسا _ + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + 0=ياسىيالمايدۇ

   6.يۇقىرىدىكى قائىدە بويىچە ئىمكانىيەت تۈسىگە ئىگە بولغان بىر بوغۇملۇق " دە- ،يە- " پېئىللىرىدىكى "ئە" تاۋۇشى " ئې " غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

بولۇشلۇق شەكلى :

دە- + ي + ئال- + ا + دۇر + مەن=دېيەلەيمەن
دە- + ي + ئال- + ا + دۇر + سەن=دېيەلەيسەن
دە- + ي + ئال- + ا + دۇر + 0=دېيەلەيدۇ

يە- + ي + ئال- + ا + دۇر + مەن=يېيەلەيمەن
يە- + ي + ئال- + ا + دۇر + سەن=يېيەلەيسەن
يە- + ي + ئال- + ا + دۇر + 0=يېيەلەيدۇ

بولۇشسىز شەكلى

دە- + ي + ئال- + ا + ما + ي + دۇر + مەن=دېيەلمەيمەن
دە- + ي + ئال- + ا + ما + ي + دۇر + سەن=دېيەلمەيسەن
دە- + ي + ئال- + ا + ما + ي + دۇر +0=دېيەلمەيدۇ

يە- + ي + ئال- + ا + ما + ي + دۇر + مەن=يېيەلمەيمەن
يە- + ي + ئال- + ا + ما + ي + دۇر + سەن=يېيەلمەيسەن
يە- + ي + ئال- + ا + ما + ي + دۇر +0=يېيەلمەيدۇ

   7 ."ئوقۇ- ، تونۇ- " غا ئوخشاش ئاخىرقى بوغۇمىدا " ئۇ " تاۋۇشى كەلگەن پېئىللارغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى " ي " قوشۇلغاندىن كېيىن " ئال- " پېئىلىنىڭ ياردىمى  ئارقىلىق ئىمكانىيەت تۈسىنى بىلدۈرسە،بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز ھەر ئىككى شەكلىدە پېئىل يىلتىزىدىكى " ئۇ " تاۋۇشىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مەسىلەن:

بولۇشلۇق شەكلى :

ئوقۇ - + ي + ئال- + ا + دۇر + مەن= ئوقۇيالايمەن
ئوقۇ - + ي + ئال- + ا + دۇر + سەن= ئوقۇيالايسەن
ئوقۇ - + ي + ئال- + ا + دۇر + 0= ئوقۇيالايدۇ

تونۇ - + ي + ئال- + ا + دۇر + مەن= تونۇيالايمەن
تونۇ - + ي + ئال- + ا + دۇر + سەن= تونۇيالايسەن
تونۇ- + ي + ئال- + ا + دۇر + 0= تونۇيالايدۇ

بولۇشسىز شەكلى:

ئوقۇ- + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + مەن =ئۇقۇيالمايمەن
ئوقۇ- + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + سەن =ئۇقۇيالمايسەن
ئوقۇ- + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + 0 =ئۇقۇيالمايدۇ

تونۇ- + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + مەن =تونۇيالمايمەن
تونۇ- + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + سەن =تونۇيالمايسەن
تونۇ- + ي + ئال- + ما + ي + دۇر + 0 =تونۇيالمايدۇ

    8. " ئات " پېئىلى "پ" لىق رەۋىشداشلاردىن كېيىن كېلىپ تۈسنى بىلدۈرسە، " ئەت " كە ئايلىنىپ كېتىدۇ ۋە ئالدىنقى پېئىلغا قوشۇپ يېزىلىدۇ. رەۋىشداشتىكى " پ " تاۋۇشى " ۋ " غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
تاشلا- + پ + ئات= تاشلىۋەت

ياسا- + پ + ئات= ياسىۋەت

ئوقۇ- + پ + ئات= ئوقۇۋەت

9." بەر' پېئىلى " ئا،ئە " بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ تۈسنى بىلدۈرۈپ كەلسە،رەۋىشداشلاردىكى " ئا، ئە " تاۋۇشلىرى " ئى " غا نۆۋەتلىشىش بىلەن بىرگە پېئىلنىڭ يىلتىز ياكى ئۆزىكىدىكى " ئا،ئە " تاۋۇشلىرى " ئې " غا نۆۋەتلىشىدۇ. شۇنىڭدەك " بەر-" پېئىلىدىكى "ب " تاۋۇشى " ۋ " غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

ياز- + ا + بەر= يېزىۋەر

قاز- + ا + بەر= قېزىۋەر

سات- + ا + بەر= سېتىۋەر

كۆر- + ە + بەر= كۆرىۋەر

كەت- + ە + بەر= كېتىۋەر

كەس- + ە + بەر= كېسىۋەر

كەت- + ە + بەر= كېتىۋەر

10.سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى "ي " قوشۇلغاندىن كېيىن " بەر- " پېئىلى قوشۇلۇپ تۈسنى بىلدۈرگەندە،مەزكۇر " ي " چۈشۈپ قالىدۇ.بۇ پېئىللار تەركىبىدىكى " ئە " سوزۇق تاۋۇشلىرى " ئى " غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. ئەمما ئىككىنچى تەركىبتىكى "ب " تاۋۇشى " ۋ " غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

دە- + ي + بەر= دەۋەر

ئىشلە –+ ي + بەر= ئىشلەۋەر

ياسا- + ي + بەر= ياساۋەر



Rank: 4

تىللا
247
تۆھپە
101
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 11:53:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ⅷ            ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى

1."ئىدى،ئىكەن،ئىمىش" ياردەمچى پېئىللىرى تۇرغۇن سۆزلەردىن كېيىن كەلسە،ئالدىدىكى سۆزلەردىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئىدى _ كىتاب ئىدى،قىزىل ئىدى،ئالتە ئىدى،شۇنداق ئىدى....

ئىكەن_ كىتاب ئىكەن،قىزىل ئىكەن،ئالتە ئىكەن،شۇنداق ئىكەن....

ئىمىش _ كىتاب ئىمىش،قىزىل ئىمىش،ئالتە ئىمىش،شۇنداق ئىمىش.....

بۇ ياردەمچى پېئىللار پېئىل تىپىدىكى سۆزلەردىن  كېيىن كەلسە، ئالدىدىكى تەركىبكە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئىدى _ ئوقۇغانىدى،بارماقچىدى؛يېزىۋىدى،يازارىدى،يازسىدى....

ئىكەن _ ئوقۇغانىكەن، ئوقۇيدىكەن؛ بارماقچىكەن؛يېزىپتىكەن،يازسىكەن، يازىدىكەن،...........

ئىمىش _ ئوقۇغانمىش،بارماقچىمىش،يازارىمىش

  2 ." مۇ،ما،غۇ،قۇ،ئا،ئە،زە،لا" ئۇلانمىلىرى سۆز يىلتىزلىرىغا قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ. " دە،ھە،يۇ " ئۇلانمىلىرى ئالدىدىكى سۆزلەردىن سىزىقچە ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن :

ئالدىڭىزمۇ؟         مەنما؟       سىزچۇ ؟           مەنغۇ كېلەرمەن    شۇنداققۇ دەيمەن؟

ئېيتىپ بېقىڭا؟          شۇنداق دېگىنە. سەنزە ، كېلىپلا،       كۆرۈپلا..........

ئۇ كەلدى – دە،ئولتۇرماي كەتتى.

شۇنداق ئويلاپسەن – دە، كۆرۈپسەن- دە،     سەنمۇ يېزىپسەن – دە.

باردۇق- ھە .               كۆردۇق _ ھە.               كەتتۇق _ ھە  .

كەلدى _ يۇ، كەتتى. باردى _ يۇ ئالدى

3." بىلەن، ۋە، ھەم، ھەمدە، ئۈچۈن، ياكى، يا، بەلكى، چۈنكى، ئارقىلىق،ئارقىسىدا، توغرۇلۇق، توغرىسىدا، ئەمما، بىراق، لېكىن........" قاتارلىق ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئالدى ۋە ئارقىسىدىكى سۆزلەردىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

مەن بىلەن سەن       مەن ۋە سەن          مەن ھەم سەن

سېنىڭ ئۈچۈن         سەن توغرۇلۇق        مەن ياكى سەن

   4.سۈپەتلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ،سۈپەتلەرنىڭ ئاشۇرۇش دەرىجىسىنى بىلدۈردىغان " پ " بىلەن ئاياغلاشقان تەركىبلەر سۈپەتكە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئاپئاق،ئاپئاشكارا،كۆپكۆك،سېپسېسىق،قىپقىزىل،دۇپدۇمىلاق،قاپقارا، ياپيېشىل.....




Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2072
تۆھپە
1542
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 13:40:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ھەقىقەتەن نادىر تېمىكەن، باشقۇرغۇچىلار  جەۋھەرلەپ قويسا بوپتۇكەن


Rank: 4

تىللا
247
تۆھپە
101
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 21:46:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ⅸباشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى

1. خەنزۇ تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
1)خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا قۇبۇل قىلىنغان ۋاقتى ئۇزۇن بولغان سۆزلەر ئۆزلەشكىنى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

گاڭپەن،سومەن،خوشاڭ،پىنتوزا،يۇتازا.........

2)خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى " c,sh,ch,zh " تاۋۇشلىرى ئۇيغۇرچىدا " ج،چ،ش،س" ھەرپلىرى بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن :

جۇڭگۇ                        Zhong guo                          中国
چاڭشا          长沙              Chang sha        
شاڭخەي 上海             Shang hai           
ساۋ ساۋ曹操              Cao cao           
   
3)خەنزۇ تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەردىكى تاق يۈنمۇ " e,ī,o,a " ھەم قوشما يۈنمۇ " in,ing,en,eng,uang,ua,ang " لار پۇتۇڭخۇا تەلەپپۇزى بويىچە ئەينەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

بوخەي    渤海                   Bo hai               
شېڭمۇ  声母                 Sheng mu              
لى شىمىن 李世民                 Li shi min            
ئېمېيشەن 峨眉山                E mei shan           
خېنەن 河南                    He nan               
شىنجياڭ  新疆                    Xin jiang            
شىڭشىڭشيا    星星峡                 Xing xing xia         
فاڭجىن  方针                     Fang zhen            
جىڭجۇ   郑州                     Zheng zhou            
خۇاشيا  华夏                        Hua xia            
گۇاڭجۇ            广州                    Guang zhou      

   4) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى تاق يۈنمۇ " u  " بىلەن قوشما يۈنمۇ " un,uan " لاردىكى " u" نىڭ يېزىلىشى تۆۋەندىكىچە :

(1) " u  " تاق يۈنمۇسى " y,x,q" شىڭمۇلىرى بىلەن بىللە كەلگەندە "ئۈ " يېزىلىپ باشقىلىرىدا " ئۇ " يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

شۈ گوجاڭ    许国璋               Xu guo zhang            
شۈجۇ   徐州                 Xu zhou                  
جياۋ يۈلۇ  焦裕禄                 Jiao yu lu              
يۈ گۇڭ                  愚公                  Yu gong

(2) قوشما يۈنمۇ  "un" تەركىبىدىكى " u  " تاق يۈنمۇسى ئۇيغۇرچىدا "ئۈ" يېزىلىدۇ.قوشما يۈنمۇ " uan "  ،" g,h,k" شىڭمۇلىرىغا قوشۇلۇپ كەلگەندە،تەركىبىدىكى " u  " ئۇيغۇرچىدا " ئۇ "يېزىلىدۇ.  " g,h,k" شىڭمۇلاردىن باشقا شىڭمۇلارغا قوشۇلۇپ كەلسە،" ئۈ " يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

يۈنمۇ  韵母                Yun mu                     
لۇشۇن 鲁迅                Lu xun                     
گۇەن ۋېنجاۋ关文钊        Guan wen zhao               
جيا يۈگۇەن  嘉峪关            Jia yu guan                 
لى رۈيخۇەن 李瑞环           Li rui huan                 
كۇەن (فامىلە)                                  宽                  Kuan

   5)خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى ئايرىم بوغۇم بولۇپ كەلگەن قوشما يۈنمۇ " ou " تەركىبىدىكى  " u  " تاۋۇشى ،قوشما يۈنمۇ " ao,iao" دىكى "o" تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدا " ۋ "غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا " ۋ " يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئوۋياڭ شيۇ  欧阳修            Ou yang xiu              
جوۋ ئېنلەي  周恩来             Zhou en lai              
ماۋ زېدوڭ  毛泽东            Mao ze dong               
جياۋ يۈلۇ 焦裕禄               Jiao yu lu               
ئاۋ مېن  澳门                Ao men                 
ساۋ ساۋ 曹操                   Cao cao               

  6) خەنزۇ تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ تاق يۈنمۇلىرى ئىچىدە  "o" تاۋۇشى ئەگەر ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، ئۇيغۇرچىدا " ئو "يېزىلىدۇ. يېپىق بوغۇم ھالەتتە قالسا، "ئۇ " يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

بوخەي                       Bo hai   渤海                     
نىڭبو                         Ning bo                       宁波
موخې                        Mo he   漠河                       
پو ياڭ                          鄱阳                    Po yang
شەندۇڭ                    Shan dong   山东                    
چۇڭچىڭ                   Chong qing   重庆                    
جۇڭخۇا                      Zhong hua     中华                  
گۇڭشې                            Gong she  公社                    

   7) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدا "uai,ai,uan,ian,an " يۈنمۇلىرىدىكى " a" تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدىكى " ئە" تاۋۇشىغا يېقىن تەلەپپپۇز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا "ئە" يېزىلىدۇ.بۇلاردىكى ئاخىرقى تاۋۇش ياكى ئۆتكۈنچى تاۋۇش بولۇپ كېلىدىغان "ī " تاۋۇشى ئۈزۈك تاۋۇش " ي "غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا " ي " يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

تيەنجىن  天津                 Tian jin                     
لەنجۇ 兰州                Lan zhou                     
شەنخەيگۇەن  山海关             Shan hai guan               
چاڭجياڭ 长江             Chang jiang                    
خۇەيخې                                      淮河               Huai he   

   8) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى قوشما يۈنمۇ " uo" ئۇيغۇرچىدا " ئو " بىلەن، "ue" ئۇيغۇرچىدا " ئۆ" بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

گوۋۇيۈەن                               Guo wu yuan   国务院            
يۆ فېي                                 Yue fei        岳飞               
جاڭ شۆلياڭ                      Zhang xue liang                张学良  
               
9) خەنزۇچە كىشى ئىسىملىرىدا فامىلە بىلەن ئىسىم ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن :

ئوۋياڭ شيۇ  欧阳修            Ou yang xiu              
جوۋ ئېنلەي  周恩来             Zhou en lai              
ماۋ زېدوڭ  毛泽东            Mao ze dong               
جياۋ يۈلۇ 焦裕禄               Jiao yu lu               

2     . رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان،ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ،يەنى ئالدىنقىسى جاراڭسىز،كېيىنكىسى جاراڭلىق ياكى ھەر ئىككىسىلا جاراڭلىق ۋە ياكى ھەر ئككىسىلا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
1)جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش "س" ياكى "ش" لار ئۆزىدىن كېيىن باشقا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلگەندە،سۆز بېشىغا " ئى" قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئىستىل،ئىسفىرا،ئىستاتىك،ئىستودىيە،ئىسپورا،

ئىسكىرىپكا،ئىسكىلات،ئىشتاپ،ئىشتات،ئىشتانكا،ئىشكالا.........

2) " س،ش"دىن باشقا ئىككى جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشىدا قاتار كەلسە،بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا " ئى" قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

پىتومائىن،پىتېروكارىيە،فىتور........

3)"س،ش،ت،پ،خ،ف،ك" قاتارلىق جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۆزىدىن كېيىن " ر،ل،م " قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلسە،بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا " ئى" قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

پىراكتىكا،پىروگرامما،پىرولېتارىيات،تىراكتۇر،تىراگىدىيە،خىروم،خىرۇستال،

خىرىستىيان،فىرانىك،فىرانسوز،سىلانېتىس،سىمولا،شىلانكا،كىران،كىلاسسىك...

4) ئىككى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بېرىكىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلسە،بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا " ئى" قوشۇپ يېزىلىدۇ.مەسىلەن:

بىراخما،بىرىتىۋا،بىرىليانت،بىروم،بىرونېۋىك،دىراپ،دىرامما،دىراۋىد،گىرامماتىكا، گىرام.........

5) رۇس فامىلىلىرىدىكى "- ئوۋ،-ئېۋ،-يېۋ" قوشۇمچىلىرىدىكى  " ۋ " تاۋۇشى " ف " بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

تۇرگېنىف             لېف نىكولايېۋىچ تولستوي               ھەيدەروف نېكراسوف




Rank: 4

تىللا
247
تۆھپە
101
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 21:46:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ⅹقىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى

1.يەككە ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويماي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ج  خ  ج  _ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

ج  ك  پ _ جۇڭگۇ كومۇنىستلار پارتىيەسى

ج  خ ئى _ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى

ش ئۇ  ئا  ر _ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

2. بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

پارتىكوم _ پارتىيە كومىتېتى                ئوبكوم _ ئوبلاستلىق كومىتېت

تىلكوم _ تىل-يېزىق كومىتېتى

3. كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ قىسقارتىلغان ھەرىپىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

م.كاشغەرى( مەھمۇد كاشغەرى)        ل. مۇتەللىپ( لۇتپۇللا مۇتەللىپ)

ئا.ت. ئۆتكۈر (ئابدۇرېھىم تىلەش ئۆتكۈر)     ئا.نىزارىي( ئابدۇرەھىم نىزارى)

4. خەلقئارادا ھەرپ بويچە قىسقارتىپ قوللىنىش ئادەتلىنىپ كەتكەن قىسقارتىلغان سۆزلەر تىلىمىزغا قۇبۇل قىلىنغاندا خەلئارادىكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن :

WTO                                                 دۇنيا سودا تەشكىلاتى

GDP                                                 ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى

BBC                                                 ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى

KGB                                                  دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى

VCD                                                 ۋىدىيولۇق ئوپتىكىلىق دىسكا

DVD                                                رەقەملىك ۋىدىيولۇق دىسكا

CD                                                      ئوپتىكىلىق دىسكا

5.خەلقئارادا ھەرپ بويىچە قىسقارتىلىپ بوغۇم تەشكىل قىلالايدىغان سۆزلەر تىلىمىزغا قۇبۇل قىلىنغاندا،ئىملادا قىسقارتىلغان لاتىن ھەرپى بويىچە يېزىشقىمۇ ياكى ئۇيغۇرچە يېزىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:

OPEC                                                 ياكى                     ئوپىك

SARS                                                 ياكى                      سارس

ADIS                                                   ياكى                       ئەيدىز

DOS                                                    ياكى                     دوس

ROM                                                   ياكى                    روم  

RAM                                                   ياكى                      رام  

6. بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ناملىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ب د ت                                      بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

ش ئا ئە ت                                 شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى
م  د   ب                                  مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى

ئو ت م                                    ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى

7.خەلقئارادا قىسقارتىپ يېزىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇرچە يەككە ھەرپ بويچە قىسقارتىپ يېزىلىدۇ،ئارىسىغا چېكىت قويۇلمايدۇ. مەسىلەن :

س م                            سانتىمېتىر

ك  م                           كىلومېتىر

ك  ل                    كىلولىتىر

ك  ۋ                    كىلوۋات

م  گ                   مىللىگرام

م  م                      مىللىمېتىر



Rank: 4

تىللا
247
تۆھپە
101
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 21:46:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Ⅺقوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى

1. قوشۇمچىلار سۆز يىلتىزىغا قوشۇپ يېزىلىدۇ.مەسىلەن:

چىراي+ لىق= چىرايلىق           ئۆي+ دىن= ئۆيدىن            كىتاب+ خانا=كىتابخانا

2.ئەرەب تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم ئەسلىي سۈپەت سۆزلەرگە ئۆز تەلەپپۇزى بويىچە "ي" قوشۇپ يېزىلىدۇ.مۇنداق سۈپەتلەر ئەگەر ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنسە،سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە ئوخشاشلا ئاخىرىغا  " سى " قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

بەدىئىي،   مەنپىي،     ئاددىي،    مەخپىي،      سەمىمىي،    ئىجابىي،      ئىجابىيسى

سەلبىي،     سەلبىيسى    تەبىئىي   تەبىئىيسى     ئالىي        ئالىيسى       ئەشەددىي

ئەشەددىيسى             تەپسىلىي             تەپسىلىيسى

3.پېئىللارنىڭ مەجبۇرىي دەرىجە قوشۇمچىلىرى تۆۋەندىكىچە قوشۇلىدۇ.
   "ل،م،ن،ز،گ،غ،ڭ،ي" بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا "- دۇر، - دۈر " قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

چان _ چاندۇر            قون _ قۇندۇر              بۇز _ بۇزدۇر

ئەز _ ئەزدۈر             چىگ _ چىگدۈر             تۈگ _ تۈگدۈر

بوغ _ بوغدۇر             تۇغ _ تۇغدۇر                  ماڭ _ ماڭدۇر

توڭ _ توڭدۇر           كۆي _ كۆيدۈر                  قوي _ قويدۇر

ئال _ ئالدۇر            قال _ قالدۇر                     يۇم _ يۇمدۇر

ئەسكەرتىش:
تۆۋەندىكى سۆزلەر يۇقىرىدىكى قائىدىگە بويسۇنمايدۇ. مەسىلەن:

كەل _ كەلتۈر                   ئۆل _ ئۆلتۈر              سۇن _ سۇنغۇز_ .....(تاماق)

تۆۋەندىكىلىرىگە ئىككى خىل قوشۇمچى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

تام _ تېمىت.....،تامدۇر        ئاق _ ئېقىت.......ئاقتۇر       ئەم _ ئېمىت.....ئەمدۈر

4."س،ق،ك،پ" بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا "_ تۇر، _ تۈر" قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئاس _ ئاستۇر                     باس _ باستۇر             كەس _ كەستۈر

باق _ باقتۇر                      قاق _ قاقتۇر               ياق _ ياقتۇر

چەك _ چەكتۈر                   بىرىك _ بىرىكتۈر      زېرىك _ زېرىكتۈر

ياپ _ ياپتۇر                    قوپ _ قوپتۇر              كۆپ _ كۆپتۈر

ئەسكەرتىش:
تۆۋەندىكى پېئىللار بۇ قائىدىگە بېقىنمايدۇ. مەسىلەن:

قوپ _ قوپۇر (تام)     چىق _ چىقار            قورق – قورقۇت  

قىس _ قىسقۇز  ............( "قىستۇر- "دىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ)

5."ش"بىلەن ئاياقلاشقان تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرگە " – ۇر، - ۈر " قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئاش _ ئاشۇر         تاش _ تاشۇر      پۇش _ پۇشۇر     پىش _ پىشۇر    چۈش _ چۈشۈر

ئەسكەرتىش:
تۆۋەندىكى پېئىللار بۇ قائىدىگە بېقىنمايدۇ. مەسىلەن:

يەش _ يەشتۈر          تەش _ تەشتۈر               ئەش _ ئەشتۈر

6." ر " بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق پېئىللار ھەم " ت "بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنى مەجبۇرىي دەرىجىگە ئايرىش ئۈچۈ ن " _ غۇز، _ قۇز، _ گۈز، _ كۈز " قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ.شۇنىڭدەك " ت،دۇر،تۇر،دۈر،تۈر" بىلەن ئىپادىلەنگەن مەجبۇرىي دەرىجىلەرنى ئىككى قاتلاملىق مەجبۇرىي دەرىجىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈنمۇ " _ غۇز، _ قۇز، _ گۈز، _ كۈز " قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئات_ ئاتقۇز                 تارت _ تارتقۇز             ئارت _ ئارتقۇز (يۈك)

ئەۋەت _ ئەۋەتكۈز             قات _ قاتقۇز            يۇت _ يۇتقۇز

يەت _ يەتكۈز                  پۈت _ پۈتكۈز            ئۈچۈر_ ئۆچۈرگۈز

بەر _ بەرگۈز                     تەر _ تەرگۈز                كەلتۈر_ كەلتۈگۈز

بار_ بارغۇز                      ھار _ ھارغۇز                 كۆيدۈر _ كۆيدۈرگۈز

ئىشلەت _ ئىشلەتكۈز                  ئايلاندۇر _ ئايلاندۇرغۇز

ئەسكەرتىش:
تۆۋەندىكى پېئىللار بۇ قائىدىگە بېقىنمايدۇ. مەسىلەن:

ئارت _ ئارتتۇر (ۋەزىپە)           قات _ قاتۇر   (مۇز)

يىت _ يىتتۈر ( بىر نەرسىنى)        قايت _ قايتۇر

7. سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللار ۋە " ر، ي " بىلەن ئاياغلاشقان ئىككى بوغۇملۇق پېئىللارنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى " ت " قوشۇپ ياسىلىدۇ. مەسىلەن:

ياسا _ ياسات                      جابدۇ _ جابدۇت             قىزى _ قىزىت

قاپار _ قاپارت                     كۆكەر _ كۆكەرت              چاقىر _ چاقىرت

ئازاي _ ئازايت                   كۆيدۈر _ كۆيدۈر ت       ماكچاي_ ماكچايت

ئەسكەرتىش:
تۆۋەندىكى پېئىللار بۇ قائىدىگە بېقىنمايدۇ. مەسىلەن:

دە _ دېگۈز        يۇ _ يۇغۇز                يە _ يېگۈز  

ئولتۇر _ ئولتۇرغۇز           ئاپار _ ئاپارغۇز             ئەكىر _ ئەكىرگۈز

8. " چ " بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ  مەجبۇرىي دەرىجىسى " – ئار، - ئۇر، - ئۈر " قوشۇمچىلىرى قوشۇلۇپ ياسىلىدۇ. مەسىلەن:

ئاچ _ ئاچۇر                 قاچ _ قاچۇر                كەچ _ كەچۈر

ئۇچ _ ئۇچۇر                  ئۆچ_ ئۈچۈر             كۆچ _ كۆچۈر

ئەسكەرتىش:
" چاچ-" پېئىلى بىلەن "پىچ- "پېئىلى بۇ قائىدىگە بېقىنماي، "چاچتۇر " ، "پىچتۇر " شەكلىدە كېلىدۇ.



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:16, Processed in 0.066723 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991