كۆرۈش: 9469|ئىنكاس: 4

ئىسپانىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1361
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 15:19:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەت ئەللىكلەر يېڭى يىلنى قانداق كۈتۈۋالىدۇ ؟

ئىسپانىيەنىڭ يېڭى يىلى:

   ئىسپانىيدە يېڭى يىلنىڭ ھارپىسىدا، بارلىق ئائىلە ئەزالىرى بىر يەرگە جەم بۇلۇپ، مۇزىكا ئاڭلاش ۋە ئۇيۇن ئويناش ئارقىلىق ئۆزئارا تەبرىكلىشىدۇ. يېرىم  كېچە بۇلۇپ، سائەت 12 گە 1-قېتىم قوڭغۇراق چېلىنغاندا، كۆپچىلىك بەس-بەس بىلەن ئۈزۈم يەيدۇ. ناۋادا، كىمكى قوڭغۇراق ئاۋازى چىقىشى بىلەن تەڭ 12 دانە ئۈزۈم يېيەلىسە، بۇ يېڭى يىلنىڭ ھەر بىر ئېيىدا بارلىق ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يېڭى يىل كۈنى كىشىلەر يېنىدا چۇقۇم بىر دانە تىللا(ئالتۇندىن ياسالغان پۇل)ياكى يارماق(مىس پۇل) ئېلىۋېلىش ئارقىلىق، بەخىت-سائادەتلىك بۇلۇشنى تىلەيدۇ.

ھىندىستاننىڭ يېڭى يىلى:

   ھىندىستاندا يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنىنى كىشىلەر «قاتتىق يىغلايدىغان كۈن»، «تاماق يىيىش مەنئى قىلىنغان كۈن»دەپ ئاتىشىدۇ. يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى ھەرقانداق ئادەمنىڭ باشقىلارغا ئاچچىقلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى ۋاقىتنىڭ بىر يىل ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. كىشىلىك ھايات قىسقا بولغاچقا، يىغلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاھ ئۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدىكەن. بەزى رايۇنلاردىكى كىشىلەر يېڭى يىل كۈنى سەھەردىن باشلاپ، بىر كېچە-كۈندۈز تاماق يېمەي يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋالىدىكەن.

   خەنزۇچە «جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى ھېيت-بايرام، تەبرىكلەش كۈنلىرى» (  中外节庆日 ) دېگەن كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.

ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمىسى


تەرجىمان: ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەكتىپىدە


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 15:23:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يىللار ئۆز ئەھمىيىتىنى تاپسۇن...


سەكرا

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1193
تۆھپە
700
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 15:33:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       قانداق شەكىلدە بولمىسۇن يېڭى يىلنى چوقۇم كۈتىۋېلىش كېرەك.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2149
تۆھپە
742
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 17:10:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندىستانلىقلارنىڭ يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىشى بەكمۇ غەلىتىكەن دېسە؟


ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
737
تۆھپە
384
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 17:51:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىمۇ بىلىۋالدۇق!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 06:54, Processed in 0.072357 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991