كۆرۈش: 53210|ئىنكاس: 35

تۇنجى نۆۋەتلىك ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكا مۇكاپاتى تارقىتىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5568
تۆھپە
2456
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 11:24:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇنجى نۆۋەتلىك ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكا مۇكاپاتى تارقىتىلدى


نىجات نىياز ئېھسان


33.jpg


    دوستۇم ، بەلكىم سىز مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە تارقىتىلغان خىلمۇ خىل مۇزىكا مۇكاپاتى ، كىنو مۇكاپاتلىرىنىڭ تارقىتىش مۇراسىملىرىنى تېلېۋىزور ، تورلاردىن كۆرگەن ۋە ياكى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن . بىراق ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنداق مۇكاپات تارقىتىلغانلىقىنى بىلمەيسىزغۇ دەيمەن ؟ بەلكىم ئويلاپمۇ ھېس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن . مەن ھازىر سىزنى مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ، داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ ئۆتكۈزۈلگەن ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش كېچىلىكىدىن بەھرىمان قىلماقچىمەن .

09.jpg


    7 - دېكابىر كەچ ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەنئەن يولىغا جايلاشقان ئۈزۈمزار رېستۇرانى بۆلەكچىلا قىززىپ كەتكەنىدى ، بۈگۈن بۇ يەرگە مىللىتىمىزدىن چىققان داڭلىق ئاكتىيورلار ، رىياسەتچىلەر ، مۇزىكانتلار ، سەنئەتچىلەر ۋە باشقا ھەر ساھە ھەر كەسىپتىن بولغان مېھمانلار ، ئوقۇغۇچىلار ، ئوماق ، سەبىي بالىلار يىغىلغان بولۇپ ، ھەممەيلەن بىرلىكتە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ مۇزىكا مۇكاپاتى كېچىلىكىنىڭ باشلىنىشىغا تەقەززا بولۇپ ئولتۇراتتى .
    ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6 يېرىملار ئەتراپىدا ، ئابلاجان مۇزىكا مۇكاپاتى كېچىلىكى رەسمىي باشلاندى ، بىزنىڭ سۆيۈملۈك دېكتورلىرىمىز ، ئاكتيورلىرىمىز ، سەنئەتكارلىرىمىز ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىر - بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئورۇندىغان ناخشىلاردىكى ئەڭ ياخشى ئۇسسۇلچى ، ئەڭ ياخشى ئارتىس ، ئەڭ ياخشى مۇزىكا ئىشلىگۈچى ، ئەڭ ياخشى مونتاژ ، ئەڭ ياخشى رېژىسسور ، ئەڭ ياخشى ئوپېراتور ، ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى ... قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تاللانغان نامزاتلارنى ئېلان قىلىپ ، ئۇلارغا مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى ، ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئابلاجان مۇزىكا مۇكاپاتى كېچىلىكى ناھايىتى جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى .
    بۇلارنى كۆرۈپ كۆزىڭىزگە ئىشەنمەيۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن بۇ ئەمەلىيەت . مانا بۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بالىلارنىڭ ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ ، چەت ئەل ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ مودا مۇزىكىلىرىنى قارىغۇلارچە ، چۈشەنمەيلا ئاڭلاشتەك قالاق ئىدىيەنى بۆسۈپ تاشلاپ ، بالىلارغا خۇشاللىق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ نەچچە يىللىق تىرىشىشىنىڭ نەتىجىسى ئىدى . يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ، بىزنىڭ پېشقەدەم سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغان ، ئەمما خىلمۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالغان ، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق مۇزىكا مۇكاپاتى تارقىتىش كېچىلىكى ھېسابلىناتتى .

36.jpg


    مۇكاپاتلار تارقىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ بۈگۈنكى مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىپ بەرگەن بارلىق مېھمانلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمىتىنى بىلدۈردى ، ئۇ مۇنداق دېدى : بۈگۈن مەن ناھايىتى خۇشال ، مېنى قوللاپ ، ماڭا مەدەت بېرىپ ، ماڭا يېقىندىن ياردەم قىلغان كىشىلەرگە ئەڭ ئوتلۇق سالىمىمنى يوللايمەن ، بۇ مېنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇزىكا مۇكاپاتى تارقىتىش كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈشۈم بولغاچقا ، بەزىبىر سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمىدۇق ، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ، ئاخىرىدا مېنىڭ ناخشىلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ، ماڭا ياردەم قىلغان بارلىق كىشىلەرگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن .

01.jpg


02.jpg


03.jpg


04.jpg


05.jpg


06.jpg


07.jpg


08.jpg


10.jpg


11.jpg


12.jpg


13.jpg


14.jpg


15.jpg


16.jpg


17.jpg


18.jpg


19.jpg


20.jpg


21.jpg


22.jpg


23.jpg


24.jpg


25.jpg


26.jpg


27.jpg


28.jpg


29.jpg


30.jpg


31.jpg


32.jpg


34.jpg


37.jpg


35.jpg


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
737
تۆھپە
384
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 11:40:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك كېچىلىك! سۆرەتلەردىن قارىغاندا بۇ كېچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. ئۇيغۇر مۇزىكا ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تىلەكداشمەن!


Rank: 8Rank: 8

تىللا
4550
تۆھپە
498
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 11:44:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ بۇ خاسىيەتلىك ئىشىغا تەشەككۇر ! مەن بۇ شوخ يىگىتنىڭ ناخشىلىرىنى ياخشى كۆرىمەن . ئۇنىڭ بالىلار بىلەن بىللە سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىشى ، بالىلار ئۈچۇنمۇ زور مەدەت بولىدۇ . ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
              
            بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىنچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-8 11:48  



تەتقىتنى قوبۇل قىلغانلىق ، ئالغا باسقانلىق .

Rank: 4

تىللا
346
تۆھپە
68
UID
746
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 11:45:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1392
تۆھپە
1136
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 13:14:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك سەنئەت كېچىلىكى بولۇپتۇ....تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا تىلەكداشمەن....


Rank: 4

ئىسىمى
مۇساجان
تىللا
307
تۆھپە
187
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 13:38:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇغۇ، بەك خوش بولدۇم. مانا داڭلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى بولسىمۇ بىر يەرگە جەم بوپ 1 داستىخاندا ئولتۇرالاپتۇ.بەك خوش بولۇۋاتىمەن مۇشۇ تاپتا.... 10 قوشقارنىڭ بېشى مانا بۈگۈنلۈكتە بىر قازانغا پېتىپتۇ. ئىشلىرىڭلارغا داۋاملىق ئامەت تىلەيمەن ئابلاجان ئۇكام. تىرىشقىن!!!

مۇشۇنىڭ سىن ھۆججىتىنى كۆرۈپ بېقىشقا پۇرسەت يوقمىدۇ ؟ نەدىن كۆرىمىز؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uighur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-8 13:39  



ئۇيغۇرنىڭ دەردى قانچىلىكتۇ ؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1080
تۆھپە
781
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 13:44:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلاجانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سەنئەت ھايتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولۇشىنى ھەم   زور ئۇتۇقلارغا مۇيەسسەر بولۇشىنى چىن دىلىدىن ئۈمۈد  قىلىمەن .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 6Rank: 6

تىللا
690
تۆھپە
390
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 14:29:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە قېتىم سەنئەت كېچىلىكى ئۈتكۈزۈپ، 100نەچچە قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەپ،نۇرغۇن بايلىق (ئەلبەتتە ھالال) تاپقان بىر-بىرنى ياراتماي يۈرىدىغان «نوچىلىىرىمىزمۇ» كۆزىنى پارقىىرىتپلا تۇرۇپتۇغۇ؟؟؟« ئىلھام، مەدەت بولغاندۇ سىلەرگىمۇ مۇشۇ ئىش»دەپ سورىغىم كىلىۋاتىدۇ شۇلاردىن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
738
تۆھپە
273
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 14:45:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلاجان  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ناخشىچىلىرى ئىچىدە ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك، مەزمۇنى چوڭقۇر ناخشا ئېيتىدىغان يىتىلىۋاتقان ناخشىچىلىرىمىزدىن بىرى . ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
495
تۆھپە
202
UID
2370

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 17:29:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بۇسۇش خارەكتىرلك يېڭلق ياراتتى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 07:13, Processed in 0.115756 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991