كۆرۈش: 23392|ئىنكاس: 18

ئالىي مەكتەپتىكى مۇھەببەتلىشىشكە بولغان كۆزقارىشىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
9
UID
2580
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 23:25:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالىي مەكتەپتىكى مۇھەببەتلىشىشكە بولغان كۆزقارىشىم


     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار، ياخشىمۇسىلەر! مەن ئالىي مەكتەپتىكى مۇھەببەتلىشىشكە بولغان كۆزقارىشىمنى دەپ باقسام، سىلەرنىڭ قارىشىڭلار بىلەن ئوخشاشمۇ ؟ مەن ئۆزۈم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. مەن ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىشنى تازا توغرا كۆرمىدىم ، بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئوقۇش بولغاندىكىن، ئالدى بىلەن ياخشى ئوقۇساق ھەممە ئىش ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەسلەن: بىز ۋاقتىمىزنى مۇھەببەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ شۇنداق ياخشى بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزسەك، كېيىن قانداق جان باقىمىز؟ ئاشۇ چىرايلىق مۇھەببەتكە قاراپ ئولتۇرغانغا قورساق تويامدۇ ؟ ئەجەبا ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلەشمەي ۋاقتىنى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە كېيىن ياخشى قىزلار تۈگەپ كېتەرمۇ؟ لېكىن نۇرغۇن ياشلىرىمىز مۇھەببەتنى ئويۇننىڭ ئورنىدا كۆرۈپ سىڭلىمىزغا ۋە ئاچىمىزغا ئوخشاش قىزلارنى ئالداپ كۆڭلىنى ئېچىۋاتىدۇ. ئاشۇ قىزلارمۇ بىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىمىزغا ئوخشاش قىزلاردۇ؟ ئەمدى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ مۇھەببەتلەشتىمۇ دەيلى، ئەگەر بەش يىل ئارىلىشىپ بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئايرىلىپ كەتسىڭىز، سىز مۇھەببەتلىشىپ بىكار ئۆتكۈزۈۋەتكەن ۋاقتىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلەلەمسىز ؟ ئەلۋەتتە قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سىز ھەممىدىن مەھرۇم بولۇپ بىچارە بولۇپ قالسىز. ئايرىلىپ كەتمىدىڭىزمۇ دەيلى، ئەگەر سىز سۆيگۈنىڭىز بىلەن توي قىلىپ قالسىڭىز نېمىڭىزگە تايىنىپ ئۆينى ئۆي قىلىسز؟ مۇشۇلانىڭ ھەممسى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە دەپ قارايمەن. ئالىي مەكتەپ ھاياتى ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولىدۇ ، مۇھەببەتلىشىپ يۈرسە ئۆزىنى تېخىمۇ بەختىلىك ۋە خۇشال ھېس قىلىدۇ ، لېكىن بۇنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق .مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆردۈم ، ئاڭلىدىم ۋە ھېس قىلدىم . بۇ بىلىم ئۇچۇر دەۋرى بولغاچقا ئەڭ مۇھىم بىلىم  سەۋىيەيىمىز بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئورنىمىزنى بەلگىلەپ قويىدىكەن. بىز ياخشى ئوقۇساق كېيىن تۇرمۇش ئىشى بولامدۇ، خىزمەت ئىشى بولامدۇ ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى بولامدۇ ھەممسى ياخشى بولىدىكەن. بىز بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنى كۆرمەي يىراقنى كۆرەيلى . ۋاقىتىلىق خۇشاللىق ئىزدىمەي، مەڭگۈلۈك خۇشاللىق ئىزدەيلى! ياشلىق ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ ياخشى ئوقۇيلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-6 11:23  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2950
تۆھپە
840
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 00:35:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت. كوڭلۇمدىكى  گەپنى قىپسىز.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
يۈسۈپجان
تىللا
772
تۆھپە
366
UID
731
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 01:15:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى سىزدەك ئويلىغان بولسا ،يۇرتىمىز بىلىمدىن مول ھۇسۇل ئالغان بۇلاتتى،


Rank: 6Rank: 6

تىللا
690
تۆھپە
390
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 02:36:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپكىلىڭە شۇ قەلەم تۇتقان قولىڭىزنى فۇيىن قىلىپ ھەممە داشۆگە بىر چاپلىۋېتەي


Rank: 4

تىللا
395
تۆھپە
37
UID
1919
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 03:02:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆگىنىشى ياخشى ئوقۇغىچىلار يەنىلا ياخشى ئوقۇشنى تاللايدۇ. مۇھەببەتنى ئىككىنجى ئورۇنغا قويىدۇ. ئاتا ئانىسىنىڭ پۇلى كۆپ،ئۆگىنىشى سەل تۆۋەنرەكلىرى مۇھەببەتلىشىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويامىكىن......


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1405
تۆھپە
944
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 11:14:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس، دەرسنى ھەم مۇھەببەت ئىشلىرىنى توغرا ئېلىپ بارالايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس...


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...

Rank: 8Rank: 8

تىللا
4550
تۆھپە
498
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 12:11:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ تېما كۆز ئالدىمدا يۇز بەرگەن بىرنەچچە يىل ئىلگىرىكى بىر ئىشنى ئەسلەتتى . ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ئۈرۈمچىگە تەڭلا ئوقۇشقا كېلىدۇ . ئىنىسى ئالدىدا ئاكىسى كېيىن بولۇپ ، مەندىن كەسىپ ئۈگىنىشكە كىرىشتى . ئاكىسى ئۇزۇنغا بارماي چاقىرمىساق كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى . مەن ئىزچىل ئۈگىنىۋاتقان ئىنىسىغا ئاكىسىنىڭ چوقۇم بىرەر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقىنى دىگىنىمدە ئۇ چىن پۈتمىدى . كېيىن بۇ ئىش راس بولۇپ چىقتى . مەن ئىنىسىغا ھەر قايسى جەھەتتىن سۆزلەپ تۇراتتىم . ئۇمۇ تىرىشتى ھەم تۇرمۇش راسخوتىنىمۇ ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن تاپتى . شۇنداق قىلىپ ئوقۇش پۈتتۇرىدىغان يىللىرىمۇ ئاز قالدى . ئۇ مەندىن مۇھەببەت توغرۇلۇق ياكى تۇرمۇش توغرۇلۇق گەپ سوراپ قالغاندا ، مەن ئۇنىڭغا ھازىر ئويلاشسا نۇرغۇن ئىشلارغا يولۇقىدىغانلىغىنى ، بۇ قانداقتۇر ئوقۇغۇچىلار ھەل قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ھەم ئۆزىگىمۇ روھىي جەھەتتىن يۇك بولۇپ قالسا ، تېخى خىزمەت مۇقىم بولمىغان شارائىتتا ، تەمتىرەپ قېلىپ كېيىنكى ئارزۇ ئۈمىتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تەسىرى بولۇپ قالىدىغانلىقى چۇشەندۇرۇپ ، ئىمكان بار خىزمەت ئىشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ، ھەل بولغاندىن كېيىن ئۆز ئەتراپىدىكى قىزلارنى ئاندىن ئويلاشسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتاتتىم . مەن يەنە چوڭلارنىڭمۇ رايىغا باقسا ئوخشاشلا بەختىنى تاپالايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياتتىم . بىر كۈنى ئۇ مەندىن ئاكام يۇرگەن قىزى بىلەن توي قىلالارمۇ دەپ سوراپ قالدى . مەن ئىككىلەنمەي چاخچاق ئارىلاش قىلىپ ، ئۇ يۇرگەن قىزىنى باشقىلارغا ئەرگە بېرىۋېتىدۇ دىدىم . ئۇلار ئوقۇش پۇتتۇرۇپ كەتتى . ئىككى يىلدىن كېيىن تېلىفوندا ئاكىسى ئالىي مەكتەپتە يۇرگەن قىزى بىلەن توي قىلالمىغانلىقىنى ، باشقا بىر قىز بىلەن تويلاشقانلىغىنى ئېيتتى . ئىنىسى ئۆزى بولسا مەندىن ئۈگەنگەن ھۈنەرنىمۇ قىلىپ ، خىزمىتىنىمۇ قىلىپ ، ئۆزى بىلەن بىر ئىدارىدا ئىشلەيدىغان بىر قىز بىلەن تويلاشتى . مەن ئۇنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلىدىم . ئۇ دائىم مېنىڭ بىلەن قىلغان پاراڭلىرىمىزنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ، سېغىنغانلىقىنى بىلدۇرۇپ تۇراتتى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىنچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-6 12:15  



تەتقىتنى قوبۇل قىلغانلىق ، ئالغا باسقانلىق .

Rank: 6Rank: 6

تىللا
732
تۆھپە
374
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 12:20:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىشىتىن ساقلانماق تەس ....
   نىمىشقا دىگەندە بۇ مەزگىلدە قىزلار بەك چىرايلىق بولۇپ كىتىدۇ ، شۇڭا ئوغۇللارنىڭ يۈرۈكىمۇ تىز سوقۇپ ئاخىرىدا مۇھەببەتلىشىپ قالدىغان گەپ


مۇساپىر بالا : گىرمانىيە
گىرمانىيدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىمۇ شۇنداق قىزىدى ... يۇرتىكى بارلىق دوسلارغا مۇساپىر بالىدىن نورۇزلۇق سالام

Rank: 6Rank: 6

تىللا
469
تۆھپە
197
UID
1012
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 12:42:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئىيتقاندەك ئالىي مەكتەپ ياشلىرىمىش ئۈچۈن مول بىلىم  توپلاپ ، كەلگۈسى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايدىغان ئالتۇن دەۋىر،  ئاساسىي زىھنىنى ئۈگىنىشكە، تەجىربە توپلاشقا قارىتىش كىرەك،
بىراق ، ئۈگىنىشتە چارچىغاندا، بىرەر مەسىلىگە، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا دوستلارنىڭ، كۆڭلىڭىزدىكى ئەڭ يېقىن كىشىڭىزنىڭ تەسەللىي بىرىشى، ئىلھاملاندۇرۇشى، ياردەم بىرىشىگە  مۇھتھج بولىسىز ،  شۇنداقلا كۆڭلىڭىدىكىلەرنى ئىيتقىڭىز كىلىدۇ.  مانا مۇشۇ ۋاقىتلاردا كۆڭلىڭىزدىكى كىشىڭىز بولمىسا بەكمۇ غىرىپسىنىپ قالىسىز، روھىڭىز چۈشكۈنلىشىپ كىتىشى مۈمكىن.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ساۋاقداشلار بىلەن ئوقۇش،تۇرمۇشتا بىرگە بۇلۇش جەريانىدا سىزنىڭ قەلبىڭىزنى جىغىلتىدىغان، كۆڭلىڭىز چۈشۈپ قالىدىغان قۇرداشلىرىڭىزغا ئۇچرايسىز، مىنڭچە ئالىي مەكتەپتە مۇھابەتلىشىشنى چەتكە قاقماسلىق كېرەك، بىراق ئوبىكىتنى توغرا تاللاش لازىم، ئەڭ مۇھىمى جۇرا تاپقاندا ئەڭ ياخشىسى سىزگە ھازىر ھەم كەلگۈسىدىمۇ ئىشلىرىڭىزنى قوللايدىغان،ھۆرمەتلەيدىغان، سىزنى ياخشى كۆرۈدىغان ، سىزمۇ  ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بۇلۇشى، ئەڭ ياخشىسى بىر يەرلىك بولسا خىزمەتكە بۈلۈنۈشتىمۇ كىيىن قولايلىق بولىدۇ،  ئۈگىنىشنى ئاساس قىلىش، ھەرگىزمۇ مۇھەببەتنىڭ   قۇلىغا ئايلىنىپ كىتىپ ، بىلىم توپلاشتىن قۇرۇق قالىدىغان ئىشنى بولماسلىق كېرەك،  مۇھەببەتلەشكەندىمۇ ئىلمىي بۇلۇش، ھەرگىزمۇ ئەخلاقسىزلىق قىلمىشقا ياتىدىغان ئىشلارنى قلىپ قۇيۇپ بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىدىغان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەش،   ،توغرا كىشىلىك قارىشى، مۇھەببەت قارىشى تىكلەش كېرەك،   پاك مۇھەببەتنىڭ ئىشلىرىڭىزنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بۇلۇپ قالماستىن كىيىن جۈرە ئىزدەش ،مۇۋاپىق جۈرە تاپالماسلىقتەك ئاۋارچىلىقىدىنمۇ قۇتۇلىسىز،ئالىي بىلىم يۇرتىدا بىرگە ئۆتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن  قارشى تەرپنى تولوق چۈشەنگەنگنلىگىڭىز ئۈچۈن، كىيىن تۇرمۇش قۇرۇپ بىر ئۆيگە كىرگەندە ھەر ئىككىلا تەرەپ تۇرمۇشقا  ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بۇلىدۇ، يەڭگىلتەكلىك قىلىپ،تىزلا ئاجرىشىپ كىتىشتىن ساقلىنالايسىز، كەسىپىڭىزنى خاتىرجەم ئىشلەپ ،نەتىجە قازىنىپ بەخىتلىك تۇرمۇش ھوزۇرىنى سۈرەلەيسىز.....   


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
لالە
تىللا
398
تۆھپە
149
UID
828
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 17:43:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنىمىز دەل مەن ئويلىغاندەك پىكىر قىپتۇ، بىراق ئادەم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاشۇ دەقىقىلەردە بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيدىكەن. پۈتتۈرۈپ بولغاندا ئاستا-ئاستا ھېس قىلىشقا باشلايدىكەن. ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە سۈرگىلى بولغان بولسا ئىدى، مەن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن چىقماي، بەش يىلنى توشقۇزغان بولار ئىدىم. لېكىن، كۈندە كىرەلمىسەممۇ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى كۆپرەك كىرىپ مەكتەپ پۈتتۈردۈم مەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 04:11, Processed in 0.077027 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991