ئىگىسى: izdan

ئالىي مەكتەپتىكى مۇھەببەتلىشىشكە بولغان كۆزقارىشىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1392
تۆھپە
1136
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 20:58:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇساپىر  بالا  .  سىزنىڭ  دېگىنىڭىزدەك  ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىشتىن  ساقلانماق تەس،،،،،،،،،،بۇ گېپىڭىز بەلكىم  توغرىدۇ..بەزى كىشلەر دەيدىكەن  ئەمەسمۇ  نورمال  يۇرەكتە  نورمال  ھېسىيات  بار،،،،مۇھەببەتنىمۇ ،،ئۆگىنىشنىمۇ  ھەممىسىنى  جايىدا  ئېلىپ  بارسا  بولمىدىمۇ؟؟بەزى  ۋاقىتتا مۇھەببەتنىڭ  كارامىتى  كېلىپ  ئىشىڭىز  ئوڭغا  تارتىدىغان ئىشلارمۇ   بولىدۇ.......مۇھەبەتلىك يۇرەكتە  ئالەمچە بەخىت بار!!!!!!!مۇھەببەت  بىلەن ئالەم گۇزەل!!!!ئىشەنمىسىڭىز   ھەممىنى  جايىدا  ئېلىپ  بېرىپ  سىناپ  بېقىڭ....مەن  قېرى  ئوقۇغۇچى جېنىمدا  ھەممىنى  نورمال  ئېلىپ  بارىمەنغۇ..!


Rank: 2

تىللا
100
تۆھپە
59
UID
2128
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 13:35:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىززە «داۋاملىق يا ئۇنىڭغا تۇر يا مانىڭغا تۇر» دەپ تاللاپ بەلگىلىۋېلىشقا ئامىراققۇ ھەممە نەرسىنى. ئالىي مەكتەپ، ئۆگىنىش، مۇھەببەت، خىزمەت، كەلگۈسى، توي ئائىلە دەيدىغان نەرسىلەر چوقۇم بىربىرسىنى چەتكە قاقىدىغان، بىرگە مەۋجۈت بولالمايدىغان، زىت نەرسىلەرمۇ؟ ئالىي مەكتەپتىكى ئۆگىنىش بىلەن مۇھەببەت. بۇ ئىككىسى بىللە مەۋجۈت بولالمامدۇ؟ نۇرغۇنلىغان دوستلىرىم، ساۋاقداشلىرىم مۇھەببەت بىلەن پەننى شۇنداق ياخشى بىللە ئېلىپ ماڭدىغۇ (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە). ھەرخىل ئادەملەر بار، ياخشى ئېلىپ ماڭالايدىغانلار بار، مۇھەببەت دەپ ئالدىنىپ شۇنىڭغا پېتىپ كېتىدىغانلارمۇ بار.
بىر تاياقتىلا ھەممىنى ھەيدەپ بەلگە چاپلىۋەتمەيلى. ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆزى تاللىسۇن.
ئىشقىلىپ مەن مۇھەببەتنىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن. مېنىڭ دەرس ئوقۇشۇمغا ئازىراقمۇ پۇتلاشمىغان، ئەكىسچە مەندەك مۇزاكىرىگە ئانچە چىقىپ كەتمەيدىغانلار مۇزاكىرە قىلغىلى پات-پات چىقىدىغان بولۇپ قالغانتىم. ھورۇنلۇقىم تۇتۇپ قالسا تېخى تىل ئاڭلايتىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mr.Soda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-7 13:36  



Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
9
UID
2580
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 23:49:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن دوسلار جاپا تارىتماي ھالاۋەت يوق دەيدىغان گەپ بار ،سىلەر ئۈگۈنۈشنىمۇ ۋە مۇھەببەتنىمۇ بىللە ئىلىپ ماڭغىلى بولدۇ دەيسىلە لېكىن ئۈمۈم ئوخشىمايدۇ .ئەگەر سىز نىڭ مۇھەببتىڭىز بولسا سىز بىر كۈندە قانچىلق ۋاقىتنى ئۈگۈنۈشكە سەرىپ قىسز ئەگەرمۇھەببىتىڭىز بولمىسچۇ؟ بۇ ھەر گىز ئوخشاش بولمايدۇ.مەن ئۆزەمنى مىسال ئالسام مەن ھارىز ئالى مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇيىمەن.مىنىڭمۇ مۇھەبىتىم بار .مەن ھەر ھەر شەنبە يەكشەنبىنى مۇھەببىتىم بىلەن دىگىەىدەك ئويناپ ئۆتكۇزۋتىەتتىم.مۇھەببىتىم ئوقۇش پۇتتۈرۈپ كەتتكەندىنىن كيىن مەن شەنبە يەكشەنبە ۋاقلاردا ئۈگۈنۈش قىلدىم نەتىجەممۇ سىنىپتا ئالدىنقى قارغا ئۆتتى.كىيىن نۇرغان ۋاقتىمنى ئۈگۈنۈكە سەرىپ قىلدىم ھەم پايدىسنىمۇ كۆردۈم.ئادەمنىڭ بەش بارمىقى ئوخشاش بولملىغىدەك بەزدە ئاز ئۈگەنگەن بىلەن كۆپ ئۈگەنگەننڭ پەقى چىقىدۇ،سىز نىڭ مۇھەببتىڭىز بولسا سىز كۆرۈشمەيمەن دىيەممەيسىز ،سىز مۇھەببەىتىڭىز بىلەن ئويناپ يۈرگەن ۋاقىتتا باشقلار ئۈگۈنۈش قىلۋاتقان بولشى مۇمكىن ،شۇڭا ھەممە ئادەمنىڭ مۇھەببىەتكە بولغان كۆز قارشى ئوخشاش بولمايدۇ لكىن ھەقىقىەت ھامان ھەقىقەت ،ھەقىقەتقە ماسلاشقانلار ،ھەقىقەت يوللدا ماڭغانلار ئالللا خالىسا  كۆزلىگگەن مەخسەتكە ياىتىش مۇمكىن.


Rank: 1

ئىسىمى
قىبلىيار
تىللا
39
تۆھپە
15
UID
586
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 17:35:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللرى 23يېشىدا ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ ، ئۇلار ئاللا بۇرۇن توي قىلش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتتى ئۇلارنىڭ توي قىلشىغا قارشى تۇرسىمۇ مەيلى دەيلى ئەمدى مۇھەببەتلىششىگىمۇ قارشى تۇرسا بۇقانداق بولغىنى !!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلمىھرە ئەنۋەر
تىللا
356
تۆھپە
314
UID
123

تەڭرىتاغ گۈزىلىمۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 19:18:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپ ئالتۇن ۋاقىت ، ئاددىي كاللا مۇرەككەپلىشىدىغان ۋاقىت ، جەمىئەتنىڭ تەسىرى سىڭىدىغان ۋاقىت . شۇڭا بۇ مەزگىلدە مۇھەببەت ئاسانلا بىزنىڭ ئارىمىزغا سىقىنىپ كىرىۋالىدۇ ، ئامال يوق قوبۇل قىلىدىغان گەپ ، ھىسىيات پۈتۈن بەدىنىمىزنى كونتىرال قىلغان بولۇپ مۇھەببەتنىڭ ھۇجۇمىنىدىن ساقلىنىش تەس .
     ئوخشاش كەسىپتىكىلەر مۇھەببەتلەشسە كەسىپ توغغۇرلۇق جىق پاراڭ قىلىپ ئالغا ئىلگىرلىشى تىز بولامدىكىن دەيمەن .


بىرەر سىنىڭ سىزنى يۆلەپ قويىشىدىن ئۈمىد قىلماڭ ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ۋە ئىش باشلاڭ . جەمىئەتنى كۈزۈتۈڭ ، چوقۇم سىز قىلالايدىغان خىزمەت سىزنى ساقلاۋاتىدۇ . ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ . ئەگەر سىز ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقى بولسىڭىز ھازىردىن باشلاڭ

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
بۆرەتېگىن
تىللا
201
تۆھپە
77
UID
718
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 01:29:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت كېلىمەن كەلمەيمەن دېمەيدۇ. شۇنداق بىر پەيت كېلىدۇ، سىز ئۇنىڭغا چۆكۈپلا كېتىسىز. ئەگەر سىز ھەقىقى سىزنىمۇ سۆيىدىغان جانان بىلەن شىرىن مۇھەببەت قاينىمىدا بولسىڭىز، ئۇ جانانىڭىز سىزنى ئۆگىنىشتىن توسۇپ ۋاقت ئىسراپ قىلىشقا يول باشلىمايدۇ، بەلكى سىز بىلەن بىللە ئۆگۈنۈپ تېخىمۇ روھلۇق ھالەتتە يۇقىرى ئۈنۈمدە ئۇتۇققا قاراپ ئىلگىرلىشىسىلەر... گەپ سىزنىڭ قانداق جانانغا ئۇچرىغىنىڭىزدا، سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزدا.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
560
تۆھپە
251
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 03:46:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم بىر ئىش قىلىمەن دىسە ۋاختى يىتىشمەيدۇ.  شۇڭا ۋاقىتنى ئەڭ مۇھىم ئىشقا سەرىپ قىلىش كېرەك.  ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇلى، بىلىم ئالغىلى، ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىلغارلاشتۇرغىلى بارىدىغان يەر.  بىر گەپنى ئۆزگەرتىپ مۇنداق دىسەك، جاناندىن كەچمىگىچە جاھانغا ئىرىشكىلى بولمايدۇ.  شۇڭا ئالى مەكتەپتە ئوقۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاندىن قىز-يىگىتلەر ئۆزئارا قانداق تاللاشنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان بۇلىدۇ. نۆۋەتتىكى جەمىيىتىمىزدىكى ئائىلە-نىكاھ كىرزىسىنىڭ ئېغىرلىغى تاللاشبىلەن ئىدىيەنىڭ پىشىپ يىتىلمىگەنلىگىنىڭ ئاقىۋىتى!


Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
9
UID
2580
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 13:42:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھسىسيات ئەقىلنىڭ ئالىدغا كىرۋلسا ئاسانلا قاينامغا كىرپ كېتىدىغان گەپ.ئازىرقى ئلى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىنىڭ ھسياتى ئىنتايىن ئۇغرۇپ تۇردغان ۋاقىتى.ئەمما پەقەت ئىرادە بولسلا ھستاتىمىزنى بويو سۇندۇرالايمىز .چۇنكى ھسسيات بىردەملىك بولدۇ .شۇ ۋاقىتا ئازراق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۋەتسەكلا بولدۇ.باشقىچە ئېيتقاندا بىزنىڭ تەرتىمىز قىستاپ كەتسە ھېچ ئىش كاللىمىزغا كىرمەيدۇ پەقەت تەرەت سۇندۇرۇشنىلا ئويلايمىز باشقا ئىشىنى قەتئى ئويلىمايمىز مىنىڭچە ئۈگۈنۈشنى بىز چوقۇم قىلدىغان ئىش قىلمسام قەتتئى بولمايدۇ دەپ ئۆزمزگە قاتتىق تەلەپ قويساق مىنىڭچە ئالغا باسقىلى بولدۇ دەپ ئويلايمەن ،ئۆزمىزنى ئۆزمىزندىن توۋەنلەر بىلەن سېلىشتۇرمار بەلكى ئۆزمىزدىن يۇقۇرلار بىلەن سېلىشتۇرساق مىنىڭچە بىزدە ئازراقىمۇ بولسا ئىلھام بولشى مۇمكىن ،ئەڭ مۇھىمى كەلگۈسىگە بولغان توغرا قاراش،جەميەتنى چۈشنىش.يىقىلغان ئورنىمىزدىن دەس تۇتۇش،ئۈمۈتۋار ياشاش ،بىر ئىشنى ئاخرىغچە بەل قويۋەتمەي قىلشى،ھەرگىرزمۇ يىرىم يولدا بەل قويۋەتمەسلىك .نىملا دىگەن بىلەن بەش قول تەڭ ئەمەس ،ئوبۇكتىپ ئەملىيەتكە ماسلاشقانلا يانلا ئۈزۈپ چىقىدغان گەپ ،كىېنىكى جەميەتتكى ئورنىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ دە،بەزلەر كوچا سۈپۈردۇ بەزلەر باشلىق بولدۇ دىگەندەك ......دوسلار بىز بۇ دۇنيادا ياشغانكەنمىز ئادەمدەك ياشايلى .ھەرقانداق ئىشتا تىرىشىپ ئۆزمىزنىڭ بەختىنى ئۆزمىز تاپايلى .ئۇلۇغ ئاللا ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئەجرىمىزنى بىكار قىلۋەتمەيدۇ،قانچىلىك تىرشقان بولساق شۇنچىلىك ئەجىر بېردۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 04:58, Processed in 0.063285 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991