گىرمانىيەدىكى يەسلى بالىلىرى

گىرمانىيىدە كىچىك بالىلار ئادەتتە 3 ياشقا كىرسىلا يەسلىگە كىرىدىكەن. تەربىيەلىنىش مۇددىتى 3 يىل بولىدىكەن، بۇ 3 يىل جەريانىدا ئۇلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا ئېكىسكۇرسىيىگە ئاپىرىپ ئۇلارنى قانداق ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىغا ئېكىسكۇرسىيىگە ئاپىرىپ قانداق ئوت ئۆچۈرۈشنى، ئوتتىن قانداق مۇداپىئەلىنىشنى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئاپىرىپ شەھەر باشلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ شەھەر خەلقىگە قانداق مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ۋە يەر ئاستى پويىزلىرىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قانداق يېتىپ بارىدىغانلىقى، مۇئەللىملەر بىلەن تاللا بازارلىرىغا بىللە بېرىپ نەرسە - كېرەك سېتىۋالغاندا قانداق پۇل تاپشۇردىغانلىقىنى ئۆگىتىدىكەن، 3 يىلدىن كېيىن مەكتەپ يېشىغا يەتكىچە ئۇلاردا مۇستەقىللىق قارىشى ۋە قانداق ياشاش ئىقتىدارى دەسلەپكى قەدەمدە مۇكەممەل ھازىرلىنىپ بولىدىكەن.