دۇڭ سۈنرۈينىڭ ئەڭ ئاخىرىقى پەيتتىكى ھەقىقىي سۆزى
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا ئىشلەنگەن «دۇڭ سۈنرۈي» فىلىمىدىكى قەھرىمان دۇڭ سۈنرۈي پارتلاتقۇچ دورىنى تۇتۇپ يۇقىرى ئاۋازدا : «يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن ئالغا! » دەپ توۋلىغان مەنزىرە نەچچە ئەۋلات جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنى ئىلھاملاندۇرغان ئىدى . ئەمما تارىختا دوڭ سۈنرۈي ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە راستىنلا كىشى قەلبىنى لەرزگە سالىدىغان ئاشۇ سۆزلەرنى قىلغانمۇ؟
بۇ ھەقتە ئىلگىرى دۇڭ سۈنرۈي ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن لۈ شياۋشەن دۇڭ سۈنرۈينىڭ بىر نەچچە سەبدىشىنى زىيارەت قىلغان . دۇڭ سۈنرۈينىڭ قۇربان بولغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن جى شۈنيى ئەينى ۋاقىتتىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن : «ئۇ ئىنتايىن تەمكىن ھالدا سول قولىدا پارتىلاتقۇچ بوقچىسىنى ، ئوڭ قولىدا پارتلاتقۇچنىڭ پىلىكىنى تۇتۇپ تۇراتتى . مەن بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىلغىنىمدا ئۇ ماڭا : ‹‹ يېتىۋال! يېتىۋال ! تېز يېتىۋال ! دەپ توۋلىدى . ئارقىدىنلا يەر جاھاننى زىل – زىلگە سالغۇدەك پارتىلاش ئاۋازى ياڭرىدى » .
ئۇنداقتا كىنودىكى «يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن ئالغا ! » دېگەن شۇئار قانداق پەيدا بولغان ؟
«دۇڭ سۈنرۈي»فىلىمىنىڭ سىنارىستلىرىنىڭ بىرى بولغان جاۋ خۇەن ئىلگىرى لۈ شياۋشەنگە مۇنداق دېگەن : «1947- يىلى 6- ئايدا بىر يىللىق ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئەنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى ھەمدە ئارقا – ئارقىدىن غەلىبە قىلدى . 1947- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتكە ‹‹ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى خىتابنامىسى›› نى ئېلان قىلدى . خىتابنامىدە ‹‹ جياڭ جيېشىنى يوقۇتۇپ، پۈتۈن جوڭگۇنى ئازاد قىلايلى!›› دېگەن شۇئار ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلدى».
«يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن ئالغا!» دېگەن سۆز، دەل <جياڭ جيېشىنى يوقۇتۇپ، پۈتۈن جۇڭگونى ئازادقىلايلى!> دېگەن ئۇرۇش شۇئارىغا ئاساسەن ، «يولداشلار ئالغا!» نىڭ ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان .
ئىنقىلابىي قۇربان بولۇشنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق دەبدەبىلىك سۆز قالدۇرمىغان. ئەمما جاۋ خۇەننىڭ قارىشىچە ، دۇڭ سۈنرۈي ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى ئۆز ھەركىتى ئارقىلىق شۇ چاغنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسى - «يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن ئالغا!» نى ياڭراتقان .
مەنبە:
http://www.alimbiz.net/?p=1206