كۆرۈش: 90508|ئىنكاس: 30

ھېسام بوۋام تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالارغا سالام يوللىدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5568
تۆھپە
2456
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 10:13:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھېسام بوۋام تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالارغا سالام يوللىدى


11.jpg


1.jpg


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار ، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن غۇلجىغا كېتىپ قېلىپ ، مۇنبەرگە چىقالماي قالدىم ، نەچچە كۈندىن بېرى مۇنبەرمۇ راسا قىزىپتۇ ، بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدۇم . مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنبىرىمىزنى قوللاۋاتقانلىقىغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر . ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام مەنمۇ غۇلجىغا بېرىپ بىكار يۈرمەپتىمەن ، بۇ قېتىمقى غۇلجا سەپىرىمدە مەن بىز ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق چاقچاقچى ، ‹‹ ھايات نەسىردىن ئەپەندى ›› دەپ نام ئالغان ھېسام قۇربان بوۋىمىز ( نۇرغۇن جايلاردا ھېسامكام دەپلا ئېلىنىدۇ ) بىلەن دىدار كۆرۈشۈش شەرىپىگە مۇناسىپ بولدۇم ، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆھبەتلەشتىم ، كۆڭلۈم خۇشاللىققا تولدى .

3.jpg


    ‹‹ ھېسامكام ›› 80 دىن ئېشىپتۇ ، يىللار ‹‹ ھېسامكام ›› نى قېرىتىپتۇ ، سېخىي يىللار ھېسام بوۋىمىزغا ئاپئاق چاچ ، تېخىمۇ كۆپ قورۇقلارنى ئاتا قىلىپتۇ ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ ، مەن ئىلگىرى تېلېۋىزورلاردا كۆرگەن ‹‹ ھېسامكام ›› ئوبرازىدىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ . بىراق  ھېسام بوۋىمىز بىزگە ئۆزىنىڭ بالا ۋاقىتلىرىدىكى بەزى ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ بەردى ، ھەقىقەتەن ھاياجانلاندۇق ، قەلبىمىز شادلىققا تولدى . ‹‹ ھېسامكام ›› نىڭ بەزى چاقچاقلىرىدا تىلغا ئېلىنىدىغان ئايالى زىمىنىخان ھەدىمىزنىڭمۇ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشىكەن ، ئۆزى ناھايىتى خۇشچاخچاق ، مېھماندوست ، كىچىك پېئىل ئايالكەن ، ‹‹ ھېسامكام ›› غا ياخشى قاراپ ، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ ، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇش بولدۇق .  ‹‹ ھېسامكام ›› ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ بەزى سورۇنلارغا بارىدىغانلىقىنى ، سورۇنغا تەكلىپ قىلىپ كەلگۈچىلەرنىڭ ‹‹ ھېسامكام ›› نى پەقەت ئولتۇرۇپ بەرسە دېسىمۇ ‹‹ ھېسامكام ›› سورۇنغا بېرىپلا چاقچاققا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى . سۆھبىتىمىز ناھايىتى قىزغىن داۋاملاشتى ، ۋاقىت تۈپەيلىدىن بىز بۇ بىر جۈپ ياشانغانلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتۇق .

5.jpg


    مېڭىش ئالدىدا ھېسام بوۋا سىزنىڭ چاقچاقلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ، سىزگە قىزىقىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار ، مەن سىزنى تورغا چىقىرىمەن ، ھەممىسى قىزىقىپ كۆرىدۇ دېسەم ھېسام بوۋام دەرھاللا :
- مېنىڭدەك چىرايلىق ئادەمنى تورغا چىقىرىپ قويساڭ ، ھەممە ئادەم قېچىپ كېتىپ تورۇڭنى كۆرىدىغان ئادەم چىقاي بازىرىڭ كاسات بولامىكىن دېمەسمۇ ، ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتۇق .

2.jpg


    ئاخىرىدا ھېسام بوۋام ئۆزىنى يېقىندىن قوللاپ ، ئۆزىنىڭ چاخچاقلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان بارلىق خەلقىمىزگە چىن دىلىدىن ئۆزىنىڭ قۇربان ھېيتلىق سالىمىنى يوللىدى . بىزمۇ ئۇلارنىڭ يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەپ يېنىپ چىقتۇق .

ھېسام قۇربان ھاياتىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ يازغان شېئىرى ( قىسقارتىپ ئېلىندى )


مۇھەممەتجان راشىدىن


4.jpg


تۈنۈگۈنكى يۇمۇرلۇق يىگىت ،

كىرىپ قاپسەن بۈگۈن يەتمىشكە .

جاۋاب بېرىپ كەلگىنىڭ تۆھپە ،

چاقچاق بىلەن جىمى كەچمىشكە .


ئاسان ئەمەس سەندەك ياشىماق ،

يولاتماستىن قايغۇ ئەلەمنى .

يىغىلىغانغا ئۆزۈڭ تەسەللىي ،

قايغۇرغانلار ئۇنتۇيدۇ غەمنى .


بىز يىغلىغان يىللار ئاز ئەمەس ،

ھەتتا ھەر كىم جاندىن غەم يىگەن .

بىرەر سۆزنى ئاڭلىماپتىمىز ،

ئەمما ‹‹ ھېسام يىغلاپتۇ ›› دېگەن .


ۋادىمىزنى لەرزىگە سالغان ،

ناخشىدىن ئۇز چاقچاقلىرىڭ بار .

ياندۇرىدۇ يانمىغان ئوتنى ،

چاقچاقلاردا چاقماقلىرىڭ بار .


سېنىڭ روھىڭ ئىلىنىڭ روھى ،

خەلقىمىزنىڭ بىر بايلىقى سەن .

ئۆز - ئۆزۈڭنى يۈرمە كەمسىتىپ ،

جىمى ئەلنىڭ چىرايلىقى سەن .


9.jpg


10.jpg


6.jpg


باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈلسە تېما مەنبەسىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە ئەسكەرتىلىشىنى سورايمەن ، بولمىسا قالايمىقان كۆچۈرمەڭ


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
بىلگئەر + 20 + 20بۇ زىيارىتىڭىز ۋە خەۋ.
tursun007 + 5 + 5يارايسىز!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 25 تىللا + 25  باھا خاتىرىسى

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 10:21:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-1 10:26  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
628
تۆھپە
338
UID
44

جاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ تۈۋرىكىفىلمچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 10:23:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھېسام قۇربان ئاكىغا ئۇزۇن ئۆمۈر ، تىنىگە  سالامەتلىك ، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن ~~ !!    


Rank: 4

ئىسىمى
مۇساجان
تىللا
307
تۆھپە
187
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 11:19:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېسام ئاكامنىڭ سالامەت تۇرۇشىنى، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تەلەيمەن. سىز بىزگە نۇرغۇن روھى ئۇزۇقلارنى بەردىڭىز..رەھمەت سىزگە ئاكا...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1405
تۆھپە
944
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 11:35:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېسام بوۋامنىڭ ئۆمۈرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولغاي!


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1904
تۆھپە
556
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 12:38:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېسامكامغا سالامەتلىك تىلەيمەن.
مۇخبىرغا لايىق ئىش قىپسىز جۇما، تەڭرىتاغ، غۇلجىغا بىكار بارماپسىز.


Rank: 4

ئىسىمى
كروران
تىللا
475
تۆھپە
77
UID
360
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 12:42:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېسام بوۋمىزنىڭ ئۆمۈرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولغاي!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1080
تۆھپە
781
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 12:45:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېسام بوۋىمىزنىڭ ھەم مېھرىبان ئايالىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن، ئۇلارغا  اللە ئۇزۇن ئۇمۆر ھەم سالامەتلىك ، خاتىرجەملىك بەرگەي ، تېمىنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولدۇم لىكىن يىغلىغۇملا كىلىپ كەتتى دېسە  .

مۇھاممەتجان راشىدىن ئەپەندىنىڭ شېئىرى بەكمۇ ئىسىل جۇما اللە سالامەت قىلسۇن شۇ ئەزىزنى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehrim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-1 12:46  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
4550
تۆھپە
498
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 13:28:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن 2007-يىلى غۇلجىغا بارغاندا ، ھېسام قۇربانكامنىڭ پورترېت سۈرىتىنى تارتقان ئىدىم . ئۇ چاغدىكىگە قارىغاندا خېلى ياشىنىپ قالغاندەك بولۇپ قاپتۇ . ھېسام ئاكا سالامەت بولۇڭ !


تەتقىتنى قوبۇل قىلغانلىق ، ئالغا باسقانلىق .

Rank: 4

تىللا
490
تۆھپە
95
UID
908
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 13:34:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلققە مەنىۋىي ئوزۇق ئاتا قىلغۇچى--ھىسام ئاكىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي!


ئىغىزىداپىل تەۋرەتكەندىن ئەمىلىيتىدە  قىل تەۋرەتكەن ئەۋزەلدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:07, Processed in 0.088589 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991