كۆرۈش: 100725|ئىنكاس: 91

خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش كېرەكمۇ ياكى ئىنگىلىز تىلىمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
263
تۆھپە
274
UID
941

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 11:00:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش كېرەكمۇ ياكى ئىنگىلىز تىلىمۇ ؟


    جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ، تەتىل ۋە بايراملارنى قۇربان قىلىپ ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنمەكتە . بۇ بىر ياخشى ئەھۋال ، ياخشى باشلىنىش .
    بىراق بۇ يەردە يەنە بىر پايدىسىز شارائىتنى تىلغا ئالمىساق بولمايدۇ ، يەنى ھەممىمىزگە مەلۇم ، خەنزۇ تىلى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تىلى ، شۇنداقلا نۆۋەتتە بىزگە نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئەسقېتىۋاتقان تىل بولۇپ قالدى . شۇنداق قاراپ باقسام ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا قارىغۇلارچە يەنى چوڭ ئېقىمغا ئەگىشىپلا ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە بېرىلىش ، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە سەل قاراشتەك خاتا ئەھۋال خېلى ئېغىركەن ، بۇنداق ئوقۇغۇچىلار ئاتا - ئانىسىنىڭ قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن پۇللىرىغا ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىمەن دەپ ، دەرس بارغانسېرى قىيىنلاشقانسېرى يا دەرس كاللىسىغا چۈشمەي ئاشۇ پۇللارنى يوققا چىقىرىدىغان ئەھۋال مەۋجۇتكەن . بۇنداق ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئاخىرىدا نېمە بولىدىكەن دېسە ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يا ئىنگىلىز تىلىنى باشقا ئېلىپ چىقالماي ، يا خەنزۇ تىلىنى راۋان سۆزلىيەلمەي بەك جاپا تارتىدىكەن .
    دۆلىتىمىزدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان ئېلىشى ئومۇملىشىپ قالدى ، مۇشۇنداق شارائىتتا سىز 5 يىللىق ئوقۇش ھاياتىڭىزنى ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋەتتىڭىز ، لېكىن خەنزۇ تىلى ئاساسىڭىز يەنىلا ئاجىز ، شارائىتىڭىز سىزنى چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرۇشقا ، يۇقىرىلاپ ئوقۇشقا يول قويمىدى ، مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا سىز تۇرمۇشنىڭ بېسىمى بىلەن يەنىلا مۇشۇ يەردە خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولدىڭىز ، لېكىن سىزنىڭ خەنزۇچە ئاساسىڭىز ياخشى ئەمەس . ئەمدى قانداق قىلماقچى ؟
    مانا بۇ مېنىڭ بۇ ئىككى تىلنىڭ قايسىسىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ، كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ ، لېكىن قايسى تىلنى ئالدى بىلەن ئۆگىنىشمۇ مۇھىم ، شۇڭا مەن بۇ يەردە مۇنبەرداشلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئاۋۋال ئۆگىنىش كېرەكمۇ ياكى ئىنگىلىز تىلىنىمۇ دېگەن ھەقتە مۇنازىرىلىشىپ بېقىشىنى سورايمەن .
(تاق تاللاش)سايلام , بېلەت تاشلاپ بولغاندىن كىيىن نەتىجىسىنى كۆرەلەيدۇ., قاتناشقانلار
 (بۇ ئاشكارا بىلەت تاشلاش،باشقىلار سىز تاشلىغان بېلەتنى كۆرەلەيدۇ)
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6654
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 11:09:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ياشاۋاتقان مۇھىتتا ئومۇملاشقان تىلنى پۇختا ئۆگەنگەن ياخشى!
چەت ئەلگە چىقىپ ئۆگىنىش، ياشاش قىزغىنلىقى بارلار ئەلۋەتتە ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگىنى ياخشى!
دۆلەت ئىچىدە تۇرۇپ ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ھەم خەنزۇچە ھەم ئىنگلىزچىنى پۇختا ئۆگەنگىنى ياخشى!
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6100
تۆھپە
2792
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 11:15:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادانىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇنازىرىسى ھەقىقەتەن ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسلىكەن ، چەت ئەلگە چىقىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز بولغان شارائىتتا ئاۋۋال خەنزۇچىنى ياخشى ئۆگەنسە بولىدۇ ، خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئىنگىلىز تىلىغا ئېسىلىۋېلىپ ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىنىش يا ئاسان بولمىسا ، ئاخىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپقۇچە خەنزۇچە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان گەپ ، شۇڭا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ باقساڭلار .
مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەلئامان
تىللا
1214
تۆھپە
141
UID
46
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 11:19:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ تەشەببۇسۇم: ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تىلى، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى ئاساسى تىل بولغان خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئۆگىنىۋېلىپ ئاندىن ئېنگىلىز تىلىنى ئۆگەنگەن ياخشى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1012
تۆھپە
679
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 11:22:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئۈگۈنۈش ئاندىن ئانا تىل ۋە خەنزۇ تىلى مۇھىتىدىن پايدلىنىپ 3-تىلغا يۇزلۇنۇش كىرەك. بۇ ئاقىلانە تاللاش بولىدۇ. ھەم تىل ئىگىسىنڭ ئەتىراپلىق يىتلىپ چىقىشىغا پايدىلىق.
بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2185
تۆھپە
1623
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 15:31:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يەنىلا ئانا تىلىمىزنى پىششىق ئۈگۈنەيلى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6654
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 16:46:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
haltakoqa يوللىغان ۋاقتى  2011-10-27 15:31
يەنىلا ئانا تىلىمىزنى پىششىق ئۈگۈنەيلى


مەن تېخى ئانا تىلىمىزنى بىلىۋالدۇق، دەپ ئويلاپتىكەنمەن، شۇڭا بۇ خۇسۇستا زادىلا لام دېمەپتىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-27 16:46  

كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6654
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 16:49:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
haltakoqa يوللىغان ۋاقتى  2011-10-27 15:31
يەنىلا ئانا تىلىمىزنى پىششىق ئۈگۈنەيلى

ئوبدان تۇغقىنىم، «ئۈگۈنەيلى»   بىر كۈنى «ئۆگىنەيلى» بىلەن  قاتتىق مۇشت-پەشۋالىشىپ قېلىپ ئاخىر «ئۆگىنەيلى»نى يېڭىۋاپتۇ-ھە!؟
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2185
تۆھپە
1623
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 14:40:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2011-10-27 16:49
ئوبدان تۇغقىنىم، «ئۈگۈنەيلى»   بىر كۈنى «ئۆگىنەيلى» ب ...

  بۇنى تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن، لىكىن سىزدىن نۇرغۇن يېڭى سۆزلەرنى، توغرا ئاتالغۇلارنى ئۈگۈنىۋاتىمەنغۇ

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6654
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 15:36:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
haltakoqa يوللىغان ۋاقتى  2011-10-28 14:40
بۇنى تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن، لىكىن سىزدىن نۇرغۇن ...

سىز «ئۈگۈنەيلى» بىلەن «ئۆگىنەيلى» نىڭ مۇسابىقىسىگە رېپىر بولغاندا «ئۈگۈنەيلى» يېڭىۋاپتۇ ئەمەسمۇ؟
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:25, Processed in 0.083524 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991