ئىگىسى: سادا

خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش كېرەكمۇ ياكى ئىنگىلىز تىلىمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
13
تۆھپە
5
UID
3363
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 23:12:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەڭ ياخشىسى خەنزۇ تقلىنى تولوق ئوتتۇرىدىلا بىر تەرەپ قېلىۋېتىش كېرەك ، ئاندىن ئالىي مەكتەپتە پۈتۈن كۈچ بېلەن ئېنگىلىزچىنى ئۆگىنىش كېرەك ... بولمىسا بەك ئارقىدا قالىمىز ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچتىن تارتىپ ئۆگىنىدۇ بىز ئالىي مەكتەپكە چېقىقاندا ئېنگىلىزچە ئۆتىدۇ ، ئۇلار بىلەن تەڭ مېڭىش ھەم ئېنتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۇرۇسلارغا قاتنىشىپ ئېنگىلىزچە ئۆگىنىدىغان گەپ .
  يېغىپ ئېيتقاندا ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قارىتا ئۆگىنىش كېرەك بۇ يەردە ئاۋال ئانى ئاندىن مانى دېسەك بىر تەرەپمىلىك بولۇپ قالىدۇ...
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
admin + 3 + 3

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 3 تىللا + 3  باھا خاتىرىسى

Rank: 2

ئىسىمى
سەنەم
تىللا
165
تۆھپە
27
UID
3434
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 18:21:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن خەنزۇتىلى ياخشى ئۆگىنىۋېلىپ ئاندىن ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك.چۈنكى خەنزۇتىلى دۆلەت تىلىمىز.ئىنگىلىز تىلى بولسا دۇنيا تىلى.ئەلۋەتتە ئالدىدا ئۆز دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەكتە.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
Erkman + 6 + 6بەللى!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 6 تىللا + 6  باھا خاتىرىسى

Rank: 2

تىللا
53
تۆھپە
17
UID
2418
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 10:58:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوز ئەقىدىسى بىلەن ياشاش .ئۇگەنگەنلىرىنى ئىشلىتىش ئۇچۇن ھەركىم 1-بولۇپ ئوز ئانا تىلى بىلەن تەربىلىنىشنى كۇچايتىشى،نوۋەتتىكى جاھاننىڭ رەپتارىغا چوكۇپ كۇن ئوتكۇزۇش ئۇچۇن خەنزۇچە ئۇگۇنىشى. دۇنيا ئىلىم-پەن دەۋرىدەماس قەدەملىك ئىلگىرلەش ،ئەتراپلىق بىلىم  ئىلىش ئۇچۇن ئىنگىلىسچە ئۇگۇنۇش كىرەك،بۇ پەقەت تۇرمۇشتاھەركىم ئوزىنىڭ ئىمكانىيەتلىك تالاش دائىرىسى ئىچىدىكى ئىش .كنملەرنىڭ بۇ 3يولنىڭ قايسىسىنى تاللىشىياكى بىرىكتورۇپ ئىش ئىلىپ بىرىشى  مانا بۇ ئەركىنلىك.

Rank: 1

تىللا
18
تۆھپە
4
UID
3833
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 14:49:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن خەنزۇچىنى،ئاندىن ئىنگىلىزچىنى ئۆگىنىش كېرەك

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6750
تۆھپە
3409
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 23:57:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىدىن قارىغاندا، كۆپىنچە ئادەملىرىمىزنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسى ئادەتتىكىدەك قىلىدۇ، ئەۋۋەلى بىرمەيدان ئانا تىل ئۆگىنىش ئىنقىلابى قوزغىۋېتىپ، ئانا تىلىنى جايىدا ئۆگىنىۋېلىپ، ئاندىن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىپ، باشقا نۇرغۇن تىللارنى ئۆگىنىشكە تىرىشسا چوقۇمكى، نەتىجە قازىنالايدۇ!
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6750
تۆھپە
3409
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 23:58:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
___ ئوغۋاغ!
___ مەغسىي!
___ بوڭژۇغ!
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
1052
تۆھپە
730
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 00:17:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېھتىياجغا قاراپ ئىش قىلغان تۈزۈك مېنىڭچە. قانداقتۇر ئېقىمغا ئەگىشىپلا قارغۇلارچە مېڭىشنى قوللىمايمەن شەخسەن ئۆزەم.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
904
تۆھپە
274
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 00:25:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلارغا نىسبەتەن دۆلەت تىلىدا كەلگۈسى ھاياتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا كۆزى يەتكەندە  ھەم چەتئەل تىلى ھايات پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسۈتىش مۇمكىنچىلىكى  بولۇپ قالسا ئاندىن چەتئەل تىلى ئۈگۈنىش لازىم.
ئانا تىل ئۈگىنىش ئالدى بىلەن بولۇشى كېرەك دىسە نۇرغۇن كىشىلەر « مەن 2 يېشىمدىن باشلاپ ئانا تىلدا سۆزلەپ كىلىۋاتىمەنغۇ » دەپ قارىشىدۇ، لېكىن ئانا تىلىنى ۋايىغا يەتكۈزەلەيدىغانلار بەكمۇ ئاز، سىزنىڭ ئانا تىلغا ماھىر ياكى ئەمەسلىكىڭىز نۇتۇق پائالىيىتىڭىزدىكى مۇرەككەپ جۈملىلەردىن پايدىلىنىش ماھارىتىڭىزنىڭ  يۇقۇر - تۆۋەنلىكىدىن بىلىنىدۇ.
ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
1052
تۆھپە
730
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 00:27:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىلىقى بىر لەتىپە بارغۇ نەسىردىن ئەپەندىنىڭ:

باي  ئەپەندىمدىن سوراپتۇ:
- ئەپەندىم،  سىز بايلىق بىلەن بىلىمدىن قايسىسىنى تاللايسىز؟
ئەپەندىم قىلچە ئىككىلەنمەستىن:
- مەن بايلىقنى تاللايمەن. - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇدە.
- ھەي ئەپەندىم، نىمانچە چاكىنا ئادەم سىز؟ مەن  چۇقۇم بىلىمنى تاللايتتىم!
-  ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزدە يوق نەرسىگە قىزىقىمىزدە تەخسىر،  بۇ ئىنتايىن نورمال ئەھۋال.

Rank: 4

تىللا
398
تۆھپە
152
UID
2790
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 02:59:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نېمىشقا ئەرەب تىلى بىلەن پارس تىلىنى ئويلاشمايسىلەر؟!  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-22 16:32, Processed in 0.066812 second(s), 20 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991