ئىگىسى: سادا

خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش كېرەكمۇ ياكى ئىنگىلىز تىلىمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
50
تۆھپە
11
UID
25689
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 14:04:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى مۇشۇ سۇئالنى ھەممىمىز ئالى مەكتەپكە بېرىپ بولۇپ ئەمەس بەلكى كېچىككەندە ئوتتۇرامەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا سوراپ ئېىنقلىۋالغان بولساق ياخشى بولاتتىكەندۇق.  دېمەكچمەنكى، ئالدى بىلەن مەقسىدىمىزنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئاسپىرانلىق ئىمتىھانىسىغا قاتنىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش مەقسىدىمىز بولمىسا ياكى شۇنىڭغا ئىمكانىيەت يار بەرمىسە، شۇ سەۋەبلىك ئۆيىمىزگە قايتىپ كېتىپ مەمۇرىي كادىر، ياكى ئوقۇتقۇچى بولماقچى بولساق ئەڭ ياخشىسى خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.  بولمىسا خەنزۇ تىلىدىن باشقا ئۆرلەش ئىمتىھانلىرى ئۈچۈن زۆرۈر ئېلىنىدىغان ئىنگىلىز تىلىنىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بەلكىم بۇ گېپىممۇ مۇتلەق توغرا ئەمەستۇ. شەخسەن مەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى مۇشۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا يېنىپ كېلىشكە ئالدىرىماي چوقۇم ئۆرلەپ ئوقۇسا دەپ قارايمەن. سىز قايتىپ كېلىپ يۇرتىمىزنى گۈللەندۈرىمىز دېمىسىڭىزمۇ گۈللەندۈرىدىغانغا مانا بىز تەييار! بىزگە ھازىر ئەڭ زۆرۈر لازىملىق ئادەم - يۇقرى ساپالىق ئادەم. مېنىڭچە ئارىمىزدىن چەتئەلگە چىقىپ يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغان ئادەم قانچە كۆپ چىقسا بىزگە شۇنچە ياخشى. قانداقتۇر ئۆزىمىزنى داڭلاپ ياكى سۆكۈپ ، ئاتالمىش مىللەتپەرۋەرلىك قىلىپ ، بىر ئۆمۈر قاخشاش بىلەن ئۆتىۋەرسەك بۇنىڭ بىزگە ھېچقانداق پايدىسى يوق. تىل ئۆگىنىشتە ئەلىۋەتتە ئاۋال ئانا تىلىمىزنى تەتقىق قىلىپ تۇرۇپ ئۆگىنىشىمىز زۆرۈر. ئانا تىلنى  بىلمەسلىك نومۇس! بۇنى ئۆزىمىزنى مىللەتپەرۋەر قىلىپ كۆرسىتىپ قويۇش مەقسىتىدە دەپلا قويساق ئىش پۈتمەيدۇ. ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئەڭ ئاددىسى ئىمىلايىمزنى توغىرلىشىمىز، ئاندىن ئىلمى مۇنازىرە قائىدىسىنى ئۆگىنىشىمىز، مۇنازىرىنى ئالدىراپلا قۇسۇر تېپىش مۇنازىرىسىگە ئايلاندۇرۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. خەنزۇ تىلىغا كەلسەك، بۇ دېمىسەكمۇ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تىلى. بىزنىڭ تېرىتورىيە سالاھىيىتىمىز مۇشۇ دۆلەتكە تەۋەلا بولىدىكەن بۇ تىلنى چوقۇم ئۆگىنىشىمىز زۆرۈر. مېنىڭچە بولغاندا خەنزۇ تىلىنى ئانا تىلىمىزدەك تەتقىقات نۇقتىسىدىن چىقىپ ئۆگەنمىسەكمۇ، ئاۋال پايدىلىنىشنى، ئاندىن كېيىن ئىشلىتىشنى بىلسەكلا كۇپايە. ئۇ بىزنىڭ ئىككىنىچى ئانا تىلىمىز بولغاچقا بىزنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ چوڭ تىپتىكى تارىخ رومان يازالايدىغان سەۋىيەگە بەكمۇ مۈشكۈل. شۇڭا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە قارتا نىشان ئېنىق بولۇشى كېرەك.
ئەمدى ئىنگىلىز تىلى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىمۇ شارائىت، ۋاقىت يار بەرسە ئۆگىنىپ قويۇش كېرەك. چۈنكى بىر تىلنى قوشۇپ ئۆگەنسىڭىز يازغۇچى ۋاڭ مىڭ ئېيتقاندەك، ئۇ سىزگە يەنە بىر جۈپ كۆز، بىر جۈپ قۇلاق، يەنە بىر تەپەككۈر ئاتا قىلىدۇ، نەزەر دائىرىڭىز كېڭىيىدۇ. مەيلى سىز كېيىن ئىشلىتىڭ ياكى ئىشلەتمەڭ ئاز تولا بولسىمۇ بۇ تىلدىن خەۋىرىڭىز بولغىنى ياخشى. يۇقىردىكى بىر ئىنكاستا دېيىلگەندەك ئېنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن ھەممىلا ئادەم بېرىپ يەسلىدە ئىشلەۋەرمەيدۇ. بىرەر ئادەمنىڭ شۇنداق بولۇپ قېلىشى ھەممە ئېنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن ئادەمنىڭ شۇنداق بولىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. يەنە كېلىپ بىرەر تىلنى ئارتۇق بىلگەن ئادەمنىڭ مائاشى باشقا ئادەمنىڭ مائاشىنىڭ ئىككى ھەسسچىلىك بولمايدۇ. بەلكىم شۇ ئادەم نەزەر دائىرىسى كەڭ، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان ، ئۆزگىچە تەپەككۇرغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن...
قىسقىسى، مېنىڭچە ئانا تىلىمىزنى چوقۇم تەتقىق قىلىپ تۇرۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىقلاپ تۇرۇپ ياخشى ئۆگىنىشىمىز، خەنزۇ تىلىنى ئىشلىتىپ مەقسىدىمىزنى تولۇق ئىپادىلەشنى، راۋان ھالدا ئىجتىمائىي ئالاقە ئېلىپ بېرىشنى بىلىشىمىز، ئىنگىلىز تىلى ۋە باشقا چەتئەل تىلىلىرىنى ۋاقتىمىزنى بوشقا ئۆتكۈزمەي ياخشى ئۆگىنىپ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىشىمىز، تەپەككۇرىمىزدىن ھالقىشىمىز كېرەك.

Rank: 2

تىللا
94
تۆھپە
19
UID
10992
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 00:18:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
90% تورداشلارنىڭ ئىيتقىنىدەك ئاۋۋال ئانا تىلنى پۇختا ئۆگنىش كىرەك ، ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلىپ مەنىسىنى بىلىپ تۇرۇپ خەنزۇ تىلىنى  ياخشى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئىھتىياجغا قاراپ مەيلى ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنەيلى مەيلى رۇس،ئەرەپ تىلى ئۆگىنەيلى ،ئۆگەنسەك بولىدۇ . مەنىسىنى بىلىۋالساق ئاسان ئېسىمىزدە قالىدۇ . ئادەمنىڭ مىڭىسى خۇددى پىچاققا ئوخشاش، ئىشلەتكەنسىرى ئەقىلى ئۆسىدۇ ، ئۆلگۈچە ھىچ ۋاقىت ئۆگىنىش ئىقتىدارىدىن قالغىنى يوق ، پەقەت بىزنىڭ بىر تەرەپلىمە ئويىمىز بىزنى «يىشىم چوڭۇپ كەتتى ، كاللام قېرىدى ، ئەمدى ئۆگىنەلمىگۈدەكمەن»دىگەن قاراشقا قىستاپ ئىلگىرلەتمەيدۇ .   

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6777
تۆھپە
3422
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 17:31:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما كۆزۈمگە ھەجەبمۇ تولا پۇتلاشتى بۇ مۇنبەردە!

ئانا تىلنى بەك پۇختا ئۆگىنىش ئاساسىدا ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىنى ئانا تىلىڭىزدەكلا ئۆگىنىپ ئاندىن باشقا ھەرقانداق تىلنى  كۆپلەپ  ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
يۈسۈپجان
تىللا
286
تۆھپە
61
UID
27180
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 20:03:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە يەنىلا مۇشۇ خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ بۇلۇپ ،ئاندىن ئىنگىلىز تىلى ،تېخىمۇ مۇھىم بولغان ئەەپ تىلنى ياخشى   ئۆگىنەيلى.........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 22:39, Processed in 0.061177 second(s), 18 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991