قوشۇمچە پايدىلىنىش ماترىيالى:
فىزىكا (物理学) ئەسىلىدە گرېكچە physis دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «تەبىئەت»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى دەۋردە ياۋروپادا فىزىكا دېگەن سۆز تەبىئىي پەنلەرنىڭ ئومۇمىي نامى ئىدى. تەبىئىي پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ مۈستەقىل پەنلەرگە ئايلاندى. مەسىلەن، ئاسترونومىيە، خىمىيە، گېئولوگىيە، بىئولۇگىيە قاتارلىقلار. ھازىر فىزىكا تەبىئىي پەندىكى مۇھىم، دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولغان ئاساسىي پەن بولۇپ قالدى. ئۇ ئاساسەن ماددا ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى قانۇنيەتلىرىنى ۋە ماددىلارنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىدۇ. فىزىكا بىلىملىرى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى باشقا تەبىئىي پەن ۋە تېخنىكا پەنلىرىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالدى. ئادەتتە تەتقىقات ئوبېكتىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ھەرىكەت شەكلىگە قاراپ مېخانىكا، ئاكۇستىكا، تېرمىكا (ئىسسىقلىق ئىلمىي) ۋە مولېكۇلا فىزىكىسى، ئېلېكترو ماگنېتىزم، ئوپتىكا، ئاتوم فىزىكىسى، يادرو فىزىكىسى، زەررىچىلەر فىزىكىسى («يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، قاتتىق جىسىملار فىزىكىسى، يىرىم ئۆتكۈزگۈچلەر فىزىكىسى قاتارلىق تارماق پەنلەرگە بۆلۈنىدۇ. لېكىن بۇ خىل بۆلۈش ئۇسۇلى بەكمۇ ئېنىق بەلگىلەنگەن ئەمەس، بەلكى پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۈرىدۇ. مەسىلەن، مېخانىكا ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا مۇستەقىل پەنگە ئايلاندى. شۇنداقلا، گىدرومېخانىكا، ئېلاستىك مېخانىكا قاتارلىق تارماقلارغا ئايلاندى. رادىئو ئېلېكترونىكىسى تەرەققىي قىلىپ مۇستەقىل پەنگە ئايلاندى؛ ئېلېكتر تېخنىكىسى، ئىسسىقلىق تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكا پەنلىرى فىزىكىنىڭ مەلۇم قانۇنيەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئەمەلىي قوللىنىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، فىزىكا ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپلىگەن چەت پەنلەر مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن، خىمىيە فىزىكىسى، ئاسترو فىزىكا، يەر شارى فىزىكىسى (گېئوفىزىكا)، دېڭىز-ئوكيان فىزىكىسى، بىئوفىزىكا قاتارلىقلار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆپلىگەن مۇھىم ئۆتكۈر پەن -تېخنىكىلارمۇ تەرەققىي قىلدى. مەسىلەن، ئاتوم قۇۋۋىتىنىڭ پايدىلىنىلىشى، بوشلۇق ئىلمى، لازېر قاتارلىقلار.
«قىسقىچە فىزىكا لۇغىتى»__ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993-يىل نەشىرى، 626-627-بەتلەردىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-19 13:24
|