ئىگىسى: ق.سىدىق

قاسىم سىدىق: مېنىڭ نەزىرىمدىكى «فىزىكا»[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
241
تۆھپە
98
UID
22559
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 21:37:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇپتىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-24 20:12  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 23:04:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇپتىر يوللىغان ۋاقتى  2012-9-30 21:37
ئەمسە نىمىشقا سىممىتىرىيىلىك نەزەرىيىسىنى قوللايسىز ...

شەكىل نەزەريىسى خاۋكىڭنىڭ زامان-ماكان كۇز قاراشلىرى بىلەن سىغىشمايدۇ.خاۋكىڭ بۇ نۇقتىدا ئېينىشتېيىننىڭ ئىدىيىسگە ۋارىسلىق قىلغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-1 02:50  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 00:42:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇپتىر يوللىغان ۋاقتى  2012-10-1 00:24
ۋاي ئۇنداق ئەمەستۇ ، مەن ئۇ كىتابتا جىق يەرلەردە ئىنىش ...

خاۋكىڭنىڭ بۇ كىتاۋىدىكى ھەررەڭ-سېررەڭ «ۋاقىت»چۈشەنچىلىرى ئېينىشتېيىننى مەنبە قىلىدۇ.ئۇ ھەتتا «ۋاقىت»قا شەكىل بىرىپ ئۇنى گويا ماددى رىياللىق دەرىجىسىگە كۆتىرىدۇ.ماكانىمۇ ئېينىشىنچە ماكان.

ئېينىشتېيىننىڭ«خۇدا شىشىخالە تاشلىمايدۇ»دىگەن گىپى ئۇنىڭ مەن ياقتۇرىدىغان گەپلىرىنىڭ بىرى.كۋانىت نەزەريىسىنىڭ  بۇ گەپكە قارشى تۇرىشىدىكى ئاساسلارنىڭ بىرى ھېزىنبىرىگ ئىنىقسىزلىق پىرىنسىپى،ھالبۇكى «ئىنىقسىزلىق پىرىنسىپى »ھازىر قاتتىق خىرىسقا يولۇقتى.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 00:54:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىدىيىلىرىمنى چۆشۆنۈشتە پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن:


ھېزىنبېرىگ «ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپى»مۇناسىۋىتى بىلەن بىرنەچچە ئېغىزگەپ

قاسىم سىدىق

1



  2012- يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۇنى(بۇگۇن) پەن-تىخنىكا تورى ياپۇنيىلىكلەرنىڭ تەجىربىدە ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپىغا خىلاپ ھادسىنى بايقىغانلىغى ھەققىدە خەۋەر بەردى،بۇخەۋەر شەكىل نەزەريىسى ئۇچۇن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك كاتتا خۇشخەۋەر.
شەكىل نەزىريىسى ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپىنىڭ فىزىكىلىق مەسىلە بولماي،بىلىش نەزىريىسى خاراكتىرلىك مەسىلە ئىكەنلىگىنى،زەررىچىنىڭ تىزلىگى،ھەركەت مىقدارى ۋە ئورنىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېنىق بىلىشنىڭ مۇمكىنلىگىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن،ئەگەر يۇقۇرقى خەۋەر شۇنداقلا ۋاچ.گورزادىيان،روگىر.پىنروزلارنىڭ ئالەمنىڭ دەۋرىلىگى ھەققىدىكى بايقاشلىرى ۋە نېتىرۇنو تەجىربىسى مۇئەييەنلەشتۇرۇلسە شەكىل نەزەريەسى تۇپ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن  تەجىربە ئاساسىغا ئىگە بولدى دىيىشكە بولىدۇ.ئەلبەتتە 29-تىئورىما تەجىربىسى سالاھىيەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن قايتا ئىشلىنىپ دەلىللىنىشى كىرەك.


2



ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە_«ئېن»نى ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن  بېۋاستە كۇزىتىش مۇمكىن ئەمەس،دەپ قارايمەن،ھېچبولمىغاندا يىقىن كىلەچەكتە شۇنداق.«ئېن»لارنىڭ ھەركەت جەريانىنى كۇزۇتۇش،ئۇزىنى كۇزۇتۇشكە قارىغاندا بۇرۇنراق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرۇپا يادرۇ تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار چوڭ تىپلىق يادرۇ سوقۇشتۇرۇش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلىشىغا بەكمۇ ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان سۇرەتلەرنى تارتىۋالغان بولۇپ ،ياۋرۇپا يادرۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ باياناتچىسى كىرىستىن سوتتون ([Christine Sutton) «بىز زەررىچىلەرنىڭ قالدۇرۇپ قويغان ئىزى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت جەريانىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق، زەررىچىلەرنىڭ ئۆزىنى بولسا ئەسلا كۆرگىلى بولمايدۇ»دېگەن.ئەلۋەتتە،ئۇلارنىڭ كۇزەتكىنى «ئېن»نىڭ ھەركەت جەريانى ئەمەس .«ئېن»غا نىسبەتەنمۇ ئەھۋال شۇنداق ،بۇ مەسىلە كۇنتەرتىپكە قويۇلسا،شەرىت-شارائىتلار پىشىپ يىتىلگەندە ئاندىن
«ئېن»لارنىڭ پەقەت ھەركەت جەريانىنىلاكەلتۇرۇپ چىقىرىش مۇمكىن.ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە(«ئېن»)نى تىپىش پۇتكۇل زەررىچىلەر فىزىكىسىنىڭ ئەڭ ئاداققى غايىسى،ئەلۋەتتە.



3

يىقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا مەيدانغا كەلگەن يىڭى بايقاشلار شەكىل نەزەريىسنىڭ پەلسەپە -لوگىكىلىق ئاساسلىرىنىڭ ۋە تەتقىقات رامكىسىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىغىنى،تەپەككۇر يۇلىنىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى كۇرسەتتى.شەكىل نەزەريىسنىڭ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان تېما ئىكەنلىگىدە ئىختىلاپ بولمىسا كىرەك دەپ ئۇيلايمەن.بۇ خىل تەتقىقاتنىڭ ئومۇمەن ئۇچ كونكىرىت قەدەم باسقۇچى بار:
1.مىكرۇ دونيا-زەررىچىلەر دۇنياسى تەتقىقاتى.ھاسىلى زەررىچىلەر  (تۇزۇلۇشكە ئىگە زەررىچىلەر)جەدىۋىلى تۇرغۇزۇپ چىقىش.دەسلەپتە«ئېن»نىڭ ھەجىمى ۋە باشقا فىزىكىلىق قىممەتلىرىنى بەلگىلىۋىلىپ،ئاندىن ھاسىلى زەررىچىلەرنىڭ مۇتلەق ھەجىمى،كۇرۇنمە ھەجىمى شۇنداقلا باشقا فىزىكىلىق مىقدارلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىش.بۇ ئىزدىنىشنىڭ دائىرىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئېندىن پىرۇتۇن ۋە ئىلىكتىرۇنغىچە بولىدۇ.ئىلىكتىرۇننىڭ شار شەكىللىك زەررىچە ئىكەنلىگى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىزنىڭ زەررىچلەرنىڭ ھەجىمى ۋە شەكلى ئۇستىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزغا ئىلھام بېغىشلايدۇ.ئېنىقسىزلىق پىرنسىپى ۋە ئىلىكتىرونغا ئائىت بۇ يىڭى نەتىجىلەر شەكىل نەزەريىسىنىڭ «يورۇقلۇقنىڭ ماھىيتى زەررىچە،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى»دىگەن پىرىنسىپال مەۋقەسىنىڭ تۇغرىلىغىدىن بىشارەت بىرىدۇ.بۇ يەردە يەنە فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۇرۇشنىڭ ئىمكانيەتلىرى ئۇستىدىكى دەسلەپكى تەسەۋۋۇرلارغىمۇ ئىرىشەلەيمىز.بۇ غايىلەرنى رىيالىققا ئايلاندۇروشتا «مۇتلەق ھەجىم»،«كۇرۇنمە ھەجىم»ئۇقۇملىرى شەكىل نەزىرييىسىنىڭ ئۇزىگە خاس يادرولۇق نەتىجىسى ۋە يىڭى قورالى .«ئېن»بىزنىڭ نەزەريە بىنارىمىزنى ۋوجۇتقا چىقىرىشتىكى ئېلېمىنتار كىسەك.
ھەر بىر نۇقتىدا «ئېن»ۋە«ھاسىلى زەررىچىلەر»نىڭ ھەركەت شەكلى ۋە شەرىتلىرى ئۇستىدە ئىزدىنىش نەزىريىمىزدىكى موھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.


ئىلىكتىروننىڭ شار شەكلىگە ئىگىلىگى بايقالدى



2. ئالاقىدار تەجىربە لايىھىلىرىنى لايىھىلەش.مۇمكىن بۇلغانلىرىنى ئىشلەپ سىناپ كۇرۇش، ئۇزىمىز ئىشلەشكە ئىقتىدارىمىز يەتمەيدىغان،غەلىبە قىلىش ئىھتىماللىغى يۇقىرى بولغان تەجىربە لايىھىلىرىنى ئىقتىدارى بار ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىشلىشىنى قولغا كەلتۇرۇش يوللىرى ئۇستىدە ئىزدىنىش.
3.ئەڭ زۇرۇر،تەخىرسىز خىزمەتلەرنىڭ بىرى شەكىل نەزەريىسىنىڭ زۇرۇرى بولغان ماتىماتكىلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىش خىزمىتىنى ئىشلەش.زۇرۇرى فورمۇلا،تەڭلىمىلەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇش.ئىپادىلىرنى بىكىتىپ چىقىش قاتارلىقلار.


4


بۇ تەتقىقات نۇرغۇن كۇچ تەلەپ قىلىدۇ.لىكىن،شەكىل نەزەريىسى تۇلىمۇ ئاددى نەزەريە.ئۇنىڭ ئاددىلىغىنى كۇزدە تۇتقاندا بۇ نەزەريىنى(تەجىربە ئايرىم مەسىلە) ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا غەلبىلىك تاماملاش تامامەن مۇمكىن ،دەپ قارايمەن.
ئۇزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش،تەتقىقات سۇرئىتىنى ۋە ئىزچىللىغىنى يوقۇرى كۇتۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇبۇ تەتقىقاتقا كۇپرەك ئۇيغۇر زىيالىلىرى قاتناشسا پايدىلىق ئىدى،لىكىن،ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن رىياللىق غايىدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە بەزى پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەر قولدىن كىتشى تەبى.شۇڭا،بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان تولمۇ ئازسانلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇتەتقىقاتقا كۇپرەك ئۇيغۇر كەسىپ ئىگىلىرىنى جەلىپ قىلىشتىن باشقا، قىرىنداش مىللەتلەردىن كەسىپ ئىگىلىرىنى جەلىپ قىلىش ئۇچۇنمۇ تىرىشچانلىق كۇرسىتىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.

تەتقىقاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغانلار بۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس ياكى ماڭا ئۇچۇر قالدۇرسا بولىدۇ.
2012.1.18

ئەسكەرتىش:
بەزى رەسىملەرنى يوللىغىلى بولمىدى.
شەكىل نەزەريسى تەبىئەت دۇنياسىدا ئىنقسىزلىق مەۋجۈت ئەمەس دەپ قارايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-1 03:06  

Rank: 4

تىللا
241
تۆھپە
98
UID
22559
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 01:58:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇپتىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-24 20:13  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
539
تۆھپە
268
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 02:26:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ماختىۋېتىپسىز. مەن پەقەت توغرا بولماي قالغان كىچىككىنە بىر جۈملە سۆزنى تۈزۈتىپ قويدۇم شۇ؛ لۇغەتتىكى تەبىرنى تەرجىمە قىلىپ يازغىنىڭىزنى بىلمەپتىمەن، ئۇنداق بولسا سىز 一般 دىگەن سۆزنى ئادەتتىكى دەپ تەرجىمە قىلىۋالغاندەك قىلىسىز. ئۇنىڭدىكى 最一般 دىگەن سۆز-ئەڭ ئومۇمى دەپ تەرجىمە قىلىنسا توغرا بولىدۇ.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 02:37:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Almas999 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-1 02:26
بەكلا ماختىۋېتىپسىز. مەن پەقەت توغرا بولماي قالغان كىچ ...

مەن قىلغان تەرجىمە ئەمەس،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تەرىپىدىن 1993-يىلى خەنزۇچىدىن تىلىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان 1386 بەتلىك كىتاپ.تەرجىمانلار:جۆرئەت قادىر،مۇھەممەتجان نۇجۇۋۇللا،سالاۋات ئەخمەت،ئابلەت ئىمىن.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 02:44:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇپتىر يوللىغان ۋاقتى  2012-10-1 01:58
ئەگەر زامان ماكان ئەگرى بولمىسا سىز پەسكە چۈپكەتمەمس ...

«پەس»قاياق؟.«ئاسمان»مۇ،«يەر»مۇ؟. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-1 02:46  

Rank: 4

تىللا
241
تۆھپە
98
UID
22559
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 03:05:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇپتىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-24 20:14  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 03:13:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇپتىر يوللىغان ۋاقتى  2012-10-1 03:05
سىز سۇئالىمغا ئەستايىدىل جاۋاب بەرمىدىڭىز ، خەير خۇشۋ ...

ئۇنداق ئەمەس،سىزنىڭ سۇئالىڭىز ئالدى بىلەن«پەس»دىگەن مۇشۇ چۈشەنچىدە كېلىشىۋىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئاندىن  بۇ سوئالغا جاۋاپ بەرگىلى بولىدۇ.شۇڭا مەن سىزدىن «پەس»نى قەيەر دەپ سوراشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-1 03:15  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-31 00:42, Processed in 0.068078 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991