ئىگىسى: ق.سىدىق

قاسىم سىدىق :كىم جاۋاپ بىرەلەيدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 14:13:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 02:11
جاۋاپ: ئەگەر ئوزئارا تەسىر ئەڭ ئاخىرقى ھىساپتا ھەقىقى  ...

كومپىتون  ئىففىكىتى 1923-يىلى كومپىتون تەرىپىدىن دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى،شۇندىن كىيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئاسپىرانىت ۋۇيوشۈن(吴有训) تەرىپىدىن تەجىربىدە ئىسپاتلاندى ۋە بۇ ئىففىكىت كومپىتوننى 1927-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا سازاۋەر قىلدى.بۇ ئىففىكىتتە فۇتوننىڭ زەررىچە ئىكەنلىگى ،ئونىڭ بىلەن ئىلىكتىرون ئوتتۇرىسىدا ئىلاستىك سوقولۇش يۈز بىرىدىغانلىغى،بۇ جەرياندا ئونىڭ بىرقىسىم ئىنىرگىيىسىدىن ئايرىلىدىغانلىغى بايان قىلىنىدۇ.

خوش،ئادەتتە بىز فۇتۇننى ئىنىرگىيىنىڭ ئەڭ كىچىك كۋانتى دەپ قارايمىز.ھالبۇكى كومپىتون ئىففىكىتى فۇتۇننىڭ تۈزۈلۈشكە ئىگە ئىكەنلىگىنى،جاھاندا فۇتوندىنمۇ مىكرۇ قىممەتكە ئىگە بولغان ئىنىرگىيەنىڭ مەۋجۈتلىگىنى دەپ بىرىۋاتىدۇ.دىمەك بىز تىخى ھەقىقى مەنىدىكى« ئىلىمىنتار كۋانىت»قا (شەكىل نەزەريىسىدىكى «ئېن»غا)ئىرىشمىدۇق.توغرىراغىنى ئىتقاندا بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلاشمىدۇق.چۈنكى نوپۇزى زىيادە كاتتا بولغان پىلانىك ئۈلچەملىرى بىزنىڭ تەپەككۆر ۋە جاسارىتىمىزنى چەكلەپ قويغاندەك قىلىدۇ.

كومپىتون ئىففىكىتىنىڭ شەكىل نەزەريىسى ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىففىكىت ئىكەنلىگىنى بارغانچە ھىس قىلماقتىمەن.ئونىڭ شەكىل نەزەريىسىگە بولغان ئونۋىرىسال ئەھمىيىتى ھەققىدە مەخسۇس تېما يېزىشقا توغرا كىلىدىغاندەك قىلىدۇ.بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇشنى توغرا تاپقان نۇقتام پەقەت شوكى:
فۇتون تۈزۈلۈشكە ئىگە ئىكەن، ئونىڭ تەركىپلىگۈچىلىرىنىڭ تىزلىگى ۋەزىچلىغى جەزمەن فۇتون ئۆزىنىڭ تىزلىگى ۋە زىچلىغىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.خۇددى ئاتومنىڭ تىزلىگى ۋە زىچلىغىدىن ئىلىكتىروننىڭ تىزلىگى ۋە زىچلىغى يۇقۇرى بولىدىغىنىغا ئوخشاش.

سىز بۇ تەشەببۇسقا قانداق قارايسىز؟. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 20:48  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 19:16:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈۋەندىكى قاراشلارنىمۇ تەنقىدى نەزەردىن ئۈتكۈزۈپ،مۇھاكىمە-مۇنازىرە ئىلىپ بىرىشىڭىزلارنى ئۈمىت قىلىمەن:


ئىنىرگىيە ـــ ھەجىمگە ئىگە



شەكىل نەزەريىسى ئالەمدىكى ئۇمۇمى ماسسا -ئىنىرگىيە مۇتلەق توراقلىق ھەجىمگە ئىگە دەپ قارايدۇ.بۇخىل قاراشنىڭ ئاساسلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.ئېينىشتېيىن ماسسا-ئىنىرگىيە مۇناسىۋەت تەڭلىمىسى.
2.ئىنىرگىيە كىۋانتى ھىساپلىنىدىغان فۇتۇننىڭ زەررىچلىكلىگى .
3.ئىنىرگىيە زىچلىغى ئۇقۇمى.
4.ئىنىرگىيەنىڭ ھەركەتكە ئىگە ئكەنلىگى.
5.ئالەمدىكى ئومۇمى ماسسا-ئىنىرگىيەنىڭ ساقلىنىشى ۋە تۇراقلىقلىغى.
6.كومپىتۇن ئىففىكىتى.
7.ۋە باشقىلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 19:17  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 03:03:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مىنىڭ ئىدىيىلىرىمنى چۈشۈنۈشتە پايدىلىنىشىڭلارئۈچۈن:


ئاق قەغەز مودېلى


قاسىم سىدىق



تەبىئەت ۋاكوئۇمغا ئۆچ

                      __ ئارىستوتىل.



ھەركەت ۋاكۇئۇمغا ئامراق.

                                 __  خاتىرەمدىن.


بىز تۇرۇۋاتقان ئالەم توغرىسىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مۇنداق ئىككى پاكىت مەۋجۇت: (1) ئالەم قۇپقۇرۇق ئەمەس، (2) ئالەم قۇپقۇرۇق دىيەرلىك. بۇ پاكىتلارنى چۇشۇنۇش بولسا ئاساسى فىزىكىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

                                                                           __ ئانتونى. رې


ئاق قەغەز مودىلى __ فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىدىكى ئالاقىدار ئىدىيەلەرنى ئوبرازلىق چۈشەندۇرۇش زۆرۇرىيىتىدىن تۇرغۇزۇلغان قورال بولۇپ، ھازىر جەمىئى 3 پارچە رەسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لىكىن1990-يىلى تۇرغۇزۇلغان سۇرەتلەر بىلەن ھازىرقى سۇرەتلەرنىڭ رەت تەرتىۋىدە پەرىق بار. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب 3 پارچە سۇرەت دەسلەپتىلا بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويولغان ئەمەس، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قايمۇقۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مەن2009-يىلى چوڭچىڭ ئونىۋىرسىتىتى نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدا سۆزلەنگەن __"فىزىكىلىق شەكىل ئۈقۇمىنى تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۇرلىگى ۋە تەخىرسىزلىگى"ماۋزۇلۇق ماقالەمدىكى① رەت تەرتىپنى ئاساس قىلىشنى ئەسكەرتىمەن. بۇ تەرتىپ تۆۋەندىكىچە:

22


يەنە رەسىم تۈرغۇزۇش توغرا كەلسە ئەلۋەتتە ئەمدى 4-رەسىم بولۇپ تىزىلىدۇ. ئىلگىركى رەسىملەرگە ئالاقىدار چۈشەندۇرۇشلەر شۇ رەسىملەر قىستۇرۇلغان ماقالىلار بىلەن بىللە ئېلان قىلىنغاچقا، ئوقۇرمەنلەرگە بەك چوڭ ئاۋارچىلىق تىپىپ بەرمەس دەپ ئويلايمەن.

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، ئاق قەغەز مودىلى دەرۋەقە "فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسى"نىڭ تۈپ ئىدىيىلىرىنى  بىر قەدەر ئاممىباب چۈشەندۇرۇش ئۈچۈن زۆرۇر بولغان بەكمۇ ئاددىي قورال، بۇ نەزەرىيەگە تەنقىد ۋە گۇمانى پۇزىتسىيە تۇتىدىغان كىشىلەرگە نىسىبەتەن ئىيتقاندىمۇ بۇ مۇدىل ئاتلاپ ئۆتۇشكە بولمايدىغان، ئەكىسچە ھە دېگەندىلا دۇچ كىلىدىغان سوئال بەلگىلىرىدىن ئىبارەت.  مىنىڭ بۇ مودىلنى تۇرغۇزۇشتىكى تەپەككۈر جەريانىم تۆۋەندىكىچە:

"فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» دىكى ئانا ئۈقۈم «فىزىكىلىق شەكىل» بولۇپ، ئاق قەغەز مودېلى 1-رەسىمدىكى A چەمبەر دەل شۇ فىزىكىلىق شەكىلنىڭ ئابىستىراكىت مودېلى، بۇ ئۈقۈمنىڭ تۈرغۇزۇلىشىدىكى لوگىكىلىق ئىدىيە شۇكى، ھەرقانداق ماددا (ماسسا –ئېنىرگىيە) فىزىكىلىق شەكىلدىن ئايرىلالمايدۇ. يەنى، ئىنسانىيەت ھازىرغىچە شەكىلگە ئىگە بولمىغان ماددىنى بايقىغىنى يوق. مەيلى ئېيىن (ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمىنتارزەررىچە) ۋە ياكى بىر پۈتۈن "فىزىكىلىق ئالەم" بولسۇن ئوخشاشلا"فىزىكىلىق شەكىل" دىن ئايرىلالمايدۇ. ھالبۇكى، ھازىرقى زامان نەزەرىيەۋى فىزىكىسىدا بۇنداق ئۈقۈم مەۋجۈت ئەمەس. مېنىڭ غايەم يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى شەكىللەنگەن.

ئارقا كۆرۇنۇش _ "فىزىكىلىق شەكىل"ئۇقۇمىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولۇپ  "ئارقا كۆرۇنۇشكە ئىگە بولمىغان فىزكىلىق شەكىل مەۋجۇت ئەمەس" (فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ 1-  ئاكسىئومىسى) دېگەن ئىدىيە ئاق قەغەز مودېلى1-،2- رەسىملىرىدە يارقىن ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەڭ قولايلىق تەسسەۋۋۇر شۇكى؛ سىزئۆزىڭىزنى "فىزىكىلىق شەكىل" دەپ پەرەز قىلىڭ، سىز ھامان چەكلىك بولۇپ،سىز ھەر قاچان ئۆزىڭىزنى ئۆز قوينىغا ئالغان ماكان بىلەن چىگىرلىنىسىز. ئەگەر B تەكشىلىك بولمىسا سىز ئىپادىلەنمەيسىز.

ياۋرۇپا ئالەم قاتناش ئىدارىسى بۇ يىل تارقاتقان تۆۋەنىدىكى « ئالەم»نىڭ قىزىل رەڭلىك سۈرىتىنى ئاق قەغەز مودىلى1-رەسىمدىكى A چەمبەرگە، ئۇنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بولغان قاراڭغۇ تەكشىلىكنى ئاق قەغەز مودىلى 1-رەسىمدىكى B تەكشىلىككە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، A ھامان Bنىڭ ئىچىدە ئىپادىلىنىدۇ، Bنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ.


ئارقا كۆرنۇش ئۈقۈمى __ مۇقەررەر ھالدا بارلىق ماسسا__ ئىنىرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئېنىشتېيىن ئالىمى ۋە ياكى"ئۆلچەملىك ئالەم مودېلى"دىكى "ئالەم" ئىدىيىسىنىڭ بىرتەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۇنكى يۇقۇرقى مودىللاردا B تەكشىلىكنىڭ مەۋجۇتلىگى ئىتىراپ قىلىنمايدۇ. "ھەقىقى بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس" دەپ قاراش ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ يادورۇلۇق ئىدىيىسى.ھالبۇكى، ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس دەيدىغان بۇنداق ئىدىيە ئاق قەغەز مودېلى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. مانا بۇ "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى" دىكى يوقلۇق (نىيوتۇنچە ماكان _ ھەقىقىي بوشلۇق) ئىدىيىسىنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى.

ئاق قەغەز مودېلىدىكى 2-رەسىم ئارقىلىق بىز"يوقلۇق" (نىيوتۇن ماكان – ھەقىقىي بوشلۇق) نىڭ "فىزىكىلىق ئالەم"نىڭ ئىچكى قىسمىدىنمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى،  تەجىرىبە پەنلىرى تەتقىق قىلىدىغان بۇ ئالەم ھەر قانداق پەيىتتە ماددا (ماسسا_ئېنىرگىيە) ۋە ماكان (يوقلۇق) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبېيكتىىپ رىئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىنى كۆرۇپ يېتەلەيمىز. A چەمبەر (كىۋانىت) ۋە An چەمبەر (كىۋانىت)لارنىڭ ئايرىم –ئايرىم مەۋجۈت بولۇپ تۈرۈشى ئۈچۈن جەزمەن B تەكشىلىك بولىشى كېرەك.باشقىچە ئېيتقاندا B تەكشىلىك پىلانىك بىلەن ئالبىرىت ئېنيشتېننڭ ئايرىم –ئايرىم ئىككى شەخىس بولۇپ تۇرالىشىنىڭ تاشقى شەرتى. مۇبادا، Bتەكشىلىك مەۋجۈت بولمىسا ئەلبەتتە، پىلانىك، ئالبىرىت ئېنيشتېين ۋە ھەرقانداق جانلىق(ئىندىۋىد) بولمىغان، پۈتكۈل ماسسا _ ئېنىرگىيە بىرلا نوقتىغا توپلىنىپ قېلىپ،ئاسمان جىسىملىرى ۋە يۇلتۇزلار سىستىملىرى شەكىللەنمىگەن بولاتتى.




"ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتى ماكاننىڭ ئۆلچىمى" دەيدىغان ئەنئەنىۋى ئىدىيە مۇئەييەن مەنىدە توغرا، سىز بىر كىرسلوغا كىلىپ ئولتۇردىڭىز دەپ پەرەز قىلايلى، سىز ئولتۇرماستىمۇ كىرسلۇدا سىز ئولتۇرغان چاغدىكى ھەجىمىڭىز بىلەن باراۋەر بولغان بوشلۇق (ماكان) ساقلانغان بولىدۇ. سىزكىرىسلۇدىن يۆتكۇلۇپ كەتسىڭىز ھەرگىز بايا تىلغا ئالغان ماكاننى بىللە ئىلىپ كەتمەيسىز، بەلكى ئۇ يەنىلا ئۆز ئورنىدا قالىدۇ. سىزنىڭ ھەجىمىڭىز ماھىيەتتە سىزقەيەردىلا تۇرماڭ شۇ يەردە ئۆز ھەجىمىڭىز بىلەن بارۋەر بولغان ماكان (يوقلۇق) نىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ "ماددا ماكاننڭ ئۆلچىمى" دېگەن ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ ئەقەللىي ئىسپاتى. ئەمدى سىز كىرسلۇدىن قوزغۇلۇپ قەيەرگىلابارماڭ، يېتىپ بارغان نوقتىڭىز بىلەن بايامقى كىرىسلۇ ئارىلىقىدىكى مۇساپە يەنىلا ماكان (يوقلۇق) نىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ "ماددا ھەركىتى ماكاننڭ ئۆلچىمى" دېگەن ئەنئەنىۋى ئىدىيەنىڭ ئەقەللىي ئىسپاتى. بۇ يەردە تەبىر بىرىشكە تېگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىدە "يوقلۇق"(ماكان) ھەربىر كونكىرىتلىقتا چەكلىك، بىر پۈتۈنلۇكتە چەكسىز دەپ قارىلىدۇ.  يەنى ئىككى ماددىي نوقتا قارىمۇ –قارشى يۆنىلىشتە بىر-بىرىدىن قانچىكى يۈقىرى تىزلىك بىلەن بىر-بىرىدىن يىراقلاشىسۇن.ئۇلارنىڭ ئارلىقى ھامان چەكلىك بولۇپ، چەكسىز ماكاننى مەڭگۈ قاپلاپ بولالمايدۇ .ھالبۇكى، ئېينىشتېيىن ۋەكىللىگىدىكى نۆۋەتتىكى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق پەقەت A چەمبەرنى ئېتىراپ قىلىپ Bتەكشىلىكنىڭ مەۋجۈتلىگىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. يەنى بۇ تەلىماتلارنىڭ"ماكان" ئۈقۈمى بىلەن "ماددا" ئۈقۈمىنىڭ ئىنىق پەرقى يوق.يەنى ئېينىشتېيىن ماكاننى ئۈلۈكسىز "مەيدان" ، ماددىنىڭ يەنە بىرخىل ھالىتى دەپ چۇشەندۈرىدۇ. بۇ خىل چۈشەندۈرۈش "ماددا" بىلەن"ماكان" ئوتتۇرىسىدىكى پىرنسىپال پەرقىنى يوققا چىقىرىدۇ. ئېنيشتېيىننىڭ"ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۈت ئەمەس" دەپ قارايدىغان بۇنداق ئىدىيىسىنىڭ تارىخى يېلتىزىنى  ئارىستۇتىلدىن ئىزدەپ تىپشقا بولىدۇ.ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان «قورقۇنۇچلۇق سىمېتېرىيلىك» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئانتونى. رې ئۆز كىتابىدا «بىز ھازىر نىمە ئۈچۈن ئالەمنىڭ قۇپقۇرۇق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى، cp غا خىلاپلىقنىڭ ئىنتايىن كىچىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق» دەپ يازغان بولۇپ، بۇخىل نوقتىنەزەر ئارىستۇتىل ۋە ئېينىشتېيىنلارنىڭ «ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس»دېگەن نوقتىنەزەرلىرى بىلەن رۇشەن سىلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، فىزىكىدىكى "زىچلىق"ئۇقۇمى "فىزىكىلىق ئالەم"نىڭ ماددا ۋە ماكان (يوقلۇق) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبېكتىپ رىئاللىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈگى ئىكەنلىگىنى بىۋاستە ئىسپاتلايدۇ. چۇنكى"زىچلىق" ئۇقۇمىدا تىلغا ئېلىنغان "بىرلىك ھەجىم"-نىيوتۇنچە ھەقىقىي بوشلۇقنىڭ كونكىرىت ھەجىمى بولۇپ، مۇبادا بۇنداق ھەقىقىي بوشلۇق بولمىسا "زىچلىق" ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ. سىز "زىچلىق ئۇقۇمى" بولمىغان فىزىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟بۇ مۇمكىن ئەمەس!

"زىچلىق"ئۇقۇمى مۇقەررەر ھالدا "كىرىتىك زىچلىق" پەرىزىگە ئېلىپ كېلدۇ. چوڭ پارتىلاش ئالەم مودىلىدا تىلغا ئېلىنغان "غەيرىي نۇقتا" ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئېنىرگىيە يىغىلغان ئىنتايىن بىر كىچىك نۇقتا ئىكەنلىكى ھەمىمىزگە مەلۇم. دەل مۇشۇ "غەيرىي نۇقتا"مۇ يەنىلا ماددا ۋە ماكان (يوقلۇق)نىڭ ئارلاش گەۋدىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇتلەق مەنىدە ماددا (ماسسا-ئېنىرگىيە) دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ.  پەقەت ئېيىن (ھەقىقى مەنىدىكى ئېلىمنىتار زەررىچە)لەر ۋە ئۇلارنىڭ گىئومىتىريىلىك مىقدارلىرىنىڭ يىغىندىسىلا ھەقىقىي مەنىدىكى كىرىتك زىچلىققا يەتكەن ساپ ماددا دەپ قاراشقا بولىدۇ. مانا بۇ فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدىكى "مۇتلەق ھەجىم"ئۇقۇمىنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى. ساقلىنىش قانۇنلىرى جۈمىلىدىن ماسسا-ئېنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنى بۇنداق پەرەز ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك.

يۇقىرىقى ئاساسلار تەبئىي ھالدا ئالەمدىكى پۈتكۈل ماسسا-ئېنىرگىيەنىڭ ساپ ھەجىمىنىڭ بىر تۇراقلىق مىقدار بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى تولىمۇ كىچىك بولىدۇ دېگەن پەرەزگە ئېلىپ كېلىدۇ. باشقىچە ئېيىتقاندا، بۇنداق پەرەز "كرىتىك زىچلىق" ئىدىيىسىگىمۇ، "غەيرىي نۇقتا"ئىدىيىسىگىمۇ ئۇيغۇن. بىز"غەيرىي نۇقتا"نى نۇقۇل نەزەرىيىۋي ھېسابلاشنىڭ مەھسۇلى، تەجىرىبە ئاساسىي يوق دەپ قارىغاندىمۇ، ئاتوم يادىرۇسىنىڭ زىچلىقى (نىتىرون يۇلتۇز زىچلىقى)تەجىرىبە ئاساسىغا ئىگە پايدىلنىش سېستىمىسى بولۇپ قالىدۇ.

يۇقارقى نۇقتىنەزەرلەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ پەقەت بىرلا نەتىجىسى بار. ئۇ بولسىمۇ ماددا (ماسسا-ئېنىرگىيە)نىڭ ھەجىمى بولمايدۇ دېگەن يەكۇنگە ئېرىشىش. ماھىيەتتە بۇنداق قاراشنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالىشى ئەسلامۇمكىن ئەمەس. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، "يوقلۇق" (نىيۇتۇن ماكانى-ھەقىقىي بوشلۇق)نى قايتا ئېلىپ كىرمەي تۇرۇپ، يۇقۇرقى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگىلى ۋە ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىقىنى زىددىيەتتىن خالىي قىلغىلى بولمايدۇ.

بارلىق كۆزۈتۈش ۋە تەجىرىبە نەتىجىلىرى"ماكان ماددا ھەركىتىنىڭ تاشقى شەرتى" دېگەن ئىدىيەگە ئېلىپ كېلىدۇ."ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس"دېگەن ئىدىيە بۇ خىل تەشەببۇس ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش كېرەك. "ماكان-ھەركەتنىڭ تاشقى شەرتى" دەيدىغان بۇنداق ئىدىيە مەيلى ماكرو ياكى مىكرو دۇنيا بولسۇن ھەرئىككى دۇنيا ئۈچۈن ھەر قاچان ئۇرۇنلۇق بولىدۇ. مەسىلەن: سىز ئۆزىڭىزنى تەرەپلىرى ئىككى مېتىردىن بولغان تۆت كۋادرات مىتىرلىق بىر ئۆينىڭ ئىچىدە دەپ پەرەز قىلىڭ،سىزنى مۇشۇ ئۆينىڭ ئىچىدە سەككىز مېتىر تۈز سىزىقلىق ھەركەت قىلىڭ دېسە بۇ تەلەپنى ئۇرۇندىيالمايسىز. (لىكىن ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتتىن سەككىز مېتىر ئەمەس 8000كېلومىتىر مۇساپىنى تاماملىشىڭىز تامامەن مۇمكىن) ھەمدە شۇنىڭدەك ئەگەر سىز ئۆز گەۋدىڭىز ئاران سىغىدىغان بىر قىسىلچاققا قىسىلىپ قالدىڭىز دەيلى بۇ ھالدا سىز بىر سانتېمىتىر سىزىقلىق ھەركەت قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە ھەتتا ئۆز ئورنىڭىزدا(ئوقىڭىزدا) ئايلىنالمايسىز. بۇ تەشەببۇسلار ئەلۋەتتە بىزنىڭ پۈتكۈل كۆزۈتۈش ۋە تەجىرىبە پاكىتىمىزغا ئۇيغۇن.

سىز بايامقى كىرسلودا ئولتۇرۋاتقان ۋاقتىڭىزدا دەل سىز ئولتۇرغان بىر ئورۇنغا ھەجىمى سىز بىلەن باپباراۋەر بولغان يەنە بىرئادەممۇ ئولتۇرالمايدۇ. بۇ خىل تەپەككۈر كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ماكاننىڭ(يوقلۇق-نىيۇتونچە بوشلۇق) ھەر بىر كونكىرىتلىقتا چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپلا قالماي، زىچلىق ۋە "كرىتك زىچلىق"ئىدىيىلىرگە مۇقەرەر ئېلىپ بارىدۇ.

"كىرىتىك زىچلىق" ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچە- ئېيىننى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ بىر قانچە خىل تەپەككۈر يوللىرى ئىچىدىكى بىر تەپەككۈر يولى.(ئەلۋەتتە بىر دانە ئېيىن ئىچىگە يەنە بىر دانە ئېيىننى قاچىلغىلى بولمايدۇ).ئەمدى مۇشۇ ئېيىن (ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچە)نىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان"قىسىلچاققا قىسىلىپ قالغان ئادەم"نىڭ تەقدىرىگە يولۇقسا ئوخشاشلا ئۇنىڭ سىزىقلىق ۋە بولۇڭلۇق ھەركىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

خۇلاسىلىغاندا، بىز يۇقىرىقىلاردىن ھەركەت قىلىدىغان ماددىنىڭ (ماسسا-ئېنىرگىيە) گىئومىتىريىلىك ھەجىمىدىن ھالقىغان يوقلۇق(ماكان –نىيوتۇنچە ھەقىقي بوشلۇق) بولمىسا ھەركەتنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز. ئارستوتىل ئوتتۇرغا قويۇپ، ئېينىشتىيىن قايتا كۆتۈرۈپ چىققان"ھەقىقي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس" دېگەن بۇ ئىدىيە ئىنسانىيەت تەپەككۈر غەزىنىسىدىكى ئاسار-ئەتىقەدىنلا ئىبارەت، خالاس!.

"ئاق قەغەز مودىلى"نىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى ئەلۋەتتە بۇ سەرلەۋھە ئاستىدىلا ئاياقلاشمايدۇ. ئۇنىڭ ئونۋېرسال ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇمكىن بولسا داۋاملىق توختىلىمەن.

                                                                     2010-يىلى 10-ئاي

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 03:05  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 19:25:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بىز بىر يۆرۆش مۇكەممەل نەزەرىيەنى بايقايدىغان بولساق،ئۇ ئادەتتىكى پىرىنسىپ جەھەتتە دەل ۋاقتىدا بارلىق كىشىلەر(پەقەت ئاز ساندىكى ئالىملارلا ئەمەس)تەرىپىدىن چۆشۆنىۋىلىنىدىغان بولىشى لازىم.ئۇ چاغدا بارلىق كىشىلەر،جۇملىدىن پەيلاسۇپلار،ئالىملارھەمدە ئاددى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى نىمە ئۇچۇن بىزنىڭ ۋە ئالەمنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىغى توغرىسىدىكى مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشقا قاتنىشالايدىغان بولىشى لازىم.ئەگەر بىز بۇنىڭ جاۋابىنى تاپالىساق،ئۇ ھالدابۇ ئىنسانلار ئەقلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلبىسى بولۇپ قالغۇسىـى ـــــــــ چۇنكى ئۇ چاغدا بىز خۇدانىڭ روھىنى چۆشەنگەن بولىمىز.

       _________ خاۋكىڭ
سىتېفېن خاۋكىڭ:«ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى»-شىنجاڭ خەلىق سەھىيە نەشىرياتى2005-يىل،ئۇيغۇرچە نەشىرى،1-قىسىم،255-بەت


  گىلەمنى نۇرغۇن ئۇستىلار بىرلىكتە توقۇپ چىقىدۇ، ھەر بىر ئۇستىنىڭ تۆھپىسىنى بىر پۈتۈن گىلەمدىن پەرىقلەندۈرۈپ بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇ  تارقاق، ئارلاش يىپلار تەرىپىدىن يۇشۇرۇنۋېلىنىدۇ، زەررىچە فىزىكىسىدىكى ئەھۋالمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ...."ئۆلچەملىك نەزەرىيە" بىر فىزىكا ئالىمىنىڭ، ھەتتا ئۈچ نەپەر فىزىكا ئالىمىنىڭمۇ كاللىسىدا مۇكەممەل ھالدا بارلىققا كەلمەيدۇ، ئۇمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن تەجىربە فىزىكىسى ۋە نەزەريىۋىي فىزىكا ئالملىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى.


    ____ نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى گىلاشوۋ



   فىزىكىنىڭ تەرەققىياتى ھەممە ئادەم بىلىپ بولغان نەرسىلەرنى ئاغدۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ
   ......................
ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بولسا پۈتۈنلەي كىتابتا يوق نەرسىلەردىن ئىبارەت.


_________ نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى دېڭ جاۋ جوڭ





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 19:26  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 20:10:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەيرانمەن


قاسىم سىدىق




بىز فىزىكا تارىخىنى ھەقىقى ئىلگىرى سۈرگىنى  فىزىكىلىق يىڭى ئىدىيلەر ئىكەنلىگىنى ھىس قىلالمايۋاتىمىز.تاكى گالىلىغىچە ئارىستۇتىل ئىدىيىلىرى،ئېينىشتېيىن ۋە پىلانىكلارغىچە گالىلى-نىيوتۇن ئىدىيىلىرى فىزىكا تارىخىنىڭ پاراۋۇزى بولۇپ كەلدى.نۈۋەتتە فىزىكا قاتمۇ-قات زىددىيەتلەرگە پىتىپ يىڭى ئىدىيەلەرگە تەقەززا بولماقتا.بۇ نۇقتا دۇنيادىكى نۇپۇزلۇقلار ئورتاق ئىتراپ قىلغان رىياللىق.ئەپسۇسكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى «فىزىكا»دىسە نۇقۇل تەجىرىبە ۋە تەڭلىمىلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ.ماھىيەتتە بۇ ئىككى ئامىل قانچىكى زۆرۆر بولىشىدىن قەتئى نەزەر پەقەت ئىدىيەنى ئىسپاتلاش ۋە ئىپادىلەش ۋاستىسى ،خالاس.ئەگەر بىزئىدىيەنىڭ فىزىكا تەرەققىياتىدىكى رولىنى ھىس قىلالمىساق مەڭگۇ يىڭى ئىدىيە ئوتتۇرىغا قۇيالمايمىز.بىزنىڭ«فىزىكا»مىز ئىشىپ كەتكەندىمۇ باشقىلار ئوتتۇرىغا قويغان پىروگىرامما خارەكتىرلىك ئىدىيەلەرنى ھەجىلەش ياكى شۇ ئىدىيە رامكىسى ئىچىدە ئانچە-مۇنچە بىزەكچىلىك ۋە ھامماللىق قىلىش بولۇپ قالىدۇ.بىز فىزىكىنىڭ ئىدىيە تارىخىنى چۈشۈنۈشتە كەڭلىكىكىلا ئەھمىيەت بەرگەندەك (شۇنداق دەپ تۇرايلى)قىلىمىز. چوڭقۇرلۇق يوق ئىكەن.بىزنىڭ تىراگىدىيىمىز مۇستەقىل تەپەككۆر قىلىش ئېقتىدارىمىزنى يوقاتقانلىغىمىز ۋە بۇنداق ئېقتىدارنىڭ زۆرۆرىلىگىنى،بۇنداق ئېقتىدارنى يىتىلدۈرۈش،قەدىرلەشنىڭ لازىملىغىنى ھېس قىلالمايۋاتقانلىغىمىزدا.ئەگەر بىز فىزىكىنى فىزىكا قىلىپ تۇرىۋاتقان ئاساسى ئۇقۇملارنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغان بولساق بۇ ئۇقۇملارنىڭ قانچىكى زىددىيەتلىك ئىكەنلىگىنى شۇنچە بايقار ئىدۇق.قىلاي دىسەك ئىش كۆپ،ھەممىلا ئادەم بىرلا خىل تەپەككۆر ئەندىزىسىدە پىكىر قىلسا ئىجادىلىقتىن قانداقمۇئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟.بىز نىمە ئۈچۈن تەبىئەت پەنلىرىدە بولسىمۇ ئۇخىشىمىغان پىكىر يوللىرىدا مىڭىپ باقمايمىز؟.بىز نىمە ئۈچۈن يىڭىلىق يارىتىش جاسارىتىگە ئىگە تەپەككۆر سەيياھلىرىنى مەسخىرە قىلىمىز؟.ماھىيەتتە مەسخىرىگە قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى تەپەككۆر خاسلىغى بولماسلىق،ئىدىيەقۆلچىلغى قاتارلىقلار ئىدىغۇ؟!.تەبىئەت پەنلىرى ئەنئەنىسى بولمىغان ياكى بۇنداق ئەنئەنىسى ئۈزۈلۈپ قالغان قەۋىم بۇ پەنلەرگە يۈزلەنگىنىدە ئۇزىدە نۈۋەتتە بار بولغان باشقا ئەنئەنە-ئادەتلەربويىچە يۈزلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.بىر يەھۇدى ئىينىشتېيىندىن گۇمانلانسا يەھۇدىلارنىڭ ھىچقايسىسى غەزەپلەنمەيدۇ ۋە ھەيران قالمايدۇ.بىر ئۇيغۇر ئىينىشتېيىندىن گۇمانلانسا يەھۇدىلار ئوخشاشلا غەزەپلەنمەيدۇ ۋە ھەيران قالمايدۇ.لىكىن ئۇيغۇرلار ھەيران قالىدۇ ۋەھەتتا غەزەپلىنىپ كىتىدۇ.ھالبۇكى بۇ مىللەتتە ئېينىشتېيىننىڭ يادرۇلۇق ئىدىيىلىرىنى مەن تولۇق چۈشىنىمەن دەپ مەيدىسىگە مۇشلاپ چىقالايدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر يوق.مانا بۇ تارىخنىڭ بىزنى قىلىۋاتقان مەسخىرىسى.دۇنيادا چۈشەنمەي تۇرۇپ ۋاز كىچىش ۋە چۈشەنمەي تۇرۇپ قوبۇل قىلىشتا بىزگە تەڭ كىلىدىغان قەۋىم بارمىدۇ؟.تەقدىر نىمە ئۈچۈن بىزگە ئۈزىمىزگە خاس قەلىب ئاتا قىلمايدىغاندۇ؟.بىز نىمە ئۈچۈن بىردىن-بىر ئىلاھقىلا تۇتۇشقا تىگىشلىك پوزىتسىيەنى ئىلاھتىن غەيرىلەرگىمۇ قوللۇنۇپ قالىدىغاندىمىز؟.نىمە ئۈچۈن بىزدە«مازار»،«مەبۇت »لارنىڭ شۆنچە نورغۇن نۇسخىلىرى تىپىلىدىغاندۇ؟.بىز نىمە ئۈچۈن باشقىلارغىلا ئىشىنىپ ،باشقىلاردىنلا ئۈمىت كۈتىدىغاندىمىزۇ-ئۈزىمىزگە ئىشەنمەيدىغاندىمىز؟.ھەيرانمەن،بىر مەزگىل بالىسىنىڭ ئىسمىنى«سادام»قۇيۇۋالىدىغانلار كۆپىيىپ كەتكەن،ئەمدى نىمە قويساق بولار؟...

مەۋجۆتلۈك ۋە قودرەت تىپىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز ئىدىيەرىمىزنى يارىتايلى ۋە ئىزدەپ تاپايلى!.

2012.4.26

مەن ئەھلى زۇننار مەغرىبى ئەمەس،
مەغرىبىلا ئىلىمنىڭ چىرىغى ئەمەس.
غېرىپ بولسام ئادالەتنىڭ غېرىبى،
لېكىن،پاراسەتنىڭ غېرىبى ئەمەس.



______ قاسىم سىدىق  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 21:27  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:18:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلار ھازىرچە بىلەلىگەن ئالەمنىڭ مىكرو ۋە ماكرو ئۆلچىمى

http://htwins.net/scale/index.html

بۇ ئادېرىسنى چىكىڭ

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 14:44:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاسىم سىدىق: مېنىڭ نەزىرىمدىكى «فىزىكا»
/forum.php?mod=viewthread&tid=23061

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-19 14:46  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 18:57:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghun يوللىغان ۋاقتى  2012-9-2 19:14
مەنچە غەيرى نوقتا غايەت زور بېسىمنىڭ تەسىرىدە ئۆز ئىچى ...

مىنىڭچە،«غەيرى نۇقتا» ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە-«ئېن»لار توپلىمى.چوڭ پارتىلاش -«ئېن»لارنىڭ ئۆز ئارا سۇقۇلىشىدىن يۆز بىرىدۇ.29-تىئورمىچە ئېغىش فىزىكىلىق ئالەمنىڭ كىڭىيىپ-تارىيىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.بۇنى مۇشۇنداق چۈشەندۆرۈشتىن باشقا چۈشەندۆرۆشنى ئويلاپ تاپالمىدىم.

مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈش ئارقىلىقلا ساقلىنىش قانۇنلىرىنى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىدە ئورۇنلۇق دەپ پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.
بۇ يەردە 29-تىئورمىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەجىرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىغىنى ئەسكەرتىمەن.بۇ تەجىرىبە  ئادەت بويىچە سالاھىيەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن قايتا ئىشلىنىپ دەلىللەنسە بولاتتى.

مەن فىزىكىلىق ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىنى 1990-يىللاردىلا ئوتتۇرىغا قويغان،ئۇيغۇرچە مەتبەئەلەردە ئېلان قىلغان ئىدىم.ئەنگىليىلىك روگىر.پىنروس،ئەرمەنيەلىك ۋاچ.گورزايدىئانلار 2010-يىلى ئۈزلىرىنىڭ ئالەم ئارقا كۆرۆنۇش رادىئاتسىيسىىنڭ مەركەزداش چەمبەرلەر شەكلىدىكى پەرىقلىق زىچلىقىدىن چوڭ پارتلاشتىن ئىلگىرىمۇ «ئالەم» بولغانلىغىنى ،ئالەمنىڭ دەۋرىلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى بايقىغانلىغىنى ئېلان قىلدى.ھالبۇكى ئۇلار دەۋرىلىكنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىنى يوق.29-تىئورما بۇنداق دەۋرىلىكنىڭ سەۋەبىنى ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ.

تورداشلار،سىلەر قانداق قارايسىلەر؟،مۇھاكىمەڭلارنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ بىقىڭلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 00:55  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 22:42:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«نۆلىنجى ئېلمىنېت»تىن تۇغۇلغان ئويلار


قاسىم سىدىق


ۋىكىپىدىيە قاتارلىق بىرقانچە نوپۇزلۇق ۋاستىلەر ئارقىلىق 2004-يىلى فىرانىسىيلىك فىرانسىئۇ مىگۇئىل ماركۇس يېتەكچىلىكىدىكى بىر گۇرپپىنىڭ فىرانسىيە لېئون فىزىكا تەجرىبىخانىسىدا 4 دانە نىيتېرۇننىڭ بىر يەرگە يىغىلغانلىقىنى بايقاپ ئۇنىڭغا «نۆلىنجى ئېلمىنېت» دەپ نام بەرگەنلىگىدىن خەۋەر تاپتىم.

نۆلىنجى ئېلمىنېت دېگەن بۇ ئىسىم ئەڭ دەسلەپ ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، زىچلىقى پەۋقۇلئادە چوڭ بولغان سىرلىق زەررىچىگە ۋەكىلىك قىلغان، 1926-يىلى ئاندېرىئا. فۇن. ئاندېرى پوپۇپ دېگەن ئالىم بۇ ئىسىمنى كەشىپ قىلغان ئىكەن.

نۆۋەتتىكى ئۆلچەملىك زەررىچىلەر فىزىكىسىدا بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشى مۇمكىن ئەمەس، يادرۇ كۈچى ھەرقانچە كۈچلۇك بولسىمۇ  پىرۇتوندىن مۇستەسنا 4دانە نىيتىرۇننى بىر يەرگە يىغىلمايدۇ دەپ قارايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە نىيتېرۇن يۇلتۇزلارنىڭ بايقېلىشى نىيتېرۇنلاردىنلا تەركىب تاپقان ماددىنىڭ مەۋجۈتلىگى ھەققىدىكى نەزەرىيىنى قوللايدۇ، بۇ پاكىتلار ئالەمدە چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان بىرخىل كۈچ ئۇلارنى بىر يەرگە يىغقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدىكەن.

گەرچە نۆلىنجى ئېلمىنېتنىڭ بايقالغانلىقى ئىنىق بولسىمۇ، لېكىن «نۆلىنجى ئېلمىنېت»دىن ئىبارەت بۇ ئىسىم ئۈستىدە تالاش –تارتىش مەۋجۈت ئىكەن.


نەق گەپكە كەلسەك، 4دانە نىيتېرۇننىڭ پىرۇتوندىن مۇستەسنا ھالدا بىر يەرگە جەم بولۇشىنى نۆۋەتتىكى كۈچ، مەيدان، ئۆز ئارا تەسىر ئۈقۈملىرى نوقتىسىدىن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ھادىسە بولۇپ، بۇ ھال ئالەمدە تېخى بايقالمىغان سىرلىق بىر كۈچنىڭ مەۋجۈتلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ دېگەن مۇشۇ نوقتا مېنىڭ دىققىتىمنى ئالاھىدە جەلىپ قىلدى. بۇ ئۇچۇرلار شەكىل نەزەرىيىسى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.ئاساسلىرىم تۆۋەندىكىچە:

1.شەكىل نەزەرىيىسى؛ ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە -«ئېن» لار ئوتتۇرىسىدا كۈچ،مەيدان، ئۆزئارا تەسىر ئۈقۈملىرى ئەھمىيەتسىز؛ ئۇلاردا پەقەت ئۆزئارا سوقۇلۇشتىن ئىبارەت بىرلا خىل «تەسىر»نىڭ مەۋجۈتلىگىنى تەسەۋۋۇر قېلىشقا بولىدۇ، كىلاسسىك ۋە رىئال كۈچ، مەيدان، ئۆزئارا تەسىر ئۈقۈملىرى ھاسىلى زەررىچىلەرنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا ئۈنۈملۈك بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئۈقۈملارنىڭ ئۈنۈملۈك دائىرىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش زۆرۈر دەپ قارايدۇ.

نۆلىنجى ئېلمنېتنىڭ كۇچلۇك ئۆزئارا تەسىر (يادرۇ كۇچى) دىن مۇستەسنا شەكىللىنىشى شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ يۇقۇرقى تەشەببۇس –پەرەزلىرىگە نىسبەتەن بىرخىل قوللاش.

2.نېيتىرۇن يۇلتۇزلارنىڭ مەۋجۈتلىگىنىڭ ئۆزىلا شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ يۇقۇرقىچە پەرەزلىرىنىڭ دەلىلى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، يادرۇ كۈچى يادرۇدا پىروتۇنمۇ بولغان ئاتوملارغىلا تەدبىقلاشقا ماس كېلىدۇ.

3.مۇھاكىمە قېلىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك بىر نوقتا شۇكى؛ زىچىلىقى نېيتېرۇن يۇلتۇز زىچلىقىدىن يۇقىرى بولغان ھەر قانداق زەررىچە ۋە جىسىملاردا كۈچلۈك ئۆزئارا تەسىر (يادرۇ كۈچى)ئەھمىيەتسىز دەپ قاراشقا بولىدۇ، سەۋەبى يۇقۇردىكىگە ئوخشاش.

بۇ ھالدا نېيتېرۇن يۇلتۇز ۋە قارا ئۆڭكۇرلەرنىڭ يادرۇ كۈچىنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچۇرمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز، ئاق پەتەك يۇلتۇز ۋە ئىمپۇلىس يۇلتۇزلارغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. شەرىت شۇكى؛ ئۇلار ئاتوم تۈزۈلىشىگە ئىگە بولمىسىلا.

4.نۆلىنجى ئېلمىنېت ھەققىدىكى نۇرغۇنلىغان يازمىلاردا نېيتېرۇنلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىغا سەۋەب بولغۇچى تېخىچە بىزگە مەلۇم بولمىغان قانداقتۇر بىر سىرلىق كۈچ بار دەپ قارالغان.

مېنىڭچە بۇنداق بولۇشى ناتايىن، بىز كۈچ، ئۆزئارا تەسر ۋە مەيدان ئۈقۈملىرىنىڭ رولىنى ۋە تەدبىقلىنىش دائىرىسىنى زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلەپ مۇبالىغە قىلىۋەتكەندەك تۇرىمىز. مېنىڭ تەشەببۇسۇم شۇكى، بۇ خىل ھادىسىنى «ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىي خاراكتېرى ئەگرى بولىدۇ» دېگەن مەۋقەدە تۇرۇپ چۇشەندۇرۇپ بىرىش مۇمكىن. 29-تېئۇرمىنىڭ تەجرىبە ئىسپاتى كۈچ، مەيدان، ئۆزئارا تەسىر ئۈقۈملىرىدىن مۇستەسنا ھالدا يۈز بېرىدىغان بۇنداق «ئەگرىلىك»نىڭ مۇمكىنلىگىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇخىل ئەگرىلىكنى بولسا ئىنېرتسىيە قانۇنىنى تۈزۈتۈپ –تولۇقلاش، ئۈقۈم دائىرىىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.

5.يەنە بىر مۇھاكىمە نوقتىسى شۇكى؛ شەكىل نەزەرىيىسى زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ زىچلىقى قانچە چوڭ بولغانسىرى تىزلىگىنىڭ شۇنچە ئىشىپ باردىغانلىقىنى، مەلۈم مەنىدە زىچلىق بىلەن تىزلىكنىڭ ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تىزلىكى ۋە زىچلىقى يېتەرلىك چەككە يەتكەن، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغان زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ «ئېغىش ئىنېرتسيىسى» (29-تېئۇرمىچە ئېغىش) نىڭ غايەت زور بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماق قېيىن ئەمەس. بۇ خىل ئېغىشنىڭ ياكى ھالەتنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى تىل بىلەن ئېيتقاندا غايەت زور كۈچ كېرەك. ھالبۇكى ئەنئەنىۋى لىباس كېيگەن بۇ خىل كۈچنى بىز قەيەردىن تاپىمىز؟

مەن يۇقۇرقى ئاساسلار مەيدانىدا تۇرۇپ ئاللىقانداقتۇر «يېڭى بىر كۈچ» نى ئىزدەپ يۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئىنېرتسىيە قانۇنى تۈپ قانۇن، بۇ قانۇننىڭ ئۈقۈم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ شەرھنى مۇكەممەللەشتۇرۇش ئارقىلىق ھەرىكەت قىلغۇچى جىسىم ۋە ياكى زەررىچىنىڭ ئۆزىدە ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئىشتىراكىسىز يۈز بېرىدىغان يۇقۇرقىچە ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن دەپ قارايمەن.

قارىغاندا، بىز كۈچ ۋە ئۆزئارا تەسر ئۈقۈملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك دائىرىسى ھەققىدە قايتا ئويلاشساق بولىدىغاندەك قېلىدۇ.


بۇ يازما يەنە تەھرىرلىنىپ تولۇقلىنىدۇ.

تورداشلارنىڭ تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۈزۈپ، خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.



2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-28 00:30  

Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
4
UID
27174
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 00:04:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن ئەمما بۇنى ئىنكارغا دەلىل قىلماڭ كەيپىيات توغرا بولمايدۇ بۇ سىزگە تەنبىھ بەرگىنىم ئەمەس سىز قىلىۋاتقان تەتقىقات سىزدىن مۇشۇنداق نازۇكلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.تۇزۇتۇپ يوللۇمىدىم چۇنكى ئىلگىر كىيىنكى پاراڭلىرىڭلارنى كۆرسەڭلەرلا مەسىلە ھەل بولىدۇ.بۇنچىلىك جاپانى چېكىڭ.جاۋابەن مۇنداق يېزىپسىز.
سىز دېمىسىڭىزمۇ بىر چىكىتنىڭ ھەجمى ۋە شەكلى بارلىغىنى بالىدىن تارتىپ چوڭلارغىچە بىلىدۇ .ئەمما فىزىكا تەتقىقاتىدا ئۇ ئاشۇنداق ئىدئاللشتۇرۇلۇپ ماتىماتىك نۇقتا قىلىۋىلىنىدۇ
ـــــــــــــــ
ياخشى بولدى،توغلۇق ئەپەندىغۇ «نۇقتا»نىڭ ھەجىمگە ئىكەنلىگى ئەقەللى ساۋاتلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.
ئالماس مۇئەللىم««نۇقتا»نى ھەجىم ۋە شەكىلگە ئىگە ئەمەس دەپ قاراشتىكى ئاساسلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققىم بار.»دىگەن ئۈتۈنۈشىمگە ئىتىبا ر بىرىپ قويار دىگەن ئۈمىتتىمەن.چۈنكى ئالماس ئەپەندى «نۇقتا»نىڭ ھەجىمى يوق دەپ قارايدىكەن.
ئالماس ئەپەندى بىلەن تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ «نۇقتا»ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى بەكمۇ كەسكىن پەرىقلىنىدىكەن.


ھالبۇكى ئىش سىز ئويلىغاندەك ئەمەس.مىنىڭ ئىلگىركى ئىنكاسىمنى يەنە بىر ئوقۇڭ ئالماسكامنىڭ ئۇقۇمى  بىلەن مېنىڭ ئۇقۇملىرىمدا زىددىيەت يوق.پەقەت تار ۋە كەڭلىك مەسىلىسىلا بار.تەكلىپىم بىر نۇقتىدىكى مەسىلە تەلتوكۇس ھەل بولمىغان ئەھۋالدا يەنى بىر تەپەككۇر باسقۇچىغا ئۆتمەڭ ھۆكۇمنى تېخىمۇ چىقارماڭ.مەن سىزنى كەسپى جەھەتتە سۆزلىشىش باسقۇچىغا تېخى كىرمىدى.ئىلىم مېتودى ۋە تىلى تېخى چىقمىغان دەپ قارايمەن.بۇ ئەھۋالدا سىز بىلەن سۆزلەشكىلى بولمايدۇ.سىزگە ياردىمى بولسۇن ئۇچۇن مۇنداق بىر مەسىلىنى سىزگە قالدۇردۇم.
مەلۇمكى نىيوتوننىڭ ئېنرتسىيە قانۇنى بىر جىسىم سرتقى كۇچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا تۇز سىزىقلىق ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدۇ دىمەكتىن ئىبارەت.بۇ قانۇن بويىچە بولغاندا ھارىكەتنىڭ ئەسلىسى تۇز سىزىقلىق ھەرىكەت بولۇپ كۇچ تەسىرىدە بۇ ئەسلىسىدىن چەتنەيدۇ.ناۋادا ئىنسان ياق ھەرىكەتنىڭ ئەسلىسى ئەگرى سىزىقلىق ھەرىكەت دەپ قارىغان بولۇپ مۇشۇ ئۇقۇم بويىچە ئېنرتسىيە قانۇنىنى ئۆزگەرتكەن بولسا پۇتكۇل كلاسسىك مېخانىكا ئۆرىلەمدۇ؟
جاۋاپ ئۆرۇلمەيدۇ.چۇنكى بۇ دېخانلار ئىنقىلابىدەك نەتىجە بېرىدۇ.پادىشاھ،ۋەزىر.ئەمەلدارلار ۋاھاكازالار ئۆزگۇرىدۇ.ئەمما تۇزۇم ئەينى پېتى قېلىۋېرىدۇ خالاس
قاسىمكا سىزنىڭ فىزىكىنىڭ ئۆزىدە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ مېتودى ،مۇقامى،ئىلمىيلىكى ئۇستىدە بەكەرەك ئويلۇنۇپ بېقىشىڭىزنى سەمىمىلىك بىلەن تىلەيمەن.بىز كەسپى جەھەتتە ئۇچرىشالمىغاچقا بۇ سىزگە يازغان ئاخىرقى ئىنكاسىم بولۇپ قالىدۇ.كەچۇرىسىز.قىزغىنلىغىڭىزغا سوغاق سۇ سەپكەندەك بولۇپ قالدىم سىزگە سالامەتلىك تىلەپ  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 04:08, Processed in 0.069813 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991