ئىگىسى: ق.سىدىق

قاسىم سىدىق :كىم جاۋاپ بىرەلەيدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:05:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tugluq يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 00:04
توغرا ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن ئەمما بۇنى ئىنكارغا دەلى ...

ھە ياخشى بولدى،مانا مۇشۇنداق ئوچۇق-يۇرۇق ،سەمىمى پۇزىتسىيىدە دىيالوگلاشساق ئورتاق تىل تاپقىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ.
مىنىڭ ئالدى بىلەن سىزنىڭ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «غەيرى نۇقتا»غا ئالاقىدارمەسىلىگە بولغان چۈشەندۈرىشىڭىزنى ئاڭلاپ باققىم بار.

قالغان مەسىلىلەر ھەققىدە بارا-بارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىپ قالىمىز.مەن سىزنىڭ بەزى تەشەببۇس ،قاراشلىرىڭىزغا بولغان باشقىچە قاراشلىرىمنى ھازىرچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئولتۇرماي تۇراي.

سىز تېمىدىكى مەسىلىگە بولغان قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويمىسىڭىز.ئەكسىچە «فىزىكىنىڭ مىتودى»ھەققىدە سۈزلىشىپ كەتسەك،بۇ تېمىدىن ئۈزىنى قاچۇرۇش بولۇپ قالمامدۇ.«غەيرى نۇقتا»ھەققىدە خاس كۆز قارىشىڭىز تىخى شەكىللەنمىگەن بولسا مەنمۇ تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالمايمەن.بار ياكى يوقلىغىنى بىلەلمەي دىلىغۇل بولۇپ قالدىم شۇ.بۇ دىلىغوللىقتىن پەقەت سىزلا مىنى ئازات قىلالايتىڭىز.مەن ئەسلى تېمىدىن ئۈزىنى قاچۇرماسلىقنىمۇ مەلۇم مەنىدە«ئىلمى مىتۇت»،«ئىلمى پوزىتسىيە»مىكىن دەپ ئويلايمەن.راسىت،قارىغاندا ئىككىمىزنىڭ «ئىلمى مىتوت»،«ئىلمى پۇزىتسىيە»ھەققىدىكى كۇز قاراشلىرىمىزدا خىلى چوڭ پەرىقلەر باردەك قىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 21:43  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:43:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tugluq يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 00:04
توغرا ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن ئەمما بۇنى ئىنكارغا دەلى ...

جاۋابەن مۇنداق يېزىپسىز.
سىز دېمىسىڭىزمۇ بىر چىكىتنىڭ ھەجمى ۋە شەكلى بارلىغىنى بالىدىن تارتىپ چوڭلارغىچە بىلىدۇ .ئەمما فىزىكا تەتقىقاتىدا ئۇ ئاشۇنداق ئىدئاللشتۇرۇلۇپ ماتىماتىك نۇقتا قىلىۋىلىنىدۇ
ـــــــــــــــ

يەنە نىمە بولدى توغلۇق ئەپەندىم،يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ گىپىنى مىنى يىزىپسىز دەپسىزغۇ؟،بۇ ئەسلى سىزنىڭ گىپىڭىز،مەن پەقەت نەقىل ئالغۇچى.شۇنداق ئاددى بىر مەسىلىدىمۇ تەكرار خاتالاشسىڭىز«ئىلمى مىتوت»ھىساپلانماس.بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلغايسىز.شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز تىخى«مەن سىزنى كەسپى جەھەتتە سۆزلىشىش باسقۇچىغا تېخى كىرمىدى.ئىلىم مېتودى ۋە تىلى تېخى چىقمىغان دەپ قارايمەن» دەپ يىزىپسىز.بۇنداق گەپلەرنى قاچانلا بولسۇن دەۋالالايسىز،تىخى بىز ئۇيىرىگە كەلمىدۇق ۋە مەن سىزنىڭ قاراشلىرىڭىز ھەققىدە تىخى رەسمى توختالمىدىم.بۇ ،كىيىنمۇ توختالمايمەن دىگىنىم ئەمەس.

تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىگە بولغان قارىشىڭىزنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭا.شۇنداق قىلسىڭىزلا نۇرغۇن سەۋەنلىكلەردىن ساقلىنىپ قالالايسىز.ھازىر «تىلى چىقمىغان بالا»توغرا بولسۇن،خاتا بولسۇن بۇ مەسىلىنى ئۈزىگە خاس «مىتوت»بىلەن چۈشەندۈرەلىگەن،«تىلى چىققان بالا»بولسا بۇ ھەقتە ھىچنىمە دىيەلمەي،گەپنى باشقا ياققا يىتەكلەۋاتقان ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتىدۇ.بۇنداق بولىۋەرسە«تىلى چىققان بالا»نىڭ «تىلى»جايىغا ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ قالىدۇ!.بۇ تېمىدا پەقەت ئۈچلا تاللاش بار:
1.بىلمىسە بىلمەيمەن دىيىش.
2.بىلسە بىلگىنىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.
3.مىنىڭ چۈشەندۈرۈشىمنى خاتا دەپ قارىسا خاتالىغىنى دەلىل ۋە مۇنازىرە ئارقىلىق ئىسپاتلاش.

ئىتىڭا سىز قايسىغا تورىسىز؟،ھىچقايسىسىدا يوق بولسىڭىز ،بۇتېمىدىن چىكىنىمەن دىگىنىڭىزمۇ توغرىدەك قىلىدۇ!.
ئۇ ھالدا،مەن سىزنى بۇ تېما ھەققىدە تۈزۈكرەك بىر نىمە بىلمەيدىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن،شۇ!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 13:26  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 13:09:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتكەندەچەتئەلدە ئۇقۇۋاتقان  بىر بولغۇسى دوكتۇر«ئىلىم-پەندە مىتۇت دىگەن بىر،ئۇ خەنزۇچە،ئۇيغۇرچە دەپ ئايرىلمايدۇ»دەپ يازغان ئىدى.بۇ بالىلارغا نىمە بولغاندۇ؟.ئۇلارئەقەللىسى مىتوتنىڭ خاسلىغى ۋە ئىجادىلىغىنى،كۆپ خىللىغىنىمۇ بىلمەيدىكەن.مىتۇتنىڭ قورال خارەكتىرلىك نەرسىلىگى،ئوبىكىتىپ قانۇنىيەتلىك ماددا ياكى شەيئى ئەمەسلىگىنى ھىس قىلالمايدىكەن.ئۇنداقلارنى مۇشۇنداق كۆز قاراشقا كەلتۆرۇپ قويغىنى ئوقۇتقۇچىسى بولسا -مەيلى ئۇ كاتتا پىرافىسۇر ،كاتتا دوكتۇر بولغان تەقدىردىمۇ - «ئاللا،ئاللا ،بەك شەرەپسىز ئۇقۇتقۇچى» ئىكەن.ئۆزى بولسا بەكمۇ پەمسىز ئۇقۇغۇچى ئىكەن.

مەلۆم مەنىدە مۆشۈكنىڭ چاشقان تۇتۇش ئۇسۇلىنى مۇشۇكنىڭ مىتودى دىيىشكە بولىدۇ.«جاھاندا مىتوت بىرلا»دەپ داۋراڭ سالىدىغان ئەپەندىلەر،ھەممە مۇشۆكلەرگە بىرلا خىل چاشقان تۇتۇش ئۇسۇلىنى تاڭماقچى بولىدۇ.پاراسەت ۋە جاسارەتكە،خاسلىققا ئىگەمۇشۇكلەر بولسا بۇ گەپكە قۇلاق سالماي ئۆز ئوسۇلىدا چاشقان تۇتۇۋىرىدۇ.ھىلىقى ئەپەندىنىڭ گىپىنى قارىغۇلارچە يادلىۋالغان رايىش چاشقانلار بولسا چاشقان تۇتالمايدۇ ياكى تۇتسىمۇ ناھايتى ئاز تۇتىدۇ.سەۋەپ ،بۇ خىل ئۇسۇلدا تۇتۇلىدىغان چاشقانلار تۇتۇلۇپ تۆگىگەن ياكى چاشقانلار بۇ ئۇسۇلدىن ئاللىبۇرۇن خەۋەردار بولۇپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۇسۇلغا تاقابىل تۇرۇش چارىسى بار .بىلىش كىرەككى ،نىشان بىر ،ئۇبولسىمۇ «چاشقان»،لىكىن چاشقاننى تۇتۇش ئۇسۇلى ئەسلا بىرلا خىل ئەمەس.

ئىلىم-پەندىكى يىڭى بايقاشلارنىمۇ مۇشۇكنىڭ چاشقان تۇتۇشىغا ئوخشۇتۇش مۇمكىن.بۇ يەردىكى چاشقان تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۇنىڭ قانۇنيىتى.نىيوتۇن ئالما دەرىخنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ «تارتىش كۈچى»دىن ئىبارەت «چاشقان»نى تۇتتى،ئېينىشتىن مىنكوۋىسكى قاتارلىقلارنىڭ ماتىماتىكىلىق«كىمىسى»گە ئولتۇرۇپ«ماكان-زامان ئەگرىلىگى»دىن ئىبارەت «چاشقان»نى تۇتتى.ئەسلىدە بۇ ئىككى چاشقاننىڭ ماھىيىتى بىر ئىدى. مانا بۇ مىتودنىڭ كۆپ خىللىغى.ئېينىشتېيىن يەنىلا نىيوتۇننى دۇراپ ئالما تۈۋىدە ئولتۇرغان بولسا «چاشقان»تۇتالمىغان بولاتتى.

سۇيۇملۇك بالىلار،دەبدەبىلىك جۇملىلەرنى تۆزمەك ئاسان ،لىكىن ھۇددىسىدىن چىقماق تەس.توغلۇق ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىغىمۇ شۇنداق دىيىشىم مۆمكىن.نەسىھەتىم شۇكى،جاسارەتلىك بولغىنىڭلار،قىزغىن بولغىنىڭلار ناھايتى ياخىشى پىسخىكا،لىكىن ،بايانلىرىڭلاردا ئىشلىتىۋاتقان ئاتالغۇ-ئۇقۇملارنى پىششىق ئىگەللىگىنىڭلار ياخشىى. ئۇنداق بۇلمىغىنىدا،دەبدەبىلىك جۆملىلىرىڭىزدىكى ھەر بىر ئاتالغۇ،سىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق ۋە خىجىلچىلىق ئىلىپ كىلىدۇ!. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 14:26  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 13:22:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مۇشۇك -چاشقان مائارىپى،ئىككى خىل ئوقۇتقۇچى ۋە ئىككى خىل ئوقۇغۇچى»ھەققىدە بىرنەرسە يازسا بەك قىزىقارلىق چىقامدۇ- نىمە؟!.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 13:23  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 20:22:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ھازىرغىچە بەرپا قىلغان بۇ دۇنيا بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز.

سىستېمىلىق نەزەرىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىز تەجرىبە ئىلىمىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىندۇكسىيە جەريانى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز. كىشىلەر خىلمۇخىل نەزەرىيەلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى، بۇ نەزەرىيەلەر كىچىك دائىرىدە كۆپ ساندىكى يەككە كۆزەتكۈچىنىڭ بايان قىلغىنىنى تەجرىبە قانۇنى شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقىپ، بۇ تەجرىبە قانۇنلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇمۇمىي قانۇنىيەتنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئىلىم - پەن تەرەققىياتى مۇندەرىجىنى تۈرگە ئايرىپ تەھرىرلەشكە ئازراق ئوخشايدۇ. ئۇ پەقەت بىر خىل تەجرىبە كەسپى بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇ خىل كۆز قاراش پۈتكۈل ئەمەلىي جەريانىنى كۆرۈپ باقمىدى؛ چۈنكى ئۇ بىۋاسىتە سېزىم (ئىنتۇئىتسىيە) ۋە دېدۇكسىيە تەپەككۇرىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىغا سەل قارىغان.

ــــــــ  ئالبېرت ئېينىستېين بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 21:10  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 22:23:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئېغىش ھادىسىسى» تەجرىبىسى تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىدە جىددىي مۇراجىئەت


Bilikyar



«شەكىل نەزەرىيىسى» -نەزەرىيىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك چوڭ تەتقىقات تېمىسى بولۇپ، بۇ نەزەرىيىنىڭ «زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ» دېگەن پەرىزى (29-تېئۇرما)، 2011-يىلى4-ئايدا تەجرىبە ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلاندى. ئەپسۇسكى، بۇ خىل تەجرىبە نەتىجىسىگە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىكى بىر قىسىم مۇتەخەسىس، پىرافىسۇرلار ھەيران قىلىش، گۇمانلىنىش، ئىشەنمەسلىك پوزىتىسىيىسىدە بولماقتا، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ خىل نەتىجىنىڭ كىلىپ چىقىشى نىيوتۇن مېخانىكىسى ۋە ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەرىيىسى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەندىكىلەرنى تەشەببۇس قىلىمەن:

1.بۇ تەجرىبىنى ھەرقانداق ئورۇندا قايتا ئىشلىگىلى، قايتا ئىشلەش ئارقىلىق ھەرقانداق شەكىلدىكى گۇمانلىنىش، ئىشەنمەسلىك پوزىتسىيىسىگە خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ.

2.بىز ھازىرغىچە مۇشۇنداق تەجرىبىنىڭ ئىشلەنگەنلىگى ۋەياكى بۇنداق تەجرىبە نەتىجىسىنىڭ باشقا نوقتىدا تۇرۇپ چۇشەندۇرۇلگەنلىگىدىن خەۋەر تاپمىدۇق. قارشى ئىسپات بولمىسا بۇ تەجرىبە ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى پۇتۇنلەي يېڭى تەجرىبە ۋە يېڭى نەتىجە دەپ قاراشقابولىدۇ.

3.يۇقۇرقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ تەجرىبە نەتىجىسى بۈگۈنكى زامان فىزىكىسى،ئالەمشۇناسلىغى ۋە تەجرىبە پەنلىرىگە غايەت زۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

4.ئالاقىدار كەسپى ئورۇن رەھبەرلىرى ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ بۈگۈنكى دەۋىر تەبىئەت پەنلىرىگە شۇنچە چوڭ تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بولغان بۇ تەجرىبە نەتىجىسىگە تارىخى جاۋاپكارلىق ۋە ئىلمىي بۇرىچ نوقتىسىدىن جىددىي قارىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.
بۇيەردە پەقەت ئۈچ خىللا تاللاش بار:
1. بۇخىل تەجرىبىنىڭ نەتجىسىنى نيوتۇن، ئېينىشتيېيىن ئىدىيىلىرى نوقتىسىدىن چۈشەندۇرۇش.

2. ياكى بۇ خىل تەجرىبە نەتىجىسىىنىڭ ئىلگىرى باشقا نوقتىدىن چۇشەندۇرلۇپ بولۇنغانلىقىغا ئىسپات كۆرسۈتۈش.

3.  شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ يۇقۇرقى پەرىزىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش.

        بۇ تەتقىقات ئىنسانىيەت ئىلىم -پەن ساھەسىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ،  گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش ئىھتىماللىقى چوڭ بولغان ،  شۇنداقلا  ئىلىمىز ئالىملىرىغا   شان- شەرەپ ئېلىپ كېلىش ئىھتىماللىقى بولغان  ئىلمىي نەزەرىيە سىستېما قۇرۇلىشى  ۋە نەزەرىيەدىكى يېڭىلىق يارىتىش.  بۇنداق زور ئىلىم-پەن  نەزەرىيەسى  تەتقىقاتىغا  نىسبەتەن ، مەسئۇلىيەتسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىش، بىپەرۋالىق قىلىش، قايتا تەجرىبە قىلىش ياكى  ئىلمىي رەددىيە بېرىشتىن ۋاز كېچىپ، تارىخى پۇرسەتلەرنى قولدىن بىرىپ قويۇش، ۋىجدانلىق ھەر  قانداق ئىلىم ئىگىسىنى ئاقىۋەت ھەسىرەت ۋە پۇشايماندا قالدۇرىدۇ دەپ قارايمەن.
   بۇ مۇراجىئەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىلىم-پەن ئورۇنلىرى ۋە ئىلىمدارلارنىڭ يازما ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈمىد قىلىپ،

ھۆرمەت بىلەن: غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

2011-يىلى8-ئاينىڭ 6-كۈنى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 11:07  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 13:44:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.دولقۇن ئۇزۇنلىغى بىلەن دولقۇن چاستوتىسى ئوتتۇرىسىدا تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەت بار،بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۆتلىگى 41-تىئورمىنى قوللايدۇ ،بۇ تىئۇرمىنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.
2.بۇ خىل مۇناسىۋەت يەنە «دولقۇن»نىڭ زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.بۇ يەردە زەررىچىسىز دۇلقۇننى پەرەز قىلغىلى بولمايدىغانلىغىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەك.
..................................
6.قارىغاندا،شەكىل نەزەريىسى بىلەن «دولقۇن-زەررىچە»ئىككى ياقىلىمىلىق خارەكتىر»تەرەپتارلىرى ئوتتۇرىسدا پىرىنسپال ئخىتىلاپ يۇق.شەرىت پەقەت «دولقۇن»نى زەەرىچىنىڭ ھەركەت شەكلى دەپ قاراش ئىتىراپ قىلىنسىلا.
.............................
8.يەنە بۇھالدا دولقۇن ئۇزۇنلىغى قانچە قىسقا ،چاستوتىسى قانچە چوڭ بولسا بۇ زەررىچىنىڭ ماكاننى سىزىقلىق قاپلاش قىممىتى كىچىك،بۇلۇڭلۇق قاپلاش قىممىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.قارا ئۆڭكۆرلەر «غەيرى نۇقتا»لارنى مۇشۇنداق ھەركەت شەكلىگەئىگە زەررىچىلەردىن تۆزۆلگەن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 14:17:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار،سۈكۈت قىلغاندىن گەپ قىلىپ تۇرغان ياخشى.توغرا -خاتانى مۇنازىرە،مۇھاكىمە ئارقىلىقلا ئايرىغىلى بولىدۇ.گەپ قىلغاچ تۇرايلى!.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 21:50:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەكىل نەزەريىسىنىڭ تار نەزەريىسىگە قىلغان چاقچىقى


قاسىم سىدىق


دەپسەن :ئالەم تۆزۆلەر،

بىر ئۈلچەملىك تاردىن،

بىز دەيمىزكى:تۆزۆلەر ،-

ئۈچ ئۈلچەملىك شاردىن.


بۇ ئالەمنى قىدرساڭ،

بىر ئۈلچەملىك يىپ يوق.

شۇڭا سىنىڭ بۇرادەر،

ئاساسىڭدا دىت يوق.


«يىپ»دىگىنىڭ سىلىندىر،
دوستۇم ياخشى ئويلا.
بىر ئۆلچەملىك يىپ بارمۇ،
«يىپ»لىرىڭغا قايلا!.


زوقلىنىمەن، قولۇڭ گۈل،
ھۆنىرىڭدە گەپ يۇق.
ئاساسىڭدا چاتاق بار،
ئاقىۋەتتە نەپ يوق.


«يىپ»لىرىڭمۇ تۆزۆلگەن،

ئۈچ ئۆلچەملىك شاردىن.

بىر ئۆلچەملىك «يىپ»بولسا،

مەھبۇس قورىقماس داردىن.


«ئىنىرگىيە» دىگەنمۇ،

ئۈچ ئۆلچەملىك شار ئۇ.

تىزىپ چىقساڭ يىتەرلىك،

بولۇر «يىپ» ھەم «تار»ئۇ!.


«ئىنىرگىيە»دىگىنىڭ،

قىلارتىنماي ھەركەت.

بىر ئۈلچەملىك ھەركەت،

نەدە باركەن، كۇرسەت؟!.


ماتىماتىكا - فىزىكا،

ئارىسىدا چەك بار.

ئايرالماپسەن شۇ چەكنى،

شۇڭا مەندە شەك بار.


بىر ئۆلچەملىك«يىپ»تاپساڭ.

قولۇقىمنى كىسىۋال.

مەغرۇرلانما ھۆنەردىن،

ئۆزەڭنى سەل بىسىۋال!.


2012.9.22


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 22:32  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 00:43:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنۇگۇن (2012.9.21)شىنجاڭ ئونۋىرىستىتىدا ئىتاليىلىك فېرناندو كۈېۋېدو دىگەن ئالىم يىپ( تار )نەزەريىسىدىن ئىلمى دوكىلات بىرىپتۇ.شۇڭا يۇقۇرقى قوشاقنى يىزىپ قويدۇم.

بىر ئۆلچەملىك فىزىكىلىق ئەمىلى گەۋدە مەۋجۈتمۇ،مەۋجۈت ئەمەسمۇ؟.

بۇ مەسىلە مىنىڭچە  فېرناندو كۈېۋېدو ئەپەندى تەتقىق قىلىۋاتقان تار(يىپ)نەزەريىسىنىڭ ئاساسىغا بىرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 08:24  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 04:07, Processed in 0.066995 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991