مىنىڭ ئىدىيىلىرىمنى چۈشۈنۈشتە پايدىلىنىشىڭلا ئۈچۈن:
تەجىرىبە ئىشلەشنىڭ ئالدى- كەينىدە
ئالىمجان ئوبۇلقاسىم
ئۆتكەن يىلى يەنى2010-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ شەكىل نەزەرىيىسىدىكى 29-تېئۇرمىنىڭ توغرا-خاتالىغىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە تەجىرىبە قۇرۇلمىسى لايېھىلەشكە كىرىشتۇق.دەسلەپتە تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنى لايېھىلەشكە قاتناشقانلار پەقەت بىر نەچچە كىشى ئىدى. دەسلەپتە مېنىڭ بۇ تەجىرىبىنى ئىشلەشنى نىيەت قىلىشىم شەكىل نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلغىنىمدىن ئەمەس ئىدى. مەن پەقەت قاسىم سىدىق ئەپەندى 30يىلدەك ئىزدەنگەن بۇ نەزەرىيىنى قاسىم سىدىق ئەپەندى ئۆزى ئىتىراپ قىلغۇدەك بىر تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق ئىنكار قىلىپ، قاسىم سىدىقنى غۇلجىغا كەتكۈزىۋىتىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىدىكى شەكىل نەزەرىيسنى تولۇق چۇشەنمەيدىغان ۋە مەن بىلەن ئوخشاش پىكىرلىك دوستلار بىلەن تەجىرىبىنى لايېھىلەشكە كىرىشتۇق.
دەسلەپتە،يالغۇز ئايلىنىۋاتقان شارچىنى ئەركىن تاشلاش قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئىزدەندۇق.بىراق، بۇنداق كۆرۈنۈشلەر يەنىلا قاسىم سىدىقنى قايىل قىلالمايتى. چۈنكى ھاۋادا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ چۈشكەن شارچە ئىگىزلىكتىن چۈشۈش داۋامىدا بىرنوللى تەسىرگە ئۇچىرايدۇ. بىرنوللى تەسىرىدىنمۇ شارچە ئاغىدىغان بولۇپ، شارچىلار بىرنوللى تەسىرىدىكى ئېغىش يۆنىلىشى شەكىل نەزەرىيىسى پەرەز قىلغان يۆنىلىشى بىلەن بىردەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تەجىرىبە لايھەسىنى ئۆزگەرتىپ بىقىشنى ئويلاشتۇق. تۇرپان توقسۇنلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى مەمەتجاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن، يىزا ئىگىلىك ئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان جۇرئەت ئەنىۋەر قاتارلىقلار بىرلىكتە ۋاكۇئوملاشقان تۇربا ئىچىدە سىمابنى چوغلاندۇرۇپ، چوغلاندۈرۈلغان سىماب ئاتوملىرىنى ماگىنىت مەيدانىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ماگىنىت مومىنتىنى بىر يۆنىلىشكە توغۇرلاپ، قارشى تەرىپىدىكى ئەينەككە ئىزىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق سىماب ئاتۈملىرىنىڭ سىزىقلىق ھەرىكەت داۋامىدا ئېغىشىنى كۈزەتمەكچى بولدۇق. بىراق، ئىقتىساد ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ تەجىرىبىنى ئىشلىيەلمىدۇق.بۇ يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇرئەت ماڭا تىلفۇن قىلىپ، ئايلىنىۋاتقان ماتۇرنى ئىچى كاۋاك شارىنىڭ ئىچىگە ئىلىپ ئەركىن تاشلاش تەكلىپىنى بەردى. شۇچاغدا، كۆڭلۈمدە ئۆزۈمدىن ئۈچ ياش كىچىك بۇ ياشقا قايىل بولۇپ قالدىم ۋە سۆيۈندۈم. شۇ كۈنى قاسىمكامغا تىلفۇن قىلىپ بۇ پىكىرنى دېدىم، قاسىمكام دەماللىققا گەپلىرىمنى چۈشىنەلمىدى بولغاي، بىرنوللى ئىففىكتى توغرىسىدا يەنە گۇمانغا چۈشۈپ قالدى، ئىككى كۈندىن كېيىن تەجىرىبىنىڭ تەييارلىقىغا چۈشتۇق. كۆڭلۈمدە قاسىمكامنىڭ فىزىكىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئۇسۇلى، شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ يادرۇلۇق ئۈقۈملىرىنىڭ مەن بۇرۇن ئويلىغاندەك ئەھمىيەتسىز نەرسىلەر ئەمەسلىگىنى تەدېرىجى بىلىپ يەتتىم. قاسىمكامنىڭ «باشقا نوقتىلارنى ئويلىشپ باقايلى»دېگەن سۆزلىرى مېنىڭ ھۆرمتىمنى ۋە قايىللىقىمنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا29-تېئۇرمىنىڭ ئىسپاتلىنىپ چىقىشىغا زادىلا ئىشەنمەيتىم. ھەمدە ھازىرقى بار بولغان فىزىكىغا باشقا نوقتىلاردىن قاراش ئارقىلىقمۇ، دۇنيانى توغرا بىلىشكە ئىرىشكىلى بولىدۇ -دەپ قارايتىم. مۇشۇنداق ئوي-پىكىر ئىلكىدە 4-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈنجى تەجىرىبىنى ئىشلىدۇق. تۈنجى قېتىملىق تەجىرىبە ئۇلانباي تەرەپتىكى بىر قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلەندى. تەجىرىبىنى ئىشلەش داۋامىدا بىز پەقەت شارچىلار تۆۋەندىكى ساندۇققا چۈشكەندىكى ئورنىنىڭ تارتىلغان رەسىمىگىلا ئىرىشتۇق. چۈنكى، ئېغىش بولغان تەقدىردىمۇ ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرەلمەيدىغانلىقىمىز ئىنىق بولغاچقا تەجىرىبە نەتېجىسىنى رەقەملىك فۇتۇ ئاپاراتىدا تارتىلغان رەسىملەرنى ئانالىز قىلش ئارقىلىق چىقاردۇق .بىرىنچى قېتىملىق تەجىرىبىدە بىز ماتۇرنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىنى قارمۇ-قارشى قىلىپ تۇرۇپ، ئىككى گۇرۇپپا تەجىرىبە ئىشلىگەن بولۇپ، ئانالىز نەتىجىسىدە شارچە ئورنىنىڭ يۆتكىلىشى ھەقىقەتەن شارچە ئىچىدىكى ماتورنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. مەن تەجرىبىگە نەتېجىسىگە قارىتا خىلى ۋاقىتقىچە گۇمانىي پوزىتسىيدە تۇردۇم. بىراق، تەجرىبە نەتېجىسى بىر ھەقىقەت ئىدى.4-ئاينىڭ19-كۈنى تەجرىبىنى قايتا ئىشلىدۇق. بۇ قېتىم ماتۇرنىڭ ئايلىنىش ئوقىنى ئوخشىمىغان تۆت يۆنىلىشكە توغۇرلاپ ئىشلىدۇق. بىراق، نەتېجە يەنىلا ئوخشاش بولۇپ چىقتى. مەن ۋە 29-تېئورىمىنى ئىسپاتلاش تەجرىبىسىگە قاتناشقان بالىلار يەنىلا ئىھتىياتچان پوزىىتسىيىدە بولدۇق. ئارىلىقتا تەجرىبە نەتېجىسىگە قارىتا خىلى كۆپ گۇمانىي پىكىرلەر چىققان بولدى. بىراق، ئۇ گۇمانلارنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى دەلىللىدۇق. مەن بۇ جەرياندا ئاقار جىسىم مىخاينىكىسى، ئايرودىنامىكا قانۇنلىرى، مىخاينىك تەۋرىنىشكە ئائىت بىرقىسىم بىلىملەرنى كۆرۈپ تەجرىبە نەتېجىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، يەنى تەجرىبە نەتېجىسىنىڭ شەكىل نەزەرىيسى 29-تېئورىمىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلدىم. شۇنداق، مەندىكى بۇ ئىتىراپ قىلىش مېنىڭ بىلىم دائىرەمدىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ. شۇ يۈزىسىدىن مەن يازلىق تەتىل مەزگىلىدە بېيجىڭدىكى 2 ئايلىق كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى لىكسىيسىگە قاتنىشىپ، شەكىل نەزەرىيسى بىلەن نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى سىلىشتۇرۇپ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن 29-تېئورىمىنىڭ ئىسپاتلاش تەجرىبىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇم. ئۇلارنىڭ ئورتاق پىكىرى: تەجرىبە نەتېجىسى خاتا، نىسپىيلىك نەزەرىيسى بويىچە ھەرگىز بۇنداق نەتېجەچىقمايدۇ.-دېگەنلەر بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ تەجرىبىنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەت شەكىل نەزەرىيسى ئۆزىلا چىقالايدۇ.
شەكىل نەزەرىيسى خۇددى قاسىمكام دېگەندەك چوڭ بىر پارچە لوق گۆش. بۇ چوقۇم يېيىلىشى كېرەك. بىراق، بۇ گۆشنى قاسىم سىدىق دېگەندەك ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەم ئۆزى سېڭدۈرەلەيدىغان مىقداردا يىيەلەيدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى، قاسىم سىدىقنىڭ نۇرغۇن گەپلىرىدە شائىرانە ھىسيات، لوگىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئىلىم-پەن قاتارلىقلار بىرپۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بىر ئاڭلىماققا قوبۇل قىلىش تەس. بىراق،شەكىل نەزەرىيسىدە بۇ ئۈچ ساھە ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق ئورنىنى تېپىشى كېرەك.
مېنىڭچە، 29-تېئورىمىنىڭ ئىسپاتلىنىشى قاسىم سىدىق ئەپەندى تەپەككۇرىنىڭ ۋە شەكىل نەزەرىيسىچە بىلىش ئۇسۇلىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن شەكىل نەزەىرىيسىدىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن سەپەرگە تەۋەككۇل قىلدىم ھەم مۇشۇ يولدا توختىماستىن مىڭىشقا بەل باغلىدىم. مىنىڭ پىلانىم تىخىمۇكۆپ تەۋەككۇلچىلەر بىلەن بىرلىكتە شەكىل نەزەرىيسىنى دۇنيا ئىلىم-پەن سەھنىسىگە ئىلىپ چىقىش.
2011-يىلى10-ئاينىڭ8-كۈنى
چوڭ بايقاش، جىددىي تەشەببۇس
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم تور بىكەتلەر ئەنگىليە ئالىمى روگىر.پىنروس، ئەرمەنىيە ئالىمى ۋاچ.گوزادىئانلارنىڭ ئامېرىكا فىزىكىچىلار تور بىكىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىنى ئىسپاتلايدىغان» ئىسپاتقا ئىرىشكەنلىگىنى بەس-بەستە تارقاتتى. بۇ بايقاشنىڭ تور دۇنياسىدا جىددى ئىنكاس قوزغىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئالەمشۇناسلىقتىكى نوپۇزلۇق كۆزقاراش «ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلاش مودېلى» دىكى «ئالەم نۆل نوقتىدىن باشلانغان، ئاخىرى يوقىلىدۇ» دېگەن نوقتىنەزەرگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقىدا. ئەگەر بۇ بايقاش ئورتاق ئىتىراپ قىلىنىپ، ئالەمنىڭ دەۋرىلىگى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىقى، فىزىكىسى ۋە پەلسەپەسىگە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كېلىشى مۇمكىن. بىزنىڭ يۇقۇرقى ئۇچۇرغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزغا ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى قاسىم سىدىقنىڭ ئۇزۈن يىللاردىن بىرى نەزەرىيىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا ئالاقىدار تېما -«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئۈستىدە ئىزدىنىپ تۆۋەندىكىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىگى سەۋەب بولدى: 1. ئالەم دەۋرى بولىدۇ، ئالەمنىڭ باشلىنىش ئاخىرلىشىش نوقتىسى بولمايدۇ، ساقلىنىش قانۇنلىرى دەۋرى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق. 2. مۇتلەق تىنىچ بولغان نىيوتۇنچە ماكان –يوقلۇق مەۋجۈت. 3. «ئوبېكتىپ زامان»ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس، زامان تىزلىكنى تەسۋىرلەشتە زۆرۈر بولغان سوبېكتپ قۇرال. 4. ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئىنېرگىيە مۇتلەق تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە. 5. ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىي خاراكتېرى ئەگرى بولىدۇ، بۇ خىل ئەگرىلىك دەۋرى ئالەمنىڭ ئالدىنقى شەرتى. 6. يورۇقلۇق تىزلىگىدىن يۇقىرى بولغان تىزلىك مەۋجۈت. 7. ئېينىشتېيىننىڭ زامان-ماكان ئىدىيىسى بىر تەرەپلىمىلىككە ۋە چەكلىمىلىككە ئىگە.
«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ 1990-يىلدىن تارتىپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان يۇقۇرقى پەرەز –نەتىجىلىرىنىڭ ئىچىدە يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە ئاز بولمىغان يەكۈنلىرى ۋە نەتىجىلىرى بولۇپ، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق فىزىكا ئالىملىرى، مۇتەخەسىسلەرنىڭ يېڭى تەتقىقات،تەجىرىبە –كۈزۈتۈش نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ دەپ قاراشقا بولىدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە: 1-فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالەم دەۋرىلىككە ئىگە دېگەن پەرىزى ئەنگىليە ئالىمى روگىر.پىنروز (R.Penrose)، ۋە ئەرمەنيە ئالىمى ۋاچ.گۇسادىيان (V.G.Gurzadyan)لارنىڭ تەتقىقات ۋە كۇزۇتۇش نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. 2- «نىيۇتۇنچە ماكان مەۋجۇت» دېگەن كۆز قارىشى كۋانىت نەزەرىيىسى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. چۇنكى، نىيۇتۇنچە ماكان بولمىسا كۋانتلىقنى تەسسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. 3- «ئوبېكتىپ زامان مەۋجۇت ئەمەس، زامان سوبىكتىپ قورال دېگەن پەرىزى» كالفورنىيە ئونىۋىرسىتىتىنىڭ فىرافسورى كىراك.كالىندىر(CraigCallender)نىڭ «زامان پەقەت تۇيغۇمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن كۆز قاراشلار ۋە ۋاچ. گۇسادىيانلارنىڭ يۇقۇرقى تەتقىقات نەتىجىسى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. ئالەمنىڭ دەۋرېلىگىنى تەشەببۇس قىلغان يۇقۇرقى چەتئەللىك ئىككى نەپەر ئالىمنىڭ تەشەببۇسلىرى پۇت تېرەپ تۇرالىسا،ياكى نىيۇتۇنىنڭ مۇتلەق زامان ئىدىيىسىنى قايتا ئىلىپ كېرىشكە ياكى زامان سوبىكتېپ قورال دېگەن ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. 4- شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ يورۇقلۇق تېزلىگىدىن يۇقىرى تېزلىك مەۋجۇتلىگى ھەققىدىكى پەرىزى كوۋانت نەزەريىسى،ئامېرىكا،گىرمانىيە ۋە شىۋىتساريە جەنىۋە ئونىۋىرسىتىتى ئالىملىرىنىڭ يورۇقلۇق تېزلىكىگە ئالاقىدارتەجىرىبە نەتىجىلرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. 5-«ئېنىشتېيىن زامان –ماكان ئىدىيىسىدە بىرتەرەپلىمىلىك ۋە چەكلىمىلىك مەۋجۇت» دېگەن پەرىزى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى سىتۋىن ۋىنبىرىگ (Stevn.Weinberg)،ئامېرىكا ۋىرمونىت ئونىۋرىسىتىتىنىڭ فىرافسۇرى ھانىس يوھانيان(Hansc.ohanian)لارنىڭ«ئېنىشتېيىننىڭ خاتالىغى»ناملىق ئەسەرلىرىدە ئىلگىرى سورۇلگەن ئىدىيىلەر ۋە سىتانفۇرت ئونىۋىرسىتىتىنىڭ دەم ئىلىشقا چىققان تەتقىقاتچىسى، روسىيە ئالەم قاتناش ئاكادىيمىسىنىڭ ئاكادىيمىكى خۇادى(HuaDi 华棣)نىڭ ئېنىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسى ئۈستىدە ئىلىپ بارغان بىريۈرۈش تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنداقلا كوۋانت نەزەرىيىسى ۋە ئەرمىنيە، ئەنگىليىلىك يۇقۇرقى ئىككى نەپەر ئالىمنىڭ تەتقىقات نەتىجىلرى تەرىپدىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، 1990-يىلىدىن باشلاپ، «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم نوقتىنەزەر ۋە پەرەزلەر نۆۋەتتە خەلقئارادىكى تەتقىقات كۈزۈتۈش نەتىجىلىرى بىلەن ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى بايقىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ۋاستىلەردىن جوڭگۇ فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،چوڭچىڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ پىرافىسۇرى، دوكتۇر يىتەكچىسى لى فاڭيۇ ئەپەندىنىڭ بۇنەزەرىيىگە بولغان ئىجابى باھاسىدىن شۇنداقلا ئۇنىڭ دوكتۇر، ماگىستېر ئاسپىرانتلارنى بۇ تەتقىقات دالالەت قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. شۇڭا بىز «مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش»ئىستراتىگىيىسىنى چىقىش قىلىپ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىىسى»تەتقىقاتىنى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.
«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»گە ئالاقىدار ئۇچۇرلار 1990-يىلدىن تارتىپ ھەرخىل ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەر بۇ نەزەرىيىنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قىممەتلىك پىكىر –تەكلىپلەرنى بەرگەن. بىز بۇنەزەرىيىگە ئەستايىدىل، تارىخى مەسئۇليەت تۇيغۈسى بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك دەپ قارايمىز. گەرچە بۇ نەزەرىيىنىڭ پەلسەپە-لوگىكىلىق رامكىسى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمەلى دەلىللەش، تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۈش نەتىجىلىرى كەمچىل، تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلار يېتەرلىك ئەمەس. بىز قاسىم سىدىق باشچىلىغىدىكى ناھايتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىلمۇ-خىل قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كىچىك كارخانىلار، شەخىسلەرنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىشى ۋە ھېسداشلىق قىلىشى ئاستىدا زور تىرىشچانلىق بىلەن تەتقىقات ئىلىپ بىرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. بىز «شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ ئالدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى پەرەزلىرى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكى يېڭى بايقاش، يېڭى نەتىجىلەر بىلەن پىرنسىپ جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆۋەندىكىچە تەكلىپ بىرىمىز: 1. مۇناسىۋەتلىك كەسىپ، مەمۇرىي ئورۇنلار بىر قىتىم «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئويۇشتۇرۇپ، قاسىم سىدىقنىڭ ۋە ئىلىم ساھەسىنىڭ پىكىرلىرى ئاڭلاپ بىقىلسا. 2. بىز بۇنەزەرىيىنىڭ چىتىلىش دائىرىسىنىڭ ناھايتى كەڭ بىر نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئىكەنلىگىنى بايقىدۇق، تەتقىقات سالمىغىنى كۈچەيتىپ، تەتقىقات سۈرئىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلار، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار، سىياسەتلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن مەخسۇس «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئىلمى تەتقىقات ئاپاراتى تەسىس قىلىپ، مۇنتىزىم تەتقىقات شارائىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئويلۇشۇپ كۆرسە. 3. مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋاستىلىرى، نەشىرىيات ئورۇنلىرى «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى»نىڭ يەرلىك پەننى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلمىي مۇنازىرىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئەھمىيىتىنى تونۇپ، «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»ماقالىلىرى ئۈچۈن كەڭرى سەھنە ھازىرلاپ بەرسە. تارىخ ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ئىلمىي مۇنازىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. 4. ھەرقايسى ساھە،كەسىپ ئىگىلىرى بولۇپمۇ فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق ساھەسىدە مەخسۇس تەربىيلەنگەن مۇتەخەسىسلەر «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»گە بولغان قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ۋە زۆرۈرى ياردەملىرىنى ئايىمىسا. پۇرسەت ۋە رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى كۈندە «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»ئەستايدىل
ۋە جىددى مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك تېما دەپ قاراپ، بۇ تەشەببۇسنامىگە ئىمزايىمىزنى قويدۇق. ھۆرمەت بىلەن: ئەخمەت ئابلىز شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئونۋېرسىتېتى پىرافىسۇرى، دوكتۇر.
پولات ئەخمەت شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى پىرافىسۇرى.
ئەركىن. ئا شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى پىرافىسۇرى.
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرىشىت شىنجاڭ ئونۋېرىسىتېتى، دوكتۇر.
خالمۇرات ئازات شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى، لىكتور
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
ئىزاھ: ئەسلى نوسخا ئارخىپتا.
پروفېسسۇر ھوشۇر ئىسلامنىڭ «شەكىل نەزەرىيىسى» ھەققىدە ئېيتقانلىرى 
ئىلىمىز كومپىيوتېر ئۇچۇر تېىخنىكا ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسىس، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كومپىيوتېر-ئۇچۇر تېخنىكا دەۋرىگە باشلاپ كىرىشنىڭ باش سەركىسى ھەم تۆھپىكار ئىلىمدارى، بۇ ساھەنىڭ پەن-تەتقىقات يىتەكچى ئالىمى، شىنجاڭ ئۇنىۋرىسىتىنىڭ سالاھىيەتلىك پروفېسسورى، كومپىيوتېر-ئۇچۇر تېخنىكا مۇتەخەسىسى ھوشۇر ئىسلام(ھۇشۇر ئىسلام ئەسلى نەزەريە فىزىكىسىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئۇقۇغان ۋە ئۇقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنلانغان، كىيىن ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىھتىياجى ۋەجىدىن تەتقىقات يۆلۈنىشىنى كومپىيوتېر-ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىگە يۆتكىگەن.) ئەپەندىم،بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئىشخانىسىدا "شەكىل نەزەريەسى ۋە بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش"توغرىسىدىكى قىسقا سۆھبەتتە«شەكىل نەزەريەسى» ھەققىدە توختالدى ۋە «شەكىل نەزەريەسى» ئىلمىي مۇھاكىمە سالونى ئىچىش توغرىسىدىكى ئۇختۇرۇش ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن،ئۆزىنىڭ ۋاختى كەلگەندە بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە بۇ تەتقىقاتقا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەرنى بىرىپ مۇنداق دىدى: ئالدى بىلەن شۇنى مۇئەيەنلەشتۈرۈش كېرەككى، «شەكىل نەزەريەسى» توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولۇپ چىققان تەغدىردىمۇ قاسىم سىدىقنىڭ ئىلىم-پەنگە ئىشتىياق باغلاپ،30يىل تىنىمسىز ئىزدىنىشى، نوپۇز ۋە كىلاسسىك نەزەريەلەرگە چوقۇنماستىن مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىپ، پۈتكۈل نەزەريە فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىق ساھەسىگە بۆسۈپ كىرىشكە جۇرئەت قىلىپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئۆزگىچە تەپەككۇر ئۇسلۇبى، تەپەككۇر ئەندىزىسى ، مېتود بىلەن بىر يېڭى ئىدىيىنى، بىر يېڭى نەزەريەنى ئوتتۇرىغا قويالىشىنىڭ ئۆزىلا كاتتا ھىممەت ھەم جاسارەت.ئۇنىڭ بۇ روھى قەتئى قەدىرلەشكە، مەدھيە ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ. ئىككىنجىدىن: پەلسەپە ۋە لوگىيكا ھەر قانداق ئىلىم تەتقىقاتى ۋە ئىلمىي نەزەريەنىڭ تۇرغۇزۇلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ، يىتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. ئەمما ئۇ نەزەريەنىڭ ئۆزى ئەمەس. قاسىم سىدىق شەكىل نەزەريەسىنىڭ لوگىيكا پەلسەپىۋىي رامكىسى تۇرغۇزۇلغان ۋە نۇقسانسىز دەپ قارالغان تەغدىردىمۇ، ئۇنى چوقۇم داۋاملىق تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاش ۋە ماتىماتىكىلىق مودىلىنى تۇرغۇزۇپ ھىساپلاش- كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا كۈچەش كېرەك. ئۈچۈنچىدىن: بۇ تەتقىقاتنىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆلۈنىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن، تېخىمۇ كونكىرتنى ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولغان،ئاقىدىغان تەتقىقات پىلان لاھىيەسى ۋە تۈر تۇرغۇزۇش مۈمكىنچىلىك دوكىلاتى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىقىپ پىلانلىق نىشانلىق ۋە قەدەم باسقۇچلۇق،سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش كېرەك.شۇندىلا بىر پۈتۈن نەزىريەدە بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىلگىرلەش ۋە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تۆتۈنچىدىن: بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ،جامائەتچىلىكنى ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، ئىلمىي قىممىتى ۋە باسقۇچ خاراكتىرلىك نەتىجىلىرىدىن ۋاختىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرۇش ،شۇ ئارقىلىق ئىلىم ساھەسى ،شۇنداقلا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ۋە چۈشىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن: خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىسىنى يېڭىلاش كېرەك.بولۇپمۇ زامانىۋىي مەدەنىيەت دېگەن نىمە؟ ئۇ زادى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؟دېگەن مەسىلە ھەققىدىكى مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىسىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە مۈجىمەللىكلەرنى تولۇقلاپ تۈزۈتىش، شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل ئاۋام-خەلقنىڭ پەن-تېخنىكا ئېڭىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.شۇندىلا جەمئىيەتنىڭ تەبىئى پەن ۋە پەلسەپىگە كۆڭۈل بۆلۈش،قوللاش، قاتنىشىش جەھەتتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار 2011.9.29
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-17 12:26
|