ئىگىسى: ق.سىدىق

قاسىم سىدىق :كىم جاۋاپ بىرەلەيدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
525
تۆھپە
260
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 01:32:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمجان ئىنىم ، مەن گەپنى ئۇدۇللا دىسەم(گېپىم قوپال بولۇپ قالدى ، كەچۈرۈڭ)، مەن سىزنىڭ يازمىڭىزدا ئىشلىتىلگەن« ئەنئەنىمىزدە... »، «مۇئەييەن ھەجىم ۋە شەكلى بولمىغان «نۇقتا»مەۋجۈت ئەمەس»، «ھەجىمى ۋە شەكلى ئويلۇشۇلمىغان نۇقتا مەۋجۈت،لىكىن ھەجىم ۋە شەكلى بولمىغان نۇقتا ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس.»،  «غەيرى نۇقتانى سەھرايى تىل بىلەن خىلىلا «يوغان»نەرسە دەپ ئىپادىلەشكە بولىدۇ.».... دىگەندەك سۆزلىرىڭىزنى سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى سۆزلەرمىكىن دەپ قارىدىم.
مېنىڭ تەكلىبىم: سىز فىزىكىلىق مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلغاندا ئەشۇ فىزىكىلىق تەپەككۇرنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى سۆزلەرنى ئىشلەتمىسىڭىز ياخشى بولاتتى. چۈنكى بىز فىزىكىدا «نوختىنىڭ ھەجىمى»، «نوختىنىڭ شەكلى»، «نوختا ....لەردىن تەشكىل تاپىدۇ» دىگەندەك سۆزلەنى بىرەر فىزىكا ئالىمىنىڭ بايانىدا زادىلا ئۇچرۇتۇپ باققان ئەمەس.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 02:50:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Almas999 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-11 01:32
قاسىمجان ئىنىم ، مەن گەپنى ئۇدۇللا دىسەم(گېپىم قوپال ب ...

سىزگە ئەستايىدىللىق ۋە سەمىمىلىك بىلەن رەھمەت ئىتىمەن.گەپلىرىڭىزدىن ھەرگىز قۇپاللىق ھىس قىلمىدىم، سەمىمى گەپ قىلىپسىز.ئىتقانلىرىڭىز تۇغرا،فىزىكىدا «نۇقتا»ئاتالغۇسى ئىشلىتىلگەندە ئۇنىڭ ھەجىمى ئويلىشلمايدىغانلىغى راسىت.بۇ پەقەت بىر مىتۇت مەسىلىسى.ماھىيەتلىك ،پىرىنسىپال مەسىلە ئەمەس.ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىم ياكى زەررىچىنىڭ سىزىقلىق ھەركىتىنىلا تەتقىق قىلغاندا ئەھۋال دەل شۇنداق.لىكىن ،ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىم ياكى زەررىچىنىڭ ئىچكى تۆزۆلىشىنى تەتقىق قىلغانداھەرگىز بۇنداق بولمايدۇ.مەسىلەن ئىلىكتىرون ئۆزىنى تەتقىقات ئوبىكتى قىلساق ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھەجىمىنى،تۆزۆلۆشكە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىگىنى ئويلىشىشقا مەجبۇر بولىمىز.لىكىن ئۇنىڭ يادرونى چۈرىدەپ قىلىۋاتقان ئوربىتىلىق ھەركىتىنى تەسۋىرلىگەندە ئۇنىڭ ھەجىمى ئۇستىدە ئويلاشماي كەلگىنىمىز راسىت.ئىلىكتىروننىڭ ھەجىمگە ئىگە ئىكەنلىكى ماھىيەتلىك تەرەپ،ئوبىكتىپ مەسىلە.ھەجىىمىنى نەزەرگە ئالماسلىق تەسۋىرلەش ئىھتىياجى تەلەپ قىلغان قۇلايلىق سوبىكتىپ مىتود.تەجىرىبە پەنلىرى ھىچقاچان  ئاللىقانداقتۇرھەجىمى بولمىغان فىزىكىلىق،خىمىيىلىك،بىئولوگىيىلىك تەجىرىبە ئوبىكتى بىلەن بىلەن ئۇچراشقىنى يوق ۋە ئۇچرىشالمايدۇ.

«نۇقتىنىڭ ھەجىمى»،نۇقتىنىڭ شەكلى»،«نۇقتا...لەردىن تەشكىل تاپىدۇ» دىگەندەك گەپلەرنى بىرەر فىزىكا ئالىمىنىڭ بايانلىرىدا ئۇچراتمىغان بولسىڭىز ۋە ھەقىقەتەنمۇ ھازىرغىچە بىرەر فىزىكا ئالىمى بۇنداق گەپلەرنى قىلمىغان بولسا مەن بۇنى مىنىڭ سەۋەنلىگىم دەپ قارىمايمەن.بەلكىم بۇ مىنىڭ تەلەيسىزلىگىم بولىشىمۇ ياكى تەلىيىم بولىشىمۇ مۆمكىن.تەلەيسىزلىگىم دىگىنىمدە،بۇ ھالدا مىنىڭ ئىزاھلاش ،چۈشەندۈرۈش خارەكتىرلىك ۋە ھەتتا بەزىدە بىھۇدەئەمگەكلەرنى كۆپ قىلىشىمغا توغرا كىلىدۇ.بۇ ئەلۋەتتە مەندەك بىر ھۇرۇن ئادەمنى خىلى قىينايدۇ.تەلىيىم دىگىنىمدە بەلكىم مەن يىڭى بىر نەرسىلەرنى بايقاپ قالغان بولىشىم مۆمكىن.

لىكىن، بۇنداق تەلەينىڭ ماڭا نەسىپ بولۇپ كىتىشىمۇ ناتايىن.چۈنكى «غەيرى نۇقتا»نى ھەجىمى ئىنتايىن كىچىك دەپ قاراپ كەلدىكى ،ھەجىمى مۇتلەق يوق دەپ قارىمىدى.ھازىرغىچە ئالى ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىكلىرىدە ئىلىكتىرۇننىڭ ھەجىمى ۋە شەكلى بار دىگەن گەپ يۇق.لىكىن،ئالدىنقى يىلى چەتئەلدىكى تەتقىقاتچىلار ئىلىكتىرۇننىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىگىنى دەلللەيدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىشتى.بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ئىلىكتىروننىڭ تۈزۈلۈشكە ئىگە ئىكەنلىگى،ئۇنىڭ ئۈچ پارچىغا پارچىلانغانلىغى ئېلان قىلىندى.بۇ ئۇچۇرلار مىنىڭ 1990-يىللاردىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان لوگىكىلىق ئەقلى خۇلاسىلىرىمنى قوللىسا قوللايدۇكى، ھەرگىز ئىنكار قىلمايدۇ.

يۇقۇرقى سەۋەپلەر ۋە ئو تتۇرىغا قويۇلمىغان نۇرغۇن سەۋەپلەر تۆپەيلى مەن يەنىلا «نۇقتا»نىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كىڭەيتىش كىرەك دەپ قارايمەن.

«نۇقتا»نى ھەجىم ۋە شەكىلگە ئىگە ئەمەس دەپ قاراشتىكى ئاساسلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققىم بار.

ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 09:47  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 13:03:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2012-9-10 21:27
بىزنىڭ قارىشىمىزغا ئاساسلانغاندا ، ئالەملىك تارتىشى ...

توغرادەيسىز،مۇشۇ«چەكسىز»دىگەن گەپنىڭ تىپىپ بىرىۋاتقان ئاۋارىچىلىغى ئاز ئەمەس.بۆيۆك ماتىماتىك گاۋىس«ماتىماتىكىدا چەكسىزلىك پۇت قويۇپ تورغىدەك زىمىن يوق»دەپ ئۆزۆپ ئىتقان.

تارتىش كۈچىنىڭ چېكى بار دىگەن قارىشىڭىز شەكىل نەزەريىسىنىڭ قارىشى بىلەن بىردەك ئىكەن.

ئەپسۇس،تار مەنىدىكى نىسبىلىك نەزەريىسى پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى بولغان يورۇقلۇق تىزلىگىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپىدىن چاتاق چىققىلى تۇرغاندەك  قىلىدۇ.ئېينىشتېيىن بىر ئۆمۆر مەسخىرە قىلىپ ئۆتكەن «ئەرۋاھسىمان ئولتىرا ئارىلىق تەسىرى»ھازىر ئىسپاتلاندى.

مىنىڭچە يورۇقلۇق تىزلىگىدىن غايەت چوڭ تىزلىك مەۋجۈت دەپ قاراش ئارقىلىق بۇ يەردىكى زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىن.تۆۋەندىكىلەرگە بولغان كۇزقارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز:

1.سىزيورۇقلۇق تىزلىگىدىن يىتەرلىك چوڭ بولغان تىزلىكنى كىرگۆزۆش ئارقىلىق«غەيرى نۇقتا»دىمۇ سىممىتىرىكلىكنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىغىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغانلىغىغا ئىشىنەمسىز؟.
2.يەنە بىر مەسىلە ھىككىس زەرىچىسىنىڭ زىچلىغىدىن10ھەسسە يۇقۇرى زىچلىققا ئىگە غۇۋا ماددا بايقالدى .سىزچە بولغاندا بۇنداق يۇقۇرى زىچلىقتىكى زەررىچىنىڭ بايقىلىشى نىسبىلىك نەزەريىسىگە نىسبەتەن نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟.
3.ماسسىسى فۇتۇندىن كىچىك بولغان،لىكىن زىچلىغى فۇتۇندىن يۇقۇرى بولغان زەررىچىلەرنىڭ تىزلىگى يەنىلا يورۇقلۇق تىزلىگىدىن ئاشمامدۇ ياكى ئىشىپ كىتەمدۇ؟.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 01:49  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 11:07:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مىنىڭ ئىدىيىلىرىمنى چۈشۈنۈشتە پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن:



يۇرۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟

قاسىم سىدىق



شەكىل نەزەرىيىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يۇرۇقلۇق تېزلىكى ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش-تۇرالماسلىقى فۇتۇننىڭ ھەققىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە بولۇش-بولماسلىقىغا باغلىق.
شەكىل نەزەرىيىسىدە ئەڭ يۇقىرى تېزلىك پەقەت ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچىلەردىلا بولىدۇ. ھاسىلىي زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ تىزلىكى ماكرو دۇنياغا قاراپ يۈزلەنگەنچە ئاستا بولىدۇ،دەپ قارىلىدۇ. نۆۋەتتە فوتۇننى ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە دەپمۇ قارايدىغان، ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە ئەمەس،تۈزۈلۈشكە ئىگە زەررىچە دەپمۇ قارايدىغان ئوخشىمايدىغان كۆز-قاراشلار مەۋجۇت. مۇبادا فوتۇن ئۆمۈرگە ئىگە بولسا، يىمىرىلسە، ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە بولسابۇ ھالدا ئۇنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە دەپ قاراشقا ئەسلا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە شۇكى، بۇ ھالدا يۇرۇقلۇق تېزلىكى تېزلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى ئەمەس. بۇ نۇقتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە ياكى ئىسپاتلانسا ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسى مىسلىسىز خىرىسقا يولۇقىدۇ.
ئوخشاشلا يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقىرى تىزلىككە ئىگە زەررىچىلەر ياكى زەررىچىلەر ئىقىمى بايقالسىمۇ يەنىلا فۇتۇن ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچە ھېسابلانمايدۇ. فۇتۇننىڭ 300 مىڭ كىلۇمتېر سىكۇنتلىق تىزلىكى تەجرىبىدە قانچە ئىسپاتلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ئەھۋال شۇنداق.
ياكى فۇتۇننىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ياكى  بولمىسا ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە ئەمەسلىكىنى دەلىللەش مېنىڭ قارىشىمچە بۈگۈنكى دەۋىر فىزىكىسىغا نىسبەتەن ئاكتىۋىئال تىما.
خالىغان كەسىپ ئىگىلىرى ۋە تورداشلارنىڭ فوتۇنغا ئالاقىدار سانلىق قىممەت ۋە ئۇچۇرلارنى بۇ تېمىنىڭ ئاستىغا يوللاپ مۇھاكىمىگە قاتنىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. مېنىڭ قارىشىمچە، فۇتۇن ھەرگىز ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە ئەمەس.
ئاساسلىرىم تۆۋەندىكىچە:


يورۇقلۇق تىزلىگىدىن يۇقىرى تىزلىككە ئائىت ئۇچۇرلار



1. 2008-يىلى شىۋىتسارىيە جەنۋە ئونۋېرسىتېتىدىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئىككىلەمچى ئاتوم زەررىچىلىرىنىڭ يورۇقلۇق تىزلىگىدىن 10مىڭ ھەسسە يۇقىرى تىزلىكىگە ئىرىشكەن. بۇ خەۋەر نۇرغۇن تور بىكەتلىرىدە تارقىتىلىپ غۇلغۇلا پەيدا قىلغان، ئىلمىي ژۇرناللاردا بۇ ئۇچۇردىن پايدىلنىپ يىزىلغان نۇرغۇن ماقالىلار ئېلان قىلىنغان.
2. 2000-يىلى ياپۇنيە NEC شىركىتىنىڭ شىمالى ئامېرىكا تەتقىقات گۇرۇپپىسى «تەبىئەت»ژۇرنىلىدا يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ھالقىغان يۇرۇقلۇق ئىمپۇلىسى تەجرىبىسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان.
3. 2005-يىلى شىۋتسارىيىلىكلەر يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ 310 ھەسسىسىگە تەڭ تىزلىككە ئىرىشكەنلىگى ھەققىدىكى تەجرىبە نەتىجىسى «قوللىنىشچان فىزىكا خەۋەرلىرى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
4. كۈزىتىش ۋە ھېسابلاش ئارقىلىق ئاستورنۇملار سامان يولى سىرتىدىكى 4 يۇلتۇزسىمان جىسىملار رادىياتسىيىسىدىن يورۇقلۇق تىزلىگىنىڭ 5-10 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان تىزلىگىنى بايقىغان.
5. بۇنداق مىساللار ئاز ئەمەس.
ئامېرىكا پەنلەر ئاكادىيمىسىنىڭ دەم ئىلىشقا چىققان ئاكادىيمىكى شىن جىيۇەن ئەپەندى: «كىۋانت ئورالمىسى فوتۇنلىرى ئارىسىدا يورۇقلۇق تىزلىكىدىن ھالقىغان تەسىرنىڭ مەۋجۈتلىگى نۇرغۇن تەجرىبلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان، بۇنى ئىنكار قىلىشقا ئامال يوق، بىز سۇبېكتىپ بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، كىۋانت ئورالمىسى يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقۇرى ئۇچۇر تارقىتىدىغانلىقىنىڭ ئوبېكتىپ پاكىتلىقىنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەك» دەپ يازىدۇ.

فۇتۇننىڭ ئىنېرگىيە قويۇپ بىرىشى


ئېينىشتېيىننىڭ ماسسا ئىنېرگىيە مۇناسىۋىتى تەڭلىمىسىدىن بىز ئىنېرگىيەنىڭ ماددا (ماسسا) ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. فۇتۇن ئىنېرگىيە قويۇپ بەردى دېگەنلىكنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ تۈزۈلۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. مەن بۇ ھەقتە شى فڭلاڭ ئەپەندىنىڭ «فىزىكا ئوقۇتۇشى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «فۇتۇن ئەلبەتتە بىر قىسىم ئىنېرگىيىسىنى قويۇپ بىرىدۇ» دېگەن يازمىسىنى ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كومپىتۇن ئففىكىتىدە ئېلكتېرۇن فۇتۇندىن بىر قىسىم ئىنېرگىيەنى قوبۇل قىلىۋالدىغانلىقى، فۇتۇننىڭ بىر قىسىم ئىنېرگىيىدىن ئايرىلدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. مەن  «كومپىتۇن ئففىكتى» بىلەن ياخشى تونۇشۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.

-داۋامى بار.........تەھرىرلىنىپ تولۇقلىنىدۇ.

2011.8.6



«ھېككىس زەررىچىسىى» ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە ئەمەس


قاسىم سىدىق



«ھېككىس زەررىچىسى» (پەرۋەردىگار زەررىچىسى) «ئۆلچەملىك مودىل» تەلەپ قىلغان بىر زەررىچە بولۇپ، فېرمى تەجرىبخانىسى ۋە ۋە ياۋرۇپا يادرۇ سوقۇشتۇرۇش مەركىزى بۇ يىل (2011-يىل) ياكى ئەڭ كىچىككەندىمۇ 2012-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ زەررىچىنى تىپىش ئۇستىدە ئىزدەنمەكتە. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ زەررىچىنىڭ مەۋجۈت ياكى مەۋجۈت ئەمەسلىگى «ئۆلچەملىك مودىل»نىڭ تەقدىرىگە زور تەسىر كۆرسىتەر ئىكەن.
بۇ زەررىچە نۆۋەتتە پۈتكۈل ماددى ئالەمنى تۈز
ىدىغان ئەڭ ئاساسىي زەررىچە دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئىنتايىن قىسقىلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
مېنىڭچە ئەگەر «ھېككىس زەررىچىسى» بايقالسا ۋە ھەقىقەتەن «ئۆمۈر»گە  ئىگە بولسا، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە (شەكىل نەزەرىيىسىدىكى «ئېن») بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچىلەرنى «ئۆمرى قىسقا ياكى ئۇزۇن» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئەسلا تەسۋىرلەشكە بولمايدۇ. ئۇ ئەبەدى، ئەزىلى، مەڭگۈلۈك زەررىچىدىن ئىبارەت. ئىھتىمال «ھېككىس زەررىچىسى» ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە (ئېن) لەردىن تۈزۈلگەن، قانچىلەمچىلىگى ئىنىق بولمىغان ھاسىلى زەررىچە بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ھالدا بارلىق ئۈمىدنى «ھېككىس زەررىچىسى»گە باغلاپ قويۇش «ئۆلچەملىك مودىل»نىڭ ئاخىرقى چىقىش يولى بولالمايدۇ. «ھېككىس زەررىچىسى» زادى ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچىمۇ -ئەمەسمۇ؟ دېگەن بۇ نوقتا يەنە ئەتراپلىق ئىزدىنىش تەلەپ قىلىدۇ. مۇبادا، ئۇ ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە بولمىسا بۇ ھالدا «ئۆلچەملىك مودىل» تېخىمۇ مكرۇ بولغان بىر دۇنيانى ئۆزىنىڭ سىرتىدا قالدۇرغان - ئاخرقى ھېسابتا يەنىلا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇنچە مەسىلىلەرنى
سىرتىدا قالدۇرۇپ قويغان بولىدۇ.

2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 11:24  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 12:21:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گىراۋىتون خىياللىرى

قاسىم سىدىق



نىيوتۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر تېمىسى تارتىش كۈچىنىڭ ۋاستىچىسى سىپىنى 2،ماسسىسى 0دەپ قارالغان ئىدىيال زەررىچە "گىراۋىتون(引力子-Graviton) »بولۇپ كەلدى.نىسبىلىك نەزەريىسىمۇ،كىۋانىت نەزەريىسىمۇ بۇ زەررىچىگە بولغان مۇھتاجلىغىنى رۇشەن ئەكىس ئەتتۆردى.ھالبۇكى 300يىلدىن بۇيان بۇ تولىمۇ تارتىنچاق زەررىچە ئۈز جامالىنى كۆرسەتكىنى يوق.نىيوتۇن دەۋرىدە بۇنداق زەررىچىنى بايقاش ئەسلا مۆمكىن ئەمەس ئىدى دىگەن تەقدىردىمۇ،پۇتكۆل 20-ئەسىر ۋەتاھازىرغىچە بۇ زەررىچە تىپىلمىدى.ئۇ گۇيا يىگىتلەرنىڭ  تەقەززالىقلىرىى بەدىلىگە ئۈز كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان شەيتان سۈپەت قىزلاردەك تىخىچە ئۈزىنى كۆرسەتمىدى.بىزگە ئايانكى مۇبادا بۇ زەررىچە ئۈزىنى كۆرسەتمەيۋەرسە يالغۇز نىيوتۇن تارتىش كۈچى قانونىلا ئەمەس،كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى ۋە كۋانىت تارتىش كۈچى مەيدان نەزەريىلىرى يىتەرلىك ۋەزۇرۇرتەجىرىبە ئاساسىغا ئىگە بولمىغان بولىدۇ.چۈنكى بۇ نەزەريەلەرگىراۋىتون مەۋجۈت دىگەن ئالدىنقى شەرىت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى.ھازىر دۇنيادا ھىچقانداق بىر ئالىم ياكى ئىلمى تەشكىلات گىراۋىتۇننى مۇنچىلىك ۋاقىتتا تاپالايمەن دەپ ئىتالمايدۇ.
كۆرۆنۈپ تۇرۇپتىكى گىراۋىتون ئەسلىدىلا نەزەريە تەلەپ قىلغان زەررىچە.ئۇنىڭ تىپىلماسلىغى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟.مانا بۇ بىز ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ كۆرۆشكە تىگىشلىك نۇقتا.

بۇ يەردىكى باش ئاغرىغىدىن قۇتۇلماقنىڭ قارىماققا بەكمۇ ئاسان بىر يولى بار ،ئۇ بولسىمۇ،تەجىربە ياكى كۈزىتىش ئارقىلىق قەتئى بايقىغىلى بولمايدىغان زەررىچىلەرنىڭمۇ بارلىغىنى ئىتراپ قىلىش.بۇ ھالدا تەجىربە ۋە كۈزۈتۈش ھەممىنى بەلگۆلەيدۇ دىگەن ئەسكى ئادىتىمىزنى تەرىك قىلىش.ئادەتكە خىلاپ ھالدا بەزى مۇسۇلمانلار ئۈزلىرىگە«ئاشلىق بار يەرگە يىتىۋالغىچە،ئاچلىقتىن ئۈلمەسلىك ئۈچۈن بىر قىتىم چۇشقا گۈشى يىسە بولىدۇ»دەپ پەتىۋا تاپقىنىدەك ۋاستىلىق ئىسپاتلارنىڭمۇ كۈچىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش.ئەڭ ئاخىرى بىز بۇئالەمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مەخپىيەتلىكلىرىن ئەقلى ھۆكۆم،ئىدراك ئارقىلىقلا پەرەز قىلالايدىغانلىغىمىزنى،بۇ پەرەزلەر شۇڭغىچە ئىگەللىگەن تەجىربە پاكىتلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدىغانلىغىنى تونۇپ يىتىش.

لىكىن،بۇنداق قىلغاندا «تەجىرىبە ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ»تەرەپتارلىرى مەمنۇن بولىشى ناتايىن.ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كىرەك.؟.

مىنىڭچە بۇ يەردە پىكىر يولىمىزنى ئۈزگەرتىپ بىقىش ئويلۇشۇپ بىقىشقا تىگىشلىك نۇقتا.دىمەكچىمەنكى ،بىزگىراۋىتون مەسىلىسىدە  پىسىخۇلوگىيىدىكى«رولىنى موقىملاشتۇرۇۋىلىش كىسىلى»گە گىرىپتار بولدۇقمۇ-قانداق؟ دىگەن نۇقتىدا ئويلۇشۇپ كۈرۈش.

گەرچە ئېينىشتېيىن نىيوتۇندىن ئۈزگىچە يول تۇتقان بولسىمۇ،نىيوتۇنچەتارتىش كۈچىنىڭ ئورنىغا «ماكان-زامان»ئەگرىلىگىنى ياكى تارتىش كۈچى دولقۇنىنى دەسسەتكەن بولسىمۇ،يەنىلا «گىراۋىتون»دىن مىھرىنى ئۈزەلمىدى.مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم ئەسىر-ئەسىرلەپ بۇ تەكەببۇر زەررىچىنى ئىزدەش بىلەنلا بولۇپ كەتمەي «گىراۋىتون »دىن خالى ئالەم مەنزىرىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۈرۈش.بەلكىم بۇنداق ئىزدىنىش نۇرغۇن لايىھە ياكى فانتاستىك مەنزىرىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشى مۈمكىن.لىكىن ،بۇ مىڭىپ بىقىشقا ئەرزىيدىغان ۋەھەتتا مۇقەررەر بولغان بىر يول شۇنداقلا تاللاش.

بىزگە مەلۆمكى،«گىراۋىتۇن»گەرچەنىيوتۇندا« ئالەملىك تارتىش كۈچى»نىڭ،كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدە «تارتىش كۈچى دولقۇنى»نىڭ،كىۋانىت نەزەريىسىدە «تارتىش كۈچى مەيدانى»نىڭ«كۈچ ئۇزاتقۇچىسى»دەپ ھىساپلانسىمۇ،ئۇنىڭ ئۆزى ھىچقانداق كۈچ تەسىرىگە ئۆچرىمايدۇ دەپ قارىلىدۇ.بۇ نۇقتا بىزنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.يەنى بۇ ئالەمدە ھىچقانداق «كۈچ»نىڭ تەسىرىگە ئۆچرىمايدىغان زەررىچىلەرنىڭمۇ مەۋجۇتلىگىنىڭ دەلىلى بولۇپلا قالماي،ئالەمنىڭ مۇناسىپ قاتلاملىرىنى «كۆچ»نىڭ ئىشتىراكىسىز تەسۋىرلەشنىڭ ئىپتىدائى قەدىمى.


بۇ نۇقتىدا شەكىل نەزەريىسىنىڭ ھازىرچە تەشەببۇس قىلىدىغان نامزاتى 29-تىئورمىنى قانائەتلەندۇرىدىغان«ئىنىرىتسىيىلىك ئېغىش»بولۇپ بۇ تەشەببۇس «تەجىربە ھەممىنى بەلگۇلەيدۇ»تەرەپدارلىرىنى قانائەتلەندۇرۇدىغان تەجىرىبە نەتىجىسىگە ئىگە ــ گەرچە بۇتەجىربە سالاھىيەتلىك ئورۇنلارنىڭ قايتا ئىشلەپ دەلىللىشىگە مۇھتاج بولسىمۇ.


2012.4.1


قوشۇمچە پايدىلىنىش:


گراۋىتوننى تۇتۇش ــ مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپە


كائىنات تورىدىن تىرىشچان (مەقسۇت ئەمىن ئەركيار) تەرجىمىسى


ئالەملىك تارتىشىش كۈچى بولسا تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت خىل ئاساسى كۈچ(ئالەملىك تارتىش كۈچى،ئېلېكتىر-ماگىنىت ئۆز-ئارا تەسىر كۈچى،ئاجىز ئۆز-ئارا تەسىر كۈچ،كۈچلۈك ئۆز-ئارا تەسىر كۈچ. -ت)نىڭ كىشىلەرگە ئەڭ تۇنۇش بولغان بىرخىلى بولسىمۇ، نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئالىملارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلدى. ئالەملىك تارتىشىش كۈچىمۇ باشقا ئاساسى كۈچلەرگە ئوخشاش زەررىچە ئارقىلىق ئۇزىتىلامدۇ؟ ئەگەر ئۇزىتىشتا شۇنداق رزەررىچىلەر(گىراۋىتون) مەۋجۇت بولسا،ئۇلارنى بايقىغىلى بولامدۇ؟


ئەنگىلىيە «يېڭى ئالىملار»ھەپتىلىك ژۇرنىلى


ماقالە تېمىسى: ئەڭ ئۇزاق كۆزىتىش


ئاپتۇرى: ماركوس.جون


ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى مۇشۇنداق ئالاھىدە قىلغىنى نېمە؟كۈندىلىك تۇرمۇشتا،ئالەملىك تارتىش كۈچى توت ئاساسى كۈچنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرگە ئەڭ تۇنۇشلۇق بولغان بىر خىلى. ھالبۇكى،ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى يەنىلا كىشىلەرنى گاڭگىراتماقتا.باشقا كۈچلەرگە سېلىشتۇرغاندا،ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.فىزىكا ئالىملىرى قالغان ئۈچ ئاساسى كۈچكە كۋانتلىق نەزەرىينى مۇۋەپپىقيەتلىك تىكلەپ چىقتى.ئەمما،تارتىشىش كۈچىگە كەلگەندە كۆپ ھالسىرىدى. ئۇلار نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئالەملىك تارتىشىش كۈچى بىلەن كۋانت مېخانىكىسىنى بىرلەشتۈرۈشكە شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ،نەتىجە يەنىلا كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ.

گىراۋىتون قەيەردىن كېلىدۇ؟

كۋانت مېخانىكىسىغا ئاساسلانغاندا،بارلىق كۈچلەر زەررىچە ئارقىلىق ئۇزىتىلىدۇ.ئېلېكتىر-ماگىنىت كۈچى فوتون ئارقىلىق،ئاجىز ئۆز-ئارا تەسىر W  بوزون ۋە Z  بوزون ئارقىلىق، كۈچلۈك ئۆز-ئارا تەسىر بولسا گلۇئون ئارقىلىق ئۇزىتىلىدۇ.كۈچ ئۇزىتىدىغان بۇ زەررىچىلەر قۇرۇق خىيالنىڭ مەھسۇلى بولماستىن،تەجرىبىدە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەكشۈرۈلگەن. ھالبۇكى،ھېچكىممۇ كۈچ ئۇزىتىدىغان زەررىچىنى كۆرۈپ باققىنى يوق.بۇنىڭغا قارىتا بەزىلەر مۇنداق چۈشەنچە بەردى: ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىدىن مەلۇمكى،ئۇنىڭ زەررىچىسى(گىراۋىتون)دە ماددىلار بىلەن ئۆز-ئارا تەسىر يۈزبەرمەيدۇ.

بەزى ئالىملار گىراۋىتوننىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ. ئەگەر گىراۋىتوننى تەجرىبىدە تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمىسا،ئۇ راست مەۋجۇتمۇ-ئەمەسمۇ؟ بۇ مەسىلە پرىنسېتون داشۆسىنىڭ فىزىكا ئالىمى تونى. روزمان بىلەن پېنسىلۋانىيە خاۋېرفورد ئىنىستىتۇتىدىكى سىتېفىن.بوئېننىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى گىراۋىتوننىڭ راستلىقىغا گۇمانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. روزمان بىلەن بوئېن چۇقۇم ھەل قىلىدىغان بىرىنچى مەسىلە ـــ ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى قەيەرگە بېرىپ ئىزدەش. گەرچە ئالەملىك تارتىشىش كۈچى ھەممىلا جايدا مەۋجۇت بولسىمۇ،مەسىلە ئۇنچە ئاددىي ئەمەس.بىر جىسىم ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە تۆۋەنگە چۈشكەندە،ئۇنىڭ ئاتوملىرى چۇقۇم يەرشارى ئاتوملىرى بىلەن گىراۋىتون ئالماشتۇرىدۇ. گىراۋىتون مەۋجۇت دەپ قىياس قىلغاندا، روزمان بىلەن بوئېنغا كېرەك بولىدىغىنى فوتۇننى چاچالايدىغان يۇرۇقلۇق مەنبەسىگە ئوخشاش،گىراۋىتوننى شەكىللەندۈرەلەيدىغان ھەم ئۇنى سىرتقا چاچالايدىغان مەنبەدۇر.ئۇلار تەجرىبىگە ئىشلەتكىلى بولىدىغان بۇنداق مەنبەنى تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدەشتى.ئۇلارنىڭ يەكۈنى شۇ بولدىكى: قارا ئۈڭكۈرنىڭ گىراۋىتون مەنبەسى بولۇشى ئېھتىماللىققا ئەڭ يېقىن.قارا ئۈڭكۈر سىرتقى دۇنيا بىلەن ئايرىقلىق ئەمەس، ئۇلار خاۋكىڭ رادىئاتسىيسى ئارقىلىق ماسسا خورىتىدۇ.

ھالبۇكى،ھېسابلاشتا كۆرۈلىشىچە،قارا ئۆڭكۈردىن كەلگەن رادىئاتسىيە ئىچىدە پەقەت 1پىرسەنتى گىراۋىتون شەكلىدە مەۋجۇت.يەنە كېلىپ كىچىك قارا ئۆڭكۈرلەردىلا خاۋكىڭ رادىئاتسىيسى يۈزبېرىدۇ.نىسبەتەن چوڭ قارا ئۆڭكۈرلەر،مەسىلەن: تارايغان پىلانتلاردىن شەكىللەنگەن قارا ئۆڭكۈردە رادىئاتسىيە مىقدارى ئىنتايىن ئاز.

شۇڭا،گىراۋىتون مەنبەسى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار قارا ئۆڭكۈرلەر چوڭ پارتىلاش مەزگىلىدىكى كىچىك قارا ئۆڭكۈرلەردۇر. ئەمما،ھېسابلاشتىن مەلۇمكى ماسسىسى بىر مىليارت توننىدىن كىچىك بولغان كىچىك تىپتىكى قارا ئۆڭكۈرنىڭ خاۋكىڭ رادىئاتسىيسى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولغاچقا ئالەمنىڭ ھاياتلىق دەۋرى ئىچىدە ھورلىنىپ تۈگەيدۇ. بۇنىڭدىن ئون مىليۇن ھەسسە ئېغىر بولغان قارا ئۆڭكۈردىن شەكىللەنگەن گىراۋىتوننىڭ ئېنىرگىيسى بەك ئاز بولغاچقا تەكشۈرگىلى بولمايدۇ.

ئەمما، يەنە بىرخىل مۇمكىن بولغان گىراۋىتون مەنبەسى مەۋجۇت. تۇرغۇن يۇلتۇزدىكى كۈچلۈك يۇقىرى تېمپراتۇرا ئېلېكتروننى ئاتومدىن ئايرىپ چىقىدۇ،بۇ ئېلېكترونلار ئەركىن ھەرىكەتلىنەلەيدۇ.ئۇلار ئەتراپىدىكى زەرەتلىك ئاتوم يادروسىنىڭ ئېلېكتىر مەيدانىدىن ئۆتكەندە،تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىدۇ ھەم فوتون قويۇپ بېرىدۇ.بۇ ئەھۋالدا تېزلىنىشچان ھەرىكەتتىكى ئېلېكترون گىراۋىتونمۇ قويۇپ بېرىشى كېرەك.سانتىياگو كالىفورنىيە داشۆسىدىن روبېرت.گوۋلد نىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەتقىقاتى ئاساسىدا روزمان بىلەن بوئېن گىراۋىتونغا ئەڭ چوڭ ئۈمىد بار بولغان مەنبە ئاق پەتەك يۇلتۇز ۋە نېترون يۇلتۇز ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقىپ دەلىللىدى.

تەكشۈرۈپ چىقىشتا قىينىچىلىق ئېغىر

گىراۋىتوننىڭ قەيەردە بارلىققا كېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن، كېيىنكى قەدەمدىكى تەتقىقات قانداق ئامال بىلەن ئۇنى تەكشۈرۈپ چىقىش مەسلىسىدۇر. بىرقانچە خىل ئېھتىماللىقنى ئويلاشقاندىن كېيىن، روزمان بىلەن بوئېن دېققىتىنى ئالەملىك تارتىش كۈچى بىلەن فوتو-ئېلېكتىر ئېففېكتىنىڭ ئوخشاشلىقى ئۈستىگە مەركەزلەشتۈردى.  بەلگىلىك ئېنىرگىيگە ئىگە بىرزەررە فوتۇن مەلۇم ماددىنىڭ ئاتومىغا سوقۇلغاندا،بىرزەررە ئېلېكتروننى سوقۇپ چىقىرىدۇ ھەم ئاشكارا فوتۇنلار ئېلىپ كەلگەن ئاجىز ئېلېكتىر ئېقىمى پەيدا قىلىدۇ.بۇ دەل فوتو-ئېلېكتىر ئېففېكتىدۇر.گەرچە ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، بۇ خىل ئېففىكىت ئاساسى ماددىسى نەزەرىيە جەھەتتىن مەۋجۇت. بۇلاردىن روزمان بىلەن بوئېن ئۆزلىرىنىڭ يۆنىلىشى ۋە نىشانىنى چۈشىنىۋالدى.ئەمما،ئۇلارغا يەنە بىر توسالغۇ بار ئىدى.ئېلېكتىر-ماگىنىت كۈچى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالەملىك تارتىشىش كۈچى ئىنتايىن ئاجىز،بۇ گىراۋىتوننىڭ ماددا زەررىچىلىرى بىلەن ئىنتايىن ئاز تەسىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.بۇ ھەقتە روزمان مۇنداق دەيدۇ:«مۇشۇنداق كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدىكى ئاجىزلىق گىراۋىتوننى بىۋاستە ئېنىقلاشقا ئادەتتىن تاشقىرى قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى ». ئەگەر كىم  ئاجىز ئۆز-ئارا تەسىرلا يۈزبېرىدىغان بۇنداق زەررىچىنى قانداق ئېنىقلاشنى ئېيتىپ بېرەلىسە،شۇ كىشى نېيترونو تەتقىقاتىدىكى فىزىكا ئالىمى بولىدۇ. روزمان بىلەن بوئېن مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن ئىلھام ئىزدەشتى.نېيترونو ئاجىز يادرو كۈچى ئارقىلىق ماددىلار بىلەن ئۆز-ئارا تەسىرلىشىدۇ.گەرچە سېكونتىغا  تەخمىنەن 100مىليارت دانە قۇياشتىن كەلگەن نېيترونو ئادەم تېنىنىڭ بىركۋادرات سانتېمىتىر تېرىسىدىن تېشىپ ئۆتسىمۇ،ئەمما بىرەر زەررە نېيترونومۇ ئادەم تېنى تۇتۇلۇپ قالمايدۇ. بۇنىڭغا قاراپ ئالىملار زور مىقداردىكى ماددىنى ئۆزئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى ئۆلچەش ئەسۋابىنى ياساپ چىقتى. گەرچە نېيترونونى يەككە زەررىچە ھالىتىدە تۇتۇش مۇمكىن بولمىسىمۇ،نەچچە يۈزمىڭ مىليارت دانە زەررىچە ئىچىدىن بىرزەررىچىنى تۇتۇش پۇرسىتى يەنىلا بار. روزمان گىراۋىتوننى تۇتۇشتىمۇ مۇشۇ ئامالنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جەنۇبىي قۇتۇپقا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېيترونونى ئۆلچەش ئەسۋابى ياسىلىۋاتىدۇ،ئۇنىڭغا جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ بىر كۇپ كېلومېتىر مۇزلۇقى ئىشلىتىلىدۇ. روزمان مۇنداق دەيدۇ:«گىراۋىتوننىڭ ماددىلار بىلەن تەسىرلىشىشنىڭ ئېھتىماللىقى نېيترونونىڭ ئاران 1021دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.تەسىر ئاجىز بولغاچقا، بىز نېيترونونى ئۆلچەش ئەسۋابىدىن چېنىپ قالمىغۇدەك ئۆلچەش ئەسۋابىغا ئېھتىياجلىق». روزمان بىلەن بوئېن ئېھتىياجلىق بۇ ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ ماسسىسى ئۇلارنىڭ ھېسابلىشى بويىچە بولغاندا يۇپېتىرنىڭ ماسسىسىدىن قېلىشمايتتى.روزمان بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ::«ھەقىقەتەن بەك چوڭ،ياسالغان تەغدىردىمۇ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىق كۈچىدىن ئىچىگە يىغىلىپ بروۋن يۇلتۇزغا ئايلىنىپ قېلىشى تۇرغان گەپ».

ئەگەر شۇنداق بىر ماشىنىنى كەشىپ قىلدۇق دەپ قىياس قىلساقمۇ ئۇنىڭ بىلەن يەككە گىراۋىتوننى تۇتقىلى بولارمۇ؟ ئۇلارنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈشىچە، ئالەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتلىق دەۋرىدە قۇياشتىن يەرشارىغىچە بولغان ئارلىقچىلىك ئارلىقتىكى مۇشۇنداق ئۈسكۈنىنىڭ تەخمىنەن 1000گىراۋىتون زەررىچىسى بولىدىكەن. ئەگەر بۇ ئۈسكۈنىنى يۇقىرى زىچلىقتىكى ئاق پەتەك يۇلتۇز ياكى نېيترون يۇلتۇزنىڭ ئارلىقى بىلەن قۇياشنىڭ نۆۋەتتە يەرشارى بىلەن بولغان ئارلىقىغا تەڭ قىلغىلى بولسا ئۇ بىر مىليارت دانە گىراۋىتوننى يىغالايدۇ،بۇنىڭغا ئون يىل ۋاقىت كېتىدۇ.

بۇ ئۈسكۈنە ھەرقانچە مۇكەممەل بولدى،دېگەن تەغدىردىمۇ مەسىلە يەنىلا ھەل بولمايدۇ.بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئۈستىگە ھەر سېكونتىغا باشقا زەررىچىلەر ساناقسىز

چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن زەررىچىلەر گىراۋىتونغا ئوخشاش سىگنال يوللايدۇ.ئالدىن مۆلچەرلىگەندە،كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان زەررىچە ــ نېيترونو.خوشاللىنارلىقى شۇكى، تەسىر ناھايىتى ئاجىز بولسىمۇ ئەمما پىرىنسىپ جەھەتتىن نېيترونونى چەكلىۋەتكىلى بولىدۇ.ھالبۇكى چەكلەشتە ئىشلەتكەن ماتېرىياللار بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن ھالقىپ كېتىدۇ.روزمان مۇنداق دەيدۇ:«نېيترونو نۇريىلى قېلىنلىقتىكى قوغۇشۇننى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ،بۇنىڭغا لايىق ماتېرىيال قارا ئۆڭكۈردىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بۇ ھەقتىكى گەپ-سۆزلەر

يەنە بىر قىيىنچىلىق مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.فىزىكلار 10نەچچە يىللىق تەتقىقات ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا فوتو-ئېلېكتىر ئېففىكتى فوتۇننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. روزمان:«باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،فىزىكلارنى گىراۋىتوننىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن زور مىقداردا گىراۋىتوننى بايقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ».قاتمۇ-قات ئەمەلىي قىيىنچىلىق ئالدىدا روزمان بىلەن بوئېننىڭ ئەمەلىيەتتە گىراۋىتوننى تەجرىبىدە ئىسپاتلاپ چىقالماسلىقى ھېچقانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.

بۇ گىراۋىتون كىۋانت مىخانىكىسى نەزەرىيسىنى تۇرغۇزماقچى بولغان فىزىكلارغا نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ روزمان:«گىراۋىتون بەلكىم فىزىكىلىق سۇبىستانسىيە ئەمەس، بەلكى غەيرى ماددىي سۇبىستانسىيە. ئۇنى مىقدارلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىسا كېرەك».

بەزى فىزىكلار ئۇنىڭ بۇ كۆزقارىشىنى قوللىمىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە،گەرچە روزمان بىلەن بوئېننىڭ گىراۋىتوننى تەجرىبىدە ئۆلچەش مۇمكىن بولمايدىغانلىغا بولغان كۆز قارىشى توغرا بولسىمۇ، بۇ ئەھۋال گىراۋىتون كىۋانىت مىخانىكىسىنى تۇرغۇزۇشقا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن. مارىلاند داشۆسىدىن تېدى.ياكۇبسىن :«مېنىڭچە،يەككە زەررىچە ھالەتنىڭ تەكشۈرگىلى بولۇشچانلىقى زۆرۈر ئەمەس،كۋانت مىخانىكىسىنىڭ ئاساسى ـــ مەيدان،زەررىچە ئەمەس». نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى،تېكساس داشۆسىدىن سىتېفىن.ۋېنبېرگمۇ بۇ خىل قاراشنى قوللايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« يەككە گىراۋىتوننى تەكشۈرگىلى بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسى گىراۋىتون توغرىسىدا بىرخىل ئاساسى نەزەرىينى تۇرغۇزۇش بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆزىتەلمەيمىز،مەسىلەن:كۋارك».


2012يىلى7-ئاينىڭ 30-كۈنى،ئۈرۈمچى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 12:26  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 14:46:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش:

«مۇتلەق ھەجىم» ــ شەكىل نەزەريىسىنىڭ يادىرۇلۇق يەكۈنى.شەكىل نەزەريىسىدىكى ئۈچ ئۇقۇم ـــــــــ فىزىكىلىق شەكىل،ئارقا كۆرۆنۈش،مۇتلەق ھەجىم  ـــــــــــ قاتارلىقلار ئاغدۇرۇپ تاشلانسا بۇ نەزەرىيە ئۈزۈل-كىسىل غۇلاپ چۈشىدۇ!.

ــــــــــــــــــ قاسىم سىدىق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 14:47  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 10:35:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«غەيرى نۇقتا»ئىدىيىسىدىكى زىدىيەتلىك مەسىلىلەر ئازئەمەس:
1.تارتىش كۈچىنىڭ «چەكسىز»چوڭ بولىشى بىلەن پارتىلاش.
2.«غەيرى نۇقتا»نىڭ چەكسىز كىچىك بولىشى بىلەن تارتش كۈچىنى گىراۋىتۇنسىز تەساۋۋۇر قىلغىلى بولماسلىق مەسىلىسى.يەنى ئۇنىڭ رادىيوسى ياكى دىيامىتىرىنىڭ تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ،گىراۋىتوننىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىغىدىن كىچىك بولۇپ قىلىش مەسىلىسى.
3.«غەيرى نۇقتا»دافىزىكا قانۇنلىرى ئەھمىيىتىنى يوقۇتۇدۇ دەپ تورۇپ يەنە «ئۇنىڭ تارتىش كۈچى چەكسىز چوڭ»دەپ تەسۋىرلەش مەسىلىسى.
4.شۇنداقلا «ئىنىرگىيە چەكسىز چوڭ،زىچلىق چەكسىز چوڭ»لۇق مەسىلىلىرى.

«غەيرى نۇقتا»نىڭ ئېنىقلىمىسى ئۈستىدە ئويلۇشۇشقا تىگىشلىكتەك قىلىدۇ.فىزىكىدا ياكى غەيرى نۇقتىدىن ۋاز كىچىش،ياكى بۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرىسىنى كىڭەيتىپ ئۇنى فىزىكىلىق مەناغا ئىگە قىلىش كىرەك.چۈنكى ،غەيرى نۇقتا ئىنىرگىيە غايەت زور دەرىجىدە توپلاشقان نۇقتا دپ قارالغانلىغى ئۈچۈن ئۇنىڭ فىزىكىلىق مەناغا ئىگە بولىدىغانلىغىدىن مۇ بىشارەت بىرىپ قويۇدۇ.سەۋەپ ئىنىرگىيە فىزىكىلىق رىياللىقتىن ئىبارەت.

ئەگەر  ئالەمدىكى بارلىق ئىنىرگىيىنىڭ يىغىلغان ھالىتى بولمىش غەيرى نۇقتا مەيلى مەۋجۈت بولۇش بولماسلىغى ياكى ئىنتايىن كىچىك دەپ قارىلىشىدىن قەتئى نەزەر گەۋدىسى ئۆزلۆكسىز دىگەن شەرىتكە ئىگە بولسا،بۇھالدا ئۇنى فىزىكىلىق رىياللىق سۈپتىدەمەۋجۆت ئەمەس دەپ قاراش كىرەك.پەقەت،ھەقىقى مەنىدىكى ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە بولمىغان ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ ئۆز گەۋدىسىلا ئۆزلۆكسىز ماددا بولالايدۇ.بۇھالدا مىنىڭچە بىزگە تۆۋەندىكىدەك ئىككى تاللاش بار:


1.فىزىكىدا «غەيرى نۇقتا »مەۋجۈت ئەمەس.پەقەت ماسسا-ئىنىرگىيىنىڭ،ئالەمدىكى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەرنىڭ مۇئەييەن كىرىتىك چەككىچە بىر نۇقتىغا يىغىلىش ئىھتىماللىغىلا مەۋجۈت.
2.فىزىكىنىڭ «غەيرى نۇقتاسى»بىلەن ماتىماتىكىنىڭ «غەيرى نۇقتا»سى بىرگەپ ئەمەس.فىزىكىنىڭ «غەيرى نۇقتا»سىنىڭ ھەجىمى ماتىماتىكىنىڭ«غەيرى نۇقتا»سىنىڭ ھەجىمىدىن چوڭ.

«غەيرى نۇقتا»ئىدىيىسى ۋە مىنىڭ تەشەببۇسلىرىمىنىڭ توغرا-خاتالىغىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن «ماسسا-ئىنىرگىيە ھەجىمگە ئىگە بولامدۇ،بولمامدۇ؟»دىگەن مەسىلىدە بىرلىككە كىلىشىمىز كىرەك.

يەنە بىر مەسىلە:
«غەيرى نۇقتا»ئىدىيىسى ئالەمنىڭ بۇ پەيتىدە يەنە بىر «غەيرى نۇقتا»بولىشىغا يول قويمايدۇ.ھالبۇكى تارتىش كۆچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۆز ئارا تەسىر ئىدىيىلىرىنىڭ ئورۇنلۇق بولىشى ئۈچۈن كەم دىگەندىمۇ ئىككى جىسىم بولۇشى شەرىت ئىدى.شۇنداق تۇرۇقلۇق «غەيرى نۇقتا»نىڭ تارتىش كۈچى چەكسىز چوڭ»دىيىشكە نىمە ئاساسىمىز بار؟.

بۇ مۇھاكىمىلەردە يەنىلا ئالدى بىلەن «ئالەمدىكى ماسسا- ئىنىرگىيە مۇتلەق تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە»دىگەن بۇ نۇقتىدا بىرلىككە كىلىش كىرەك.بۇ شەكىل نەزەريىسىنىڭ پىرىنسىپال يەكۆنى،بۇ كۆز قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالايدىغانلار چىقسا قىزغىن قارشى ئىلىنىدۇ.قارشى پىكىرلەر بارمۇ؟،ئاساسلىرىڭىز بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 14:50  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 09:52:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مىنىڭ ئىدىيىلىرىمنى چۈشۈنۈشتە پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن:


«زىچلىق»نىيوتۇن ماكانىنى تەقەززا قىلىدۇ
(1)
قاسىم سىدىق


فزىكىدىكى «زىچلىق»ئۇقۇمى چەكسىز،تۇز ،مۆتلەق،جىم، ئۈزلۆكسىزۋەھەركەت بىلەن مۇناسىۋىتى بولمغان نىيوتۇنچە ماكاننى تەقەززا قىلىدۇ.
بۇ تەشەببۇسنىڭ ئاساسلىرى تۆۋەندىكىچە:

1


فىزىكىدىكى«زىچلىق»ئۇقۇمىنىڭ ئېنىقلىمىسى:ئادەتتە مەلۈم بىر مىقدارنىڭ«بوشلۇق»،يۈزياكى سىزىقتىكى تەقسىملىنىشىنىڭ زىچلىغىنى ئىپادىلەيدۇ.بەلگىسىp...زىچلىق دىگەن سۆز - ئادەتتە جىسىملارنىڭ ماسسا زىچلىغىنى،يەنى جىسىملارنىڭ بىرلىك ھەجىمدىكى ماسسىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
.....
(تولۇق چۇشەندۇرۇشنى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1993-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرقىلىنغان«قىسقىچە فىزىكا لوغىتى»نىڭ 460-بىتىدىن كۆرۆۋىلىڭ)

مىنىڭ تەشەببۇسۇم:
يۇقۇرقى چۇشەندۇرۇشلەرنى «زىچلىق»ئۇقۇمىنىڭ ئىخچام ،نۇقسانسىزۋە مۇكەممەل ئېنىقلىمىسى دىيىشكە بولمايدۇ.چۈنكى«ئادەتتە مەلۈم بىر مىقدارنىڭ«بوشلۇق»،يۈزياكى سىزىقتىكى تەقسىملىنىشىنىڭ زىچلىغىنى ئىپادىلەيدۇ.»،«زىچلىق دىگەن سۆز - ئادەتتە جىسىملارنىڭ ماسسا زىچلىغىنى،...ئىپادىلەيدۇ»دىگەن بۇ جۆملىلەردە لوگىكىلىق خاتالىققا يول قويۇلغان.يەنى «زىچلىق» ئېنىقلانغۇچى ۋە ئېنىقلىغۇچى تۈپ ئاتالغۇ بولۇپ قالغان.
«زىچلىق.. جىسىملارنىڭ بىرلىك ھەجىمدىكى ماسسىسىنى ئىپادىلەيدۇ.»دىگەن بۇ جۆملە بىرقەدەر مۇكەممەل چىققان،لىكىن يىتەرلىك ئەمەس دىيىشكە بولىدۇ.
مىنىڭچە«زىچلىق ـــــــــــ بىرلىك ھەجىمدىكى ماسسىنىڭ ئاز-كۆپلىگى»ياكى«زىچلىق ـــــــــــــــ بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى ماسسىنىڭ ئاز-كۆپلىگىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقدار»دىسەك بىر قەدەر مۇكەممەل بولىشى مۈمكىن.

تەھلىل:
قانداق چۈشەندۆرۆش ياكى ئېنىقلىما بىرىش بولسۇن بۇ چۈشەندۈرۈش ياكى ئېنىقلىمىلار «ماسسا»ۋە«بىرلىك ھەجىم»دىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇمدىن ئايرلىماي كەلدى ۋە ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ،ئۈزۇل-كىسىل ئىتىشقا بولىدۇكى؛يۇقۇرقى ئىككى ئۇقۇم بولمىسا فىزىكىدا «زىچلىق»ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ.مەن بۇتېما ئاستىدا «ماسسا»ئۇستىدە ئارتۆقچە توختالمايمەن.مىنىڭ نۇقتىلىق توختۇلىدىغىغىنىم«بىرلىك ھەجىم»ئۇقۇمى.
«زىچلىق»ئۇقۇمىدىكى «بىرلىك ھەجىم» ـــــــــــــــــ نىيوتۇن ماكانىنىڭ ھەجىمىدىن ئىبارەت.
بۇ مەسىلىنى ساۋاتسىز ئادەممۇ چۈشىنەلەيدىغان ئۇسۇلدا تۆۋەندىكىچە ئوخشۇتۇپ بايان قىلىشقا بولىدۇ:
بىر ئېغىز ئۆي بار دەپ پەرەز قىلايلى،مۇشۇ ئۇينىڭ ھەجىمىنى «بىرلىك ھەجىم»دەپ چۈشەنسەك ،.ئۇي ئىچىدە ھىچنەرسە بولمىسا ئۇنى ھەقىقى بوشلوق ـــــــ نىيوتۇنچە ماكان دەپ قارىساق بولىدۇ.بۇ ئۈيگە بەلگىلىك ماسسىغا(ئېغىرلىققا)ئىگە بىر ئادەم كىرسە ،بۇھالدا بۇ ئۆي »ھەقىقى بوشلۇق »بولماي قالىدۇ. لىكىن «زىچلىغى»ئىنتايىن تۆۋەن بولغان بولىدۇ.ئادەم سانى قانچە كۆپەيسە زىچلىق شۇنچە ئارتىپ بارغان بولىدۇ.قانچە كىمەيسە زىچلىق شۇنچە كىمەيگەن بولىدۇ.
ئەمدى بىز بۇ ئۆيگە لىققىدە ئادەم كىرگۇزەيلى .بۇھالدا بۇ ئۆينىڭ زىچلىغى چەككە يەتكەن،يەنە بىرەر ئادەمنى كىرگۇزۇشكە مۆمكىن بولمايدىغان ھالەتتە بولىدۇ.بۇيەردە ئادەم سانىدا ئۇزگىرىش بولسىمۇ، ئۆينىڭ ھەجىمى مۇتلەق تۇراقلىق بولىدۇ.كۆرۆنۈپ تۇرۇپتىكى مۇبادا مۇشۇنداق بىر «ئۆي»بولمىسا«زىچلىق»ئۇقۇمىنى تورغۇزۇش مۆمكىن ئەمەس.شۇنىڭ بىلەن بىرگە«زىچلىق»ئۇقۇمى بولمىغان فىزىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ مۆمكىن ئەمەس!.


2


«زىچلىق »ئۇقۇمىنىڭ تارىخىنى ناھايتى قەدىمقى زامانلاردىن سۆرۆشتۈرۈشكە بولىدۇ.بۇ بىر مەخسۆس تېما.لىكىن ،شۇنى ئەسكەرتىش كىرەككى ؛ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا قوللىنىلىۋاتقان «زىچلىق»ئۇقۇمى نيوتۇن زامانسىدىن قالغان ئۇقۇم بولۇپ ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى ياكى چۈشەندۇرۇشلىرىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.ئۇنىڭدىكى «بىرلىك ھەجىم» يەنىلا نىيوتۇن ماكانىنىڭ ھەجىمىدىن ئىبارەت .پەقەت بۇ ئۇقۇمنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى كىڭەيدى،خالاس!.
ئېينىشتىيېن نىسبىلىك نەزەريسىدە «زىچلىق»ئۇقۇمىنى كەڭ ئىشلىتىدۇ.ئېينىشتىيېن ھىچقاچان «زىچلىق»ئۇقۇمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۇزگىنى يوق. ھالبۇكى ئېينىشتىيېن بۇ ئۇقۇم بىلەن ئۆز نەزەريىسىنىڭ تىگى-تەكتىدىن سىغىشالمايدىغانلىغىنى ھىس قىلمىغان بولسا كىرەك.بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ بەكمۇ ئاددى.ئۇ بولسىمۇ ئېينىشتىيېن نىيوتۇن ماكانىنىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىتراپ قىلمايدۇ.لىكىن ئۆز نەزەريىسىدە«زىچلىق» ئۇقۇمىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق نىيوتۇن ماكانىنى ئىلىپ كىرىدۇ.مانا بۇ ئېينىشتىيېن نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىنىڭ بىرى!.
مىنىڭ يۇقۇرقى كۇز قارىشىمنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئىككى نۇقتا ئايدىڭ بولىشى كىرەك:

1.ھازىرقى«زىچلىق»ئۇقۇمىدا ئىشلىتىلگەن« بىرلىك ھەجىم» نىيوتۇن ماكانى ئەمەس دەپ ئىسپاتلاش.
2.ئېينىشتىيېن «زىچلىق»ئۇقۇمىنى ئىشلەتمىگەن ياكى نىيوتۇن زامانىسىدىن قالغان «زىچلىق»ئۇقۇمىنى ئىشلەتمىگەن دەپ ئىسپات كۆرسۈتۈش.
مىنىڭچە يۇقۇرقىدەك ئىككى پاكىت مەۋجۆت ئەمەس.
قەدىرلىك تورداش،بۇ مەسىلىلەرگە سىز قانداق قارايسىز؟!.

2012.3.18
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-15 19:43  

Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
4
UID
27174
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 13:29:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمكا مېنىڭ دەسلەپ سىزگە دەيدىغان گېپىممۇ Almas999كامنىڭ گىپىگە ئوخشاش شۇڭا ئۇنى ئەينەن كۆچۇرۇپ قويدۇم.
قاسىمجان ئىنىم، تولىمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنسىز. سىزگىمۇ مەلۇم، فىزىكىدا ھەرقانداق بىر يېڭى ئۇقۇم، قانۇن ياكى نەزەرىيە دەسلەپتە سىزگە ئوخشاش تەپەككۇرى ئۆتكۈر ئوت يۈرەك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزچىل جاپالىق ئېلىپ بارغان چوڭقۇر ھەم سېستىمىلىق تەتقىقاتى داۋامىدا ئوتتۇرغا  قويۇلىدۇ ياكى كەشىپ قىلىنىدۇ.
بۇ گەپ دىيىلگەندىن كىيىن سىزنىڭ سۇئالنىڭ زور كەسپى سۇئاللار ئىكەنلىكى ئۇنى نوپۇزلۇق مەنبەلەردىن سورىسىڭىز بولىدىغانلىغى توغرۇلۇق ناھايىتى سەمىمى نەسىھەت بېرىلىپتۇ.مەنمۇ شۇنداق دەيمەن .ناۋادا مۇنداق قىلمىسىڭىز سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىز بىر توپ كىچىك بالىنىڭ گېپىڭىزنى چۇشۇنۇش جەريانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پائالىيەت بولۇدۇدە قېردىن ئېشىشتىن بۇرۇن ماڭىدۇ ماڭىدۇ قىردىن ئاشالمايدىغانغا نۇرغۇن ئۆمرىڭىز ،زېھنىڭىز كىتىدۇ.Almas999كام ناھايىتى كەسپى ھالدا بەك ھالقىلىق مەسىلىنى سىزگە سەمىمى كۆرسىتۇپتۇ.مەسىلەن؛
Almas999
توغرا ئىتىسىز،ئەنئەنىمىزدە شۇنداق.مىتوت نۇقتىسىدىن ئىتقاندا مەيلى ماتىماتىكىدا(گىئومىتىرىيەدە)بولسۇن،مەيلى فىزىكىدا بولسۇن«نۇقتا،«ماددى نۇقتا»قاتارلىقلارنىڭ ھەجىمى ئويلۇشۇلمىغان.لىكىن بۇ «نۇقتا»نىڭ ھەقىقەتەنمۇ ھەجىمى ۋە شەكلى بولمايدىغانلىغىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.
دىسە،سىز يەنىلا ئىلمىي تەتقىقات مۇقامىغا كىلەلمەي غۇلجىنىڭ بىر كوچىسىدا تۇرۇپلا؛
ق.سىدىق
توغرا ئىتىسىز،ئەنئەنىمىزدە شۇنداق.مىتوت نۇقتىسىدىن ئىتقاندا مەيلى ماتىماتىكىدا(گىئومىتىرىيەدە)بولسۇن،مەيلى فىزىكىدا بولسۇن«نۇقتا،«ماددى نۇقتا»قاتارلىقلارنىڭ ھەجىمى ئويلۇشۇلمىغان.لىكىن بۇ «نۇقتا»نىڭ ھەقىقەتەنمۇ ھەجىمى ۋە شەكلى بولمايدىغانلىغىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.
دەپسىز.سىز دېمىسىڭىزمۇ بىر چىكىتنىڭ ھەجمى ۋە شەكلى بارلىغىنى بالىدىن تارتىپ چوڭلارغىچە بىلىدۇ .ئەمما فىزىكا تەتقىقاتىدا ئۇ ئاشۇنداق ئىدئاللشتۇرۇلۇپ ماتىماتىك نۇقتا قىلىۋىلىنىدۇ.بۇ ئىلىمدە بەش بارماقنىڭ ھەممىنى ئېغىزغا تەڭ تىققىلى بولمايدۇ .بىر-بىر كىلىلى دەپ قىلىنىۋاتقان بىر ئىش.نۇقتىنىڭ ھەجمى ۋە شەكلىنى ئېتىبارغا ئالىدىغان ۋاقىتمۇ نار .ئۇ چۇشەنچە ئايدىڭلىشىپ ياكى مەسىلە نازۇكلىشىپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئاندىن بولىدۇ.مۇشۇنداقكەن سىز ئادەتتىكى ئاۋامنىڭ كاللىسىدىكى ئۇقۇم بىلەن كەسپى ئۇقۇملارغا تاقابىل تۇرماڭ.سىزگە تونۇشلىغاراق گەپ قىلسام فىزىكا  ئۇقۇم بىلەن ئۇقۇم ئارىسىدا ئوبرازلىق تەپەككۇر يورغىلىيالايدىغان كەڭلىك شەكىللەندۇرۇپ  زوق پەيدا قىلىدىغان شېئىر ئەمەس.بەلكى  كۇندۇلۇك ئىشلىتىلىۋاتقان تىلنىڭ دەخلىسىدىن تولۇق قۇتۇلۇشنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن يۇكسەك ماتىماتىكىلىق تىل بىلەن بولىدىغان ،ھەتتا مەنتىقىنىڭمۇ دەخلىسىگە ئۇچرىماسلىق ئۇچۇن ناھايىتى قاتتىق تىجرىبىلەر بىلەن بولىدىغان بىر پەن.ئۇيغۇر تىلى ئالى مائارىپ تىلى بولۇپ كىلە -كەلمەي ئارقىغا يېنىپ كەتتى .شۇڭا ئۇنى ئىلىم تىلى دىيىشكە بولمايۋاتىدۇ.ئۇقۇم قالايمىقانچىلىغى ئىنتايىن ئېغىر.خەقلىرىمىزنىڭ تۇرمىشىدا،تىلىدا،تەپەككۇرىدا ئىلمىيلىك،زىل ئەقلىيلىق تېخى ئۆرە بولۇپ بولالمىدى شۇڭا Almas999كامنىڭ مۇنۇ گېپى سىزگە بەك جايىدا ئېيتىلغان«
قاسىمجان ئىنىم ، مەن گەپنى ئۇدۇللا دىسەم(گېپىم قوپال بولۇپ قالدى ، كەچۈرۈڭ)، مەن سىزنىڭ يازمىڭىزدا ئىشلىتىلگەن« ئەنئەنىمىزدە... »، «مۇئەييەن ھەجىم ۋە شەكلى بولمىغان «نۇقتا»مەۋجۈت ئەمەس»، «ھەجىمى ۋە شەكلى ئويلۇشۇلمىغان نۇقتا مەۋجۈت،لىكىن ھەجىم ۋە شەكلى بولمىغان نۇقتا ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس.»،  «غەيرى نۇقتانى سەھرايى تىل بىلەن خىلىلا «يوغان»نەرسە دەپ ئىپادىلەشكە بولىدۇ.».... دىگەندەك سۆزلىرىڭىزنى سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى سۆزلەرمىكىن دەپ قارىدىم.مېنىڭ تەكلىبىم: سىز فىزىكىلىق مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلغاندا ئەشۇ فىزىكىلىق تەپەككۇرنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى سۆزلەرنى ئىشلەتمىسىڭىز ياخشى بولاتتى. »ئەمما Almas999كام بۇ گەپنىڭ ئارقىدىكى «چۈنكى بىز فىزىكىدا «نوختىنىڭ ھەجىمى»، «نوختىنىڭ شەكلى»، «نوختا ....لەردىن تەشكىل تاپىدۇ» دىگەندەك سۆزلەنى بىرەر فىزىكا ئالىمىنىڭ بايانىدا زادىلا ئۇچرۇتۇپ باققان ئەمەس.»دەپ دوگماتىك سۆزلەپ قويغان.ئەسلىسى ئالىملارنىڭ بايانىدا ئۇچرۇتۇپ باقمىغان شۇڭا خاتا ئەمەس يۇقۇردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك پەيتى كەلمىگىچە بۇنداق ئۇقۇملار بىلەن كاللىنى ئاۋارە قىلمايمىز.توغرا سىز بۇنداق دوگماتىپلىققا ئۇنىمايسىز شۇڭا
ق.سىدىق
«نۇقتىنىڭ ھەجىمى»،نۇقتىنىڭ شەكلى»،«نۇقتا...لەردىن تەشكىل تاپىدۇ» دىگەندەك گەپلەرنى بىرەر فىزىكا ئالىمىنىڭ بايانلىرىدا ئۇچراتمىغان بولسىڭىز ۋە ھەقىقەتەنمۇ ھازىرغىچە بىرەر فىزىكا ئالىمى بۇنداق گەپلەرنى قىلمىغان بولسا مەن بۇنى مىنىڭ سەۋەنلىگىم دەپ قارىمايمەن.。。。
«غەيرى نۇقتا»نى ھەجىمى ئىنتايىن كىچىك دەپ قاراپ كەلدىكى ،ھەجىمى مۇتلەق يوق دەپ قارىمىدى.ھازىرغىچە ئالى ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىكلىرىدە ئىلىكتىرۇننىڭ ھەجىمى ۋە شەكلى بار دىگەن گەپ يۇق.لىكىن،ئالدىنقى يىلى چەتئەلدىكى تەتقىقاتچىلار ئىلىكتىرۇننىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىگىنى دەلللەيدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىشتى
دەپسىز ۋە ئادىتىڭىز بويىچە باشقا بىر تىمىغا ۋە ئۇقۇمغا ئۆتۇپ ئۆزىڭىزنىڭ «دەلىلى»نى كەلتۇرۇپسىز.داۋاملىق ھالدا گىپى بولىۋاتقان ئۇقۇمدىن زور سەكرەپ ئىلگىرلەپ يەنە بىر يەرگە بېرىۋىلىپ گەپ قىلىدىغىنىڭىزنى سەزمەيسىز.داجىپ كېتىۋاتقېنىڭىزنى،تېيىشىۋاتقانلىغىڭىزنى تېخىمۇ سەزمەيسىز شۇنداق قىلىپ سىز بىلەن بىر يەردە ئۇچراشقىلى بولمايدۇ.بۇ ئىشىڭىز قاچان تۇگەيدۇ؟ ئاكا جاسارىتىڭىزگە،ئېرادىڭىزگە بارىكاللا.گېپىم قوپال كەتكەن بولسا كۇچۇرىۋىتەرسىز.

Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
4
UID
26955
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 20:31:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھورمەتلىك قاسىم مۇئەللىم سىزنىڭ سۇئاللىرىڭىزغا  (سىزنىڭ يازغان ئىنكاسىڭىزنى ئەينەن كۇچۇرۇپ ئېلىپ كەلدىم كەچۇرگەيسىز) توۋەندىكىچە جاۋاپ بىرىشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.
1.سىزيورۇقلۇق تىزلىگىدىن يىتەرلىك چوڭ بولغان تىزلىكنى كىرگۆزۆش ئارقىلىق«غەيرى نۇقتا»دىمۇ سىممىتىرىكلىكنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىغىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغانلىغىغا ئىشىنەمسىز؟.
جاۋاپ : كاينات تورىغا يوللىغان يازمامدىكى پوتىنسىئال تىزلىك مۇناسىۋىتى توغرا بولسا (تەكىتلەپ ئۇتۇشۇم زۇرۇركى مەزكۇر مۇناسىۋەت ئارقىلىق تار مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيەسىدىكى تىزلىك بىلەن كەڭ مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيەسىدىكى ماكان زامان ئەگرىلىكى (مەيدان پوتىنسىئالى) ئوزئارا سىمىتىرىك مۇناسىۋەتكە ئىگە قىلىنغان)ئۇھالدا تىزلىك ، زىچلىق چەكسىز چوڭ بولمايدۇ ، ماكان زامانمۇ چەكسىز ئىگىلمەيدۇ. ئەگەر يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن چوڭ بولغان تىزلىك بولسا ، ئۇھالدا سىمىتىرىكىلىكنى قانائەتلەندۇرۇش ئۇچۇن ماس ھالدا ماكان زاماننىڭ كەڭ مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيەسىدىن تاشقىرى ئىگىلىش بۇلۇشى كېرەك ، بونداق بولغىنىدا يەنىلا سىمىتىرىكىلىك ساقلىنىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ ، ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئېيىنىشنىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسى شۇنداقلا شىۋاشىنگىر يىشىملىرىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا توغرا كىلىدۇ.......
2.يەنە بىر مەسىلە ھىككىس زەرىچىسىنىڭ زىچلىغىدىن10ھەسسە يۇقۇرى زىچلىققا ئىگە غۇۋا ماددا بايقالدى .سىزچە بولغاندا بۇنداق يۇقۇرى زىچلىقتىكى زەررىچىنىڭ بايقىلىشى نىسبىلىك نەزەريىسىگە نىسبەتەن نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟.
جاۋاپ: تەڭرىنىڭ زەررىچىسى زىچلىقى ھازىرچە نەزەرىيەۋى زىچلىق .
نىسبىيلىك نەزەرىيەسى يول قويغان دائىرىدىكى زىچلىقتىن ھالقىغان زىچلىقنىڭ مەيلى ھازىر ياكى كەلگۇسىدە بايقىلىشى نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىنىڭمۇ ماس كىلىدىغان دائىرىسىنىڭ بارلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ، ئۇھالدا يىڭىدىن  پەۋقۇلئاددە تۇۋەن تىزلىك ، توۋەن زىچلىق ، توۋەن ئېغىرلىك كۇچى شارائىتىدا نىيوتوننىڭ نەزەرىيەسىگە ، يۇرۇقلۇق تىزلىكىگە يېقىنلاشقان  ياكى يۇقۇرى زىچلىق، يۇقۇرى مەيدان كۇچنىشلىكى(كەسكىنرەك ئېيتقاندا ماكان زامان ئەگرىلىكى) شارائىتىدا نىسبىيلىك نەزەرىيەسىگە قايتىدىغان بىر نەەزەرىيە تۇرغۇزۇپ  چىقىشقا توغرا كىلىدۇ . مەن دولىتىمىزدىن شۇنداقلا  مىللىتىمىزدىن مۇشۇ نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قۇيىدىغان ئادەمنىڭ چىقىشىنى تولىمۇ ئۇمۇت قىلىمەن.
3.ماسسىسى فۇتۇندىن كىچىك بولغان،لىكىن زىچلىغى فۇتۇندىن يۇقۇرى بولغان زەررىچىلەرنىڭ تىزلىگى يەنىلا يورۇقلۇق تىزلىگىدىن ئاشمامدۇ ياكى ئىشىپ كىتەمدۇ؟.
مەزكۇر مەسلە تىگى تەكتىدىن ئېيتقاندا تەسىر كۇچ مەسلىسى ، شۇڭا ،بۇ مەسلىگە ھازىرچە بىرىدىغان جاۋابىمىز  شۇكى شۇ زەررىچە قاتنىشىدىغان تەسىر تىزلىكنى بەلگىلەيدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 04:05, Processed in 0.085656 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991