ئىگىسى: ق.سىدىق

قاسىم سىدىق :كىم جاۋاپ بىرەلەيدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
525
تۆھپە
260
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 19:12:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە فىزىكىلىق مەسىلىلەرنى پەقەت فىزىكا مىتودىلوگىيىسى ئىچىدە تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلغاندا، ئاندىن ئۇنىڭدىن توغرا يەكۈنگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ۋاھالەنكى، فىزىكىلىق مىتود يەنە ماتېماتىكىلىق مىتود بىلەن تەجرىبە مىتودىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بىز فىزىكىدا ھەرقانداق بىر ماددى نوختىنى ماسسا ۋە ئېنىرگىيىگە ئىگە بولغان ھەركەتتىكى نوختا دەپ قارايمىىز، ئەمما بۇيەردە دىيىلگەن«نوختا» يەنىلا ماتېماتىكىلىق مەنىگە ئىگە. چۈنكى نوختا ئۇقۇمى يەنىلا ماتېماتىكىلىق ئۇقۇم . ماتېماتىكا نوختىسىدا تۇرۇپ قارىغاندا، نوختا- ھەجىم ۋە شەكىلدىن مۇستەسنا بولىدۇ، ئەگەر ئوبيكىتنىڭ ھەجىمى ۋە شەكىلنى ئويلاشساق، ئۇ ھالدا ئۇ «نوختا» بولماي قالىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇڭا سىز ئېيتقان«غەلىتە نوختا»مۇ ئوخشاشلا ئەشۇخىل ھەجىمى بىلەن شەكلىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان نوختىدۇر. مانا بۇ سىز باش قاتتۇرىۋاتقان «غەلىتە نوختا» مەسىلىسىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 05:09:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Almas999 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-9 19:12
مېنىڭچە فىزىكىلىق مەسىلىلەرنى پەقەت فىزىكا مىتودىلوگ ...

توغرا ئىتىسىز،ئەنئەنىمىزدە شۇنداق.مىتوت نۇقتىسىدىن ئىتقاندا مەيلى ماتىماتىكىدا(گىئومىتىرىيەدە)بولسۇن،مەيلى فىزىكىدا بولسۇن«نۇقتا،«ماددى نۇقتا»قاتارلىقلارنىڭ ھەجىمى ئويلۇشۇلمىغان.لىكىن بۇ «نۇقتا»نىڭ ھەقىقەتەنمۇ ھەجىمى ۋە شەكلى بولمايدىغانلىغىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.ماھىيەتتە مۇئەييەن ھەجىم ۋە شەكلى بولمىغان «نۇقتا»مەۋجۈت ئەمەس.مىنىڭچە بارلىق گىئومىتىريىلىك شەكىللەرنى نۇقتىلار توپلىمى،بارلىق «ماددى نۇقتا»لارنى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەر توپلىمى دىيىشكە بولۇپلا قالماي پاكىتنىڭ ئۈزىمۇ شۇ.
مەسىلەن يەرشارىنى ماددى نۇقتا دەپ قاراپ ئۇنىڭ ئوربىتا بويلاپ قىلغان ھەركىتىنى چۈشەندۈرگەندە ئۇنىڭ ھەجىمى بىلەن شەكلى ئويلۇشۇلمىسىمۇ بولىدۇ.لىكىن بۇ ھەرگىز يەر شارىنىڭ ھەجىمى ۋە شەكلى مەۋجۈت ئەمەس دىگەنلىك ئەمەس.بىر دانە ئىلىمىنتار زەررىچىگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق.گىئومىتىريىلىك مەنادىكى نۇقتىغىمۇ شۇنداق دەپ قاراشقا مەجبور بولىمىز.چۈنكى ھەجىم ۋە شەكىلگە ئىگە گىئومىتىرىيىلىك شەكىللەرنى ھەرگىز ھەجىمى ۋە شەكلى بولمىغان «نۇقتا»لارئارقىلىق تەساۋۋۇرقىلالمايمىز، مەيدانغا كەلتۈرەلمەيمىز،چۈشەندۆرەلمەيمىز.باشقىچە ئىتقاندا، ھەجىمى ۋە شەكلى ئويلۇشۇلمىغان نۇقتا مەۋجۈت،لىكىن ھەجىم ۋە شەكلى بولمىغان نۇقتا ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس.

مىنىڭچە،  «نۇقتا»نىڭ ئېنىقلىمىسىنى قايتا ئويلۇشۇشىشىمىز،ئۇقۇم دائىرىسىنى كىڭەيتىشىمىز كىرەك.

فىزىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا «غەيرى نۇقتا» ـــ ئىنىرگىيەۋە زىچلىق غايەت چوڭ،ھەجىم غايەت كىچىك «نۇقتا»بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇ فىزىكىلىق مەناغا ئىگە نۇقتا.چۈنكى «زىچلىق»،«ئىنىرگىيە»قاتارلىقلار فىزىكا ئۇقۇملىرى، «ھەجىم»بولسا ئونۋىرىسال ئۇقۇمدۇر.ئەمدى بىز بۇ يەردە ئىنىرگىيە كۋانتى بولمىش«فۇتون»دىن ئىنىرگىيىنىڭ زەررىچىلىك خاراكتىگە ئىگە ئىگە ئىكەنلىگىنى بىلگەنلىگىمىزنى ئەسكە ئالساق«غەيرى نۇقتا»نىڭ زەررىچىلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە ئىكەنلىگىنى ئەقلىمىز قوبۇل قىلالايدۇ.بۇ يەردە بىزگە ئاۋارىچىلىق تىپىپ بىرىدىغىنى پىلانىك ئۈلچەملىرىدىن ئىبارەت.يەنى پىلانىك ئۆلچەملىرى ئارقىلىق غەيرى نۇقتانى چۈشەندۈرگىلى بولمايۋاتىدۇ.ئاممىباپ ئىتقاندا تارازا چوڭ،مال كىچىك بولۇپ قىلىۋاتىدۇ،ھازىر بىز دۇچ كەلگەن تەبىئەت دۇنياسىدىكى مىكرۇ رىياللىق پىلانىك«تارازىسى»ۋەياكى ھەرقانداق بىر فىزىكىلىق «تارازا»دامۇناسىپ شىكالا بولمىغانلىغى ئۈچۈن تارىتقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كىچىكلىگىنى ئاشكارىلىماقتا.
ھەرنىمە دىگەن بىلەن،پىلانىك ئۆزىمۇ بۇ ئۆلچەملەردىنمۇ مىكرۇ بولغان فىزىكىلىق رىياللىقلارنىڭ مەۋجۈت بولۇش ئىھتىماللىغىنى چەتكە قاقمىغان ئىكەن.«غەيرى نۇقتا»پىلانىكنىڭ خاتا پەرەز قىلمىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.ئەمدى بىزگە قالغىنى ئۆلچەمنى مىكرۇلاشتۇرۇش.شەكىل نەزەريىسىدە بىز مۇشۇ ئوبىكتىپ پاكىت ۋە قىيىنچىلىقلارنى كۇزدە تۇتۇپkkmئۇلچىمى دىيىلمىش بىر ئۆلچەمنى تەشەببۇس قىلغان ئىدۇق.«كائىنات»تورىدىكى«فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىنىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنۆلۆشى»سەرلەۋھەلىك ماقالەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئۆچۆرلار بار.تەنقىدى نەزەرىڭىزدىن ئۆتكۆزەرسىز.
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي.سەھۋە-خاتالىقلار كۆرسىتىپ بىرىلسە بۇ ماڭا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات ھىساپلىنىدۇ،ئەلۋەتتە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-10 06:15  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
525
تۆھپە
260
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 09:45:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ ، سىز «......ماھىيەتتە مۇئەييەن ھەجىم ۋە شەكلى بولمىغان «نۇقتا»مەۋجۈت ئەمەس.مىنىڭچە بارلىق گىئومىتىريىلىك شەكىللەرنى نۇقتىلار توپلىمى،بارلىق «ماددى نۇقتا»لارنى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەر توپلىمى دىيىشكە بولۇپلا قالماي پاكىتنىڭ ئۈزىمۇ شۇ.» دىگەن يەردە، مەن سىز بىلەن فىزىكىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرالمايدىكەنمەن.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 10:11:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Almas999 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-10 09:45
كەچۈرۈڭ ، سىز «......ماھىيەتتە مۇئەييەن ھەجىم ۋە شەكلى بو ...

ئەنئەنىۋى ئادىتىمىز ئەلۋەتتە بۇنداق قاراشقا يول قۇيمايدۇ.«غەيرى نۇقتا»نى فىزىكىلىق مەناغا ئىگە قىلىش ۋە ساقلىنىش قانۇنلىرىنى بۇيەردىمۇ ئورۇنلۇق دەپ تەسۋىرلەش ،چۈشۈنۈش ئۈچۈن مەن مۇشۇنداق قاراش كىرەك دەپ تەشەببۇس قىلىمەن.بۇ قارىشىمدا پىرىنسىپال خاتالىق بار دەپ قارىغان بولسىڭىز ئۇچۇق-يورۇقلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇۋىرىڭ.مەن قوبۇل قىلالايمەن.ھىچ بولمىغاندا مەن قەيەردىن كەتكۆزۆپ قويغانلىغىمنى بىلىۋىلىشىم مۆمكىن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-10 10:41  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 11:28:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.................نۇقتا0ئۆلچەملىك ئوبىكىت،ئادەتتەگىئومىتىرىيە،فىزىكا،ۋىكتۇر،گىرافىك ۋەباشقا ساھەلەردىكى ئەڭ ئاساسى تەركىۋى بۆلەك.نۇقتىدىن سىزىق،سىزىقتىن يۆزشەكىللىنىدۇ،.......نۇقتىنى يەنە ئىككى ئۆلچەملىلىك ئەڭ كىچىك يۆز،ئۈچ ئۆلچەملىك ئەڭ كىچىك ھەجىم دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.
«بەيدۇ بەيكى»دىن ئىلىندى.

يۇقۇرقى ئۈزۈندىدىكى قاراشلارغا قارشى پىكىر بولمىسلا مىنىڭ «غەيرى نۇقتا»نى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەر توپلىمى دەپ قارىۋىلىشىمداچوڭ مەسىلە بولمىسا كىرەك دەپ ئويلايمەن.چۈنكى فىزىكا نۇقتىسىدىن ئىتقاندا پەقەت ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلا «ئەڭ كىچىك»دىگەن شەرىتنى قانائەتلەندۆرەلەيدۇ.«غەيرى نۇقتا»ئۇنداق ئەمەس،ئۇنى سەھرايى تىل بىلەن خىلىلا «يوغان»نەرسە دەپ ئىپادىلەشكە بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-10 11:42  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 11:38:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىدىيىلىرىمنى چۈشۈنۈشتە پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن:


ھەجىملىك ساقلىنىش - يىڭى مەنزىرىلەر

قاسىم سىدىق


1



شەكىل نەزەريىسىدە ھەركەت ۋە ھەركەت مىقدارىنى ئۈچ ئۈلچەملىك-ھەجىملىك رىياللىق سۆپىتىدە بىلىش ۋە تەسۋىرلەش تەشەببۇس قىلىنغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇۋەتتىكى بۇلۇڭلۇق ۋە سىزىقلىق تەسۋىرلەشىنىڭ رولى،ئەھمىيتىمۇ ئىنكار قىلىنمىغان.تۆۋەندە مەن ھەركەتنى ئۈچ ئۈلچەملىك (مىتىر كۇپ)رىياللىق سۈپىتىدە بىلىش ۋە تەسۋىرلەشنىڭ زۆرۆرىلىگى ھەققىدىكى ئاساسلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

1.ھەر قانداق ھەركەت سۇبىكتى(ھەركەت قىلغۇچى جىسىم،زەررىچە) ئۈچ ئۈلچەمگە،ھەجىمگە ئىگە بولغان بولىدۇ.ئىنسانىيەت ھازىرغىچە پەقەت بىر ياكى ئىككى ئۆلچەمگە ئىگە بولغان جىسىم،زەررىچە بىلەن ئۇچراشقىنى يوق.
2.زەررىچە ۋەجىسىملارنىڭ ماكاندا قالدۇرغان ئىزى ،تىرايىكتۇرىيىسى يەنىلا ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ.ھازىرغىچە يىتىپ كەلگەن پەن پەقەت ئۇنىڭ بىرلا ئۆلچىمىنى نەزەرگە ئالدى،خالاس.
3.تەبىئەت پەنلىرىنىڭ تۈپ مەقسىدى ئوبىكتىپ چىنلىقنى ئەينەن بىلىش ۋە ئىپادىلەش ،بۇ بىلىشلەر ئاساسىدا ئىنسانىيەتنىڭ ھەرتەرەپلىمە تەرەققىياتىغا خىزمەت قىلىش.
4.ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا ساقلىنىش قانۇنلىرى پۆتكۆل فىزىكىنىڭ ئۇمۇرىتقىسى.شەكىل نەزەريىسىدە ساقلىنىش قانۇنلىرىدىكى بارلىق مىقدارلار ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە ــــــــ «ئېن»لارغا تەقسىملەنگەن دەپ قارىلىدۇ.ساقلىنىش قانۇنلىرىنىڭ شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك بايانى ھەجىملىك ساقلىنىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .يەنى ھەجىملىك ماسسا-ئىنىرگىيە،ھەجىملىك ھەركەت مىقدارى،ھەجىملىك زەرەت مىقدارى قاتارلىقلارئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر تۇراقلىق سان بولۇپ،ئۇلار ساقلىنىدۇ.

2



يۇقۇرقىچە ئىدىيە نۇقسىدا تۇرۇپ تەبىئەت دۇنياسىغا قايتا نەزەر سالساق بەزى يىڭى مەنزىرىلەرگە ئىرىشىمىز.ئۇلار كەم دىگەندىمۇ تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1.ئېينىشتىيېننىڭ «ماكان»چۈشەنچىسى ۋە «ماكان ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى»دىگەن ئىدىيىسى خىرىسقا يولۇقىدۇ.يەنى ماددا(ماسسا-ئىنىرگىيە)نىڭ ھەجىمى تۇراقلىق مىقدار بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇنى«سوزۇلىدۇ»دىيىشنىڭ ئاساسى يوق.ئەگەر ماددا«سوزۇلسا» ئادەتتىكى قاراش بۇيىچە تەبىئى ھالدا زىچلىق كىمىيىدۇ.دىمەك«سوزۇلمىغان»غا باراۋەر.ئۈز-ئۈزىدىن مەلۈم بولۇپ تۇرۇپتىكى  بۇ يەردىكى ئارتۇق ھەجىم نىيوتۇنچە ماكان - يوقلۇقنىڭ ھەجىمى.ئەگەر ھەقىقەتەن «سوزۇلسا»زىچلىق كىمەيمىگەن بولاتتى.
2.«ھەجىملىك ساقلىنىش»(مۇتلەق ھەجمنىڭ ساقلىنىشى)ئىتىراپ قىلىنغان ئەھۋا ئاستىدا  بىز تىزلىكنىمۇ«ھەجىملىك تىزلىك»دەپ تەسۋىرلەيدىغان يىڭى قورالغا ئىرىشىمىز.بۇ ھالدا ئېينىشتىيېننى خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغان «باش جىنايەتكار»نىڭ ئەينى ۋاقتتا ئېينىشتىيېىگە ئۈزىنى كۈرسەتمىگەن«ھەجىملىك تىزلىك»ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.ئېينىشتىيېننىڭ ئۇقۇم فۇندىدا «ھەجىملىك تىزلىك»دىگەن ئۇقۇم پەيدا بولغان ۋە يادىرۇلۇق ئۇرۇنغا ئۈتكەن بولسا ئۇ ھەرگىز «ماكان ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى»دەپ يازمىغان بولاتتى.يەنى ئېينىشتىيېنچە ماكاننىڭ كىڭىيىپ تارىيىشى «ھەجىملىك تىزلىك »ۋە ماددىنىڭ كونكىرىت ھەركەت شەكلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىغىنى كۆرۆپ يەتكەن بولاتتى.
3.«مۇتلەق ھەجىم»ۋە«ھەجىملىك تىزلىك» ئۇقۇملىرى قوبۇل قىلىنغان ئالدىقى شەرىت ئاستىدا «كىۋانىت داۋالغۇشى»قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشنىڭ يىڭى قورالىغا ئىرىشىمىز.بۇيەردە بىر ياكى بىر قانچە زەررىچىنىڭ(كىۋانىتنىڭ)كىچىك بىر ئەمىلى دىيامىتىرنى بۇيلاپ بىر ئەمىلى تىزلىكتە بىر مەركەزنى ئايلىنىپ ياكى بۇ مەركەز ئۈپچۈرىسىدە «تەۋرەپ» ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.بۇ مەنزىرىنى ««مۇتلەق ھەجىم»،«كۆرۆنمە ھەجىم»ۋە«قاپلاش»ئۇقۇمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرى ئارقىلىق تولىمۇ گۈزەل تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولىدۇ دىگەن ئۈمىتتىمەن.
4.پۇتكۈل كىۋانىت دۇنياسىغا «مۇتلق ھەجىم»ۋە«ھەجىملىك ساقلىنىش»نۇقتىسىدا تۇرۇپ نەزەر سالساق يىڭى مەنزىرىلەر كۆزئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.سىممىتىرىيىلىك،كىۋانىتلىق قاتارلىقلار «مۇتلەق ھەجىم»ۋە«ھەجىملىك ساقلىنىش»قۇرالىغا ئىرىشكەندىن كىيىن تىخمۇ چىن ۋە مۇكەممەل تەسۋىرگە ئىرىشىدۇ دەپ قارايمەن.
5.«ھەجىملىك ساقلىنىش»بىزگە ئاتاقىلىدىغان يىڭى مەنزىرىلەربىپايان، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل.بۇ ئۇقۇم تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ھەممە ساھەسىگە دىگۆدەك تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىر-بىرلەپ بايان قىلىش مۈشكۈل ۋە ھازىرچە ھاجەتسىز.نۈۋەتتە مۇھىمنىڭ موھىمى مۇشۇ ئۇقۇمنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش-تۇرالماسلىغىنى تەكشۆرۆپ كۆرۆش.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

قاسىم سىدىق: مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە
قاسىم سىدىق:«كۆرۇنمە ھەجىم»،  «قاپلاش» ۋە مەسىلىلەر

2012.3.31


يەنە قۇشۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىك نۇقتىلار:

«كۆرۆنمە ھەجىم»نى پەيدا قىلىدىغان تۈپ ئامىل «مۆتلەق ھەجىم»نىڭ ھەركەت شەكلى ۋە تىزلىگى.يەنى مۆتلەق ھەجىمنىڭ سىزىقلىق ھەركىتى 0 بولسا(مۆمكىن بولمىسىمۇ شۇنداق پەرەز قىلىپ تۇرايلى) «كۆرۆنمە ھەجىم»شەكىللەنمەيدۇ.يەنى مۇستەقىل،ئىلىمىنتار ھالەتلا مەۋجۇت بولىدۇ.بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا زىچلىغى تۈۋەنلەپ بىرىۋاتقان سىستىما - سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى ئىشىپ بىرىۋاتقان سىستىما،زىچلىغى يۇقۇرلاپ بىرىۋاتقان سىستىما - بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى ئىشىپ بىرىۋاتقان سىستىما بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.ھەر ئىككى ئەھۋالدا بىز 41-تىئورمىدا دىيىلگىنىدەك  ئومۇمى ھەركەت مىقدارىنىڭ تۇراقلىق بولىدىغانلىغىغا ھۆكۆم قىلالايمىز.«ھەجىملىك ساقلىنىش»ئىدىيىسى بىزگە تىخمۇ رۇشەن ھالدا بۇ خىل ئىمكانىيەتنى بىرىدۇ.لىكىن بۇ ھەرگىز «كۆرۆنمە ھەجىمنىڭ مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ»دىگەنلىك ئەمەس.«غەيرى نۇقتا»دەك مۇشۇنداق لىمىت چەككە يەتكەن بىر پەيىتكە نىسبەتەنلا كۆرۆنمە ھەجىمنىڭ مىقدارى تۇراقلىق دەپ ئىتىشقا بولىدۇ.«ئالەمنىڭ كىڭىيىشى»نىڭ يەنە بىر لىمىت چىكى بار دەپ قارىساق مۇشۇ«پەيىت»نىڭ ئۆزىمۇ بىر «كىڭيىش تۇراقلىغى»لا ھىساپلىنىدۇ.بۇ يەردە ئېنىق بولۇشقا تىگىشلىك بولغان نۇقتا مۇشۇ«پەيىت»نىڭ چامىسىدىن ئىبارەت.كۆرۆنمە ھەجىمگە نىسبەتەن ئىتقاندا قالغان پۈتكۈل جەريانلار ئۆگىرىشچاندۇر.

زىچلىغى«ئەڭ چوڭ»ۋە«ئەڭ كىچىك» دەيدىغان مۇشۇنداق بىرتەسۋىرنى بىز ئادەتتەئاتالمىش «ماددا ھالەتلىرى»نىڭ ھەرقاندىغىغا قوللىنىمىز.پەقەت«ئېن»دىن باشقا ھەر قانداق فىزىكىلىق ۋە كوسمۇلوگىيىلىك رىيالىققا نىسبەتەن بۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان بىلىش ۋە ئىپادىلەش شەكلى.مەيلى ماكرۇ ياكى مىكرۇ نۇقتىدىن ئىتايلى ،مەيلى كونكىرىت جىسىم ياكى بىر پۈتۈن فىزىكىلىق ئالەم نۇقتىسىدىن ئىتايلى ھەممىسىنىڭ چوڭ ۋە كىچىكلىكتىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپلۇق لىمىت چىكى بار.

ــــــــــــ قاسىم سىدىق
2012.1.16






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-10 11:38  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 14:01:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2012-9-9 13:56
مىنىڭ قارىشىمچە تارتىش كۇچى چەكسىز چوڭ بولمايدۇ ، يەنى ...

بۇ پىكىرىڭىز مىنىڭ قولىقىمغا خۇش ياقتى. تەپسىلىرەك بايان قىلىپ بېقىڭا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-10 14:02  

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
27092
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 17:54:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم قاسىم سىدىق ئاكا،سىزدەك بىر مىللەتدېشىمنىڭ بولغىنىدىن مەن ئىنتايىن خۇش بولدۇم،مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قولايمەن،سىز بۇ ئالەمنى بۇنداق چۈشەنگەن يەردە چوقۇم سىزنىڭ بۈلىدىغىنىڭىز بەك كۆپ،سىزدىن ئىككى سوئال سوراپ باققۇم كەلدى،
1.ئنسانلار تارىخى يېزىلىپ بولغانمۇ؟
2.سىز دەۋاتقان دەسلەپكى چوڭ پارتىلاش ئىنسانلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 20:42:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umarali1986 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-10 17:54
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم قاسىم سىدىق ئاكا،سىزدەك بىر مىللەتد ...

ۋەئەلەيكۆم ئەسسالام.
1.تارىخ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
2.تەبىئەت پەنلىرى ۋاستىلىق مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايدۇ.

Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
4
UID
26955
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 21:27:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2012-9-10 14:01
بۇ پىكىرىڭىز مىنىڭ قولىقىمغا خۇش ياقتى. تەپسىلىرەك با ...

بىزنىڭ قارىشىمىزغا ئاساسلانغاندا ، ئالەملىك تارتىشىش كۇچى چەكسىز چوڭ بولمايدۇ ، يەنى ماكان- زامان بوشلۇقى چەكسىز ئىگىلمەيدۇ ، زىچلىقنىڭمۇ چىكى بار .
بۇيەردىكى مەسلىنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى تار مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيەسىدىكى ئاساسى پىرىنسىپلار توغرا بۇلۇشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا تار مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيەسى بىلەن كەڭ مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيەسىدىكى بىر قىسىم سىمىتىرىكلىكلەر ساقلىنىشى كېرەك ، بىراق غەيرى نوقتىدا بۇخىل سىمىتىرىكلىك بۇزۇلىدۇ.
سىمىتىرىكلىك نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا غەيرى نوقتا -مىنىڭ ھازىرقى قارىشىمغا ئاساسلانغاندا (تەپسىلى ھىساپلاش ئېلىپ بارغاندا ئاندىن يەكۇننى چىقارغىلى بۇلىدۇ)-مەۋجۇتلۇقتىن قېلىشى كېرەك ، ئەگەر راستىنلا غەيرى نوقتا مەۋجۇت بولسا نىسبىيلىك نەزەرىيەسىدىكى مەسلىلەرنى قايتىدن ئويلىنىشقا توغرا كىلىشى مۇمكىن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 04:08, Processed in 0.068819 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991