ئىگىسى: ق.سىدىق

قاسىم سىدىق :كىم جاۋاپ بىرەلەيدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 02:24:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Almas999 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-7 01:55
بۇ سۇئالدىكى جاۋاپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان مەسىلە-كەڭ نىس ...

رەھمەت،مىنىڭ بۇ مەسىلىدە توغراياكى خاتا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر خاس قارىشىم بار.مەن كۆپچىلىكنىڭ كۇز قارىشىنى بىلىپ باقماقچى.36-قەۋەتتىكى ئۇلىنىشتىكى ماقالىنىڭ ئاستىدىكى «پايدىلىنىش ماتىرياللىرى»ۋە«كائىنات»تىكى ئالاقىدار تېمىلارنى كۇرسىڭىز مىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى چۈشىنەلەيسىز.ئىلمى تەنقىدى پىكىرلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.مۇھاكىمە،تەكلىپ،تەۋىسيەلىرىڭىزدىن ئۈمىتۋارمەن.

ھە،راسىت،مەن ئاساسەن ئۆز نەزەريەمنىڭ ئۇقۇم-ئىدىيە سىستىمىسىنى ئۇتتۇرىغا قويدۇم.مىنىڭ ئىدىيىلىرىم بولسا ئۆزەمگە ئۇخشاشلا ئاددى.گەپ مۇشۇ ئۇقۇم-ئىدىيەلەرنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش -تۇرالماسلىغىدا.شۇڭا ھازىرقى باسقۇچتا بۇ ئۇقۇم-ئىدىيە سىتىمىسى ئۆزىنىڭ تەنقىتكە بەرداشلىق بىرىش كۆچىنى سىناپ كۆرۆشكە مۇھتاج.قىممەتلىك ۋاقىت،مۇرەسسەسىز ئىلمى تەپەككۆرىڭزلارنى قۇربان قىلىش ئارقىلىقلا بۇ باسقۇچنى مۇۋەپىقىيەتلىك بىسىپ ئۈتكىلى بولىدۇ.بىر پۆتۆن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە شەكىل نەزەريىسىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم-ئىدىيە سىستىمىسىدا ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنىڭ بار ياكى يۇقلىغىنى خالىس ۋە ئادىل مەۋقەدە تۇرۇپ دەلىللەپ كۆرسىتىپ بىرىشنى خالايدىغان كىشىلەر ھامان چىقىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-7 02:50  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 20:42:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قېنى كىم ئىشلىيەلەيدۇ؟


ـــــــــ «غەيرى نۇقتا»نىڭ ھەجىمى قانچىلىك؟



قاسىم سىدىق



«غەيرى نۇقتا» ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسى ۋە نۇقۇل ماتىماتىكىلىق ھىساپلاشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ.ئۇنىڭ ھەجىمى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كىچىك دەپ پەرەز قىلىنىدۇ.ھازىر ئۇ پەقەت ماتىماتىكىلىق ئىدىيە سۆپىتىدىكى رىياللىق.نۆۋەتتىكى فىزىكا ئۇنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ،بارلىق فىزىكا قانۇنلىرى «غەيرى نۇقتا»دا ئەھمىيىتىنى يوقۇتىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

شەكىل نەزەريىسىدە مۇئەييەن ماسسا مۇئەييەن ھەجىمگە ئىگە،كىرىتىك زىچلىقتىن ئالەمدىكى ئومۇمى ماسسا -ئىنىرگىيەنىڭ مۇتلەق تۇراقلىق بولغان ھەجىمىنى كەلتۆرۆپ چىقارغىلى بولىدۇ دەپ تەشەببۇس قىلىنىدۇ.ماسسا-ئىنىرگىيىنىڭ ئومۇمى مىقدارى بىلەن،زىچلىقنىڭ كىرىتىك چىكى بۇ ھىساپتىكى مۇھىم شەرىت.

بىز «غەيرى نۇقتا»مۇ ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە -«ئېن»لاردىن تۆزۆلىدۇ دەپ قارىساق،«غەيرى نۇقتا»نىڭ ھەجىمى ئۆستىدە قايتا ئويلىشىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.يەنى،ئىلىمىنتار زەررىچىلەرنىڭ شەكلى شار شەكلىدىن باشقا شەكىللەردە بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ئىلىمىنتار زەررىچىلەرنىڭ شەكلىنىڭ «غەيرى نۇقىتا»نىڭ ھەجىمىنى بەلگىلەش ۋە «غەيرى نۇقتا»نىڭ ئىچكى ھەركىتىگە بولغان تەسىرى قانداق؟ مانا بۇ  ـــــ بىزنىڭ بۇ تېما ئاستىدا مۇھاكىمە ئىلىپ بارىدىغان مەركىزى نۇقتا.
ئەگەر« غەيرى نۇقتا»ئۆز ئوقىدا تىنمسىز ئايلىنىۋاتقان ۋە ئىنتايىن مىكرۇ تەۋرىنىشكە ئىگە ھەقىقى مەنىدىكى شارسىمان  ئىلىمىنتار زەررىچە«ئېن»لاردىن تۆزۆلگەن دەپ قارالسا ئۇنىڭ ھەجىمىنىڭ نەزەريىۋى ھىساپلاشنىڭ مەھسولى بولغان ھەجىمىدىن ئەڭ كەم دىگەندىمۇ ئىككى ھەسسە چوڭ بولىدۇ.سەۋەپ بىز ئۇخشاش رادىيۇسقا ئىگە شارلارنى بىر-بىرىگە ئۇرۇندۇرۇپ تىزىپ ئۇلارنىڭ 13دانىسىدىن يەنە بىر دانە ھاسىلى شار ياساپ كۆردۇق.قۇربانجان سەمەت بۇ ھاسلى شارلار ئارىسىدىكى بوشلۇقنىڭ ئەسلى شارلار ھەجىمىدىن 2ھەسسە چوڭ بولىدىغانلىغىنى ھىساپلاپ چىققان.
ھالبۇكى «غەيرى نۇقتا» ئىنتايىن قىسقا بىر پەيىتلىك جەريان بولۇپ ئىنلارنىڭ ئۆز ئارا سوقۇلىشىدىن ئالەم كىڭىيىش سەپىرىنى باشلايدۇ.بىر قىتىملىق دەۋرى ئالەم تارىخىغا نىسبەتەن ئىتقاندا «غەيرى نۇقتا»نىڭ ۋاقىت جەھەتتىن تىلغا ئالغىدەك ئەھمىيىتى يوق.لىكىن ئۇ ئالەمدىكى ھەقىقى مەندىكى ماددىنىڭ ھەجىمىنى بىكىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەن «ئېن»لارنى بىر -بىرىگە ئۇرۇندۇرۇپ تىزسا ئىچكى بوشلۇق قالدۇرمايدىغان شەكللەردىكى(مەسىلەن: كۇپ) زەررىچە دەپ قارىمايمەن.چۈنكى بۇ ھالدا ھەجىم تىخىمۇ كىچىك بولغان بىلەن،«غەيرى نۇقتا»دىكى ئىچكى ھەركەت ۋە «ئالەمنىڭ چۇڭ پارتىلىشى»نى بۇنداق تىزىلىش ۋە بۇنداق شەكىللەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش،تەساۋۋۇر قىلىش  قىيىن.«غەيرى نۇقتا»نى فىزىكىلىق مەناغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە ،يەنى ئۇ شار شەكىللىك زەررىچىلەردىن تۆزۈلگەن دەپ قاراش كىرەك.شۇنىڭ بىلەن بىرگە «غەيرى نۇقتا»كەم دىگەندىمۇ ئالەمدىكى ماسسا-ئىنىرگىيەنىڭ مۇتلەق ھەجىمىنىڭ 2ھەسسىدىن چوڭ دەپ پەرەز قىلىش كىرەك.

2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۆنى پىروتۇن زىچلىغىدىن 1000ھەسسە يۇقۇرى بولغان زىچلىققا ئىگە غۇۋا ماددىنىڭ بايقالغانلىغى ھەققىدىكى خەۋەر بىرىلدى.بۇ زىچلىق «غەيرى نۇقتا»نىڭ ھەجىمىنى پەرەزقىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئالدى بىلەن خالىغانلار 10نىڭ 51-دەرىجىسى كىلوگىرام دەپ قارىلىپ كەلگەن،ئالەمدىكى نسبىتى 4پىرسەنىت بولغان   ئادەتتىكى ماددىلار بىلەن ئالەمدىكى نىسبىتى 96پىرسەنىت بولغان غۇۋا مادداۋە غۇۋا ئىنىرگىيىنىڭ ھەجىمىنى يۇقۇرقى زىچلىق ئاساسىدا ھىساپلاپ كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بىقىڭ ۋە بۇ ھەجىمنى ئالەمدىكى ئومۇمى ماسسا-ئىنىرگىيىنىڭ ھەجىمى دەپ قاراڭ.

ئىككىنجى قەدەمدە يۇقۇرقى كىلىپ چىققان ھەجىمدىن ھازىرقى فىزىكىدا مەۋجۆتلىگى ئىسپاتلانغان ماسسىسى ئەڭ كىچىك زەررىچىدىن (مەسىلەن: نىتىرۇنۇ)قانچە دانە زەررىچە كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدىغانلىغىنى ھىساپلاپ چىقىڭ.بۇيەردە ئالەمدىكى ئومۇمى «ئېن»سانىغا ئىرىشىسىز.

ئۆچىنجى قەدەمدە بۇ شار شەكىللىك زەررىچىلەرنى بىر-بىرىگە ئۇرۇندۇرۇپ ھەممىسىنى بىرلا شار شەكلىدەياكى كوپ شەكلىدەتىزىپ(پەرەز قىلىپ) ئومۇمى ھەجىمىنى ھىساپلاپ چىقىڭ.مانا بۇ ۋاقىت (ئۆمۆر) جەھەتتىن تىلغا ئىلىشقا ئەرزىمەيدىغان قىممەتكە ئىگە بولغان «غەيرى نۇقتا»نىڭ ھەجىمى.

ئەڭ ئاسان يول ئالەمدىكى ماسسا-ئىنىرگىيىنىڭ ئومۇمى ھەجىمىنى ئىككىگە كۆپەيىتسىڭىز «غەيرى نۇقتا»نىڭ ھەجىمىگە ئىرىشىسىز.

دىمەك «غەيرى نۇقتا»ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە - «ئېن»لاردىن تۈزۈلگەن دەپ قارسىڭىزلا «غەيرى نۇقتا»نىڭ ئەمىلى ھەجىمى ھازىرقى ھەرقانداق نەزەريىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان(غەيرى نۇقتىنىڭ ھازىر نەزەريىۋى جەھەتتىن كەلتۆرۆپ چىقىرىلغان ھەجىمىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ھەجىمىدىن چوڭ بولىدۇ.

خالىغانلار ئىشلەپ باقساق،چۈشەنمەسلىكلەر بولسا ئىنكاس شەكلىدە پىكىر ئالماشتۇرساق بولىدۇ.
قېنى كىم ئىشلىيەلەيدۇ؟

2012.9.7 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-7 21:44  

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1484
تۆھپە
1144
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 21:58:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەپەككۇرلار  پەقەت مۇشۇ بىرلا ئالەم.قالغان ئونسەكىزمىڭ ئالەمنى ئىنسانلار تىخى ھىس قىلىپ يىتەلمىدى.

قانداق نان قىپى مىنىڭ ئىنكاسىمنى ئۇچۇرگەن.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1293
تۆھپە
873
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 20:56:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قارا ئۆڭكۈر ھەققىدىكى بىلىمنى ئازراق بىلىدىكەنمەن، لېكىن غەيرى نۇقتىنى بىلمەيدىكەنمەن، بولسا مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىرەك ئۇچۇر بەرسىڭىز بوپتىكەن.....

Rank: 8Rank: 8

تىللا
3348
تۆھپە
943
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 23:16:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 6Rank: 6

تىللا
525
تۆھپە
260
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 02:00:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمجان ئىنىم، تولىمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنسىز. سىزگىمۇ مەلۇم، فىزىكىدا ھەرقانداق بىر يېڭى ئۇقۇم، قانۇن ياكى نەزەرىيە دەسلەپتە سىزگە ئوخشاش تەپەككۇرى ئۆتكۈر ئوت يۈرەك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزچىل جاپالىق ئېلىپ بارغان چوڭقۇر ھەم سېستىمىلىق تەتقىقاتى داۋامىدا ئوتتۇرغا  قويۇلىدۇ ياكى كەشىپ قىلىنىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، سىز دەۋاتقان«غەيرى نوختا»-چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئالىملارنىڭ تەسەۋۇرىدىكى چوڭ پارتلاشتىن ئىلگىرىكى نوختىغۇ-دەيمەن. ئەگەرسىز دەۋاتقان«غەيرى نوختا» ئەشۇ نوختا بولسا، ئۇ ھالدا بۇ نوختىغا مۇجەسسەملەنگەن ئېنېرگىيە ۋە ماسسا چەكسىز چوڭ، ئەمما ھەجمى چەكسىز كىچىك بولغان«غەلىتە نوختا» بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئاندىن خاۋكېڭ ئوتتۇرغا قۇيغان «چوڭ پارتلاش»نى تەسەۋۇر قىلىغىلى بولىدۇ.
      مېنىڭ خەت ئۇرۇش سۈرئىتىم تولىمۇ ئاستا بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ نەرسە يېزىپ بولالمىدىم.كەچۈرۈڭ، ھازىرچە مۇشىنچىلىك يېزىپ تۇراي.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 10:43:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Almas999 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-9 02:00
قاسىمجان ئىنىم، تولىمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنسىز. سىزگىمۇ مەل ...

رەھمەت سىزگە،دەل شۇنداق.مەن ئەشۇ چوڭ پارتىلاشتىن ئىلگىرىكى «غەيرى نۇقتا»نى ھەجىمگە ئىگە،ئۇ ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتارزەررىچىلەر توپلىمى دەپ قارايمەن.يەنى مۇئەييەن ماسسا- ئىنىرگيە مۇئەييەن ھەجىمگە ،شەكىلگەئىگە دىگەن مۇشۇ قاراش پۇت تىرەپ تۇرالىسىلا شۇنداق قاراشقا بولىدۇ .«چوڭ پارتىلاش»غايەت زۇر تىزلىكتە ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان ھەقىقى مەنىدىكى ئىلمىنتار زەررىچىلەرنىڭ ئۇز ئارا سۇقۇلىشىدىن مەيدانغا كەلگەن.مۇشۇنداق بىر لوگىكىلىق ئىدىيە پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ-يوق؟.پىكىرىڭىزنى ئاڭلىغىم بار.

ھەراسىت،«ئىلمى ئامرىكىلىقلار»ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 1-سانىدا«غەيرى نۇقتا فىزىكا قانۇنلىرىنى بەربات قىلدى»دىگەن بىر تېما بار ئىكەن.بۇ تېمىدا«ئەگەر غەيرى نۇقتا مەۋجۆت بولسا ئۇ ئىچىگە ئالغان مەنە بەكمۇ چوڭ بولىدۇ،ئۇ بەلكىم فىزىكىنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىۋتىشى مۆمكىن»،«بارلىق پەنلەر چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالغان فىزىكىلىق جەريانلار ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان»دەپ يېزىپتۇ.مىنىڭچە غەيرى نۇقتا ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەر توپلىمى دەپ قارالسلا ئۇنىڭغا فىزىكىلىق مەنا ئاتا قىلغىلى، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
زۆرۆرى يىڭى ئۇقۇملارنى كىرگۆزمەي تۇرۇپ بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش مۆمكىن ئەمەس.

پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن:



مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە

قاسىم سىدىق


  كىلاسسىك فىزىكا ۋە بۈگۈنكى دەۋىردىكى بارلىق فىزىكا نەزەرىيىلىرى ئىچىدە مىنىڭ بىلىشىمچە «ماددا (ماسسا ئېنىرگىيە) مۇتلەق تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە » دەيدىغان بۇنداق ئىدىيە ۋە ئۈقۈم يوق. مەن «فىزىكىلىق شەكىل»نى يادىرۇ قىلغان تەپەككۇر جەريانىدىن مۇقەررەرھالدا يۇقارقىچە ئىدىيىگە ئىرىشتىم. مەندىن باشقا كىملا بولمىسۇن مىنىڭ مىتۇدىمنى قوللانسا ئوخشاش نەتىجىگە ئىرىشەتتى دەپ قارايمەن. مىنىڭ بۇخىل ئىدىينى تەشەببۇس قىلىشىم ۋە ئۇنىڭغا ئىرىشىشىمگە، ئاساسىي جەھەتتىن فىزىكىدىكى «زىچلىق» ئۈقۈمى بىلەن«ھەقىقى مەندىكى ئېلمنتار زەررىچىلەر مەۋجۇت» دەيدىغان ئىدىيىۋى ئىقىم سەۋەپ بولغان.


تەپەككۇر جەريانىم تۆۋەندىكىچە:


1-  فىزىكىدىكى «زىچىلىق» ئۇقۇمىدىن مەن بىرخىل «كىرتىك زىچلىق» پەرىزىگە ئىرىشتىم.  نۆۋەتتە ئىنسانىيەت تەجىرىبەئارقىلىق ئىرىشكەن ئەڭ يۇقىرى زىچلىق- ئاتوم يادروىسىنىڭ زىچىلىقى بولۇپ،ياپۇنيىلىكلەر بۇنىڭدىن 10 ھەسسە يۇقىرى زىچلىققا تەجىرىبە ئارقىلىق ئىرىشكەنلىگىنى خەۋەر قىلىشتى①.ئارخىمىد «لەيلىتىش كۈچى قانۇنى»نى بايقىغاندىن تارتىپ ياپۇنيىلىكلەرنىڭ يادرو زىچلىغىدىن 10 ھەسسە چوڭ زىچلىققا ئىرىشكەنلىگىدىن ئىبارەت ئۇزۇن تارىخى جەرياننى بىر يۆنۇلۇش كۆرسەتكۇچى دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنىڭ ئۇچى ھامان بىر «كرىتىك زىچلىق»قا ئىنتىلىپ كەلمەكتە.

«قارا ئۆڭكۈرنىڭ كىرىتىك زىچلىقى»، «غەيرى نوقتا» قاتارلىقلار گەرچە نوقۇل نەزەرىيىۋى مەسىلە دىيىلگەن تەغدىردىمۇ،  ئوخشاشلا «كرىتىك زىچلىق» پەرىزىگە ئىلىپ كىلىدۇ. بۇ يەردىكى تەپەككۈر جەريانىدا ھامان ساقلىنىش قانۇنلىرى بولۇپمۇ،ماسسا-ئېنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنى مەركىزى ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنى، شەكىل نەزەرىيسىنىڭ بارلىق پەرەزلىرى، بارلىق تەپەككۈر يۆنىلىشلىرى «ساقلىنىش قانۇنلىرى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق» دېگەن بۇ پىرىنسىپال نوقتىنى مەركەز قىلىدۇ.

2-  «ھەقىقى مەندىكى ئېلمنتار زەررىچىلەرمەۋجۇت»دېگەن بۇ مەۋقەنىڭ تارىخى يېلتىزىمۇ قەدىمكى يونان پەيلاسۇپلىرىدىن لئوكېپپوس ۋە دىموكىرتلارنىڭ تەلىماتلىرىغا بىرىپ چىتىلىدۇ. نۆۋەتتە ھىككىس زەررىچىسى (پەرۋەردىگار زەررىچىسى)نى ئىزلەش قىزغىنلىقى ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقى مەندىكى ئېلمنتار زەررىچىلەرنى تىپىش تارىخىدىكى كۈچ ئۇلاپ يۇگرەش مۇساپىسىنىڭ دەۋرىمىزدىكى مەنتىقى راۋاجىدىن ئىبارەت. مۇبادا ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتارزەررىچىلەر مەۋجۇت دەپ پەرەز قىلىنمىسا «فىزىكىلىق ئالەم»②نى تولۇق ئىپادىلىگىنى بولمايدۇ-دە. فىزىكا «ماددا چەكسىز پارچىلىنىدۇ»دەيدىغان بۇنداق ماتېماتىكا ئويۇنىنىڭ دەخلى-تەرەزىسى سەۋەبلىك چوڭ ئاساسىدىن ئايرىلىپ، مەڭگۇ تاماملانمايدۇ. دېمەك، «ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچىلەر مەۋجۇت» دەپ قاراش شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئۇزۇل –كېسىل شۇنداقلا پىرىنسىپال مەۋقەسى.

«مۇتلەق ھەجىم» زادى قانداق رىئاللىق، «مۇتلەق ھەجىم» ماھىيەتتە «فىزىكىلىق ئالەم»نى شەكىللەندۇرگەن، ھەقىقى مەندىكى ئېلمنتار زەررىچە - «ئىيىن»لارنىڭ گىئومىتىرىيىلىك ھەجىمىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. «ئىيىن»لارنىڭ ئىچكى تۈزۈلۇشىگە ئىگە بولمىغان،مۇتلەق قاتتىق، ئەڭ كىچىك زەررىچە ئىكەنلىگى ھەققىدە مەن ئالاقىدار ماقاللىرىمداتوختولۇپ ئۆتكەن③. بۇ يەردىكى«قاتتىق» دېگەن سۆزنى كىلاسسىك مەنىدە «كۈچ» ئۇقۇمىغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشقائەسلا بولمايدۇ. «قاتتىق»نىڭ شەكىل نەزەرىيەسى خاراكتېرىلىك مەناسى شۇكى، بۇ دېگەنلىك، ئۇنى ھەرگىز پارچىلىغىلا بولمايلا قالماي، ئۆزىمۇ ئەسلا پارچىلانمايدۇ، شۇنداقلائۇنىڭغا يەنە بىر زەررىچىنى سىغداپ كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇ يەردە«ئىيىن» ئوبېكتىپ چىنلىق سۇپىتىدە مەۋجۇت دەپ قاراش نوقۇل ھالدا شۇنداق بىر«فىزىكىلىق ئالەم»نىڭ «كىسىكى» بولغان «ئەڭ كىچىك» زەررىچىنىڭ مەۋجۇتلىگى ھەققىدىكى تەشەببۇس مەسىلىسىلا ئەمەس بەلكى ئۇ يەنە تەتقىقات ۋە تەپەككۈر مىتودى مەسىلىسىدۇر. باشقىچە ئېيتقاندا «ئىيىن» مېكرۇدىن ماكرۇغا قاراپ يۈزلەنگەن تەپەككۈر ۋە تەتقىقاتنىڭ چىقىش نوقتىسى ۋە ئۇل ئاساسىدىن ئىبارەت.

«مۇتلەق ھەجىم» ۋە ياكى «ئېلمنتار زەررىچە» مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭغاكىلاسسىك مەنىدىكى «زىچلىق» ئۇقۇمىنى تەدبىقلاشقا بولمايدۇ. سەۋەپ «مۇتلەق ھەجىم»دېگەن بۇ ئىدىيە پەقەت ئۆز ھەجىمى بىلەن باپ-بارەۋەر بولغان ماكاننى پۇتۇنلەي تولۇق قاپلىغان ماددا (ماسسا ئېنىرگىيە) بولغاچقا بۇ يەردە «زىچلىق» ئۈقۈمى ئەھمىيەتسىز. يەنى «مۇتلەق ھەجىم»نوقتىسىدىن قارىغاندا ئاللىقانداقتۇر «ماددا-سانىنىڭ ئاز كۆپلىكى» مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، مەن بۇ ھەقتە ئىلگىركى بىر ماقالەمدە توختولۇپ ئۆتكەن④.

بۇيەردە قىستۇرۇپ ئۆتۇشكە تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، «ئىنىرگىيە» كىلاسسىك مەنىدىكى ئۆلچەم -پارامىتېر بولماي ، ئېنيىشتېيننىڭ مەشھۇر فۇرمۇلىسىدا كۆرسىتىلگەندەك، ماددىنىڭ (ماسسىا-ئېنىرگىيەنىڭ)يەنە بىرخىل شەكلى ھىسابلانسا، ئۇ ھالدا،«ئېنرگىيە»ئوخشاشلا «مۇتلەق ھەجىم»گە يىغىنچاقلىنىدۇ. يەنى «ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە ئىيىن» بىلەن «ئېنىرگىيە»نىڭ ئەڭ كىچىك كۋانتى (بۇ بىر پەرەز) بىرخىل رىئاللىقنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى بولۇپ قالىدۇ. «ئېنىرگىيە»، «غۇۋا ئېنىرگىيە»، «غۇۋا ماددا»،«ئانتى ماددا» قاتارلىقلارنىڭ تارىخى تەقدىرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر شەكىل نەزەرىيىسىگە پىرىنسىپال قىيىنىچلىق كەلتۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. پەقەت «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ رادىئۇسىدىلا ئۆزگىرىش يۈز بىرىدۇ، خالاس!

  ئالاھىدە تەكىتلەشكە تىگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى؛«مۇتلەق ھەجىم» ئىدىيىسى، نۆۋەتتىكى پەلسەپە ۋە نەزەرىيىۋى فىزىكىغا نىسبەتەن «قارىشى ئىلىنمايدىغان مىھمان»دىن ئىبارەت. ئېنيىشتېيىن سەۋەبىدىن نوپۇزلۇق ئورۇنغا چىققان«ماكان- ماددىنىڭ كىڭىيىشچانلىقى» دېگەن بۇ ئىدىيە نۆۋەتتە فىزىكا بۇياقتا تۇرسۇن،يېڭى ئىدىيەلەرگە بەكمۇ پاسسىپ، مەلۇم مەنىدە كونسىرۋاتىپ، تەرەققىيات قەدىمى تولىمۇ ئاستا ھىسابلىنىدىغان پەلسەپەدىمۇ ھۆكۈمران ئىدىيەگە ئايلاندى. دەل مۇشۇ ھۆكۈمران ئىدىيە ئاتالمىش «ئوبېكتىپ زامان» بىلەن بىرلىكتە، بۈگۈنكى دەۋىر پەلسەپەسى،نەزەرىيىۋى فىزىكىسى، ئالەمشۇناسلىقنىڭ ئىچكى زىدىيەتلىرى ۋە ئۆز-ئارا زىدىيەتلىرىنى شەكىللەندۇرۇپ، خىلمۇ –خىل قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.بۈگۈنكى دەۋىر تەبىئىي پەنلىرى  مەلۇم مەنىدە يۇقۇرقى ھۆكۈمران ئىدىيەنىڭ (ئاتالمىش «ئوبېكىتپ زامان» مۇشۇنىڭ ئىچىدە)ئىمپىرىيەسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

  شۇنچە ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك ئىمپىرىيە ئالدىدا شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ «مۇتلەق ھەجىم» ئىدىيىسى شۇنچە يىگانە، شۇنچە «بىچارە».كۆرۈنۇشى مۇمكىن.

لىكىن ئۇ شۇنچە يىڭى ۋە ھاياتى كۈچكە شۇنچە باي،دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى تۆۋەندىكىدەك ناھايتى ئاددى سوئال –جاۋاپلاردىن ئۇزۇق ۋە ئىلھام ئالغان:

__ ھەجىمگە ئىگە بولمىغان ماددا (ماسسا –ئېنىرگىيە)مەۋجۇتمۇ؟

__ياق، مەۋجۇت ئەمەس.

__سىز كۆرۇۋاتقان جىسىملارنىڭ ھەجىمى پۇتۇنلەي ماددىنىڭ ھەجىمىمۇ؟

__ياق، ئۇنداق ئەمەس.

__ئۇنداقتا، كۆرۇۋاتقانلىرىڭىز نىمە؟

__ماددا بىلەن ماكان (نىيۇتۇنچە ھەقىقىي بوشلۇق -«يوقلۇق»)نىڭ ئارلاشما گەۋدىسى.

«مۇتلەق ھەجىم» ئىدىيىسى پەقەت «ھەجىمى بولمىغان ماددا (ماسسا –ئېنىرگىيە)» ۋە «ھەجىمى بولمىغان ھەركەت سوبېكتى» قاتارلىقلار «كەشىپ» قىلىنغاندىلا ئاندىن نۆۋەتتىكى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ماكان-زامان ئىدىيىسىنىڭ بۇ كاتتا ئىمپىرىيىسى ئالدىدا ئاق بايراق چىقىرىش مۇمكىن. ئۇنداق بولمىغىنىدا، بۇ ئىدىيە تەدىرىجى ھالدا بىر تەۋەككۇلچى شۇنداقلا «ئاسى» قوشۇننى شەكىللەندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېڭى ئىمپىرىيىسىنى يارتىدۇ.

ئەمدى يۇقارقى ئۈزۈلۈپ قالغان دىئالۇگنىڭ داۋامى تۆۋەندىكىچە يىزىلىدۇ:

__ئۇنداقتا، سىز كۆرۇۋاتقان بۇ «ھەجىم»نى نىمە دەپ ئاتايمىز؟

__«كۆرۇنمە ھەجىم».

__«كۆرۇنمە ھەجىم» بىلەن «مۇتلەق ھەجىم» نىڭ رادىئوسى ئوخشاش بولامدۇ؟

__ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، مۇتلەق ھەجىمنىڭ رادىئوسى ھەر قاچان كۆرۇنمە ھەجىمنىڭ رادىئوسدىن كىچىك بولىدۇ.

__ئارتۇق ھەجىم نەدىن كىلىپ قالدى؟

__«كۆرۇنمە ھەجىم» بولسا «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى تىزلىكى ۋە ھەركەت شەكلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

__تەپسىلىرەك سۆزلەپ باقامسىز؟

__مەن بۇ نوقتىدا «كۆرۇنمە ھەجىم ۋە قاپلاش»دېگەن تېمىدا پات پۇرسەتتە ئايرىم توختىلىمەن.



2010-يىلى 12-ئاينىڭ19-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-9 13:35  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 11:21:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
努尔艾力江 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-8 20:56
مەن قارا ئۆڭكۈر ھەققىدىكى بىلىمنى ئازراق بىلىدىكەنمەن ...

بۇ ئولىنىشنى كۇرۆڭ:
http://baike.baidu.com/view/19519.htm

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
228
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 13:34:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن:



«كۆرۇنمە ھەجىم»،  «قاپلاش» ۋە مەسىلىلەر


قاسىم سىدىق


1


  بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا يولۇقتۇرغان، كۆرگەن جىسىملارنىڭ خىلمۇ-خىل «شەكىل»گە ۋە «ھەجىم»گە ئىگە بولدىغانلىقىنى، ئۇلار پەقەت«شەكىل» ۋە «ھەجىم»گە ئىگە بولدىغانلقى ئۇچۇنلا بىز ئۇلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىمىزۋە ئۇلارنى تۇتۇپ پايدىلىنالايدىغىنىمىز ئەقەللىي ساۋات.

بىز يەنە ئوخشاش «ھەجىم»دىكى، خىمىيىلىك تەركىبى ئوخشىمايدىغان جىسىملارنىڭ «ئېغىرلىقى»نىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، باشقىچە ئېيىتقاندا ئوخشاشلابىر كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قوغۇشۇن بىلەن ئاليۇمىننىڭ ھەجىمى بىر-بىرى بىلەن زادىلا بىردەك بولمايدىغانلىقىنى. بىر كىلوگىرام قوغۇشۇننىڭ ھەجىمى كىچىك، بىركىلوگىرام ئاليۇمىننىڭ ھەجىمى چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز.

كۆرۇۋىلىشقا بولىدۇكى؛ «زىچلىق» تىن ئىبارەت بۇ كىلاسسىك ئۇقۇم بىزگە بىز كۆرۇۋاتقان جىسىملارنىڭ ھەجىمىنىڭ مۇتلەق مەنىدە ماددا ئۆزىنىڭ ساپ ھەجىمى دېگەن مەنانى بەرمەيدۇ. سەۋەب، كىلاسسىك فىزىكىدىكى «زىچلىق» ئۇقۇمى «بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى ماددا سانىنىڭ ئاز كۆپلىكى»نى كۆرسىتىدىغان ئۈقۈم ، بۇ يەردىكى «بىرلىك ھەجىم» نىيۇتۇنچە ھەقىقىي بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ. دىمەك، بىز كۆرۇۋاتقان جىسىملار ۋە ھەتتا ئاتالمىش «كىلاسسىك» مەندىكى ئېلمىنىتار زەررىچىلەرنىڭ ھەجىمى مۇتلەق مەنىدىكى «ساپ ماددا»نىڭ ئۆز ھەجىمى بولماي، بەلكى ماددا (ماسسا-ئېنىرگىيە) بىلەن نيۇتۇنچە ماكاننىڭ ئارلاشما گەۋدىسىدىن ئىبارەت. فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدە، ماددا بىلەن نىيۇتۇنچە ماكاننىڭ ئارلاشما گەۋدىسى بولغان مانا مۇشۇنداق ئوبېكتىپ رىئاللىق «كۆرۇنمە ھەجىم»دەپ ئاتىلىدۇ. ۋە يۇقارقى ئىككى شەرتنىڭ بىرسى كەم بولۇپ قالسا (ماددا ۋە نىيۇتۇنچە ماكان) بۇ خىل رىئاللىقنى «كۆرۇنمە ھەجىم» دەپ ئاتاشقا ئەسلا بولمايدۇ.

ئىنسانىيەت ھازىرغىچەبىلىپ يەتكەن دۇنيا-مەيلى ماكرۇ ۋە مېكرۇ نوقتىدىن بولسۇن ھەممىسى «كۆرۇنمە ھەجىم»دۇنياسىدۇر. نۆۋەتتىكى ئاتالمىش «ئېلمنتار زەررىچە»لەردىن تارتىپ، نوقۇل نەزەريىۋى مودىل ھىسابلىنىدىغان ئالەمشۇناسلىقتىكى «غەيرى نوقتا»لارمۇ يەنىلا «كۆرۇنمەھەجىم»دىن ئىبارەت.

مەن «مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە»دېگەن ماقالەمدە «كۆرۇنمە ھەجىم»نىڭ مۇتلەق ھەجىمىنىڭ تېزلىگى ۋە ھەركەت شەكلى تەرىپىدىن شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم①.بۇخىل رىئاللىقنى تەسۋىرلەش ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەكىل نەزەرىيىسىگە«قاپلاش»دېگەن ئۈقۇم كىرگۈزۇلگەن. «قاپلاش» ئۈقۇمى ھەققىدە مەن ئالاقىدارماقالەمدە قىسقىچە توختولۇپ ئۆتكەن②.


2


بۇ ئۈقۇملارنىڭ بىر-بىرى بولغان ئالاقىسىنى ۋە بۇ ئۇقۇملارنىڭ نۆۋەتتىكى فىزىكا ھەم ئالەمشۇناسلىققا نىسبەتەن يېڭى مەسىلە ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكىچە ئوخشۇتۇپ سىلىشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق چۇشەندۇرۇشكە تىرىشىمەن.

بىز تۆت كىۋادىرات مېتىرلىق بىر ئېغىز ئۆي بار دەپ پەرەز قىلايلى، بۇ ئۆي ئىچىدە تۆت نەپەر ئادەم بولسۇن، بۇ تۆت كىۋادىرات مېتىرلىق ئۆينى بىز كىلاسسىك مەنىدىكى «بىرلىك ھەجىم»گە، تۆت ئادەمنى «ماددا سانى»غا ۋەكىللىك قىلىدۇ دىسەك، ئۆي بىلەن تۆت ئادەمنىڭ بىرپۈتۈنلىگى «كۆرۇنمە ھەجىم»دىن ئىبارەت. «ئادەم» بىلەن «ئۆي» ئايرىم-ئايرىم ھالدا تىنىمسىز ھەركەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان «مۇتلەق ھەجىم» ۋە مۇتلەق تىنىچ تۇرۇۋاتقان نىيۇتۇنچە «بىرلىك ماكان – بىرلىك ھەجىم»گە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئەمدى كۆرۇۋىلىشقا بولىدۇكى؛«مۇتلەق ھەجىم»نىڭ تىزلىكى بىلەن «ماكان»نىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى«قاپلىنىش»نىسبىتى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. تىزلىك قانچە يۇقىرى بولسا، قاپلىنىش قىممىتى ۋە كۆلىمى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

بۇ يەردە پەقەت ئىككى خىل پەرەز كېلىپ چىقىدۇ:


1-مۇتلەق ھەجىم ھەرقانداق پەيىتتە ئۆز ھەجىمى بىلەن باراۋەر بولغان ماكاننى تولۇق قاپلىغان بولىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ھەجىمى ئۆز نۆۋىتىدە ھەرقانداق پەيىتتە ئۆزى تۇرغان ماكاننىڭ كونكىرىت مىقدارى ۋە ئۆلچىمى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.


2- «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ ئۆز گەۋدىسىدىن ھالقىغان ماكاننى قاپلاش نىسبىتى ۋاقىت، تىزلىك بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ . «قاپلاش»نىڭ قىممىتى بىزنىڭ قانداق «ۋاقىت» ئۆلچىمىنى قوللانغىنىمىزغامۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

زامان مەۋجۇت ۋەياكى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىلىشىدىن، جىسىم ۋە زەررىچىنىڭ سىزىقلىق ھەركەت قىلىش ۋە قىلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر 1-پەرەز ھەرقانداق پەيىتتىكى رىئاللىق بولۇپ قالىدۇ .يىتەرلىك ماكرۇ «ۋاقىت» بىرلىگىنى تۇرغۇزساق 2-پەرەزمۇ ئوخشاشلا قانائەتلىنىدۇ.

بۇ يەردە بىز«قاپلاش»نىڭ كەم دىگەندىمۇ ئىككى «بالا ئۈقۇم»ىغا ئىرىشىمىز. ئۇنىڭ بىرى: «تولۇق قاپلاش« ۋە ياكى «نوقتىۋى قاپلاش». يەنە بىرى: «تولۇق بولمىغان قاپلاش» ۋە ياكى «سىزىقلىق قاپلاش»دىن ئىبارەت. يۇقىردا تىلغا ئىلىنغان تۆت ئادەمنىڭ سىىزىقلىق ھەركىتى نۆل بولسا، بۇ تىپىك «نوقتىۋى قاپلاش»ۋە ياكى «تولۇق قاپلاش»تىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە بۇيەردە ئاتالغۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسىمۇ بار، لېكىن بۇ پىرىنسىپال مەسىلە ئەمەس.

«تولۇق قاپلاش» ۋەياكى «نوقتىۋى قاپلاش» بىزنىڭ قانداق ئۆلچەم بىرلىكى قوللىنىشىمىزدىن قەتئىنەزەر «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ ھەر قانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق. ھالبۇكى «تولۇق بولمىغان قاپلاش» ۋە ياكى «سىزىقلىق قاپلاش»نىڭ كونكىرىت قىممىتى «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ سىزىقلىق ھەركىتىدىن ئىبارەت ئالدىنىقى شەرىت قانائەتلەندۇرۇلگەن ئەھۋال ئاستىدابىزنىڭ قانداق ئۆلچەم قوللىنىلىشىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئىلىنىۋاتقان «ئۆلچەم» ئەلۋەتتە «زامان» (ۋاقىت) ئۆلچىمىدىن ئىبارەت. يەنى بۇيەردە، ھەركەت بىلەن جىملىق گويا بىر مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر«ۋاقىت» نۆل بولسا بۇ ھالدا سىزىقلىق ھەركەتمۇ نۆل بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، بۇ ھەرگىز«مۇتلەق ھەجىم» ۋە ئۇنىڭ بۇلۇڭلۇق ھەركتى نۆل بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس.  بۇ يەردە ماسسا-ئېنىرگىيە «مۇتلەق ھەجىم»سۇپىتىدەساقلىنىش بىلەن بىرگە ئومۇمىي ھەركەت مىقدارى ئوخشاشلا «بۇلۇڭلۇق ھەركەت»مىقدارىغا ئايلىنىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ. مانا بۇلارنى ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋەپەلسەپەسىدىكى ئىچكى زىدىيەتلەرنىڭ بىر قىسمى دەپ چۇشۇنىشكە بولىدۇ. بىز يۇقىردىكى مەسىلىدىن ۋاقىت بىلەن ھەركەتنى ئوبېكتىپ رەۋىشتە بىر –بىرىنىڭ شەرتى ۋەياكى بىرلامەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى دەپ قارىۋىلىشنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىمىز.

بىز بايام قالدۇرۇپ قويغان تۆت ئادەمنى (مۇتلەق ھەجىمنى) جىم تۇرماي، يورۇقلۇق تېزلىكىدە شۇ ئۆينىڭ ئىچىدە سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلايلى، بۇ ھالدا بۇ ئۆي ئىچى ئارىستۇتىل ۋە ئېينىشتېيىنلارنى «ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۈت ئەمەس»دېگەن خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغان رىئاللىققا ئايلىنىدۇ. يەنى بۇ ئۆي يىتەرلىك ماكرۇ ۋاقىت بىرلىكى ئىچىدە «ئادەم بىلەن لىق تولغان» بولىدۇ. ماھىيەتتە بۇ بىر خاتا سەزگۇ بولۇپ،ئوبېكىتپ زامان مەۋجۈت ئەمەس، زامان پەقەت تېزلىكنى تەسۋىرلەشتە زۆرۈر بولغان قورال دەپ پەرەز قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆينىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى بىلەن،تۆت ئادەمنىڭ (مۇتلەق ھەجىمنىڭ) گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى ئايرىم – ئايرىم ھالداتۇراقلىق ۋە مۇتلەق بولىدۇ.

يۇقىرىقى نۇقتىلارمەلۇم مەنىدە نۆۋەتتىكى نەزەرىيىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ھەل قىلىشىغا تېگشلىك مەسىلىلەرنى ئەسكەرتىدۇ.

"كۆرۈنمەھەجىم" ، "قاپلاش"، "مۇتلەق ھەجىم" قاتارلىقلار كۆرسىتىپ بەرگەن بۇ قىيىنچىلىقلار زامان-ماكان ۋە تېزلىكنىڭ لىمىت چەككە يەتكەن مۇتلەق ئېلمىنتار بىرلىكلىرىنى تەقەززا قىلىدۇ.

مەن بۇ تېمىغامۇناسىۋەتلىك كونكىرىت ئىزاھلار ئۈستىدە ئايرىم توختىلىمەن.

تورداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.


2010-يىل 12-ئاينىڭ31-كۈنى



فىزىكىلىق ئالەم



قاسىم سىدىق





كىلاسسىك ئىدىيىلەر «ئالەم»نى «بارلىق»، «ھەممە» دەپ چۇشۇنۇدۇ ۋە ئونى «ماددا»، شۇنداقلا «ماكان»دىن ئىبارەت بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرىقىلىنىدىغان ئىككى خىل ئوبىكتىپ رىئاللىقنىڭ بىر پۈتۈنلىگى دەپ قارايدۇ. فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىنىڭ «ئالەم» قارىشىمۇ ئېينشتيىندىن ئىلگرىكى (ئارستوتىلدىن باشقا) يۇقۇرقىچە ئالەم قارىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.

«ماددا» ۋە «ماكان»دىن ئىبارەت بۇ خىل ئىككى مەنبەنىڭ خۇسۇسيەتلىرىنى ئايرىم-ئايرىم تەسۋىرلىسەك، «ماددا» ئۆزى چەكلىك، ھەجىمى مۇتلەق بولغان ئوبىكتىپ رىئاللىق، ماكان بولسا ئومومىلىقتا چەكسىز، ھەربىر كونكىرتلىقتا چەكلىك، جىملىغى مۇتلەق بولغان ئوبىكتىپ رىئاللىقتىن ئىبارەت.

يۇقۇرقى تەشەببۇستىن شۇنداق نەتىجە كىلىپ چىقىدۇكى؛ بىز «ئالەم»دىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتكەندە نوقول «ماددا»دىن ئىبارەت بىر قاتلام (مەنبەنى)كۆزدە تۇتۇۋاتامدۇق ياكى ماددا ۋە ماكاندىن ئىبارەت بىر پۇتۇن ئالەمنى كۆزدە تۇتۇۋاتامدۇق؟- بۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە.

بۇ يەردە شۇنداق ئىتىشقا بولىدۇكى؛ ماددا ۋە ماكاندىن تۈزۈلگەن بىر پۇتۇن ئالەم چەكسىز ئالەم بولۇپ ئۇنى پەلسەپەۋى ئالەم دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. چۇنكى پەلسەپەنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى «ھەممە» بولۇپ كونكىرىت تەبىئەت پەنلىرى «ھەممە»نى تەتقىق قىلىپ ئولتورمايدۇ. ماكاننىڭ ئومومىيلىقتا (بىر پۈتۈنلۈكتە) چەكسىزلىگى بۇنداق پەلسەپەۋى ئالەمنىڭ چەكسىزلىگىنى بەلگىلىگەن.

كونكىرىت تەبىئەت پەنلىرى، جۇملىدىن فىزىكا ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقى ئۇچۇن ماددا بولمىغان ۋە ماددا ھەركىتىنىڭ يىتەرلىك ئىھتىياجدىن ھالقىغان «نوقۇل ماكان»نى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبىكىتى قىلمايدۇ. شۇڭا تەبىئەت پەنلىرى جۇملىدىن فىزىكا نەزىرىدىكى «ئالەم» ھامان چەكلىك بولىدۇ. ماددىنىڭ گىئومىتىريىلىك مىقدارىنىڭ چەكلىكلىگى بىلەن بۇ ماددىنى ئۆز قوينىغا ئالغان ماكاننىڭ ھەربىر كونكىرىتلىقتا چەكلىكلىگى «فىزىكىلىق ئالەم» (تەبىئەت ئالىمى) نىڭ چەكلىكلىگىنى بەلگىلىگەن. «فىزىكىلىق ئالەم» ئاتالغۇسى ۋە ئۇقۇمىنى تەشەببۇس قىلىشتىكى ئاساسى سەۋەبمۇ دەل مۇشۇ يەردە.

بىزگە مەلۇمكى كىۋانتلىق فىزىكىلىق ئالەمنىڭمۇ ئىككى مەنبەلىك بولىشىنى شەرىت قىلىدۇ. يەنى «كىۋانىت» پەقەت فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسى مەنىسىدىكى «ماكان» (يوقلۇق-ھەققىي بوشلۇق) شەرتى ئاستىدىلا ئاندىن رىئاللىققا ئاينىلالايدۇ.

فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ھامان چەكلىك بولىدۇ دىيىشىمىزدىكى سەۋەپ شۇكى، خالىغانچە يىراقلىقتا، قارمۇ-قارشى يونولۇشتە غايەت زور تىزلىكتە بىر –بىرىدىن يىراقلىشىپ كىتىۋاتقان ئىككى ماددى نوقتا بار دەپ پەرەز قىلساق ئۇلارنىڭ ئارلىغى ھامان چەكلىك بولىدۇ. بىز بۇ ئىككى ماددى نوقتىنىڭ ئارلىغىنى فىزىكىلىق ئالەمنىڭ رادىئوسى ۋە ياكى دىئامىتىرى دەپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا ئوخشاشلا فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىدىكى ئاق قەغەز مودىلى2-ۋە 3-رەسىمگە ئىرىشىمىز.

فىزىكىلىق ئالەم كىڭەيگەنچە زىچلىقنىڭ كىمىيىپ باردىغانلىقى، تارايغانچە زىچلىقنىڭ ئارتىپ باردىغانلىقى- فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيىتتە كىۋانتلىغى ۋە ئىككى مەنبەلىكلىگىنىڭ يىتەرلىك دەلىلى. دىمەك، چەكلىك فىزىكىلىق ئالەم ئوخشاشلا ئىككى مەنبەلىك ئالەمدۇر.

فىزىكىلىق ئالەم ئۈقۇمى تۇرغۇزۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا پەيلاسۇپ بىلەن فىزىك ئوتتورىسىدىكى مۇنازىرە ئاياغلاشمايدۇ. بۇ ئۇقۇم تۇرغۇزۇلغاندىن كىيىن ھەر ئىككەيلەن قانائەتلىنىدۇ.

ئەمدى قەپقالغىنى: ئالەمدىكى ماددىنىڭ (ماسسا –ئىنىرگىيە) مۇتلەق ھەجىمىنى نىمىلەرگە ئاساسەن بىكىتىش مەسىلىسى.

قارائۆڭكۇرنىڭ كىرتىك زىچلىغى ئاساسىدىكى مۇتلەق ھەجىم ئۇستىدە بىز دەسلەپكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. ئاتوم يادروىسىنىڭ زىچلىغى ئاساس قىلىنغان غۇۋا ماددا ۋە غۇۋا ئىنىرگىيمۇ ھىساپقا كىرگۇزۇلگەن (ئو مەۋجۇت دەپ قارالغان ئەھۋال ئاستىدا) ئالەمدىكى ماددىنىڭ مۇتلەق ھەجىمى ئۇستىدە ئىزدىنىش بىزنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمىتىمىز.

شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۇركى؛ فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسى غۇۋا ماددا ۋە غۇۋا ئىنىرگىيەنىڭ ئىھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ مىقداىنى ئۆزىگە خاس مەۋقەدە تۇرۇپ ئويلىشىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك بۇ نەزىرىيە «غەيرى نوقتا» دىن ئىبارەت مۇشۇنداق غەلىتە بىر رىئاللىقنىڭ ئىھتىماللىغىنى چەتكە قاقمايدۇ. ئونى ساقلىنىش قانونلىرى يەنىلا ئورۇنلۇق بولۇش شەرتى ئاستىدا بىر خىل مۇمكىنلىك دەپ قارايدۇ. ھەر ئىككى ئەھۋال ئاستىدا مۇتلەق ھەجىمنىڭ رادىئوسىدىلا ئۆزگىرىش بولىدۇكى، فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىگە پىرنسىپال قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. يۇقارقى ئاساسلارنى كۆزدە تۇتۇپ «فىزىكىلىق ئالەم» گە تۆۋەندىكىچە ئىنىقلىما بىرىشكە بولىدۇ:

فىزىكىلىق ئالەم ـــ چەكسىز ماكان (يوقلۇق) نى تاشقى چىگرا شەرتى قىلغان، ماددا (ماسسا- ئىنىرگىيە) ۋە ماكاندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبىكتىپ رىئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئۆلچەملىك، ئىككى مەنبەلىك چەكلىك مەۋجۇتلۇك.

فىزىكىلىق ئالەمنىڭ خۇسۇسيەتلىرى:

1. گىئومىتىرىيىلىك ھەجىمى ئۆزگۇرۇشچان بولىدۇ.

2. ئۆزگۇرۇشى دەۋرى بولىدۇ.

3. ھەرقانداق پەيىتتە ئىككى مەنبەلىك (قاتلاملىق) ھالتىدىن ئايرىلمايدۇ.


2010-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۇنى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-9 13:39  

Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
4
UID
26955
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 13:56:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ قارىشىمچە تارتىش كۇچى چەكسىز چوڭ بولمايدۇ ، يەنى تارتىش كۇچىنىڭ چىكى بار. بۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا زىچلىقنىڭ چىكى بارلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. زىچلىقى چەكسىز چوڭ بولغان نوقتا بولماسلىقى كېرەك ، ئەگەر شۇنداق بىر نوقتا بار بولسا نىسبىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ ماس كىلىدىغان دائىرىسىنى قايتا ويلىنىشقا توغرا كىلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 04:03, Processed in 0.098011 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991