راست ئىش ، مەن ئەيدىزكەنمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلا ر ۋە بارلىق ئەزىز ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىم . گەپنى نەدىن باشلاشنىمۇ بىلەلمەي قالدىم .كۆزۈمدە لىق ياش قوللىرىم تىترەيدۇ، ئىچ- ئىچىم تىترەيدۇ ،بولدى گەپنى بالىلىق دەۋرىمدىن باشلاي ، مەن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر ناھىيەسىدىكى ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 11ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا دادام تۈگەپ كەتتى ئانام بىچارە بىز ئالتە بالىنى شۇنداق جاپا- مۇشەققەتتە چوڭ قىلغان ئىدى ، كېيىن بالىلارنىڭ چوڭى ئاكام مەلۇم ئورۇندا ھۆكۈمەت مەمۇرىلىقىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىنلا ئانامنىڭ جاپاسى يىنىكلىدى ، ئاكام بىز گە ھەم ئاكا ھەم ئاتا بولۇپ بىزگە ئۈلگە بولۇپ (بىز دېگىنىم بىز خېلى كۆپ بالا مەخپىيەتلىك سەۋەبىدىن سانىنى ئېيىتمىدىم) بىزنىڭ ھەممە ئىشىمىزغا ئىگە بولۇپ ھالىمىز دىن خەۋەر ئېلىپ، ئۆيلۈك -ئوچاقلىق قىلدى، شۇ قاتاردا مەنمۇ بار ئىدىم . مەن ئىقتىساد سەۋەبىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئىدىم، شۇڭا ئاكام مەن 19ياشقا كىر گەن ۋاقتىمدىلا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى، ئاكام يەنە ماڭا كىرا قىلىپ پۇل تېپىپ تۇرمۇشىمنى قامدىشىم ئۈچۈن ئۈچ چاقلىق موتىسىكىلىت ئېلىپ بەرگەن ئىدى، شۇنداق قىلىپ تۇرمۇشىمىز بىر ئىزدا داۋام قىلىپ مېڭىۋاتاتتى، شۇ ئارىلىقتا مەن ئۆزۈم يىغقان پۇلغا شوپۇرلۇق پىراۋىسى بېجىرىۋالدىم ، ھايىت-ھۇيىت دېگۈچىلا مېنىڭ بىر -بىرىدىن ئوماق ئىككى قىزىم بولدى .ئاكاممۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا ناھايىتى مەسىتلىگى كېلەتتى، ئانامنىڭ تېخىمۇ شۇنداق ئىدى .شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە (نېمىسىنى دەي يۈرۈگۈم يېرىلىپ كېتىدىغان بولدى)ئاكام تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتتى ...
بولدى بۇ تەپسىلاتلارنى يازمايلا قوياي، شۇنداق قىلىپ بۇ ئائىلىنىڭ يۈكى مېنىڭ زىممەمگە چۈشتى، ئارىدىن 2يىل ئۆتتى .بۇ موتسىكىلىت كىرا كەشلىكى بىلەن ئائىلىنى قامداش مۇمكىن بولمىدى، شۇ ڭا ئانام ۋە ئايالىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۈرۈمچىگە چىقىپ بىر ئىش قىلماقچى بولدۇم، موتسىكىلىتمنى ساتتىم ۋە يىغىپ قويغان ئازراق پۇلۇمنى قوشۇپ، 5000كوينى يانچۇقۇمغا سېلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدىم ، نېمە ئىش قىلىشىمنى بىلەلمەي 10كۈنچە چۆگىلەپ يۈردۈم، ئاخىرى بىر شەخسىي شىركەتنىڭ ماشنىسىنى ئايدا مىڭ يۈەندىن بېرىدىغانغا كېلىشىپ ھەيدىدىم ھەمدە شۇ يەردە ئىشلىگەچ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاكسى ھەيدەش ئىجازەتنامىسىنى ئوقۇپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن ئۆزۈم بىر تاكسىنى ئىجارىگە (5000كوي زاكالەت قويۇپ )ئالدىم مانا ئەمدىلا مېنىڭ نېنىم پۈتۈن بولغان ئىدى ، ئايالىم، بالىلىرىمنىمۇ قېشىمغا ئەچىقىۋالدىم ، ئانامنىڭ قېشىدا باشقا قېرىنداشلىرىم بار ئىدى، ئانامغا ھەرئايدا مىڭ كوي ئەۋەتىپ تۇردۇم ، تۇرمۇشۇم تەرتىپلىك خۇشال ئىدى، كۆڭلۈمدە دۇنيادا مەندىن بەخىتلىك ئادەم يوق ئىدى ،شۇنداق قىلىپ ئارىدىن 2يىل ئۆتۈپ بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى قىيىنئانامنىڭ ئاغرىپ قېلىشى سەۋەپلىك ئايالىم بالىلىرىمنى ئېلىپ يۇرتقا كەتتى ۋە نەچچە كۈندىن كېيىن تېلېفون قىلىپ قىيىنئانامنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى، پۇل لازىملىقىنى ئېيتتى. دەرھال كارتىدىكى يەتتەمىڭ يۈەننىڭ ھەممسىنى ئالدىم ھەممسىنى سېلىۋەتمەكچى بولۇپ ئويلىنىپ توختاپ قالدىم، توختا ئىككى مىڭ كوينى ئېلىپ قالاي دەپ ئويلاپ بەشمىڭ كوينى ئايالىمغا سېلىۋەتتىم. پۇلنى ئېلىپ قېلىشىمدا باشقا سەۋەپمۇ يوق ئىدى، پەقەت كېيىنلىكنى ئويلاپلا ئېلىپ قالغان ئىدىم... ئەسلىدە ھەممىنى بۈگۈ ن يېزىۋەتمەكچى ئىدىم، كېسىلىم سەۋەپلىكمۇ ياكى نېمە سەۋەپ يېزىپ بولالماي قالدىم ئاخىرىنى ئىنكاس شەكلىدە ئەتە يوللايمەن .