ئىگىسى: BODEKSAKAL

راست ئىش ، مەن ئەيدىزكەنمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
46
تۆھپە
11
UID
25245
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 17:29:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ كۈنى كەچلىك ئىسمىنادا سائەت 9-10لار ئەتراپىدا ماشنىغا بىر قىز چىقتى ۋە 2- دوختۇرخانا ئالدىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، يىتىپ كەلدۇق ئۇ بىر ئۇيغۇر تىبابەت دورىسىنى ساتىدىغان دۇكانغا كىرىپ تېزلا يېنىپ چىقتى داۋەن تەرەپكە ماڭدۇق ئۇ كىچىككىنە سۇلياۋ خالتىدىن قاپقارا ، قارىماققا ئۇيغۇر دورىسىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى ئېلىپ سۇ بىلەن يېرىمىنى يەۋەتتى ،نېمىلىكىنى سورىسام مەجۈن دېدى .مەجۈننىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى  ئاڭلىغان كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن .نېمىشقا يەيدىغانلىقىنى سورىدىم .سىز يەپ باقمىغانما؟  بۇ دېگەن نېرۋىنى كۈچلەندۈرىدۇ . ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ .ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىدۇ، ياخشى نەرسە بۇ دەپ ماختاپ  كەتتى . دېمىسىمۇ شۇ كۈنى كۈندۈزدە بانكىغا بارىمەن پۇل ئالىمەن ،سالىمەن دەپ ئۇخلىيالمىغان بولغاچقا كەيپىياتىم ئىنتايىن تۆۋەن ۋە چارچاپلا تۇراتتىم،  قىزىقىپ قالدىم  قانچە پۇل بىرسى دەپ سورىدىم، 10كوي دېدى ئۇ يەپ باقاي دەمسىز ؟شۇنداق قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن .مەڭ ئەمىسە ماۋۇنى يەپ كۆرۈپ بېقىڭ .ھەي بۇ بۇنداق قىلسام قانداق بولا دېدىم خىجىل بولۇپ .ئېلىۋىرىڭ خاتىرجەم بولۇڭ كىرا پۇلىغا ھىساپلىمايمەن دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ .ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپلا يەۋەتتىم  داۋەنگىمۇ يىتىپ كەلدۇق. ئۇ ماڭا ئۇستام مۇشۇ يەردە 5مىنۇت ساقلاپ تۇرغان بولسىڭىز  كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ چىقىپ خەلق كىنوخانىسىغا باراتتىم دېدى ۋە بۇ 50كوي ياجىڭ تۇرۇپ تۇرسۇن دەپلا 50 يۈەننى تاشلاپ قويۇپ ماشنىدىن چۈشۈپ بىر تار كوچىغا كىرىپ كەتتى.  ئارىدىن 20مىنۇتلار ئۆتتى، پۇل ھېساپلاش سائىتىدە 23 يۈەن پۇل كۆرۈندى، ئەستا نېمانداق قىلىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ پەسكە چۈشتۈم  ۋە ياندىكى دۇكاندىن بىر بوتۇلكا  سۇ ئېلىپ  ماشنىغا قايتىپ چىقتىم ،سۇنىمۇ ئىچىپ بولدۇم يەنە يوق،  چۈشۈپ قاراپ باقماقچى بولدۇم،  ماشنىدىن چۈشۈپلا دەلدەڭشىپ تۇرالماي قالدىم،  بۇ نېمە ئىش ئەمدى، بېشىم قېيىۋاتاتتى،  ئاستىلا ماشىنىغا چىقىۋالدىم،  قورقۇپ كەتتىم مەن نېمە بولغاندىمەن  (.بولدى تەپسىلاتلار بەك ئۇزىراپ كەتتى قىسقارتاي )،،بىر ئازدىن  كېيىن ئۇ پەيدا بولدى،  ماڭايلى ئۇستام دېدى چىرايىمغا بىر قاراپ قويۇپ . مەن بېشىمنىڭ قېيىۋاتقانلىقىنى،  ماشىنا ھەيدىسەم بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا قاراپ ساپتىمەن، كۆزۈمگە شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى . ئەمسە قانداق قىلساق بولار دېدى ئۇ كۆزۈمگە مەنىلىك تىكىلىپ.  شۇنداق قىلىپ ئۇنى بۇنى دېيىشىپ  ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كېتىدىغان بولدۇق ،ئۇنىڭغا 300يۈەن بەرمەكچى بولدۇم . بۇ مېنىڭ تارىخىمدا تۇنجى قېتىم ۋە ئاخىرقى قېتىم  خاتا يولغا مېڭىشىم  ئىدى . بىراق بۇ تۇنجى قېتىملىق خاتا قەدەمنىڭ مېنىڭ ۋە ئائىلەمنىڭ  تەقدىرىنى ۋەيران قىلىدىغىنىنى بىلمەپتىمەن . بولمىسا شۇ كۈنى مەن گاندون  ئىشلەتكەن ئىدىم، بىراق تەلىيىمنىڭ كاجلىقى  ئۇ نەر سە يىرتىلىپ كەتتى . ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۆزۈمگە مىڭ لەنەتلەرنى ئوقۇپ ئۇ يەردىن يېنىپ چىقتىم  .شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزۈممۇ قورقۇپ ئۆزۈمنى تىڭشاپ يۈردۈم شۇ ئىش بولۇپ  20كۈندىن كېيىن ئۆزۈمنى تەكشۈرتتۈم ، ساق چىقتىم،  خۇداغا شۈكۈر دېدىم. بىراق ئارىدىن 4ئاي ئۆتكەندە مەندە ئەيدىزنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى ، تەكشۈرۈتۈشكە پېتىنالماي ئاخىرى2كۈننىڭ ئالدىدا تەكشۈرۈتۈپ جاۋابىنى ئالدىم، مەن ئەيدىز ئىكەنمەن، ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم.  ھازىر مېنى ئەڭ ئازاپلاۋاتقان بىر ئىش، بۇ كېسەل مېنىڭ  دۇنيادىكى ئەڭ يۇۋاش، ئەڭ ساددا ، ئەڭ سۆيۈملۈك  ئايالىمغىمۇ يۇقۇپتۇ ، بۇنى ئويلىساملا ھازىرلا ئۆلۈۋالغۇم كېلىدۇ بىراق مەن ئۆلۈۋالسام  ئايالىم قانداق قىلىدۇ ؟ بالىلىرىم قانداق قىلىدۇ؟ ئانام قانداق قىلىدۇ؟ بۇ ئىشنى ئايالىم بىلمەيدۇ، ئېيتىشقا پېتىنالمايمەن .......
    مېنىڭ تېخى  نۇرغۇن ئارزۇ -ئارمانلىرىم بار ئىدى، كىچىك ئىنىمنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتماقچى ئىدىم .ئىككى قىزىمنى ياراملىق ئۇيغۇر قىزى قىلىپ تەربىيەلەپ چىقماقچى ئىدىم .ئانامنىڭ قېشىغا قايتىپ كېتىپ ئانامغا ياخشى يىگۈزۈپ، كەيگۈزۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچى ئىدىم .باشقا قىز قېرىنداشلىرىمىنڭ  ئىشلىرىغا ئىگە بولۇپ ياخشى يەرگە ياتلىق قىلىپ ئۇلارغا بەخىت ئاتا قىلماقچى ئىدىم . ئايالىم 14 يىل مېنىڭ جاپايىمنى تارتتى، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆيۈنۈپ، ياخشى ئەر كۆيۈمچان دادا بولماقچى ئىدىم .ئۆيىمىز بەك كونىراپ كەتكەن  يىڭى ئۆي سالماقچى ئىدىم ...يەنە نۇرغۇن  ئارزۇ -ئارمانلىرىم بار ئىدى،  شۇلارنى بىر-بىرلەپ قىلماقچى ئىدىم  ئەپسۇس ، ئەپسۇس، مېنىڭ ھاياتىمدىكى بىر خاتا  قەدەم  تۈپەيلى .......ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتالمايمەن ، يۇرتۇمغىمۇ قايتالمايمەن  .مەن ئۆلۈپ تۈگەشسەملا مەيلى ئىدىغۇ ؟ بىراق ئايالىمدا نېمە گۇناھ، ئۇنىڭغىمۇ يۇقۇپتۇ .ئەمدى مەن قانداق قىلاي؟قايسى بىر ئىشنى ئويلاي، ئايالىمنى ئويلايمۇ ؟ئانامنى ياكى بالىلىرىمنى ، قېرىنداشلىرىمنى ئويلايمۇ ؟ بالىلىرىم كېيىن قانداق قىلار ؟  ئەيدىزنىڭ بالىسى دەپ چەتكە قېقىلارمۇ ؟ بىچارە ئانام بىرئوغلىدىن ئايرىلىپ  ئاران تۇرغاندا يەنە بىر سىدىن ئايرىلسا بەرداشلىق بىرەلەرمۇ ؟ مەن بۇ ئەيدىزنى مەندىن بەكمۇ يىراقتا دەپ ئويلايتىم،  ئۇنى ئاق چېكىدىغانلار ئارىسدا ،  بەچچىۋازلار ئارىسىدا، پاھىشەلەر ئارىسدا دەپ ئويلايتىم . قېرىندىشىم  ئۇيغۇرۇم ،دوستۇم مەندىن ئىبرەت ئېلىڭ . ئەخلاقتىن  ھالقىماڭ ، بىر قېتىملىققا نېمە بولىدۇ دەپ ئويلىماڭ،  گاندۇن ئىشلەتسە ھېچنىمە بولمايدۇ دەپ ئويلىماڭ .
     ئەمدى ئاخىرىدا يەنىلا ئۇيغۇرۇمدىن ياردەم تەلەپ قىلىمەن ، بىلىدىغان دوستلارنىڭ ماڭا يول كۆرسىتىشىنى سورايمەن . مەن قانداق قىلسام  بۇ ئىشلارنى يۇرتۇمغا ،ئانامغا ئۇقتۇرماي ئۆتۈپ كېتەلەيمەن .ئايالىمغا دېگىنىم مۇۋاپىقمۇ ياكى كېيىنرەك پەيتنى تاللاپ دېگىنىم مۇۋاپىقمۇ  ؟كېيىنكى تۇرمۇشۇمنى قانداق ئورۇنلاشتۇرسام مۇۋاپىق بولىدۇ ؟قانداق قىلسام يۇرتۇمغا ئۇقتۇرماي ھۆكۈمەتنىڭ ھەقسىز داۋالىشىغا ئېرىشەلەيمەن ؟
     كېسىلىمنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە تۇرمۇشۇمنىڭ كېيىنكى تەپسىلاتىنى مۇشۇ توربەتكە ئايرىم تېما قىلىپ يوللايمەن
، دوستۇم بۇ بىر ھەقىقىي ۋەقە ، ھاياتتا ئازمايدىغان ئىنسان يوق .مېنى ئەيىپلىمەڭ، مەن ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ بىر يەرگە ئاپاردىم، مەن تەسەللىيگە ، ياردەمگە مۇھتاج ...
    ئىملا باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن تۈزىتىلدى...


Rank: 2

تىللا
163
تۆھپە
34
UID
4981
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 18:28:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا....


Rank: 4

تىللا
398
تۆھپە
73
UID
1699
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 18:33:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازماس بىر ئاللا


Rank: 4

ئىسىمى
ئاللاھ بىر
تىللا
390
تۆھپە
104
UID
20965
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 18:37:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېبرەت .......................ھەي ئايالىغا ئۇۋال بوپتۇ ؛


Rank: 4

ئىسىمى
ئاللاھ بىر
تىللا
390
تۆھپە
104
UID
20965
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 18:57:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلېرىڭىزغا يۇقمىسا بولاتتىغۇ ؛      تاماق يىگەن قاچىىدىن يۇقامدىغاندۇ ؛

ئاللاھ سىزنى ھەقېقى تەۋبە قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن قىرىندىشىم ؛

ئۆلۈمنى بىر دەقېقىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەك لىكىن ئۆلىۋىلېشقا ھەرگىز بولمايدۇ ؛  


Rank: 2

تىللا
93
تۆھپە
36
UID
170
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 19:09:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازماس ئىنسان يوق ! ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدە چەكلەنگەن مىۋىنى يەپ سالغان .
ئەمدى بولار ئىش بولۇپ بولغاندا مەيلى سىز قانداقلا ئويلىماڭ بۇ ئىشنى ئايالىڭىزغا مۇۋاپىق بىر پۇرسەتتە ،يەنە كىلىپ پەيتى كەلگەندە ئۇنىڭغا چىرايلىق چۈشەندۈرۈڭ ! ئەيدىز كىسىلىنىڭ يۇشۇرۇن ۋاقتى بەزىدە 15-20 يىلغىچە سوزۇلۇپمۇ كىتىدۇ ! ئاللاھ ئۈمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلغاي !  ئايالىڭىزغا بىلىندۈرمىسىڭىز بولمايدۇ ..چۈنكى سىزنىڭ يەنە ئوماق ئىككى بالىڭىز بار ئەمەسمۇ ؟
ئايالىڭىز بىلەن مەسلەھەتلىشىپ بۇ ئىشلارنى ئانىڭىزغا دىمەڭ ! ئايالىڭىزمۇ ھە شۇنداق قىلسۇن ! قاچان ئۆلىمىز بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ ....يەنە بىر مەسلەھەت كىسىلىڭىزنى دۋالاشقا مەلۇم بىر سەۋەبلەرنى قىلىپ بېقىشىڭىزنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن ! ئاللاھ ھەممىگە قادىر ! ئىبادىتىڭىزنى ۋاقتىدا قىلىپ ئاللاھقا شۈكۈرلەر ئېيتىڭ !


Rank: 1

تىللا
46
تۆھپە
11
UID
25245
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 20:56:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەللى بەرگەن دوسلۇرۇمغا رەھمەت  كۆڭلۈم خىلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى


Rank: 4

تىللا
342
تۆھپە
159
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 01:28:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەنىم بولسا   يۇقۇملۇق كىسەلدىن بىرىنچى بوپتۇق  ھە

ھەي بىشىمىزنى  سىلكىۋىتەيلى    ياماندىن نىرى تۇرايلى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
711
تۆھپە
282
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 11:44:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BODEKSAKAL يوللىغان ۋاقتى  2012-8-27 20:56
تەسەللى بەرگەن دوسلۇرۇمغا رەھمەت  كۆڭلۈم خىلى كۆتۈرۈل ...

ئەسسالوئەلەيكوم بودەك ساقال توردۇشۇم، سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى سىزدىن سورىمايلا مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورنىڭ مۇنبىرىگە كۆچۈرۈپ قويدۇم. ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك  ئۇچۇر-بىلىملەرنى بۇ تور بەتتىن تاپالايسىز.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
676
تۆھپە
135
UID
49
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 13:51:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئېسىت! سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!


بىر داڭلىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن پەقەت لوگىكىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مېڭە بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. يەنە بىر خىل كۈچلۈك خىسلەت بولۇشى كېرەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-22 19:47, Processed in 0.068941 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991