ئىگىسى: BODEKSAKAL

راست ئىش ، مەن ئەيدىزكەنمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
گۈزەل نۇر
تىللا
118
تۆھپە
58
UID
10481
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 11:01:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BODEKSAKAL يوللىغان ۋاقتى  2012-8-31 01:31
بىراق مەندە چ چ يوق قانداق ئالاقىلىشىمەن سىز بىلەن

بالدۇر بايقىسا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم...ئاللا ئۆزىڭىز با! چوقۇم تىرىشىپ ئىشلەڭ...تەسسەللى بەرمىدىم . چۈنكى تەسسەلىدىن ئۆزىڭىزنىڭ ئىرادىڭىز كۈچلۈكرەك


Rank: 2

تىللا
107
تۆھپە
68
UID
21452
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 11:39:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ!  
بۇ كېسەلنى سىز تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتىتى ياكى مەھەللە باشقارمىسىغا كىرىپ ئىنكاس قىلسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ ھەقسىز داۋالىنىدىغانلار قاتارىدا شۇ مەھەللىنىڭ ئاسالىسى سۈپىتىدە يۇقىرىغا يوللاپ بېرىدۇ، بۇنىڭدا سىز ھۆكۈمەتنىڭ پاراۋانلىقىغا ئېرىشەلەيسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال مەھەللە باشقارمىسىغا كىرىپ تىزىملىتىڭ بۇ بەك مۇھىم.


Rank: 4

تىللا
259
تۆھپە
137
UID
13585
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 13:09:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BODEKSAKAL يوللىغان ۋاقتى  2012-8-31 01:31
بىراق مەندە چ چ يوق قانداق ئالاقىلىشىمەن سىز بىلەن

مەنمۇ بىلەلمىدىم قانداق ئالاقىلاشساق بۇلار


Rank: 1

تىللا
15
تۆھپە
3
UID
25889
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 15:45:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بودەك ساقال قېرىندىشىم، سىز يولۇققان قىسمەتلەرنى ئوقۇپ سىزگە تولۇمۇ ھىسداشلىق بىلدۈرىمەن، بۇ كېسەل ئادەتتە 3 خىل يول ئارقىلىق يۇقىدۇ، قاندىن يۇقۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىق،
ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ قىلمىشىڭىزدىن يۇقۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتىمۇ تۆۋەن بولىدۇ، ئايالدىن ئەرگە يۇقۇش نىسبىتى 3مىڭدىن بىر پىرسەنت، لېكىن يۇقۇپلا قالسا 100 % دىگەن گەپ، ئەردىن ئايالغا يۇقۇش نىسبىتى 5 ھەسسە يۇقۇرى بولىدۇ. لېكىن پەرزەنتلىرىڭىز چوڭ بولۇپ كەتكەن بولسىلا بۇ خىل كېسەلدىن يۇقۇش نىسبىتى 10000 دىن بىر پىرسەنتمۇ يوق، بۇ كېسەل ئادەتتىكى ئۇچرىشىش، كېسەل ئادەم ئەتكەن تاماقلارنى يىيىش ئارقىلىق يۇقمايدۇ، بۇنىڭدىن سىز 100 پىرسەنت خاتېرجەم بولۇڭ، لېكىن سىز ھەم ئايالڭىز ئىشلەتكەن چىش چوتكىلىرىنى باللىرىڭىزنىڭكىدىن ئايرىپ كۈن نۈرى چۈشىدىغان، قۇرغاق ھاۋالىق ئورۇنغا قويۇڭ، ئاندىن سىز تىغلىق ساقال ئالغۇچ قاتارلىق بەدەندىكى قان بىلەن ئاسان ئۇچرىشىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلەتمەڭ ئامال بار توكلۇق ساقال ئالغۇچتا ساقال ئېلىڭ.
بولسا ئايالىڭىزغا تېزراق چۈشەندۈرۈپ بىر بىرىڭلارغا تەسەللىي بېرىپ ياخشى ئۆتۈڭلار، روھى كەيپىيات بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، كەيپىياتىڭىز قانچە ياخشى بولسا ئىممۇنت كۈچىڭىز شۇنچە كۈچىيىدۇ، لېكىن سىز باشقا ئۇرۇق تۇققانلارغا ھەرگىز تىنماڭ، بىزنىڭ مىللىتىمىز تېخى بۇ كېسەلگە توغرا مۇئامىلە قىلغۇدەك ھالەتكە يەتمىدى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىڭ شۇنداق قىلغاندا دىققىتىڭىز باشقا ياققا چېچىلىپ بۇ كېسەلنى ئۇنتۇشقا پايدىسى تېگىدۇ. بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، مۇنبەردىكى قىسقا ئۇچۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ماڭا ئۇچۇر يوللاڭ، بولسا سىزگە پىسىخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تىرىشىمەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
غەيرەت
تىللا
989
تۆھپە
273
UID
11066
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 23:11:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KALBIM يوللىغان ۋاقتى  2012-8-27 14:05
بىز  ئۇيغۇر  باشقا ئىشتا ئۆملۈكلۈك  دەرىجىسى  ئۆسمەي كې ...

بەك قىززىقتە - سىز  قەلبىم مەڭگۈ خۇشال -خورام ياشاڭ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1468
تۆھپە
1137
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 16:14:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىزنىڭ بۇ قىسقا لىكىن ئازاپلىق كەچۇرمىشىڭىزنى ئوقوپ كۇڭلىم بەكلا يىرىم بولدى.نۇرغۇنلىغان تورداشلار شۇنداق ياىشى پىكىر تەلەپلەرنى بىرىپتۇ شۇلارنىڭ ئىتقىنىدەك ئىش تۇتقايسىز .سىزگە ئۇمۇت ھەم جاسارەت يار بولغاي.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2345
تۆھپە
1225
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 00:47:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم ، جاسارەتلىك بولۇڭ ، ئاڭلىسام بۇ كىسەلنىڭ داۋاسى تېپىلىپتۇ، ئاللاھ  پەرزەنىتلىرىڭىزنىڭ بەختىنى بەرگەي،


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
226
تۆھپە
92
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 22:03:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كېسەل 3 خىل يول بىلەن يۇقىدۇ،1-جىنسى مۇناسىۋەت،2-ئانىدىن بالىغا(تۇغۇش ۋە ئىمىتىش جەريانىدا)3-قان ئارقىلىق يۇقۇش.

مىنىڭچە بالىلىرىنڭىز سىز بۇ كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن تۇغۇلۇپ بولغان ،شۇڭا ئۇلاردا بۇندىن كىيىن بىرلا يۇقۇملىنىش خەتىرى بار، يەنى قاندىن يۇقۇش. ئائىلىدە بالىلارنىڭ يارىلىنىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشىڭلار كېرەك.ئايالىڭىز تاماق ئىتىش ۋە باشقا ئائىلە ئىشلىرىدا يارىلىنىپ قان چىقىرىشتىن ساقلىنىشى لازىم. بۇ مەزمۇنلار يارىپ تورىدا ئىنتايىن كۆپ. بولغۇلۇق بوپتۇ ،ئەمدى بار تىرىشچانلىقلار بىلەن بالىلارنى ئاسراڭلار.


Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
2
UID
7234
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 19:09:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xungkar916 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-31 15:45
بودەك ساقال قېرىندىشىم، سىز يولۇققان قىسمەتلەرنى ئوقۇ ...

بۇ تىمانى كۆرۈپ كۆڭلۈم..دەششەت يېرىم بولدى...

تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ مەنمۇ سەل جىددىيلەشكەندەك ھېس قىلۋاتىمەن..... شۇڭقار916 ئىسىملىك تورداشنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئازراق جايىغا چۈشتى..

ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ قىلمىشىڭىزدىن يۇقۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتىمۇ تۆۋەن بولىدۇ، ئايالدىن ئەرگە يۇقۇش نىسبىتى 3مىڭدىن بىر پىرسەنت، لېكىن يۇقۇپلا قالسا 100 % دىگەن گەپ،

دىمەكچى بولغۇنىڭىز 3مىڭ ئايال بىلەن بىرگە بولساق يۇقۇش نىسپىتى بىر پىرسەتنىت دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ..
نىمىشقا سورايسز دىگەندە مەنمۇ ئىلگىرى بىرقانچە قېتىم ياتاقلاردىكى قىزلارغا قاراپ قويغان شۇڭا ... ئەنسىرەۋاتىمەن،..،،  بۇنى ئۆي ئىچىدە ئۆزىمىز تەكشۈرگىلى بولمامدۇ.،.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
533
تۆھپە
204
UID
6455
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 23:54:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-22 19:48, Processed in 0.069552 second(s), 17 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991