كۆرۈش: 7038|ئىنكاس: 16

خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىدىكى نازارەتچىلىك،قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئىت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
454
تۆھپە
216
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 12:06:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىدىكى نازارەتچىلىك، قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش لازىم



قاسىم سىدىق



1



   خەلقنىڭ ئۆز «زىيالى»،«ئالىم»،«مۇتەخەسىس»،«پىروفېسسور»،«دوكتۇر»لىرىنىڭ قىلىۋاتقان «ئىلمىي ئەمگەك»لىرىدىن خەۋەر تىپىش،نازارەت قىلىش،پىكىر قاتناشتۇرۇش ،ھەتتا تەتقىقاتقا قاتنىشىش،مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بار.بۇنداق ھوقۇقنى ئېتىراپ قىلىش ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئىلىم-پەننى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق.
    ئېھتىمال،يۇقۇرىقى سەرلەۋھە بەزى كىشىلەرنى خاپا قىلىپ قويۇشى،بەزىلىرى مېنى ساۋاتسىزلىقتا ئەيىپلىشى مۇمكىن.
    ئۇلارنىڭ «ھە»دېگەندىلا «ئىلىم-پەن دېگەن مەخسۇس كەسپى ئىش تۇرسا،خەلق ئۇنىڭغا قانداق نازارەتچىلىك قىلالايدۇ؟ قانداقمۇ قاتنىشالايدۇ ؟ »دېيىشى تۇرغانلا گەپ.
    شۇ سەۋەپتىن ئالدى بىلەن يۇقۇرىقى تەشەببۇسۇمنىڭ ئاساسلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمەن.
    1.«خەلق»دېگەن نېمە؟ خەلق - بەكمۇ كەڭ مەنىلىك ئۇقۇم. ئۇ، «زىيالى»،«ئالىم»،«مۇتەخەسىس»، «پىروفېسسور»،«دوكتۇر»لاردىن تارتىپ بىر دۆلەت بىر رايوننىڭ بارلىق پۇقرالىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
    2.ئادەتتىكى كەسىپتىن بىخەۋەر پۇقرالار كەسپىي ئىشنىڭ تەپسىلاتلىرىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغىنى بىلەن نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىدۇ.
    3.نەتىجىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى خەلق چۈشۈنىدىغان تىلدا دوكىلات قىلىش«زىيالىي»،«ئالىم»،«مۇتەخەسىس»،«پىروفېسسور»،«دوكتۇر»لارنىڭ ۋەزىپىسى،مەجبۇرىيىتى.
    4.«خەلق»ئىچىدە ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىش پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس.
    5.پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پەقەت خەلقنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
    6.باشقىلار.

2


    باج تۆلىگۈچى خەلقنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بەدىلىگە ھەقلىق تەتقىقات،ئوقۇتۇش ...ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بولغان نازارەتچىلىك ھوقۇقى تارتىپ ئېلىنسا ياكى ئېتىراپ قىلىنمىسا شۇ ساھەلەرنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.ئەمەلىي ئۈنۈم- خەلق ئەڭ تەلپۈنىدىغان ۋە چۈشۈنەلەيدىغان مەسىلە. پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار جەزمەن ئەمەلىي ئۈنۈم دوكىلاتى بېرەلەيدىغان بولىشى كېرەك.دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىشلىق بولمىسىلا ئاشكارىلاپ، خەلقنىڭ دوكىلاتتىكى مەزمۇنلارنىڭ چىن ياكى ساختىلىغىنى بىلىش، تەكشۈرۈش،پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ھۆرمەت قىلىش كېرەك.بىر قانۇن-تۈزۈملۈك جەمئىيەتتە بۇنداق ھوقۇقنى تارتىۋېلىشقا،ئېتىراپ قىلماسلىققا ئەسلا بولمايدۇ.
    خەلق بۇ كىشىلەردىن«نېمە ئىش قىلدىڭ؟»،«قىلغان ئىشىڭنىڭ قانداق ئەمەلىي  ياكى نەزەرىيىۋىي قىممىتى بار؟»،«مەن قىلدىم دەۋاتقان بۇ ئىشلىرىڭنى سەن مۇستەقىل قىلدىڭمۇ ياكى باشقىلار ئىلگىرى قىلىپ بولغانمۇ؟»،«ئوخشاش تۈردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىچىدە، سېنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجەڭنىڭ قانداق ئەۋزەللىكى بار؟»،«نەتىجە تۆلەنگەن بەدەلگە چىقىش قىلالامدۇ؟»...دېگەندەك سوئاللارنى سورىيالايدىغان ،جاۋابىغا ئېرىشىپ بۇ جاۋاپنىڭ توغرا -خاتالىغىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلالايدىغان بولىشى لازىم.
    ھازىر دۆلىتىمىزدە ئىلىم -پەندىكى چىرىكلىكنىڭ سۈكۈت قىلغىلى بولمايدىغان يەرگە يەتكەنلىگى ھەققىدە ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخباراتلىرىدا ئاز بولمىغان ئۇچۇرلار تارقالماقتا.بۇنىڭ سەۋەپلىرى ئەلۋەتتە ئاز ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكىسسىيىلىك تارماقلىرى يىتەرلىك بولماسلىق، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماسلىقتىن ، خەلقنىڭ نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى قوزغاتماسلىق، ھۆرمەت قىلماسلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر ئىچىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب.


3



    «خەلق»بىلەن«زىيالىي»لارنى كەسكىن مەنىدە ئىككى لاگىرغا ئايرىۋېتىش تېگى تەكتىدىن ئالغاندا بىر زىددىيەتلىك مەسىلە.زىيالىيلار خەلىقنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپ بۇ يەردىكى پەرق پەقەت ئىش تەقسىماتى ۋە مەخسۇسلىشىشتىكى پەرقتىنلا ئىبارەت. مەيلى قانۇنىي،مەيلى ئەخلاقىي نۇقتىدىن ئېيتايلى «پۇقرالىق پەرقى» بولمايدۇ ۋە بولماسلىقى كېرەك.
    «زىيالىي»لىق بىر خىل ئالاھىدە ئىمتىياز ئەمەس.ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ بىر خىل مەجبۇرىيەتتۇر. «مەجبۇرىيەت»دېيىشىمدىكى سەۋەپ «زىيالىي»بولغان ئىكەنسىز«نەتىجە»ڭىز بولىشى كېرەك. دېھقاننىڭ، باغۋەننىڭ،.. ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ نەتىجىسى بولغىنىغا ئوخشاش ياراتقان خاس نەتىجىڭىز بولىشى كېرەك. دېھقان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپ چىقىرىپ ئۆزىنى ۋە جەمئىيەتنى قامدىغىنىدەك «زىيالىي»لارنىڭمۇ ئۆز «مەھسۇلاتى» بولىشى، بۇ «مەھسۇلات»لارئىلىم-پەن ۋەجەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىشى لازىم.
    ئىشلەپچىقارغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى يوق ئادەمنى دېھقان ئاتاشقا بولمىغىنىدەك، ئىلمىي نەتىجىلىرى يوق ئادەمنى «زىيالىي»ئاتاشقا بولمايدۇ. دېھقان ھېچبولمىغاندا ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىكىگە  يەتكىدەك ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىپ جەمئىيەتكە يۈك بولمايدۇ. ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن قالپاققا ئېرىشكەن ۋە مائاش ئېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان«زىيالىي»لارئەگەر نەتىجە ياراتمىسا خەلىققە يۈك بولغىنى بولغان، چۈنكى ئۇلارنى ئوقۇتۇپ شۇ مۇقامغا يەتكۈزگەن، ھازىرقى شۇ كۇرستا ئولتۇرغۇزغان خەلىقنىڭ پۇلى،خەلىقنىڭ قان-تەرى. «زىيالىي»لاردا جەمئىيەتكە بولغان قەرزدارلىق تۇيغۇسى يوقاپ كەتسە ياكى بۇنداق تۇيغۇ زادىلا مەۋجۈت بولمىسا ئىشنىڭ بۇزۇلغىنى شۇ.
بۇ يەردە ھەممە ئادەم چۈشۈنەلەيدۇ دېيىشكە بولىدىغان بىر ئاددىي ھېساب بار.ئۇ بولسىمۇ سىزدەك بىر«زىيالىي»نى ھازىرقى ھالىڭىزغا ئەكەلگىچە خەلق سىزگە قانچىلىك پۇل خەجلىدى؟ ھازىر يەنە قانچىلىك پۇل خەجلەپ سىزنى بېقىۋاتىدۇ؟ـــــــــــــ مانا بۇلار بەدىلىگە سىز نېمە نەتىجە ياراتتىڭىز؟ بۇ «نەتىجە»ڭىزنىڭ خەلق بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ دېگەنلەرگە توغرا جاۋاپ بېرىش.
    ھەدېسىلا خەلقنى «ساۋاتسىز»لىقتا،«نادان»لىق»تا ئەيىپلەپ ،سېسىق كىبىرىنى كۆرسىتىدىغان بىر قىسىم بىلەرمەنلەر خەلقنىڭ مۇشۇنداق ئاددىي ھىساۋىغا مەڭدىمەي جاۋاپ بېرەلىشى ناتايىن.
    خەلق ئۆز ئەمگەك نەتىجىلىرى بىلەن سىزنى تەربىيىلەپ ھازىرقى«زىيالى»لىق كۇرسىغا ئولتۇرغۇزۇش بىلەنلا قالماي،يەنە مائاش بېرىۋاتقان ئىكەن ،سىز مەلۇم مەنىدە خەلىقنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھېساپلىنىسىز.دېمەك ئەمدى سىز ئۆزىڭىزنىڭ نەتىجىڭىزنى كۆرسۈتۈڭ. نەتىجە سۈرۈشتۈرىدىغان بۇنداق ھېساپ - كىتاپقا خەلق ئەڭ ئۇستا ۋە ئەڭ ئامراق،سىزمۇ ئامراقمۇ؟سىزنىڭ ئامراق بولىشىڭىز ناتايىن!
    سىز ئەگەر بىر«زىيالىي» بولسىڭىز شۇنى ئۇنتۇماڭكى، سىز بىلەن خەلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىگە ئوخشۇشۇپمۇ كېتىدۇ.سىزنىڭ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا خەلىقتىن ئۈستۈن تۇرىشىڭىز، ئايرىلىپ «مۇستەقىللىق» جاكالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. ماھىيەتلىك ھېساپ-كىتاپتا سىز ھامان پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسىز،پەقەت سىزدىن مۇشۇنداق بىر ھېساپ ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈنلا بەزى خام خىياللارغا ئەسىر بولۇپ قالدىڭىز،شۇ!

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
278
تۆھپە
156
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 18:17:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورمەتلىك قاسىم سىدىق ئاكا:                                                                                                          ئەسىرىڭىزنى تەپسىلى بىر ئوقۇپ چىقتىم ،گەرچە بەززى سوز-جۈملىلەرنىڭ تىگىگە تازا يېتەلمىسممۇ،ئەمما ئاساسى مەزمۇنىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. بۇلۇپمۇ‹‹ھەدېسىلا خەلقنى «ساۋاتسىز»لىقتا،«نادان»لىق»تا ئەيىپلەپ ،سېسىق كىبىرىنى كۆرسىتىدىغان بىر قىسىم بىلەرمەنلەر خەلقنىڭ مۇشۇنداق ئاددىي ھىساۋىغا مەڭدىمەي جاۋاپ بېرەلىشى ناتايىن.›› دېگەن سۈزىڭىز  جېنى با گەپ بولدى.دېمسېمۇ ئاشۇنداق تەكەپبۇر زىيالىيلىرىمىز ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۈستىدە ئوبدانراق ئويلۇشۇپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك. رەخمەت سىزگە.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1398
تۆھپە
1108
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 08:22:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس .بىلەرمەن ئالىملار بەك كۇپ .بۇنداق ئىشلار مىھنەتكەش خىلىقلەرگە ئاشامدىكىنتاڭ مەن تازا بىلىىپ بولامىدىم .قىنى باشقىلارنىڭ قانداق دانا پىكىرلىرى بار بىر ئاڭلاپ باقايلى.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1305
تۆھپە
692
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 09:31:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلىغانلار ،بىلىمسز نادانلاردۇر


Rank: 6Rank: 6

تىللا
454
تۆھپە
216
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 13:20:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ياكى شەيئىلەرنىڭ مەۋجۈت بولۇشنىڭ ئەھمىيتى ياكى مەقسىتىنى سۈرۈشتۈرسە، ئوبيېكتىپ نۇقتىئنەزەر بىلەن قارىغاندا، مېنىڭچە بۇ نادانلىق ۋە ئەخمەقلىق بولىدۇ، لېكىن ھەربىر ئادەمدە مۇئەييەن غايە بولىدۇ. بۇ غايە ئۇنىڭ تىرشچانلىقىنى ۋە ھۆكۈم نىشانىنى بەلگىلەيدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ھوزۇر – ھالاۋەت ۋە راھەت – پاراغەتنى تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى بولىدۇ،دەپ قارىغان ئەمەسمەن-بۇنداق ئېتىكا ئاساسىنى چوشقىنىڭ غايىسى، دەپ ئاتايمەن. يولۇمنى يورۇتۇۋاتقان ھەمدە ماڭا يېڭى جاسارەت بېغىشلاۋاتقان تۇرمۇشقا خۇشاللىق بىلەن توغرا قاراش غايىسى ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋە چىنلىقتىن ئىبارەت.ھەمرالار ئارىسىدىكى سەمىمىي ھېسىيات بولمىغاندا، ئوبيېكتىپ دۇنياغا –سەنئەت ۋە ئىلىم – پەن خىزمەتلىرى ساھەسىدىكى مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان ئوبىېكىتلارغا پۈتۈن زىھنى بىلەن بېرىلمىگەندە، مېنىڭچە، تۇرمۇش تولىمۇ مەنىسىز بولىدۇ.مېنىڭچە، كىشىلەر كۈچەپ قوغلاشقان چاكىنا نىشان – بايلىق، ساختا شۆھرەت، راھەت – پاراغەتكە بەكمۇ بېرىلگەن تۇرمۇش- پەسكەشلىك بولىدۇ.
......
دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈم سىياسىي غايەم ھېسابلىنىدۇ.ھەر بىر ئادەم ئادەم سۈپىتىدە ھۆرمەتلىنىشى كېرەككى، ھەر قانداق ئادەم باشقىلار چوقۇنىدىغان مەبۇد بولماسلىقى لازىم.


___________  ئېينىشتېيىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 13:23  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
454
تۆھپە
216
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 13:31:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەلق گېزىتى:ئەل ئىچىدىكى پەن تەتقىقاتقا سەل قاراشقا بولمايدۇ!




جىياڭ جىيەن كې


(ئاپتۇرنىڭ تەرجىمھالىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)


خەلق گېزىتىنىڭ2010-يىلى12-ئاينىڭ20-كۈنىدىكى سانىدىن تىرىشچان تەرجىمىسى




ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتلار دۆلەتنىڭ پەن تەتقىقات پائالىيتىنىڭ پايدىلىق تۇلۇقلىمىسى بولۇپ، ئېلىمىز پەن-تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبى قىسمى.

مۇناسىپ تەدبىر ۋە سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پەن-تەتقىقاتتىكى تۈر تۇرغۇزۇش،مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش،نەتىجىلەرنى كېڭەيتىش، ئۇنۋان بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن مۇناسىپ قوللاشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئەل ئىچىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيلىرى ۋە ئېنىرگىيلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.


تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى 45پىرسەنت پولات ماتېرىياللىرى سۈركىلىش ۋە ئۇپراش تۈپەيلىدىن خوراپ تۈگەيدىكەن. كۈتۈلمىگەندە،تىيەنجىنلىك ئەل ئىچىدىكى كەشپىياتچى بەي سوڭخاۋ دۇنيادىكى بۇ قىيىن مەسلىنىڭ جۇڭگوغا تەۋە يېڭى يېشىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئۇ 25يىلدىن بېرى جاپالىق ئىزدىنىپ،سۈركىلىشكە،ئۇپراشقا چىداملىق بولغان سۇلياۋ-ئالتۇن بېرىكمىسى،ساپال،سېلتسىي كاربۇنات قاتارلىق بىر يۈرۈش يېڭى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ،20دىن ئارتۇق تۈردە دۆلەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى.ئۇ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بەزى ئۇپراشقا چىداملىق ماتېرىياللار خەلقئارا ئىلغار سەۋىيگە يەتكەن ئىدى.


بەي سوڭخاۋ بىلەن قۇرداش بولغان خېنەنلىك دېھقان لۇ پىڭئەن ئۆزىنىڭ ھۆددە ئېتىزىدا بوغداينىڭ 10 نەچچە خىل يۇقىرى مەھسۇلاتلىق،يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭى سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.نۆۋەتتە،بۇ سورتنىڭ كېڭەيتكەن ئۇمۇمى كۆلىمى يۈز مىليۇن مودىن ئارتۇق،ئاشقان مەھسۇلات مىقدارى 7مىليارت كلوگرامدىن كۆپ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى دۆلەتنىڭ «پەن-تەتقىقاتتا ئىلگىرلەش مۇكاپاتى»2-دەرىجىگە ئېرىشكەن.


بەي سوڭخاۋ،لۇ پىڭئەنلەرگە ئوخشاش ئەل ئىچىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى دۆلىتىمىزدە ئاز ئەمەس. ئۇلار بىرىنچىدىن، دۆلەتنىڭ پەن-تەتقىقات تۈرى بولمىغان،ئىككىنچىدىن،ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي قوللىشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تەسەۋۋرۇ قىلغۇسىز نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،ئوخشاش خىزمەتنى قىلىۋاتقان پەن-تەتقىقات خادىملىرىغا ئوخشاشلا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى.


ئەل ئىچىدىكى پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قەدەملىرىگە نەزەر ئاغدۇرساق، ئۇلارنىڭ«مەخپىيتى»نى بىلەلەيمىز: ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بولغاچقا،ھېرىپ-چارچاش ئېغىر كەلمەيدۇ،قاتتىق ئورۇندۇقتا بېسىپ ئولتۇرۇشتىن قورقمايدۇ،ئۇزۇنغا چىدايدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىسىلسۇن ياكى باشقىلارنىڭ سوغۇق نەزىرى،مەسخىرىسىگە ئۇچرىسۇن،ئىرادىسى تەۋرىمەيدۇ.ئۇلارنىڭ تاللىغان تېمىسى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن كەلگەن بولۇپ،قاراتمىلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك.بازار ئاسان قۇبۇل قىلىدىغان بولۇپ،رېئال ئېھتىياجنى قامدايدۇ. ئۇلار باشتىن ئۆتكۈزگەن بەزى تەجرىبە-ساۋاقلار مەملىكەت مىيقىياسىدىكى باشقا پەن-تەتقىقات خادىملىرىغا نىسبەتەنمۇ يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.


ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن 30يىلدىن بېرى،ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى،خەلقنىڭ ساپاسىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلدى.بۇ ئەھۋال ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلارنى پايدىلىق مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى. ئېلىمىزنىڭ ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى كىشىنى سۈيۈندۈرىدۇ : خۇسۇسىي كارخانىلار ۋە خۇسۇسىلار ئىگىدارچىلىقىدىكى پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ تەتقىقات سەۋىيسى ۋە ئىقتىدارى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ،بەزى ئەل ئىچى تەتقىقات ئورۇنلىرى مۇھىم تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ تاماملىيالىغۇدەك بولدى.ھەتتا،خەلقئارانىڭ ئىلغار سەۋىيسىگە يەتتى. شەخىسلەرنىڭ كەشپىيات-ئىختىرالىرىمۇ سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا.



ھالبۇكى،بەزى نەتىجىلەرنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىگە ئۇزۇندىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان يات كۆرۈشلەر قوشۇلۇپ نۇرغۇن ئورۇنلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئەل ئىچىدىكى پەن-تەتقىقاتچىلارنى،ئەل ئىچىدىكى پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. بۇ ئەھۋال ئەل ئىچى پەن-تەتقىقاتچىلىرى ھۆكۈمەتتىن تۈرگە ئىلتىماس سۇنغاندا نۇمۇر ئالالماسلىق،تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىشتە قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەل ئىچىدىكى پەن-تەتقىقات تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ.


ئاپتۇرنىڭ قارىشىچە،كەڭ قورساقلىقنى،مەغلۇبىيەتكىمۇ يول قويۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئەل ئىچىدىكى پەن تەتقىقاتچىلارغا تېخىمۇ كەڭ قورساق بولۇشىمىز،تېخىمۇ قوللىشىمىز لازىم.ساناپ تۈگەتكۈسىز پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى،ئەل ئىچىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار دۆلەتنىڭ پەن تەتقىقات پائالىيتىنىڭ پايدىلىق تۇلۇقلىمىسى بولۇپ، ئېلىمىز پەن-تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبى قىسمى. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغاندىمۇ،مەيلى دارۋېننىڭ «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيسى»بولسۇن،ئېدىسوننىڭ كەشپىياتلىرى بولسۇن،ھەممىسىلا شەخىسنىڭ قىزىقىشىدىن كەلگەن بولۇپ،بۇلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا،مەيلى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بولسۇن ياكى ھۆكۈمەت قوينىدىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بولسۇن،ئەل ئىچىدىكى پەن-تەتقىقاتچىلارغا يېتەرلىك ئېتىبار بىلەن قاراپ،مۇناسىپ تەدبىر ۋە سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پەن-تەتقىقاتتىكى تۈر تۇرغۇزۇش،مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش،نەتىجىلەرنى كېڭەيتىش، ئۇنۋان بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن مۇناسىپ قوللاشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئەل ئىچىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيلىرى ۋە ئېنىرگىيلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.


ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: خەلق تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 23:01  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
454
تۆھپە
216
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 14:02:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى ۋە ھوقۇق

/forum.php?mod=viewthread&tid=13240

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 14:03  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
454
تۆھپە
216
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 21:54:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگۇ پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى يوقاتتى



ئاپتۇرى :لى شىنمىن

تىرىشچان تەرجىمىسى






            جۇڭگو ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاساسى پەنلەر ئالدىنقى سېپىدە ئىزدىنىشى ۋە ھەرىكەت قىلىشى يوقىلىپ،ئۇنىڭ ئورنىداياۋرۇپانىڭ،ئامېرىكىنىڭ ئىلىم ساھەسىگە چوقۇنۇشلا قالدى.چۈنكى،ھازىرقى جۇڭگۇ ئىلىم-پېنىدەئىلمىي ئىدىيە ۋە روھ غايىپ بولۇپ ،غەرب ئىلىم-پېنىنىڭ قۇشۇمچە گەۋدىسى بولۇپ قالدى
       جۇڭگو ئىلىم-پەن ساھەسى فېئودال پادىشاھلىقنىڭ ئاۋامنى كولدۇرلىتىدىغان كونا ئۇسۇلىنى ئىلىم-پەنگە ئېلىپ كىردى: «مۈلكى ئىلىمگەرلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى ھەقىقىي ئىلىم-پەن،ئەل-ئىچىدىكى ئىلىم-پەن ساختا ئىلىم-پەن.ئەمەلداربىلەن پۇقرا مەڭگۈبىر- بىرىگە قارشى.شۇڭا،ھەقىقىي ئىلىم-پەن بىلەن ساختائىلىم-پەنمۇ بىر-بىرىگە قارشى.ئاتالمىش مۈلكى ئىلىمگەرلەرنىڭ كىشىلەرگە ئېيتماقچى بولغىنى شۇكى،ئىلىم-پەننى ھۆكۈمەت تارماقلىرى تۇتۇپ تۇرغاچقا،ھەقىقەت ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قولىدا؛ئاۋام-پۇقرادا ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى يوق،ئاۋام پۇقرانىڭ قولىدا ھەقىقەت يوق؛ ئاۋام-پۇقرا ھايۋانغىمۇ يەتمەيدۇ».مانا مۇشۇنداق ئىپلاس قاراقچى لوگىكىسى جۇڭگو ئىلىم-پېنىنىڭ ئەڭ چوڭ بالايى-ئاپىتىدۇر.بۇ جۇڭگو ئىلىم-پېنىنىڭ«ئالاھىدىلىكى»،جۇڭگو ئىلىم-پېنىدىكى چىرىكلىكنىڭ يامراش خاھىشى ۋە ئىدىيسى.
        جۇڭگودا،ھەركۈنى مۈلكى ئىلىمگەرلەر ۋە ئەل ئىچى ئىلىمگەرلەرنىڭ غەۋغاسىنى قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرئىلىم-پەننىڭ نېمىلىكىنى،ئۇنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىلگىرلىشىدە نېمىگە تاينىدىغانلىقىنى،قانداق روھقا تاينىپ چۆرگىلەيدىغانلىقىنى ئەسلا بىلىشمەيدۇ.
   بۇلاريەنە شۇنىمۇ بىلمىسە كېرەك: ئىلىم-پەن ــــ جۇڭگو يېقىنقى دەۋىرلەردىن بۇيان ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ،ئەمما ئىزچىل خاتا چۈشىنىپ كەلگەن مەسىلە.بەزىلەر ئىلىم-پەننى ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ.ئۇلار ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ قىممىتىنى بىلسىمۇ،ئىلىم-پەننىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدۇ.ئۇلاردا ماتېماتىكا،فىزىكا،خىمىيەقاتارلىقلارغا قارىتا چۈشەنچە بار،ئەمما ئىلىم-پەن ھەققىدە چۈشەنچە يوق.ئەمەلىيەتتە،ئىلىم-پەن بىر روھ(«خەلق گېزىتى»دىن).
      جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن خادىملىرى ئىچىدە ئىلمىي تەتقىقاتقا ھەقىقىي بېرىلىپ قىلىدىغاندىن قانچىسى بار؟ ئۇلارنىڭ ۋاقتى مۇناسىۋەت باغلاش،يول مېڭىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات راسخۇتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەرپ بولىدۇ.يول مېڭىپ يۈرۈپ قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات راسخۇتىنىڭ يەنە 20پىرسەنتىن50پىرسەنتكىچە بولغان قىسمىنى يۇقىرىغا سۈڭگۈتىدىغان گەپ.ئۇنىڭدىن كېيىنلا ئويلايدىغىنى بۇ پۇلنى قانداق خەجلەش ئىشىدۇر.ئىلمىي تەتقىقات تۈرى مۇكاپاتلانسا،تۈرقاتناشقۇچىلىرى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ 20-چىسىنىڭ كەينىگە تىزىلىدۇ.ئالدىنقى 20سى بىرقانچە قاتلام تۈرنى تەستىقلىغۇچىلارتەرىپىدىن بۆلۈشۈپ بولۇنغان بولىدۇ.تۈر قانچە چوڭ بولسا،مۇكاپات تۈرىنى بۆلۈشىدىغانلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.ئەلۋەتتە،بۇلار رەھبەرلەرنى،يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار،تارماقلار،ھەمكارلاشقۇچى ئورگانلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ،تۈرگە قاتناشقان تەتقىقاتچى خادىملارئاخىرىغا قاراپ قىستىلىشىدۇ. جۇڭگونىڭ مۇشۇ ھالدىكى ئىلىم-پەن پائالىيتى ۋە ئىلىم-پەن رامكىسى ئىچىدە كىممۇ يۈرەكلىك تۇرۇپ ئىلمىي تەتقىقاتقا كىرىشەلىسۇن،تىرىشسىمۇ بىكار تىرىشىدىغان گەپ.ئۇنىڭدىن كۆرە بىرقانچە پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئۆسۈشنىڭ ئامالىنى قىلغان تۈزۈك مېنىڭ بۇيەردە كۆزدە تۇتقىنىم،تېخنىكا تەتقىقات-ئىختىراسى ئەمەس.ئىلمىي تەتقىقاتتامەغلۇبىيەتمۇ بولىدۇ،تېخنىكا تەتقىقات-ئىختىراسىدا ئادەتتە مەغلۇبىيەتكە يول قۇيۇلمايدۇ،ئۇنىڭدا ئېرىشىلىدىغىنى مەلۇم تېخنىكا مەھسۇلاتىدۇر .
      جۇڭگوئىلىم-پەن تەتقىقاتى چىرىكلىك مەسلىسىلا ئەمەس،بەلكى قىلىشقا تېگىشلىكنى قىلماسلىق مەسلىسى.جۇڭگۇ ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويدى،بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى چەتئەلنىڭ سۈنئىي ھەمرا،چوڭ تىپتىكى كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىق تۈرىدىن ئېرىشىلگەن.سانىنى ئاخبارات قىلغان بىلەن ئەسلى ئۇتۇق بەرىبىر چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگودائىلىم-پەنگە يەنە سىنپىي تامغا بېسىلغان.تەتقىقات قىلغۇچىلارنى ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار،مۈلكى تەتقىقاتچىلاردەپ ئايرىشىدۇ.جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن سەھنىسىدە،مۈلكى ئىلىمگەرلەرئوت قويسا بولىدۇكى،ئەل ئىچىدىكى ئىلىمگەرلەر چىراق ياقسا يول قۇيۇلمايدۇ.ئىلىم-پەن خادىملىرى ئۆزلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلمايدۇ،باشقىلارنىڭ قىلىشىغىمۇ يول قويمايدۇ.ئىلىم-پەن خادىملىرى يەنە ئىلىم-پەندىكى سۆزلەش ھوقۇقىنى مەھكەم قاماللىۋېلىپ،ئاۋامدىن كەلگەن ئىلىم-پەن ھەرىكەتلىرىگە «ئەل ئىچى ئىلىمگەرى»،«ساختا ئىلىم-پەن»توقماقلىرىنى كۆتىرىپ چىقىپ زەربە بېرىشىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ
     ئىلىم-پەن –تەبىئەت سىرىنى بايقاش ھەققىدىكى مەلۇماتتۇر.بۇ ئىلىم-پەنگە قارىتا ئەڭ ئاددىي،ئەڭ ئىپتىدائى ھەم شۇنداقلا، ئەڭ توغرا چۈشىنىش ۋە تۇنۇش. ھالبۇكى،كىشىلەرنىڭ تەربىيلىنىش سەۋىيسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ،كىشىلەرنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان چۈشىنىشى ۋە تۇنۇشى، ھەقىقەتەن كۆپ خىللاشتى،ناھايىتى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ئىلىم-پەن، مائارىپ ساھەسىدە تېخىمۇ شۇنداق.بۇ ساھەدىكىلەر ئىلىم-پەن بىلەن ساختا ئىلىم-پەننىڭ پەرقىنى بىلمىدى.بۇلار ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماسلىقى بىلەن شۇنى ئايرىيالمىدىكى،بۈگۈنگە كەلگەندە ئىلىم-پەن ھادىسە (تەجرىبە ۋە كۆزىتىش) ۋە ماتېماتىكىلىق لوگىكىدىن يەكۈنلەپ چىققان نەزەرىيەلەر بولۇپ خۇلاسىلىنىپ، ھەرقايسى نەزەرىيە ھەم ھەرقايسى پەنلەرئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا زىتلىق پەيدا بولدى. ئىلىم-پەن ھازىرغىچە بارلىق ھەرىكەتلەرنى قوللايدىغان ماھىيەتلىك قانۇنىيەتنى يەكۈنلەپ چىقالمىدى. شۇڭا، بارلىق نەزەرىيلەردىن تەشىكىللەنگەن ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنى، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە يېقىنلاشمىغانلا بولسا ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنىڭ بۇرمىلىنىشى بولدى. تەجرىبىچىلىك (كەڭ مەنىدىكى-ت) ۋە تەجرىبە پېنى(تارمەنىدىكى-ت) بولمىسىلا، ماتېماتىكىلىق لوگىكا پېنى ياكى سۇبيېكتىپ ئاڭنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ھەممىسىلا ساختا ئىلىم-پەن(بىرقىسمى نىسبى ھەقىقەت،بىرقىسمى ساختا ھەقىقەت)دۇر.بۇلار مۇتلەق ھەقىقەتكە، پىرىنسىپ نەزەرىيسىنىڭ ئىلمىي يۈكسەكلىكىگە تېخى يەتمىگەن. شۇڭا، ھەرقانداق ئىلمىي نەزەرىيە يېڭى نەزەرىينى دەلىللەشنىڭ ئۆلچىمى بولالمايدۇ ھەم بولسىمۇ بولمايدۇ.پىرئۇستازلارنىڭ ئىدىيسى ۋە خاھىشىنى ئۆلچەم قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدى-مۇتلەق ھەقىقەتكە يېتىش. يەنى، ئىلىم-پەن نەزەرىيلىرىنى مۇتلەق ھەقىقەت ئىچىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش.بۇ ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەللىسى ھەم ئىلىم-پەننىڭ ئاخىرلىشىشى
       ئىلىم-پەن بايرىغىنى كۆتىرىۋېلىپ،ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلار،ئاتالمىش ساختا ئىلىم-پەن،... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم-پەن تەنقىدىنىڭ مۇھاكىمە دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.ئامېرىكىلىق داڭلىق ئاسترونوم كارل.ئېدۋارت.ساگان ئېيتىدۇكى:«ئىلىم-پەننىڭ مۇۋەپپىقيەتكە ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىلمىي تەنقىد بولۇپ،بۇ ئارقىلىق ئىدىيىمىز سىرتىقى دۇنيادىكى ئىدىيلەر بىلەن ھەر ۋاقىت سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئۆزىمىزنى قويىۋېتىپ، ئۆزىمىزنى تەنقىد قىلىشتىن ۋازكەچكەندە،ئۈمىد بىلەن پاكىتنى ئارىلاشتۇرىۋېلىپ سۆزلىگەندە، بۇلار بىزنى ساختا ئىلىم-پەن ۋە قارىغۇلارچە چوقۇنۇشنىڭ پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىدۇ».«ساپ ماتېماتىكىدىن باشقا، ھەرقانداق نەرسە مۇقىملاشمىغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نۇرغۇن نەرسىلەردىن گۇمانلانماسلىقنىڭ ئۆزى خاتا. ئىلىم-پەن قانداقمۇ ئىدىئاللاشقان ئابىستىراكىت نەرسە بولسۇن؟ ئىلىم-پەندىكى بەزى نەزەرىيلەر ھەتتا مۇۋاپىق ئابىستىراكىتلاشنىمۇ تاشلىۋېتىپ،بىۋاستە تەخمىن قىلغان ئۇقۇملارنى ئىشلەتكەن تۇرسا!».
         ئىلمىي-تەتقىقاتقا ئاجراتقان مەبلەغ ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ بۇنىڭغا تاينىپلا پەن-تەتقىقاتتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلىش مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى،بۇ ئاجرىتىلغان خىراجەت ئىلمىي تەتقىقاتقا ئىشلىتىلمەي،مەبلەغ سېلىش ۋە باشقا ئىشلارغا خەجلەنسە بولىدۇ.جۇڭگونىڭ ئىلمىي تەتقىقات راسخۇتى تەتقىقات خادىملىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىغا ئايلىنىپ قالدى.دۆلەتنىڭ ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتى ۋە تېخنىكا ئۆتكەل تۈرلىرى،كارخانىلارنىڭ تېخنىكا، تەتقىقات-ئىختىرالىرى،پاتېنىت تېخنىكا تۈرلىرى،مەلۇم كارخانىلارنىڭ ئاساسى تەتقىقات-ئىختىرالىرى، شەخىسلەر ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايرىپ قاراش لازىم. كىشلەرھەمىشە بۇلارنى ئارىلاشتۇرىۋالىدۇ .پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئىقتىدارىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ئاساسى پەنلەر تەتقىقات ئىقتىدارى بولۇپ، تېخنىكا ئىختىرالىرى ۋە يېڭى تېخنىكىلارئەمەس. كېيىنكىلىرى بولسا ئاساسى پەنلەرنەزەرىيسىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشىدۇر.
         مەيلى بىزنىڭ ئاساسى پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملىرىمىز2  مىليۇن بولسۇن ياكى 1مىليۇن يۈزمىڭ بولسۇن،ۋە مەيلى بىزدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ھەم ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى ئۈنۋانغا ئىگە خادىملىرىمىزنىڭ سانى دۇنيادا1 -ئۇرۇنداتۇرسۇن،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتقا كىرىشكەن بىرەرسىنى ئۇچراتقىلى بولمىسا جۇڭگونى قانداقمۇ ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى بار دېگىلى بولسۇن؟ ئىلمىي ماقالە سانى بىلەن پاتېنىت سانى ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.چۈنكى، جۇڭگوئاساسى پەنلەر تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھازىرقى ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىلا شەكىلۋازلىققا ئايلانغان، ماتېماتىكا شەكلىدىكى ئىلمىي ماقالىلەردۇر. بۇ ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى سۇبيېكتىپ شەكىلۋازلىق، ھېسسىيلاشتۇرۇشنىڭ مەھسۇلى.ئىلمىي ماقالىلەر ئەمدىلىكتە ئوبيېكتىپ دۇنيانى چۈشەندۈرۈش ۋە بايان قىلىش بولماي، ماتېماتىكىلىق بايقاش، ماتېماتىكىلىق دېدوكسىيە بولدى. ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلىپ ماتېماتىكىدىن پايدىلىنىپ دۇنيانى ھېس قىلىدىغان ۋە دۇنيانى يارىتىدىغان بىلىم بولۇپ قالدى. پاتېنىت-تېخنىكىلار جۇڭگونىڭ ئاساسى پەنلەردىكى بايقاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرسەتمەيدۇ ھەم شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىلىم-پەن نەزەرىيلىرى ۋە سېستىمىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىپادىلىمەيدۇ. ھەركۈنى بارلىققا كېلىۋاتقان ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلمىي ماقالىلەردىن بىرەرسى جۇڭگولۇقلارنىڭ بايقىشىمۇ؟ بىرەرسى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىدىن چىققان نەزەرىيە ياكى نەزەرىيەدىكى يېڭىلىق يارىتىشمۇ؟بىرەر ئىلمىي ساھەدە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە سېستىمىسى ياكى ئىلمىي ئېقىمىنىڭ شەكىللەنگىنىنى ئۇچراتتۇقمۇ؟ ئالدىنقى بىر ئەۋلات پېشقەدەم ماتېماتىكلار تۇرغۇزغان جۇڭگو سانلارنەزەرىيسى ئىلمىي ئېقىمى، بۇگۈن پەقەتلا شەكىل بولۇپ قالدى، دەسمايىنى يەپ يېتىپتۇق.
      جۇڭگودا 32مىليۇن پەن-تەتقىقات خادىمى بار، بىۋاستە تەتقىقات ۋەزىپىسى ۋە تەتقىقات راسخۇتىنى ئالىدىغانلار2 مىليۇندىن كۆپرەك. قالغانلىرى كارخانا پەن-تەتقىقات قۇشۇنلىرى،خىزمەتتە بولمىغان ئىشتىن سىرتقى پەن-تەتقىقات خادىملىرى بۇلارنىڭ سىرتىدا.مۇشۇنچىۋالا چوڭ تەتقىقات قوشۇنىنىڭ تەتقىقات ئىقتىدارى ۋە تەتقىقات نەتىجىسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىدىن تۆۋەن قاتلىمىدا،بارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. يەنى، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبۇل كوماندىسى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. كانادانىڭ نوپۇسى 32 مىليۇنغا يەتمەيدۇ،ئەمما تەتقىقات ئىقتىدارى دۇنيادىكى ئالدىنقى 6-، 7-ئورۇنداتۇرىدۇ. كانادا دا قانچىلىك خىزمەتتىكى تەتقىقاتچى بارلىقى ماڭا ئېنىق ئەمەس، بىرمىليۇندىن ئاشمايدىغۇ دەيمەن جۇڭگو پەن-تەتقىقات خادىملىرى ھەقىقىي تەتقىقات قوشۇنى ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي پائالىيەت قوشۇنى
      بىرىنچىدىن، ھەربىرئادەمنىڭ تەتقىقاتقا ئاجراتقان ۋاقتى ۋە زېھنى قۇۋۋەت بەك ئاز.
ئىككىنچىدىن،تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشىش ئۇزاق مەزگىللىك توپلىنىشتىن ھاسىل بولىدۇ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىقسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلمەيدۇ
     ئۈچىنچىدىن، جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپلىرى چوڭ ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمايدۇ ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان ئادەم يوق.بىردۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ تەتقىقات قوشۇنى بىزنىڭ بارلىق تەتقىقات قوشۇنىمىز بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. كىچىككىنە كورىيە چېغىدا جۇڭگونى قالاق بىلىپ، جۇڭگودا ئىشلىگەن نەرسىلەرنى «ئەخلەت»دەپ قارايدۇ. ھازىرقى جۇڭگونىڭ پەن-تەتقىقات خادىملىرى ۋە پەن-تەتقىقات ئىقتىدارى 20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىكىدىنمۇ كۆپ ئاجىزلاپ كەتتى. 32مىليۇن تەتقىقات خادىمىدىن ئىلمىي تەتقىقاتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشكەندىن ساناپ كەلسە بىر نەچچىسىمۇ چىقمايدۇ. جۇڭگونىڭ پەن-تەتقىقات خىزمىتىنى ئاق ھالەتتە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.ھېچكىممۇ ھەقىقىي ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمىسا، ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى ۋە تەتقىقات نەتىجىسى يوق بولغاندىن كېيىن ئاق ھالەتتە دەيمىزدە سامسۇڭ شىركىتىدەك بىر شىركەت چېغىدا«مېنىڭدەك بىرشىركەتنىڭ مۇستەقىل تېخنىكىسىغا سېنىڭدەك بىر دۆلەت تەڭلىشەلمەيدۇ» دەپ كۆرەڭلەيدۇ.تىيەنجىندىكى سامسۇڭ شىركىتىنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلارغا بېرىدىغان مائاشى بەك تۆۋەن،ئەمگەك سىجىللىقى ۋە ئەمگەك ۋاقتى بولسا ئەڭ ئۇزۇن، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە قانۇننى كۆزگە ئىلىپمۇ قويماي يۈرۈيدۇ. خەقنىڭ تېخنىكىسى،ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى بار، بىزخەققە بېقىندا بولغاندىن كېيىن نېمەئامال
      ھازىركىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېققىتىنى دۆلەت مەمۇرلىقىغا قارىتىپ، ئەمەلدارلىق ئورنىنى تالىشىدۇ ھەم زېھنى كۈچىنى، ۋاقتىنى كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىقسادىي پائالىيەتلەرگە سەرپ ئېتىدۇ تەتقىقات خىراجىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خەجلىنىدۇ ياكى يۇقىرىغا سۈڭگۈتىلىدۇ. تەتقىقات خادىملىرىنىڭ خىراجەتنى ئىشلىتىپ كېتىشى ئۇمۇميۈزلۈك ئەھۋال ، تەتقىقات خىراجىتىنى ئىشلىتىپ كەتمىسە، بۇنىڭغا ھەيران قالساق بولىدۇ. بىر پەن-تەتقىقات تۈرىگە پۇل بولمىسا قانداق بولغىنى؟ يالغان سانلىق مەلۇماتلارنى ياساشقا، يالغان ماتېرىياللارنى تۇقۇپ، يالغان ئىش ۋاقتى ۋە يالغان ئۈسكۈنە، يالغان زاۋۇت ۋە ئورۇنلارنى ئويدۇرۇپ چىقىشقىمۇ پۇل كېتىدىغان تۇرسا. ھەتتا،تۈرگە تەستىق ئېلىشتىلا نۇرغۇن ساختا مەلۇماتلاردىن سىرت تەستىقلىغۇچى تارماق ۋە خادىملارغا پۇل تىقىدىغان ئىش. نىسبەت بويىچە كېلىشلىدۇ، بۇ نىسبەت كۆپ بولغاندا  50پىرسەنتكە يېتىدۇ. بۇ دەل ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيتى ۋە خىزمىتى.مۇشۇنداق تەتقىقات قۇشۇنىدىن بىرەر نەتىجە چىقسا غەلىتە ئىش بولمامدۇ، ھېچقانداق نەتىجە چىقمىسا ئاندىن نورماللىق بولىدۇ
         ئاتالمىش ئۇستىلار،مۇتەخەسسىسلەر، ئىلىم يۇرتلىرىنىڭ ھەيئەتلىرى،تۈر باشلامچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك80-يىللاردا دىپلوم ئالغانلار بولۇپ، ئۇلارنى مەدەنىيەت سەۋىيسى تۆۋەن دېسەڭ ئۇلارنىڭ دېپلومى يوغان، قالپاق چوڭ.ئۇلارنى سەۋىيلىكمىكىن دېسەڭ، ھېچنىمىنى ئۇقمايدۇ ھەم ھېچنىمىنى قىلالمايدۇ. پارتىيىمىزنىڭ ئىستىلىدا مەسىلە بار، مەركىزى پارتىيە مەكتەپ تۆت ئاي ئىچىدىلا بۇلارغا (بىرەركۈنمۇ دەرس ئوقۇپ باقمىغان بولسىمۇ) مەخسۇس كۇرس، بىر يىلدا تۇلۇق كۇرسنىڭ دىپلوملىرىنى بېرىۋېتىدۇ.بەزى مەكتەپلەر ماگىستىرلىق، دوكتۇرلۇقنىڭ دىپلوم ،ئۈنۋانىنى بىر-ئىككى تۈمەنگىلا ساتىدۇ. چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش مائارىپىنى ئېتىراپ قىلىپ، داڭلىق مەكتەپلەرنى ئېتىراپ قىلماسلىقىدىنمۇ ھەيران قالمىساق بولىدۇ.
ھازىرقى جۇڭگودا ئالىي مەكتەپلەر كەسىپ مەشىق مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ھىچ ئىشنى قىلىشنى بىلمەيدۇ، ھىچ ئىشنى قىلالمايدۇ. پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگەنمىگەن، ئىلمىي تەتقىقاتتىنغۇ سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ.
    90-يىللاردىن كېيىن بىزنىڭ ئىدارىگە تەقسىم قىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى خىزمەتكە قاتناشقىلى5 -6 يىل بولغان بولسىمۇ، يەنىلا بىرەر ئۇستىنىڭ يېتەكلىشىدىن ئايرىلىپ ئۆزى مۇستەقىل خىزمەت قىلالمايدۇ. تىيەنجىن داشۆنىڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچىغا ئىشلەۋاتقلى 5يىلدىن ئاشتى، تا ھازىرغىچە قۇرۇلۇش سېخمىسىدىن خاتالىق كۆرۈلىدۇ، مەسىلە سادىر بولىدۇ، ئىلاجىسىز قۇرلۇش ئەترىتىمۇ ئۇ سىزىپ چىققان چىرتىيۇژ بۇيىچە ئىش ئېلىپ بارالمايدۇ. كەسپىي بىلىملەردىن چوڭراق ساھەنىڭ مەسلىسى بولسىغۇ بىرگەپ ،ئۇلار ھەتتا ساۋات خارەكتېرلىك ئاددىي بىلىملەرگىمۇ چولتا ئالىي مەكتەپلىرىمىزگە نېمە بولدى؟ جەمئىيتىمىزگە نېمە بولدى؟ قارىغاندا بىزگە نىسبەتەن پەن ئالىملىرىدىنمۇ بەكرەك مۇتەپەككۇر زۆرۈر بولسا كېرەك. ئۇلار پەيدا بولۇپ، داشۆلىرىمىزنى،ئىلمىي-تەتقىقات قۇشۇنىمىزنى قۇتقۇزىۋالسا!
   ياپۇنىيەنىڭ نۇپۇسىغا تەڭلەشكۈدەك ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى ئۈنۋانغا ئىگە توپ ئىچىدىن، كانادا نۇپۇسىنى بېسىپ چۈشكىدەك جۇڭگو ئىلمىي-تەتقىقات خادىملىرى ئىچىدىن، شۇنچە زور قۇشۇن ئىچىدىن بىرەر ھەقىقىي ئالىمنى،ئىلمىي نەزەرىينى ياكى ئىلمىي ئېقىمنى ئۇچراتمايمىز ئىلغار ئۈسكۈنە دېسە بىزدە بار، تەتقىقاتنى باش چۆكۈرۈپ قىلىدىغان ئادەملا كەم.ئىلىم-پەندىكى يېڭى بايقاش، ئۇزاق مەزگىللىك ئىزدىنىش، تەجرىبە قىلىش، سىناق قىلىش، كۆزىتىشتىن كېلىدۇ. بىرقانچە فىزىكىلىق فورمۇلانى ماتېماتىكىلىق تەڭلىمە ۋە ماتېماتىكا نەزەرىيلىرى بىلەن كېڭەيتكەنگە يېڭى بايقاش بولۇپ قالمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن تەتقىقاتچىلىرى مانا مۇشۇنداق ئۇزاق مەزگىللىك سىناققا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلار تۆھپە ۋە نام-ئاتاققا ئالدىراپ كېتىپ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلدىلا «يېڭى ئىلمىي بايقاش»لارغا ئېرىشىۋاتىدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن ناھايىتى تېز مۇتەخەسسىسلىك نۇپۇزىغا ئېرىشىپ ئاتاق ھەم ياخشى تەمىناتلاردىن بەھىرمەن بولىۋاتىدۇ ئۇلار مەخسۇس نەزەرىيە «ئوينايدىغان» مۇتەخەسسىسلەر، ئۇلار نەزەرىيدىن ئېلىپ يەنە نەزەرىيگە قويىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتنى سۇبيېكتىپ ئېڭىدىن ۋە ماتېماتىكىدىن ئىزدەيدۇ. ماقالەيېزىش، كىتاپ چىقىرىش بولسا ئۇلارنىڭ سالاھىيتىنىڭ بەلگىسى شۇنداقلا، ئۇلارنى ھوقۇق، مەرتىۋىگە ئۆتكۈزىدىغان كۆۋرۈك
       ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىلمىي تەتقىقات تۈرلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەربىر تۈر30 يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي خىزمەتنىڭ نەتىجىسى، بەزىلىرى ئىككى ياكى ئۈچ ئەۋلات ۋارىسلىق ئاساسىدا بىر-بىرىگە ئۇلاپ يۈرۈپ ئېرىشكەن نەتىجىلەردۇر. جۇڭگو بىلەن كورىيە «ئۆچكىگە چىگىت بېرىپ ئەتىسىگە قۇيرۇقىنى سىلايدىغان» دۆلەتلەر، 30يىلدىن ئاشقان بىرەرتەتقىقات تۈرى يوق، ئىلمىي نەزەرىيسى ۋە مۇستەقىل ئىلمىي ئۇتۇقلىرى يوق ئىقتىسادىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تېخنىكا پەنلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىقات-ئىختىرا سەۋىيسى يامان ئەمەس بولغان بىلەن، بۇلار پەقەت كارخانا ۋە شەخىسلەرگىلا نەپ ئېلىپ كېلىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان تۈرلەردۇر
      ھالبۇكى، ئىلىم-پەن ئاساسى تەتقىقاتىنىڭ مېۋىسى ئۇزاقتا كۆرۈلىدۇ. بەلكىم، بىرئادەم ئۆمۈر بۇيى ئىزدىنىپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرقانچە ئەۋلات بەدەل تۆلەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. خەلقى«دېگىزغا چۈشۈپ»، سودىگەرگە ئايلىنىۋاتقان، پۈتكۈل جەمئىيەت پۇلنىلا تۇنۇيدىغان ۋەزىيەت ئاستىدا، جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە ھېچكىممۇ پۇلنىڭ ۋەسۋەسىسىنى يېڭەلمىدى. ئۇزاق مەزگىللىك تەنھالىق ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن پايدا كۆرمەسلىك سىنىقى ئالدىدا، ھەممەيلەن كۆزئالدىدىكى مەنئەپەتكە قاراپ ئېتىلدى جۇڭگودا، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر ھازىرقى ئىلىم-پەن سېستىمىسىغا قارىتىلغان ھەر قانداق تەنقىدكە قارشىلىق قىلدى. ھەتتا بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇخىل قارشىلىقىنى جامائەت پىكرى توپلاش، ئېنتىرنىتتىن پايدىلىنىپ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇش شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەپ ئۈلگۈردى. ھېچ ئىشقىلمايدىغان، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى جايىدا قىلمايۋاتقان بۇ مۇتەخەسسىسلەر «كۋانت مىخانىكىسى، كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيسى، ماتېماتىكىلىق ئاساسىي پەرق كۆز قارىشىنى سەنلەر ئۇقۇپمۇ تېگىگە يېتەلمەيسەن» دېگەنلەرنى كوزۇر قىلىپ تەنقىدى پىكىرلەرگە رەددىيە بېرىشتى دۆلەت (ئۇمۇمىي خەلق) پەن-مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ جاۋاب كۈتىۋاتقىلى 30نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، مائارىپتا ھېچقانچە يۈكسىلىش بولمىدى. بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز پەقەت كىتاب ئوقۇش مۇھىتىنىلا يېڭىلىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ سەۋىيسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى دېھقان-ئەسكەر سىتۇدېنتلاردىنمۇ تۆۋەن ھالغا چۈشۈپ قالدى .
         ھازىر جۇڭگودا يىلىغا نەچچە مىليۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. بۇ سان بىردۆلەتنىڭ ئۇمۇمىي نۇپۇسىغا توغرا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغان بىلەن بۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پەرقى ئۇلار بىرقانچە كىتابنى ئارتۇق ئوقۇغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىدىيە،روھ، دۇنياقاراش، قىممەت قارىشى،تەن-ساپاسى، ئەمگەك، تېخنىكا، نەزەرىيە، ئىجادچانلىق، ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت، دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، مىللىي كىملىك، سەنئەت قاتارلىق تەرەپلەردىن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. ھەتتا پىسخىكا جەھەتتىن تېخىمۇ شەخسىيەتچى، مۇتىھەم، ھورۇن، مىشچانلارغا ئايلانغان .مائارىپنىڭ ئەسلى نىشانى ئاقسۆڭەكلەرنى ئەمەس،ئەمگەكچىلەرنى، ۋەتەن خائىنى، ساتقىنلارنى ئەمەس ۋەتەنپەرۋەرلەرنى تەربىيلەش ئىدى. مەلۇم ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ بارلىق(كۆپمۇ ئەمەسقۇ) ئىجادىي تېخنىكا نەتىجىلىرى 70-يىللارنىڭ ئالدىدىكى «كونا دەسمايە» دىن كەلگەنىكەن، بۇنىڭدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشچى، دېھقان، ئەسكەر، زىيالىي قاتارلىقلارنىڭ ھەسسىسى بار،ئەلۋەتتە.
        مائارىپ تۈگەشتى، ئەمما مائارىپ خىزمەتچىلىرى ھەممىسى دېگۈدەك ئوتتۇرا بۇرژىئازىيە قاتلىمىغا كىرىپ بولدى. 30يىلدىن ئاشتى، ئىلىم-پەن تەرەققىياتىمىز نۆلگە ھېساب، ھەتتا ئارقىغا چېكىنىش بولدى21-ئەسىردە ياشاۋاتىمىز، جۇڭگو ئىلىم-پەن خىزمەتچىلىرى «قىلىدىغاننى قىلالماسلىق» خىزمەت ئەندىزىسىدە تۇرماقتا. ھۆكۈمەت خىراجەتنى يىلدا كۆپەيتىۋاتىدۇ، ئۈسكۈنىلەرتوختىماي يېڭىلىنىۋاتىدۇ، تەجرىبىخانىلار يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ، ئاكادېمىك،دوكتۇر،پروففىسورلارنىڭ سانىمۇ يىلسېرى كۆپىيۋاتىدۇ. خەلقئارالىق داڭلىق نەشرى ئەپكارلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ سانىمۇ ھەدەپ ئېشىۋاتىدۇ.خەلقئارالىق ھەمكارلىق تۈرلىرى يىلسېرى كۆپىيىپ،چەتئەل كۆرگەن دوكتۇرلىرىمىز بارغانچە كۆپىيۋاتىدۇ. ئەمما، تەتقىقاتقا چۆكۈپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا ئازلاۋاتىدۇ، ھازىر بۇ سان ئازلاپ تۈگەپ قالاي دېدى. ئىلىم-پەن دەپسەندە قىلىندى، ئەمما ئىلىم-پەن خىزمەتچىلىرى ئوتتۇرا قاتلامدىن يۇقىرى بورژۇئازلارغا ئايلىنىپ بولدى. باشقۇرغۇچىلارغۇ بايىلا ئىسمى-جىسمىغا لايىق بايلاردىن بولۇپ قالدى. 30يىللىق مائارىپ ۋە پەن-تەتقىقات، 30يىللىق كۆزياش، خەلقنىڭ 30يىللىق قەلب يارىسى، 30يىللىق مىللىي ھەسرەت!
       جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىدىيسى مائارىپ ۋە ئىلىم-پەننىڭ ئۇمۇرتىقىسىنى سۇغۇرىۋالدى. مەدھىيە نەزمىلىرى ئالقىشلىنىپ، مۇڭلۇق ناخشىلار چەتتە قالدى.«ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى»، «تاغلىق كەنتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش»،...بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيتى، بۇلارنى قانداقسىگە ئاۋام-خەلق زىممىسىگە ئالغۇدەك؟مەجبۇرى مائارىپنى قۇبۇل قىلىش ھەربىر پۇقرانىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىي مائارىپنى ئىزچىللاشتۇرۇشمۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىيتى، بۇنى قانۇن بەلگىلىگەن. نېمىشقا ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان تەرەپلىرىنى تەنقىدلەيدىغانغا ئاخبارات ۋاستىلىرى چىقمايدۇ؟ ھۆكۈمەت پۇقرالارنى يېتەكلىگۈچى سەركە. يېقىنقى 30يىل مابەينىدە ھەركەسىپ، ھەرساھە بىرتۇتاش ئىسلاھاتقا ئەگىشىپ ماڭدى. مائارىپ ۋە پەن-تەتقىقات ساھەسى، رادىئو-تېلۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، مەتبۇئاتلارمۇ بۇيېتەكلەشكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ كەلدى. جۇڭگو پۇلنىڭ بايرىقى ئاستىدا، «يېيىش» مارشى ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلىدى. بۈيۈك جۇڭخۇانى، بۈيۈك بىر ئىمپىرىينى «يېيىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈش»، كۆكنى، سۇنى بويسۇندۇرۇپ، ئاندىن ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىنى «يېيىش»، بارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى«يەپ» مەغلۇپ قىلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆتكۈر قورالى ۋە ماھارىتى بولغان ئەھۋالدا، يەنە ئىلىم-پەننى قوغلىشىپ نېمە كەپتۇ؟ ئاۋىئاماتكىنىڭ نېمە كېرىكى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاغزى دۈشمىنىنى يەۋىتەلەيدىغان بولغاندىكىن. يېيېىشنى تەرك ئەتسە جۇڭگولۇق بولماي قالىدۇ،دە!


جۇڭخۇا مۇنبىرى



http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=7334   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 23:02  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
454
تۆھپە
216
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 10:46:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا ساھادىكىلەرگە ئوخشاش،ئىلىم-پەن، تەتقىقات ساھەسىدىمۇ چىرىكلىك،مەسئۇليەتسىزلىك،ساختىلىق ئەۋىج ئېلىپ كەتكەن بۆگۆنكى كۆندە خەلىقنىڭ نازەرەتچىلىك ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى قوزغۇتۇش،ھۆرمەت قىلىش ئىنتايىن موھىم.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
454
تۆھپە
216
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 20:26:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇ يوۋيوۋ ھادىسسىنى ئەسلەش: بەزى تەتقىقاتلارغا بېرىلگەن كۆپ مەبلەغ ئالىملارغا زىيان سالدى




تۇ يوۋيوۋ ھادىسسى: ئىلمىي تەتقىقاتنى باھالاش مېخانىزىمىنى تەكشۈرۈش ئارتىنىن (arteanuin)نىڭ بايقىلىشى ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشلار ئەۋج ئېلىۋاتقان چاغدا، تۇ يوۋيوۋنىڭ مۇھىم تۆھپىسى يەنىلا ھەر تەرەپتىن قۇبۇل قىلىنىشقا ئېرىشمەكتە. دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى يوق، چەتئەلدە ئوقۇغان ئارقا كۆرۈنۈشى يوق، ئاكادېمىك تاجى يوق بولغان، نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن «ئۈچتە يوق خادىم» دەپ مەسخىرە قىلىنغان بۇ موماي خەلىقئارادا ئورتاق ھالدا نوبىل مۇكاپاتى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلقئارالىق مۇكاپات دەپ ئېتراپ قىلىنغان «لاسكى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ 40 يىل ئىلگىرىكى نەتىجىلىرى بىرلا ۋاقىتتا قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئېرىشىپ، ئۈن-تنىسىز، نام-شەرەپسىز تۇرغان بۇ ئايال تۇيۇقسىز شان-شۆھرەت ئىگىسى بولۇپ قالدى. داڭلىق نېرۋا ئىلمى ئالىمى گېرانشىيوس تەتقىقات ئورنى بىئولوگىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇبەي پىرافىسسور مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن، تۇ يوۋيوۋنىڭ «لاسكى مۇكاپاتى»غا ئېرىشىشى بىزنىڭ جوڭگونىڭ ئىلمىي تەتقىقاتنى باھالاش مىخانىزىمىدىكى مەسىلىلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈشىمىزگە، «ئۆزئادەملىرىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى ئۆزى ئۇقماي، سىرىتتكىلەر ئۇقۇپ بولغان» بۇ ئىشنىڭ تىگى-تەكتىدىكى مەسىلىلەرنى سۈرۈشتۈرۈشىمىزگە تۈرۈتكە بولدى.

ئەمدىلا ئاياقلاشقان جوڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا، جوڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خەن چىدېمۇ ئاشكارا ھالدا ئارتىنىن (arteanuin) نىڭ بايقىلىشى تېخىچە يىتەرلىك مۇكاپات ۋە تەقدىرلەشلەرگە ئېرىشەلمىدى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن مەسىلىلەر چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ، دەپ كۆرسەتتى.


جوڭگو ئىلىم-پېنى دۇنيا تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىندى، بىراق ئالىملارنىڭ ئېتراپ قىلىنىشى ئاز بولدى

«ئۇلارنىڭ ئاكادېمىكلار قاتارىغا كىرىدىغان سالاھىيىتى تامامەن بار.بىراق بۇرۇنلا كىرىشى كېرەك ئىدى،» لۇبەي بۇنىڭغا نىسبەتەن خاتا ئويلىمىغان ئىدى، بىراق يۈەن لوڭپىڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالىملارنىڭ كەچۈرمىشى ئادەملەرنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. دۇنيا تەرىپىدىن كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان دەپ ئېتراپ قىلىنغان ئالىملارنىڭ، جوڭگو ئىلىم ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەت يىتەرلىك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەسلىكى تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. بىر تورداش توردىن بەزگەككە قارىشى تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدە بىرەر قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققان.

بىراق لۇبەينىڭ قارىشىچە، بۇ ياشانغان ئالىمنىڭ30 يىلنىڭ ئالدىدا ئېرىشكەن نەتىجىسى جوڭگو تۇپرىقىدا ئىجتىھات قىلىپ ئىشلىشىدىن كەلگەن، دۇنياۋى سەۋىيىگە ۋە ئىجادىيلىققا ئىگە خىزمەت بولۇپ، «جوڭگو يېقىنقى زامان يېڭى دورا تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ئەڭ زور بايقاشلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.»

سىتانفورد ئونۋېرسىتىتىنىڭ پىرافىسسورى، لاسكې مۇكاپاتى باھالاش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى لاس شاپلېر ئارتىنىن (arteanuin)نىڭ بايقىلىشىغا مۇنداق باھا بېرىدۇ: «ئىنسانلارنىڭ دورا تەتقىقات تارىخىدا، بىز نەچچە مىليۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئاغرىق بېسىمنى يىنىكلىتىدىغان، شۇنداقلا نەچچە يۈزلىگەن دۆلەتلەردىكى مىليۇنلىغان ھاياتلىقنى قۇتقۇزدىغان بايقاشلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرمايدۇ.»

9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دوراياساش گوروھى بولغان (GSK)نىڭ جوڭگو تەتقىقات مەركىزى ھاياتلىق ئىلمى كۆرىنەرلىك نەتىجە قازانغان، ئارتىنىن (arteanuin)بىلەن نام قازانغان تۇ يوۋيوۋ بىلەن سەنكىيا تەتقىقاتى قىلغان جاڭ نىڭ دوڭغا مۇكاپات بەردى، ئۇلار ھاياتلىق ئىلمى ۋە قوللىنىش جەھەتتە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. «جوڭگو تۇپرىقىدا تۇرۇپ دۇنياۋىي سەۋيىدىكى ئىجادىي نەتىجىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى تېخىمۇ ئاسان ئەمەس، بۇنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش ۋە قوللاش كېرەك».لۇبەينىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى جوڭگودا مۇنداق بىر خىل ھالەت شەكىللەنگەن، جوڭگۇ ئىلىم -پېنى دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلىدى، بىراق، ئالىملىرىنىڭ دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئىنتايىن ئاز بولدى. «بىز GSKدىن ئىبارەت خەلقئارا ماركىدىن پايدىلنىپ، جوڭگو ئالىملىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىلىم-پەن دۇنياسى تەرىپىدىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك.» يېقىنقى يىللاردىن بويان، خەلقئارادىكى بىرقىسىم داڭلىق ژۇرناللاردا دۆلەت ئىچىدىكى ئىلىم پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى بارغانسېرى كۆپلەپ ئېلان قىلىنىپ، جوڭگو ئىلىم پېنىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. بىراق، بىر قىسىم ئاپتورلار ھېچنىمىدىن ئايانماي باھالىغۇچىلار ئوتتۇرغا قويغان تەلەپلەرنى تولدۇرۇشقىلا ئەجىر قىلغانلىقتىن، ماقالىلىرىدە تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغان ياكى تېما بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئابزاس ياكى رەسىملەرنىڭ بولۇشىنىمۇ كۆرۈش تەس ئەمەس. ھەتتابەزى ئاپتورلار سانلىق مەلۇماتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ساختىپەزلىك قىلىپ،باھالىغۇچىلارنىڭ ئۆتكۈزۋېتىشىنى ئۆتۈنىدۇ. ئاز ساندىكىلىرى ھەتتا ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، بۇ كىشىلەر جوڭگو ئالىملىرىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

لۇبەي ئېغىر ئۇھسىنىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرقىسىم ئالىملارنىڭ ئىلمىي ماقالىنىڭ تەسىر ئامىلىنىلا قوغلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دېدى. «ساڭا قانداق سانلىق مەلۇمات لازىم بولسا مەن ساڭا شۇنداق سانلىق مەلۇمات بېرىمەن، ئىلىم پەن دېگەن مۇشۇنداق بولامدۇ؟»، «ئىلىم پەن تەتقىقاتى ئىنتايىن ئاددى سان سىفىرلارغا ئايلىنىپ قالدى، ساندا قانچىلىك «ئىلىم-پەن» بار، «تەبىئەت»ماقالىسىدە سان نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرى قانچىلىك؟ بۇنداق قىلىش بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرگەنلىك، خالاس.» لوبەي مۇنداق كۆرسەتتى، «كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىلمىي ماقالىنى ئەمەس بەلكى ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن كېلىدىغان مەنپىئەتنى بەكرەك قوغلىشىدۇ.»، «ئىلىم-پەن بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ كەسىپ، ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئىلىم پەنگە بولغان ھەۋىسىنى ۋە بايقاش قىزغىنلىقىنى قاندۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە جەمىيەتكە تۆھپە قوشۇپ خەلىققە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.» بىراق، لۇبەينىڭ بايقىشىچە، ھازىر دۆلەت ئىچىدە بارغانسېرى كۆپ ئىلمىي بايقاش بىلەن پۇل، مەرتىۋە، مەنپىئەت زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ قالغان.

بۇ جەھەتتە دۆلەت ئىچى بىلەن سىرىتىنىڭ پەرق شۇنداق زور: «دۆلىتىمىزدە ئاكادېمىك بولغانلارنىڭ ئۆيى، ماشىنىسى بولىدۇ، ناھايتى كۆپ ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمان بولىدۇ. دائىم مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىپ تۇرىدۇ، يىغىنلاردارەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ؛ بىراق چەتئەللەردە، ئاكادېمىكلار ئۆچرەت تۇردىغان يەردە چوقۇم ئۆچىرەت تۇرىدۇ، ئىلمىي يىغىنلاردا ئەزەلدىن رەئىس سەھنىسىدەئولتۇرىدۇ دەيدىغان گەپ يوق. باشقىلارنىڭ چۈشەندۈرشىنى ئاڭلىغان چاغدا، مەيلى قانچىلىك چوڭ نۇپۇزلۇق ئالىم بولسۇن ھەممىسى قائىدە بويىچە پەستە ئولتۇرىدۇ، ھەتتانوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىمنىڭمۇ بۇنداق ئىمتىيازى يوق.»

دۆلەت ئىچدىكى ئالىملار بىلەن ئۇچىرشىش جەريانىدا، لۇبەي مۇنداق بىر خىل «يېڭى ئىدىيە»نى بارا-بارا ھېس قىلغان: دائىم پاراڭلاشقاندا مۇنداق بىر قانچە جۈمىلە ئېيتىلىدۇ، قارشى تەرەپ دەرھال ماقالىسىنىڭ تەسىر ئامىلىنىڭ قانچىدە قانچە نومۇر بولغانلىقىنى، قانچىلىك يۇقىرى تەسىر ئاملىنىىڭ قانچىلىك چوڭ مۇكاپات ۋە مەنپىئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. بىراق دۇنيادىكى بىر قىسىم داڭلىق مەكتەپلەردە، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى قانچىلىك مۇھىم ئىلمىي بايقاشلارنى چىقارغانلىقى، ھېچكىم قانچىلىك ئاكادېمىك بارلىقىنى مەخسۇس ساناپ يۈرمەيدۇ. بۇلارمۇ ئوخشاشلا بۇ خىل «يېڭى ئىدىيە»نى زوق بىلەن سۆزلەيدىغان ئىشلاردىن ئىبارەت.

لۇبەي مۇنداق ئانالىز قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئالىملار ئىلىم-پەن نەتىجىسىنىڭ ئېلىپ كەلگەن مەنپىئەتىدىن ھالقىپ ئىلىمنىڭ ئۆزىگە بەكرەك دىققەت قىلىدۇ. «بۇنداق ئادەم ئاكادىمىك بولۇپ باھالانسا،ئىلىم-پەننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئەمەس بەلكى پەردە ئارقىسىدىكى ئۆي، ماشىنا، مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار ئەزەلدىن دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئېھتىياجىنى ياكى بىرخىل ئىلمنىڭ بايقىلىشىنىڭ قىزىقارلىق بولغان بولمىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايدۇ.» بىرئەڭ قورقۇنۇچلۇق نەتىجە شۇكى، ئالىملار ئەگەر پەقەت ماقالىنى چىقىرىشنى ئويلىسىلا،نەتىجىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىلىم-پەننىڭ ماھىيىتى بويىچە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئىزدەنمەيدۇ، بەلكى باشقىلار ماڭمىغان يولدا ماڭىدۇ.

نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ۋە نۇرغۇن خەلقئارادىكى داڭلىق ئالىملار بىلەن ئالاقىلىشىش جەريانىدا لۇبەي ئۇلاردىن مۇنداق بىر نۇقتىنى يىغنچاقلاپ چىققان: «يېڭىلىقنى قوغلىشش ئالىملارنىڭ ئاساسىي ماھىيىتى».

لۇبەي بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: «ئىلىم-پەن نەتىجىسى مەنپىئەت بىلەن چوقۇم ئايرىۋېتىلىشى كېرەك، ئالىملارغا ئىلمنى ئادەمنىڭ ئەڭ زور مۇكاپاتى دەپ تونۇتۇش كېرەك.»

بەزى تەتقىقاتلارغا بېرىلگەن مەبلەغ كۆپ بولغانلىقتىن ئالىملارغا قىلىنغان زىيانكەشلىك بولۇپ قالماقتا

ئەينى يىللىرى تۇ يوۋيوۋ، جاڭ نىڭ دوڭ ئىنتايىن قىيىن شارائىت ئاستىدا زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، بىراق بۈگۈنكى كۈندە تەتقىقاتقا سېلىنغان دەسمايە قانچە كۆپ بولغانسېرى، دۇنياۋىي نەتىجىلەر ئاز بولماقتا، قانداقسىگەبۇنداق تەتۈر ھالەت پەيدا بولىدۇ؟

لۇبەينىڭ قارىشىچە، دەسمايە كۆپ، تەجىربىخانىنىڭ چوڭ بولىشى ئىشنىڭ ياخشى بولىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. «بەزى خىزمەتلەر ناھايىتى كۆپ خىراجەتكە موھتاج بولىدۇ، بىراق بەزى تەتقىقات تۈرلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئەكسىچە ئالىملارغا زىيان يەتكۈزگەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاز بولمىغان ئالىملارمۇ ئىلگىرى بۇنى ئىنكاس قىلغان، بۇنداق بولغاندا جىددي پەيىتلەردە پۈتۈن زېھنىنى تەتقىقاتقا قارىتالايدۇ. بىراق بىراقلا كۆپ پۇل ئېلىۋالسا ناھايتى نۇرغۇن تېمىلارنى ئىشلەشنى ئويلىشىۋېلىپ، زېھنى چېچىلىپ كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۇلنى قانداق تەقسىملەش، ھەر خىل مەنپىئەتلەرنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش،ئادىل بولۇش، گۇناھكار بولۇپ قالماسلىق قاتارلىق ئىشلار تولا ئويلىندىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.»

لۇبەينىڭ تەستە ئويلاپ يەتكىنى بولسا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم تەجىربىخانىلار بارا-بارا زورىيىشقا باشلىدى، «نۇرغۇن تەجىربىخانىلاردا 20دىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەيدۇ، نۇرغۇنلىرى ھېچقانداق تەجىربىسى يوق ئوقۇغۇچى. ئىنتايىن تەجىربىلىك بىر ئىلمىي رەھبەرنىڭ بۇنچە كۆپ ئادەمگە رەھبەرلىك قىلىشى ھەقىقەتەن تەس ئىش. ئاخىرىدا تەجىربىخانىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار ئاقما لىنىيەدە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ-دە، ئۇلاردىن ئىجادىي تەپەككۈر چىقمايدۇ.»

لۇ بەينىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا مۇنداق بەلگىلىملەر بار، بىر ياردەمچى پىرافىسسور پەقەت ئۈچ نەپەر ئادەم ئالالايدۇ، بىر رەسمىي پىرافىسورمۇ ئادەتتە چوقۇم ئالتىدىن يۇقىرى ئادەم ئالالمايدۇ. «بۇ كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىنى ئىشلەپ چىقىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، نۇرغۇن ساھەلەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتمەيدۇ.»

لۇ بەينىڭ ئۆزىنىڭ تەجىربىخانىسىدا ئادەتتە مۇقىم 5 ئادەم تۇرىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئون ئادەم بولىدۇ، بىراق، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن تەجىربىسى بار بولۇپ، پەلەمپەيسىمان ئەترەت شەكىللەندۈرىدۇ.

لۇبەي ئىلمىي تەتقىقاتنى باھالاشتا، «قىلغان نەرسىنىڭ كۆپلىكىگە ئەمەس بەلكى مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش» كېرەكلىكىنى چاقىرىق قىلىدۇ.

لۇبەينىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغىنى، دۇنيادىكى زور غەلبىلەرگە ئېرىشكەن تەجىربىخانىلار ئادەتتىكىچە بولۇپ ئانچە چوڭ ئەمەس، بۇنىڭغا مىسالەن، كامبېرىجقا جايلاشقان ئەنگىليە تىببىي تەتقىقات ھەيئىتى (MRC) مولېكۇلا بىئولوگىيىسى تەجىربىخانىسى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرنىڭ بېشىدا، بۇ تەجىربىخانىسىنىڭ خادىملىرى پەقەت 69 نەپەر بولۇپ، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر سەككىز ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ،پۈتۈن دۇنيادىكى بىئولوگىيە تەجىربىخانىلىرى ئىچىدە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان تەجىربىخانا ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەجىربىخانىنىڭ يېتەكچىسىنىڭ مۇنداق بىر يادرولۇق ئىدىيىسى بار: «ھەقىقىي ئىجادچانلىق ئىدىيىسىگە ئىگە ئادەمنى تاللاش، ئاندىن بىر خىل مۇھىت يارتىش، ئىجادچانلىق ئىدىيىسىنى بىخلاندۇرۇپ ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيىتىگە ئېلىپ بارىدۇ.»

تەرجىمە قىلىنغان مەنبە: ياھۇ تورى

تەرجىمە قىلغۇچى: زەررە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-2 20:27  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:26, Processed in 0.087142 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991