كۆرۈش: 7939|ئىنكاس: 3

بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى ۋە ھوقۇق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
545
تۆھپە
155
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 16:48:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى ۋە ھوقۇق

«سۇمرۇغ ھەپتىلىك ژۇرنىلى» 2012 - يىل11 - سانىدىن
(جېڭ يوڭنيەن)
تىرىشچان (مەقسۇت ئەمىن ئەركيار) تەرجىمىسى



      جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى بىلەن ھوقۇق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇلاھىزە قىلغاندا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئەنئەنىنىڭ يىلتىزى ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى قوزغىغان شىنخەي ئىنقىلابىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت بولدى، زىيالىيلار بىلەن ھوقۇقنىڭ مۇناسىۋىتىدە تۈپ ماھىيىتىدىن ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.
      ئۆتمۈشتىكى ئەنئەنىۋى زىيالىيلارغا ئوخشاشلا ھازىرقى زىيالىيلارنىمۇ تۈزۈلمە ئىچىدە ۋە تۈزۈلمە سىرتىدا دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ. تۈزۈلمە ئىچىدىكى بېقىندى زىيالىيلار يەنىلا جۇڭگو زىيالىيلار تۈركۈمىنىڭ ئاساسىي  گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ تۈركۈم ئەنئەنە جەھەتتىن كۇڭزى ئېقىمى تەرەپدارلىرى، ئەمما ھازىر نىسبەتەن مۇرەككەپ. بۇيەردە بىرقانچە ئۆزگىرىش بار. بىرىنچى چوڭ ئۆزگىرىش—ئەنئەنىۋى كوڭزىچىلار  ئېقىمىدىكى«ئۆلچەم»، «ھەقىقەتچى» مەزھەپلىرى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. چىن شىخۇاڭنىڭ «كىتاب كۆيدۈرۈپ كۇڭزىچىلارنى بابلاش» ىدىن، ماۋزېدوڭنىڭ «ئوڭچىللىققا قارشى» غىچە نەچچە مىڭ يىل ئۆتۈپمۇ، كوڭزىچىلارنىڭ ھەقىقەتكە سادىق بولۇش روھى يوقالمىغان ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى سىرتقى دۇنيانىڭ مىسلىسىز بېسىمى ۋە ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىماقتا. جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى نەچچە مىڭ يىللىق يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىدە ئەخلاق - پەزىلەت روھىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنىدى، سودا ئىنقىلابىنىڭ زەربىسىدە ناھايىتى تېزلا پارچىلاندى. ھەقىقەتكە سادىق توپ يوقىلىپ، تۈزۈلمە ئىچىدىكى بېقىندى زىيالىيلارلا ئېشىپ قالدى. ئۇلار ياكى ھوقۇققا بېقىندار ياكى مەنپەئەتكە!
      تۈزۈلمە ئىچىدىكى بېقىندى زىيالىيلارنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇرەككەپ. ئەنئەنىدە كوڭزىچىلار ئېقىمىلا ئىدى. ھازىر بولسا ئېقىملار بەك تولا. بېقىندى تىپنىڭ كۆپ خىللىشىدا كەم دېگەندىمۇ مۇنداق ئىككى شەرت بار: ئالدى بىلەن بۈگۈنكى جەمئىيەتتىكى مەنپەئەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى. ھوقۇقدارلار مۇناسىپ ھالدا كۆپ خىللاشقان قوللىغۇچىلار ۋە بېقىندارلارغا ئېھتىياجلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، ھوقۇق جەھەتتىن ئادەتلەنگەن ئاڭ فورماتسىيەسىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى چۈشەندۈرىدۇ.  كوڭزىچىلىق ئېقىمى ئەنئەنىۋى خانلىق ھوقۇقنىڭ ئاڭ فورماتسىيەسى، بۇ نەچچە مىڭ يىل ئۆزگەرمەي داۋام قىلىپ كەلگەن. ئەمما، بۈگۈنكى ھوقۇقنىڭ ئۇنىڭدەك كۈچلۈك ئاڭ فورماتسىيەسى بولمىدى. بۇخىل ئەھۋالدا، ھوقۇقدارلار ھەرتەرەپتىن كۆپ خىللاشقان بىلىمنىڭ قوللىشىنى ئىزدەيدۇ. نېمىدىن پايدىلانغىلى بولسا شۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. شۇڭا، بېقىندى زىيالىيلار تۈركۈمى ئىچىدە ۋە ئۇنىڭ ئىككىلەمچى تۈركۈملىرى ئىچىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزئارا زىددىيەت ھەتتا توقۇنۇش بار.
      ھەرقايسى ئىككىلەمچى تۈركۈم ھوقۇققا نېمىگە تايىنىپ بېقىنىدۇ ھەم ھىمايە قىلىدۇ؟ ئاددىي ئېيتقاندا، مۇنداق ئىككى خىل: بىرى، غەربتىن كىرگۈزۈلگەن بىلىم. ئىككىنچىسى، جۇڭگو ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق ئاساسىدائېرىشكەن بىلىم. كىرگۈزۈلگەن بىلىم—ماركسىزم ۋە ھەرخىل يېڭى نۇسخىدىكى ماركسىزم، لېنىنىزم، ناتسىيونالىزم (مىللەتچىلىك) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
      تۈزۈلمە سىرتىدىكى ھوقۇققا قارشىلار نېمە دەيدۇ؟ شۇنى قايتا تەكىتلەش زۆرۈركى، ھوقۇققا قارشىلارنىڭ قارشىلىقىمۇ ھوقۇق ئۈچۈن. مەسىلە شۇ يەردىكى، بۇ تۈركۈم ھوقۇققا نېمىگە تايىنىپ قارشى تۇرۇۋاتىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بېقىندى تۈركۈمگە ئوخشاشلا، بۇ تۈركۈم ئىچىدىمۇ ئىككى ئىككىلەمچى تۈركۈم بار: بىرى، غەربنىڭ بىلىملىرىگە تايىنىپ ھوقۇققا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى ئارقىلىق، ئاساسلىقى كوڭچىزىلىق ئەنئەنىسى بويىچە ھازىرقى ھوقۇققا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئىككىلەمچى تۈركۈم ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
      ئېنىقكى، بېقىندى زىيالىيلارغا ئوخشاشلا ھوقۇققا قارشى زىيالىيلارنىڭمۇ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى بار: بىرىنچى، يۇقىرىداتەكىتلىگەندەك ھەر ئىككىلىسىلا ھوقۇق ئۈچۈن. بۇ تەرىپى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەگە ئوخشاپ قالىدۇ. ھوقۇققا قارشى نىشان ئاخىرقى ھېسابتا ھامان بىر كۈنى ئۆزى ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن. ئىككىنچى، قارشى تۇرغۇچىلار ئوخشاشلا شەيئىنىڭ بىلىم سىستېمىسىنى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدۇ. ئۇلار دۇنيانى ئىزاھلاشقا قىزىقمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغىنى دۇنيانى ئۆزگەرتىش. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،ئۇلار بىلىم ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئەمەس، بىلىمگە خوجايىن بولۇشنى كۆزلىگەنلەر، شۇنداقلا بىلىمنى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە قوللانغۇچىلاردۇر. ئۈچىنچى، ئادىللىق بىلەن ئېيتقاندا، بېقىندى زىيالىيلارغا ئوخشاشلا، قارشى تۇرغۇچىلارمۇ غايىپەرەسلەردۇر. ئۇلارنىڭ نىشانىمۇ ئۆزلىرىنىڭ غايىسىدىكى دۆلەتنى قۇرۇش. ئەمما،ئۇلارنىڭ بىلىم - تەسەۋۋۇرى ئۇلارنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىققا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشى ئاساسىدا بولماستىن، ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن  بىلىم - تەسەۋۋۇرلاردۇر. تۆتىنچىدىن، بېقىندى زىيالىيلارغا ئوخشاشلا قارشى تۇرغۇچىلار ئىچىدىمۇ ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. ئۇلار غەربنىڭ ھەرخىل قىممەت قارىشى، ئېتىكا چۈشەنچىسى بويىچە شەخىسنى، تۈزۈمنى، مەدەنىيەتنى تەنقىدلەيدۇ. ئۇلار «ئۇلۇغ» غەرەزلەر بىلەن رېئاللىقنى سۆكۈشكە قادىركى، دۇنيانى ماھىيىتىدىن چىقىپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ بېقىشقا قابىل ئەمەس!
      يۇقىرىقى مۇنازىرە بۈگۈنكى جۇڭگو زىيالىيلىرىغا نېمە دېمەكچى؟
      بىرىنچى، رېئال ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇش - ياقتۇرماسلىقىدىن قەتئىينەزەر جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى يەنە داۋاملىشىدۇ. بۇ ئەنئەنىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى سەۋەبىدىن بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىكى بىر خىل مەدەنىيەتكە ئايلانغانلىقىدىن، شۇنداقلا بېقىندى زىيالىيلار تۈركۈمىنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان مەنپەئەت ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. بېقىندى زىيالىيلارلا بولىدىكەن، قارشى تۇرغۇچى زىيالىيلارمۇ بولىدۇ. ئۇلارئورگانىك بىر گەۋدە. بىرى كەم بولسا بولمايدۇ، مۇشۇنداق بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
      ئىككىنچى، زىيالىيلار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىگە قارىتا مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك. جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ سىنىقى سودائىنقىلابى. ھازىرقىدەك سودا مەدەنىيىتى ئالدىدا جۇڭگو مەدەنىيىتىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش كىشىلەر ئويلىنىشقا تېگىشلىك چوڭ مەسىلە. مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىيالىيلارمۇ سودا مەدەنىيىتىنىڭ سىنىقىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
      ئۈچىنچى، بىلىم ئەسلىدىنمۇ كۈچ ۋە ھوقۇق. كىم يېڭى بىلىمنى بارلىققا كەلتۈرسە شۇنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بولىدۇ.
      تۆتىنچى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ۋەجەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى مۇستەقىل بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان، جۇڭگو جەمئىيىتىگە چوڭقۇر چۆكەلەيدىغان، ھوقۇق – مەنپەئەتنى قايرىپ قويۇپ، جۇڭگو جەمئىيىتىنى چۈشىنىدىغان ۋە چۈشەندۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ زىيالىيلارغا مۇھتاج.
      بەشىنچى، ھەرقانداق بىر زىيالىي ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ چەكسىزلىكىنى، بىلىم سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشتا ھەممىلا نورمال ئادەمدە يوشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ بولىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يېتىشى زۆرۈر. ناۋادا، تەپەككۇر ھوقۇق ۋە مەنپەئەتنىڭ بۇغۇچلىشىغا ئۇچرىسا، ئۇ ھالدا تەپەككۇرنىڭ چېكىمۇ شۇ بولىدۇ، بىلىم تەسەۋۋۇر كۈچىدىن ئايرىلىدۇ. جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشى مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان زىيالىيلار سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىش - كەلمەسلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ھوقۇق ۋە مەنپەئەتنىڭ سىرتىغا ھالقىش — جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىلىم قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ تۆۋەن شەرت.
      مەنبەسى: كائىنات تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 10:31  

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
103
تۆھپە
41
UID
8850
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:26:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، ئەقىقەتەن ياخشى بىر ماقالىنى تېپىپ تەرجىمە قىلىپسىز . بىر قەۋم ، جەمىئەتنىڭ تەرەققىياتىدا زىيالىلار قوشۇنى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ ، شۇ سەۋەپلىك كەلگۈسى جەمىئەتنىڭ زىيالىلىرىدىن بولۇپ قالىدىغان بىزلەر ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىمىز لازىم دەپ قارايمەن !

Rank: 1

تىللا
42
تۆھپە
5
UID
14650
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 23:12:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز يوللىغان تىمىلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك كۈرۈپ چىقتىم، ھەقىقەتەنمۇ تەپەككۇرغا باي ئادەمكەنسىز،ئەسرلىرىڭىزمۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپرەك يوللاپ تۇرغايسىز! رەھمەت!!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
486
تۆھپە
226
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 14:16:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىش تولا،سىستىمىلىق تەتقىق قىلسا بۇ بىر مىليارتتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جۇۋازچىنىڭ ئىشىكىدەك پەقەت بىرلا خىل تەپەككۆر ئەندىسىزىدە پىكىر قىلىشقا مەجبۇر بۇلىشىدىن ئىجادى تەپەككۈرنىڭ بوغۇلۇۋاتقانلىغىنى بايقىۋالماق تەس ئەمەس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-22 16:33, Processed in 0.279801 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991