ھەقىقى جاۋاپكارلىق كىمدە؟(داۋامى):«بىلدۈرىدىغان نەرسە»ڭىز بارمۇ؟
يەنىلا ئەقەللى بىر مەنتىقە شۇكى «خەلق»قە ئۇزىڭىزنى بىلدۆرمەكچى بولسىڭىز«بىلدۆرۈدىغان نەرسە»ڭىز بولىشى كىرەك.بۇ شەرىت يەنە بىر مۇنچە سۇئال ۋە شەرىتلەرنى قانائەتلەندۆرۆشى كىرەك:
1.بۇ «نەرسە »ھەقىقى مەنىدە «ئۇزىڭىزگە خاس نەرسە»مۇ؟
2. «سىزدە بارنەرسە»نىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟.
3.بۇ«نەرسە»نى «خەلق »ئالدىدا ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟.
ھە دىگەندىلامۇشۇ ئۈچ سوئالنى ئۈزىڭىزگە قويۇپ بېقىڭ.
ئەگەر سىزدە 1-نەرسە بولمىسا چوڭ گەپ يۇق.2-نەرسە جەزمەن بولىشى كىرەك.چۈنكى سىزدە ئۆزىڭىزگە خاس نەرسە بولمىغان تەقدىردىمۇ جەزمەن«بىر نەرسە»بولىشى كىرەك.ئەگەر سىزدە بۇ نەرسىمۇ بولمىسا،بار نەرسىنى «ئۇزەمنىڭ نەرسىسى»دىيەلمىسىڭىز،بۇ «نەرسە»گە ئازىراقمۇ ئەمگىگىڭىز سىڭمىگەن بولسا سىز قانداقمۇ «زىيالى»،«ئالىم» بولالايسىز؟.
ئەگەر بۇ«نەرسە» پەقەت ئۈزىڭىزنىڭ ئونۋانى،دەرىجىسى،روزىغارىڭىزغىلا پايدىلىق نەرسە بولسا،«خەلق»تىن ئارتۇقچە ئىززەت-ئىكرام تەلەپ قىلىشىڭىز توغرا بولامدۇ؟.
ئەمدى«.بۇ«نەرسە»نى «خەلق »ئالدىدا ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟.»دىگەن3- سوئالغا كەلسەك بۇ مۇ خىل باش قاتۇرىدىغان مەسىلە.مەن يېقىندا «باغداش»تورىدا بىر يازمىنى ئوقۇپ قالدىم.يازمىدا «ئىلمى ماقالە ئالۋىڭى» ۋە ئۇنىڭ كەلتۆرۇپ بىرىۋاتقان ناچار ئاقىۋەتلىرى بايان قىلىنىپتۇ.خەنزۇچە ۋاستىلەردىمۇ ئىلمى ماقالە سىتىۋىلىپ ياكى ئۇزى ئۇنىڭ -بۇنىڭ ماقالىلىرىدىن يۇلۇپ ئىلىپ قۇراشتۇرۇپ،پۇل تۆلەپ ئېلان قىلدۇرىدىغان،شۇنىڭ بەدىلىگە ھەرخىل ئىلمى،كەسپى سالاھىيەتلەرگە ئىرىشىدىغان ئىشلار ئومۇملىشىپ كەتكەنلىگى ھەققىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلار بار.مىنىڭچە ،مۇشۇنداق «ئىلمى ماقالە»لەرنىڭ ئاپتۇرلىرى«ماقالە»لىرىنى باشقىلارنىڭ بەك بىلىپ كەتمەسلىگىنى ئۈمىت قىلسا كىرەك.
سەۋەپ ،بۇنداق كىشىلەرگە بولغان پىسخىكىلىق بىسىم بەكمۇ ئېغىر بولىدۇ.دەسلەپتە ئۇلار«مال ئوغرىسى»نىڭ تەسىراتىنى بېشىدىن ئۆتكۆزىدۇ. ئۇلار مال ئوغرىسى ،نەشىر ئەپكارلىرى «زاڭ مالنى سىڭدۈرۈپ بەرگۆچى»گە ئوخشاپ قالىدۇ.بۇنداق «ئوغرىلىق»ياكى «قۇراشتۇرمىچىلىق»قا رەسمى ئادەتلىنىپ كەتكەنلەرنىڭ بىسىمى بىر ئاز يەڭگىل بولسىمۇ،لىكىن، بىر ئۆمۈر دەككە-دۆككىدىن خالى بولالمايدۇ.مۇشۇنداق«ئاپتۇر»لار ۋە مۇشۇنداق«ئىلمى ماقالە»لەر قانداقمۇ ئۈزىنى ئەل-ئاۋام ئالدىدا بەكرەك ئاشكارىلاشقا پىتىنالىسۇن؟!.«تارىخى ۋەزىپە»سىنى ئورۇنلاپ،سالاھىيەت ۋە ئونۋانلارغا ئىرىشىپ بولغاندىن كىيىن بۇ «ئاپتۇر»لار ھەتتا ئۆز «ئەسەرلىرى»نىڭ ئارخىپلاردىنمۇ يۇقاپ كىتىشىنى ئۈمىت قىلىشىدۇ!.
كۆرۆنۈپ تۇرۇپتىكى،جامائەتچىلىك ئالدىغا قورقماي دادىل چىقالايدىغان «نەرسە» 1-نەرسىدىن ئىبارەت.«ئۇزىنىڭ نەرسىسى»بولغان ئەڭ ياخشى.ھىچبولمىغاندا 2-نەرسە تەركىۋىدە ئۇزىڭىزنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر بىر نەرسىڭىز بولىشى،بۇ 2-نەرسە نىڭ رىيال ئەھمىيىتى بولىشى كىرەك.
بەلكىم سىز «مىنىڭ يۇقۇرى سەۋىيەلىك ،پەقەت كەسىپ ئىگىلىرىلا چۈشىنەلەيدىغان نەرسەمنى خەلق قانداقمۇ چۈشەنسۇن؟»دەپ باھانە كۆرسىتىشىڭىز مۇمكىن.مىنىڭچە بۇ باھانىڭىز مەڭگۆ ئاقمايدۇ،بۇنداق ئۈزۈپ ئىتىشىمدا بىر مۇنچە ئاساسلىرىم بار ،بىلىپ باقماقچى بولسىڭىز گىپىمگە داۋاملىق قۇلاق سىلىڭ.
(داۋامى بار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-25 09:00