كۆرۈش: 1564|ئىنكاس: 1

نوچىلىق قىلالايمەن (ساتىرا) (مۇزاتى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
146
تۆھپە
60
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 15:58:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نوچىلىق قىلالايمەن

(ساتىرا)


(بىر زوراۋان ئەر تىلىدىن)

(مۇزاتى)

خوتۇن خەق كېيىم-كېچەك، تەڭگۈشلەپ تۇرالايمەن،
كونىنى  پۇرلاپ  تاشلاپ يېڭىنى ئالالايمەن؛
ئىشىدىن قۇسۇر تېپىپ ، ئەدەپلەپ تۇرالايمەن،
ئېغىز ياندۇرۇپ قالسا، كەشىنى توغۇرلايمەن.

شەرىئەتنى قالقان قىپ، قورقۇتۇپ تۇرالايمەن،
ئىسكەنجىگە ئېپ ئۇنى تۈزۈك باشقۇرالايمەن؛
ياتلارغا چىراي ئاشسا قىسماققا ئالالايمەن،
گەر خۇشۇم كېلىپ قالسا ئالداپ ئىشلىتەلەيمەن.

سىرىتتا كەيىپ قىلىپ، تۈن تەڭدە كېلەلەيمەن،
ئىشىك ئېتىلىپ قالسا  تېپەكتە ئاچالايمەن؛
خوتۇننى سۆرەپ چىقىپ تالاغا ئاتالايمەن،
قېينئاتام كېلىپ قالسا  شۇ بەدەر قاچالايمەن.

ئۆيدە شاھ-خوجايىنمەن، ئۇنى قۇل قىلالايمەن،
كېرەك بولسا ئىشلىتىپ  ياكى قوغلىيالايمەن؛
تاياقچى خۇمارىم بار، مۇشتۇمزور بولالايمەن،
شىردەك ھۆكىرەپ يۈرۈپ، ئۆينى باشقۇرالايمەن.

باشقىلار سالا قىلسا، تىللاپ تويغۇزالايمەن،
چېپىلغانغا پۇشايمان قىپ، قولمۇ قويغۇزالايمەن؛
ئەركەك بولغاچ زەردەم بار، تۈرمىگە كىرەلەيمەن،
بولغاچ ئۇ مېھمانخانام، قەرەلدە چىقالايمەن.

چېنىقىپ-تاۋلاندىم، تىك-مەزمۇت تۇرالايمەن،
قورقۇشۇم يوق ھېچكىمدىن، نوچىلىق قىلالايمەن؛
بىرەرسى قاراپ قويسا مۇشىت-پەشۋا بېرەلەيمەن،
ئۆزگەرمەيدۇ بۇ خۇيۇم، شىر-يولۋاس بولالايمەن.


شېئىرىنىڭ ئاپتورى : باي ناھىيىسىدىن : مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
218
تۆھپە
150
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 19:34:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ! جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم مۇشتۇمزور ، زوراۋان ،ناچار ئەرلەرنىڭ ئىللىتىنى ياخشى ئىخچاملاپ يىزىپ چىقىپسىز . بەك قىزىقارلىق چىقىپتۇ ،قەلىمىڭىزگە تەشەككۈر . داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:56, Processed in 0.066608 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991