كۆرۈش: 1921|ئىنكاس: 2

ئاق كۆڭۈللۈك،باياشاتلىق ۋە ئالىيجانابلىق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
4
UID
12803
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:08:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاق كۆڭۈللۈك،باياشاتلىق ۋە ئالىيجانابلىق

جوۋ گوپىڭ

  ناۋادا مەن بۇرۇن ئۆتكەن دانىشمەن سۈپەتتە،بۈگۈنكى دۇنياغا كەلسەم،نېمىنى ئەڭ سېغىنىمەن؟چوقۇم مۇنۇ ئۈچ سۆزنى سېغىنىمەن: ئاق كۆڭۈللۈك،باياشاتلىق ۋە ئالىيجانابلىق.

  دوختۇرخانىلارنىڭ قىممەت داۋالىنىش خىراجىتىنى تاپشۇرالمىغان يوقسۇللارنى قوبۇل قىلماي،ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە قېلىپ،بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىپبارغانلارنى كۆرگىنىمدە،سودىگەرلەرنىڭ ساختا دورا ۋە سۈپەتسىز يىمەكلىكلەرنى سېتىپ،جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈم ھادىسلىرىگە سەۋەبچى بولىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە،كان ھادىسلىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بېرىپ،كان خوجايىنىنىڭ ئىشچىلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە يۇقۇرى پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە،ئازغىنە پۇل ياكى ئەرزىمەس سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان نۇرغۇن قاتىللىق دېلوسىنى كۆرگىنىمدە،كىشىلەر كۆڭلىنىڭ نەقەدەر سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالىمەن-دە، ئاق كۆڭۈللۈكنى سېغىنىمەن.

  ئاق كۆڭۈللۈك ئەسلىدە ھاياتنىڭ ھاياتقا بولغان ھېسداشلىقى بولۇپ،ئەڭ ئادەتتىكى پەزىلەت ئىدى، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە،گويا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى دانىشمەنلەر شۇنداق ھېسابلايدۇكى،ھېسداشلىق قىلىش-ئادەم بىلەن ھايۋاننى پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇقەددىمە بولۇپ،ئىنسانلاردىكى بارلىق ئەخلاقنىڭ ئۇل تېشى.ھېسداشلىق بولمىسا،ئادەم ئادەمدەك بولمايدۇ،جەمئىيەتمۇ ئادەم تۇرىدىغان جاي بولماي قالىدۇ.ئادەم قانداق بولسا ھايۋانغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟ھېسداشلىق قەلبى سېزىمنى يوقاتسا ياكى ھالاك بولسا، ھايۋانغا ئايلىنىپ قالىدۇ،ئاندىن ھەممە بۇزۇق ئىشلارنى قىلىدۇ:فاشىستقا،تېررورچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.ھېسداشلىق-ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان دەسلەپكى چېگرا،شۇنداقلا ئاخىرقى چېگرا.

  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھازىر ماددىي نەپسىنى قاندۇرۇشنى كىشىلىك ھاياتتىىكى بىردىنبىر نىشان قىلىۋالغانلىقى،پۈتكۈل تۇرمۇشىنىڭ پۇل تېپىش ۋە پۇل خەجلەشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىشتىن تەركىپ تاپقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، كىشىلەر قەلبىنىڭ نەقەدەر نامرات ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالىمەن-دە، باياشاتلىقنى سېغىنىمەن.

  باياشاتلىق-ئادەملەردىكى مەنەۋىي ئىقتىدارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى،چېچەكلىشى ۋە مىۋە بېرىشى بولۇپ،تەبىئەت بارلىق مەۋجۇداتلارغا ئاتا قىلغان ئالىي ھوزۇرنى كىشىلەر نىمە ئۈچۈن ئىلىك ئالمايدۇ؟ جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى دانىشمەنلەر شۇنداق ھېسابلايدۇكى،باياشاتلىق قەلىب-بەخىتنىڭ ھەقىقىي مەنبەسى بولۇپ،روھىي جەھەتتىكى خۇشاللىق جىسمانىي جەھەتتىكى خۇشاللىقتىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ.تەبىئەتنىڭ ئىنئامى ئەزەلدىنلا ئادىل بولۇپ،ھەربىر ئادەمنىڭ تەبىئىتىدە مەنەۋىي ئېھتىياج بولغان بولىدۇ.ھاياتلىق ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن قانائەتلەنگەندىن كىيىن،بۇ خىل تەلەپ ئويغىنىشى،قانائەت ھاسىل قىلىش بارغانسېرى ئاساسلىق نىشانغا ئايلىنىشى كېرەك.مەنپەئەت دۇنياسىدا مەڭگۈ قاتراپ يۈرۈيدىغان ئەشۇ كىشىلەر،مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش،كىتاپ ئوقۇش،مۇستەقىل ياشاش،سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش ۋە مەنەۋى ئىجادىيەت قاتارلىق قەلىب خۇشاللىقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر تەبىئەتنىڭ ئىنئامىغا قانداقمۇ يۈزكېلەلىسۇن،ئۇلارنىڭ پۇلى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، ئۆمرى نەقەدەر نامراتلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ-ھە!

  بەزى كىشىلەرنىڭ مال-دۇنيا ۋە ھوقۇققا ئېرشىش يولىدا قىلچە ئارا-نومۇسنى بىلمەي،ئۆزىنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى سېتىپ،ئاندىن ئېرىشكەن مال-دۇنيا ۋە ھوقۇقىغا تايىنىپ،قىلچىمۇ تەپتارتماستىن،باشقىلارنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا خالىغانچە ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرگىنىمدە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ پەسكەشلىكىدىن ھەيران قالىمەن-دە، ئالىيجانابلىقنى سېغىنىمەن.

  ئالىيجانابلىق ئىلگىركى دەۋىرلەردە ئىنتايىن قەدىرلىنىپ،ھاياتتىنمۇ مۇھىم،دەپ قارىلاتتى.ھازىر ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئۇنى تىلغا ئالىدۇ. جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى دانىشمەنلەر شۇنداق ھېسابلايدۇكى،ئادەمدە ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئىززەت-ئابروي ۋە ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي پىرىنسىپ بولىشى،ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا خىلاپلىق قىلماسلىقى لازىم.ئەگەر خىلاپلىق قىلسا،ئۆزىنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.ھازىرقى بەزى كىشىلەر ئىززەت-ئابروينىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي،باشقىلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەي،خالىغانچە بوزەك قىلىدۇ ۋە ھاقارەتلەيدۇ.بۇنىڭدىكى سەۋەب،شۇ كىشى ئۆزىنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنلىكىدە،ئەمەلىيەتتە بولسا،ئۇ كىشى باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە ئاللابۇرۇن ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى يوقاتقان بولىدۇ.ئالىيجانابلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ باشقىلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلىگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ،ئۇنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىمۇ مۇشۇ ئارقىلىق تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشىدۇ.ئادەمنىڭ قەلبى ئالىيجاناب بولىشى كېرەك،ئادەم مەنەۋىي ئاقسۆڭەكلەردىن بولىشى لازىم.دۇنيادىكى ئەڭ نەپرەتلىك ھەم ئەڭ ئېچىنىشلىق كىشىلەر ئەنە شۇ پۇلى بار،ھوقۇقى بار روھىي گادايلار ئەمەسمۇ؟

  مەن ھەممە دەۋىردە ياشىغان دانىشمەنلەرنىڭ بۈگۈنكى كىشىلەرگە قىلغان نالىسىنى ئاڭلىدىم:ئادەملەر،سىلەردە ئاق كۆڭۈللۈك،باياشاتلىق ۋە ئالىيجانابلىق بولسۇن،شۇندىلا سىلەر ئادەم دىگەن نامغا مۇناسىپ بولالايسىلەر،شۇندىلا جاھاندا ھەقىقىي ئادەمدەك ياشىيالايسىلەر.

نىجات ئىبراھىم


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
792
تۆھپە
312
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 17:07:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەملەر،سىلەردە ئاق كۆڭۈللۈك،باياشاتلىق ۋە ئالىيجانابلىق بولسۇن،شۇندىلا سىلەر ئادەم دىگەن نامغا مۇناسىپ بولالايسىلەر،شۇندىلا جاھاندا ھەقىقىي ئادەمدەك ياشىيالايسىلەر                ئەھمىيەتلىككەن      


Rank: 4

تىللا
218
تۆھپە
150
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 19:25:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى ئادەملەر ئازلاپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئادەمدە بۇلۇشقا تىگىشلىك پەزىلەتلەرنى يۇرۇتۇپ بىرەلەيدىغان مۇشۇنداق ياخشى يىزىلغان ئەسەرلەرنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:10, Processed in 0.071083 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991