كۆرۈش: 4471|ئىنكاس: 6

كىتاب ئوقۇشقا ئامراق ئاياللار ئەڭ گۈزەل[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
4
UID
12803
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:00:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىتاب ئوقۇشقا ئامراق ئاياللار ئەڭ گۈزەل

شۇنداق ئاياللار باركى،ئۇلار كىتاب ئوقۇشقا ئامراق.ئۇلار كىتاب سېتىۋالىدۇ،كىتاب ئوقۇيدۇ،كىتاب يازىدۇ.كىتاب-ئۇلارنىڭ چىداملىق كىيىمى ۋە گىرىمى.ئاددىي-ساددا كىيىنىپ،گىرىمسىز يۈرۈيدىغان ئاياللار رەڭگارەڭ گىرىم قىلىۋالغان ئاياللارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە بولىدۇ.پىسخىكىلىق تەبىئىتى،تەربىيەلىنىشى ۋە ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ چىققان كىتاب پۇرىقى ئۇلارنى باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.بىلىملىك كىشى قاراشقىلا گۈزەل كۆرىنىدۇ،بۇ ھېكمەتلىك سۆز ئۇلارغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

كىتابقا نىسبەتەن،ئوخشىمىغان ئاياللاردا ئوخشىمىغان پۇراق بولىدۇ، ئوخشىمىغان پۇراقتا ئوخشىمىغان تاللاش بولىدۇ، ئوخشىمىغان تاللاشتا ئوخشىمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ،شۇ سەۋەبتىن ئاياللار بىلەن كىتاب ئوتتۇرسىدا ئاجايىپ بىر مەنزىرە رايونى پەيدا بولىدۇ.

بەزى ئاياللار بىلىمگە ئېرشىش ۋە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيدۇ،بۇنداق ئاياللار ئىددىيەۋىلىكى كۈچلۈك،پەلسەپىۋىلىككە ئىگە،مەناسى چۇڭقۇر كىتابلارنى ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.كىتاب ئۇلارنىڭ ھايات مەنزىلىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ،تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ.بۇنداق ئاياللارنى ئەسلىدىنلا بىر پارچە كىتاب،كىشىنى چۇڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان بىر پارچە كىتاب،دىيىشكە بولىدۇ.

بەزى ئاياللار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خۇشاللىق تېپىش ۋە مىجەز-خۇلقىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيدۇ. بۇنداق ئاياللار تاڭ ۋە سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شېئىرلارنى، قەدىمكى ۋە ھازىرقى جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ نەسىرلىرىنى ئوقۇشقا ئامراق بولۇپ،ئەركىن ۋە بىمالال ھالدا ئۆزىنى ئۆزى كامالەتكە ئېرىشتۈرىدۇ،كىشىلىك ھاياتىنى ئاتاق-ئابرويسىز ئۆتكۈزىدۇ. بۇنداق ئاياللار گويا بىر كۇبلېت شېئىر بولۇپ،ئىنتايىن غۇبارسىز ۋە سۆيۈملۈكتۇر.

يەنە بەزى ئاياللار كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ياكى ئۆزىنى مەلۇماتلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيدۇ. بۇنداق ئاياللار چەكسىز قايغۇ-ھەسرەت تەسۋىرلەنگەن ئىشق-مۇھەببەت ھېكايىللىرى ۋە كىنو چولپانلىرى،ناخشا چولپانلىرى توغرىسىدىكى چىلتەكلىك خەۋەرلەرگە قىزىقىدۇ. بۇنداق ئاياللار نىسبەتەن ئەمەلىي بولۇپ،ئازىراق قوپال كېلىدۇ،نېمىلا دىگەن بىلەن،ئۇلار ئازراقمۇ بولسا كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بەزى ئىشلاردىن خەۋەردار بولالايدۇ.

كىتاب ئادەمنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئادەمنىڭ قەلبى بىلەن مىجەزى ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولىدۇ.ئۆزىڭىزنى سۆيۈملۈك،چىرايلىق ياكى جەلىپكار ياساندۇراي دىسىڭىز،كىتاب ئوقۇڭ!

كىتاب ئوقۇش- ئاياللارنىڭ جاھاندارچىلىق دەستۇرىدۇر.كىتاب ئوقۇشقا ئامراق ئاياللارنىڭ ئوقۇش تارىخى ئانچە يۇقۇرى بولماسلىقى مۇمكىن،لېكىن ئۇلار شۈبھىسىزكى مەدەنىيەت مەلۇماتىغا ئىگە. مەدەنىيەت مەلۇماتىغا ئىگە ئاياللار ئۇقۇمۇشلۇق كېلىدۇ،ئىشلارنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلدۇ،باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ماھىر كېلىدۇ. بولۇپمۇ باشقىلارغا سالماق ۋە لايىقىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. دائىم كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەمنى كىشىلەر توپىدىن بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. دائىم كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەملەر قالايمىقان سۆزلىمەيدۇ،ئاساسسىز گەپلەرنى قىلمايدۇ،باشقىلار نېمە دېسە شۇنى دەپ دورامچىلىق قىلميدۇ،ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىمەيدۇ،بەلكى ھەرقانداق ئىشتا ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىدۇ.

دائىم كىتاب ئوقۇيدىغان ئاياللار ئىش قىلغاندا مۇلاھىزەگە تايىنىدۇ،ئامال-چارە تېپىشنى بىلىدۇ.ئۇلار ئەقىللىق بولغاچقا،مۇرەككەپ،چىگىش ئىشلارنى بىر ياقىلىق قىلالايدۇ،مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقالايدۇ،ئىلىم-پەن قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشنى رەت قىلىدۇ؛ئۇلار ھەربىر قەدەمنى ئەتراپلىق ئويلاپ باسىدۇ.بۇنداق خىسلەت ئادەتتە كىتاب ئوقۇمايدىغان ئادەملەردە تېپىلمايدۇ.

كىتاب ئوقۇشقا ئامراق ئاياللار تولىمۇ گۈزەل، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق ئاياللار ئۆزگىچە گۈزەل.ئۇلار گۈل ئەمەس، ئالىي سورتلۇق ھاراقمۇ ئەمەس،بەلكى سۇس دەملەنگەن سىنچايدۇر.ئۇلار ئۇپا-ئەڭلىك سۈرتمىسىمۇ تېتىك ۋە روھلۇق، سالاپەتلىك،ئەركىن-ئازادە،لاتاپەتلىك كۆرىنىدۇ.

كىتاب ئاياللارنى ئەقىللىق قىلىدۇ،قەيسەر قىلىدۇ،پىشىپ يېتىلدۈرىدۇ؛ئاياللارغا سىرتقى گۈزەللىكنىڭ ئەلۋەتتە موھىملىقىنى،لېكىن،ئىچكى گۈزەللىكنىڭ تېخىمۇ موھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.ئادەم كىتاب بىلەن بىرگە ياشىسا مەڭگۈ خورسىنمايدۇ.ياخشى كىتابلارنى ئوقۇيلى،بىلىم-بىردىنبىر پەرداز بويۇمىدۇر،كىتاب-ئاياللارنىڭ زامانىۋى كىيىمى.

كىتاب-ئاياللارنىڭ مەڭگۈلۈك گۈزەللىك ھامىيسى.

نىجات ئىبراھىم

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
218
تۆھپە
150
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 13:12:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان ،كىتاپ ئادەمنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن بەلكى يالغۇز قالغان چاغلىرىڭىزدا كىتاپ ئۇقىسىڭىز تۇرمۇشىڭىزنى ناھايىتى مەنىلىك ھىس قىلىسىز .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1776
تۆھپە
975
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 01:15:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز ، رەخمەت


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:12:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇنۇم كىتاپ بىلەن خوشى يوق چىقىپ قالدىدە- كاساپەت .
بولمىسىغۇ ياخشى كىتاپ يېڭىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىسىلا ستىۋېلىپ كېلىدۇ ، تېخى كىتاپخانىدا تۇرۇپ ماڭا تېلىفۇن قىىپ، (پالانى يازغۇچىنىڭ مانداق كىتابى يېڭى چىقىپتۇ ، ئوقامسىز ؛ پالانى يازغۇچىنىڭ مانداق توپلىمىدىن سىزدە جەمئي قانچە قىسىم بار ، ئاخىرىنى ئالغاچ بارايمۇ؟) دەپ سوراپمۇ قويىدۇ . لېكىن ئۆزى بالىلار چۆچىكىدىن باشقا كىتاپ ئوقۇمايدۇ .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
711
تۆھپە
573
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:26:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ ھەممە ئادەمنى چىرايلىق قىلىدۇ.
بىر دوستىمىز بولىدىغان ئائىلە  ۋە خىزمەت  شارائىتى بەك ياخشى، ئەمما ئۆزى بەك پوپاڭ، ئاز-تۇلا مەنمەنچى ئىدى. مەيلى قانداق ئىش بولسۇن، مەنلام بىلىمەن دەپ ھىچكىمگە گەپ بەرمەيتتى. يەنە بىر دوستۇم بولىدىغان پىسخولوگىيە ئوقۇغان. ئۇ بىر كۈنى ھېلىقى دوستىمىزغا : ‹سىزگە بىر تەكلىپ بەرسەم ئاداش، ئۆزىڭىزگە كىتاپ ئوقۇشنى ئادەت قىلىڭ› دىدى. شۇنداق سۆيۈندۇق ھەممىمىز.


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
711
تۆھپە
573
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:36:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىسخىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە ، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي ،يەنە مەلۇم دەرىجىدە، شۇ كىشىنىڭ خاراكتىرىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن:
مۇھەببەت ھىكايىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار-ئىنتايىن ھىسياتچان بولۇپ ، سەزگۈر ۋە ئۈمۈدۋار كېلىدۇ ، ئادەتتە تېزلا ئۈمۈتسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ ، قايتىدىن ئىش باشلايدۇ .  
رازۋېتكا ھىكايىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار -ئىدىيە جەھەتتىكى رىقابەتنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلار بولۇپ ، مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ .باشقىلار ھەل قىلالمىغان قىيىن مەسىللەرگە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.
فانتازىيە ھىكايىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار -خىيالى ئارزۇسى كۈچلۈك ، ئىجاتچانلىققا باي بولۇپ ،پەن - تېخنىكىغا ھەۋەس قىلىپ كەلگۈسى ئۈچۈن ، پىلان تۈزىدۇ .
مالىيە - ئىقساتقا دائىر كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - رىقابەتلىشىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن بولۇپ ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا ئىنتىلىدۇ.  
ئاياللارغا دائىر كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ‹ دەرىجىدىن تاشقىرى › ( قابىل ئايال ) بولۇشنى ۋە ھەممەئىشقا ماھىر بولۇشنى ئۈمۈت قىلدىغانلار.
مودا كىيىم -كېچەكلەرگە دائىر كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ئۆزىنىڭ سالاپىتىگەناھايىتى دىققەت قىلدىغانلار بولۇپ ،ئۇلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ كىشىلەر ئالدىدىكى قىياپىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدىغانلار.  
تارىخى كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ئىجادچانلىققا ئىگە ، قۇرۇق پاراڭ سېلىشنى خالىمايدۇ .ۋاقىت چىقىرىپ بىرەر ئىجادى خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىشنى خالايدۇ . ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ .
تەرجىمىھال خاراكتىردىكى كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك ، ئېھتىياتچان، ئىرادىلىك كېلىدۇ .بىرەر قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ، چوقۇم ئالدى بىلەن ھەر خىل پايدا - زىياننى ۋە شۇ ئىشنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغان - بەرمەيدىغانلىقىنى ھېساپلايدۇ .
ھەجۋى سۈرەتلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ئويۇن - تاماشا قىلىشنى ۋە ئەركىن ئازادە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ .ئۆزىنىڭ ھاياتىغا بەكمۇ ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ كەتمەيدۇ . 
گىزىت -ئاخبارات تۈرىدىكى كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار - ئىرادىسى مۇستەھكەم كېلىدۇ .رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ ، بۇلار يېڭى ئىدىيەنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولىدۇ .


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
تۇرسۇنئاي ئىسمايىل
تىللا
352
تۆھپە
4
UID
13468
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 19:02:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپام شۇنچە كىتاپخۇمار~~~~~مەنمۇ ئاپامدەك ھەم گۈزەل،ھەم ئەقىللىق ۋە قابىيەتلىك ئايال بولالىسام دەيمەن ۋە شۇنىڭ ئۇچۇن تىرىشىمەن!!!!!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 08:56, Processed in 0.075003 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991