تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرلەشنىڭ پايدىسى
تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرلەش نىمە ئۈچۈن پىژغىرىم ئىسسىقتا پاسسىپ تەرلەشكە قارىغاندا پايدىلىق؟چۈنكى،چېنىققاندا چىققان تەر-ھەقىقىي تەر بولۇپ،ئادەم ئۆزىنى راھەت ھېس قىلىدۇ،شۇنىڭدەك بۇ چاغدا چىققان تەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە خىل رولى بار:
توكسىننى ھەيدەيدۇ.مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە،تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرلەنسە،بەدەن سۈيۇقلىقىنىڭ ئايلىنىشى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانى تېزلىشىپ،بەدەنگە يىغىلىپ قالغان سۈت كىسلاتاسى،سۈيدۈك كىسلاتاسى،ئاممىياك قاتارلىق توكسىنلارنى ھەيدەيدىكەن،يەنە،بۇرۇن،تېرە،ئۆپكە ۋە چوڭ ئۈچەينىڭ راۋان بولۇشىغا پايدىلىقكەن.
قان بېسىمىنى كونتىرول قىلىدۇ.يۇقۇرى قان بېسىمى-قان تومۇرنىڭ ئىچكى دىئامېتىرى تارىيىپ،بىرلىك ھەجىمدىكى قان ئېقىمى چەكلىمىگە ئۇچراشتىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل ھادىسە بولۇپ،چېنىقىپ تەرلەنسە،قىل قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ،قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ،قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئاشىدۇ،شۇنىڭ بىلەن قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ.تەر چىقمىسا،قان ئايلىنىشى ئاستا بولسا،ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ،تاماق تېتىمايدۇ؛نېرۋا پائالىيتىمۇ تەسىرگە ئۇچراپ،كەچتە قېنىپ ئۇخلىيالمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.كۆپ ساندىكى كىشىلەر تەر چىققاندا بەدەندىكى كالتسىي ماددىسى تەر سۈيۇقلىقى بىلەن چىقىپ كېتىدۇ،دەپ قارايدۇ.بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە،پەقەت سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىنلا تەر سۈيۇقلىقى بىلەن چىقىپ كېتىدىكەن،كالتسىي گەرچە سۇدا ئېرىسىمۇ،لېكىن،ئېرىش دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا،ئاسانلىقچە تەر سۈيۇقلىقى بىلەن چىقىپ كەتمەيدىكەن.ئەكىسچە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرلەنسە، كالتسىي ماددىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ قېلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئۆسىدۇ.ئامېرىكىدا 20 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك تەجىربىدىن، چېنىقىپ تەرلەشنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئاكتىپ،ئىجابىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە زېھنىي قابىليىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
تېرىنى ئاسراپ،چىراينى گۈزەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق.پەقەت تەر چىقمايدىغان ئادەملەرنىڭ تېرىسىنىڭ ماددا ئالماشتۇرشى ئاستا بولۇپ،بەزى كېرەكسىز ماددىلار ئاسانلىقچە چىقىپ كېتەلمەيدۇ.تەر چىقسا، تەر تۆشۈكى تازلىنىپ،تېرىنى ئاسراپ،چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئورۇقلاشقا پايدىلىق.چېنىقىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە،بەدەندىكى ماي كۆيۈپ ئىسسىقلىققا ئايلىنىدۇ ھەمدە تەر سۈيۇقلىقى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ.
نىجات ئىبراھىم