ئەمەلدارلىق ياراشتى
(ساتىرىك شېئىرى)
(بىر چېرىك ئەمەلدارنىڭ بايانى)
(مۇزاتى)
رەھبەر بولۇپ ئۆسكەچ ھەممە قاراشتى،
ھەسەت قىلىپ ھەر تەرەپتىن ماراشتى،
كۆرەلمەسلەر تاپىنىمنى تاراشتى،
ئەل ئىچىدە ھۆرمىتىممۇ راست ئاشتى،
كېلىپ ئامەت ، ئەمەلدارلىق ياراشتى.
كۆپ ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ قولىدا،
خوشامەتنى قاملاشتۇرغاچ يولىدا،
پۇختىلانغاچ مەنسەپدارلىق ئۇلىدا،
تېزلا ئۆستۈم نەپ ئېلىشنىڭ يولىدا،
كېلىپ ئامەت، ئەمەلدارلىق ياراشتى.
چىڭ تۇتتۇممەن پۇرسىتىمنى ئۆتكۈزمەي،
ئېلىۋەتدىم كەلسە سوۋغا كەتكۈزمەي،
قالمىدىم ھەم، نەپكە نەپنى يەتكۈزمەي،
يەڭ ئىچىدە باپلىدىم ھەم ئۆتكۈزمەي،
كېلىپ ئامەت، ئەمەلدارلىق ياراشتى.
ھاجەتمەنلەت‹‹ئېپ قويسىلا››دېگەچكە،
يەپ ئۆگەندىم بۇنى پۇرسەت بىلگەچكە،
نەپلا بولسا ئىلغىماستىن يىگەچكە،
قۇرساق سالدىم يىگەنلىرىم سىڭگەچكە،
كېلىپ ئامەت، ئەمەلدارلىق ياراشتى.
نەپ بەرمەسنى پىرىنسىپقا تاقايمەن،
سالا قىلىپ نەپ بېرىشكە نوقۇيمەن،
يول كۆرسۈتۈپ، دەرس بېرىمەن-ئوقۇيمەن،
نەپسىم ئۈچۈن يالغاننى ھەم توقۇيمەن،
كېلىپ ئامەت، ئەمەلدارلىق ياراشتى.
ھوقۇق بولغاچ يوللىرىممۇ ئېچىلدى،
ئەپنى تاپقاچ ئارقا ئىششىك ئېچىلدى،
اچۆپقىتىم كۆپ ، بۇندا بەختىم ئېچىلدى،
ئايىقىمدىن ئۈنچە-مارجان چېچىلدى،
كېلىپ ئامەت، ئەمەلدارلىق ياراشتى.
ھاجەتمەننى قارىتىمەن ئۆزۈمگە،
تۇرالمىسام بولماس لەۋزى-سۆزۈمگە،
چېنىپ قالسا سەت ئەمەسمۇ يۈزۈمگە،
مۇپەتتىشلەر سەت كۆرۈنەر كۆزۈمگە،
كېلىپ ئامەت،ئەمەلدارلىق ياراشتى.
بولۇپ مېھمان يەۋەرگەچكە بىكاردىن،
ئولتۇرۇشقا ماشىناممۇ‹‹پىكا››دىن،
تېپىۋالغاچ مەشۇقۇمنى‹‹دىبا››دىن،
ئايال رەنجىپ ئاجىراشتى نىكاھدىن،
ئەركىن بولدۇم، بەختىم كۈلۈپ كۆز ئاچتى.
پاختىدا ئوت ساقلىماقمۇ قىيىنكەن،
پاش قىلىپتۇ خوتۇن ناكەس پەس دېگەن،
تەكشۈرۈلدۈم، پۇتۇمغا كىردى تىكەن،
ئەيىپلەندىم، يىگەنلىرىم ھارامكەن،
ئەمدى مېنى ۋاي دېگەنلەر تاراشتى.
پۇشايماننىڭ نېمە كېلەر ئورنىغا،
نەپسانىيەت باشلاپ كىردى تۇرمىغا،
چەكتىن ئاشسا يەتدىكەن ئۆز بۇرنىغا،
لەنەت ئوقار، ئەل ئالماس ئىچ قوينىغا،
ياقام يىرتىپ يىغلىغانغا قاراشتى.
ئاپتورى : باي ناھىيىسىدىن : مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)