ئۇيغۇرلارنىڭ كۇلا ياساش ھۈنىرى مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر،مۇھەممەدتۇرسۇن مەمەت كۇلا-ئاق چىغدىن ياسىلىدىغان ئارغامچا.سانائەت تەرەققىي قىلمىغان،بۇرۇنقى زامانلاردا،ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلىقىمىز كەندىر قوۋزىقىدىن يىپ-تالا تەييارلاپ تاغار تۇقۇپ پايدىلانسا،سۇ كەمچىل چۆل-ئىدىرلاردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك ئاق چىغدىن كۇلا (ئارغامچا) ئىشىپ پايدىلانغان.كۇلا ناھايىتى چىداملىق بۇلۇپ،ئانچە-مۇنچە سۇغا چىلاپ نەمدەپ ئىشلەتسە ئۇزاق چىدايدۇ. ئۇ- ۋادەك يەنى ئۆي سېلىشتا ۋادەكلەرنى باغلاپ چىڭىتىشتا چەككۈچ،تېرىقچىلىقتا بوغۇسا تارتقۇ،ئۇلاغلارغا يۈك ئارتىشتا.بوغقۇچ،سۇ قاپىقىغا باغلىغ قاتارلىق ئېھياجلاردا ئۆز كارامىتىنى نامايەن قىلىغان. لوپ ناھىسينىڭ دول يېزىسىدىكىلەر بۇرۇندىن كۇلىچىلىق بىلەن داڭ چىقارغان بۇلۇپ،بۇ يېزىنىڭ «دوللاغ كۇلىچى» دىگەن نامى بار. يېقنىدا غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە،بۇ يېزىنىڭ قاقلىق كەنتىدىكى مەتتوختى ئىسىملىك بىرەيلەن بۇ ئەنئەنىۋى ھۈنەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقانلىقى ئىنىقلىنىپ،بۇ ھۈنەرنىڭ سۈرەتلىك ئارخىپ ماتىريالى تۇرغۇزۇلۇپ ناھىينىڭ نوقتىلىق قوغدىلىدىغان غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارغا كىرگۈزۈلدى. ئادەتتە كۇلىچىلىق مەشغۇلاتى ناھايتى ئاددى بۇلۇپ،جاڭگالدىن ئۇرۇپ كىلىنگەن چىغ كۆلچەك-ئىرىقلارغا بىر قانچە سائەت چىلاپ قويۇلغاندىن كىين، كۆتەك ئۈستىگە قويۇپ،ياغاچ توخماق بىلەن ئۇرۇپ،يانجىلتىپ يۇمىشتىلىدۇ.ئاندىن بىر ئۇزۇنلقى 70سانتىمىرى ئەتىراپىدا،توملىقى (دىيامىتىرى) 8سانتىمىر كىلدىغان ياغاچ بادىرى كىسىپ تەييارلاپ، ئۇنىڭ بىر ئۇچچىنى كەكە بىلەن چېپىپ،ئۇچلاپ قۇزۇق ياسىلىدۇ. ياسالغان قۇزۇقنى كۇلا ئىشىدىغان مۇۋاپىق يەرگە ياغاچ توخماق بىلەن قېقىپ مۇقىمداپ بەللىنىلىدۇ. ئاندىن مۇقىمداپ بەللەنگەن قۇزۇققا، يۇمشىتىلغان چىغنى يۆگىپ،توم –ئىنچىلىكى ئىشلىتىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن بەلىگىلىنىپ ،چاچ ئۈرىگەندەك چىڭ ئۈرۈلۈپ تەييارلىنىلىدۇ.ئۇزاقراق ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇنى سۇغا چىلاپ،نەمرەك ساقلاپ ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە خەلق ئارسىدا « كۇلىنى چىلاپ ئىشلەت،ياماننى سىلاپ(ئىشلەت) » دەيدىغان تەمسىل بار. كۇلىنىڭ خام ئەشياسى بۇلغان ئاق چىغ لوپ ناھىيسنىڭ دول يېزىسىدىن باشقا،ئاچچىق دەيدىغان تاغلىق رايۇندىنمۇ كۆپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ يۇرتىنىڭ ئەسلى نامى « ئاق چىغ » دەپ ئاتالغان. ئاق چىغدىن ئىشىلىدىغان كۇلا (ئارغامچا) ھازىر ئېھتىياجنىڭ سۇسلىشى بىلەن ئىستىمالدىن قېلىۋاتقان بۇلسىمۇ،بۇ چىغدىن ياسىلىدىغان سۈپۈگىلەر،شەھەر بازارلاردىكى تازىلىق ئىشچىلىرنىڭ مۇھىم قۇرالى بۇلۇپ كەلمەكتە.ئاق چىغ شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر مەنبەگە ئايلانماقتا. كۇلانىڭ ياسىلىش جەريانى: 

ئاق چىغ تەييارلىنىدۇ. 
ئاق چىغ سوغا چىلىنىپ،نەمدىلىپ يۇمشۇتىلىدۇ. 



يۇمشۇتىلغان ئاق چىغ ياغاچ توقماق بىلەن سوقۇپ ئىزىلىدۇ. 
ياغاچتىن بادىر (كالتەك) تەييارلىنىدۇ. 
كالتەكنىڭ بىر ئۇچچى ئۇچلىنىپ،قۇزۇق ياسىلىدۇ. 
.قۇزۇق مۇۋاپىق يەرگە قېقىلىپ بىكىتىلىدۇ. 
يۇمشۇتىلىپ سوقۇلغان ئاق چىغ رەتلىنىپ،قوزۇققا يۆگىلىشكە تەييارلىنىدۇ. 
قولغا مۇۋاپىق مىقداردا ئاق چىغ ئېلىنىپ، قۇزۇققا يۆگەشتۈرلىدۇ. 

ائاق چىغ قۇزۇققا بىر تەرەپتىن يۆگەشتۈرلۈپ،يەنە بىر تەرەپتىن ئاق چىغ ئۆز-ئارا كىرىشتۈرلۈپ،قول بىلەن ئىشلىنىدۇ


ئاق چىغنى ئۆز-ئارا كىرىشتۈرلىدۇ. 
كىرشتۈرۈلگەن ئاق چىغ، چاچ ئۈرىگەندەك ئۈرۈلىدۇ. 
ئۆزئارا كىرىشتۈرلۈپ،ئۈرۈلۈپ بۇلىنغان ئاق چىغ بىر-بىرلەپ پۈتۈپچىققانسىرى قۇزۇققا يۆگىلىدۇ. 
قايتا -قايتا ئوخشاش ئۇسۇلدا مەشخۇلات قىلىنىدۇ. 


ئاق چىغ ئۈرۈلۈپ بولغانسىرى قۇزۇققا يۆگەشتۈرلىنىدۇ. 
قۇزۇققا يۆگەشتۈرۈلگەن ئاق چىغ. 
يۆگەشتۈرۈلگەن ئاق چىغ قۇزۇقتىن يىشىلىپ،تارتىلىپ تۈزلىنىدۇ. 
قۇزۇقتىن يىشىلىپ چىقىلغان ئاق چىغ ئۆز ئارا ئۈرۈلىدۇ.(خانىم-قىزلىرمىز چاچ ئۈرىگەنگە ئوخشاش) ھالەتتە. 
داۋاملىق ئۈرۈلىدۇ. 
ئۈرۈلۈپ بۇلۇنغان ئاق چىغ چىڭ تارتىلىپ،تۈزلىنىدۇ. 
شۇنداق قىلىپ ئاق چىغدىن ياسىلىدىغان كۇلا(ئارغامچا) پۈتۈپ چىقىلىدۇ. 
ئۇيغۇر ئەجداتلىرمىز قاپاققا سۇ قاچىلاپ،يۈدۈپ مېڭىشتا كۇلانى(ئارغامچا)باغلىق قىلغان.
لوپ ناھىيلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئاخپارات-نەشىريات ئىدارسىدىن:مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر (سەرتۇغ)
|