كۈندە بايرام بولسۇن ئانىغا
مۇھەممەتجان سىدىق
(1)
بىلسەك كۈندە بايرام ئانىغا،
يەتمىسىلا زەخمەت بالىغا.
(2)
قەلبى تولغان مېھرى-ۋاپاغا،
ۋايسىمايدۇ جەبرى-جاپاغا.
پەرزەنت ئۈچۈن مىسلى كۆيگەن شام،
قول كۆتۈرۈپ كۆنگەن دۇئاغا.
زېمىندىكى پەرىشتە ئۇلار،
خويمۇ توغرا ئېيتقان دانالار.
ئالەم گۈزەل، ھايات مەنىلىك،
ئائىلىدە بولغاچ ئانىلار.ئانا ئۇلۇغ، ئانا مۇقەددەس،
ئانا بىلەن بالا زەبەردەس.
بولسا يۆلەك ئانا دۇئاسى،
بەدنىيەتلەر قىلالمايدۇ قەست.
ئانىلارغا قەرزىمىز تولا،
رازىلىق يوق ئەرزىمىز تولا.
خوتۇن ئېلىپ، ئەرگە تەگكىدەك-
قىپ قويسىمۇ دەردىمىز تولا.بىلسەك كۈندە بايرام ئانىغا،
يەتمىسىلا زەخمەت بالىغا.
مۇڭدىشايلى، يوقلايلى دائىم،
چېپىۋەرمەي تايدەك دالىغا.
(3)
كۈندە بايرام ئانىلار ئۈچۈن،
تەبرىكلەيمىز يىلدا بىر نىچۈن؟!