كۆرۈش: 10965|ئىنكاس: 15

«ئالتە شەھەر» گۇرۇپپىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
53
تۆھپە
9
UID
12115
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 14:26:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، دوستلار.
   بۈگۈن سىلەرگە كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش Rap ئەترىتى «
ئالتە شەھەر» گۇرۇپپىسى (Six City) نى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئۇشبۇ تېمىنى يوللىدىم.






ئالدى بىلەن گەپنى Rap نىڭ ئۇقۇمىدىن باشلايلى:
   Rap بولسا Hip-Hop ئائىلىسىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك ۋە ئەڭ مۇھىم بىر ئۇسلۇبلارنىڭ بىرى. «رەپ» دېمەك «گەپ» دېمەكتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسلىق نېگىزى «گەپ». ئەمما، «گەپ» دەپلا، ئۇنى ئۇنچە ئوڭاي نەرسىگە چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۇنى قاپىيىگە سېلىش، مەزمۇنلۇق قىلىش، ئاشۇ بىژ پاتمان «گەپ» لەرنى تولۇق يادلاپ، يەنە تېخى رېتىمغا دەل چۈشۈرۈپ ئوقۇشقا نۇرغۇن زېھىن ۋە كۈچ كېتىدۇ. شۇڭا مېنىڭ نەزىرىمدە، Rap قىيىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بىر خىل ئورۇنلاش ماھارىتى.
   ئەمدى ئۇنىڭدىكى روھ توغرىلىق گەپلىشىپ باقايلى. Rap تە ئادەتتە ھەر خىل گەپلەر بولىدۇ. ئەمما يىغىپ كەلسەك، ئاساسلىقى جەمئىيەتتىكى ناچار قىلمىش، تەڭسىزلىك ۋە باشقا كىشىلەر تازا كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەيۋاتقان مەسىلىلەر قامچىلىنىدۇ ۋە بايان قىلىنىدۇ. دېمەك ئۇ ھەرگىزمۇ كىشىلەر بۇرنىنىڭ ئۇچىدا كۆرگەندەك ئۇنداق يامان نەرسە ئەمەس.
   ھازىر دۆلىتىمىز تەۋەسىدە Rap كە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلالايدىغان، ھەم مەن قول قويىدىغان بىر گۇرۇپپا بار. ئۇلار ئۆز دىيارىمىزدىن يېتىلىپ چىققان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يىگىتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى Six City (يەنى «ئالتە شەھەر» گۇرۇپپىسى).




   
Six City ئەترىتى 2003-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن «ئالتە شەھەر» دېگەن بۇ ئىسىمنى ئەترەتكە تاللىغانلىق توغرىسىدا ئەترەت ئەزاسى ئەكرەم مۇنداق دەيدۇ:
   
- 2003-يىلى بەختىيار ئىككىمىز مۇشۇ رەپ گۇرۇپپىسىنى قۇرغان چاغدا، بىز كۆپ ئويلىنىپ، جەمئىيىتىمىزدە يۇرتۋازلىق مەسىلىسىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇق ھەم بۇ خىل قالاقلىققا رەددىيە بېرىشنى مەقسەت قىلىپ، گۇرۇپپىمىزغا مۇشۇ «ئالتە شەھەر» دېگەن ئىسىمنى رەسمىي تاللاپ بېكىتتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خوتەن، قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ ۋە باشقا قەدىمىي شەھەرلىرىمىز، بىز ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى شەرەپ قۇچقان، دۇنيا مەدەنىيىتىگە تەسىر قىلغان بۈيۈك ھەم قەدىمىي شەھەرلەر. شۇڭا ئۇلاردىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك، دەپ قارىدۇق.

  Six City قۇرۇلغىنىغا مانا ساق 9 يىل بوپتۇ. ئەترەتتىكى بالىلار ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي، مۇشۇ 9 يىل جەريانىدا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارغا چىداپ كەلدى. ئۇلار ھەممىسى دېگۈدەك ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوقۇمۇشلۇق، زىيالىي ئائىلىلىرىدە چوڭ بولغان ۋە بۇ ساھەگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان. مۇزىكا بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە، ئۆيدە ئاتا-ئانىغا كۆيۈمچان ئوغۇل، مەكتەپتە ئەدەپلىك ئوقۇغۇچى ۋە خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان ياشلاردىن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، خەلقىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
   2008-يىلى 6-دېكابىر كۈنى، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان كۆپىنچىمىز ئۆز ئىشلىرىمىز بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا، Six City ئەزىمەتلىرى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، خوتەن گۇما ناھىيىسىدىن ئۈرۈمچىگە داۋالىنىشقا كەلگەن 8 ياشلىق ماھىرەنىڭ ئاق قان كېسىلى تۈپەيلىدىن يىلىك ئالماشتۇرۇشقا كېتىدىغان 300 مىڭ يۈەن پۇلنى غەملەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باشقا ياش سەنئەتكارلار، قۇرداش دوست-ئاغىنىلىرى، ساخاۋەتلىك كىشىلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، «ھايات بىر ئۈمىد» دېگەن نامدا، ماھىرەگە بىر چوڭ تىپتىكى ئىئانە توپلاش سەنئەت كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى (ئەلۋەتتە، بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشكە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىندى ۋە نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلەر ئىشلەندى).

      
   ھەمدە كېچىلىكتىكى بېلەت كىرىمى ۋە ھەر مىللەت خەلقىدىن بولغان ئاق كۆڭۈل كىشىلەردىن يىغىلغان 50 مىڭ يۈەن پۇلنى قىزنىڭ دادىسىغا نەق مەيداندا تاپشۇردى.
      

   شۇ كۈنكى پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ يىگىتلەرنىڭ يانچۇقىدا موچەن پۇلمۇ قالمىغاچقا، ئۈرۈمچى جۇڭسەن يولىدىن تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تۇرالغۇسىغىچە بولغان 10 نەچچە بېكەت يولنى شۇ قىشتا پىيادە بېسىپ، ئۆيلىرىگە ئاران كېلىۋالىدۇ...
   مانا ھازىر ماھىرە قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىپ، ئىللىق مەكتەپ قوينىدا خاتىرجەم ئوقۇۋاتىدۇ. ئەشۇ نادان پارازىتتەك كىشىلىرىمىزنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان، «ئەخلەت»، «داشقال»، «ئىجتىمائىي ئەخلاققا قارشى» ۋە ياكى باشقا ئاللىقانداق نەشتەرلىرىنىڭ سانجىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بۇ خىل سەنئەت تۈرىنىڭ ئورۇنلىغۇچىلىرى بولغان Six City گۇرۇپپىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي، جانلىق ھەرىكىتى بىلەن، كىشىلەرگە «ئادەمنىڭ سىرتىغا قاراپ باھا بېرىش»، «بىر شەيئىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، قارىسىغا ھۆكۈم چىقىرىش» نىڭ شۇ قەدەر ئەخمىقانىلىك ۋە كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى تونۇتتى ھەم قۇرۇق «گەپ» نى ئاز قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن، ئەتراپىمىزدىكى ياردەمگە مۇھتاج، كۆيۈنۈشىمىزگە مۇھتاج ئادەملەرگە ياردەم بېرىشنىڭ، ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغان ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىز ئىكەنلىكىنى قايتا بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

ئاخىرىدا كۆپچىلىككە ئۆزۈم يىغىپ قويغان بىر قىسىم ماتېرىياللارنى سۇناي:
   تۆۋەندىكىسى، Six City نىڭ ماھىرەنى قۇتقۇزۇش توغرىسىدا ئىشلىگەن ھۆججەتلىك قىسقا فىلىمى (فىلىمدىكى يىگىتنىڭ ئىسمى مۇرات بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تۈرتكە بولغان شەخس دېيىشكە بولىدۇ):


   ئاندىن، ئۇلارنىڭ ماھىرەگە ئاتاپ يازغان «ھايات بىر ئۈمىد» ناملىق ناخشىسى، شۇنداقلا شۇ قېتىملىق كېچىلىكنىڭ باش تېمىسى:


   يەنە بىرسى، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ Six City نى قىلغان مەخسۇس زىيارىتى (چوقۇم ئاڭلاڭ، بەك قىزىقارلىق):


   ئاخىرىدا، گۇرۇپپا ئەزاسى مۇراتنىڭ نەچچە يىللىق چەتئەلدىكى ئوقۇش، خىزمەت ھاياتى داۋامىدا، ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ بۈيۈكلۈكى، ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، مۇھىت ئاسراش، ئىچكىرىگە ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى باش تېما قىلىپ، ئۆزى يېزىپ چىققان «قايتىپ كەلدىم» ناملىق ناخشىسى:


ئاپتورى: Mr.Aziz


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
3
UID
13650
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:38:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا !مەن بىرىنجى ئىنكاس .!         
«قايتىپ كەلدىم» ناملىق ناخشىسى ئىسىل .!            
  
      
.      
            
                 


Rank: 2

تىللا
73
تۆھپە
37
UID
4801
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:15:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Mr.Aziz ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت، مۇشۇنداق تالانتىلىق مۇزىكانىتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ بارلىققا كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،ھەمدەئۆزگىچە پۇراق بىلەن مىللىي ئەنئەنە يۇغۇرۇلغان خاس ئۇسلۇپ شەكلىدىكى مۇزىكىلارغا داۋاملىق تەشنامىز...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1392
تۆھپە
1136
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 10:15:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز  يوللىغان  تېما  بەكمۇ  ياخشىكەن ،،،،،مۇشۇنداق  تالانتلىق  گۇرۇپ،شەخىسلەر  داۋاملىق  ئۈزۈلۈپ  قالمىسىكەن  دىگەن  ئۈمۈدمەن،،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1392
تۆھپە
1136
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 10:16:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز  يوللىغان  تېما  بەكمۇ  ياخشىكەن ،،،،،مۇشۇنداق  تالانتلىق  گۇرۇپ،شەخىسلەر  داۋاملىق  ئۈزۈلۈپ  قالمىسىكەن  دىگەن  ئۈمۈدمەن،،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1392
تۆھپە
1136
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 10:16:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز  يوللىغان  تېما  بەكمۇ  ياخشىكەن ،،،،،مۇشۇنداق  تالانتلىق  گۇرۇپ،شەخىسلەر  داۋاملىق  ئۈزۈلۈپ  قالمىسىكەن  دىگەن  ئۈمۈدمەن،،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 6Rank: 6

تىللا
520
تۆھپە
294
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:14:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ياخشى  بوپتۇ  تالانتلىقلار  كۆپرەك   چىقسۇن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:16:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇمۇل، ئالتاي، چۆچەك، سانجى، بورتالا، غۇلجا، قاراماي ... لارنىمۇ قوشۇپ «ئوننەچچە شەھەر» دەۋەتكەن بولساڭلارچۇ سادىغاڭكېتەيلەر!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
887
تۆھپە
149
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 16:53:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز  يوللىغان  تېما  بەكمۇ  ياخشىكەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىغەمزات
تىللا
409
تۆھپە
222
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 18:01:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇلارنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ رەپلىرىنى ياخشى كۆرىمەن. بۇرۇن دائىملا ئۇلارنىڭ بىلوگىغا كىرىپ رەپ ئاڭلايىتتىم. كىيىنچە ئۇ بىلوگنى يوقىتىپ قويدۇم. مەن ئۇلارنىڭ ‹‹دۇشمەن››دىگەن ناخشىسىنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن.


باشقىلار سىنى چوڭ كۆرگەندە، ئۆزەڭنى كەمتەر تۇتۇشنى بىل!
باشقىلار سىنى پەس كۆرگەندە، ئۆزۈڭنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىل!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:11, Processed in 0.083662 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991