كۆرۈش: 1649|ئىنكاس: 2

تېمىسىز دىئالوگلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
116
تۆھپە
79
UID
9320
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 13:20:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تېمىسىز دىئالوگلار


-بىز ئىتلارغا ئۇۋال قىلىۋاتىمىز.قانداق ئۇۋال قىلىۋاتىمىز؟__رەزىل ئادەملەرنى ھەمىشە ئىتقا ئوخشىتىۋاتىمىز.ئەمەلىيەتتە،ئىت ئىگىسىگە ھەرقانداق دوست-بۇرادەرلەر،ئۇرۇق-تۇققانلاردىنمۇ سادىق-ۋاپادار كىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۆز ئىگىسى ئۈچۈن جىنىنى تىكىش روھى قايسى ئۇلۇغ قەھرىماندىن كەم؟!شۇڭا،ئۇسۇل ئادەملەرنى ئىتقا ئوخشىتىش-ئىتقا قىلىنغان ھاقارەت.
--بۇ جەھەتتىنمۇ بەلكىم بىز ئىتقا ناھەق ئۇۋال قىلىۋاتقاندىمىز،ئەمما،بۇ يەردە ئىت توغرىلىق مۇنداق بىر ھەققىقەتكە ھەرگىز كۆز يومالمايمىز.
    قانداق ھەققىقەت ئۇ،دەمسىز؟ئىت بار يەرگە پەرىشتىلەر كىرمەيدۇ.پەرىشتە يوق يەردە ئىناقلىق،ئامەت،بەركەت بولمايدۇ.
--پەرىشتە نىمىشقا كەلمەيدۇ؟
--ئىتتىن ئىنتايىن يىرگىنىدۇ؟
--نىمە سەۋەپتىن؟
-پەرىشتە شۇنىڭ ئۈچۈن يىرگىنىدۇكى؛دۇنيادىكى ھەممە مەخلۇقات ئۆز قەۋم-جامائىتى بىلەن ئۆزلىشىپ توپ بولۇپ ياشايدۇ.پەقەت ئىتلا ئۇنداق ئەمەس.ئىتنىڭ ھەرقاندىقى ئۆزى بىلەن ئەسلا قانداشلىقى بولمىغان ئادەمگە باغلىنىپ،شۇنىڭغا مالاي بولۇشقا رازىكى،بىر قۇرساق،بىر ئانىدىن تۇغۇلغان بولسىمۇ بىر-بىرى بىلەن مەڭگۈ سىغىشالمايدۇ.خوجايىنلىرىنىڭ رايى ئۈچۈن بىر-بىرىنى تالاپ ئۆلتۈرۈشكە تەييار.
   چوڭى شىر،يولۋاس،ئېيىق،بۆرە قاتارلىق ۋەھشى يىرتقۇچلاردىن،تۈرلۈك-تۆمەن ئەڭ يامان كۆرىدىغان توڭغۇزلارغىچە ھەممە-ھەممىسى ئۆز جامائەت بۇلالايدۇكى،ئەمما ئىت ھەرگىزمۇ جامائەتلىشەلمەيدۇ.ھەرقانداق چاغدا بىر ئىت يەنە بىر ئىتنى كۆرگەن زامان بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشىدۇ.شۇڭا،پەرىشتىلەر بۇ پىتىشماس مەخلۇقلارنى نىجاسەت دەپ قارايدۇ.......
    بىزنىڭ كۈنسايىن بەدخۇيلىشىپ،ئۆز ئارا قولۇشالماسلىقىمىز،بىر-بىرىمىزدىن يادلىشىپ،يادلارغا ئۆزلىشىشىمىز،بارغانسېرى ئادىمىلىك سۈپىتىمىز خۇنىكلىشىپ ئىتلارنىڭ مىجەزىگە كىرىپ قېلىۋاتقانلىقىمىز-ئىت بىلەن خوجايىن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە نەقەدەر ئوخشايدۇ-ھە؟
--ئۇنداقتا بىز يەر شارىدىكى ئىككى پۇتلۇق ئادىمىي ئىتلارنىڭ يېڭى سورتىنى يېتىشتۈرۋاتامدۇق نىمە؟؟؟؟؟

       ئەي ئوغۇز پۇشتى،ئۇيغۇر ئەۋلادى،
      ئەي ئانا دىيارنىڭ شېرىن-پەرھادى؛
      ئېسىڭدە بولسۇن،سەن ئاتىلارنىڭ بەختى-مۇرادى؛
     ئانىلارنىڭ خوشلىقى-شادى؛
     مىللەتنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى،ۋارىس-ھەغزادى؛
     بىز كىم؟بىز دېگەن ھەيۋە-دوق قۇرقۇتالمىغان،ئوق-قىلىچيوقۇتالمىغانلارنىڭ پۇشتى-نىجادى..................

        مەنبە:<<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>>1998-يىل5-سانىدىن


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
792
تۆھپە
312
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:18:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرەتلىككەن ، بىزنىڭ ئارىمىزدا بەزى ئىتتن ئۆتە يامان خۇيلۇق ئادەملەرمۇ يوق ئەمەس.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئاتتىلا
تىللا
544
تۆھپە
183
UID
2458
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 15:22:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   راست مەن ئويلىمىغان يېرى بارئىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىتقا ئۆچەنلىك قىلىدىغىنىنى بىلىۋالدىم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 08:59, Processed in 0.070869 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991