كۆرۈش: 1258|ئىنكاس: 0

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت: يەنە ئىككى شېئىر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
تىللا
238
تۆھپە
64
UID
8876
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 11:41:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىككى شېئىر

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

بەرنا

-قىزىم بەرنانىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بېغىشلاپ

دالانىڭ بىپايان ئاپئاقلىقىغا،

چېچىلدى ھېسلىرىم شەپەقتەك گويا.

ئۇپۇققا سىزماقتا تەبەسسۈمىڭنى،

بۇ ئەزىم سۈبھىنىڭ جىلۋىسى، بەرنا.

×   ×   ×   ×

بىر قەۋەت مامۇق تور يېپىنغان سۈبھى،

سىنچىلار نۇرلارنىڭ ئاراشلىرىدىن.

تۈرگۈنلۈك تۆپىلىك قۇچقان ئارايىش،

بىر دالا چوغلۇقنىڭ پارلاشلىرىدىن.

چوغلانغان ئۇپۇقنىڭ تىرەن بوشلۇقى،

نىگاھىم ئوت ئالار كۈنگەي قىرغاقتىن.

قانىتى كېرىلگەن بىر پارچە ئاسمان،

قۇياشنى بالقىتىپ كېلەر يىراقتىن.

مەن سېنى يېتىلەپ چىقتىم سۈبھىگە،

بىغۇبار، مەسۇم ۋە نازۇك جىلۋەڭ بار؛

ئۇچۇرغان تۈنلەرنى ئىپار سەلكىنى،

ئىزگۈلۈك دەملەرنى قايتۇرغان تەكرار.

ئوغۇز①نىڭ يەتتىسى(سۈلكەتلىك سۈبھى)،

ئەسەبىي ئارماندا چاڭقىغان نىگاھ.

تۇغۇمۇڭ كۆتۈرگەن روھىمدا قىقاس،

دۇنيانىڭ كۆزىدە پەقەت سەنلا، ئاھ!

كۆزۈمدە چاقنايدۇ شۇ قۇتلۇق سۈبھى،

دېرىزەم يېنىدىن سوزۇلغان دالا.

دەريالار شاۋقۇنى قەلبىمدە دەۋرەپ،

كۈيۈمگە ئەبەدىي بېرىدۇ سادا.

×   ×   ×   ×

خىياللار قەلبىمدە چىقىرار ياپراق،

روھىممۇ ئېچىلىپ تۇرغان گۈل-چېچەك؟

ئانامنىڭ قېنى بار قىزلىق تەپتىڭدە،

سۆيگۈمگە كۈلكەڭدىن تاقايمەن بېزەك!

1991-يىلى، 10-ئاينىڭ7-كۈنى، يېڭىسار.

①ئوغۇز-10-ئاي.

قىزىمغا

(مۇۋەششەھ)

باھار ئاسمىنىدۇر قەلبىم، ئۈمىدىم ساڭا پەر بولغاي،

سىڭىپ نۇرلارغا پەرۋازىڭ، ھاياتىڭ شان-زەپەر بولغاي.

ئەسىرلەر ئىستىكى چاقنار ھاياتىم تاڭلىرى، تۈنىدە،

نىگاھىڭدا قۇياش بالقىپ، ئۇپۇقلار جىلۋىگەر بولغاي.

رىزامەن نۇزۇگۇمدەك ئۇز، نەفىسەدەك نەفىس بولساڭ،

قېنىڭدا چايقىلىپ ئالتۇن، غۇرۇرۇڭ ساپ گۆھەر بولغاي.

نىھايەت، بۇ ھاياتلىقتىن قالار ئىز قەلبىدە ئەلنىڭ،

بۇ ئىزسىز ياشىساڭ مىڭ يىل ھاياتتىن نە ئەسەر بولغاي؟

ئاتاڭ تۇپراققا ئايلانسا تىلە ئەلنىڭ دۇئاسىنى،

قىزىم، ئەلنىڭ دۇئاسىدىن ئاتاڭغا خۇش خەۋەر بولغاي!

1998. 5. 9  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 08:39, Processed in 0.071609 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991