كۈلكىگە سەپەر
كۇسار ۋەقەسى
بىر كۈنى چۈمۈلە سۇ ئۈزۈش كۆلىنىڭ يېنىغا كېلىپ يۇيىنىۋاتقان پىلغا قاراپ:
--ھەي بۇياققا چىق!! دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ،
پىل سىرتقا چىقىپتىكەن چۈمۈلە پىلنىڭ باش ئايىقىغا قارىۋېتىپ:
--ئەمدى سۇغا چۈشۈپ كەت !دەپتۇ.
پىلنىڭ ئاچچىقى كېلىپ :
--ھەي ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ مېنى سىرتقا چىقىرىپ نېمە قىلماقچىدىڭ؟؟؟
--مېنىڭ كۇسىرىم يۇقاپ كەتكەن،سېنى كىيۋالدىمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم بىراق سەن كىيۋالماپسەن...
پاشا بىلەن پىلنىڭ مۇھاببىتى
بىر كۈنى پاشا بىلەن پىل دالا سەيلىسىگە مېڭىپتۇ ،،پاشا توختىماي پىلنىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ توختىماي غىڭىشىۋېرىپتۇ ..پىل جىيلە بولۇپ ئاچچىقىدا نېمە قىلىۋاتىسەن بولدى قىلە دېسە :
پاشا پىلغا:- قەدىرلىكىم بەك ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن دەپتۇ.
پىل ھەيران بولۇپ نېمىگە دەپ سوراپتۇ.
پاشا پىلنىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ: قەدىرلىكىم مېنىڭ .........ئىككىمىزنىڭ بالىسى دۇنياغا كەلمەكچى دەپتۇ ،
بۇ گەپنى ئاڭلىغان پىل ھاياجاندىن ھۇشىدىن كېتىپتۇ..
ۋاپادار مۇھەببەت
پىل تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قاپتۇ ..چۈمۈلە بەكمۇ زار قاقشاپ يىغلاپ ئاخىر ئامالسىز كۆمۈپ قويۇشقا تەييارلىق قىلىپتۇ.
بىر كۈن . ئىككى كۈن.....ئۈچ...........تۆت .............................مۇشۇنداق نەچچە ئاي ئۆتۈپتۇ ،،،ھالىدىن كەتكەن چۈمۈلىمۇ ئۆزىنى قۇشۇپ كۆمۈپ مىيىتنى ئۇزىتىپتۇ،،،،،،،،،،،،!