كۆرۈش: 2142|ئىنكاس: 1

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت: ئانا ھەققىدە غەزەللەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
تىللا
238
تۆھپە
64
UID
8876
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 11:24:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا ھەققىدە غەزەللەر

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

1

ئاھ، ھاياتلىق جىلۋىسى ئۆڭدى نىگاھىڭدا ئانام،

ئۆچتى زەپ پارلاق قۇياشىڭ سۈبھىگاھىڭدا ئانام.

قالدى تاڭلار سەن ئۈچۈن ئاتقان سامالار سەتھىدە،

سايىسى لەيلەپ گۇگۇمنىڭ پاك سىماھىڭدا ئانام.

زەررىسىگە ئايلىنىپ سىڭدىڭ بۈيۈك روھ بەرقىگە،

شولىلاردىن چاقنىتىپ زەر قىبلىگاھىڭدا ئانام.

سەن ياراتتىڭ سۆيگۈ دۇنياسىدا ئىككىنچى قۇياش،

چىن گۈزەللىك كۆركى قالدى گۈل-گىياھىڭدا ئانام.

كۆيدۈڭا قەلبىڭدىكى ئوتلاردا بىزچۈن ئۆرتىنىپ،

بار جاھاننىڭ قىسمىتى تەقدىر-ئىلاھىڭدا ئانام.

قايدا بىزلەرگە پەسىل، كۈن-تۈن رىيازەت دەملىرى،

زارلىنىپ كەتتى ئۆلۈم بىزدىن پاناھىڭدا ئانام.

كۈيلىرىمدە ياڭرىماس غايىب سىمالار شەۋكىتى،

قۇت تاپار شائىرلىقىم ھەمدۇ- ساناھىڭدا ئانام.

2

جان ئانا، ئوغلۇڭغا پۈتمەس دەرد، پۇشايمان قالدىمۇ؟

كۆزلىرىمدە قان، دىلىمدا داغى ھېجران قالدىمۇ؟

چاڭقىغاندا بىر يۇتۇم سۇغا لېۋىڭ چاك-چاك بولۇپ،

مەن يېنىڭدا يوق، نېتەي، سۈكۈتتە ئوكيان قالدىمۇ؟

جان ئۈزەردە، قايدا ئوغلۇم، دەپ كۆزۈڭ كەتتى ئوچۇق،

نالىدىن تىترەپ زېمىن، ھەسرەتتە ئاسمان قالدىمۇ؟

ئەمدى يىغلارمەن جىنازاڭ ئالدىدا زار-زار ئانا،

ئۆرتىنەر باغرىم، تەسەللىلەرگە ئىمكان قالدىمۇ؟

قوشۇلۇپ كەتتىڭ ئەجەب تۇپراققا سەن تۇپراق پېتىڭ،

ئۇلغىيىپ روھ كۈلپىتىڭ قەبرەڭدە گۈلخان قالدىمۇ؟

ياشنىغان سەرۋىم كۈلۈپ قەلبىڭ باھارىستانىدا،

ماڭا سەنسىز چۆل بولۇپ بۇ باغۇ-بوستان قالدىمۇ؟

كۆپ ئىدى تىلەكلىرىڭ، ئاھ، قونمىغان چېچىڭغا ئاق،

ياشلىقىڭنىڭ جىلۋىسى بوپ لالە-رەيھان قالدىمۇ؟

كەلدى تۆت كۈندە يېتىملىك قىسمىتى سەنسىز ماڭا،

ئانا دەپ قىلسام نىدا قەلبىمدە چۇقان قالدىمۇ؟

سېنى ھىدلاپ ئاختۇرۇپ، ھويلا-ئارامدا تەلمۈرۈپ،

ئاھ، ئاتام غېرىبسىنىپ جىسمىدا دەرمان قالدىمۇ؟

چۈشلىرىمدە بالقىغاي نۇرلۇق ئىلاھىي سۈرىتىڭ،

ئىزلىسەم ئالەمنى سەندەك زاتى ئىنسان قالدىمۇ؟

ھەر زامان پىكرىمدە سەن، زىكرىمدە سەن، بولغىن رىزا،

كۈيلىرىدە ياش تۆكۈپ ئوغلۇڭ غەزەلخان قالدىمۇ؟

3

ئانا، نۇرلۇق سىمايىڭ-سۈرىتىڭنى سېغىندىم،

ئانىلىق روھ جىلۋىسى-سۈلكىتىڭنى سېغىندىم.

ئاختۇرساممەن قەلبىمنى پەقەت سەنلا بار ھامان،

غېرىبلىقتا تەڭداشسىز ھىممىتىڭنى سېغىندىم.

باھار ھىدى باغلاردىن كۆچتى قەبرەڭ بېشىغا،

چېچەكلەتكەن ياشلىقنى مېھنىتىڭنى سېغىندىم.

ئاق سۈتۈڭدىن تارالغان ھاياتىمنىڭ لەززىتى،

ئەللىيىڭگە تەشنا بوپ شەربىتىڭنى سېغىندىم.

قۇچاق ئېچىپ ئالەمگە خىياللارنىڭ بوشلۇقى،

جىسمىڭ ئۇچۇپ كەلسە دەپ سۈرئىتىڭنى سېغىندىم.

يىغلاپ سالدىم، جىسمىمدا قوللىرىڭنىڭ ئىزى يوق،

ماڭا بەرگەن تەنبىھىڭ-ھېكمىتىڭنى سېغىندىم.

4

ئانا، ھالال ئەجرىڭگە-مېھنىتىڭگە رازى بول،

ماڭا بەرگەن مېھرىڭگە، شەپقىتىڭگە رازى بول.

ئانا ئىدىڭ ئانىلىق خىسلىتىدە ھەۋۋاغا،

ئىمانىمغا نۇر بەرگەن ئاق سۈتۈڭگە رازى بول.

يۈرىكىدە تۇپراقنىڭ دولقۇنلىغان قان بولدۇڭ،

ئاقتىڭ يەنە جىسمىمغا، شەربىتىڭگە رازى بول.

ئۆرتىنىمەن تۈنلەرنىڭ كۆزلىرىدە گۈلخاندەك،

ئاھلىرىمدا پارلىغان سۈرىتىڭگە رازى بول.

ئايىغىڭدا پىلسىرات-قىلىچلارنىڭ شولىسى،

يۈدەلمىدىم سېنى ئاھ، كۈلپىتىڭگە  رازى بول.

ياسالمىدىم سەن ئۈچۈن جەننەت ئەمەس باغنىمۇ،

ماڭا باقى قالغان بۇ جەننىتىڭگە رازى بول!

5

باھار كەلسە دالاغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن،

روھىمدىكى ساداغا«ئاناممىكىن» دەپتىمەن.

قۇياش دېگەن بالقىيتتى سايىسىدىن ئانامنىڭ،

تىلىم بارماس رىياغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن.

كۆزلىرىدە چاقنىتىپ شولىسىنى تاڭلارنىڭ،

ئاي ئۆرلىسە ساماغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن.

ھىدى پۇراپ ئاق سۈتنىڭ ۋۇجۇدۇمغا تارالسا،

قۇچاق ئېچىپ ھاۋاغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن.

سىلاپ ئۆتسە قەلبىمنى ھېسلىرىمنى ئويغىتىپ،

تەلمۈرۈپمەن ساباغا ئاناممىكىن دەپتىمەن.

ھېلى باردەك يېنىمدا، ئىشىنەمدىم تەقدىرگە؟

كۆز يۈگۈرتۈپ دۇنياغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن.

ئانىلار بار ئانامدەك، ئۇزاق ئۆمۈر تىلەيمەن-

قول كۆتۈرۈپ دۇئاغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن!...

6

ئانا، تەقدىر قىسمىتى-چاقچاقلارغا يىغلايمۇ؟

سىېنى مەندىن ئايرىغان تۇپراقلارغا يىغلايمۇ؟

يىغلاپ تۇرۇپ تۇغۇلدۇم پەريادىڭغا چىدالماي،

ماڭا يىگەن شۇ ئاچچىق تولغاقلارغا يىغلايمۇ؟

جاراڭلايدۇ ئاۋازىڭ ساداسىدا روھىمنىڭ،

«ئەللەي بالام» دەپ قاتقان قوشاقلارغا يىغلايمۇ؟

چېچىكى بار گۈلۈڭنىڭ سېغىنچىمدا ئىچىلغان،

باھارىڭدا توزىغان ياپراقلارغا يىغلايمۇ؟

قۇرۇپ قالدىم قەلبىمنىڭ چۆللىرىدە يىگانە،

كۆز يېشىمدەك سۈپ-سۈزۈك بۇلاقلارغا يىغلايمۇ؟

ئۆچتى قۇياش سامادىن، تۈنلىرىمدە يۇلتۇز يوق،

ئانا، ئۆزۈڭ ياققان شام-چىراقلارغا يىغلايمۇ؟

سەن سۇ بەرگەن قوللار بار، سۆيۈپ-سۆيۈپ قانمايمەن،

تاۋاپ قىلىپ تەۋەررۈك ئاياقلارغا يىغلايمۇ؟

قىزلىرىمدا مېھرىڭ بار، يۈرىكىڭ بار كۆكسىدە،

ئىللىق كۈلكەڭ پارلىغان زىناقلارغا يىغلايمۇ؟

قىلالمىدىم زىكرىڭنى، بوز تورغايغا دان چاچتىم،

روھىڭ مەندىن سورىغان سوراقلارغا يىغلايمۇ؟

ئېڭىكىمنى چاتساڭچۇ رومىلىڭدا «بالام!»دەپ،

چۈشلىرىمدە كېرىلگەن قۇچاقلارغا يىغلايمۇ؟

ياشارمەن دەپ دۇنيادا سېنى يۈدۈپ-ھاپاشلاپ،

ماڭا بەرگەن ھېكمىتىڭ-ساۋاقلارغا يىغلايمۇ؟

كۆز يۇممىغاي ئانىلار، نالە قىلدىم تەڭرىگە،

يۈرىكىمنى ئۆرتىگەن پىراقلارغا يىغلايمۇ؟


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
770
تۆھپە
208
UID
2663
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 01:48:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەكنى تىتىرتىدىغان تەسىرلىك قۇرلاردىن پۈتۈلگەن ياخشى غەزەللەر ئىكەن بۇ!!!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:44, Processed in 0.073579 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991