كۆرۈش: 5321|ئىنكاس: 4

جۇڭگولۇق تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ يېرىمى تاماكا چېكىشنىڭ يۈرەك كېسەل[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5568
تۆھپە
2456
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:59:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگولۇق تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ يېرىمى تاماكا چېكىشنىڭ يۈرەك كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ


    مۇخبىر ئامېرىكا تۈتۈنسىز ياش-ئۆسمۈرلەر ھەرىكىتىدىن خەۋەر تېپىشىچە ، يېقىنقى مەزگىلدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا يۈرەك كېسەللىكلىرى چوڭ يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان «تاماكا ئىشلىتىش ۋە تاماكا قالدۇقىنىڭ يۈرەك قان تۇمۇرىغا بولغان خەۋىپىنىڭ يەر شارى ئاڭ ئۇقۇمىدىكى پەرقى ، شۇنداقلا ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىش مەنىسى» دېگەن دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە : جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردىكى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تاماكا ئۆسۈملۈكىنى ئىشلىتىش بىلەن يۈرەك كېسەللىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تونۇشى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل ئىكەن .

   بۇ دوكلاتتىكى ئاساسى خۇلاسە بولسا : جۇڭگودىكى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ يېرىمى تاماكا چېكىشنىڭ يۈرەك كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ، 3\2 قىسمىدىن كۆپرەكى تاماكا چېكىشنىڭ مېڭە سەكتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ؛ ھىندىستان ۋە ۋېيتنامدىكى 3\1 قىسىمدىن كۆپرەك تاماكا چەككۈچىلەر يۈرەك كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقاردىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ؛ ھىندىستاندىكى يېرىمدىن كۆپرەك تاماكا چەككۈچىلەر تاماكا چېكىشنىڭ مېڭە سەكتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ۋېيتنام ۋە جۇڭگودىكى يېرىمىدىن كۆپرەك تاماكا چەككۈچىلەر ئېشىندى تاماكىنىڭ يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

   بۇ دوكلاتتا ئالاھىدە كۆرسىتلىپ مۇنداق دېيىلگەن : دوختۇر كىشىلەرنىڭ تاماكا چېكىشنىڭ خەتەر ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۈچلۈك بولغان تەدبىر قوللىنىپ تاماكىنى ئىشلىتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك خەتىرىنى تەشەببۇس قىلىشتا، ئۆزگىچە ئىشەنچ دەرىجىسى ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە . دوكلاتتا مۇنداق دەپ تەكلىپ بېرىلگەن : دوختۇر تاماكا چېكىش بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىپ ، كېسەللەرنىڭ تاماكا تاشلىشىغا ياردەم قىلىپ ، ھەمدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «تاماكىنى كونتىرول قىلىش رامكا ئەھدىنامىسى » نى يولغا قويۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ ، شۇنداقلا ئەھدىنامىنىڭ مىزانىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا تاماكا كونتىرول قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ، ئومۇميۈزلۈك تۈتەكسىز سىياسەت ۋە سۈرەت شەكلىدىكى ساغلاملىق ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەلگىلەرنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان .

تەرجىمە قىلغۇچى : ئالىمجان نەسىرىدىن

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 17:15:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى  تاشلاي دېگەن لېكىن ئاڭلىسام تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ (ئوتتۇرىچە) ئۆمرى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ (ئوتتۇرىچە) ئۆمرىدىن ئىككى يىل قىسقا ئىكەن . ئىككى يىللىق (ئوتتۇرىچە) ئۆمۈرنى دەپ تاماكىنىڭ راھىتىدىن قۇرۇق قالماي دەپ چېكىۋەردىم .


Rank: 4

تىللا
327
تۆھپە
150
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 21:24:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزى تاماكا چېكىپ كېلىۋاتقان تەھلىلچىلەرنىڭ «تاماكىنىڭ زىيىنى» توغۇرلۇق ئېلىپ بارغان سىتاستېكىنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئەزەلدىن تاماكا چېكىپ باقمىغان تەھلىلچىلەرنىڭ بۇ توغۇرلۇق چىقارغان سىتاستېكا نەتىجىسى بەلكىم ئوخشاش بولماسلىقى مۇكىن. مېنىڭچە تاماكا چېكىدىغان كىشىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىلغا ئايرىپ، ئاندىن بىرنىمە دىشسەك دەيمەن:
    (1)ئۆزى تاماكا چېكىدىغان، ئەمما ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن تاماكا چېكىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار،
    (2)ئۆزى تاماكا چېكىدىغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن تاماكا چېكىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغانلار،


Rank: 6Rank: 6

تىللا
887
تۆھپە
149
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 16:25:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەكمەيدىغانلارنى زورلىمايلى ھەم كەمسىتمەيلى


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
132
تۆھپە
93
UID
9929
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 19:50:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:25, Processed in 0.076150 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991