كۆرۈش: 2227|ئىنكاس: 2

بۈگۈن سىز نېمە ئىش قىلدىڭىز ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
11
UID
3922
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:42:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم   ئەزىز قېرىنداشلىرىم ، بۈگۈن 2011- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۈن !
سىز بۈگۈنكى بايرامدا نىمە ئىش قىلدىڭىز ؟ نىمە ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز ؟ سىز بۈگۈنكىدەك مىللىي مەدەنىيەت بايرام كۈنىدە سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىگىڭىزنى ئەسكە ئالدىڭىزمۇ ؟
سىز بۈگۈن دوپپا كىيدىڭىزمۇ ؟
ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان دوپپىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىپ، توپا چاڭلىرىنى سۈرتۈپ،  ئويغا چۆمدىڭىزمۇ ؟
سىز بۈگۈنكى كۈندە، مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئالدى بىلەن مېھرىبان ئاتا - ئانىڭىزنى ئەسكە ئالدىڭىزمۇ ؟ ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ ، ياكى تېلفوندا بولسىمۇ ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزانە ئاتا - ئانىلىرىم دىدىڭىزمۇ؟
ئۇلارنىڭ قولىدىكى سۈپۈرگۈنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ھويلا ئارامىنى بىر كۈن بولسىمۇ سۈپۈرۈپ بەردىڭىزمۇ ؟
ئاتىڭىزنىڭ قولىدىكى كەتمەننى ئېلىپ، باشتىن ئېگىز كۆتۈرۈپ ! يا ئاللاھ ! دەپ يەرگە چوڭقۇر بىر قېتىم پاتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ .......
ئەي ئانا !سىز بۇگۈن قىزىڭىز بىلەن مۇڭداشتىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭغا چىمەن دوپپىنىڭ ، ئەتلەسنىڭ ، ئۇيغۇر قىزلىرىنڭ 40 تال ئۆرۈم چېچىنىڭ ھىكايىلىرىنى ئېيتىپ بەردىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭ يۇمران قاشلىرىغا ئۆسما قويۇپ قويدىڭىزمۇ ؟ ئۈنىڭغا ئىپپەت قۇربانلىرى نۇزۇگۈم ، ئىپارخان  ... لارنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردىڭىزمۇ ...
ئەي ئاتا ، سىز بۈگۈن ئوغلىڭىز بىلەن مۇڭداشتىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭ بېشىدىكى دوپپىنى ئۆز قولىڭىز بىلەن تۈزەشتۈرۈپ قويدىڭىزمۇ ؟ ئۇنى قوتانغا ئەكىرىپ، كىشنەپ تۇرغان ئارغىماق ئېتىڭىزنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئۇستىگە بىر مىنگەشتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ ؟
بىر چاغلاردا بوۋاڭ مۇشۇنداق ئارغىماقلارنى مىنەتتى دەپ بوۋىلىرىنىڭ ھىكايىسىنى ئېتىپ بەردىڭىزمۇ ؟
  ئوغلىڭىزنى ئېلىپ چىقىپ يۇرتىڭىزنىڭ كەڭ ، گۈزەل ، پۈتمەس تۈگىمەس بايلىققا تولغان زىمىنى كۆرسىتىپ مانا بۇ سېنىڭ يۇرتۈڭ ، بۇ سىنىڭ ۋەتىنىڭ ، بۇ يەرلەر سېنىڭ بارلىغىڭ ، بۇ يەرلەر سېنىڭ جېنىڭدىن ئەزىز، ۋەتەننى قوغداش ئەرنىڭ بۇرچى! ۋەتەن ئۈچۈن جاد تەسەددۇق قىلىش ئەرنىڭ مەجبۇرىيىتى! دېدىڭىزمۇ ؟
باتۇر سادىر بوۋىسىنىڭ ئات ئۈستىدىكى كارامىتىنى ، سېپىل پارتىلىتىشتىكى ئەقىل پاراسىتىنى، سۆزلەپ بەردىڭىزمۇ ؟
ئەلشىر ناۋائى، يۈسۈپ خاس خاجىف ، ماخمۇت قەشقىرى قاتارلىق بىباھا گۆھەرلەرنى قالدۇرغان بوۋىلىرىنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرسەتتىڭىزمۇ ؟
لوتپۇللا ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، تەۋپىق، ئەخمەتجان قاسىمى .... قاتارلىق ئوت يۈرەكلەرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردىڭىزمۇ ؟
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، زوردون سابىر، ئابدۇشۇكۈر مۇھەمەت ئىمىن .... قاتارلىق ئەدىپلىرىمىزنى تونۇشتۇردىڭىزمۇ ؟
بۈگۈن سىز، خوشنا خولۇملىرىڭىزغا قارىدىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭ ئوغۇل قىزلىرى بېشىغا دوپپا كىيىپتىمۇ ؟ ياكى بېشىدا دوپپا يوق، پۇتلىرى يالاڭ ئاياق، ئوغلىڭىزنىڭ يىپيىڭى كىيىملىرىگە ، بېشىدىكى ئوتقاشتەك دوپپىلىرىغا مەيۈسلۈك بىلەن تەلمۈرۈپ قاراۋاتامدۇ ؟
ئاۋۇ يالغۇز ئايىمخان موماينى يوقلىدىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭغا  بۈگۈن بىر چىلەك سۇ ئەكىرىپ تۇڭىغا قۇيۇپ بەردىڭىزمۇ ؟
ئاۋۇ ئاۋۇتاخۇن بوۋاي بۈگۈن مەسچىتكە چىقالىدىمۇ؟
ئاپلا ماۋۇ خوشنامنىڭ بالىسى يىقىلىپ چۈشتى ....   ئۇنى دادىل بېرىپ بىر قېتىم يۆلەپ قويدىڭىزمۇ .........؟

ئەلقۇت مەرىپەت تورىدىن ئەلقۇت يازمىسى .  bbs.elqut.cn

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
643
تۆھپە
169
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 10:30:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن......ھەي ېەپسۇس。。。。。。。。。。。


Rank: 3Rank: 3

تىللا
176
تۆھپە
89
UID
2786
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 23:20:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوگۈن دەل قىزىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇكۈننى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكەزدۇق.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:43, Processed in 0.069923 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991