ئىت- مۈشۈك؟
مەھەللىمىزدە بىر ئاكا ئاغىنەم بارئىدى. بىر يەرلەردە كۆرۈشۈپ قالساق ئانچە-مۇنچە سورۇنداشمۇ بولۇپ قالاتتۇق. كىچىكىدە بۆرتالانىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدا پادا بېقىپ، كېيىن ئۈرۈمچىگە ئورۇنلىشىپ قېلىپتىكەن. شۇڭلاشقىمىكىن، شەھەر شارائىتىگە قارىماي بولىدىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسىنى بېقىپ باقاتتى، بىرگە ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىمىزدا سۆھبىتىمىز توخۇ-كەپتەر، ئىت-مۈشۈك دىگەندەك ئۇششاق جانۋارلاردىن ئايرىلالمايتتى.
كېيىن بىر چاغلاردا قاپقارا بىر كۈچۈكنى ئەگەشتۈرۈپ چۆگىلەپ يۈردى. قىزىقىپ سورىساق:
-ياپوننىڭ ساپ نەسىللىك ئىتى بۇ، 2000يۈەننى نەق ساناپ ئالدۇق. ئەتە-ئۆگۈن بىر كۈچۈكلىگىلى تۇرسا، ھەربىر كۈچىكى 2000 يۈەن دېگەن گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجايىپ ئەقىللىق ھايۋان دېگىنە بۇ ،-دەيتتى كۆرەڭلىك بىلەن.
ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ سۆزىگە ھەممەيلەن ئىشەندۇق. قانداق دېمەمسىلەر، ھۇشيارلىقىغا ھەقىقەتەن قول قويماي تۇرالمايسىز.
كىچىك ئىشلىرىنى دېسەك، ئىگىسى كۈندە بىرۋاق يۇيۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا ئۆزىمۇ شۇنداق كۆنۈپ كېتىپتۇكى، يۇيۇنىدىغان ۋاقتى كېلىپ، ئىگىسى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئۆزلىكىدىن مۇنچىغا كىرىپ ھاۋشىپ ئىگىسىنىڭ سەمىگە سالىدۇ.
مىجەزى شۇنداق ياخشى، ئادەمگە قاراپ قالايمىقان ھاۋشىمايدۇ. مەھەللىدىكى كىچىك بالىلارنىڭغۇ جان دوستى . ئىگىسى شۇنداق يىتىلەپ سىرتقا ئېلىپ چىقسا ، ئۇششاق بالىلارنىڭ ئولاشقىنى ئولاشقان. ئۇ بولسا قىلچە يېتىرقاش ياكى قورقۇش دېگەن نەرسە يوق، ئەركىلەتكەنگە ئەركىلەپ، بەرگەننىڭ نەرسىسىنى يەپ، بەخىرامان تۇرىۋېرىدۇ.
ئىگىسى ئىشتىن چۈشۈپ قايتقاندا يىراقتىنلا سېزىۋىلپ يۈگۈرۈپ بېرپ شۇنداق ئەركىلەپ كېتىدۇكى، كۆرگەن ئادەم ھەۋەس قىلماي قالمايدۇ. بۇنداق چاغدا ئۇمۇ ئىتىدىن خۇش بولۇپ:
-بۇ ھايۋاننىڭ ئەقىللىقلىغىنى، ئادەم بالسىمۇ شۇنچىلىك بولار،-دەپ باشلىرىنى سىلاپ ئەركىلىتىپ كىتىدۇ.
كېيىن تېخى نىمە ئىش يۈز بەردى دېمەمسىلەر. بىر كۈنى ئايال خوجايىنى ئىتنى يېتىلەپ سەيلىدىن قايتىپ ئىدارىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە، بىر ھاماقەت بۇلاڭچى تۇيۇقسىزلا پورتمالىنى بۇلاپ قاچماقچى بولۇپتۇ، قورقۇپ ئايال كەتكەن جايىدا تۇرۇپلا قېلىپتۇ. ئىگىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنىنى كۆرگەن ئىت بولسا غەزەپ بىلەن بۇلاڭچىغا ئېتىلىپتىكەن، ھودۇقۇپ كەتكەن بۇلاڭچى تىك موللاق چۈشۈپتۇ. ئەتراپتا تۇرغان جامائەت دەرھال ئوغرىنى تۇتۇپ ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىت گېزىتلەرگە چىقىپ داڭلىق ئىت بولۇپ قالدى.
مەن بۇ ئاكا ئاغىنەمنى كۆرسەم ئىتىنى سورىماي قالمايتىم:
-قانداق ئاكا، ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ؟ ئۆيۈڭدىكىلەر تېنچلىقمۇ؟ ئىتىڭ ھەجەپ تىز يوغىناپ كىتىپتىغۇ، نىمە بىلەن باقتىڭ ئۇنى؟
-ھە، نېمە،-دەيتتى ئۇ- دەپ بەرسەم سەنمۇ ئېلىپ يەپ، بويۇڭنى ئۆستۈرەي دەمسەن...
ئىككىلىمىز كۈلۈشۈپ كىتەتتۇق. كېيىن بىر ئشنى بايقاپ ،ھەيران قېلپ سورىدىم:
-ئاكا، بۇ ئىتىڭ غەلىتە ئىكەنغۇ؟
-قانداق دەيسەن؟
- مەن كۆرگەن باشقا ئىتلار گۆشكە ئامراق بولىدىغان، باشقا نەرسىلەرنى كۆرسە ئانچە قىلىپ كەتمەيتتى. سېنىڭ بۇ ئىتىڭنىڭ گۆش يىگىنىنى كۆرمىدىم. موما، نان دېگەننى ئاجايىپ يەيدىكەن. قاراپ تۇرسام كەرەپشىنىمۇ يېۋىتىپ بارىدۇ. قارىغاندا ئىتىڭنىڭ دادىسى ، يا ئانىسى قوي ئوخشايدۇ،-دېدىم چاقچاق قىلىپ.
-ھا،ھا، ھا ، نەدىكى يوق گەپنى قىلىسەن جۇمۇ ئۇكام . ئىت دىگەننىڭمۇ ئاتا-ئانىسى قوي بولامدۇ. ئەمدى بىز ئۇنچە باي بولمىغاندىن كېيىن نەدە ئۇنىڭغا كۈندە گۆش. ئۆزىمىزدىن نېمە ئاشسا شۇنى بېرىدىغان گەپ. دەسلەپتە يېمىگەندەك قىلغان ھازىر كۆنۈپ كەتتىغۇ مانا.
بۇ گەپ قىززىق بىلىنىپ باشقىلارغا دەپ ساپتىمەن. مەندىن ئاڭلىغانلار بولسا ئۇنىڭغا لازا-ئاچچىقسۇ قوشۇپ، پالانىنىڭ ئىتى قوي نەسلىدىن ئىكەن، گۆش يىمەي چۆپ يەيدىكەن، ياكى بولمىسا پالانى پىخسىقلىق قىلىپ ئاخىرى ئىتىنى گۆش يىمەيدىغان قىلىۋىتىپتۇ، رامزان ئايلىرىدا ئىتىنى ئۆزلىرى بىلەن روزى تۇتقۇزىدىكەن دەپ سۆز-چۆچەك قىلىپ يۈرۈپتۇ. بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭغۇ دىمەيدىغان گىپى يوق.
بىر كۈنى قارىسام بۇ ئاكىمىز ئىتىدىن خاپا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، دۈشكەللەپ يۈرۈيدۇ. ھەيران قىلىپ سورىدىم:
-ئاكا، نېمە بولدى؟ ئىتىڭدىن رەنجىپ قالغان ئوخشىمامسەن ؟
-قويە ئۇكام چاقچىقىڭنى، بۇ ئىت دېگەن يىلدا بىرلا قېتىم كۆپىيىدۇ دېگىنە. بۇيىل تۇنجى قېتىم جۈپلىشىدىغان ۋاقتىدا، ئۆزىگە ئوخشاش نەسىللىك ئىتتىن بىرنى تېپىپ جۈپلەشتۈرۈپ كۈچۈگىنى پۇلغا ساتىمەن دەپ تۇرسام، تۇيۇقسىزلا يوقۇلۇپ كەتتى. تازا ئەنسىرەپ ئولتۇرسام مانا بۈگۈن ئەتتىگەندە قورسىقىنى يوغان قىلىپ پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئەمدى بۇ يىل تۈگىدى دېگىنە ئۇكام، كۆردۈڭمۇ بۇ ھايۋاننىڭ ئىشىنى.
-ۋاي، خاپا بولما ئاكا. شۇڭا ھايۋان ئۇ...-دېدىمدە، چىرايىغا قاراپ قالغان گەپنى ئىچىمگە يۈتۈۋىتىپ ئاستا كېتىپ قالدىم. كېيىن بۇ گەپنىمۇ باشقىلار ئاڭلاپ سۆزلەپ يۈردى. ئەمما ئىشنىڭ قىزىقى كېيىن چىقتى.
ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندە، كۈچۈكلىرى تۇغۇلغان بولسا مەنمۇ بىرەرنى سوراپ باقاي دەپ باردىم. بېرىپ قارىسام ئىتىمۇ، كۈچۈكلىرىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاكىمىزدىن سورىسام ، ئىنتايىن ھەيران قالارلىق جاۋاب بەردى:
-تۇغۇلغان كۈچۈكلەرگە قارىسام غەلىتىلا، قىياپىتى ھىچقانداق ئىتقا ئوخشىمايدۇ. مىجەز-خۇلقى تېخىمۇ ئۆزگىچە. كۈندۈزى ئاۋازىنىڭ تايىنى يوق، كېچىسى مۈشۇكتەك توختىماي مىياڭلايدۇ. كۈندۈزى كۈنلەپ ئۇخلاپ، كېچىچە تاراقشىپ يۈرۈيدۇ. چاشقاننى كۆرۈپ قالسا جېنىنىڭ بارىچە قوغلايدۇ. بىر كۈنى قورۇغا ئېلىپ چىقسام بەس- بەستە دەرەخكە يامىشىپ يۈرمەمدۇ. سىرتقا ئايلاندۇرغىلى ئېلىپ چىقسام باشقا ئىتلار كۆرسىلا سەۋەبسىز ئېتىلىپ قوغلاپ يۈرۈيدۇ. كۈچۈكلەر بولسا باشقا يەرگە قاچماستىن ئۇددۇل دەرخكە يامىشىپ چىقىۋالىدۇ. مەنلا ئەمەس، كۆرگەن ئادەمنىڭ ھەر قاندىقى ھەيران قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە، ھىېچكىم كۆرمىگەن نەسىل بولغاندىن كېيىن باشقىچە يول چىقىپ قالار دىگەن مەقسەتتە ئىت بازىرىغا ئېلىپ باردىم. ئىت بازىرىغا شۇنداق ئېلىپ بېرىشىم بىلەنلا پۈتۈن ئىتلار مۇشۇ كۈچۈكلەرگە قاراپ قاۋاپ ئېتىلماسمۇ، كۈچۈك تۇرماق مېنىڭمۇ قورقۇپ جېنىم چىقىپ كەتتى. قىل قالدى پۈتۈن ئىت بازىرىنى قالايمىقان قىلغىلى. شۇنداقتىمۇ ئىت سودىسى قىلىدىغان بىر نەچچە ئاغىنەمگە كۆرسەتسەم بىرەرسىمۇ بىر پۇلغا سوراپ قويمىدى. تېخى يەنە:
-نەدىن تاپقانسەن بۇنداق ئىت دېسە ئىت ئەمەس، مۈشۈك دېسە مۈشۈك ئەمەس بىرنىمىلەرنى، شۇملۇقنىڭ بىشارىتىغۇ بۇ. ئەڭ ياخشىسى تېزدىن كۆزدىن يوقاتقىن،- دەيدۇ.
كېيىن چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچىمۇ زامان ئاخىرىغا ئازقالغاندا يەر يۈزىدە ئاشۇنداق ئۆزىنى يوقاتقان، ھېچنىمىگە ئوخشىمايدىغان مەخلۇقلار كۆپىيىپ كېتەرمىش. بۇنى ئاڭلاپ قورقۇپ قالدىم، ئارىمىزدا ئۇنداق ئادەملەر پەيدا بولغىلىغۇ ئۇزاق بولغان ، لېكىن ئۆز ئۆيۈمدە ئۇنداق ھايۋاننىڭ پەيدا بۇلۇپ قىلىشى خىيالمغىمۇ كىرىپ باقماپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە ئىت گۆشى ساتىدىغان ئاشخانىغا سېتىۋىتەيمۇ دىدىم، ئەمما يەنە ئويلاپ باقسام ئۇ بىچارە كۈچۈكلەردە نىمە گۇناھ. ئۇلاردا تاللاش پۇرسىتىمۇ يوق دىگىنە، ھەممىنى قىلغان ئاتا-ئانىسى. شۇنىڭ بىلەن بىر تىيىنگە ساتالمىغىنىمنى ئاز دەپ، چارۋىچىلىق قىلىدىغان بىر تۇغقۇنۇمغا ھەممىنى 500 يۈەن ئۈستەك بېرىپ سوۋغا قىلىۋەتتىم. ئىشقىلىپ ئۇكام، ئىتمۇ بولىدىكەن، مۈشۈكمۇ بولىدىكەن، ئەمما ئارىسىدا قالغاندىن كېيىنلا بولمايدىكەن. بىر يىلدىن ئارتۇق ئاۋارە بولۇپ ئېرىشكىنىم مۇشۇ ئاددىي قائىدە بولۇپتۇ. مەيلى، مەن بۇنىڭغىمۇ رازى، بەزى ئادەملەر ئۆمۈر بويى ياشاپمۇ بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ. بۇ مىنىڭ ساڭا بەرگەن بىكارلىق سوۋغىتىم بولۇپ قالسۇن.