ساتار ئىشقى
گۈلشەنلەردە بۇلبۇل سايرىسا ،
مۇڭلۇق كۈيدە كۆڭۈل يايرىسا .
ساتار بىلەن تەڭكەش قىلساممەن ،
بۇ كۆڭلۈمدە چىگىش قالمىسا .
ھەمراھ قىلدىم ساتارىمنى مەن ،
گۈل ياشنىغان باھارىمنى مەن .
ئەقىدەمنى باغلاپ شۇنىڭغا ،
ئۆتكۈزەرمەن قىش يازىمنى مەن .
قايتىپ كەل
ھاياتىمدا ئەزىز بىلدىم مەن سېنى ،
ئاتاپ كەلدىم بىلسەڭ ساڭا دىلىمنى .
يالغان ۋەدە بېرىپ مېنى ئالدىدىڭ ،
قانداق تارتاي ماڭا كەلگەن بۇ دەرتنى .
ھاياتىمدا ئەزىز بىلدىم مەن سېنى ،
دەرت-ئەلەمدە يىغلاپ ئۆتتۈم ھەر كۈنى .
غېرىبلىقتا يالغۇز قالدىم جانانىم ،
قايتىپ كەلگىن ئال قوينۇڭغا سەن مېنى .
كۆنۈپ قالىمەن
مەندىن ئايرىلسا قانداق قىلار دەپ ،
ئەنسىرەپ يۈرمە مەندىن نىگارىم .
بەلكى تەقدىرىم مۇشۇ ئىكەن دەپ ،
يالغۇزلۇققىمۇ كۆنۈپ قالىمەن .
شۇنچە كۆيۈپمەن ھەسرەتتە قالدىم ،
سۆيگۈ يولىدا مەن ھىرىپ-تالدىم .
مېنى سۆيمىدىڭ ئۆزگىنى سۆيدۈڭ ،
دەردۇ-ئەلەمگە كۆنۈپ قالىمەن .
مەن سۆيسەم سېنى ، سەن سۆيدۈڭ ئۇنى ،
شۇنچە قىلغانتىم بىلمىدىڭ بۇنى .
ئېغىر ئازاپتا خۇرسىنىپ قويدۇم ،
بۇ ئازاپقىمۇ كۆنۈپ قالىمەن .
يازغۇچى : گۈلشەن ئەبەيدۇللا ( ساقام )